logo

trugen jacn

بالىلارنىڭ بېشى دەرتتە

Abduveli ayup Eşi  ve kızı ile

ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن

   بىر كۈنى ئىنگلىز تىلى دەرسىدە قايسى كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بېسىمدا ياشايدىغانلىقى ھەققىدىكى تېكىستنى ئۆتتۈم. كۆڭلۈمدە ئۇيغۇرلاردا قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بېسىم ھېس قىلىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ھازىر بىز ئۇيغۇرلاردا كىملەر ئەڭ بېسىم ھېس قىلىدۇ؟ دەپ ئىنگىلىزچە سورىدىم. خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ياڭرىغان ‹‹ئوقۇغۇچىلار››دېگەن جاۋاب مېنى ھەيران قالدۇردى. ئىلگىرىلەپ سوراش جەريانىدا بايقىدىمكى ئۇلارنىڭ بېسىمغا، نارازىلىقىغا ۋە باش ئاغرىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلار ئاتا-ئانىلار، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن.
   ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۇلار مەكتەپنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنى، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بىللە ئوينىشىنى، ھېيت بايرامدا ئۇيغۇرچە كىيىنىشىنى توسقىنىغا نارازى ئىكەن. بولۇپمۇ ھېيت كۈنلىرىدە مەكتەپنىڭ ئارام كۈنلىرىنى بىكار قىلىۋىتىشى ياكى قىسقارتىۋىتىشى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپنىڭ شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بايرام ئىكەنلىكىنى تىلغىمۇ ئىلىپ قويماسلىقى ئۇلارنى مەيۈسلەندۈرىدىكەن. مەيلى قوشتىللىق مەكتەپ ياكى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسۇن ھەممەيلەن مەكتەپ فورمىسىغا ئۆچ ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس جەريانىدا دىننى خۇراپاتلىققا تەۋە قىلىپ مەسخرە قىلىپ سۆزلەشلىرى، مەكتەپنىڭ ئاتېئىزىم تەشۋىقاتى ۋە ئىسلامنى تېررورچىلىققا باغلاشلىرى ئۇلارنى خەنزۇ ساۋاقداشلىرى ئالدىدا كەمسىتىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىكەن. قىزىق يىرى خەنزۇچە مەكتەپلەر ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇسۇل ئۈگەنگەن ۋە ساز چالالايدىغانلىرىنى ئېتىبار بىلەن قوبۇل قىلىدىكەن. (بالىلىرىنى ئۇسۇل ۋە چالغۇ كۇرسىغا بېرىۋاتقانلارمۇ بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق خەنزۇچە مەكتەپكە كىرەلىشى ئۈچۈن شۇنداق ئويلۇشۇپتۇ.)  ئوقۇغۇچىلىرىم يەنە ئوقۇتقۇچىنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقى، سىنىپ ھەيئەتلىرىگە تاپشۇرۇق تەكشۈرتىشى، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئورتاق پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقى…. قاتارلىقلاردىن كۆڭلى يىرىم ئىكەن. ئادەتتە بالىلىرىمىزنىڭ ھاياتى مەكتەپ، مەھەللە ۋە ئائىلە ئارىلىقىدا داۋام قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ساۋاقداشلار ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەكتەپ، مەھەللە ۋە ئائىلە بالىلىرىمىز ياشايدىغان بوشلۇق دېيىلسە:ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ساۋاقداشلىرى بالىلىرىمىزنى ئوراپ تۇرغان مەنىۋى بوشلۇقنى بەرپا قىلغان بولىدۇ. خوش، بالىلىرىمىز بۇ بوشلۇقلارنىڭ قانچىلىك قىسمىدا ئۆزىنى بەھوزۇر ھېس قىلىدۇ؟ قانچىلىك بۆلىكنى ئۆزىگە ھەقىيقى تەۋە دەپ قارايدۇ؟ ئۇلارنى قىستاۋاتقان، ئازابلاۋاتقان دەرتلەندۈرىۋاتقان ئامىللار نېمىلەردىن ئىبارەت؟
   1.ئۆلۈك فورمۇلا، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبىدە مۇزدەك بىر فورمۇلا بار. بۇ فورمۇلا ئالدىدا باشقا ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتى زور ئەمەس. بۇ فورمۇلاغا چۈشمىگەن بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. بۇ فورمۇلادا ئۆگىنىش يۇقىرى نەتىجە ئۈچۈن. نەتىجە نۇقتىلىق سىنىپ-نۇقتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇش ئۈچۈن. نۇقتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇش داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇش ئۈچۈن. ئاخىرقى ھاسىلات كادىر بولۇش، بايلىق ياكى ئەمەلدارلىق. ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان نەتىجىسى بويىچە باھالايدىغان فورمۇلادا يۇقىرى نۇمۇرلۇقلار سىنىپتىكى دەرىجىسىنى ساقلاپ قالالماسلىقتىن ئەنسىرەپ بېسىم ھېس قىلىدۇ. تۆۋەن نۇمۇرلۇقلار ئالدىنقى دەرىجىلەردىن ئورۇن ئالالمىغىنى ئۈچۈن تەنقىدلىنىپ بېسىم ئىچىدە تىپىرلايدۇ. بىر سىنىپتا قىرىق ئوقۇغۇچى بار دېسەك ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكىلەر مەكتەپ ۋە ئائىلىدە ئىناۋەتلىك سانىلىدۇ. قالغان ئوتتۇز ئوقۇغۇچى ئارزۇلاشلاردىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇ فورمۇلا بويىچە ئوقۇغۇچىلار ھەممە پەنلەردە مۇكەممەل بولۇشى كېرەك بولغاچقا يەككە پەنلەردە ئالاھىدە قابىلىيەتلىكلەر ياكى مەلۇم ساھەدە ئۈزۈپ چىقماقچى بولغان بالىلار رىغبەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ فورمۇلا بويىچە تەنتەربىيە، سەنئەت يېزىقچىلىق، ناتىقلىق قاتارلىق ماھارەتلەرگە مايىل ئوقۇغۇچىلار ئېتىراپقا ئېرىشەلمەيدۇ. ھالبۇكى بالىلىرىمىز يەنىلا بەرداشلىق بىرىۋاتىدۇ. شۇڭا بالىمىزنى چۈشىنىش، ئۇلار قىسىلىۋاتقان فورمۇلاغا ئۆزىمىزنى سېلىپ بېقىپ ئاندىن ئۇلارغا تەلەپ قويۇشىمىز كېرەك.
     2. قاتمۇ-قات نازارەت. ئاتا-ئانىلار ھازىرقى بالىلار ياخشى دەۋرگە ئۈلگۈرۈپ چوڭ بولغان، يېگىنى ئالدىدا، يېمىگىنى كەينىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ئەۋلاد دەپ قارايدۇ. بالىلارنىڭ نەزىرىدە بۇلار بىر ئىنساننىڭ ئېرىشىشىگە تېگىشلىك مەئىشەتلەردۇر. ئويىدا ھازىر ئىككى بالىغا دائىم ئالتە ئادەم كۆيۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىدە بوۋاي-مومايلار، تاغا-ھاممىلار ۋە باشقا تۇققانلىرىنىڭ ئالدىدا بالىلار ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئەركە كۈن كەچۈرىدۇ.  ۋەھالەنكى بالىلار ئۆزلىرىنى ئونلىغان كۆزلەرنىڭ نازارىتىدە سىقىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ دوستلىرى، دوستلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەققىدە بارلىق ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشنى بالىلىرى ئۈچۈن دەپ قارايدۇ. بالىلار بۇنى‹‹مىنى باشقۇرغاننى ئاز دەپ ساۋاقداش ۋە دوستلىرىمنى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرىنىمۇ باشقۇرماقچىمىدۇ؟›› دەپ ئويلاپ بىزار بولىدۇ ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ سومكا ۋە يانچۇقلىرىنى، تېلىفون ۋە مۇڭداشقۇ خاتىرىسىنى ئاقتۇرۇپ تۇرۇشنى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۈچۈن دەپ ھېساپلايدۇ. بالىلار ئۆزىنىڭ خۇسۇسى تۇرمۇشىغا سورىماستىن ئارىلىشىدىغان بۇ قىلىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئوقۇۋاتقان سىنىپتا كىملەرنىڭ بىرىنچى ۋە كىملەرنىڭ ئەڭ ئارقىدا ئىكەنلىكىنى سوراشتۇرۇپ، سېلىشتۇرىدۇ. بالىلار بۇنداق سېلىشتۇرۇشلاردىن زېرىكىدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىم ماڭا مۇشۇلارنى ئەرز قىلىۋاتقاندا مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ كېتىپ سورىدىم. ‹‹سىلەرگە نېمە كېرەك؟››شۇئان ئون ياشقا ئەمدى كىرگەن بىر قىز ‹‹ئەركىنلىك›› دەپ جاۋاب بېرىۋىدى ھەيران قالدىم. بەلكىم بىز ئۇلارنى كىچىك، ئاجىز نادان دەپ ئويلايمىز. ئۇلارنىڭ مەخپىيەت ھوقوقى، تاللاش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ بولۇشى كىرەكلىكى ھەققىدە ئويلاپ باقمايمىز. بىز بالىلىرىمىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، باشقۇرۇشنى ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دەپ قارايمىز. ئەمما بىز ئەنسىرەۋاتقان كەلگۈسى ئۇلاردىن تولىمۇ يىراق. بىزنىڭ نازارەتلىرىمىز، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كېرىشىۋىلىشلىرىمىز بولسا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىدۇ. ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغىنى كەلگۈسىدىكى پايدا ئەمەس رېياللىقتىكى ئەركىنلىك، ئازادىلىك، خۇشاللىقتۇر.
