logo

trugen jacn

يەكەن ۋە قەشقەردە يەنە پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن

 

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى بىر ھەپتە مابەينىدە يەكەن ۋە قەشقەردە ئارقا-ئارقىدىن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت پەۋقۇلئاددە جىددىيلەشكەن.

قاغىلىق بازارلىق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مەزكۇر جايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە چىقارغان جىددىي ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-مارت كۈنى يەكەندە، 12-مارت كۈنى قەشقەردە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 8-مارت كەچ سائەت 10:00 ئەتراپىدا يەكەننىڭ ئىتتىپاق يولىدا 7 نەپەر ھۇجۇمچى شۇ جايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم جەريانىدا خىتاي ئاھالىلىرىدىن 4 نەپىرى ئۆلۈپ، 7 نەپىرى ئېغىر يارىلانغان. ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

12-مارت كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ ياربېشى يولىدا يەنە پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خىتاي ئاھالىلىرىدىن 8 كىشى ئېغىر يارىلانغان. ساقچىلار نەق مەيداندا 4 نەپەر ھۇجۇمچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، 2 نەپىرىنى ئەسىرگە ئالغانلىقى مەلۇم.

بۇنىڭ بىلەن قەشقەر، يەكەن ۋە قاغىلىق ناھىيەلىرىدە ۋەزىيەت يەنە جىددىيلەشكەن. قاغىلىق بازارلىق ئاھالىلەر كومىتېتى ئۆز تەۋەسىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىگە جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئۆزىنى قوغداش بويىچە 10 تۈرلۈك زۆرۈر تەييارلىق» قىلىشنى ئاگاھلاندۇرغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/pichaqliq-hujum-03162015145938.html

Share
1522 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.