logo

trugen jacn

مەجرۇھ “داھى” لار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

مەجرۇھ “داھى” لار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

 

ئىزھات؛ مەجرۇھ ، سوزى ئۇيغۇرچىدا مېيىپ، مەناسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەجرۇھ ، ئەسلىدە، رۇھى مېيىپ، دىمەكتۇر. بۇ يەردە رۇھى مېيىپ، مەناسىدا ئىشلىتىلمەكتە

بارلىق ئىلمى ۋە كەسپى ئىشلاردا ئىشقا ئېلىشتا ئالدى بىلەن دىپلوم سورىلىدۇ. پۈتتۈرگەن ئۇنىۋىرسىتىتى ۋە دىپلومىغا قاراپ ئىشقا ئېلىنىدۇ. دىپلوم سورىمايدىغان بىرلا كەسىپ بار؛ سىياسەت
شۇڭا سىياسەت سېپىدە دىپلومى يوق،ئامما “داھى” بولۇشنى ئارزۇلىغان كۆز بويامچى، قويمىچىلار سەپنىڭ ئالدىدا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. چۈنكى، سىياسەتكە، بولۇپمۇ شەرق مىللەتلىرى ئارىسىدىكى سىياسەتكە ھىلى ئارىلاشقان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىلىمدە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان بىلىمسىز ۋە مەجرۇھ،ئامما ئىچىدە شۆھرەت يالقۇنى كۆيۈپ تۇرغان بىرئاز گەپدان، بىرئاز ئاچ كۆز، بىرئاز يالغانچى، بىرئاز يۈزى قېلىن، بىرئاز سۇخەنچى،بىر ئاز تەۋەككۇلچى، بىرئاز سۈيىقەستچى، بىرئاز مەككار…لىق خۇسۇسىيەتلەرنى خاراكتېرىدە ئۆزلەشتۈرگەن كىشىلەرنىڭ سىياسەتتە “داھى”لىق قازانغانلىقىنى ۋە ئاقىۋەتتە خەلقىنى ئېغىر بالايۇ -ئاپەتلەرگە گىرىپتار قىلغانلىقىنى كۆرىمىز

بۇ مەجرۇھ ”داھىيلار” بەزى ھالقىلىق پەيتلىرىدە ھەددىدىن زىيادە تەۋەككۇلچى كېلىدۇ.خەلققە ھېچقانداق ئاساسى بولمىغان ۋەدىلەرنى بېرىدۇ.ۋەدىسىنىڭ يالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغاندا، يېڭى يالغان ۋەدىلەر بىلەن، كونا يالغانلىرىنى ياپىدۇ. ھەر بىر ئادەم بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشۈپ، ھەر بىر ناداننىڭ ئاغزىغا باشقا بىر سوسكا سالىدۇ. ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدۇ. ھوقۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆزىگە ياردەم قىلغان،ئامما ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى بىلىپ قالغان يېقىنلىرىنى ئالدى بىلەن يوقىتىشقا باشلايدۇ

مەجرۇھ سىياسى قويمىچى “ داھىيلار” نىڭ ئالاھىدىلىگى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت

بىرىنجى؛ “داھىيلىق” تەختىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ساتمايدىغان دوستى، ۋاز كەچمەيدىغان مەنپەئەتى، سۆزلىمەيدىغان يالغىنى، قىلمايدىغان تەۋەككۈلچىلىكى يوقتۇر

ئىككىنجى؛ مۇھىم ئالاھىدىلىگى، كىشىلەر ئارىسىدا خاراكتېرى ئاجىز، ساددا، ئوز قابىلىيىتى بىلەن ئومرىدە بىر پالتىغا ساپ بۇلالمىغان، تۇزاققا ئاسان چۈشىدىغان “ئولجىلار”نى دەرھال پەرىقلەندۈرەلەيدۇ ۋە خىزمىتىگە تاللايدۇ

ئۈچىنچى؛ ھەر يەردە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.خەخنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلالىغاندا ئۆزىنى چەكسىز بەختىيار ھېس قىلىدۇ