    3. تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشالماسلىق. تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى يىزىغا ئەمگەككە تەشكىللەيتتى. ھەممەيلەن خۇشال بېرىپ كۆيۈپ قارىداپ  ھاياجاندا قايتىپ كىلەتتۇق. ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ئاچقان مەكتىۋىم باغچىنىڭ قېشىدا بولۇپ ئوقۇغۇچىلىرىم كۆپ ئىدى. كېيىن تاقىلىپ بىر ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ ئىچىگە كۆچۈپ كەلدىم. تەبىئەتتىن يىراق بۇ يىڭى ئورنۇم سەۋەبلىك بالىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئازلاپ كەتتى. مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئەڭ خۇشال ھالىتىنى دالا پائالىيتىگە ئۇيۇشتۇرغاندا كۆردۈم. ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن ئەڭ بەختلىك مىنۇتلىرىنى يىزىشقا تاپشۇرسام دائىم بىز ئۇيۇشتۇرغان دالا پائالىيتىگە قاتناشقان كۈنلىرىنى تەسۋېرلىشىدۇ. ئامېرىكىدا ھەر تەتىلدە لاگىر پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر لاگىر ئۆمىكى بىلەن ئورىگان ئۇنىۋېرسىتىتىدا بىر يىرىم ئاي بىللە تۇردۇم.ئۇلار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتىتتا يېتىپ قوپۇپ كۈندۈزلىرى دالا تەكشۈرۈش، ساياھەت، تاغقا يامىشىش، ئەۋرىشكە توپلاش، دالىدا مۇستەقىل ياشاش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ يازلىق لاگېرغا قاتنىشىشى ئاللىقاچان ئومۇملاشقان پائالىيەت ئېكەن. بالىلارنىڭ تەبىئەتكە ئۇچراشتۇرىلىشى ئۇلارنىڭ دەرسخانىدا ئۆگەنگەن بوتانىكا، زوئولوگىيە، جۇغراپىيە ۋە خىمىيە قاتارلىق پەنلەردىكى بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىگە پايدىلىق. ھاياتلىقنى قوينىدا پەپىلەۋاتقان تەبىئەتكە قايتىش پەرزەنتلەردە يۇرتىمىزنىڭ باغ-بوستان، تاغ-دەريالىرىغا مۇھەببەت ئويغۇتۇپ روھى دۇنياسىنى بېيىتىشتا ئەھمىيىتى زور. خەلق ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ جىنايەتكە يۈزلەنگەن ئۆسمۈرلەرنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پىسخولوگى ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ ‹‹ئۇلارنىڭ قەلبىدە گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش يوق.›› دەپ خۇلاسىلىگەن. ئەلۋەتتە گۈزەللىكتىن ھۇزۇر ئالالمىغان، سۆيۈنەلمىگەن ئادەمدە گۈزەللىك يارىتىش ئىستىگى بولمايدۇ. بالىلار تەبىئەتكە، تەبىئەتتىكى بارلىق يارالمىشلارغا مۇھەببەت بولغاندىلا ئاندىن ئۇلار ھاياتلىقنى قەدىرلىگۈدەك روھقا ئېرىشىدۇ. ئەگەر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھاياتى مەكتەپ بىلەن ئۆي ئارىلىقىدىكى مۇساپىدىلا چەكلىنىدىكەن ئۇلاردىن چەكسىزلىككە ئىنتىلىدىغان جاسارەتنى تارتىۋالغان بولىمىز. ئۇلارنىڭ مەنىۋى بوشلۇقى تۆت-تامدىن تۆت-تامغا، قورۇقتىن-قورۇققا تەۋە بولۇش بىلەنلە چەكلەنسە ئۇلاردىن كەڭ قورساقلىقنى، ئەپۇچانلىقنى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكنى ئارمان قىلالمايمىز. دېمەك بالىلىرىمىز تەلەپ قىلىۋاتقان ئەركىنلىك ئائىلىدىكى ۋە مەكتەپتىكىلا ئەركىنلىك ئەمەس، بەلكى بىپايان تەبىئەت قوينىدىكى ئەركىنلىكتۇر. ئۇلارنى دالىلارغا قويىۋىتىش ئۇلارنىڭ قەلبىگە قاپسىلىپ قالغان بېسىم، زېرىكىش، نارازىلىق، قايغۇ، ئەندىشە قاتارلىق تۇيغۇلارنىڭ قەپىزىنى ئېچىۋەتكەنگە باراۋەر.
