logo

trugen jacn

ھەقىقەت يولىنى ئىزدىگەن ھايات

 

plain-blue-background-wallpaper-3

ئەل قەلبىدە پورەكلىگەن گۈل – گۈلچېھرەنىڭ ھېكايىسى

 

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن

ئەسسالمۇئەلەيكۇم ئوقۇرمەن
مەن تۆۋەندە سىزگە بىر گۈلنىڭ ھېكايىسىنى،بېغىدىن ئايرىلىپ گۈلزارىنىڭ ھەسرىتىنى
چېكىۋاتقان،شېخىدىن ئايرىلىپ ھىجران گۈلخانىدا تولغىنىۋاتقان ئۆزى نازۇك لېكىن قەيسەر،مېھرى
ۋە چېھرى بىلەن مىسكىن كۆڭۈللەرگە تەسەللى بېرىۋاتقان بىر گۈلنىڭ ئاددى ،ئەمما تەسىرلىك
قىسسىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.قېنى ئەمىسە، ماڭا قۇلق بېرىڭ
ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە جاھاننامە ئەينىكى دەپ تەرىپلەنگەن
تېلېۋىزور رەڭسىز ھالىتىدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي رەڭلىك كاتتا
تېلىۋىزورلرمۇ سالپىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى.ماس قەدەمدە ئېكرانلردا تەمتىرەش،گاڭگىراش
گىرەلەشكەن تۈرلۈك يېڭىلىقلر ،يېڭى پروگراممىلر پەيدا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى تال ئۆرۈمە
چېچى بار چىمەن دوپپىلىق بىر ئوماق قىز سەبىيلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئېكراندا پەيدا بولدى
سانسىزلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئېكراندىكى بالىلر بىلەن بىرلىكتە سېھىرلىك ئۇيغۇر خەلق
چۆچەكلىرىنى ئاشۇ قىزنىڭ جەلپكار چۈچۈك بايانلىرى ئارقىلىق ئاڭلپ مەستخۇش بولدى.ھەتتا
سەھرالردىكى تالدىن كىرمەي ئوينايدىغان بالىلر، « تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى »نىڭ مۇزىكىسى
چىققان ھامان ئۆيلىرىگە يۈگۈرۈشۈپ، ئېكراندا ئۇنىڭ بىلەن ئوينايدىغان بولدى .ئۇ بالىلرنىڭل
ئەمەس ھەتتا ئاتا ئانىلرنىڭ، ئوقۇتقۇچىلرنىڭمۇ سادىق دوستى بولۇپ قالدى. شۇندىن باشلپ
ئېلن، تېلىۋىيە فىلىم، كىنو ئېكرانلىرىدا ئۇ تونۇش سىماغا ئايلندى. شۇ تەرىقىدە 21- ئەسىرنىڭ
درۋازىسىنىمۇ شۇ سۇيۇملۇك چىمەن دوپپا، بادام دوپپىلر بىلەن ئاچقان بۇ سۆيۈملۈك قىز جەمىيەت
ئەمدىل يانفون دەۋرىگە،ئىنتېرنېت دەۋرىگە قەدەم تاشلىغان بىر پەيتتە، ۋەتەن ئېكرانلىرىدىن
تۇيۇقسىز غايىپ بولدى ۋە ئىسمىمۇ قانداقتۇر كىشىلەر ئاشكارا تىلغا ئاللمايدىغان سىرلىق بىىر ئىسم
بولۇپ قالدى
بۇ قىز زادى كىم ؟
ئۇ
نازۇككىنە يېتىلىپ،
بەرگلىرى ئېچىلىپ
خۇشھېدلىرى چېچىلىپ
كۈي تۆككەن گۈل چېھرىدىن
ئۇ
سەھەرلەرگە تەلمۈرۈپ،
ۋىسال ئىزلەپ چۈش كۆرۈپ
ھېجران ئارا مىڭ ئۆلۈپ
مەھرۇم قالغان كۈلكىدىن
ئۇ-
سەبىلەرنىڭ مۇڭدىشى
غەمكىنلەرنىڭ دىلدېشى
تەنھالرنىڭ سىردىشى
نۇر بېرىدۇ مېھرىدىن
ئۇ-
مەزلۇملرنىڭ ئاۋازى
ئۈمىدلەرنىڭ ئىزھارى
دىل بېغىنىڭ باھارى
ئەل شادلىنار سۆزىدىن
ئۇ
كارۋانلرنىڭ ئىزىدىن
بوستانلرنىڭ قىرىدىن
چۆچەكلەرنىڭ ئىچىدىن
يول ئىزلەيدۇ يېڭىدىن
ئۇ-
ئۇيغۇر قىزى گۈلچېھرى
ئەلنى سۆيگەن ئەل قىزى
گۈل تەڭلەيدۇ ھەر ئىزى
ئەلمۇ مەمنۇن ئۇنىڭدىن
ئۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلرنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ،كۆزلىرىدىن سەبىلىك ۋە سەمىمىلىك
تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ،بالىلرنى قىزىق -قىزىق چۆچەك-ھېكايىلەر بىلەن تەسەۋۋۇر ئالىمىدە پەرۋاز
قىلغۇزسا،يېشىمى چوڭقۇر تېپىشماقلر بىلەن تەپەككۇر دېڭىزىدا ئۈزدۈرگەن، چوپ- چوڭ بولۇپ
كەتسىمۇ بالىلر بىلەن ئويۇن ئوينايدىغان، كىچىك بالىلرنىڭ دوستى گۈلچېھرە
« ئوينايدىغان بال بارمۇ ؟»، «كىچىك دوستلر، ئېيتىڭلرچۇ ئۇ نىمە؟ » دەپ، ئۈسمۈر بالىلرنى
كەينىگە ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ بالىلر دۇنياسىدىن كىشىلىك ھاياتنىڭ رەڭۋاز سەھنىسىگە ئاستا-ئاستا
كىرىپ كەلگەن، ئەمما يۈرىكىگە بالىلردەك سەمىمىيلىك ۋە ئاقكۆڭۈللۈكنى تېڭىپ كەلگەن
گۈلچېھرە.ئۆز غېمىدىن ئەل غېمىنى چوڭ بىلىپ، زالىمنىڭ زۇلمىدىن نەپرەتلىنىپ،رەڭۋازلىقتىن
سەسكىنىپ،سەبىلەرگە ئېچىنىپ، ھەق يول ئۈچۈن مەئىشەتتىن كېچىپ،داۋانلر ئېشىپ، ھۆرلۈك
غايىسى يولىدا ئىزدىنىۋاتقان گۈلچېھرە
رەھىمسىز يىللر نۇرغۇن كەچمىشلەرنى ئۆز باغرىغا كۆمدى
باشقىلر «چوڭ بولمامدىكى بۇ چۆچەكچى قىز »دەيدىغان گۈلچېھرەنىڭ ئۆزىنىڭمۇ مانا بالىلىرى
بولدى، ئىككى قىز، بىر ئۇغۇلغا ئانا بولدى. ئەمما،كۆڭۈل كۆزىدە تازا زەڭ سالسىڭىز ئۇ يەنىل
بالىلىق ھالىتىدە قېتىپ قالغاندەك

unnamed
ئۇ ھازىر 3 پەرزەنتنىڭ ئانىسى . ئۆز ئېلىدىن، تۇغۇلغان تۇپرىقىدىن ئۇزاقتا ،ناتونۇش ئەلنىڭ
قۇچىقىدا -ئامېرىكىدا ياشاۋاتىدۇ. ئەمما ھەر دەقىقە ئائىلىسىنى ،ھەتتا ئالەمنى ۋەتەنگە
ئايلندۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە. بالىلىرىنىڭ دادىسى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر. بالىلىرى ھەر ۋاق ئۇ ئۆز
قولىدا ئەتكەن ئۇيغۇرچە تائاملرنى مەززە قىلىپ يىگەندە،< رەھمەت جېنىم ئاپا، ئاللھقا شۈكۈر،
ئۇيغۇر بالىسى بولۇپ تۇغۇلۇپتۇق، بولمىسا بۇنداق مەززىلىك پولو لەغمەن مانتىلرنى بىلمەي،
يىمەي چوڭ بولتتۇق ھە،> دىيىشىپ كېتىدۇ. دېمەك، ئۇ ھەر يۇتۇم سۇ،ھەر كاپام تاماق بىلەنمۇ
بالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغا ۋەتەن-مىللەت سۆيگۈسىنى سىڭدرۈشكە تىرىشىدۇ …چ*ۈنكى ئۇمۇ شۇنداق
چوڭ بولغان. ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىدىن، ئۆز ئائىلىسىدىن، مىللىتىدىن، مەدەنىيىتىدىن،ئۆزى تەۋە
توپلۇقنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن پەخىرلىنىپ ئۈسۈپ يېتىلگەن .شۇڭا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن-
سىياقىدىن، قىلىقلىرىدىن، گەپ سۆزلىرىدىن ئۇيغۇرلىقى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ . ئويدىكىلىرى، ئۇرۇق
-تۇغقان، يېقىنلىرى ئۇنى<گۇل> دەپ چاقىرىدۇ . ساۋاقداشلىرى، مۇئەللىملىرىمۇ گۈل دەپ
چاقىراتتى. ھازىرغىچە كوپۇنچە ئادەم ئۇنى گۇل دەيدۇ . تەلەپپۇز قىلىش ئوڭايراق بولغاچ
ئامېركىدىكى باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ گۇل دەيدۇ.دېمىسىمۇ ئۇ ئۇيغۇرنىڭ بىر گۈلى ئىدى…
يىللر ئۆتتى .ئۆز ۋاقتىدىكى سەبىيلەر چوپ-چوڭ ئادەم بولۇپ كەتتى.بىزنىڭ گۈلمۇ ھۆسنىگە تولۇپ
ۋايىغا يەتتى .ئەمما، ھەر يۈرەكتە بىر سېغىنىش ئوتى ھېلىمۇ يېلىنجايدۇ…گۈلچېھرە ھازىرمۇ ئاشۇ
بىغۇبار بالىلرنى،ئۇلرنىڭ كۆڭۈللۈك دۇنياسىنى،ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىنى،تەڭرى تېغى ۋە ئۇنىڭ
غۇنچىلىرىنى سېغىنىدۇ