تۆتىنچى؛ ئەگەر بىر نۇقتىدا ئۇنىڭ مەنپەئەتى بولسا، بارلىق خەتەر ۋە قارشىلىققا قارىماي، ئۇ مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەيدۇ. ئەگەر بارىدىغان نۇقتىدا بېرىلىدىغان بىر مۇكاپات ياكى ھۇقۇق،شۆھرەت بولىدىغان بولسا، بۇ يولدا خەلقىنىڭ مەنپەتىنى خەجلەشتىن تەرەددۇت قىلمايدۇ

بەشىنچى؛ ئۆزىنىڭ ۋاز كىچىلمەس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۆزى ئۈچۈن ھەممەيلەندىن ۋاز كېچىشتىن ۋە ياكى خەجلەشتىن ۋىجدانى ئازابلانمايدۇ. چۈنكى ئۇ ۋىجدان دېگەن گەپكە ئىشەنمەيدۇ.

ئالتىنچى؛ توغرا پىكىر بىلەن قايىل قىلىش يولىنى ئەمەس، ساختىكارلىق بىلەن ئالداش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىدۇ. يالغان ھېكايە تۇقۇش ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشىدۇ

يەتتىنچى؛ كىشىلەرنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. خەخنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى بىلەن چاتىقى يوق

سەككىزىنجى؛ چارىسىز قالغاند ا“داھى“ بولۇش ئۇچۇن، مىللەت دۇشمەنلىرىنىڭ قۇچىغىدا ئۇيۇنچۇق بۇلۇشتىن يۇزى قىزارمايدۇ. دۇشمەن ئىشلىتىپ بولۇپ، دۇشمىنىنىڭ قۇچىغىغا تاشلاپ بەرسە يەنىلا بىر پىچكا بۇلۇشنى ”داھىلىق“دەپ ماختىنىدۇ. خەلقى نۇمۇستىن يەرگە قارىسا ”خەلقىم ماڭا ھورمەت سالامى بىرىۋاتىدۇ“ دەپ ماختىنىدۇ

سەككىزىنچى؛ قىلىۋاتقان سۆز- ھەرىكەتلىرىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەتكە قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆزى ئۈچۈن قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىشى ئۈستىدە پىلان تۈزىدۇ

 

توققۇزىنچى؛ “ داھى”لىق تەختىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن، مىللىتىنىڭ، دۆلىتىنىڭ دۆشمەنلىرى بىلەن مەخپى سودىلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خىيانەتلەرنى قىلىشتىن تەپ تارتمايدۇ

 

ئونىنچى؛ بىر قېتىم “داھى”لىق تەختىگە ئولتۇردىمۇ، “داھى”لىقنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن ، قانۇن،ئەخلاق، دىنىي قائىدە، مىللىي ئۆرف – ئادەتلەرىنى ئاياق-ئاستى قىلىش بەدىلىگە، بارلىق رەزىل تەدبىرلەرنى ئىشلىتىشتىن چېكىنمەيدۇ

ئونبىرىنجى؛ ئۇنىڭ دوستى يوقتۇر. ھەر بىر ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، لازىم بولغان تەشكىلات، ئورگان،كىشى بىلەن ئىتتىپاق ھاسىل قىلىدۇ. ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ. يېڭى قۇربان ئۈچۈن كۆز يۈگۈرتىدۇ.

ئون ئىككىنچى؛ دۆلەت ھۇقۇقىغا  ھېچكىمنى شېرىك قىلمايدۇ. شېرىك بولۇش نىيىتىدە بولغانلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن يوقىتىدۇ. يوقىتالمىسا سېسىتىدۇ

ئون ئۈچىنچى؛ ئىنسانلارنى بىر بىرىگە دۈشمەن قىلىدۇ.جەمئىيەتنى بىر بىرىدىن ئۈركۈيدىغان، ياشىغۇسىز، قورقۇنۇچلۇق ھالغا كەلتۈرىدۇ. خەلقنى بۇ قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىلا قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىدۇ. قېرىنداشلار ئۆز ئارا بۇغۇشۇپ ھالىدىن كىتىۋاتقاندا، مەجرۇھ ”داھى” تەختىدە ئەڭ ھۇزۇرلۇق كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ

ئون تۆرتىنجى؛ ئەتىراپىدىكى ھەممەيلەننى بەيئەت قىلىشقا زورلايدۇ. يا بەيئەت قىلىسەن، ياكى دۈشمەن بولىسەن. ئورتا يول يوقتۇر. دۈشمەن بولغانلارنى زەھەرلەنگەن ۋە قۇتراپ تۇرغان توپقا تاشلاپ بېرىدۇ

