logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈچىيىۋاتقان بېسىم ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە چەتئەل ئاخباراتلىرىدىكى مۇلاھىزىلەر

image

 ئىرادە

2014-u0815-pma.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يەكەندىكى ۋەقەدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم قاتمۇ – قات ئارتماقتا. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە شەھەر، ناھىيە، بازار، يېزىلىرىدا بىردەك «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» تەشۋىقات، لېكسىيە، دوكلات يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلماقتا، ياشلارغا ئايرىم، ئاياللارغا ئايرىم ھەتتا «ئانىلار قۇرۇلۇشى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئانىلىرىغىمۇ ئايرىم ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش لېكسىيىلىرى بېرىلمەكتە.

يېقىندا قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا مەخسۇس ھالدا ھىجاپلىق ئاياللارنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ تەبىرى بويىچە ئىسلامىي پوسۇندا كىيىۋالغان ئاياللارنىڭ كوچا ئاپتوبوسلىرىغا چىقىشىنى رەسمىي ھالدا چەكلىدى. بۇ ئەھۋاللار ھازىر چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان بۇنداق تۈزۈملەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلۈنۈشنى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى دەن لېۋىن يېقىندا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئويلىرىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ باش ياغلىقى خىتاينىڭ چەكلىمىسىگە قارشى نامايىشنىڭ ئىپادىسى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ئاساسىدا يازغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ياغلىق چېگىشتىن، يۈزىنى ئوراشتىن چەكلەيدىغان سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۇلارنى زېرىكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، ئەمما بۇ چەكلىمىنى قانچە قاتتىق ئىجرا قىلغانسېرى، ئەكىسچە ياغلىق چىگىپ، دىنىي پوسۇندا كىيىنىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بېيجىڭدا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئادەتتە بېيجىڭدا ياغلىق چەگمەيدىغانلىقىنى، بىراق قاچان ئۈرۈمچىگە بارسا، ئۆزىنىڭ مىللىي ئادەتلىرىگە سادىقلىقىنى ھۆكۈمەتكە كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈنلا ياغلىق چېگىپ يۈرۈدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ۋە مۇخبىرغا «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى خىتايلاردەك ياشاشقا قىستىغانسېرى، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىمىزنى ئىپادە قىلىدىغان يولنى ئىزدەپ تۇرۇپ تاپىمىز» دېگەن.

مۇخبىر دەل لېۋىن ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرلەرنىڭ بۇرۇت – ساقال قويۇشىنى، ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئەكس تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ، ئەكسىچە بۇنداق كونا ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك قوغدايدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ، بۇنداق بىر مەدەنىيەت ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغانلارنىڭ بولسا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى يوقىتىپ قويمىغان ئاساستا زامانىۋىيلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى نىكولاس بىكۇلىننىڭ سۆزىگە يەر بەرگەن. نىكۇلاس بىكۇلىن سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى رايوندىكى بېسىم سىياسىتى ۋە بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلاردۇر» دېگەن.

مۇخبىر مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ياغلىق چېگىدىغان ئاياللارغا قويۇلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى، دىندار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۈنىنىڭ قاتتىق قېيىنلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن تولۇق قوراللانغان ئارمىيىسى ۋە تۈرلۈك چەكلىمە سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا» دېگەن. ئۇ يەنە رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان گۈزەللىك قۇرۇلۇشى نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى يۈزىنى ئېچىپ، چېچىنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىدىغان ھەرىكىتىنى، دائىرىلەر گەرچە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆتۈرۈش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش دېگەندەك گۈزەل سۆزلەر بىلەن تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ رايوندا كېلىپ چىقىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش سەۋەبى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىقى ئۈستىدىن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر مۇھىم ۋەقە بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ پارتىيە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى بولدى. جاڭ چۈنشيەن ئۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشسسىزلىق مەسىلىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەممە مىللەتلەرگە ئوخشاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، تۇغۇت سانىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. جۈملىدىن ئۇ، ئۇيغۇرلارغىمۇ بىر پەرزەنتلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈشتىن بىشارەت بەرگەن. تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، ئەگەر جاڭ چۈنشيەننىڭ دېگەنلىرى ئەمەلىيلىشىپ، بۇ ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ئاللىقاچان ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر ماقالىدە، جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزىگە قارىتا ۋېيبو تورىدا خىتاي تورداشلار ئېلان قىلغان ئىنكاسلارمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن خىتاي تورداشلار جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزىنى قارشى ئالغان. بەزىلەر تېخى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كونترول قىلىنىپ، خىتايلارغا كۆپ بالىلىق بولۇشنىڭ تەشەببۇس قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بىراق ماقالە ئاپتورى ئالېكسى، خىتايلار كۆپ تۇغمىسىمۇ كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلار يۈزىدىن رايوندا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 50 پىرسەنتتىنمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، 1949 – يىلىدا 89 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئاران 46 پىرسەنتكە چۈشۈرۈپ قويۇلغانلىقىنى، ئۈرۈمچىنىڭ ھازىر ئاساسەن خىتاي شەھىرىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ شۇنداقلا جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ گېپىنىڭ بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خىتايلارغا قارىتىلغان بىر بالىلىق بولۇش تۈزۈمىنى ئازراق يۇمشىتىپ، بەزى شەرتى توشقانلارنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇشىغا يول قويۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئارقا – ئارقىلاپ ۋەقە مەيدانغا كېلىپ ۋەزىيەت قاتتىق جىددىي تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېيتىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يولى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئۇنىۋرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يى فۇشيەننىڭ سۆزىنىمۇ نەقىل قىلغان. يى فۇشيەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنىڭ ناتايىنلىقىنى، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇپ، ئېغىر بەدەل تۆلەپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنچىلىك جىق بەدەلنى تۆلەشكە جۈرئەت قىلالماسلىقى مۇمكىنلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر ئۆز مۇلاھىزىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبىدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن چوڭ نامايىشلار ۋە قانلىق ۋەقەلەر كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurlargha-besim-08152014225643.html

 

Share
1688 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.