logo

trugen jacn

مارتىن ئېنالس مۇكاپاتى نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ئۇنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغانلىقى

c0326009-f5b4-4828-98ba-4714e5597340

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇ يىللىق  «مارتىن ئېنالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىلھام توختى دېلوسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جەلپ قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئالقىشلاپ، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. «دېموكراتىك جۇڭگو فرونتى» ناملىق خىتاي دېموكراتىيە تەشكىلاتى، مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ئۇنىڭ ئەركىنلىك كۆرۈشىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

ئىلھام توختى «مارتىن ئېنالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» 1993‏-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر. تۇنجى مۇكاپات 1994‏-يىلى تارقىتىلىپ، ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى خارىي ۋۇغا بېرىلگەن ئىدى.

2016‏-يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى سەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇكاپاتنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىلھام تاپشۇرۇپ ئالدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «مارتىن ئېنالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلغان 10 خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ت. كۇمار چارشەنبە كۈنى مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ ئۇنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، دەپ كۆرسەتتى.

ت. كۇمار مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خىزمىتىگە بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ. بۇ، ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خىزمىتى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئادالەتسىزلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دېلوسىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، دەپ قاراپلا قالماي، ھەرقانداق كىشىنى جۈملىدىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى رەت قىلىپ كەلدى. بىز خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»

«مارتىن ئېنالس فوندى»نىڭ قارارى يەنە چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. «دېموكراتىك جۇڭگو فرونتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شېڭ شۆنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇكاپات ئىلھام توختىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىدۇر.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن مەن دوكتور ئىلھامنىڭ بۇنداق بىر كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇرسەن بولدۇم، ئۇنى تەبرىكلەيمەن. چۈنكى، بۇ نوقۇل ئۇنىڭ شەخسى تەقدىرىگە دىققەت قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ بىر خىل مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىدۇر.

بۇ، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئازابلىق تەقدىرىگە بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ. چۈنكى، كومپارتىيە خىتايدا ھاكىمىيەت سورىغان شۇنچە يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئازاب تارتىپ كەلگەن خەلقنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ. بىراق خىتاي ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىشى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ناھايىتى چەكلىك خەۋەردار بولۇپ كەلدى».

شېڭ شۆنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇكاپات ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى ئازراق ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ، بۇ مۇكاپات خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شېڭ شۆ، «مەن ئىشىنىمەنكى، ئىلھامنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۇنىڭ شەخسى ئەھۋالىدا ئازراق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، دائىرىلەر ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، تەن جازاسى بېرىش، زىيانكەشلىك قىلىش، دېگەندەك مەسىلىلەردە بۇنىڭ ئۇنىڭغا ياردىمى تېگىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى، خىتاي كومپارتىيىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان دىققىتىدىن ۋە ئۇلارنىڭ داۋاملىق تەنقىدىگە ئۇچراشتىن چېكىنىشى مۇمكىن.

بىراق مەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. لېكىن يەنە بىر جەھەتتىن،خىتاي كومپارتىيىسى بۇ مۇكاپات سەۋەبلىك ئىلھامنىڭ قاماق جازاسىنى قىسقارتىدۇ، دەپ قارىمايمەن» دېدى.

بۇ يىللىق «مارتىن ئېنالس كىشىلىك ھوقۇق» مۇكاپاتىغا ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 نامزات تاللانغان. قالغان 2 نامزاتنىڭ بىرى ئېفىيوپىيەلىك بىر كىشىلىك ھوقۇق تور بېكىتى بىلەن سۈرىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رازان زەيتۇنە ئىدى. ئەمما ئىلھام توختى ئۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات، دەپ قارالغان.

مارتىن ئېنالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى مايكىل خامباتا مۇراسىمدا مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشىدە كۆپ خىل سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ،«ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم ئامىل، ئۇ ناھايىتى زور خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى. ئۇ، ئۆز خىياللىرىنى ئاغزاكى ئىپادە قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى» دېگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ت. كۇمار چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئىلھام توختىنىڭ توختىنىڭ ئادالەتسىز سوتلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرسا، ئۇنىڭ مەسىلىسى خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ت.كۇما مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇنىڭ سۆز قىلىش ھەققى چوقۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانماسلىقى كېرەك، دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا، بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئېلىپ تاشلاشقا چاقىرىمىز ۋە مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلگەنلىكىنى ئالقىشلايمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەيدىغان تېمىمۇ كۆپ گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ دېلوسى تېخىمۇ كۆپ جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ. دۇنيادا بۇ دېلونى خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قاراتقان زوراۋانلىقىنىڭ مىساپى، دەپ قارايدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.»

ئىلھام توختىغا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلىشى يەنە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىندى. ئامېرىكىنىڭ «نيويورك ۋاقتى گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «دىئالوگ ۋە ئۆز ئارا ئارا چۈشىنىشنى ئالغا سۈرۈش تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك» مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە «كۆزەتكۈچى» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئىلھام توختى «خىتاينىڭ ماندېلاسى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بولسا، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ تۈرمىدىكى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلىشى، «دىققەتنى ئىلگىرى خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بۇ دېلوغا جەلپ قىلدى» دېيىلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-mesilisi-10122016135334.html

Share
1029 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.