logo

trugen jacn

يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم سىرلىرى ئېچىلدى-1

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي تەرەپ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا يېزا باشلىقى غۇلام توختى بىلەن يېزا ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرېتارى ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە ھەتتا ئۇلارغا ئاتاپ ماتەم مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزگەن ئىدى. مۇخبىرىمىز ئىككى ئايغا يېقىن ئىزدىنىش ئارقىلىق مەزكۇر ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلام توختى بىلەن ئابدۇغېنى تۇردى ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان. خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئىسيانچىلارنى قورشاۋغا ئالغاندا، غۇلام توختى بىلەن ئابدۇغېنى تۇردىنىمۇ قوشۇپ ئوققا تۇتقان. ئەسىر غۇلام توختى نەق مەيداندا قولىغا كاناي ئېلىپ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە «بىز ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىمى، بىزنى ئاتماڭلار» دەپ مۇراجىئەت قىلغان، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇ مۇراجىئەتكە پەرۋا قىلمىغان. ئائىلىسىدىكىلەر جەسەت ۋە كىيىمدىكى ئىزلاردىن ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ كۆكرەك قىسمىغا 4 پاي ئوق تەگكەنلىكىنى بايقىغان، ئابدۇغېنىنىڭ ئايالى تۇرسۇنگۈل خانىم، يولدىشىنىڭ 50 مېتىر ئارىلىقتىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

غۇلام توختىنىڭ ئايالى بىلەن سۆھبەت

image (1)

سوئال: سىز يەكەن ۋەقەسىدە قازا قىلغان دۆڭباغ يېزا باشلىقى غۇلام توختىنىڭ ئايالىمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق مەن شۇ.
سوئال: يولدىشىڭىزنىڭ قازاغا يولۇقۇش جەريانى ھەققىدە سىزگە نېمىلەر بىلدۈرۈلدى؟
جاۋاب: شۇ كۈنى دۆڭباغ يېزا سېكرېتارى «ئېلىشقۇدا ۋەقە چىقتى، دەرھال دۆڭباغقا كېلىڭ» دەپ تېلېفون قىلغان ئىكەن، شۇڭا يېزىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سېكرېتارىنى ئېلىپ يولغا چىققان، ئىككىسىنىڭ بىرى مۇقىملىققا، يەنە بىرى ئىنتىزامغا مەسئۇل بولغاچقا. مەن يولدىشىمغا «دۆڭباغقا بارغىچە ئېلىشقۇدىن ئۆتىسىز، خەتەرلىك بارماڭ، ساقچىلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ دۆلەت ھەربىيلەرنى نېمىشقا باقىدۇ» دېدىم. ئۇ «مەن ئېلىشقۇدا 6 يىل ئىشلىگەن، ئەندىشە قىلما» دەپ يولغا چىققان.
سوئال: قەيەرگە كەلگەندە ئىش چىقىپتۇ؟
جاۋاب: ئېلىشقۇغا كەلگەندە چوڭ يولدا ماشىنىلارنىڭ كۆيۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئوق يول بىلەن ئەمەس، يان يول بىلەن مېڭىپتۇ، شۇ ئارىلىقتا شۇلارغا (ئىسيانچىلارغا) يولۇقۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭغىچە بارلىق چوڭ-كىچىك يوللار (ھەربىيلەر تەرىپىدىن) قامال قىلىنىپ بوپتۇ.
سوئال: ئۇلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغان يېرى قەيەر ئىكەن؟
جاۋاب: نوچى كەنت.
سوئال: ئۇنداقتا، ھەربىيلەر ئىسيانچىلارنى قورشىغان چاغدا، غۇلام توختىمۇ تەڭ قورشاۋدا قاپتۇ-دە؟
جاۋاب: شۇنداق بوپتۇ: ئۇ پارتىيە-ھۆكۈمەت بىزنى قوغدايدۇ دەپ ئويلىغان، ئىش ئۇنداق بولماي قاپتۇ. ئۆلۈمگە كەلگەنلەر بەك ئېچىنىپ كەتتى، خەلق ئىچىدە تەسىرى بەك ياخشى ئىدى….
سوئال: ئۇنداقتا، سىزچە يولدىشىڭىزنى ئۇ يەردىكى خەلق ئۆلتۈرمىدى؟
جاۋاب: ياق، ئۇنداق قىلمايدۇ….

ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ ئايالى بىلەن سۆھبەت

سوئال: سىز يەكەن ۋەقەسىدە قازا قىلغان دۆڭباغ ئىنتىزام سېكرېتارى ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ ئايالىمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق.
سوئال: ئابدۇغىنىنىڭ بەدىنىدىن 4 پاي ئوقنىڭ ئىزى بايقالدى دېگەن گەپ توغرىمۇ؟
جاۋاب: توغرا.
سوئال: جەسەتنى سىز كۆردىڭىزمۇ؟
جاۋاب: كۆردۈم، قارىسام كۆكرىكىدە 4 پاي ئوقنىڭ ئىزى، كۆرۈپ ھوشۇمدىن كەتتىم
سوئال: ئىزنىڭ پىچاق ئىزى ئەمەس، ئوق ئىزى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز؟
جاۋاب: تۆشۈك بەك كىچىك تۇرسا…ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىسى كىيىمىنى ئەكەلگەندە گاڭسىرىدا (مايكىسىدا) تۆت تۆشۈك بار، ئۇ پىچاقنىڭ ئىزى ئەمەس، تۆشۈكتە كۆيۈك ئىزى بار….
سوئال: ئوقتا ئۆلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئىنكاسى نېمە بولدى؟
جاۋاب: قېيىنئاپام كىيىمنى كۆتۈرۈپ ئەرز قىلغىلى ماڭىمەن دېگەن، يولدىشىمنىڭ ئىنى-سىڭىللىرى ھەممىسى خىزمەتچى بولغاچقا، بولغۇلۇق بولدى دەپ قېيىنئاپامنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى.
سوئال: ساقچىلارغا، بۇ ئوقتا ئۆلۈپتۇ، ئۆزۈڭلار ئۆلتۈرۈپسىلەر دېمىدىڭلارمۇ؟
جاۋاب: ۋىلايەتتىن باشلىقلار يوقلاپ كەلگەندە قېيىنئاپام دېدى: «كىنولاردىمۇ 1000 ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقالايدىكەن، سىلەر نېمىشقا 50-60 ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقمىدىڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلار خىزمەتكە چاقىرىپ، ئۆزۈڭلار ئېتىۋەتسەڭلار قانداق بولىدۇ» دەپ يىغلىدى. باشلىقلار «ئۇلار(ئىسيانچىلار) نىڭمۇ قولىدا قورال بار، ئۇزۇن ئېتىشىش بولدى» دەپ تەسەللى بەردى.
سوئال: ئۇنداقتا ئوقتا ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى دېگەن گەپ؟
جاۋاب: شۇنداق. بىراق خەنزۇلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچقايسى بىرى ئوقتا ئۆلمەپتۇ، ئۇلارنىڭ (ئىسيانچىلارنىڭ) قولىدا قورال بولغان بولسا، خەنزۇلاردىنمۇ ئوقتا ئۆلگەنلەر بولاتتى
سوئال: شۇ نەق مەيداندا، غۇلام توختىلار بىلەن ئىسيانچىلار ياكى ئەسكەرلەر ئارىسىدا نېمە گەپلەر بولۇنغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار بولدىمۇ؟
جاۋاب: غۇلام شاڭجياڭنىڭ (ئەسكەرلەرگە) «بىز ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىمى بىزنى ئاتماڭلار» دەپ لابادا سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
سوئال: بىزنى ئاتماڭلار دېگەن گەپنى خەنزۇچە دەپتۇمۇ؟ ئۇيغۇرچىمۇ؟
جاۋاب: خەنزۇچە. چۈنكى ھەر ئىككىسى خەنزۇچە بىلىدۇ؟
سوئال: ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئەسكەرلەرگە يەتمەي قالغان ئىشمىدۇ-يە؟
جاۋاب: ياق، ئۇنداق ئەمەس، ئوق يېقىنلا يەردىن، 50-100 مېتىر يەردىن ئېتىلىپتۇ
سوئال: ئەمىسە، ئۇقۇشماستىن ئېتىۋېتىش ئېھتىمالى يوق دېگەن گەپ؟
جاۋاب: يوق. ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈچە، پۇتىغا ئېتىپ ئامان قويغان بولسىمۇ ئۆيدە باقاردۇق….

يۇقىرىدا 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ خىتاي تەرەپ دېگەندەك پىدائىيلار تەرىپىدىن ئەمەس، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yeken-weqesi-10072014150918.html

Share
2027 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.