14203196_10210471758495897_826068237926094774_n
ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسىدا 2001 يىلى -11 ئايدا ئۇنىڭ تۇنجى ئاۋازى ياڭرىغاندا، ئۇنىڭ
ئائىلىسىدىن باشلپ بارلىق يېقىن -يورۇقلىرىنىڭ بېشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى
توقماقلىرى تېگىشكە باشلىدى. ۋەتەن تۇپراقلىرىدا تۇنجى ئارخىئۇلۇگ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلىم
كارۋىنىنىڭ ئالدىدا يۈرگەن ھەم بىر ئۆمۈر بۇ يولدا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان دادىسى ئابدۇقەييۇم
خوجا ئەپەندى بىلەن خانىمىنىڭ پاسپورتلىرى مۇسادىرە قىلىندى.ئۇنىڭ ئېكران ھاياتىدىكى بارلىق
خاتىرىلىرى غايىپ بولدى.ھۆرلۈك ئىزدىگۈچىنىڭ ئەتراپى ھۆرسىزلىككە مەھكۇم بولدى.
ئۇنىڭ ئازابلنغان،ئىزتىراب چەككەن، پۇچىلنغان، ئىككىلەنگەن كۈنلىرى بولدى، ئەمما ھېچ
پۇشايمان قىلمىدى.چۈنكى، سۈكۈت ئۆلۆمگە ئەڭ يېقىن .ئۇ ئادالەتسىزلىككە جار سالدى، خەلقنىڭ
ئاۋازى بولدى.ئۇنىڭ روھىيىتى ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىغا ئايلندۇرۇپ بولغان ئىدى. ھازىر ئۇ
ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدەك دۇنيادىكى ئۇيغۇرلرنىڭ بىردىن بىر خەلقئارالىق رادىئو
– تېلىۋېزىيەسىنىڭ ئەڭ پېشقەدەم خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرى، ئالىي دەرىجىلىك مۇخبېرى، تېلىۋېزىيە
رىياسەتچىسى ۋە رېجىسسورى
ئۇ يەنە ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ساھەسىدە تۇنجى ۋە بىردىن بىر ھىجابلىق مۇخبېر رىياسەتچى بولۇپ
قالدى . بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئۆزىدىن ئەڭ پەخىرلىنىدىغان تەرىپى .ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق
دەيدۇ
<كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تۇراقلىشىپ قالغان سىمارىمنى ئۆزگەرتىدىغان بۇ قارارنى ئېلىشىمغا 10
يىللرچە ۋاقىت كەتتى . مەن يېڭىل ھىجابلىق ھالدا تېلىۋىزورغا چىقىشقا باشلىغان، جەمىيەتتە
بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر قايناۋاتقان بىر ئەسنادا داڭدار بىلىم ئادەملىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ
“ ئاپىرىن سىڭلىم، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي باستۇرۇشنى تازا كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، ياغلىقىڭىزغا بىر
بومبىنى يۆگەپ ئاتتىڭىز» دەپ مەدەت بەرگىنىنى ھەرگىز ئۇنتىمايمەن.
مەيلى قايسى جايدىن ئېكراندا كۈرۈنەي، قانداقلىكى سىياقتا كۆرۈنەي، خەلقىم مېنى
سۆيدى،ئىزچىل قوللىدى، ئىلھام بېرىپ كەلدى، ئەلنىڭ سۇيگۇسى ۋۇجۇدۇمنى، قەلبىمنى ئىللىتتى.تا
ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قانداقل جايىغا تېلېفون قىلي، دائىم كىشىلەر ئاۋازىمدىن مېنى
تونۇۋالىدۇ، بۇ مېنى ئۇلردىنمۇ بەكرەك ھاياجانغا سالىدىغىنىنى بىلمەيدۇ، بەلكىم . سۇيۇلگەنلىكنى
ھېس قىلىشتىنمۇ تاتلىق بىر تۇيغۇ يوق دۇنيادا. ئەلدىن روھېي ئوزۇق ئېلىپ كەلدىم،مەن
ئۇيغۇرلىقىمدىن پەخرلىنىمەن. ئاشۇنداق مىننەتسىز سۆيگۈ ئاتا قىلىدىغان، مۇھەببەت- نەپرىتى
ئېنىق، بىراۋ ئازغىنە مېھىر بەرسە پۈتۈن يۇرىكىنى چىقىرىپ بېرىدىغان ئاجايىپ گۈزەل، ئاق كۆڭۈل
بىر خەلقنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن
ئەمدى گۈلنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىش ھىكايىسىغا كېلەيلى، گەپنى يىلتىزىدىن يەنى ئائىلىسىدىن
باشليلى

image
ئۇرۇمچىدىكى بىر زىيالى ئائىلىسىدە 1973 يىلى -6ينىڭ -17 كۇنى بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى. 8
يىل پەرزەنت ئارزۇسىدا تولغانغان ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئاللھدىن بېرىلگەن بۇ نېمەت پۈتۈن جەمەتنى
ئالەمچە سۆيۈندۈردى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ شۇ چاغدا بۇ جەمەت ئىچىدە بىردىن-بىر قىز نەۋرە
ئىدى.ئۇ خېلى يىللرغىچە بۇ جەمەتنىڭ تەنھا ئەركە مەلىكىسى بولۇپ ياشىدى.ئۇزاق ئۆتمەي
ئىنىسى دۇنياغا كەلدى.گەرچە مەلىكىمىز ئەركە چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئىنىسىغا ئاجايىپ كۆيۈمچان
ھەدە بولدى.ئۇ تولىمۇ تەلەيلىك ئىدى .يەنى بىر ئوماق ئىنىسى ۋە تولىمۇ ئىللىق بىر ئائىلىسى بار
ئىدى.شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك يېتىلىشىدە مەرىپەتپەرۋەر، سەنئەتخۇمار، مىللەتپەرۋەر،
مېھرى- مۇھەببەتكە تولغان، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئالاھىدە توھپىكار ئائىلە سانالغان بىرئائىلىدە
دۇنياغا كېلىشى ۋە شۇنداق مۇھىيتتا چوڭ بولىشى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى

unnamed-1

ئۇنىڭ بوۋىسى ئۇيغۇر مۇقامشۇناس كومپوزىتور زىكرى ئالپەتتا ئىدى.ئۆزىنىڭ ئېسىل كىشىلىك
پەزىلىتى ۋە مول كەسپىي بىلىمى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بۇ سەنئەت
پېشىۋاسى ھەر تەرەپتىن گۈلچېھرە ئۈچۈن گىگانت سىما ئىدى.ئۇ مەكتەپكە كىرگەنگە قەدەر نەۋرە
ئاكا- ئىنىلىرى بىلەن بوۋا-مومىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولدى . ئەڭ داڭلىق مۇزىكانتلر، ھەممە ھەۋەس
قىلىدىغان ئارتستلر، چولپانلر ئۇ چوڭ بولغان ئويگە كىرىپ- چىقىپ يۈرىشەتتى . مۇزىكىلىق
مەشرەپلەر بولۇپ تۇراتتى . شۇڭا ئۇ ناخشا- مۇزىكىغا ئالھىدە ئىشتىياق بىلەن چوڭ بولدى
.ئۆيدىمۇ ساز ئۈزۈلمەيتتى، كەچلىك تائامدىن كېيىن بوۋىسىمۇ، دادىسىمۇ بىرەر پەدىدىن
چېلىۋەتمەي ياتمايتتى . ھەممەيلەن يىغىلغانلردا بولسا بايرام كەيپىياتى ئەۋىج ئالتتى. ئەمما
پەقەت بوۋىسىل كەسپىي سەنئەتچى ئىدى. شۇڭلشقىمىكىن، بوۋىسى ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ھەممىدىن
قاۋۇل،مۇكەممەل ئادەمدەك بىلىنەتتى. شۇڭا ئۇنى« يوغان دادا»دەپ چاقىراتتى .بوۋىسىغا ئەگىشىپ
ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ماراپ كۆرۈۋالغانلىرىنى دوراپ، ھېلى شېرىن، ھېلى سەنەم بولۇپ ياسىنىپ
ناخشا ئېيتىپ، ئويناپ بەرسە، بوۋىسى ھەيران قېلىپ كۈلۈپ كېتەتتى. بەزىدە مەسلىگى كېلىپ
قاراپ، كوزلىرىگە ياش ئالتتى. ئۇ كىچىكىدە مومىسىنى<ئاددىي ئۆي ئايالى> دەپ بىلەتتى. پاشا
ئىشان، ماھىنۇر قاسىم دىگەن*دەك كاتتا- كاتتا ئاياللار <سەلىمە ھەدە، سەلىمە خانىم> دەپ
مومىسىنى يوقلپ كەلسە، كىچىك ئاپىلىرى< بۇ ئاپاشلر مومىڭىزدا ئوقىغان ئىكەن>، دەپ پاراڭ
قىلىپ قوياتتى.ئۇ كېيىن بىلدىكى، بېلىدىن پەشتامال چۈشمەيدىغان، بالىلر بېشىنى ئوچاق
ئېتىۋەتسىمۇ بىرەر قېتىم ”ھاي! ”دەپ سىلكىپ قويمايدىغان بۇ موماي ئەسلىدە، 19 ئەسىرنىڭ
بېشىدا تۈركىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن ئىلىغا ئەڭ دەسلەپ يېڭى مائارىپنى ئېلىپ
كىرگەن مەرىپەتپەرۋەر، تونۇلغان 10 ئەپەندىمنىڭ بىرى بولغان، ئىلى تەۋەسىدە ئابدۇلل تارىخ
نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئابدۇلل غوجامبىر ھاجى ئوغلى يەنى مەشھۇر مەمەت ئابدۇلل
ئەپەندىنىڭ قىزى ئىدى(ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ<قەشقەر تارىخى>،<ئۇيغۇر تارىخى>،<ئىلى
تارىخى> دىگەن كىتاپلرنى يازغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ،لېكىن، ئالدىنقى ئىككىسى قوليازما ھالىتىدە
يۈتۈپ كەتكەن). ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى، دادىسى ئابدۇلل غوجامبىر ھاجى ئەپەندى قورغاس
مازارغا سالغان تۇنجى ئىلمىي مەكتەپ بولغان >ئۇمىد< مەكتىۋىدە قىزلرغا ئىلمىي نۇجۇم،
ئالگېبىرالردىن دەرس بەرگەن ئىدى . دىمىسىمۇ مومىسى سەلىمە ئابدۇلل ئاجايىپ ئەقىللىق،
بىلىملىك ئايال ئىدى،تولۇقسىز ئوتتۇرىدا گۈلچېھرە يېشەلمىگەن ئالگىبىرا مەسىلىلىرىنى يېشىپ
بېرەتتى . ئەمما، ئۆزى توغرىلىق ھېچ ماختانمايتتى
دادىسى ئابدۇقېيۇم غۇجا ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيدا ئارخىولوگ ئىدى،ئويىمۇ شۇ مۇزىينىڭ
ئارقىسىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسىدا ئىدى.گۈلچېھرەنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۇك چاغلىرى مۇزېيدىكى
ئۇيغۇرلرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ ئادىتىگە دائىر كۆرگەزمىلەرنى خالىغانچە كېزىپ ئوتتى
.ئۇ مۇزېينىڭ كۆرگەزمە زالىدىكى ھەر بىر ئاسارە- ئەتىقىنى يادقا دىگۈدەك
بىلەتتى.تارىخ،ئارخىئۇلوگىيە،مەدەنىيەت،سەنئەت پېشىۋالىرى مۇجەسسەملەنگەن،كىشىلىك
ھاياتنىڭ ھەربىر قاتلىمىغىچە چۈشىنىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بۇنداق جەمەت قوينىدا
يېتىلىش ھەركىمگە نېسىپ بولىۋېرىدىغان تەلەي ئەمەستە! مۇھەببەت، سەنئەت، مەدەنىيەت بىلەن
يۇغۇرۇلغان بۇ ئائىلە تەربىيىسى ئۇنى ئاستا- ئاستا ئۇيغۇرلىقىدىن، ۋەتىنىدىن، ئەجدادلرىدىن
ئالەمچە پەخىرلىنىدىغان ،تولۇپ- تاشقان ئىشەنچ ،غۇرۇرغا ئىگە قىلىپ ئۈستۈردى. ئۇ كۇلۇپل
تۇرىدىغان،سەنئەت خۇمار، ت*النتلىق، ئىرادىلىك، قىزغىن،ئاجايىپ خىيالچان، ھىسىياتچان،
تەسەۋۋۇرغا باي بىر قىز ئىدى
ئۇ سەنئەت جەھەتتە تۇغما تالنتلىق ئىدى
بوۋىسى گۈلچېھرەنى قولىدىن يېتىلەپ 1980 -يىلى -9 ئاينىڭ-1 كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20
-باشلنغۇچ مەكتەپكە بەردى. مەكتەپكە كىرىپل ئۇنىڭ سەنئەت ئالھىدىلىكى كۆزگە كورۇنۇشكە
باشلىدى. باشلنغۇچ مەكتەپتىن تارتىپل مەكتەپنىڭ ئۇسۇلچىسى بولۇپ قالدى.ئۇيغۇر ئاپتونۇم
رايۇنلۇق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندە، سىنىپ مۇدېرى تۇراپ دائىم مۇئەللىم ئۇنىڭ
ئاۋازىنىڭ جاراڭىقلىقىنى بايقاپ، دەرسلىكتىكى شېئىر -نەسىرلەرنى ئۇنىڭغا ئوقۇتۇدىغان بولدى. بۇ
خىل ئوقۇش جەريانلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىغا ئوت ياقتى. تۇنجى نەسىرى «مېنىڭ چولپان
يۇلتۇزۇم »تولۇقسىز -2 يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ”شىنجاڭ گېزىتى“دە ئېلن قىلىندى. ئۇ
مەكتەپتىكى ”غۇنچە ئەدەبىيات كۇرژۇكى“نىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن ئىدى .كېيىنچە ھەتتا كۇرژۇكقا
رەئىسمۇ بولدى.گەرچە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىزچىل ئۇنى سەنئەت مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلر
ئۇسسۇل سىنىپىغا تاللىسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ قوشۇلماسلىقى سەۋەبىدىن رەت قىلتتى.بۇنىڭ ئەسلى
سەۋەبى بوۋىسى زىكرى ئەلپەتتانىڭ گۈلچېھرەنى داۋاملىق ئوقۇسۇن، دىگەن ۋەسىيىتى ئىدى.پۈتۈن
ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا ئاتىغان بۇ ئەلسۆيەر بوۋاي نەۋرىسىنىڭ ئىلىمنىڭ
ئۆزگە شاخلىرىدىنمۇ مېۋە ئۈزۈشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.بەلكىم ئۇ، بۇ ئوماق نەۋرىسىنىڭ
ۋۇجۇدىدىن باشقىلر ھېس قىلمىغان تالنتنى كۆرگەندۇر… يىللر ئۆتكەندىن كېيىن، گۈلچېھرە بۇنىڭ
دانالرچە قارار بولغانلىقىنى رېئال ھاياتى ئارقىلىق ھېس قىلدى
لېكىن قىزىق يېرى، بوۋىسى ھېچقاچان ئۇنىڭ ھەۋىسىنى توسىمىغان ،ھەتتا ئۆزى ناخشىلرنى
ئۆگەتكەن، ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ بەرگەن ئىدى. شۇڭىمۇ ئۇ، سەنئەت تالنتى بىلەن
باشلنغۇچ مەكتەپلەردىن تارتىپ ھەر تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلر سەنئەت فېستۋال پائالىيەتلىرىدە، چوڭ
-كىچىك سەھنىلەردە، تېلىۋىزىيە سەنئەت پائالىيەتلىرىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ يېتىشتى. تۇنجى قېتىم
شىنجاڭ تېلىۋېزىيىسى ئورۇنلشتۇرغان سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە ئۇسسۇل، دېكلماتسىيە، خور تۈرلىرى
بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇغۇچىلر سەنئەت
فېستىۋاللىرىدا “ قارا كۆزۈڭ“ ،“ گۈلگە قونغان كېپىنەك“ ئۇسۇللىرى بىلەن بىرىنچىلىكنى ئالدى.
گۈلچېھرە ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، دادىسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە تۇتۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
تەلىپى بىلەن قولىغا قەلەم ئالدى.تەدرىجى قەلىمى پىشىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ -2 يىللىقىدا
<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>گە تاللنغان بالىلر ئەسەرلىرى قاتارىدا « مېنىڭ چولپان يۇلتۇزۇم »
ناملىق نەسىرى ئېلن قىلىنىپ، كىچىك يازغۇچى بولۇپ قالدى، دېكلماتسىيە ۋە يېزىقچىلىق
مۇسابىقىلىرىگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ مۇكاپاتلر ئالدى