ئون بەشىنچى؛ بىلىمگە، ئەقىلغا، تەجرىبىگە، كەسىپكە ئېھتىياجى يوق. ھەر ۋاقىت،ھەر يەردە، ھەر مەسىلىنى،مەن ھەممەيلەندىن ياخشى بىلىمەن،دەيدۇ.ئىچى كۈرەلمەسلىك، كىبىر بىلەن تولغان بولىدۇ

ئون ئالتىنچى؛ “تۇغما تالانت ئىگىسى” بولغانلىغى توغرىسىدا سېتىۋالغان سۇخەنچى ئەدىپلىرىگە ھېكايە تۇقۇتىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئاللاھ بىلەن بىۋاستە سۆزلىشەلەيدىغانلىغى توغرىسىدا ئەتراپىدىكىلەرنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ

ئون يەتتىنچى؛ ئەتىراپىغا خاراكتىرسىز، نادان،خۇشامەتچى، كاللا كېسەر، مەنپەتچى، ئۆتمۈشى قاراڭغۇ… ئادەملەرنى توپلايدۇ. ئەقىللىق، قابىلىيەتلىك،بىلىملىك، ۋىجدانلىق، ئادىل… ئىنسانلارنى چەتكە قاقىدۇ، يوقىتىدۇ، سېسىتىدۇ. مەخسەت؛ ئۆزىدىن ئاجىز ئادەملەر ئارقىلىق كونترولنى ئۆز قولىدا تۇتۇش

ئون سەككىزىنچى؛ ئۆزىنى ياخشى تونۇيدىغانلاردىن ئۇزاقلىشىدۇ، تايانچلىرىنى ئۇزاقتىكى ساددا، ئاقكۆڭۈللەر ئارىسىدىن ئىزدەيدۇ.ئۇلارنى “ھوقۇق”، “مەنپەت” ۋەدىسى بىلەن ئۆتكۈنچى تۇزاقلارغا چۈشۈرىدۇ. ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ. كىشىلەرنى قىممىتى يوق پارچە پۇلنى خەجلىگەندەك خەجلەشتىن زوق ئالىدۇ

ئون توققۇزىنچى؛ مۇقىم سىياسى غايىسى يوقتۇر. خالىغان ۋاقىتتا غايە، كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. مەنپەئەتىگە قاراپ خالىغان ۋاقىتتا دۈشمەننى دوست، دوستنى دۈشمەن قىلىپ ئالماشتۇرالايدۇ.

يىگىرمىنچى؛ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا قاراپ، خالىغاندا دىندار، خالىغاندا دىنسىز، خالىغاندا مىللەتچى، خالىغاندا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەتنى قوغدىغۇچى… قىياپىتىدە ئورتىغا چىقىپ، خەلقنىڭ ھېسسىياتىنى سۈيىستىمال قىلالايدۇ

يىگىرمە بىرىنچى؛ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى، دۈشمەن، خائىن،جاسۇس، خىيانەتچى، پاھىشىۋاز… قاتارلىق ئۆزىدە بولغان خۇسۇسىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ تۇرۇپ يوقىتىدۇ ۋەياكى سېسىتىدۇ.

يىگىرمە ئىككىنچى؛ ئىنسانلارغا ھۆرمەت، سۆيگۈ، مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ. قورقۇتىدۇ، بوھتان چاپلايدۇ، ۋەھىمە سالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ شەخسى مەھرەم ھاياتىنى ئورتىغا چىقىرىش، چاۋىسىنى چىتقا يېيىشنى غەلىبە قىلىشتىكى “ماھارەت” دەپ ھېسابلايدۇ

يىگىرمە ئۈچىنچى؛ ھەر كۈنى بىر ۋەھىمە، بىر بوھتان، بىر كۆڭۈل غەشلىكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، جامائەتنى داۋاملىق پىتنە – پاساتنىڭ ئىچىگە، ئۆز ئارا دۈشمەنلىككە ئىتتىرىدۇ. دۆلەت، مىللەتنىڭ ئالى مەنپەتنى ئارقا پىلانغا تاشلايدۇ

يىگىرمە تۆتىنچى؛ ۋىجدانى ۋە ياكى ئىمانى بولمىغاچقا، پۇشايمانلىق تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ

يىگىرمە بەشىنچى؛ مەتبۇئاتقا، تېلېۋىزورغا چىقالمىغان كۈنلىرى قاتتىق تەلۋىلىكى تۇتىدۇ. ئەتىراپتىكى سۇخەنچىلىرىنى ئازارلايدۇ. نۇتۇق سۆزلەيدىغان توپنى تاپقاندا، گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. نۇتۇق سۆزلەپ چارچىمايدۇ. ئالقىش ياڭرىغانسىرى ئۆزىنى بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە ئۇچىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا خەقنىڭ ئالدىغا چىقىش، ھىچ بولمىسا تېلېۋىزور،گېزىتلەردە كۆرۈنۈش ئىستەكلىرىنى ھىچ بىر زامان كونترول قىلالمايدۇ

يىگىرمە ئالتىنچى؛ ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ بوزەك قىلىپ ئوينايدىغىنى نومۇسچان كىشىلەردۇر. بىلىم، ۋىجدان، ئەخلاق ئىگىلىرى نومۇسچان كېلىدۇ. مەجرۇھ ”داھى”لارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى نومۇسسىز بولىشىدۇر. نۇمۇسسىزلاردا ئەخلاق كۆز قارىشى بولمايدۇ. ئەخلاقسىزلار، نۇمۇسسىزلار، ئادالەتنىڭ قاتىللىرىدۇر. ئۇلار مەخسىدىگە يىتىش يولىدا ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا، نۇمۇسچان ئىنسانلار ئۈستىدىن دايىم غەلىبە قىلىدۇ ياكى نۇمۇسچانلارنى كۈرەش مەيدانىدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇرلايدۇ

يىگىرمە يەتتىنچى؛ ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوقتۇر. ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەتلا “مەن” بار. ئۇنىڭ قەلبىگە “مەن” دىن باشقا ھېچقانداق مۇقەددەس قىممەت سىغمايدۇ. “مەن” ئۈچۈن قۇربان قىلمايدىغان ھېچقانداق مۇقەددەس ۋە مۇبارەك مەنپەت يوقتۇر

مەجرۇھ “داھى”لار بىر ساپ ئۈزۈمنى يېيىش ئۈچۈن بىر باغقا ئوت قويىۋىتىدىغان خاراكتىرگە ئىگە كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ دۆلەتكە، مىللەتكە سالغان ۋەياكى سالىدىغان زىيىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. لېنىن ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن، گىرمانلارنىڭ شەرتلىرىنى قۇبۇل قىلغان. گېرمانلار، 5000 مارك (90 توننا ئالتۇن) نى لېنىنغا بىرىپ، لېنىننى شىۋىتسارىيەدىن،گىرمانىيە ئارقىلىق سان پىتروگبۇرۇگقا ساق- سالامەت ئاپىرىپ قويغان ۋە گىرمان يەھۇدىلىرى لېنىننىڭ غەلبىسىنى كاپالەتلەندۈرگەن. لېنىن ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپ تۇنجى قىلغان ئىشى، گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇشنى توختىتىش بولدى. گېرمانلار بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بۈيۈك بىر پالاكەتتىن لېنىن سايىسىدا قۇتۇلۇپ قالدى ۋە رۇسيە تارىخىنى 70 يىل توڭلىتىپ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى

ماۋ زېدوڭ، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ياپون ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان گومىنداڭ ئارمىيىسى توغرۇلۇق مەخپىيەتلىكلەرنى ياپونىيىگە بېرىپ تۇردى. ماۋ، ۋەتەن سېتىش بەدىلىگە كېيىن دۆلەت ھۇقۇقىغا ئىرىشكەندە، ياپونلارغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى.
خىتاي ماۋنىڭ يېتەكچىلىگىدە ئازاب-ئوقۇبەت دېڭىزىدا ئۇزىۋا تقاندا، ياپونلار،ۋەيران بولغان ۋەتىنىنى قۇردى ۋە ناھايىتى تىز تەرەققىيات بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى. مەجرۇھ “داھى”لار ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر ئەرابى كېلىپ: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورىدى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىشەنچ يۇقالغان چاغدا قىيامەتنى كۇتسەڭ بولىدۇ، دېدى
ئەرابى: ئىشەنچنىڭ يوقالغانلىغى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىدى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىش، شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرگە تاپشۇرۇلغان چاغدا قىيامەتنى كۇتسەڭ بولىدۇ، دېدى
سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى- ئۇيغۇرچە 39. بەت

