logo

trugen jacn

ماخمۇت قەشقىرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

d5f327dc846e42efb8164fde0411e865_KAŞGARLI MAHMUT

 تۇنجى تۈرك لۇغەت تۈزگۈچىسى، تۇنجى تۈرك تىلشۇناسى، تۇنجى تۈرك گىرامماتىكا تەتقىقاتچىسى، تۇنجى تۈرك فولكلور تەتقىقاتچىسى ۋە تۇنجى خەرىتە سىزغۇچى، دېگەندەك ئۇنۋانلارنىڭ ئىگىسى بولغان مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق مەلۇمات بولمسىمۇ، ئۇنىڭ 1025 – يىلى دۇنياغا كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پادىشاھ نەسەبىدىن كەلگەنلىكى بىلىنىدىغان مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يىلتىزى، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن تۇنجى تۈرك خاقانى ساتۇق بۇغراخانغا تۇتىشىدۇ

مەھمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى بىلەن نام قازانغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، تىل ئىلمى، گىرامماتىكا ۋە لەھچىلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ئەڭ مول ۋە ئەڭ مۇھىم ئەسەردۇر. شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرى تۈركىي خەلقلەر ياشىغان رايونلارنى بىرمۇ بىر كېزىپ چىقىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ تۈركچىنى رەسمىي تىل سۈپىتىدە قوللانغان قاراخانىيلار دۆلىتى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىشى، ھەم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ دۆلەت ئەركانلىرى ئارىسىدىكى يۇقىرى مەرتىۋىسىنى ھەمدە قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ بىلىم ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارغا قانچىلىك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ

مەھمۇت قەشقىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە تەربىيەلىنىپ يېتىشكەن. ئانا تىلى تۈركچىدۇر. ئەمما، ئەينى دەۋردىكى مۇھىم تىللار ھېسابلىنىدىغان ئەرەبچە ۋە پارسچىنىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇ يازغان ئەرەبچە ۋە پارسچە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھلاردىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەھمۇت قەشقىرى ئەسەرلىرىنى يېزىش ئۈچۈن تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغان باغدادتا تۇرغان. تەتقىقاتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئانا ۋەتىنى قەشقەرگە قايتىپ، ئۆز يۇرتىدا ئالەمدىن ئۆتكەن

مەھمۇت قەشقىرىنىڭ شاھەنە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇھىم بولغان بىر قانچە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئارىسىدا، ئەسەرنىڭ دەسلەپكى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان خەرىتە، يەنى بىر تۈرك سىزغان تۇنجى دۇنيا خەرىتىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈرك ۋە دۇنيا خەرىتىچىلىكى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بۇ خەرىتە، ئەسلىدە تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان رايونلارنى كۆرسىتىش مەقسىتى بىلەن سىزىلغان. ئەمما، مەھمۇت قەشقىرى بۇنىڭلىق بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماي، باشقا خەلقلەر ياشايدىغان جايلارنىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ خەرىتىسىگە كىرگۈزۈپ، دۇنيا خەرىتىسىگە ئايلاندۇرغان. بۇ خەرىتە 11 – ئەسىرنىڭ شەرت – شارائىتلىرى، شۇ دەۋردىكى جۇغراپىيە ئىلمى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ۋە تېخنىكىلار نەزەرگە ئېلىنغاندا، ئىنتايىن يۇقىرى قىممەتكە ئىگە خەرىتىلەردىن بىرى بولۇپ سانىلىدۇ

