logo

trugen jacn

خىتاينىڭ كېلەچەگى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە بەزى چۇشەنجىلەر

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

خىتاينىڭ كېلەچەگى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە بەزى چۇشەنجىلەر

 

ماۋزېدوڭ دەۋرىگە قايتىۋاتقان خىتاي نەگە كىتىۋاتىدۇ؟

خىتاي كوممونىستىك پارتىسى 18. قۇرۇلتاي 6. ئۇمۇمىي يېغىنىدا بىرلا يېڭىلىق بار؛ “ شىجىڭپىڭ خېشىن- يادرو”. نېمىنىڭ يادروسى؟ خىتاي كوممونىستىك پارتىسىنىڭ يادروسى. ئۆز ۋاختىدا ماۋزېدوڭ پارتىنىڭ يادروسى ئىدى. 30 يىل خىتاي خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلمىگەن كۈن قاقلمىدى. دىڭشاۋپىڭ “ بۇرۇن ماۋزېدوڭ يادرو ئىدى. ئەمدى مەن يادرو.” دەپ ئېلان قىلدى.ئارقىدىن تيەنئەنمىن قەتلىيامىنى يۈرگۈزدى.دېڭشاۋپىڭ، ماۋنىڭ ئائىلە-ئەتراپىنى تۇخۇمىغىچە قۇرۇتىۋەتكەن بولسىمۇ، ماۋ بىلەن بىللە ياراتقان سوسيالىست تۈزۈمنى ساقلاپ قالدى. جاڭزېمىن “يادرو مەن” سۆزىنى تەكىتلىمىدى. خۇجىڭتاۋ بۇ سۆزنى ھېچ ئاغزىغا ئالمىدى.
شىجىنپىڭ تەخىتكە چىققىلى 4 يىل بولدى. بۇ 4 يىل ئىچىدە پارتىيە ئىچىدىكى ئۆلۈك، چالا ئۆلۈك “يولۋاس” لارنى يەرلىكىدە قويۇپ “قەھرىمان” بولدى. 4 يىل ۋاقتىنى ئىچكى دۈشمەنلىرىنى يوقۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزدى. شىجىنپىڭ ھاكىمىتەكە چىققان 4 يىل ئىچىدە 28 ئۆلكىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىدىن تەيىنلىدى. 1 مىليون 100 نىڭ پارتىيە ئەزاسىنى چىرىكلىك،پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالىدى. بۇ جەرياندا، ئىلھام توختى قاتارلىق چىرىكلىك،پارىخورلۇققا قارشى كۇرەش قىلغان كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىلىرىنىمۇ تۇرمىلارغا قامىدى. شىجىنپىڭنىڭ بۇ 4 يىل ئىچىدە ھوقۇقىنى مۇستەملەشتىن باشقا،دۆلەتكە ۋە خەلققە خىزمەت قىلغۇدەك ۋاختى بولمىدى.ئۇنداق نىيىتىمۇ يوق ئىدى.

دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 4 يىللىق مۇددەت ئۈچۈن سايلىنىدۇ. ھاكىمىيەت قولتۇقىغا ئولتۇرغان تۇنجى كۈنى يادىرو-مەركەز-گە ئايلىنىدۇ.پۈتۈن ھوقۇقلىرىنى توسالغۇسىز ئىشلىتەلەيدۇ. ئامما، دىكتاتور دۆلەتلەردە ۋاقىت ئەنە شۇنداق ئىچكى توسالغۇلارنى تازىلاش بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. چوشقا ئۆز بالىسىنى يەپ كەتكەندەك، كوممۇنىست پارتىيە ئۆز ئەزالىرىنى يەپ سەمرىيدۇ. شىجىنپىڭنىڭنىڭ ، خېشىن- يادرو، دەپ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن 4 يىل ۋاقىت ۋە مىليونلىغان ئىنساننىڭ جېنى قۇربان قىلىندى.خىتاي دۆلىتى، ماۋ دەۋرىگە قايتىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە.

