logo

trugen jacn

دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت قىسقىچە چۈشەنچە

12821459_184043321973027_3994202246703507095_n-768x588

ئەركىن سىدىق

دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت قىسقىچە چۈشەنچە

 

يىل 2016- 11-ئاينىڭ 11-كۈنى مەن ئالدىنقى بىر پارچە يازمىدا، غەرب مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم پەرقلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. مەن يېقىندا ئىجتىمائىي-پەن بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار، مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى تەتقىق قىلىدىغان بىر جۇڭگولۇق زىيالىينىڭ ئون نەچچە مىنۇتلۇق بىر نۇتۇقىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئۆز لېكسىيەسىدە دۇنيا مەدەنىيەتلىشىش تارىخى ئۈستىدە قىسقىچە توختالغان بولۇپ، ئۇ ماڭا ناھايىتى قىزىقارلىق تۇيۇلدى. مەن ئۇنىڭدىن خېلى كۆپ مەنپەئەت ئالدىم. مەن مەزكۇر يازمىدا ئاشۇ نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن. تورداشالر بۇ يازمىنى ئالدىنقى يازمىنىڭ داۋامى، دەپ چۈشەنسە بولىدۇ

دۇنيا مەدەنىيەتلىرى 2 قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئاساسىي مەدەنىيەت، يەنە بىرى بولسا قوشۇمچە مەدەنىيەت. غەرب مەدەنىيىتى ۋە ئىسالم مەدەنىيىتى ناھايىتى روشەن ھالدا ئاساسىي مەدەنىيەتكە كىرىدۇ. غەرب مەدەنىيىتى خۇددى بىر تال نۇردەك ئىنسانىيەتنى يۇقىرىغا قاراپ يېتەكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قوشۇمچە مەدەنىيەتلەرمۇ بار. مەسىلەن، جۇڭگو مەدەنىيىتى، ھىندىستان مەدەنىيىتى ۋە مىسىر مەدەنىيىتى قاتارلىقالر. قوشۇمچە مەدەنىيەتلەر بار بولسىمۇ بولىدۇ، يوق بولسىمۇ بولىدۇ. غەرب مەدەنىيىتىنى تەخمىنەن 7 دەۋرگە بۆلۈش مۇمكىن. 1-دەۋر مىالدىدىن بۇرۇن 4000 يىلنىڭ ئالدىدىكى )ھازىردىن 6000 يىل بۇرۇنقى( ئىككى دەريا ئېقىمىدا، يەنى ھازىرقى ئىراقتا ۋۇجۇدقا كەلگەن مەدەنىيەت. ئىراق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى باشلنغان ئورۇن بولۇپ، ئۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭمۇ باشلىنىش ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2-دەۋر قەدىمكى گىرېتسىيە مەدەنىيىتى. 3-دەۋر قەدىمكى رىم مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇ تارىختا ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. يەنى ئاشۇ دەۋردە مەدەنىيەتتە زور يۈكسىلىش بولغان، ھەمدە قانۇنمۇ ئىجاد قىلىنغان. 4-دەۋر ئوتتۇرا ئەسىردىن ئىبارەت. ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇنىۋېرسىتېتالر بەرپا قىلىندى. 5-دەۋر ياۋروپانىڭ يېقىنقى مەدەنىيەت دەۋرى، 6-دەۋر ئەنگلىيە مەدەنىيەت دەۋرى، ئاندىن 7-دەۋر بولسا ئامېرىكا مەدەنىيەت دەۋرى. ئامېرىكا مەدەنىيىتى ئەركىنلىك بىلەن باراۋەرلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئاپاردى

قەدىمكى رىم مەدەنىيەت دەۋرى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ باقمىغان زېمىنالردىكى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى تارىختا ئاساسەن ئۆزلىرىنى ساقلاپ قااللمىغان. بېرلىندا ئىككى دەريا مەدەنىيىتىنىڭ، يەنى 6000 يىلدىن بۇرۇنقى تارىخىي بۇيۇمالر تىزىلغان بىر مۇزېيخانا بار بولۇپ، ئىمكانىيىتى بار كىشىلەر شۇ يەرگە بېرىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. كىشىلەر جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىنى تەخمىنەن 5000 يىل، دەپ ھېسابالۋاتىدۇ. ئەمما بۇ بىر قااليمىقان سۆزلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ مۇنداق ئېنىقلىمىسى بار: ئۇ بىر مۇرەككەپ جەمئىيەت، كىشىلەر توپلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت بولۇپ، قالاق كىشىلەر توپى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. ئۇ جەمئىيەتتە ئادەم دەرىجە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولىدۇ، مەسىلەن، پادىشاھ ۋە پوپ، دېگەندەك، ھەمدە ھەربىي باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بولىدۇ. جەمئىيەت مەمۇرىي ئەمەلدارالر ئارقىلىق باشقۇرۇلغان بولىدۇ. پۇقراالر باج تۆلەيدۇ. يەنە بىر 2 ئەڭ مۇھىم نەرسە شەھەرلىشىش بولۇپ، بۇنىڭدىن 6000 يىل ئىلگىرى ئىككى دەريا رايونلىرىدا شەھەرلەر ۋۇجۇدقا كەلگەن