    4. جەمئىيەت تەجىربىسى كەمچىل. ئادەتتە بالىلىرىمىز مەكتەپ، مەھەللە ۋە ئائىلە ئارىسىدا پائالىيەت قىلىدۇ. ئۇلار تاپشۇرۇق، ئىمتىھان ۋە تۈرلۈك باھالاشلارغا تاقابىل تۇرغۇزۇلۇش نەتىجىسىدە جەمئىيەتكە يۈزلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. مەن دەرس جەريانىدا ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ دېيىشىدىغان گەپلەرنى يېزىشقا تەشكىللەپ تۆۋەندىكىدەك جاۋابقا ئېرىشتىم. 1. تامىقىڭنى يەپ بولۇپ تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلە. 2. چىشىڭنى چوتكىلاپ بولۇپ تىزراق ئۇخلا. 3. ئىمتىھان قەغىزىنى تارقاتتىمۇ؟ 4. پۇستانچى مانچە نومۇر ئاپتۇ، سەن نېمىش قىلدىڭ؟ …دېمەك بۇ سۆھبەت مەزمۇنىدىن بالىلارنىڭ ئوي-پىكىرىنى ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ خىيالى تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھېچبىر تەركىبنى ئۇچرىتالمايمىز. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ خىياللىرىنى ئاتا-ئانىلار بىلەن ئورتاقلاشقۇدەك ئىمكانىيەتكە ئېرىشەلمىگەندەك ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلار بىلەن مۇڭداشقۇدەك گەپ تاپالمايدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا پائالىيەت ئورتاقلىقى يوق. ئامېرىكىدا ھەپتە ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن دالا تامىقى يىگىنى چىقىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئورگانلار مەزگىلگە بۆلۈپ بالىلارنى ئاتا-ئانىلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا چۈشەنچە ۋە پاراڭ ئورتاقلىقى پەيدا قىلىدۇ. بالىلار بىلەن سىردىشىش جەريانىدا بايقىدىمكى بۇلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە قىلغان پائالىيەتلىرىدىن بەكمۇ سۆيۈنىدىكەن. ئۆيدىن سىنىپقا، سىنىپتىن ئۆيگە قاتراپ تۇيدۇرماي چوڭ بولۇپ كېتىۋاتقان بالىلىرىمىز جەمئىيەتنى چۈشىنىشكە ئىمكانسىز. پەقەت بىلەن سىردىشىش، ئكيىمىزگە كەلگەن دوستلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق موللىسى بولۇش ئارقىلىق جەمئىيەت ھەققىدە تەجرىبە ۋە ساۋاقلارغا ئىگە بولىدۇ. ئەگر بالىلىرىمىز بىلەن پائالىيەت ئورتاقلىقىمىز بولمايدىكەن پاراڭ ئورتاقلىمىقىز بولمايدۇ. پاراڭ ئورتاقلىقى بولمىغان ئائىلىدە تەجرىبە، ھېسيات ئورتاقلىقى بولۇشى ناتايىن. ئۆيلەرنىڭ بىنالىشىشى نەتىجىسىدە ئۆيگە كېلىدىغان مېھمانلارمۇ ئازلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىز جەمئىيەت ھەققىدە تۈزۈك چۈشەنچىگە ئىگە بولماي چوڭ بولىۋاتىدۇ. يەنە بىرى تېلېۋىزيە قاناللىرى كۆپىيىپ، پروگراممىلار موللىشىپ كەتتى. تىلىۋىزورنىڭ قاناللىرىنى بىرەر قۇر يكتكەپ بولغۇچىلا بىر قانچە سائەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. بالىلار تىلىۋىزور ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ سىرتلارغا چىقىشنى ئۇنتۇپ كەتكىنى تۇردى. تورنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە تۈرلۈك تور ئويۇنلىرى تېلىفون ۋە كومپىيۇتىرلىرىمىزدىن ئورۇن ئالدى. بۇ بالىلىرىمىزنىڭ جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى تېخىمۇ كەملىتىۋەتتى. قاماقتىكى چاغلىرىمدا ئۆسمۈر تۇتقۇنلارنىڭ ئەڭ قىزغىن پاراڭ تىمىسىنىڭ تېلىفون ۋە كومپيۇتىرلارغا يۈكلەپ ئوينىلىدىغان ئويۇنلار ھەققىدە بولۇۋاتقىنىغا دىققەت قىلدىم. دېمەك بۇنداق ئېكران ئويۇنلىرى بالىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى. ھازىر بالىلارنى‹‹ئويناڭلار›، دەپ قويىۋەتسەكمۇ تېلىفون ۋە كومپىيۇتېردىن باشقا ئويۇنلارنى ئوينىيالىشى ناتايىن.