نېمە ئۈچۈن (خېشىن) يادرو؟

ئا: ئىدىلوگىيەسىز قالغان پارتىيە
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسىدە، يېتەكچى ئىدىيىنىڭ ماركىسىزم، لېنىنىزم ئىكەنلىكى، پارتىيىنىڭ پرولېتارىيات سىنىپىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى يېزىلغان. بۈگۈن، خىتايدا، دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭدىن باشلاپ كومۇنىزم غايىسىگە ئىشىنىدىغان ھېچكىم قالمىدى. ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىتاي ئالى دۆلەت رەھبەرلىرى ئائىلىلىرىنىڭ 91% نى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پاسپورتىنى ئېلىپ بولغان، ئىختىسادىنىمۇ بۇ دۆلەتلەرگە يۆتكەپ بولغان. “ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن.” زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر ۋاقىت قېچىشقا تەييار ۋەزىيەتتە.

ب: خىتايدا 30 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان ئورتتۇرا ھېساب بىلەن 13%- 14% لىك ئىختىسادى تەرەققىيات، شىجىڭپىڭ دەۋرىدە 6.7% گە چۈشۈپ قالدى. خىتاي ئىستاستىك ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىئايدىكى زاۋوت- پابرىكىلار ئىشلەپچىقىرىش ھەجىمى 48% لەرگىچە چۈشتى. خىتاينىڭ ئىچكى قەرزى مىللى كىرىمىنىڭ 282% گە يەتتى. قەرزىنىڭ 70% دۆلەت كارخانىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئاىت. خىتايدىكى زور ھەجىملىك پولات- تۆمۈر فاپىرىكىلىرى ۋە كۆمۈر كانلىرى بوھران ئىچىدە. ھەتتا، خىتاي 5. ئىيول 2009. ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقى تۈركىستاندا قۇرغان پولات-تۆمۈر، 9 كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەيران بولۇپ ئىشتىن توختىدى. 200 مىڭ ئەتىراپىدا كۆچمەن ئىشچى ئىشلىمەي مائاش ئېلىۋاتقىنىغا 2 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى.

د:خىتاي، ئۆزىنى دۇنيادا ئەڭ كۆپ تاشقى پېرېۋوتى بولغان دۆلەت دەپ ماختىنىدۇ.شۇڭا پۇلغا مۇھتاج كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتايغا خۇشامەت ۋە يالاقچىلىق قىلىدۇ. ھەقىقى ئەھۋال قانداق؟
خىتايدا تاشقى پىرۋوتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن 2016.يىلى 30. ئىيۇن كۈنى، تاشقى پىرۋوت زاپاس مىقتارى 3.99 تىرىليون دوللارغا يەتكەن. 2016.يىلى 10. ئايغا كەلگەندە خىتاي مەركىزى بانكىسى بۇ رەقەمنى 3.17 تىرىليون دوللار دەپ ئېلان قىلدى. يەنىلا خىتاي پىرۋوت زاپىسىدا دۇنيا بىرىنچىسى كۆرۈنمەكتە. بىراق خىتاينىڭ خەزىنىسىدە مۇشۇنداق نەقىت پۇل بارمۇ؟ يوق. بۇ پۇلنىڭ 1 تىرىليون دوللىرى، ئامېرىكا خەزىنىسىدىن زايوم ئېلىنغان. 2016.يىلى 10. ئايدا خىتاينىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا سالغان مەبلىغى 1 تىرىليون 130 مىليارت دوللارغا يەتكەن. خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا،خىتاينىڭ چەتئەللەردە سالغان مەبلىغىنىڭ 95% نى زىيان تارتقان. خىتاي پەقەتلا سوسيالىست دۆلەت ۋېنېسۇئېلا’غا 2007.يىلدىن باشلاپ 65 مىليارد دوللار قەرز بەرگەن ئىدى. ۋېنسېئۇئېلا ئىختىسادىنىڭ 96% پىرسەنتى نېفىت ئېكىسپورتىغا قاراشلىق. نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈپ كېتىشى بىلەن ۋېنسېئۇئېلا ئېغىر ئىختىسادى بوھران ئىچىگە كىردى. بۈگۈن بۇ دۆلەتتىكى پۇل پاخاللىقى 800% گە چىقتى. ۋېنسېئۇئېلانىڭ 2016.يىلى 5. ئايدا خىتايغا ئۆتەشكە تىگىشلىك 20 مىليارد دوللار، ئۆسۈمى 4 مىليارد دوللار. جەمئى 24 مىليارد قەرزىنى ئۆتىيەلمەيدىغانلىغىنى ئېلان قىلدى ۋە ھازىرغىچە ئۆتمىدى. خىتاي ئەندىشە ئىچىدە كۈتمەكتە.
خىتاينىڭ، سىياسى مەقسەت بىلەن سالغان چەتئەل مەبلىغى ھەممە قىتئەدە مانا مۇشۇنداق پارغا ئايلىنىپ كەتمەكتە. خىتاينىڭ خەزىنىسىدە ئۇنداق ئېشىپ، تېشىپ تۇرغان نەقىت پۇل يوق. شۇڭا خىتاينىڭ بىر يىل ئىچىدە پۇل پاخاللىقى 10% پىرسەنت بولماقتا.