جۇڭگونىڭ شەھەرلىشىشى ناھايىتى ئاستا بولغان بولۇپ، ئۇنداق بولۇشتىكى ئاساسىي سەۋەب يېزا-ئىگىلىك مەھسۇالتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى، يېمەكلىكلەر شەھەردە ئىشلەپ چىقىرىلمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلار ئىشلەپ چىقىرىشى كېرەك. جۇڭگودىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ 1960- يىلالردىكى ئايلىق ئاشلىق نورمىسى 30 جىڭ ئىدى. يەنى، ھەر بىر چوڭ ئادەمگە ھەر ئايدا ئەڭ كۆپ بولسا 30 جىڭ ئاشلىق بېرىلەتتى. بۇنىڭدىن 6000 يىل بۇرۇن ئىككى دەريا رايونىدىكى شەھەر ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئايلىق ئاشلىق نورمىسى يۇقىرىقىدىن 5 ھەسسە كۆپ، يەنى 150 جىڭ بولغان. ھۆكۈمەتكە ئەمەس، شەخسىيلەر ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئايلىق ئاشلىق نورمىسى يۇقىرىدىكىنىڭ 10 ھەسسىگە تەڭ، يەنى 300 جىڭ بولغان. ئاشۇ دەۋردە شەھەر ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ. مەدەنىيەتلىشىشتە شەھەرلىشىش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى »شەھەرلىشىش« بىر چوڭ رايوندا بىرلا شەھەر قۇرۇش، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى بىر رايوندا كۆپلىگەن شەھەرلەرنى بەرپا قىلىش، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. تاشقا تامغا ئويۇپ، ئاشۇنداق تاشالرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىككى دەريا دەۋرىدىنمۇ 3000 – 4000 يىلالر بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان. خەت يېزىشقا ئىشلىتىدىغان ھەرپلەر بولسا بۇنىڭدىن 5300 يىلالر بۇرۇن ئاشۇ ئىككى دەريا رايونىدا ئىجاد قىلىنغان. بۇنىڭدىن 3000 – 4000 يىلالر بۇرۇن بولسا پىنيىن ھەرپلىرى ئىجاد قىلىنغان. پىنيىن ھەرپلىرى شۇ چاغقىچە بولغان ئىنسان تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەڭ مۇرەككەپ كەشپىيات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىنيىن ھەرپلىرى ناھايىتى مۇكەممەل بولۇپ، شۇ دەۋردىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ئۇلاردا ئانچە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىدى. يىگىرمە نەچچە ھەرپ ھازىرغىچە شۇ پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

يېقىنقى بىر ۋاقىتتا كىشىلەر بىر خىل »دۇنيا يېزىقى« لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، ئۇمۇ پىنيىن ھەرپلىرىدەك مۇكەممەل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دۇنيا يېزىقى يولغا قويۇلماي، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. جۇڭگولۇقالرنىڭ يېزىقى شەكىل يېزىقى بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە ساۋاتسىزالر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېزىق. يەنى ئۇ ناھايىتى قالاق يېزىق. جۇڭگولۇقالرنىڭ قالاقلىقى ئەنە شۇ شەكىل يېزىقى پەيدا بولغان ۋاقىتتىنال باشلانغان. ھازىر جۇڭگو تارىخشۇناسلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3300 – 3400 يىلالر بۇرۇن باشالنغان. ئېھتىمال 3300 يىلغىمۇ بارماسلىقى مۇمكىن. يەنى جۇڭگولۇقلار ناھايىتى نادان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئىنتايىن ئاستا بولغان. خەقلەر تەرەققىي قىلىپ خېلى بىر يەرگە بارغاندىمۇ، جۇڭگولۇقالر بىر خىل قالاق ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. جۇڭگو مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى ئاستا بولۇشىدىكى بىر سەۋەب، جۇڭگولۇقلارنىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇالت مىقدارىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن بولۇشىدۇر. 1949-يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگودا پەقەت پومېشچىكالر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قورسىقىلا ئاشقا تويىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى خەلقلەر پۈتۈنلەي ئاچارچىلىقتىال ياشىغان ئىدى. كەمبەغەەللرنىڭ باللىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى ئاچلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەن، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەن، ياكى بولمىسا باشقىلارغا بېرىۋېتىلگەن ئىدى