بۇگۇنكى 21. ئەسىردە، ئىشنىڭ ئەھلى بولۇپ، بولمىغانلار، دىپلوم، ئىلمى ئىنۋان ، ئىلمى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. ئامما، سىياسەتتە دىپلوم، ئىنۋان، تەتقىقات نەتىجىلىرى سورالمىغاچقا، مەجرۇھ روھ ئىگىلىرى توپۇلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلاش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ

قازان ئۇنۋىرسىتىتنى پۇتتۇرگەن بولسىمۇ، 6 ئايلىق پراكتىكىدىن باشقا ئىش تېپىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم قالغان لېنىن، تىبلىستە خىرىستىيان چىركو مەكتىۋىدە 20 ياشقا كىرگەندە تولۇقسىزنى تۇگەتكەن، تولۇق ئورتا مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئوتەلمەي كوچا لۇكچىكىگە ئايلانغان ئىستالىن، خۇنەندىن بېجىڭغا كېلىپ، بېجىڭ ئۇنۋىرسىتىتىدا ئىمتىھانغا كىرىپ، ئىمتىھاندىن ئوتەلمەي، 6 ئاي ئۇنۋىرسىتىت كۇتۇپخانىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەپ، ئۇنىۋىرسىتىت ۋە زىيالىلارغا ئوچمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن بېجىڭدىن ئايرىلغان ماۋزېدوڭ، ئورتا مەكتەپنى چالا پۇتتۇرگەن ۋە مىسىردا قېچىپ يۇرگەن ۋاقىتلىرىدا قاھىرە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ بىر دەرۋازىسىدىن كىرىپ، باشقا بىر دەرۋزىسىدىن چىقىپ كەتكەن، ئامما قولىدا ھېچبىر ئۇنىۋىرسىتىت دىپلومى بولمىغان ساددام ھۇسەيىن…لەرنىڭ ئوز دولەتلىرىنڭ ئەڭ زور ۋە  ئەڭ قىممەتىك بايلىغى بولغان زىيالىلارنى قانداق قىرىپ تاشلىغانلىغىنى ۋە ئاخىرىدا خەلقىنى، دولىتىنى قانداق ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقانلىغىنى ئۇنۇتماسلىغىمىز لازىم

ئۇيغۇر مىللىتى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە ئازاتلىق ئۈچۈن، چېچىلاڭغۇ ھالەتتە بولسىمۇ، قەتئىي كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بۇ كۈرەش 200 يىلدىن بىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. يەنە قانچىلىك زامان، قانچىلىك بەدەل كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن تەخمىن قىلىش قىيىن. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى “داھىي”لىق جېدىلى بەك مۇھىم ئەمەس. چۈنكى، چەتئەلدىكىلەر،ۋتەن ئىچىدىكى خەلقنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتالايدۇ. ۋەتەن ئىچىدىكى مىللى ئازاتلىق ھەركەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىش ئىمكاننيىتى يوق، بۇنداق ئارزۇىسىمۇ يوق. شۇڭا، ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. مۇھىمى، ۋەتەننىڭ ئىچىدە ۋۇجۇتقا چىققۇسى قۇراللىق ۋە سىياسى كۈرەشتۇر. پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بۇ خىل كۈرەش قوشۇنى چوقۇم بارلىققا كېلىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا مەجرۇھ ۋە تەييارغا ھەييار ”داھى”لارنىڭ مىللىي ئازاتلىق سېپىمىزنىڭ بېشىغا چقىۋېلىپ،خەلق ۋە مىللەتكە سالغۇسى بالايى- ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئۇيغۇر ئوغۇل – قىزلىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى ماددىلارنى ئېسىدە تۇتۇشى ئىنتايىن مۇھىم

ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ كىلىچەگىگە كۆڭۈل بۈلىۋاتقان ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ئۇيغۇر ”تومۇرلاردىن قان، بۇلاقلاردىن سۇ ئاقىدۇ“ غانلىق قانۇنىيەتنى ئۇنۇتماسلىغى لازىم

Share
2835 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.