logo

trugen jacn

مۇھەممەد ئەلەمنىڭ «قەشقەر تارىخى» ناملىق ئەسىرى تۈركىيەدە نەشر قىلىندى

image

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ياكى نەشر قىلىنغان قول يازما ئەسەرلەر تۈركچىگىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، نەشر قىلىنماقتا. بۇلاردىن بىرى خوتەنلىك تارىخچى مۇھەممەد ئالەم يېزىپ قالدۇرغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق ئەسەردۇر. بۇ ئەسەرنى بولۇ ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى باھاتتىن گەنجال ئەپەندى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، 2016-يىلى 5-ئايدا نەشردىن چىقاردى. ئىستانبۇل ساھھافلار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق ئەسەر ترانسكرىپسىيە، تەرجىمە ۋە تەھلىل قىسمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى كىتابخانىلاردا سېتىلماقتا.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان بولۇ ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى باھاتتىن گەنجەل ئەپەندى ۋە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور باھاتتىن گەنجەل ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا تولۇق كۇرس ئوقۇۋاتقاندىن تارتىپ، ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىپ تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

مېنىڭ تەتقىقات دائىرەم سەۋەبى بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردىم. مەن تۈركىيە-قىرغىزىستان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇدۇم. 2004-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالەمنىڭ تېمىسى «قەشقەر تارىخى» ناملىق بىر ئەسەر ئۈستىدە بولدى. بۇ ئەسەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردىم. بۇ ئىلمىي ماقالەم بىلەن ئۇيغۇر تارىخىغا كىرگەن بولدۇم. بىز ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقۇغان بولغاچقا قايسى تۈركىي مىللەتلەرنى تەتقىق قىلسام دەپ كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخى تەتقىق قىلىشقا قارار قىلدىم. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئۈچلەر بۇلدۇق ئەپەندىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مۇھەممەد ئالەمنىڭ «قەشقەر تارىخى» ناملىق ئەسىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدىم. بۇ بىر چاغاتايچە قول يازما بولغاچقا، قول يازما ئەسەرلەرگىمۇ قىزىقاتتىم، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىلىرىمنىمۇ ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا يازدىم.

بولۇ ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى باھاتتىن گەنجال ئەپەندى مۇھەممەد ئالەمنىڭ «قەشقەر تارىخى» ناملىق قول يازما ئەسىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

بۇ كىتاب 1894-يىلىدا خوتەنلىك مۇھەممەد ئالەم تەرىپىدىن يېزىلغان. مەن بۇ ئەسەرنى قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف ئەپەندىدىن ئالدىم. 2010-يىلىدا بۇ ئەسەر ھەققىدە ئىزدەنگەن ئىدىم. 1981-1982-يىللىرىدا ياپونىيەلىك تارىخچى ماسەما خامەدا بۇ قول يازمىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن. مەندە بۇ قول يازمىنىڭ تىرانسكرىپسىيىسى ۋە قول يازمىسى بار. مەن بۇنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، بەزى كۆز قاراشلىرىمنى قوشۇپ كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇردۇم.

دوكتور باھاتتىن گەنجەل ئەپەندى بۇ كىتابتا قەشقەرىيە دۆلىتى بىلەن خوتەن خانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بۇ كىتابتا ئەسلىدە خوتەن ۋە قەشقەر خانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. خوتەنلىك مۇھەممەد ئەلەمنىڭ «قەشقەر تارىخى» بىر قول يازما بولۇپ 61 ۋاراقتىن تەركىب تاپقان. مەن ئالدى بىلەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇدۇم، ئىككىنچى بولۇپ ياپون تارىخچى ماسامى خامەدانىڭ تىرانسكىرىپسىيەسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتىم. مەن ئوقۇيالمىغان بەزى سۆزلەرنى ياپون تارىخچىنىڭكىدىن ئالدىم. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋالدىمكى ياپون تارىخچى ئوقۇغان قول يازما بىلەن مەن ئوقۇغان قول يازما ئوتتۇرىسىدا بەزى ئوخشىماسلىقلار بار ئىكەن. مېنىڭچە مەلۇم بىر كىشى كۆچۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.

دوكتور باھاتتىن گەنجەل ئەپەندى كىتابنىڭ ئاپتورى خوتەنلىك مۇھەممەد ئەلەم ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوقلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بىز ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇھەممەد ئەلەم ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولالمىدۇق. پەقەتلا كىتابنىڭ ئاخىرىدا مۇھەممەد ئەلەم يازغان دېگەن بىر جۈملىدە، «مۇھەممەد ئەلەم خوتەنلىك 1894» دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن مۇھەممەد ئالەمنىڭ 1894-يىلىدا خوتەندە ياشىغانلىقىنى، بۇ قول يازمىنى شۇ يىللاردا يازغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز، بۇلاردىن باشقا مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ قەيەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقى، نەدە ئوقۇغانلىقى، بالا-چاقىلىرى بارمۇ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىل قول يازما ئەسەرلەرنىڭ تۈركىيەدە نەشر قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىقىۋاتقان بۇ خىل قول يازما ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئەسەر رۇس تىلىدا يېزىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا رۇسلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەردىكى باش كونسۇلى پېتروۋىسكى يىغقان كىتابلار ئارىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، پېتېربۇرگدىكى ئاسىيا مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئىكەن. بۇ قول يازمىنى رۇس كونسۇلى پېتروۋىسكىي رۇسىيەگە ئېلىپ كەتكەن ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/kitab-neshr-07112016162636.html

Share
1529 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.