مەھمۇت قەشقىرى يورۇقلۇققا چىقارغان بۇ ئەمگەك مېۋىسى، تولۇق مەنىدىن ئېيتقاندا، يۇمۇلاق دۇنيا خەرىتىسى بولۇپ، چەمبەر ئەتراپى سائەت ستىرلكىسىنىڭ يۆلىنىشىدە جەنۇب، غەرب، شىمال ۋە شەرق تەرەپلەر ئەرەبچە كۆرسىتىلگەن. خەرىتىدىكى رەڭلەرنىڭ مەنىسىنى خەرىتىدىن ئايرىم قىلىپ ئىزاھلىغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، يېشىل رەڭ دېڭىزلارنى، كۈل رەڭ دەريالارنى، قىزىل رەڭ تاغلارنى، سېرىق رەڭ قۇملۇقلارنى ۋە چۆللەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىچى سېرىق رەڭ بىلەن بويالغان كىچىك چەمبەرلەر، شەھەر ۋە رايونلارنىڭ بەلگىسى قىلىنغان

قۇياش چىقىدىغان شەرق تەرەپ، زامانىمىزدىكى پىرويېكسىيە تېخنىكىلىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا خەرىتىنىڭ يۆلىنىشىدۇر. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىنى تۈرك ئېتىقادلىرىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يەنى كۆك تۈركلەردىن بېرى ئاساسلىق يۆنىلىشنىڭ شىمال تەرەپ بولغانلىقى بىلىنىدۇ. خەرىتىىدە قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى پايتەختى بالاساغۇن بولسا، خەرىتىنىڭ مەركىزى بولغان

گېرمانىيە ئالىمى ئالبېرت ھېرمان بۇ خەرىتە توغرىسىدا مۇھىم تەتقىقاتلارنى قىلغان. ھېرمان خەرىتىدىكى 76 جايغا نومۇر بەلگىلەپ، ئەسلىدىكى خەرىتە ئۈستىگە ماس كېلىدىغان شەكىلدە قويغان ۋە نېمىس تىلىدىكى تەرجىمىسىنى يازغان

مەھمۇت قەشقىرىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك بولسا، ياپونىيەنىڭ تۇنجى قېتىم خەرىتىدە سىزىلىشى ھېسابلىنىدۇ. خەرىتىدىكى يۆنىلىشلەرگە ئاساسلانغاندا، شەرقتە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا «جاباركا» دەپ چۈشۈرۈلگەن جاي، جاباركا يەنى ياپونىيەدۇر. بۇ يەردە شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ: دۇنيادا سىزىلغان تۇنجى ياپونىيە خەرىتىسى 14 – ئەسىرگە، دۇنيا خەرىتىسىدە تۇنجى قېتىم ياپونىيەنىڭ سىزىلىشى 15 – ئەسىرگە ئائىت. ئەمما، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ 11 – ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان بۇ دۇنيا خەرىتىسىگە ياپونىيە چۈشۈرۈلگەن

مەھمۇت قەشقىرىنىڭ دۇنيا خەرىتىسى، جۇڭگودىن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ چېگرالىرىغىچە، بالاساغۇندىن ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

پىروفېسسور دوكتور فىكرەت سارىجائوغلۇنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، خەرىتىدىكى شەرقىي رايونلار تۈركلەر ياشىغان جايلار ھەققىدىكى مۇلۇماتلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بولۇپ، 11 – ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەر ۋە دۆلەتلىرىنى، ئەينى دەۋردىكى تۈركىي خەلقلەر تارقالغان جايلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ خەرىتە يەنە، ئىسلام دۇنياسىدا ۋە خەرىتىچىلىك تارىخىدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ جۇغراپىيەگە بولغان قارىشىغا، ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋەكىللىك قىلىدۇ

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار: بارۇتچۇ ئۆزئۆندەر، ساما (2008) مەھمۇت قەشقىرىنىڭ كىتابى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى نەشىرىياتى، ئەنقەرە

سارىجائوغلۇ، فىكرەت (2008) مەھمۇت قەشقىرى: تۇنجى تۈرك خەرىتە سىزغۇچىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى نەشىرىياتى، ئەنقەرە

ئاكئالىن، شۈكرۈ خالۇق (2008)، مەھمۇت قەشقىرى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشىرىياتلىرى، ئەنقەرە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

Share
2659 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.