    بالىلارنىڭ جەمئىيەت تەجىربىسى كەمچىل دېگەنلىك ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ تۈرلۈك كۆرۈنمەس قائىدىلىرىدىن بىخەۋەر دېگەنلىكتۇر. رىيال دۇنيادىكى ئالاقىلاردىن يىراقتا ياشاۋاتقان بالىلىرىمىز كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا ئۇچرايدىغان تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلالماي سىقىلىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىسى نازۇكلۇق. ئادەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ‹‹ھازىرقى بالىلارنىڭ غورورى كۈچلۈك›› دېيىشكەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بەلكىم گەپ سۆز بالىلىرىمىزنىڭ غورورىغا تەگكۈدەك ئېغىر بولۇشى ناتايىن. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەرخىل مىجەز، ھەرخىل قىلىقتىكى كىشىلەر ياكى بالىلار بىلەن ھەرخىل پائالىيەت ۋە ھەرخىل سورۇنلاردا ئالاقە قىلىش تەجىربىسى كەمچىل ياكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتىكى پاراڭلارنىمۇ كۆڭلىگە ئېلىپ غورورىغا تېگىلگەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
   مەكتەپ بالىلىرىمىزنى ئۆلچەۋاتقان ئۆلۈك فورمۇلا ئۇلارنىڭ بىلىشىنىڭ، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت سىرلىرىدىن ۋاقىپ بولۇشنىڭ ھۇزۇرىدىن مەھرۇم قىلىپ قويۇپ ئىمتىھان ماھىرلىرىغا ئايلاندۇرۇش رولىنى ئوينىماقتا. بۇ ھالدا بالىلىرىمىزغا بلىم مەنىۋى ئوزۇق بولماستىن يۈك بولماقتا. ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇھەببىتى ئەسلى بالىلار يايرايدىغان يايلاق. پەرۋاز قىلىدىغان پايانسىز ئاسمان بولۇشى كېرەك ئىدى ئەمما سۆيگۈمىز ئەنسىزلىك، گۇمان ۋە نازارەت بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن يۈرەك پارىلىرىمىزنى راھەتلەندۈرەلمەيۋاتىدۇ. بالىلىرىمىزدا مۆجىزىلىك تەبىئەت ۋە جەلبكار ،ۇھىتتىن زوقلانغۇدەك ئىمكانىيەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلب دالاسى چۆللەشمەكتە. جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەت، رېقابەت ۋە زىددىيەتلەر ئىچىدە تاۋلىنىدىغان پىسخىك ساپا، ماسلىشىش ئىقتىدارى، ھەمكارلىق ماھارىتى قاتارلىقلار بالىلىرىمىزدا كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي ساغلام ھالەتكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئۈچ نورما بويىچە ئۆلچەشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرى پسىخىك ساغلاملىق. يەنى بىرى جىسمانى ساغلاملىق. ئۈچىنچىسى جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى. بىز تىلغا ئالغان يۇقىرىقى مەسىلىلەر بالىلارنىڭ ساغلام ياشاش پۇرسىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. مەنچە بىزنىڭ بۇرچىمىز بالىلىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلىدە ۋە مەھەللىدە بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ بەھوزۇر ياشىشىغا شارائىت يارىتىش بولۇشى كېرەك. ئۇلار مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن بىزار بولسا، بېسىم ھېس قىلسا مەيلى. ئەمما ئۇ بېسىم ۋە زرىكتۈرۈشلەر بىزدىن بولسا بالىلىرىمىزدىن قۇرۇق قالىمىز

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-29482-1-1.html

 

Share
2142 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.