unnamed-2
گۈلچېھرە تولۇق ئوتتۇرىنى نەتىجىلىك تاماملپ-1991يىلدىن 1996 – يىلىغىچە شىنجاڭ
پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇدى . ئۇنۋېرسىتېتقا كىرىپل، بىرىنچى
قېتىملىق سەنئەت كۆرىكىدە بىرىنچى بولۇپ باھالىنىپ كۆزگە كورۇنۇشكە باشلىدى . بىرىنچى
يىللىقتىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئوتكۈزىلىدىغان سەنئەت
كۆرىكىدە <باغۋەن قىز>دىگەن ئۇسسۇلى بىلەن -1 دەرىجىلىك باھالىنىپ، كېيىن يەنە
مەملىكەتلىك كۆرەككە تاللندى. 1992-يىلى نويابىردا ياپونىيە پايتەختى توكيودا
ئۆتكۈزۈلگەن -7 -نۆۋەتلىك خەلقارا مىللىي ئۇسسۇل فېستىۋالىغا مەملىكەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى
ئۇنۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتتنىشىپ، ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىپ كەلدى ۋە بىردىنل
پۈتۈن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇلتۇزى بولۇپ قالدى . ئۇ چاغلردا گۈلچېھرە چەتئەلگە مۇسابىقىگە
چىققان بىردىن بىر ستۇدېنت ئىدى . <شىنجاڭ ياشلىرى> ژورنىلى مەخسۇس مۇقاۋىسىدا ئۇنىڭ
سۈرىتىنى چىقىرىپ، «ئۇسسۇلنىڭمۇ پەرۋانىسى بار » دىگەن ماقالە بىلەن تونۇشتۇردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنە ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ سەنئەت فېستىۋالىدا
ئەڭ ياخشى ئورۇنلش مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولدى. تېلىۋېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت بوستانى،
گۈلدەستە،نورۇز كېچىلىكلىرىدە نومۇر ئورۇنلىغاندىن باشقا 1995-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق
رادىئۇ-تېلىۋېزىيىسىنىڭ نورۇز سەنئەت كېچىلىكىگە تۇنجى قېتىم تەكلىپلىك رىئاسەتچى بولدى ۋە
شۇندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭدا تېلىۋېزىيە ساھەسىگە قىزىقىش باشلندى. پاتىگۇل سەئىدى، گۇلشەن
ئابدۇرېھىمدەك پېشقەدەم دېكتورلرنى ئۇستاز تۇتتى،«كۆركەم تەڭرى تاغلىرى، ئەي نادان »
قاتارلىق بىر قانچە MTV دە رول ئالدى.1996 – يىلى باكلۋورلۇقنى ئېلىپ ئوقۇش پۇتتۇرگەندە، مەكتەپ ئۇنى ئېلىپ قالماقچى بولدى.
ئەمما، ئۇ ئوزى تېلىۋېزىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىشنى خاليدىغانلىقىنى، ئۆز تالنتىنى جارى
قىلدۇرۇش پۇرسىتى بېرىشنى سوراپ، تەكلىپنى چىرايلىق رەت قىلدى
ھالبۇكى،ئۇنىڭ تېلىۋىزىيە چۈشى ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئاسان بولمىدى، بۇ يەردە كىچىككىنە بىر
قىستۇرمىنى دىققىتىڭلرغا سۇنىمىز
گۈلچېھرە 1996 -يىلى -7 ئايدا شۇ چاغدىكى پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلر ئىشخانىسى
مۇدېرى يالقۇن مۇئەللىمنىڭ ھەمراھلىقىدا، زور ئىشەنچ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رادىو-
تېلىۋېزىيە باش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش بۆلۈمىگە كىرىپ كېلىدۇ. ئىشخانىدا رېن
فامىلىلىك قاپىقى يامان، ئىگىز بويلۇق 40 ياشلر چامىسدىكى بىر ئايال ، نېمىگە كەلدىڭلر؟
دىگەندەك ئۈن-تىنسىز بېقىپ تۇرىدۇ.بۇ چاغدا يالقۇن مۇئەللىم بىراز ھاياجانلنغان ھالدا < بۇ
بىزنىڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئەلچى ئوقۇغۇچىسى گۇلچېھرە،بىز ئۇنى ئەسلى بەش
يىلدىن بېرى مەكتەپكە ئېلىپ قالىمىز، دەپ تەربىيىلىگەن. ئەمما، ئۆزى تېلىۋىزىيەگە قىزىقىمەن،
دېدى. ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ئېلىپ كېلىشىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىن تارتىپل
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تېلىۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ كەلگەن . مەكتەپ
رەھبەرلىكىمۇ بۇ ئىختىساسلىق تالنتلىق ئوقۇغۇچىمىزنىڭ سىلەرنىڭ ساھەدە نەتجە يارىتىشىغا
ئىشىنىمىز> دەپل گۈلچېھرەگە، قولىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى، باكلۋرلىق گۇۋاھنامىلىرىنى
ئۇنىڭغا بېرىشنى شەرەت قىلىدۇ . گۈلچېھرەمۇ تەييارلىۋالغان ئاپتونۇم رايون، مەملىكەت، ھەتتا
خەلقارالىق سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە ئېرىشكەن بارلىق گۇۋاھنامە،ئىسپاتلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىلىگە
قويىدۇ ۋە ھاياجان، ھودۇقۇش ، تارتىنىش ئارىلشقان ئىشەنچ بىلەن جاۋاپ كۈتىدۇ. ئەپسۇس، رېن
فامىلىلىك خىتاينىڭ < بىزگە بۇ يىل ئىدارىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىدىن باشقا ئادەم ئېلىش سانى
بەرمىدى. ئۇنداق پىلنىمىز يوق!> دىگەن قوپال سۆزى ئۇنى بېشىدىن سوغۇق سۇ قۇيغاندەك
ئەندىكتۈرۈپ، تېڭىرقاپ تۇرغان دەقىقىدە، خىتاي ئايالنىڭ قولىدىكى كىنىشكا-دېپلوملرنى
ئۈستەلنىڭ بۇ تەرىپىگە پىرقىرىتىپ ئېتىشى گۈلچېھرەنى ئاجايىپ خورلۇق ھېس قىلدۇرۇپ ،سەبىر
قاچىسىنى پارە-پارە قىلىدۇ. < 16يىل ئوقۇپ، جاپا تارتىپ ئالغان بۇ كىنىشكىلەر بىر قاراشقىمۇ
ئەرزىمەيدىغان نەرسە بولسا، ماڭىمۇ كېرەك ئەمەس>دېگىنىچە كىنىشكىلەرنى زەردە بىلەن ئۇنىڭ
ئالدىغا ياندۇرۇپ ئاتىدۇ-دە، ئىشىكتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدۇ… ئەتىسى مەكتەپ مۇدىرى
ئۇنى ئىشخانىسىگە چاقىرتىدۇ . يالقۇن مۇئەللىم ، مەكتەپ مۇدىرى ئابلەت ۋە ۋاڭ فامىلىلىك
مەكتەپ پارتكوم سېكرىتارى ئۇنىڭ ئالدىراقسانلىق ۋە ئەدەبسىزلىك قىلغىنىنى بىرەر قۇر تەنقىدلەپ،
رادىئو- تېلىۋېزىيە باش ئىدارىسى باشلىقىدىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى، ئۇنى ئشخانىسىگە
چاقىرتقانلىقىنى، دەرھال بېرىپ كەچۇرۇم سورىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئاگاھلندۇرىدۇ . گەرچە ئۇ،
كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى ئوقۇتقۇچىلىرىغا يۈز كېلەلمەي، نائىلج، رادىئۇ-
تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا بارىدۇ

