logo

trugen jacn

مەن جۇڭگو پۇقراسى- نامىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى قانات يايدۇرۇلماقتا

 

3-ئاي كىرىشى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدە «مەن جۇڭگو پۇقراسى» دېگەن شوئار ئاستىدا قەسەم قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلماقتا.

«شىنجاڭ خەۋەر تورى»نىڭ 17- مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە مۇنداق پائالىيەت دۆربىلجىن ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇنداق خىلدىكى پائالىيەت ئىلگىرى-كېيىن يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئاۋات قاتارلىق ناھىيىلەردە، شىمالىي رايونلاردىكى ماناس، فۇكاڭ، ناھىيىلىرىدە ھەم تۇرپان، قۇمۇل ۋىلايەتلىرى، ئىلى ھەم باشقا جايلاردىمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسى بويىچە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئېيى» دەپ ئاتالغان پائالىيەتنىڭ 14- نۆۋەتلىكى ئىكەن.

مەزكۇر پائالىيەتتە ھەر ساھەگە تەۋە كادىرلار ۋە ئامما خىتاي دۆلەت بايرىقى ئالدىدا دۆلەت گېمىنى ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ھەققىدە قەسەم بېرىدىكەن.

ئاۋات ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋات ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خىل پائالىيەتنىڭ بىرىنى مەزكۇر ناھىيەدىكى ئاياللار-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتى ھەم دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» تۇتقا قىلىنغان.

«مەن جۇڭگو پۇقراسى» شوئارى ئاستىدا قەسەم بېرىش پائالىيىتى يەنە 1990-يىلى بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەن، پامىر رايونىغا يېقىن ئاقتۇ ناھىيىسى تەۋەسىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. 16- مارت كۈنى قەشقەرنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي ئاۋات يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەن جۇڭگو پۇقراسى» پائالىيىتىگە كەنت كادىرلىرى، كەنت پارتىيە ئەزالىرى،ئاياللار خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، قىزىلسۇ، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق جايلىرىنى ئاساسلىق ئاتالمىش «رادىكالىزم» غا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مەن جۇڭگو پۇقراسى» نامىدىكى تەشۋىقات نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەن«جۇڭگو پۇقراسى» پائالىيىتى، «رادىكالىزمغا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتى شۇنىڭدەك كوللېكتىپ «ئالما ئۇسۇلى» ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ۋە نىڭشا قاتارلىق تۇڭگانلار رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-wede-03182015165605.html

Share
1349 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.