logo

trugen jacn

امېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تەكىتلەندى

0a1d179f-0e35-4df8-8838-54b136a17e35

ئىرادە

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2014 – يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا دۇنيادىكى 100 دىن ئوشۇق دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان. مەزكۇر دۆلەتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدا ئىنسانلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد، يىغىلىش قىلىش، تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئەركىنلىكى ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقى، مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل بېسىملاردىن باشقا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللىي، دىنى كىملىكى ۋە ئانا تىلىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىينىڭ نۇتقى بىلەن رەسمىي ئېلان قىلىندى. جون كېررىي سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوللاشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ: «بىر دۆلەت ئۆز پۇقرالىرى كىشىلىك ھوقۇقتىن، ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولغاندىلا ئاندىن گۈللىنەلەيدۇ. بۇ بىر ئەمەلىيەت. بىز بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز… ھازىرقىدەك دەۋردە ئۇچۇرغا ئېرىشىش، ئۆزگىرىشلەرگە ئوچۇق بولۇش كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلدۇر. ھازىرقىدەك بىر دەۋردە، پۇقرالىرىغا بېسىم ئىشلىتىدىغان ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ» دېدى. شۇڭا ئۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ دوكلاتلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنى تۈزىتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2014 – يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمى 28 بەتتىن تەركىب تاپقان. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى پىكىر قىلىش، نامايىش، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكى، ئۇچۇر – ئاخبارات ئەركىنلىكى، دىنى ئەركىنلىك، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھوقۇقى، ئۇلار ئۇچرايدىغان مۇئامىلە، ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئامىللارغا ئاساسەن باھالاپ چىقىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى يۇقىرىدىكى تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا پۇقرالارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھوقۇقلىرى 2014 – يىلىدىمۇ ئوخشاش دەپسەندە قىلىنغان.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت رايونىدا ھۆكۈمەتنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، يىغىلىش قىلىش ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان بېسىمى ئالاھىدە يۇقىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى بېسىملارغا قوشۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكلىرىگىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويماقتا. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالاھىدە ئېغىر. ھۆكۈمەت يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررور گۇماندارلىرىغا قارىتا ئالاھىدە تېز سۈرئەتتىكى سوتلاش، جازا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، زور كۆلەملىك سوتلارنى ئاچماقتا.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپلىگەن قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى دەرھال «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇلار بۇنىڭدا يەكەن ئېلىشقۇدا ئاتالمىش 59 «ھۇجۇمچى» نى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 9 – ئايدا بۈگۈردە 40 نەپەر ئاتالمىش «توپىلاڭچى» نى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ «دائىرىلەر بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ تېررورلۇق زوراۋانلىق ھەرىكىتى، دەپ ئەيىبلىدى. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆيىگە كىرىپ، ياكى ئۇلارنى ئىبادەت قىلىۋاتقان يېرىدە ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش قېيىن بولماقتا» دەپ بايان قىلغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئېلىدىكى تەقىب قىلىش ئەھۋالىنىڭ خىتاينىڭ باشقا ھەرقانداق ئۆلكىسىدىن ئېغىرلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېفون ۋە تور ئالاقىسىنى نازارەت قىلىش، ئۈزۈۋېتىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ يەنە ئۆكتىچىلەرنى، پائالىيەتچىلەرنى، يەر ئاستى دىنىي شەخسلەرنى، سابىق سىياسىي مەھبۇسلارنى چەتئەللىك مۇخبىرلار، دىپلوماتلار بىلەن ئۇچراشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىردەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن مەسىلە. بۇ مەسىلە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. ئۇنىڭدا «خىتاي قەشقەردىكى قەدىمى شەھەر رەستىسىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ قايتا قۇرۇش پىلانى تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يەرلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېيىلگەن.

دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەردىن بىرى، خىتايدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنماسلىق مەسىلىسى. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئالاقىدار باشقا قانۇنلىرىدا پۇقرالارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىنمايدىغانلىقى بولۇپمۇ سىياسىي شەخسلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە دىنى لىدىرلارغا چېتىلىدىغان ۋەقەلەردە قانۇنغا قەتئىي ھۆرمەت قىلىنمايدىغانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقى، قاماپ قويۇلىدىغانلىقى، غايىب قىلىۋېتىدىغانلىقى، ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بېرىلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭغا مىسال كۆرسىتىلگەن شەخسلەردىن بىرى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى. دوكلاتتا خىتاينىڭ قانۇنىدا بىر كىشى قولغا ئېلىنغاندا 24 سائەت ئىچىدە ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىش، ئۇلارنى كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام توختىنىڭ ھازىرغىچە ئائىلىسى بىلەن ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە كىشەنلەنگەنلىكى، تۈرمىداشلىرىنىڭ زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىشىغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىدەك ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنىپ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىلەردە قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر پىلانلىق تۇغۇت، ئالىي مەكتەپكە كىرىش، قەرز ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ، دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋاللىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە توختالغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى قىسقارتىش، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر كىملىكىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىل مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزگەچكە، مىللىي مائارىپىنىڭ پەيدىن – پەي ئەمەلدىن قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئانا تىل يەسلىسى ئاچقانلىقى ئۈچۈن «قانۇنسىز مەبلەغ يىغىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تېخى يېقىندا ئازاد قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە تېررورلۇق ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى سۇيىئىستېمال قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە «بىز شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، تېررورلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھۆكۈمەتلەرگە خالىغانچە زوراۋانلىق قىلىش ھوقۇقى بەرمەيدۇ. تېررورلۇق ھەرگىزمۇ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قاماققا ئېلىشقا باھانە بولالمايدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا، تىنچلىق بىلەن ئۆكتىچىلىك قىلىۋاتقان زاتلارنى تېررورچى دەپ قارىلايدىغانغا سەۋەب بولالمايدۇ» دېدى. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ «بۇنداق قىلىش ئادالەتسىزلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ تېررورلۇققا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىك بولىدۇ. تىنچلىق بىلەن ئۆزگىرىشنىڭ يوللىرى ئىتىۋېتىلگەندە، زوراۋانلىق ۋە رادىكاللىقنىڭ يولى ئېچىلىدۇ» دېدى.

جون كېررىي يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مەسىلە دەل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق ۋە زوراۋان ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب دەپ كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدىمۇ بۇ نۇقتا ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا «دائىرىلەر 2014 – يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋاملىق باستۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئاھالىسىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغان. دائىرىلەرنىڭ «3 خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش نامى ئاستىدا شەخس ۋە گۇرۇھلارنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان بەزى ئاختۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە سىياسىي، دىنىي كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن شەخس ۋە گۇرۇھلارغا قارىتىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئەمەلىيەتتە ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى، مۇستەقىل دىنىي زاتلارنى داۋاملىق باستۇرۇشقا ئىشلەتكەن» دەپ بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە 2009 – يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈرمىگە ئېلىنغان بارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرى، تور يازغۇچىلىرى ۋە شۇنىڭدەك باشقا سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ ئىسىملىرى بىر – بىرلەپ تىلغا ئېلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/amerika-xitay-kishilik-hoquq-06262015192611.html

Share
1590 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.