unnamed-3

ئويلىمىغان يەردىن، رادىئو -تېلىۋېزىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز ئابدۇرېھىم ئەپەندى
كۈزەينىكىنى بىر ئاز تۆۋەن چۈشۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىنچىكىلەپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، ناھايىتى ئېغىر-
بېسق، ئەمما، سەل گۇمانلىنىۋاتقاندەك ئاۋازدا < بىزنىڭ رېن جۇرېننىڭ يۈزىگە كىنىشكە ئاتقان قىز
سىزمۇ ؟ > دەپ سورايدۇ،<ھە مەن، لېكىن يۈزىگە ئاتمىدىم. ئۇ نەگە ئاتقان بولسا مەنمۇ شۇ يەرگە
ئاتتىم > دەيدۇ گۈلچېھرە تەمكىنلىك بىلەن. <رېن جۇرېن سىزنىڭ كەچۇرۇم سورىشىڭىزنى تەلەپ
قىلىپ، ئەرز قىلىپ كىرىپتۇ. يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىپتىكەن، مەن تېخى يۈزىگە ئاتقان ئوخشايدۇ،
دەپ ئويلپتىمەن> دەيدۇ چىرايىدا بىر خىل قىزىقىش ئىپادىلەنگەن ھالدا .بۇ ھال گۈلچېھرەنى بىرئاز
تەئەججۈپلەندۈرسىمۇ، ئەمما، چاندۇرمايدۇ ۋە < ئاۋال ئۇ ماڭا ئاتقاندىكىن، ئۇ ئاۋال سورىسۇن،
ئاندىن، مەن سوراي، چۈنكى، ئۇ مېنىڭ 16 يىل تىرىشىپ ئالغان كىنىشكىلىرىم ئىدى. ئۇ كۈزگە
ئىلمىغاننى ئاز دەپ، ئالدىمغا ئېتىۋەتتى. مەن شۇنچىلىك كۆپ ئارزۇ ئارمانلر بىلەن بۇ يەرگە ….>
دەپ كېلىپ يىغلىۋېتىدۇ.
ئابلىز ئاكا ئۇنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىنى كۈتۈپ، ئاندىن قىزىققان قىياپەتتە بىر نەزەر تاشلپ
بولغاندىن كېيىن، كىمنىڭ قىزىسىز؟ دەپ سورايدۇ . بۇ سوئال گۈلچېھرەنى بىراز ئەندىشىگە سالىدۇ
.چۈنكى، ئۇنىڭ بۇ يەرگە خىزمەت ئىزدەپ كەلگىنىدىن دادىسى خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ ئىچىدە<
دادامغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردىم>، دەپ ئويلپ ئەنسىرەيدۇ. ئەمما، <ئابدۇقەييۇم خوجا>
دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللر ئۇنى باشقىچە ھېسلرغا چۆمدۈرىدۇ. ئابلىز
ئەپەندى كىتاپ ئىشكابىدىن« مايتېرى سېمىت »، « قەدىمىي ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن
تالللنما »، « غەربىي يۇرت ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت » ناملىق 3 كىتابنى ئېلىپ،<دادىڭىزغا دەپ
قويۇڭ، بۇ كىتاپلر ئۇنىڭ بويى بىلەن تەڭ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز …>دەيدۇ ۋە ئارقىدىن <سىز
دادىڭىزنىڭ قىممەتلىك بىر تال قىزىغۇ>، دەپ ئەسكەرتىپ قويىدۇ .
ئۇ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن<ئەگەر سىزنى تېلىۋىزىيە ئىستانسىغا خىزمەتكە ئالساق نىمە
قىلليسىز، بۇ يەرگە كېلىشتە بىرەر پىلنىڭىز بارمۇ ؟ ئاڭلپ كۈرەي>دەپ سورايدۇ .شۇندىل گۈلچېھرە
جانلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرىنى ئوتتۇرىغا تۆكىدۇ…
ئابلىز ئاكا ئۇنىڭ گەپلىرىنى ھەۋەس بىلەن ئاڭلپ ۋە ئارىلپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ سۆزلىشىگە
رىغبەت بېرىدۇ . بىرەر سائەتتەك سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇ بىر پارچە قەغەزگە قىسقىچە بىر نىمىلەرنى
يېزىپ“ بۇنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنڭ سەنئەت بولىمىگە بېرىپ بۆلۈم
باشلىقى خۇرشىدە غۇپورغا تاپشۇرۇڭ ”، دەيدۇ ۋە ئارقىدىن “ ئاشۇ كىنىشكىنى ئاتمىغان بولسىڭىز بۇ
خىياللىرىڭىزنى بىلدۈرۈش پۇرسىتىمۇ بولمايتتى قىزىم . خاتىرجەم ئىشىڭىزنى باشلاڭ ”دەپ قوشۇپ
قويىدۇ
شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇندىن كۆرۈۋاتقان چۈش رېئاللىققا ئايلىنىدۇ
تېلىۋىزىيە خىزمىتى بولۇپمۇ، رىياسەتچىلىك ، رېژىسسورلىق ئۇنۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە
بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما، ئېنىق ئۆلچىمى يوق. كۆرگۈچىلەرنىڭ، دەۋرنىڭ تەلىۋىگە
ماسلىشىپ، ئېكراندا ئۆزگىچە ئوبراز خاسلىقىنى نامايەن قىللىغان داڭلىق رىياسەتچى بوليدۇ
.گۈلچېھرە تېلېۋىزىيە ساھەسىگە قەدەم تاشلىغان مەزگىل دەل تىل ئىشلىتىشكە، ئۇسلوب يارىتىشقا
ماھىرلر تېلىۋىزىيە ساھەسىدە كۆزگە كۈرۈنىۋاتقان پەيت ئىدى.ئېقىم ۋە ئۇسلوبتا دورامچىلىق قىلغان
رىياسەتچى مەغلۇپ بولتتى.ئۇ ئىزدىنىپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى كىچىك قىزنى ئويغاتتى.
خاسلىقىنى تېپىۋالدى. ئۇ بالىلرنىڭ ئارزۇسىنى ئېقىم؛ تەبىئىيلىكىنى ئۇسلوب قىلدى ۋە غەلىبە
قازاندى .ئۇ دەسلەپ 3 ئاي تىرىشىپ ئۆگەندى، 10-ئايدا بىرقانچە ياش ،ئىجادچان
كەسپداشلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشىدا ئۈسمۈر بالىلر ئۈچۈن ھەپتىدە بىر تارقىتىلىدىغان ”تەڭرىتاغ
غۇنچىلىرى پروگراممىسى“نى رىياسەتچىلىكى، فىلىم ئاپتورلۇقى، فىلىم رېجىسسورلۇقىدىن ئىبارەت
كۆپ خىل ۋەزىپىنى بىرل ۋاقىتتا ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەپ، يورۇققا چىقاردى. بۇ پروگرامما
دەسلەپتىل ئىنتايىن قىزغىن ئالقىش، يۇقۇرى باھالرغا سازاۋەر بولدى . بالىلر ئەدەبىياتى، بالىلر
مۇزىكىلىرى، بالىلر تەربىيە خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن ئىجدىھادلىق ئۇستازلردىن ئۆگەندى.
ئۇلرنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قۇلق سالدى.خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ،كىلسسىك ئەسەرلەرنى بېرىلىپ
ئۆگىنىپ، يېڭىچە بىر بالىلر پروگراممىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشتى. خەلق ئېغىز
ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلەر ئىچىدىن تاللنغان چۆچەك، مەسەللەر بالىلرنىڭل ئەمەس، ئاتا- ئانىلر
ۋە ئوقۇتقۇچىلرنىڭمۇ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .بالىلردىن توختىماي خەت كېلىشكە باشلىدى .
بۇ جەرياندا ئۇنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمۇ بولدى.، بىر كۈنى ئۇ دوستلىرىنىڭ « چېچىڭنى
قىسقا كېسىۋەتسەڭ تېخىمۇ كىچىك، ئوماق بولۇپ كېتىسەن » دىگەن سۆزىگە كىرىپ، چېچىنى
كېسىۋېتىدۇ .كۈتۈلمىگەن يەردىن، دادىسىنىڭ « سىزنى بۇنداق يەڭگىلتەكلىك قىلىدۇ دەپ
ئويلىماپتىمەن، مۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىز بىر قارارنى قانداق ئالدىڭىز ،كىمدىن سوراپ ئالدىڭىز، سىز
سىزگىل مەنسۇپ ئەمەس؛ سىزنىڭ چېچىڭىزمۇ سىزنىڭل ئەمەس كۆرگۈچىلەرنىڭ، سىزگە
ئەگىشىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چېچى. ئۇلرمۇ دوراپ چېچىنى كەسسۇنمۇ؟ سىزنىڭ چېچىڭىز <
ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق چاچ قويىدۇ، بېشىغا دوپپا كىيىدۇ> دەپ قىزلىرىنى تەربىيىلەۋاتقان ئاتا-
ئانىلرنىڭ، مىللەتنىڭ چېچى.، بۇ بىر ئوبراز. ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئوبرازىنى بۇزۇشقا نېمە ھەددىڭىز ؟ھەر
بىر ئىش ھەركىتىڭىزگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىڭ …» دىگەن ئاچچىق تەنبىھىگە ئۇچرايدۇ .ئۇ قىسقا
چېچى بىلەن پروگراممىغا چىقىپ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلپ، تەنقىد خەتلىرى يېغىپ كېتىدۇ،
ھەتتا، ئىستانسا باشلىقىمۇ چاقىرتىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىدۇ . گۈلچېھرە
دادىسىنىڭ دانالىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىدۇ. . ئۇ كېيىنكى قىسىم پروگراممىدا بازاردىن يالغان
چاچ سېتىۋېلىپ، چاندۇرماي ئۇنى ئىككى ئۆرۈمە قىلىپ ئۆرۈپ بېشىغا كىيىپ،بۇرۇنقى سىياقىغا
كېلىپ، ئوبرازىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ئەمما، بالىلر قىززىقچىلىق قىلىپ خەتلىرىدە < گۈلچېھرە ھەدە
زادى قىسقا چېچىڭىز يالغانمۇ ياكى ئۇزۇنىمۇ؟> دەپ سورىشىدۇ
نازارەتنىڭ يىلىق باھالىشىدا نازارەت ۋە ئىستانسا باشلىقلىرى ئالھىدە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ،
مۇشۇنداق تالنتلىق، ئىقتىساس ئىگىلىرىنى كۆپەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ،
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تۇنجى تېلىۋېزىيە رىياسەتچىسى بولۇپ قالىدۇ ۋە <تارىم
غۇنچىلىرى> ژورنىلىدا تونۇشتۇرىلىدۇ. شىنجاڭ تېلىۋېزىيىسىدە قوش تىلدا >ئا دەرىجىلىك<
رىياسەتچى بولۇپ، تېلىۋېزىيە رېجىسسورلىقىغا كۆتۈرۈلىدۇ . ئۇستاز رېجىسسورلردىن كەمتەرلىك
بىلەن تەلىم ئېلىپ كۈندىن-كۈنگە پىشىپ-يېتىلىدۇ ۋە پروگراممىلرغا، چوڭ تىپتىكى كېچىلىكلەرگە
رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھەتتا، ئۆز ئالدىغا فىلىم ئىشلىگۇچى ھەم فىلىم رېجىسسورى بولۇپ نۇرغۇن
فىلىملەرنى ئىشلەيدۇ. . خىتايچە تىلى بىر قەدەر ياخشى بولغاچقا خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن
ئىستانسىنىڭ ھەمكارلشقان فىلىم ۋە كېچىلىكلىرىگە، مەركىزى تېلىۋېزىيىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى
بىرلەشمە فىلىم ۋە كېچىلىكلىرىگىمۇ تەكلىپ بىلەن ئىشلەپ، كەڭ دائىرىدە تونىلىدۇ.
بالىلر بايرىمى كېچىلىكى ئۈچۈن رىياسەتچىلىك قىلىپ ئىشلىگەن پروگراممىلىرى توت يىل ئۇدا
مەملىكەتلىك “ تۇلپار“ مۇكاپاتىغا،ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىنى
باھالشلردا <نادىر فىلىم> مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىدۇ. بۇ يەردە بۇ خىل نەتىجىلەرنىڭ ھەممىنى
بىرمۇبىر كۆرسىتىش ھاجەتسىز

