logo

trugen jacn

گۇما ناھىيەسىدىن 152 كىشى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن خىتايغا يۆتكەلگەن

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6- ئىيۇن، خىتاي جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بوئىن 737-800 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 152 دېھقاننى ئېلىپ خوتەن شەھىرىدىن ئۇچقان، ئۈرۈمچىدە قىسقا ۋاقت تۇرغاندىن كېيىن ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىققان. بۇ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)لىق «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى»نىڭ تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئايروپىلاندا سىرتقا يۆتكىلىشى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ 12 يېزا – بازىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 80 كىشى جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرۇۋاتقان پىشنا ۋە باشلەڭگەر يېزىلىرىدىن كەلگەن. بۇ قېتىم يولغا چىققان 152 كىشى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خەنچۈەن ۋە شياۋگەن شەھەرلىرىدىكى تۆت كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئايلىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7000 يۈەنگە يېتىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئايروپىلان ئارقىلىق ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ قېىتم كىشى سانى كۆپ، مۇساپە ئۇزۇن، ئوتتۇرا ئالمىشىش قولايسىز، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى، بۇنى كۆزدە تۇتۇپ بۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ ئايروپىلان ئىلتىماس قىلغاندىن كېيين، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئىرشىپ، كۆپچىلىكنىڭ قۇملۇقتىن ئۇچۇپ چىقىپ نامراتلاقتىن قۇتۇلۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق» دېگەن.
لېكىن، بۇندىن بۇرۇن بىر قېتىمدا مىڭلاپ ئۇيغۇر خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ۋاقتلاردىمۇ دائىرىلەر ئۇلارنى پويىزدا ئېلىپ ماڭغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە يۆتكەش ئىشى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىۋاستە سەۋەبىمۇ ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ياشىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم مىسلىسىز كۈچەيگەن، مىليونلىغان كىشى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش نامىدا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە يېتىپ قوپۇۋاتقان بىر شارائىتتىمۇ ئۇيغۇرلار داۋاملىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇلماقتا.

http://turkistantimes.com/uy/news-2972.html

Share
1531 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.