logo

trugen jacn

ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ ئانىسى: ئوغلۇم شىخۇ تۈرمىسىدە قاباھەتلىك 6 يىلنى ئۆتكۈزدى، ئۇنى يەنە 7 يىل كۈتىمەن!

image (1)

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن شىخۇ تۈرمىسىگە قامالغان ۋىجدان مەھبۇسى نىياز قاھارنىڭ يېقىندا كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر تارقالغان ئىدى.

6 يىلدىن بۇيان ئازاب ئىچىدە ئوغلىنى كۈتۈۋاتقان تەنھا ئانا مەريەمخان بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 15 كۈن ئىلگىرى ئوغلى نىياز قاھارنى كۆرۈش ئۈچۈن تۈرمىگە بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«4 ئايدا بىر قېتىم رۇخسەت قىلىنىدىغان كۆرۈشۈش ۋاقتىنى زارىقىپ كۈتىمەن، لېكىن كۆرۈشۈشكە ئاران 15 مىنۇت ۋاقىت بېرىدۇ. بۇ قېتىم ئوغلۇمنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى، ماڭا چاندۇرماسلىققا تىرىشسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇرۇنقىدىن زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەريەمخان ئانا ئېغىر خورسىنىش ئىچىدە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نىياز قاھار 1999-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ شۇ يىللاردا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان زىيارەت خاتىرىسى ۋە ئەدەبىي ئاخباراتلارنى ئېلان قىلىشتىن سىرت، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇ «ئالتۇن تارىم» تورىنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدا مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان. «ئالتۇن تارىم» تورى ئېلان قىلىنغان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سۈپەتلىكلىكى، ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ موللىقى ھەمدە قىزىق تېمىلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئىچىدە سەرخىل تور بەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

2009-يىلى خىتاينىڭ شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ خەۋىرى باشقا بىرقانچىلىغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئالتۇن تارىم» تورىدىنمۇ ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «ئالتۇن تارىم» تورىنىڭ باش بېتىگە ھۆسنخەت بىلەن يېزىلغان «ئالتۇن» دېگەن سۆزدىكى «ن» ھەرپى «ئاي-يۇلتۇز» غا ئوخشىتىپ يېزىلغاچقا، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ياش مۇخبىر نىياز قاھار يوشۇرۇن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىر يىلغىچە ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان. 2010-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى نىياز قاھارغا مەخپىي سوت ئېچىپ، ئۇنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە 13 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ھەتتا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ھېچكىم ئۇنىڭ قەيەردە سوتلانغانلىقى، قانداق «جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىنى بىلمىگەن.

نىياز قاھارنىڭ سىڭلىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاكامغا مەخپىي سوت ئېچىلىپ، ئۇنى 13 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىپ شىخۇ تۈرمىسىگە قامىغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپتۇق. بۇ كېلىشمەسلىكنى ئاڭلىغان ھامان دادامنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشتى ۋە شۇ قېتىم پالەچ بولغانچە 4 يىل يېتىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۈرۈمچى يىكەنكۆلدىكى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى مېنى چاقىرتىپ، ئاكامنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىنى ئېلىۋېلىشىمنى ئېيتىپتىكەن، مەن ئۇلاردىن ئاكامنىڭ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئىقرارنامىگە قول قويغان ياكى قويمىغانلىقىنى سوراپ تۇرۇۋالدىم. ئۇلار بۇنىڭ مەخپىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئارتۇق سوئال سورىماسلىقىمنى ئېيتىپ مېنى يولغا سالدى.»

مەريەمخان ئانا زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنداق دېدى: «ئوغلۇمنىڭ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمىدۇق. ”سىياسىي جىنايەتچى“ دېگەن قالپاقنىڭ بۇ قەدەر قورقۇنچلۇق بولىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق. ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، چوڭ گېزىتتە مۇخبىر بولۇپ تونۇلغان ئوغلۇم بىردىنلا مەھبۇس بولۇپ قالدى. ئوغلۇم شىخۇ تۈرمىسىدە قاباھەتلىك 6 يىلنى ئۆتكۈزدى. مەن ئۇنى يەنە 7 يىل كۈتىمەن!

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qahar-niyaz-09092015151513.html

Share
1163 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.