logo

trugen jacn

چېن پوكۇڭ : شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈشنى توختاتمايدىكەن تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ

گۈلچېھرە

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو تېلىۋېزىيىسىنىڭ، – 2 مايدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تېلىۋېزىيە مۇنازىرە پروگراممىسىدا، مەخسۇس ئۈرۈمچىدىكى ئادەم بومبا ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان نيوروكتىكى داڭلىق خىتاي ئوبزورچىسى چېن پوكۇڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى مەيلى قايسىلا ئۇسۇلدا ئىپادىلىمىسۇن تېررورلۇق دېگەن قالپاق بىلەن باستۇرۇپ مەسىلىنى يوقاتماقچى بولىۋاتىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئۇيغۇرلارغا دۆلەت تېرورلۇقى يۈرگۈزمەكتە» دەپ ئەيپلىگەن ئىدى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق شەرھىلەپ بەرگەن ئىدى.

بىز چېن پوكۇڭ ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدىكى كۈز قارشلىرىنى ئالدۇق، سىياسىي ئانالىزچى چېن ئەپەندى خىتاينى «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېرورلىقىنى توختاتمايدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس ھەر يەردە، ھەر كۈندە پارتلاش ئېھتىمالى بار ۋە بۇ پۈتۈن خىتايغا ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى. چېن پوكۇڭ ئەپەندىنىڭ مۇلاھزىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە يەتكۈزۈدۇ.

مۇخبىر: چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىسىز، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا نېمە پەرقنى كۆردىڭىز؟

چېن پوكۇڭ: ئىلگىرى كۈنمىڭ ۋە باشقا جايلاردا شۇنداق كۆپ قارشىلىق ۋەقەلىرى بولدى، كۆپ قان ئاقتى، تەسىرىمۇ زور بولدى، شىنجاڭغا بارغان شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەسلى خاتالىقلارنى تۈزىتىش يولىنى ئىزدەش كېرەك ئىدى، لېكىن بىر دۆلەت رەھبىرى بولغان شى جىنپىڭ كونا سىياسەتلىرىنى تەكىتلىگەندىن باشقا«زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالدىن قول سېلىپ، دۈشمەنلەرنى چۆچۈتۈپ، زوراۋان تېررورچىلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈش لازىم» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتتى ھەتتا قوراللىق ساقچىلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بولسا ھەتتا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چى جىگۇئاڭنىڭ بامبۇك بىلەن ياپون قاراقچىلىرىنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىنى مىسال ئالدى، ۋە «بىزمۇ بۆلگۈنچىلەرگە، تېررورچىلارغا مۇشۇنداق ئۇرۇش سەنئىتىنى تەدبىقلىشىمىز كېرەك» دېدى. ئۇ گەرچە بۇ خىل بايانلىرى بىلەن خىتايلار مەيدانىدا تۇرۇپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرىمەن دەپ ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ باشقا بىر دۆلەت، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا باشقا بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلدى، چۈنكى ئۇ مىسال ئالغان چى جىگۇئاڭ خىتاي، ئۇ ئۆلتۈرگەن دۈشمەن بولسا ياپونلۇق. بۇ ئۇيغۇرلار چەتئەللىك دېگەن مەنتىقە بولىدۇ – دە.

مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى خاتا سىياسەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىشى غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئادەم بومبا بىلەن قارشىلاندى، يەنى ئۇيغۇرلار شى جىنپىڭغا تۇنجى ئادەم بومبىنى يوللۇق قىلىپ ئۇزۇتۇپ قويدى. ۋەزىيەت قانداق بولماقچى ؟ تېخىمۇ جىددى، مىللىي زىددىيەت يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشتى. بىر دۆلەت رەھبىرى بولغان شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى ياخشىلايدىغان ياخشى بىر پۇرسەتنى قولدىن بەردى، گەرچە ئۇ شىنجاڭدىن قايتىپ كېلىپ قايتا تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى كۈچەپ تەكىتلەشنىڭ ئورنىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش دېگەندەك يۇمشاق سۆزلەرنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تولىمۇ كېچىكتى، شىنجاڭ ۋەزىيىتى ئۇنىڭ كونترولۇقىدىن چىقتى.

مۇخبىر : شى جىنپىڭنى «ھاماقەت» دەپ تەرىپلىدىڭىز، سەۋەبى پەقەت ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قىلغان سۆزلىرى ۋە سىساسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكىمۇ ؟

چېن پوكۇڭ: ئۇنىڭ سۆزلىرىلا ئۇنىڭ ھاماقەتلىكىنىڭ ئىسپاتى، بىر دۆلەت رەھبىرى ھەر قانداق جىددىي ۋەزىيەتتىمۇ ئۆزىنى تۇتېۋېلىشى، ئالدىراڭغۇ بولماسلىقى، گەپ سۆزىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ئەپسۇس جۇڭگونىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۈسۈپ يېتىلگەن قىزىل كوممۇنىستلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادلىرى، ھەممىسىنىڭ بىلىم ساپاسى تۆۋەن، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئاجىز، ساپاسى كەمتۈك، نېمىشقا دېسەك ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، جياڭ فامىلىلىك بىر خىتاي مائارىپ مىنىستىرى تەرىپلىگەندەك «ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنى، داشۇئې ئۇنۋانىغا، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە،يەسلى بالىسىنىڭ مىجەزىگە ئىگە».ئۇلار خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۆرگەن ھامان غەزەپلىنىدۇ، قارشىلىقنى باستۇرۇش بىلەن ھەل قىلىمەن دېگەن يولنى تۇتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن زىددىيەت يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشمەكتە. باستۇرۇش بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى قوغدىغىلى بولمايدۇ.