س: خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن ساككاكۇ (دىياۋيۇداۋ) ئارىلى ۋە جەنۇبى پاسىپىك دېڭىزىدا ئامېرىكا ۋە پاسىپىك دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە كىرمەكتە. ماركىسىزم ئورنىغا مىللەتچىلىكنى ئىدىلوگىيە سۈپىتىدە خىتاي خەلقىگە سىڭدۈرۈۋاتقان بېجىڭ ھاكىمىيىتى، تاشقىرىدا ياپونىيەنى، ئىچكىرىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنى نۇقتىلىق دۈشمەن قىلىپ تاللىدى. مىللىي دۈشمەنسىز، مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. شىجىنپىڭنىڭ ئەڭ خەتەرلىك سۇيىقەستلىك پىلانى، خىتاي مىللىتىنىڭ شوۋىنىست مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى قۇترىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قۇربانلىق قىلىپ تاللىغانلىغىدۇر

دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرى، خىتايغا بولغان خاتا چۈشەنجىسىنىڭ بەدىلىنى ئۆتەشكە مەجبۇر

غەرىپ دېموكىراتىك دۆلەتلىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدا ، خىتاينىڭ ئىختىسادى جەھەتتە كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ ئاساسى بولغان ئەركىن بازارغا ئۆتىشى ۋە غەربنىڭ سەرمايىسى، تەخنولوگىيەسىنىڭ خىتايغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، خىتانىڭ ئاستا-ئاستا دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن بىر كۆز قاراش بار ئىدى. خىتاي، ئىختىساد جەھەتتە دۆلەت كاپىتالىزمنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ ئىختىسادى تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىدىكى قاراڭغۇلۇقنى ،زۇلۇم، قان ۋە كۆز يېشىنى، خىتايدىن ئىختىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشىپ كەلگەن غەرب كاپىتالىزمى كۆرمەسلىككە سالدى. خىتاي،سىياسى جەھەتتە بولسا تېخىمۇ قاتتىق دىكتاتۇرلۇققا قاراپ مېڭىشنى دۆلەتنى باشقۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەت دەپ قاراشتا چىڭ تۇرماقتا. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا خام- خىيالدىن ئويغانغاندا بولسا بەك كەچ قالغان ئىدى.
خىتاينىڭ بۇگۈنكى دۆلەت باشقۇرۇش سىستېمىسى، دىكتاتۇرلۇققا ھەۋەسلەنگەن بىر مۇنچە دۆلەت رەھبەرلىگە ئىلھام بولماقتا. ئۇلار، دىكتاتۇرلۇق ئارقىلىق دۆلەتنى تېخىمۇ تىز تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا خەلقنى قايىل قىلىش يولىدا، ھاكىمىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ساقچى، ئەسكەرلەرنىڭ كۈچىنى دېموكراتىك قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكتە. بۇ، دۇنيا تىچلىغى ئۈچۈن تەھدىت يارىتىدىغان بىر مەنزىرىدۇر. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، خىتايغا بولغان خاتا كۆزقارىشىنىڭ بەدىلىنى ئېغىر ئۆتەشكە مەجبۇر. دۇنيا مىقياسىدا خىتايدىن ئىلھام ئېلىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان دىكتاتۇرلار ، يېقىن كېلەچەكتە ئۆز ۋاختىدىكى سوسيالىستىك لاگېرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇرلارنى تارىختىكى ئەڭ قاراڭغۇلۇق كۈنلەر كۈتمەكتە