پەلسەپە جەھەتتىمۇ غەربلىكلەر جۇڭگولۇقالردىن كۆپ تېز تەرەققىي قىلغان. مەسىلەن، مىالدىدىن بۇرۇنقى 428 – 347-يىللىرى ياشىغان ئەپالتون )ئارستوتىلنىڭ ئوقۇغۇچىسى( 30 دىن ئارتۇق پەلسەپە كىتابلىرىنى ۋە 20 دىن ئارتۇق باشقا كىتابالرنى يازغان. جۇڭگولۇقلار ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان، مىالدىدىن بۇرۇنقى 551– 479-يىللىرى ياشىغان كۇڭزى بولسا ئاران بىر دانە كىتاب يازغان. شۇڭلاشقا يېڭى ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش جەھەتتە جۇڭگولۇقالرنى غەربلىكلەر بىلەن ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. جۇڭگولۇقلار تاكى يېقىنقى دەۋرگە كەلگۈچە ھەر خىل قالايمىقان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ، ئۆز جېنىنى ساقلاپ كەلدى. غەربتە بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇغداي بىلەن گۈرۈچتىن باشقا نەرسىلەرنى پەقەت ھايۋاناتالرغىال بېرىپ، ئۇالرنى ھەرگىز ئادەملەر يېگەن ئەمەس. ئاساسلىق سەۋەب ئۇ نەرسىلەردە ئاقسىل كەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن

قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسى ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى. ئەپسۇسكى، جۇڭگولۇقلاردا پەلسەپە ئىدىيىلىرى ۋۇجۇدقا كېلىپ باققان ئەمەس. »غەربلىكلەر« دېگەندە كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئىككى نەرسە كېلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى خرىستىئان دىنى، يەنە بىرى پەلسەپە. يەنى، غەربلىكلەر مۇشۇ ئىككى نەرسە بىلەن خاراكتېرلەنگەن. شۇڭلاشقا غەربلىكلەر ئەزەلدىن جۇڭگولۇقلار بىلەن ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ باققان ئەمەس، سەۋەبى جۇڭگولۇقلاردا ئىدىيە مەۋجۇت ئەمەس. غەربلىكلەر جۇڭگولۇقلار بىلەن دوستلۇق ھەققىدە سۆزلەشكەن، سودا ھەققىدە سۆزلەشكەن، ئەمما ئىدىيە ھەققىدە قەتئىي  سۆزلىشىپ باققان ئەمەس. ئۇنىڭدىكى سەۋەب جۇڭگولۇقلاردا ئىدىيە يوق بولغانلىقىدۇر. غەربلىكلەرنىڭ خرىستىئان دىنىنى كۆپلىگەن كىشىلەر بىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىلىرىنى كىشىلەر ئۇنچىۋالا بىلىپ كەتمەيدۇ. ئەپالتون دەۋرلىرىدە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى »پەيلاسوپ« دەپ ئاتالغان. ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىدىغان كىشىلەرمۇ »پەيلاسوپ« دەپ ئاتالغان. كېيىنچە ئاستا-ئاستا ئوخشىمىغان كەسىپ ئەھلىلىرى »مەن ماتېماتىك«، »مەن پەيلاسوپ« دەپ ئوخشىمىغان كەسىپلەرگە ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن. پەلسەپە دېگىنىمىز ئىدىيە تارىخى بىلەن بىلىم ئىگىلەش نەزەرىيىلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر ئىلىم. پەلسەپە ئىدىيىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر نەرسە بولۇپ، جۇڭگولۇقلاردا ئۇ بار بولۇپ باققان ئەمەس. ئوخشىمىغان ئىدىيىلەرنىڭ دائىرىسىنى ۋە ئىجادكارلىرىنى كۆرسىتىدىغان خەرىتە ئىچىدە جۇڭگوۇقاللر يوق. ئېتىقادمۇ ئىدىيە دائىرىسىگە كىرىدىغان بىر نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ جۇڭگولۇقلار يوق. بۇددا دىنى بىر خىل ئېتىقاد بولۇش شەرتىنى ئانچە تولدۇرۇپ كېتەلمەيدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي جۇڭگولۇقلار ئىچىدە بۇددا دىنىغا ئىشىنىدىغانلارمۇ ئاساسەن يوق دېيەرلىك. بىر دۆلەت نوپۇسى ئىچىدە بىر دىنغا ئىشىنىدىغانلارنىڭ سانى ئاران بىر پىرسەنت كەلسە، ئۇ دۆلەتنى »بىر دىنى بار دۆلەت« دېگىلى بولمايدۇ. بۇددا دىنى بىلەن خرىستىئان دىنى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرقلەر بار. جۇڭگولۇقلار ئىدىيىدە يوق بولغاچقا، ئۇلارنى »مېڭىسى مېيىپ كىشىلەر« دېيىشكە بولىدۇ. غەرب ئەللىرى جەمئىيەتلىرىدە داۋالغۇش ياكى مۇقىمسىزلىق يۈز بەرمىسە، ئۇنى مۇنداق ئىككى ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ: بىرى قانۇن، يەنە بىرى دىنىي ئەخلاق. مۇشۇنداق ئىككى نەرسىگە ئىگە ئەمەس دۆلەت، مىللەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرالماسلىق ئېھتىماللىقى 80 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولىدۇ

پايدىلىنىش مەنبەسى

[1] Dr. 王澄: Chinese backwardness leads to its collapse https://www.youtube.com/watch?v=MN1ETPefI4k

http://www.meripet.com/2016/20161111_backward_china.pdf

Share
1585 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.