unnamed-5
رېجىسسورلر ئۇنىڭ ئاكتىيورلۇقتىكى تالنتىنى كۆرۈپ كىنولرغا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئۇ <ماھىرەنىڭ
ھەسرىتى>، <تۆمۈر ئاتلىقلر> دىگەندەك قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىملىرىدە رول ئالىدۇ .
ئېتىبارغا ئېلىنغانسېرى، كۆزگە كۆرۈنگەنسېرى گۈلچېھرەنىڭ يولى راۋانلشتى،ئۇيغۇرلر ئارىسىدىل
ئەمەس، خىتاي ئۆلىكىلەرنىڭ تېلىۋېزىيىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلرغا ۋەكىل بولۇپ رىاسەتچىلىك قىلدى .
مەركىزى تېلىۋېزىيىسىنىڭ مىللەتلەر مەدىنىيىتىگە، دېھقانچىلىققا ئائىت مەخسۇس سەھىپىلىرىگە
رىئاسەتچى،مۇخبىر بولۇپ قاتناشتى
خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ -شىمالىدىكى ھەر بىر يېزا -مەھەللە،
ئۆتەڭلەرگىچە بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيىتى، ئۈرۈپ- ئادەتلىرى، رېئال ھاياتى بىلەن
ئۇچرۇشۇپ ئۆزىنى ۋە خەلقىنى چۈشىنىش،تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇ ئارىدا ھەتتا بىڭتۇەن
مەيدانلىرى،خىتاي شەھەرلىرىگىمۇ بېرىش پۇرسەتلىرى بولدى. زىيارەت جەريانى ئۇنىڭغا نۇرغۇن
پىكىرلەرنى،سېلىشتۇرمىلرنى ، مۇلھىزىلەرنى بەخش ئەتتى.ھاكىمىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆزى ئارقىلىق
خەلققە سۇنىۋاتقان ساختا تەشۋىقاتلىرى بىلەن رېئاللىقنىڭ تۈپتىن قارىمۇقارشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر
ھېس قىلىدۇ. ئەمما، مەۋجۇت شارائىتتا ئۇ سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر ئىدى.يۈرىكىدە بولسا بىر
ئىسيان،ۋىجدان چۇقانى ئۇنى توختىماي قىينايتتى… 1990- يىللرنىڭ ئاخىرى ئىلى ۋەقەسى، دېڭ شىاۋپىڭنىڭ ئۆلىمى، فالۇنگوڭنى باستۇرۇش دىگەندەك چوڭ -چوڭ سىياسىي ۋەقەلىكلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى.رادىئۇ-تېلېۋىزىيە
ئىدارىسىمۇ ئالھىدە سەزگۈرلەشتى.ھەرۋاقىت رەھبەرلىك تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ كومپارتىيىنىڭ
بوغۇزى ئىكەنلىكى، رادىئو تېلىۋىزىيە خىزمىتى – -پارتىيىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئىكەنلىكى ۋە
ھەركىمنىڭ شەرتسىز ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيتتى. ئەلۋەتتە
بالىلر پروگراممىسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.1996 -يىلى خوڭكوڭ خۇايۇ تېلىۋېزىيىسىىنىڭ زەربىدارلار سەھىپىسىگە تەكلىپ قىلىندى ۋە 12 قىسىم فىلىمگە خىتايچە رىئاسەتچلىك قىلدى. بۇ جەرياندىمۇ خىتاي تېلىۋېزىيىدىكى ئەركىنلىك بىلەن
ئۇيغۇر دىيارىدىكى چەكلىمىلەرنى ، ئادالەتسىزلىكنى ھەر جەھەتتىكى ئىمتىيازلردىكى ئاسمان-
زىمىن پەرقلەرنى پەرق ئېتىش،سېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە نائىل بولىدۇ.
شۇ يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق رادىئۇ-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى خەۋەر بۆلۈمى بىلەن شەندوڭ
ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىرلىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلرغا تۇتىۋاتقان رەزىل سىياسىتىنى
پەردازلپ كۆرسەتكەن «شەندوڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان ياردەملىرى» دىگەن تېمىدا 10
قىسىملىق پروگرامما ئىشلەيدۇ.بۇنىڭ مەخسۇس بىر قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىڭداۋ شەھرىدىكى
2-ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلغان >شىنجاڭ سىنىپى< ھەققىدە ئىدى.بۇ فىلىم، ئەينى چاغدىكى
خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارىخور ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ پىلنى ۋە تەلىۋى
بىلەن ئىشلەنگەن ئىدى.گۈلچېھرەمۇ بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە ئىشتىراك قىلىدۇ ھەم بىر ئايدەك فىلىم
ئىشلەش جەريانىدا بۇ يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتنىڭ رەزىل مەقسەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلپ
تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدە >خەلقىمنىڭ مۇھەببىتىنى سۈيئىسىمال قىلىپ،
ھەقىقەتنى ھىمايە قىلماستىن، ئۇنى بۇرمىلپ مىللەتنىڭ، ئەۋلتلرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئاسىيلىق
قىلىۋاتامدىم ؟! دىگەن بىر ئاچچىق سوئال، بىر نارازىلىق، بىر بۇرۇختۇملۇق پەيدا بولۇپ، ئۇنى
قىيناشقا باشليدۇ.
دەل شۇ پەيتلەردە، يەنى شەندوڭدىن كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيل،گۈلچېھرەگە چەتئەلگە قىسقا
مۇددەتلىك ساياھەتكە چىقىش پۇرسىتى نېسىپ بولىدۇ. مېڭىش ئالدىدا ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ چوقۇم
قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى تەكرار-تەكرار تەكىتلەشلىرى بىلەن ۋەدىنامىلەرگە قول قويۇپ، ئاخىرى
ئوڭۇشلۇق چېگرادىن چىقىپ ئەركىن دۇنياغا پەرۋاز قىلىدۇ.ئۇ شۇنى بىلەتتىكى ،بېشىدىن كەچۈرگەن
رېئاللىق ئۇنىڭغا ئاللىقاچان كېيىنكى مەنزىلىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى.بۇ قېتىمقى سەپەر ئۇنىڭغا
ئەنە شۇ غايىسىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى بەخش ئەتكەن ئىدى…
ئۇ چەتئەلگە چىقىپل، ۋەتەندە چال- پۇچۇق ئاڭلپ قالىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى تۇنجى
قېتىم تولۇق ۋە ئېنىق ئاڭلشقا مۇيەسسەر بولدى. تۇنجى ئاڭلىغان كۈنى ئۇ ئۇزۇنغىچە بوغۇلۇپ-
بوغۇلۇپ يىغلىدى، ھەتتا ئاۋازلىرى پۈتۈپ قالدى… چۈنكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ
مىيونخېندىكى بىر نامايىشىدا « ئۇيغۇرلرغا ئەركىنلىك ! خىتايلر ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن!<
دىگەن جەڭگىۋار ئاۋازلر يۈرىكىنى ھاياجانغا سالسا، لەپىلدىگەن كۆك بايراقلر قانلىرىنى
دولقۇنلتقان ئىدى …
سىرتقى دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن يېپ-يېڭى تۇيۇلدى.ئۇ كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ توختىماي
خەۋەرلەرنى، ئۇچۇرلرنى ئىزدەپ ئوقۇدى، ھەيران بولدى،تەسىرلەندى،ھاياجانلندى.كوپكۈك ئاي
يۇلتۇزلۇق بايراقنى نامايىشچىلر قولىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى . ئۆزىنى شۇ بايراقنى تۇتقان
كەبى تەسەۋۋۇر قىلدى، قانلىرى دولقۇنلندى…ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ تامامەن باشقىچە بىر ئادەمگە
ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.يۈرىكى ۋەتەنگە تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما، ئەمدى ئۇنداق
ساختا ھايات ئىچىدە ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىللمايتتى.قايتا بېرىپ ئىشىنى داۋاملشتۇرسا، ئۆزىنى
ئەۋلتلر ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھ سادىر قىلىدىغاندەك سەزدى.ئۇنىڭ تۇيغۇلىرى ئۇنىڭغا:بۇندىن
كېيىنكى مەنزىلىنىڭ مۇشۇ يەردە —ھۆر دۇنيادا باشلىنىدىغانلىقىنى پىچىرليتتى.
ئازاپلىق ،تەكرار-تەكرار ئويلىنىشلردىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى مۇشۇ تۇپراقتا قېلىشنى قارار قىلدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇراليدىغانلىقىغا
ئىشىنەتتى.ئەمما، بۇ ئارزۇ قىلىش بىلەنل پۈتىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇزاق تېڭىرقاشتىن كېيىن،
ئۇئاخىرى بارلىق جۇرئىتىنى يىغىپ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋە قۇرغۇچىسى
دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئەپەندىگە تېلىفون قىلدى .ئىشلر ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ تېز بولدى.ئۇنىڭ
كەسپى ئىقتىدارىنى ياخشى بىلگەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى رەھبەرلىكى، ئۇنى ئىنتايىن خوشاللىق
بىلەن تېزلىكتە قوبۇل قىلىپ، ئېلىپ كەلدى .بىرىنچى قول دېرىكتور شۇ چاغدا >ئەركى*ن ئاسىيا
رادىئوسىغا خۇش كەلدىڭىز، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى سىزگە ئوخشاش ئەركىنلىككە
تەلپۈنگەنلەرنىڭ رادىئوسى، جۈرئىتىڭىزگە بارىكاللا، بىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داڭلىق
تەشۋىقاتچىسىنى ئۆزىگە قارشى ئىشلىتەلىگىنىمىزدىن چەكسىز خوشالمىز،بۇ دېمۇكىراتىيىنىڭ
كوممۇنىزىم ئۈستىدىكى غەلىبىسى، ئەركىنلىكنىڭ غەلىبىسى< دىگەن ئىدى .ھەتتا
دادىسىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان گۈلچېھرەنىڭ بۇ قارارىنى دادىسى ئابدۇقەييۇم خوجا
ئەپەندىمۇ كېيىنرەك بىلدى. چۈنكى، گۈلچېھرە شۇنى بىلەتتىكى،ناۋادا دادىسى بىلەن تېلېفوندا
سۆزلەشسە، ئۆزى ئۈچۈن تولىمۇ سۆيۈملۈك بولغان دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، قارار ئېلىشىغا
تەسىر كۆرسىتىشتىن قورقاتتى.چۈنكى، ئۇ دادىسىنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرەتتى.ئۇلرنىڭ قەلبلىرى
شۇنچىلىك يېقىن ئىدىكى ،بىربىرىنىڭ كۆزىدىن سۆزلىرىنى چۈشىنەتتى.ھەتتا ئىما-ئىشارەت
،سۈكۈتلىرىدىكى مەنالرنىمۇ ھېس قىلىشاتتى.ئۇلر بىربىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن ئىدى… .
دادىسىنىڭ كېيىن قىزىغا «ئەل رازى، خۇدا رازى، ئاھ مېنىڭ نازۇگۇم قىزىم …» دىگەن يېرىم
جۈملە سۆزى ئۇنىڭ قارارىدا چىڭ تۇرۇشىغا كۇپايە بولدى . -2011-يىلى 11 – سېنتەبىر
قاليمىقانچىلىقلىرىدىن كېيىن ، گۈلچېھرە ئاخىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسىدىكى يېڭى ھاياتىنى
باشلىدى