خىتاي ھاكىمىيىتى، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىغا ئۇرۇش تەھدىتى سېلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، دېڭىز- ئوكىياندا ئۇلار بىلەن ئۇئۇشۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئەگەر ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ياپون، ئامېرىكا ئىتتىپاقى قارشىسىدا، پايدىدىن كۆپ زىيان تارتىدىغانلىقىنى خىتاي ياخشى بىلىدۇ. ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەندە،ياپونىيە بىر ھەپتە ئىچىدە بىر ئەمەس، بىر نەچچە يۈز، ھەتتا بىر نەچچە مىڭ ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقىرىش قابىلىيىتى ۋە ئىمكانىيىتىگە ئىگە.
خىتاي پۈتۈن تارىخىدا، دېڭىزدا ئۇرۇشۇپ بىر غېرىچ زېمىنغا ئىگە بولالمىغان. بەلكى زىمىن تارتقۇزۇپ قويغان. موڭغۇللار ئىستىلا قىلىپ خىتايغا قوشقان ۋېتنام، كورىيەلەرنى، خىتاي ئۇرۇشتا قولدىن تارتقۇزۇپ قويغان.مانجۇلار خىتايغا قوشقان سىبىريەدىكى بىر مىليون كۋادرات زىمىننىمۇ، خىتايلار ئۇرۇشتا تارتقۇزۇپ قويغان. خىتايلار، تارىخى بۇيىچە غەرب تەرەپتىكى چىگىرىسىدىن زىمىن قازىنىپ كەلگەن. خىتاينىڭ كۆزى, كىچىك دۇلەتچىكلەرگە بولۇنۇپ كەتكەن ئورتا ئاسىيادا. 20 يىلدىن بۇيان خىتاي ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنى بۇ پىلان بويىچە ئېلىپ بارماقتا.(بۇ توغرۇلۇق، ئەجدىرھانىڭ قورقۇسۇ، دىگەن تۇركچە كىتابىمدا تەپسىلى مەلۇمات بار.) خىتاينىڭ قورقماستىن بۇ دۆلەتلەردىكى ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيە يوللىرىغا توختىماي مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئاستىدا ئەلۋەتتە بۇ مەقسەت ياتىدۇ. ئامېرىكا بۇ مەركىزى قۇرۇقلۇقتا خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش قىلىش ئارقا سەپ ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس.
رۇسلارنىڭ قورالى كۈچلۈك. ئامما نوپۇسى ئاز. خىتاينىڭ ھازىرقى ئىشسىز نوپۇسى، رۇسىيىنىڭ توپلام نۇپۇسىدىنمۇ كۆپ. رۇسىيىنىڭ ئىختىسادى تەرەققىياتى ئادەم مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق. بۈگۈن ئورتا ئاسىيا، كاپكاسىيادىن رۇسىيىگە كېتىپ ئىشلەۋاتقان ئىشچى سانى 20 مىليونغا يېتىپ بارىدۇ. نۆۋىتى كەلگەندە، ئەگەر خىتاي، رۇسىيەدىن “ ئارمىيەمىزنىڭ سىبىريەگە كىرىشىنى خالامسىز، ياكى ئورتا ئاسىياغىمۇ؟” دەپ كەسكىن سوئال قويغاندا، رۇسلار، ئورتا ئاسىيانى ئىشارەت قىلىشى مۇمكىن.