مۇخبىر : خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن تارتىپ قارشىلىقلار توختاپ قالمىغان، قانچىكى كۈچ بىلەن باستۇرغاندا بولسا قارشىلىقلار تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە. سىزنىڭچە شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھازىرقىدىنمۇ قاتتىق سىياسەت قوللىنىشنى تەكىتلىشى، ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ باستۇرۇش تەدبىرى يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارىغىنىمۇ؟

جاۋاب: 2009 – يىلىدىكى 5 – ئىيۇل ۋەقەسى بىر تارىخىي بۆلگۈچ باسقۇچ، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرۇش، خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق بۇلاڭچىلىق قىلىشىدىن كېلىپ چىققان نارازىلىق ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن كېيىن مۇلايىم چىراي جاڭ چۈنشەننى شىنجاڭغا ئەۋەتتى، قارىماققا جاڭ چۈنشەن شىنجاڭغا يۇمشاق سىياسەت قوللانغاندەك تەشۋىق قىلىندى، ئەمما ئۇنداق ئەمەس ئەمەلىيەتتە، بۇ مېھرىبان چىراينىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق

بىلەن يۈرگۈزۈلدى ھەتتا ھەر قانداق بىر نارازىلىق، ھەر قانداق بىر ئوخشىمىغان پىكرىنى ئۇيغۇرلار قانداقلا ئۇسۇلدا ئىپادىلىمىسۇن ئۇ بىردەك مىللىي بۆلگۈنچى، تېررورچى دەپ ئەيىبلىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ ئەسەبىيلىك بىلەن باستۇرۇش كۈچەيدى، ھەتتا، شىنجاڭدا بۇ خىل سىياسەت ئاستىدا ياشاش ئىمكانى قالماي چېگرادىن جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغانلارمۇ ئوخشاش تېررورچى ئەيىبلەندى، بۇ قانداق ئادالەت؟. ياردەم بەردۇق دېگەن قىياپەتتە خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقى، زېمىنى، ھەممە نەرسىسىنى تارتىۋالدى نارازى بولغانلار ئوخشاشلا تېررورچى دەپ باستۇرۇلدى، دائىرىلەر تېررورلۇققا قارشى كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ قەتئىي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش دېگەندەك تاكتىكىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى ئاۋال دۆلەت تېررورلۇقى ئىشلەتمەكتە، ئۇيغۇرلارنى رادىكال يوللارغا قىستىماقتا.

مۇخبىر: چېن ئەپەندى سىزنىڭچە شى جىنپىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولغان خىتايلارمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىدە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئالارمۇ؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟

چېن پوكۇڭ: ئۇيغۇر ئېلى مۇشۇنداق ناھەقچىلىق نارازىلىقلارغا تولغان بىر پەيتتە ھاماقەت شى جىنپىڭنىڭ ئەخمەق بايانلىرى، ئەلۋەتتە ئەسلىدىلا، دىنىي مەدەنىي، سىياسىي ئىقتىسادىي كۆپ تەرەپلىمە باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن نارازى بولىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، ئازراق ئەقلى بار خىتايلارنىمۇ بىئارام قىلىشى كېرەك ئىدى، ئىلگىرى نەچچە ئون يىل ئۇيغۇر بىلەن ئۇ جايدىكى كۆچمەن خىتايلار ئىتتىپاق ياشىيالىغان، يېقىنقى يىللاردا قارشىلىق يىلدا كۆرۈلۈشتىن ئايدا ھەپتىدە ھەتتا كۈندە يۈز بېرىشكە يۈزلەندى قوراللىق ساقچى ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىشتىن پۇقرالارغا يۈزلەندى، ئەگەر خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىدە تىنچلىق بەرپا قىلىمىز، خاتىرجەم ياشايمىز دېسە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا مىللىي زۇلۇم سېلىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى، دىنىي رادىكاللارنىڭ بولسا ئەزەلدىن ئىنتايىن تىنچلىقپەرۋەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى ئۆزى دىنغا ئىشەنمەيدىغان، دىنغا ئىشەنگەنلەرگىمۇ كۈن بەرمەيۋاتقان، ھەتتا ساقال قويغان، ياغلىق چىگگەنلەرنىمۇ باستۇرىۋاتقان ئەسەبىرلەر ئىكەنلىكىنى، ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ نارازىلىقىنى رادىكال ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولغانلار ئەمەس، زوراۋانلىق قورال كۈچى بىلەن خالىغان ئادەمنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ يەنە ئۇنىڭغا قانۇنسىز ھالدا جىنايەت ئارتىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئەنە شۇلار سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ خىل ئادالەتسىز قانۇنسىز قاتتىق باستۇرۇش يەنە داۋاملىشىدىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت تېررورلۇقىنى توختاتمايدىكەن، مىللىي سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەيدىكەن ئۆز ئارا ئۆچ ئېلىش ئەۋج ئالىدۇ ئاخىرى چىقماس بىر قانلىق جېدەلگە ئايلىنىدۇ. ئاقىۋەت ئېغىر بولىدۇ.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/xi-jinping-05122014211621.html

Share
2006 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.