unnamed-4

تەھرىرلىك ھەيئىتى ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەخەللۇس قوللىنىشنى
تەكلىپ قىلدى.لېكىن، ئۇ رەت قىلدى.
”مۇھتەرەم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىشتراكچلىرى مەن دوستۇڭلر گۈلچېھرە» دەپ تۇنجى
ئاڭلىتىشنى باشلىغان دەقىقىلەردە، ئۇ ئۆزىنىڭ سېغىنىش،سۆيگۈ ،ئۈمىدلىرىنىڭمۇ رادىئۇ دولقۇنلىرى
ئارقىلىق ۋەتەن تۇپراقلىرىنى باغاشلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك تۇيغۇلرغا چۆمدى.ۋۇجۇدى
ھاياجان ئىلكىدە تىترىدى…
مانا ھەش-پەش دىگۈچە ئارىدىن خېلى يىللر ئۆتتى.ئۇمۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغان جەڭگىۋار سەپتە بىر
كىشىلىك ئورنىنى ئالدى.دەۋانى ئۆگەندى، چۈشەندى. گەرچە ئانا ۋەتىنىنى ،ئاتا-ئانا ،ئۇرۇق-
تۇققان،دوست-يارەنلىرىنى،ئۇستازلىرىنى بولۇپمۇ، ئاشۇ ئوماق سەبىي تەڭرىتاغ غۇنچىلىرىنى
يۈرىكىدىن تولىمۇ سېغىنغان بولسىمۇ، ئەمما، ئەل-ۋەتەن ھۆرلىكى يولىدا خىزمەت قىلىش غايىسى
ئۇنىڭغا مەدەتكار بولدى.
ئۇ خىزمەتكە چۈشۈپل ئىشنى ئۆز تەجرىبىلىرىنى يېڭى ئورنىدا تەدبىقلش بىلەن باشلىدى.چۈنكى ،
ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلر ئۈچۈن يېڭى بوزلۇق ئىدى. ھەركىم ئۆز
تىرىشچانلىقى بىلەن ئىشلرنى يۈرگۈزەتتى.ئەمما ھەقىقى كەسپىي خادىملر يېتەرسىز ئىدى.ئۇ
تەشەببۇسكارلىق بىلەن پروگراممىلرنى باشلش،مەزمۇنلر ئارىلىقىدا نېمىلەرنى ئورۇنلشتۇرۇش
قاتارلىق بىرقىسىم جەھەتلەردە پىكىرلىرىنى بېرىپ،ئۆزى باشلمچى بولۇپ يېڭىلىقلرنى قوشتى.
بېرىلگەن خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقى،ئەمەلىيەتچانلىقىنى يەنە بىر بالداق كۆتىرىش ئۈچۈن، ئەركىن
ئاسىيا رادىئۇسىدا، ئۇ تۇنجى بولۇپ ۋەتەن بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ، خەۋەر ئىشلەپ
ئۇتۇق قازاندى.كېيىنچە بۇ ئومۇملىشىپ، ئاساسىي ئېقىمغا ئايلندى.
ئۇيغۇر ئورتاق تەلەپپۇزىدا خەۋەر ئوقۇش،رىياسەتچىلىك بىلەن دېكتۇرلۇق ئۇسلۇبىنى ئۈنۈملۈك
گىرەلەشتۈرۈش ئۇنىڭ خاس ئۆزگىچىلىكى ئىدى