بۇگۈن خىتاي، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى كەشمىر ۋە سۇ جىدىلىدە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىۋاتىدۇ. غەرىپ كۈزەتكۈچىلىرى، سۇ تۈپەيلى پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا ئاتوم ئۇرۇشى پارتلاش ئىھتېمالدىن سۆز ئاچماقتا. پاكىستانغا ئاتوم تېخنىكىسىنى بەرگەن ۋە ئۆگەتكەن خىتادۇر.خىتاي، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇشقا كىرىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە.پاكىستان، خىتاينىڭ قۇرال-ياراغلىرىنى سېتىۋالغۇچى بىرىنچى مۇشتىرىسى. بۇ يىل پاكىستان بىرلا قېتىمدا خىتايدىن 3000 دانە خوڭجىئەن-8 تانكا ئۇرغۇچى يېنىك روكەت سېتىۋالدى. پاكىستان، كامبۇدژا… قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلغان بۇ قوراللار سۈرىيەدىكى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تىرور تەشكىلاتىنىڭ قولىدا. خىتا ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى “ سۈرىيە دۆلەت ئارمىيىسىگە ئائىت 4 مىڭ تانكىنىڭ 2 مىڭىنى ئىراق –شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى خىتاي راكىتىلىرى بىلەن ئۇرۇپ يوق قىلدى.” دەپ ماختىنىپ يازماقتا. خىتاينىڭ ئورتا شەرق ۋە ئورتا ئاسىيادا قالايمىقانچىلىق ئارزۇلاۋاتقانلىغى ئېنىق.
ھىندىستان، پاكىستان ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىسا، خىتاي، ئورتا ئاسىياغا تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغاپ ھەزەر دېڭىزىدىكى نېفىتلىككە قاراپ ئىلگىرلەش ئارزۇسى ئىچىدە. خىتاي ئورتا ئاسىيا ئۇرۇشقا كىرىشى بىلەن،ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنى مىللەت سۈپىتىدە قىرىپ تاشلاپ يوق قىلىش ئىستىراتېگىيىلىك پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىشى مۇمكىن. شىجىنپىڭنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى كادىر ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان شەپقەتسىز مىللىي، دىنى زۇلۇم سىياسىتىنىڭ يەنە بىر بالداق چىڭىتىلىشى بىكار ئەمەس. چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، دۇنياغا تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ سۇيىقەستىنى پاش قىلىشقا مەجبۇر. ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز، ئۆزلىرىنى قانداق مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تەدبىر ئېلىشى ئىنتايىن مۇھىم

خىتاي يېقىندىن بېرى، قاتتىق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش، دەيدىغان دىپلوماتىيىگە ئۆتتى. بۇ سىياسەتنى ئالدى بىلەن يەنە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىۋاتىدۇ؛ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆمۈر ھەج قىلغان ئۇيغۇرلارنى سەئۇدى ساقچىلىرىغا تۇتقۇزۇپ ئايرۇپىلانغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستان 40 يىلدىن بۇيان ئۆمۈر ھەجدىن كېيىن ھەج ۋاختىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق يامان مۇئامىلە قىلمىغان ئىدى. بۇ يىل خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن،ئۇيغۇر ھاجىلارنى ئۇرۇپ، سوقۇپ تۇتۇپ خىتايغا بەردى. خىتايبۇ ئۇيغۇرلارنى “قانۇنسىىز ئۆمۈر ھەج قىلغان” دېگەن جىنايەت بىلەن تۇرما جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا. مىسىرمۇ، بۇ دۆلەتتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن خىتاينىڭ ئىستىگەنلىرىنى تۇتۇپ بەرمەكتە

خىتاي، قازاقىستاندا ئالمائاتا كونسىلنى تاقاش ئارقىلىق قازاقلارغا تەھدىت سالماقتا. ھەتتا خىتاينىڭ قازاقىستان بۇيۇك ئەلچىسى، “ جۇڭگو ئاتوم بومبىسىغا ئىگە، بىرلەشكەن دولەت تەشكىلاتىنىڭ دايىمى ئەزاسى بولغان كۇچلۇق بىر دولەت. قازاقلار،جۇڭگولۇقلارغا ھورمەت قىلىشنى ئۇگىنىشى كېرەك، دەپ ئاشكارە تەھدىتتە بۇلۇندى

