logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى خاڭجۇدا بارلىق ئۇيغۇر رېستورانلىرىنى تاقىغان، ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشنى چەكلىگەن

hangzhou2

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا يەنە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ نىشانلىق كونترول قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان.

يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى خاڭجۇ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر رېستوران ۋە ئاشخانىلىرىنى تاقىغان. مېھمانخانىلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ 7‏-سېنتەبىرگە قەدەر ھەرقانداق ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىكنى بۇيرۇغان.

خاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خاڭجۇدىكى مېھمانخانىلار ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇشى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خاڭجۇدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى مۇنداق دېدى: كەچۈرىسىز بىز ياتاق بېرەلمەيمىز. ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشكە بولمايدىكەن. نېمە ئۈچۈن دېدىڭىزما؟ بۇ يۇقىرى چىقارغان بەلگىلىمە، بىزنىڭ مېھمانخانىنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىسى.

سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يۇقىرىقى نۆۋەتچى خادىم تېلېفوننى يەنە بىر نۆۋەتچىگە بەردى. ئەمما ئۇ مەزكۇر بەلگىلىمىنى ج خ ئورگانلىرىنىڭ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ : ياخشىمۇسىز! بۇ بەلگىلىمىنى ج خ ئورگىنى چىقارغان، كەچۈرىسىز. بۇ ۋاقىتلىق بەلگىلىمە بولسا كېرەك. مۇشۇ يىغىن ئۆتۈپ كەتسە بېرىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىزمۇ بىلمەيمىز. يۇقىرى قانداق بەلگىلىگەن بولسا بىز شۇنى ئىجرا قىلىمىز» دېدى.

بىراق مەزكۇر نۆۋەتچى خادىم، بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇرلارغا چىقىرىلغان بولسا، باشقا مىللەتلەرگە بېرەلەمدۇ؟، دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇ تېلېفوننى يەنە بىر نۆۋەتچى خادىمغا بەردى.

ئۇ نۆۋەتچى مۇنداق دېدى: «ۋەي ياخشىمۇسىز؟ بۇرۇن ياتسا بولاتتى، بىراق ھازىر يىغىن مەزگىلى بولغاچقا يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بار. 7‏-سېنتەبىردىن كېيىن ياتاق بېرىشكە بولىدۇ. مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك بۇ بايامقى نۆۋەتچى ئۆزى دەۋالغان گەپ ئەمەس. چۈنكى، ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرسەك بىز يەرلىك ساقچى پونكىتىغا مەلۇم قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزگە بەك ئاۋارىچىلىق تېرىيدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ مېھمانخانىمىز ئۇيغۇرلارغا بەرمەيدۇ. شىنجاڭلىق خەنزۇ ۋە تۇڭگانلار كەلسىمۇ، ساقچىغا مەلۇم قىلىنىدۇ.»

بۇ نۆۋەتچى خادىم ئاخىرىدا، خىتاي ۋە تۇڭگانلار تىزىمغا ئېلىنسىمۇ، نەتىجىدە ئۇلارغا يەنىلا ياتاق بېرىلىدىكەن، ئەمما ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن بېرىلمەيدۇ، دېگەن سوئالىمىزغا، بۇنى ساقچى پونكىتىغا بېرىپ سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
ئۇ: «ئەڭ ياخشىسى سىز بۇنى ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ سوراپ باقامسىز. بۇنى شۇلار بېكىتكەن، بىزنىڭ ئامالىمىز يوق» دەپ كۆرسەتتى.

خاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىددىي ئەھۋال مەركىزى بولسا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى. جىددىي ئەھۋال مەركىزىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، «بەلكى بۇ ھەر بىر ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقىرىۋالغان بەلگىلىمىسى بولسا كېرەك» دەيدۇ.

نۆۋەتچى ساقچى مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر بىز بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق. بەلكى بۇ ھەر قايسى ساقچى پونكىتى ياكى مېھمانخانىلار ئۆز ئالدىغا چىقارغان بەلگىلىمە بولسا كېرەك. بولمىسا بىز بۇنداق ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ باقمىدۇق. مەن سىزگە بايام ئېيتتىم، شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بەرمەڭلار دەيدىغان ئۇقتۇرۇشىمىز يوق. لېكىن سىز بىلىسىز ھازىر يىغىن مەزگىلى. پەقەت كىملىك كىنىشكىڭىز بولسا ياتاق ئالالايسىز. بىراق تەكشۈرۈش بۇرۇنقىدىن قاتتىقراق. بۇ مەخسۇس شىنجاڭلىقلارغا قارىتىلغان ئەمەس. ياتاققا چۈشكەن ھەرقانداق ئادەم نىسبەتەن قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ.»

يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر يەنە خاڭجۇدىكى ئۇيغۇر رېستوران ۋە ئاشخانىلىرىغا ۋاقىتلىق تاقىغان. خاڭجۇلۇق بىر يەرلىك خىتاي ئايال 23‏-ئاۋغۇست رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، مەھەللىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ئاچقان بىر لەغمەنخانا بار ئىدى. تۇيۇقسىز 4 چوڭ ئاپتوموبىل كېلىپ، ئاپتوموبىلدىن ساقچىلار چۈشتى. مەن ئۇلارنى ئادەم تۇتۇشقا كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. ھەممىسى قورال كۆتۈرۈۋالغان ئىدى. كېيىن ئاڭلىسام ئۇلار تازىلاشقا كەپتۇدەك. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ كەپتۇ. ئۇلار ئاشخانىنىڭ ئاختۇرۇپ، تىبەتلەر بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپتۇ. ھېچكىمنى تاپالماي ئاشخانىغا پېچەت سېلىپ كېتىپتۇ. بەلكى، ئاشخانىنى ۋاقىتلىق تاقىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاشخانا خوجايىنىغا ئازراق پۇل تۆلەيدىغۇ، دەيمەن» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر يەنە خاڭجۇ شەھىرىگە كىرگەن ھەر بىر ئاپتوموبىل، ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر يۈك تاقىنى قاتتىق تەكشۈرمەكتىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ساقچىلار بەك قاتتىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر ئاپتوموبىل خاڭجۇغا كىرگەن ھەر بىر يولۇچى ۋە يۈك تاقىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ. بۇ قېتىم بەك ئاشۇرۇۋەتتى. ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئۈچۈن ئەتراپتىكى زاۋۇت-كارخانىلارنى تاقاپ، ھەممە كىشىنى تەتىلگە قويۇۋەتتى. بىز 8 كۈن قويۇپ بېرىلدۇق. كىشىلەر بۇنى پۇرسەت بىلىپ باشقا يەرلەرگە ئويناشقا كەتتى. پۈتۈن شەھەر قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 20 دۆلەت گۇرۇھىدەك بۇنداق زور خەلقئارا يىغىندا قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ بىر زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما بەزى ئۆكتىچى ھەر قېتىملىق زور خەلقئارا يىغىنلاردا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى نىشانلىق كونترول قىلىشنى تەنقىد قىلدى.

نيۇ يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ بۇنىڭ «ئوچۇق-ئاشكارا كەمسىتىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ،«ھەر قېتىملىق زور خەلقئارا مۇراسىم ۋە يىغىنلاردا ياكى ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئۇلار(خىتاي ھۆكۈمىتى) ئىككى مىللەتكە قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، تىبەتلەر، يەنە بىرى ئۇيغۇرلار. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى ئايرىلىشى ئىنتايىن ئېغىر ئادالەتسىزلىك. ئۇ ھەر ۋاقىت ئۇلارنى بىۋاسىتە، ئوچۇق ئاشكارا كەمسىتىدۇ.

پروفېسسور شيا مىڭ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە بۇنداق قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئېلىشىدىكى مەقسىتى دۇنياغا ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شيامىڭ مۇنداق دېدى: ئۇ ھەر قېتىملىق بۇنداق خەلقئارا پائالىيەتلەردە خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قۇربان قىلىپ كەلدى. ھەر قېتىملىق زور پائالىيەتلەردە بۇنى كۆرەلەيسىز. مەيلى ئۇ ئولىمپىك يىغىنى بولسۇن، مەيلى دۇنيا يەرمەنكىسى ياكى بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنى بولسۇن، ئۇ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ كەلدى. پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى، تۇرمۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىشنى جىددىيلەشتۈردى.
شۇڭا، ئۇنىڭ بۇنىڭغا بۇنچىلىك كۆپ پۇل سەرپ قىلىشىدا ئىككى مەقسىتى بار. ئۇنىڭ بىرى، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان چوڭ دۆلەت، دېگەن ئوبرازىنى يارىتىشتۇر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/g-20-xangju-08252016135856.html

Share
1276 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.