184a7718

دەۋىر تەرەققىياتى كىشىلەرگە تۈرلۈك ئىمكانلرنى سۇنۇش بىلەن تەڭ ماس قەدەمدە ئىلگىرلەشنى
تەلەپ قىلىدۇ.بولۇپمۇ، ئىنسانىيەت جەمىيىتى ئېلېكترۇنلۇق ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم تاشلىغان
بۈگۈنكى كۈندە بۇخىل ئۆزگىرىش تولىمۇ تېز،رىقابەت تولىمۇ كەسكىن . تۈرلۈك ئىجتىمائى ئالقە
ۋاستىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشى، رادىئۇ-تېلېۋىزىيە ساھەسىگىمۇ توختىماي خىرىسلرنى
ئېلىپ كېلىدۇ.بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان گۈلچېھرە بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدەندى ۋە تۇنجى بولۇپ
نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىشنى سىناق قىلىپ نەتىجە قازاندى.ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ ئىجتىمائى
تاراتقۇلرنىڭ ۋاستىلىك رولىدىنمۇ ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ،تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قاپلىنىش
دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كۈچىدى.ئۇ بۇنىڭ بىلەنل توختاپ قالماستىن، ئەتراپلىق ئويلىنىپ ،پىلن
تۈزۈپ ئىدارە رەھبەرلىكىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ >ئاچىل تېلېۋىزىيىسى<نى ئىشلەپ
يولغا قويدى ھەمدە تېزلىۋىزور كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.نۆۋەتتە ئۇ بۇ
پروگراممىنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
گۈلچېھرە كەسپ يولىدىكى پىداكار بولۇپلا قالماستىن،ئادالەت ئۈچۈنمۇ ئىككىلەنمەي كۆكرەك
كەرگۈچى. -5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلر قاتارىدا ئوغلىنىڭ
دېرىكىنى قىلغان پاتىگۈل غۇلم خانىمنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەم ،ئېغىر بېسىم ،كۈلپەتلەر
تاشقى دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاسلرنى پەيدا قىلسىمۇ، ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ غالجىرلىشىپ
ئۇنى تۈرمىگە تاشلىدى.بۇ زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇپ، بىگۇناھ ئانىنى قۇتۇلدۇرۇش
ئۈچۈن ئاتلنغانلر قاتارىدا گۈلچېھرەمۇ بار ئىدى.ئۇ ئۆز ئورنىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ ،پاتىگۈل
غۇلم ھەققىدىكى ئۇچۇرلرنى ئىمكانىنىڭ يېتىشىچە دۇنياغا ئاشكارىلپ تۇرۇش بىلەن بىللە، توردا
پاتىگۈل غۇلمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمزا توپلش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.ئىزچىل ۋە قەتئى ھالدا
ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلر نەتىجىسىدە، پاتىگۈل غۇلم ئاخىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى…
ئۇ ئەنە شۇنداق ھاياتنىڭ ھەر تەرىپىگە تەڭ نەزەر سېلىشقا تىرىشىدىغان پىداكار
،مېھرىبان،ھەققانىيەتچى ئۇيغۇر قىزى.
ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋەتەن ئاشىقلىرى چۈشۈدىمۇ ۋەتەنگە بېرىپ چۈشەيدۇ، ئويغىنىپ يىغليدۇ .
بۇ چۈشنى تەكرا تەكرار كۆرۈپ ياشايدۇ . بۇ ئىزتىراپ، بۇ ھىجراننى يېڭىشقا كۈچ قۇۋۋەت نەدىن
كېلىدىغاندۇ ؟ دەپ ئويليدىغانسىز .
گۈلچېھرەمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس .ئۇمۇ دائىم ۋەتەننى چۈشەيدۇ.ھىجران ئوتىدا
تولغىنىدۇ.ۋەتەنسىزلىك دەردىنى تارتىۋاتقان ھەربىر ئىنسان بۇنى بەكمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ.ئەمما، ئۇ
بۇنىڭ بىلەن ئۈمىتسىزلىككە چۈشمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىردان ھەمراھى ۋە سۆيۈملۈك بالىلىرى
بىلەن قۇرۇپ چىققان كىچىككىنە بىر ۋەتىنى -ئائىلىسى بىلەن قەلب يارىلىرىغا مەلھەم سۈركەيدۇ.ئۇ
بۇ كىچىك تېرىتوتىيەدە ئانا ۋەتەننىڭ ئىخچام مودېلىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى.بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ
بالىلىق ھاياتىنى ،مەھەللىسىنى،تونۇش كىشىلەرنى،بوۋا-مومىلىرىنى ،ۋەتەن تۇپراقلىرىنى،ھەتتا
ئوينىغان ئويۇنلىرىدىن يىگەن تاماق،تېتىغان مېۋىلىرىگىچە سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم «چوقۇم بىر كۈنى
سىلەرنى ئېلىپ ۋەتەنگە كېتىمىز »دىگەننى تەكرارليدۇ . بالىلرمۇ ۋەتەننىڭ گېپىنى ئاڭلشقا
ھېرىسمەن . . ئىنسان ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ رولى ئاجايىپ زور. ئۇمىد ئىنساننى ھەر بىر كۈننى ھاياجان
بىلەن خوشال كۈتىۋېلىشقا ئۇندەيدۇ ….
ھەتتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىخشانىسىمۇ كىچىك ۋەتەنگە ئوخشايدۇ، پۈتۈنلەي تونۇش
ئادەملەر، ئۇيغۇرنىڭ چىرايى، ئۇيغۇرنىڭ تىلى .قىلىقلرمۇ ئۇيغۇرچە… كۈندە يېڭى تۇيغۇ، يېڭى
خەۋەر، يېڭى روھ، گاھ خەلق غېمىگە تەڭ يىغلشسا ،گاھ ئۇلر بىلەن تەڭ كۈلىشىدۇ… ئازابمۇ بار،
بەختمۇ بار . ئۇنى ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغىنى ،گەرچە ئارىدىن يىللر ئۆتسىمۇ، زىيارەت ئېھتىياجى
بىلەن ۋەتەنگە تېلېفون قىلغىنىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئاۋازىدىن تونۇۋېلىشى. دىمەك، ئۇ شۇنى ھېس
قىلدىكى ،خەلقى ئۇنى ئۇنتۇماپتۇ.ئەل ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلغان ئەل قىزىنى ئەلمۇ ھەردەم ياد
ئېتىپ تۇرۇۋېتىپتۇ.ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق كاتتا مۇكاپات بولمادۇ؟ ئۇ دائىم دادىسىنىڭ
مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەيدۇ: « بالم ئىنسانلر 3 خىل بولىدۇ. بىرى، پەقەت ئۆزى، ئۆز ئارزۇلىرى
ئۈچۈنل ياشايدىغانلر، يەنە بىرلىرى بولىدۇ، بىر قەۋم ياكى بىر توپلۇق ئۈچۈن ياشايدىغان، ئەڭ
ئىلغارلىرى بولسا پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياشايدىغانلر. ئاللھقا شۈكرى، بىز گەرچە 3 – سى
بوللمىغان بولساقمۇ، -1 سىدىن ئەمەسمىز …» . ئۇمۇ دادىسىدەك، بوۋىلىرىدەك ياشاشقا تىرىشىپ
كەلدى،شۇنىسى ئېنىقكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئىككىنچى ھاياتنى باشلپ بولدى.ئەمدى ئۈچىنچى خىل
ئىنسانلردىن بولۇش يولىدا قەدەم تاشلىماقتا….بۇ ئۇنىڭ غايىسى 

plain-blue-background-wallpaper-3

 

Share
7225 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.