قىرغىزىستاندا بولسا، 3 ئايدىن بېرى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋالغان خىتاي، خىتايدا ئوقۇۋاتقان، يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا كەلگەن 300 دىن ئارتۇق قىرغىز ئوقۇغۇچىغا ۋىزا بەرمەي، ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى.قىرغىز دولەت رەھبەرلىرى خىتاي ھۇكۇمىتى بىلەن كوپ قېتىم كورۇشكەن بولسىمۇ، ۋىزا ئىشىنى ھەل قىلالمىدى

تۈركىيەمۇ، خىتاي تەرىپىدىن قىسقاچقا ئېلىنماقتا. 2016.يىلى 7.ئاينىڭ 15. كۈنىدە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ غەرىپ دۆلەتلىرى بىلەن يىرىكلشكەن مۇناسىۋىتى ۋە ئىختىسازى جەھەتتىكى بەزى قىيىنچىلىقلىرىنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي، تۈركىيەنىڭ قولى ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مىللىي كۈرىشگە زەبە بىرىش ھۇجۇمىغا ئۆتتى.  تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئارتماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك يۇز بەرگۇسى ئىھتىماللار

ئۇيغۇرلارنىڭ كىلەچەگىنىڭ قانداق بولىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇلىرىدىن ئارتۇق، بولغۇسى دۇنيا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ قايسى تەرەپتە،قانداق رول ئېلىشىغا باغلىق بولىدۇ.شۇڭا، ئۇيغۇرنىڭ دوس ۋە دۈشمەنلىرى ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. دۇنيانى خاراب قىلغۇچى بىر ئۇرۇش ۋەھىمىسى ئىنسانىيەتكە يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ. بولغۇسى دۇنيا ئۇرۇشىدا،مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك زىيان تارتىش ئىھتىمالى كۈچلۈك. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرىدىن باشقىچە بولىشى مۇمكىن. بۇنى، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك شارائىت بەلگىلىگەن. بۈيۈك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىنى ئانالىز قىلىپ كۆرەيلى؛
ئا: خىتاي، ئامېرىكا- ياپون ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى مۇمكىن
ب: ختاي – رۇس ئىتتىپاقى، ئامېرىكا- ياپون- ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قارمۇ قارشى ئىككى سەپكە ئايرىلىشى مۇمكىن.
د: ئامېرىكا –رۇسىيە- ياپونىيە بىر ئىتتىپاق بولۇپ، خىتايغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشى مۇمكىن.
س: خىتاي كۇمپارتىسى ئىسمىنى بىردىنلا “دېموكراتىك پارتىيە” گە ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ سېپىگە ئۆتۈۋەلىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا- خىتاي ئىتتىپاقى، رۇسلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشى مۇمكىن.
سەپلەر قانداق ئايرىلىشتىن قەتئىي نەزەر، شەرقى تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتا ئاسىيا بىر جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىشنىڭ نامىزاتىدۇر.شۇنى ئۇنۇتماسلىغىمىز لازىمكى، خىتاي ۋە ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان بۇيۇك دولەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاتوم بومبىسى بار.
خىتايغا قارىشى سەپ شۆھبىسىز ئۇيغۇرلارنىڭ دوستىدۇر. شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەل –تۈكىس ئازاتلىغى، پەقەتلا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىغاندىلا ئەمەلگە ئېشىش ئىھتىمالى كۈچلۈك.
ئەگەر خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ سېپىگە ئۆتسە، ئۇيغۇرلار قىسقا مەزگىللىك مەلۇم ھەق- ھۇقۇقلارغا ئېرىشىشى مۇمكىن. ئامما، ئۇزۇن مەزگىللىك مۇستەملىكە ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى غەرب دۆلەتلىرى، بىر ئۇچۇم ئۇيغۇر ئۈچۈن، بىر يېرىم مىليارد نوپۇسلۇق خىتاينى رەنجىتىشنى خالىمايدۇ.شۇڭا خىتاينىڭ بۇگۈنكى قاتتىق ۋە ۋەھشى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەپ بولىدىغانلا بولسا، ئۇيغۇر مىللىتىگە بىر نىجاتلىق تۇغۇلىدۇ.
يۇقىرىقى ئىھتىماللار، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى مەيداندا،قايسى سەپ بىلەن بىللە تۇرۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ.

بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى, خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى بىلەن دىئالوگ ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك

چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرى، كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە قارشى قۇراللىق كۈرەشتىن باشقا يول قالمىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بىر شارائىتتا، بەزى ئۇيغۇر رەھبەرلەر، شىجىنپىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن دىئالوگ قىلىش ئارزۇسىنى چەتئەلدىكى خىتايچە مەتبۇئاتلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ، خىتايغا سالام ئەۋەتمەكتە. خىتايدا، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن دىئالوگ قىلىشنى ئازۇلىغان ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بىلەن نەتىجىلەندى؟ خىتاينىنىڭ ئاساسى قانۇنى، ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنىلا ئەمەس، خىتاي كوممونىستىك پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالى رەھبەرلىرى بولغان لىيۇشاۋچى، خۇياۋباڭ، جاۋزىياڭ… لارنى قوغداپ قالالىدىمۇ؟ خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى ھەر نەرسىنى يۇتۇۋېتىدىغان غايەت زور بىر قارا قۇيۇندۇر. ئەقلى ۋ مىللىي مەسئۇلىيىتى بولغان ھەر قانداق ئۇيغۇر رەھبەر، ئەڭ غالجىرلىشىۋاتقان ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى ياشاۋاتقان بۇ خەلقئارالىق جىنايەت گۇروھىدىن ئۈمىت كۈتمەيدۇ. ئەگەر دىئالوگ قىلىشقا توغرا كەلسە، كېلەچەكتە ھاكىمىيەت بېشىغا كىلىدىغان دېموكراتىك بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئورتىغا چىقىشىنى تاقەت بىلەن كۈتۈش كېرەك.

خاتىمە

ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ قاراڭغۇ ۋە ئەڭ خەتەرلىك تارىخى باسقۇچ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ھەر بىر كرىزىس بىر پۇرسەت يارىتىدۇ. قىيىن شەرت شارايىت ئىنساننىڭ ئەقىل ۋە كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز خىتاي كومىنىست ھاكىمىيىتى كۈچلۈك بولغىنىدەك، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى، تاشقى دۈشمەنلىرىمۇ بەك كۈچلۈك. بىز مىللەت سۈپىتىدە ئىنتايىن ئاجىز ۋە چارىسىز، قىيىن ۋەزىيەتتە. بۇ ئەھۋال ھېچ قاچان ئەقلىمىزنىڭ ئاجىزلىغىنى كۆرسەتمەيدۇ. بىر مىللەتنى تەشكىللەپ توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان كۇچ بولسا، ئاز بىر قىسىم ئەقىللىق،پىداكار ۋە جاسارەتلىك يول باشلىغۇچى باشلامچى كادىرلاردۇر.
ئۇيغۇر ۋىجدان ئىگىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا،ئورتاق يول، ئورتاق غايە ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى بولغانلارنىڭ بىرلىشىپ ۋەتەن، مىللەتنىڭ كىلەچەگى ئۈچۈن پىلان، پروگرامما ھازىرلاشنى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ زامانىدۇر

يىل 2016- 11. ئاينىڭ 5. كۈنى

پايدىلىنىش مەنبەلىرى

 

英媒:习核心为最大政治实验创造了条件

中共首次形容习近平领导为“核心”

放弃危险的“中国幻想”吧,“北京之春”难再现

Çin’den Türkiye’ye toplamda 15 milyar doları bulan yatırım teklifi geldi.

风险投资与高新技术产业共轭双驱动机理分析

风险资本, 清洁技术与可持续发展

中国到底需要多少外汇储备?

中国金融外交面对“高风险赌局”

中国武器在中东打出名气:中国货卖点在哪?

中国强力武器亮相中东市场 歼10也可“批发

中国先进武器在中东战场试身手

Why Chinese weapons diaspora of the Middle East? Mostly from the black market smuggling counterfeit goods are mostly

Share
1826 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.