logo

trugen jacn

ئەقىل بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسى شۇ قەدەر يىراقمىدۇر؟

 

 

 

ئابدۇرېھىمجان

 

ئەقىل بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسى شۇ قەدەر يىراقمىدۇر؟

 

 

ئادەم قايمۇقتۇرۇلسا، ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ؛ كېلىپ چىقىشىنى ئۇنتۇيدۇ؛ بارىدىغان يېرىدىن ئادىشىدۇ؛ ئەسلىنى مەڭگۈلۈك يوقىتىدۇ. ھايۋاناتلار نىشاندىن ئېزىپ قالسا، تەبىئى سېزىمنىڭ كۈچى بىلەن ھېچ بولمىغاندا كەلگەن يېرىگە قايتالايدۇ. بىراق ئادەمدە ئەقىل ۋە تەپەككۇردىن باشقا تەبىئى سېزىم بولمىغاچقا، نىشانىدىن ئاداشتۇرۇلغاندا ھايۋانچىلىكمۇ قەدرى بولمايدۇ.ئادەمنىڭ قىممىتى پەقەت ئەقىل- تەپەككۇر بىلەندۇر.

ئاۋالقى زامانلاردا ئادەملەر ئارىسىدىن بىرەرسى چىقىپ، ئۆزىنى 《مەن خۇدا》دەۋالسا بولىۋېرەتتى. باشقىلار ئۇنى ئۇلۇقلاپ چوقۇناتتى. كۈنىمىزدە بىرەرسى چىقىپ ئۆزىنى مەن خۇدا- دەۋالالمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە دەۋالسا يەنە بولىۋېرىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىدۇ.دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا بىرسى مەن پەيغەمبەر- دەۋالسمۇ، مەن ئەۋلىيا- دەۋالسىمۇ بولىۋەرگەندەك، بىرسى چىقىپ 《مەن پەيغەمبەر جەمەتىدىن》دەۋالسىمۇ ھېچنېمە بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۆزى لوندون بىلەن پارىژدا، ئاقتەنلىك سەتەڭلەرنىڭ قوينىدا ئېشرەت قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بىر لۈكچەك : 《مەن پەيغەمبەرنىڭ 42- نەۋرىسى بولىمەن. مېنىڭ جامالىمنى بىر قېتىم كۆرۈشكە نېسىپ بولغان كىشىگە، قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىپ، جەننەتكە ئېلىپ كىرىمەن》- دېسە، شۇنىڭغىمۇ 22 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان – مۇسۇلمان چوقۇنىدۇ. 《بەيتۇل مال》 ھېساۋىدا تاپقان تەرگىنىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئۇنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ

ساددامنىڭ سابىق بائاز پارتىيىسىگە مەنسۇپ بىردانە ئەپيۇنكەش ئۆزىنى: 《مەن خەلىپە》-دەپ جاكارلىسىمۇ بولىۋەردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىمۇ يۈزمىڭلىغان ئادەملەر لەشكەر بولۇپ جەڭ قىلماقتا. ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ قولىدا ئامېرىكىدا، رۇسيەدە، ئەنگىليەدە، گېرمانىيەدە، فرانسىيەدە، ئىسرائىلىيەدە ئىشلەنگەن قىرغۇچى قوراللار بار. ئۇلار 《خەلىپە ئۈچۈن، ئىسلام ئۈچۈن جىھاد قىلدۇق》-،دەپ، كۈنىگە مىڭلىغان ئىنساننى- مۇسۇلماننى ئۆلتۈرسىمۇ، كۈندە مىڭلىغان ئىنساننىڭ – مۇسۇلمانلارنىڭ خانە ۋەيران بولۇشىغا بىۋاستە سەۋەپچى بولىۋاتسىمۇ، دېڭىز ئوكيانلاردا كۈنىگە قانچە يۈزلىگەن ئىنسانلار- مۇسۇلمانلار غەرق بولۇپ، سۇدا بوغۇلۇپ ئۆلۈشىگە بىۋاستە سەۋەپچى بولىۋاتسىمۇ بولىۋەردى.

مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئۆزۈمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئاچچىق ئەمەلىيەتلەرگە كۆز- قۇلاق يۈگۈرتۈپ چىقايلى

1- خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى ھېچ نېمە قىلمىغان، ھېچ نېمە دېمىگەن بىر نەپەر شۆھرەت پەرەست، ئابروي پەرەست موللىنى يالا – تۆھمەت بىلەن تۇتۇپ، تەكرار بىر قانچە قېتىم تۈرمىگە سولاپ، يەنە قويۇپ بېرىپ،ئاخىرى ئۇنى ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن بولسا كېرەك – ئاتالمىش《چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش》قا. ئۇنىڭ خىتاي ئەمەلدارلارغا نېمە توغۇرلۇق ۋەدە بەرگەنلىكىگە گۇۋاچىمىز يوق. ئەمما ئۇ چەتكە چىقىپ بىرىنچى ئېيتقان سۆزى شۇ بولدى: 《ئامېرىكىلىقنى يوقىتىپ، ئاق سارايغا ئىسلام بايرىقىنى قادايمىز! ئىسرائىلىيەنى يوقىتىپ، قۇددۇسنى پەتىھ قىلىپ، مەسجىدۇل ئەقساغا ئىسلام بايرىقىنى قادايمىز! 》.
: خىتاينى يوقىتىپ ۋەتىنىمىزنى، مىللىتىمىزنى ئازات قىلساق بولمامدۇ؟ – دېگەنلەرنى ئىمانسىز، كاپىرغا چىقىرىپ، 《ۋەتەن – مىللەت دەپ ئۆلگەنلەر بىر زەمبىل گوش بولىدۇ. كۇپرى ئۆلۈمىدە ئۆلۈدۇ. جەننەت يۈزى كۆرەلمەيدۇ 》- دەپ، پەتىۋا چىقاردى. ئۇنىڭغا مىڭلىغان ئادەملەر ئەگەشتى. مىڭلىغان پىدائىلار ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئولاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ تىرىكى ئەۋلىياھ، ئۆلۈكى مازار بولدى. ئۇ ئىجاد قىلغان يولدا ساناقسىز ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ بېشى كېسىلىپ، قانلىرى چېچىلدى. كۈنىمىزدىمۇ قانچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ يولىدا پىدائىدۇر. بۇمۇ بولىۋەردى. ئادەم ئەقىلدىن ئاداشتۇرۇلسا، ھايۋاندىن بەتتەر ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەقىل دېگەن يامغۇر ياققاندا بىرەر قېتىم كىيىپ تاشلاپ قويىدىغان ئەسكى چاپان ئەمەس. بەلكى ھاياتلىق يولىدىكى ھەر بىر قەدەمدە ئەقىلنىڭ مىڭلىغان ھۈجەيرىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىشلىتىپ تۇرمىسا، ھايۋاناتلارچىلىكمۇ ئېتىبارغا ئېرىشەلمەيدۇ.

2- مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمرانلىرى، ياللاپ ئىشلىتىۋاتقان سېتىلما موللا- قارىلارنىڭ خىزمەتلىرىدىن قانائەت قىلماي، 2000 – يىلىدىن ئېتىبارەن دىنى ساھەدە خىزمەتچى خادىملارنى كەسپىلەشتۈرۈش تۈرى بويىچە كەڭ كۆلەملىك ئىقتىساد ئاجىرتىپ، مائاشلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىنى يولغا قويدى. تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ياشلار ئىمتىھانسىز دىنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ، بەلگىلىك مائاش ۋە ئىقتىسادى مۇكاپات بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دىنى مەكتەپلەردە، مىسىر، سەئۇدى ۋە پاكىستان قاتارلىق ئەللەردىكى مۆتىبەر دىنى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ، يېتەرلىك دەرىجىدە دىنى مۇتەخەسىس خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئادەتتە پەننى مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلى، تاماق، ياتاق، داۋالىنىش پۇللىرىنى ئۆزلىرى تۆلەپ ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتنى ئۆزلىرى تېپىپ ئىشلەپ، ئىش تاپالمىسا، ئىشسىز قالىدىغان ئەھۋالدا، ماۋۇ گۇڭسەنداڭ قارى- موللاملىرى دىنى ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپلا مائاشلىق ئوقۇش، ئوقۇش پۈتكەندە بولسا يۇقىرى مائاشلىق تەييار خىزمەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشلىرى خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدە دىنى ئۆلىما. لېكىن ماھىيەتلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ كادىر، ساقچىلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگىدۇر. ئۇلار خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي كومۇنىست پارتىيە خادىملىرى بېجىرەلمىگەن ئەجەللىك، مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالايدۇ. بۇ تۈردىكى گۇڭسەنداڭچە موللا- قارىلار 2006- يىلىدىن ئېتىبارەن چوڭ- كىچىك دىنى خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىپ، مول ئۈنۈم ياراتتى. بۇلار 2009- يىلىدىن باشلاپ غايەت زور تۆھپە قوشتى. ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 《ھىجرەت قىلىش》تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرىۋاتقانلارمۇ، 2012- يىلىدىن باشلاپ 《سۈرىيەدىكى خەلىپىگە بەيئەت قىلىش چاقىرىقى 》نى قانات يايدۇرىۋاتقانلارمۇ ئاشۇ گۇڭسەنداڭنىڭ موللا- قارىلىرىدۇر. ئۇلار ئۆي – ئۆيلەرگە 《يوشۇرۇن》 كىرىپ، 《كۇپرى ھۆكۈم سۈرگەن دىياردىن ھىجرەت قىلىش ۋاجىب، كىمكى كۇپرىغا باش ئىگىپ ياشاشنى راۋا كۆرىدىكەن، كۇپرى ئۆلۈمىدە ئۆلىدۇ…》، 《خەلىپىگە بەيمەت قىلىشنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق كېچىكتۈرگەن كىشى ئىمانسىز كتىدۇ، تۆبىسى قوبۇل بولمايدۇ….》-دەپ، بىر ئامال قىلىپ ۋەتەننى تاشلاپ كېتىشكە دىنى شەكىلدە ھەيدەكچىلىك قىلىشتى. ئۇلار ئەرەبچە گەپلەرنى خۇددى قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك راۋان سۆزلەپ، مەدداھلارچە سۆز سەنئىتى ئىشلىتىپ، ئاۋام خەلقنى قايمۇقتۇرىدۇ. ئۇلار بەزىدە ھۇشىقىنىڭ ئۈستىدە قىسقا ئاق ئىشتان، ئۇزۇن ئاق كۆينەك، پارقىراپ تۇرىدىغان داپ ساقاللىق شەكىلدە، بەزىدە كاستۇم، بۇرۇلكا كىيگەن، گالاستۇق تاقىغان، زامانىۋى مەدەنىيەتلىك شەكىلدە كۆرۈنۈپ، خەلقىمىزنىڭ بېشىنى قوچىۋەتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا گۇڭسەنداڭ مەخسۇس مائاش بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان بىر تۈركۈم گوپپاڭچىلار توپلىشىپ، كۈرۈك باسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز تولۇق قايمۇقۇپ، ئەقلى – ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا، ئاممىۋى شەكىلدە ۋەتەننى، يۇرتنى تەرك ئېتىپ، مەڭگۈلۈك سەپەرگە يۈزلەندى. بىرەر يۇرت خەلقى ۋەتەننى تاشلاپ چەتكە چىقىپ كېتىش قارارىغا كەلسە، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يۇرتتىن باشلاپ، سۈرىيە، ئىراقلارغىچە،《 يول ھەمكارلىقى 》غا، خىتاي ۋە چەتئەل ئىستىخباراتى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان قاچاقچىلار تەييار تۇرىدۇ. كىشىلىرىمىز ئۆي-ۋاقىنى، زەپتى- زېمىنلىرىنى، مال- ۋارانلىرىنى كۆچمەن خىتايلارغا ئېلىشىغا سېتىپ، يېتىلەكتىكى، قۇچاقتىكى بالىلىرىنى ئېلىپ، ۋېيتنام، فىلپىين،تايلاند، سىنگافۇر، مالايسىياھ، ھىندونوزىيە قاتارلىق شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، مەڭگۈلۈك سەرگەردانلىق يولىنى باسماقتا. غەيرى رەسمى ئېنىقلىمىغا كۆرە، 2012- يىلى 4- ئايدىن، 2016- يىلى 5- ئايغىچە يۇرتىدىن، ۋەتەندىن قارا قاچاق يولغا سلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلا 22000  دىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن باشلاپ ۋېيتنام، تايلاند قاتارلاق ئەللەردە خىتاي ۋە ۋېيتنام قاچاقچى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ تاشلىۋېتىلگەن ۋە ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ ئۆلگەن ئۇيغۇرنىڭ سانى  3000 كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 8 ياشتىن 6 ئايلىققىچە سەبىلەر 5 يۈزدىن ئاشىدىكەن. شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ۋە يىغىۋېلىش لاگىرىدا ئاممىۋى سولاقتا تۇرىۋاتقانلار 1500 كىشىدىن ئاشىدىكەن. قالغانلىرى سۈرىيەدىكى ئۇرۇش رايونىغا، ئىراقتىكى ئۇرۇش رايونىغا سالامەت يېتىپ كېلىپ، ئاتالمىش جىھاد ئۇرۇشىدا ئەرەبلەرنىڭ ئوقىدا، كۈردىستان پ ك ك جەڭچىلىرىنىڭ ئوقىدا، شۇنىڭدەك ئۆزلىرى ئۆز- ئارا قارشى سەپ تارتىشىپ، خوجايىن تالىشىپ، سېنىڭ خوجايىنىڭدىن مېنىڭ خوجايىنىم ئولۇق- دەپ، ئۆز- ئارا ئۆلتۈرۈشلەردە جەمى 6700 ئۇيغۇر ئۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 920 ئەتراپىدا سەبى ۋە بوۋاق بالىلار، ئاياللارمۇ بار ئىكەن

شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇزۇن سەپەرنى قاچاق يوللار بىلەن بېسىشنىڭ خەتىرى كۆپ بولغاچقا، بۇ يول بىلەن ھىجرەت قىلىدىغانلارنىڭ رايى قالمىغىلى تۇرىۋىدى، 2015- يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئەزان باھالىق، قانۇنلۇق ساياھەت پاسپورتى تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلار ئائىلە بويلاپ چەتكە ئاقماقتا. نەگە بارىدۇ؟ نەدە تۇرىدۇ؟ پىلانسىز، نىشانسىز، خۇددى قوتاندىن ئۈركىگەن پادىدەك چەتكە ئاقماقتا. ئۇيغۇرلار ئۈركۈپ قېچىۋاتىدۇ. ئادەم ئۈركۈپ كەتسە، ھايۋاناتلاردىنمۇ بەتتەر ئۈركۈيدۇ. ھايۋاناتلار تەبىئى سېزىمىنىڭ كۈچى بىلەن، خەتەرنىڭ يوقلىقىنى سەزگەن ھامان ئۈركۈشتىن توختايدۇ. لېكىن ئادەمدە تەبىئى سېزىم بولمىغاچقا، پەقەت ئەقىلگە يۆلەنگەچكە، ناۋادا ئەقىلنى ياخشى ئىشلىتەلمىسە، ئۈركۈش چەكسىزلىككە يۈزلىنىدۇ. ئەقىل دېگەن يىلدا بىر قېتىم كىيىپ، قاتلاپ ساندۇققا سېلىپ قويىدىغان ھېيتلىق كىيىم ئەمەس. ھاياتلىقتىكى ھەر بىر نەپەستە ئەقىلنىڭ مىڭلىغان ھۈجەيرىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا يۇقىرىقىدەك پاجىئەلەردىن زادىلا قۇتۇلالمايدىغان گەپ.

3- خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى سېتلغان قارى- موللىلاردىن ۋە ئۆزلىرى بىر قوللۇق ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرگەن كەسىپدار قارى -موللىلاردىن ساناقسىز پايدىلاندى. ئۇيغۇرلارنى ئۈركۈتۈپ، يوقىتىشتا موللىلارنىڭ رولى پەۋقۇلئاددە زور بولۇپ، ئۇلار ئۆيلەرگە يوشۇرۇن ئادەم توپلاپ، ھىجرەت ۋە خەلىپىگە بەيئەت قىلىش توغرىسىدا تەبلىغ، تەشەببۇس سورۇنى ئويۇشتۇرسا، بىر ياقتىن سورۇنغا قاتناشقانلارنىڭ تىزىملىكىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك – جاسۇسلۇق ئىدارىسىگە تاپشۇرىدۇ. موللىنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قوراللىق ساقچى، ئەسكەرلەر بېسىپ كىرىپ، تۇتقۇن قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدىن بىر، ئىكىسىنى تاللاپ 10 يىللىق، 5 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، قالغانلىرىنى 3 ئاي، 4 ئاي تۈرمىدە قىيناپ، ئۇرۇپ سوقۇپ، بەش پاتمان يالغان جىنايىت بىلەن قورقۇتۇپ، 《ۋاقىتلىق》 ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىدۇ. ئۇلار تۈمىدىن شۇنچىلىك غەزەپ ۋە ھەم ئۈمۈتسىز چىقىپ تۇرىشىغا، 《ياخشىلىق قىلىدىغان》 قاچاقچىلار پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا خالىس ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، چەتكە قاچماقچى بولسا، يول كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خام خىيالغا باشلاپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن كيى باشقا بىر موللا- قارىلار پەيدا بولۇپ، 《ھىجرەت يولىغا بىر قەدەم بېسىپ ئۆلۈپ كەتسىمۇ، جەننەتكە كىرىدىغانلىقى》 توغرىسىدا ۋەز ئېيتىپ، پىلىككە ئوت ياقىدۇ. قايمۇقتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئويلاپمۇ باقمايدۇكى، موللا- قارىلار، قاچاقچىلار ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات – جاسۇسلۇق ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى. ھەر قانداق دۆلەتتە قاچاقچىلار بىلەن ئىستىخبارات- جاساسلۇق ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقى ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرگە ئۇنچىۋالا بىلىپ بولالمىغۇدەك مەخپى ئىشمۇ ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ ئۇيغۇرلار تېخىچە بېخۇت.

شۇنداق پىلان- چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سۈڭەكلىرىنى چېقىپ، يىلىكىنى چىرىتىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ مەۋجتلۇقى خىتاي مىللىتىنىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ چۈشىنى بۇزىدۇ. شۇڭا بۇ قورقۇنچلۇق چۈشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ھەر تۈرلۈك چارە بىلەن يوقىتىشقا بەل باغلىدى. لېكىن ئۇيغۇرلار يوقۇلۇش مەيدانىغا ئۆز ئايىغى بىلەن كېتىۋاتىدۇ. خىتايلارغا، خىتايغا ئىشلەيدىغان موللا- قارىلارغا، قاچاقچىلارغا ئىنساپ تىلىگەندىن كۆرە، ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىنى ئويغىتىشلىرى كېرەك ئەمەسمىتى؟ ئەقىل دېگەن پىشقان بۇغداينى ئورۇش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم ئىشلىتىپ تاشلاپ قويىدىغان ئورغاق ئەمەس. بەلكى ھەر ئاندا، ھەر دوقمۇشتا، ھەر بىر بۇلۇڭلاردا چاپچۇتۇپ، شاش ئاتتەك كىشنىتىپ تۇرىدىغان نەرسە. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلى ئۇيقۇسىنى زادىلا ئاچالمايۋاتىدۇ.

Share
2877 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.