logo

trugen jacn

كەنتلەردە ئۇيغۇر ياشلىرى كۈندە 3 قېتىم يوقلىما قىلىنماقتا

65d97990-b6bf-4443-be78-95cf8a6d2fd8

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل چاغان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يېزا، كەنتلەر مۇقىملىق خىزمىتى مۇسابىقىسىگە چۈشكەن بولۇپ، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان مەزگىلىدە ئۆز تەۋەلىكىدىن ئايرىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەدبىرلەر ئالغان، ھەتتا سىرتلارغا توختام بىلەن ئىشلەمچىلىككە چىقىپ كەتكەن ياشلارنى بۇيرۇق بىلەن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، كۈندە ئۈچ ۋاق يوقلىما قىلىش ۋە تۈرلۈك سىياسىي ناخشا، ئۇسۇل پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا مەجبۇر قىلماقتا ئىكەن.

چاغاننىڭ ھارپىسىدىن باشلاپلا دائىرىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ چاغاننى خۇشال-خۇرام،خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن قۇلايلىقلار يارىتىپ بېرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ھالدا ئالاھىدە مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرت ئاتلاپ يول يۈرۈش، ئىش ئىزدەشكە ئوخشاش ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى توختاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ۋە ئىنكاسلار پەيدا بولغان ئىدى، يېقىنقى كۈنلەردە بۇ ھەقتە ئاقسۇغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىدىن، ئاقسۇ تەۋەلىكىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ جايلارنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، چاغان بايرىمى ئۆتۈپ كەتكۈچە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىن ئايرىلماسلىقى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ يولغا قويغانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ ھەقتە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر ياش، چاغانلىق مۇقىملىق تەدبىرى سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان بەلگىلىمە بويىچە دائىرىلەرنىڭ ئۆزىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە ئىشلەۋاتقان زاۋۇتتىن يۇرتى ئاقسۇ ئايكۆلگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە كۈندە ئۈچ ۋاق كەنتتىكى مۇقىملىقنى قوغداش ئىشخانىسىغا بېرىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى: «ھازىر يېزىنىڭ ۋەزىيىتى بەك چىڭ، سىرتقا چىققىلى قويمايدۇ. مەنمۇ ئەسلىدە سىرتقا ئىشلەشكە چىقىپ كەتكەن، بىزنىمۇ يېقىندا قايتىپ كېلىڭلار دەپ ياندۇرۇپ ئەپكەلدى. سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلارنى چىققىلى قويمايدىكەن، چاغاننىڭ 16 سىغىچە يۇرتتىن ئايرىلمايسىلەر دەيدۇ. 7-چېسلادىن باشلاپ يىغىۋالغىلى تۇرغانتى. شەھەرگە كىرمەكچى بولساقمۇ، شاۋدۇيجاڭنىڭ، دادۈيجاڭنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ تامغا باستۇرۇپ بارىمىز ئەمەسمۇ. ھازىر شۇ كۈندە 3 ۋاخ دادۈيگە بېرىپ يوقلىما قىلىمىز.»

بۇ ياشنىڭ ئېيتىشىچە، كەنتتىكى مۇقىملىققا مەسئۇل دائىرىلەر كەنت ئەزالىرىنى بولۇپمۇ ئىشسىز ياشلارنى كۈندە 3 قېتىم يوقلىما قىلغاندىن باشقا يەنە، تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەييارلاشقا سالىدىكەن، يوقلىمىغا كىچىككەن ياكى سەنئەت نومۇرلىرىنى تەلەپكە لايىق ئورۇنلىيالمىغانلارنى بولسا جازالايدىكەن، ھەتتا جەرىمانە قويىدىكەن: «شاۋدۇي ئەزالىرىنى بىر كۈندە 3 ۋاخ توۋلايدۇ، ئەتىگەن يەتتە يېرىمدىن باشلاپ. دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىمىز، باشقا كۈنلىرى مەھەللىدە يوقلىما قىلىدۇ. بىر ۋاق يوقلىمىغا قاتناشمىسا 50 سوم جەرىمانە ئالىدۇ. بەزەن يەرلەردە ئومۇملاشتۇرماپتۇ، بەزى يەرلەردە تازىلىققا سېلىپ باشقا جازالاشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن. بەزەن يەردە ئىقتىسادقا تاقايدىكەن. ھازىر يېزىلاردا نومۇرلارنى تەييارلىتىۋاتىدۇ، ھازىر يېزا، كەنتلەر ئاشۇنداق مۇقىملىق جەھەتتە، پائالىيەت نومۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇپ ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، بۇ دېھقانلار ھەممىسى ئارتىس بولمىسا يە، تازا ئادىل بولمىدى بۇ….»

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا ئاساسىي قاتلامدىكى مۇقىملىق تەدبىرىنى كۈچەيتىش قارارى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر كەنت، ھەر مەھەللىگىچە مۇقىملىق قوغداش ئىشخانىلىرى قۇرۇلغان ئىدى،دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەلىپى بويىچە ھەر بىر كەنتكە كەنت ساقچى ۋە مۇقىملىق كادىرلىرىدىن باشقا خەلق ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ئىشلەمچى ياشنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە يېزا، كەنتلەر بۇ مۇقىملىق خىزمەتچى كادىرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇپ شۇ ئارقىلىق ۋەزىيەتنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، مۇقىملىق مۇسابىقىسىگە چۈشكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن يېزا، كەنتلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇقىملىقنى باھانە قىلغان، كۈندە ئۈچ ۋاق يوقلىما قىلىش، قىزىل ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناشقا ئوخشاش ئاشقۇن تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. بۇ خىل جايلار ئۆز ئالدىغا چىقىرىپ يولغا قويۇۋاتقان بەلگىلىمە‏-چارىلەر ئەسلىدىلا تۈرلۈك بېسىم ئاستىدىكى دېھقانلارنىڭ زىممىسىدىكى روھىي ۋە ئىقتىسادىي يۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلاتقان.

ئىلگىرىمۇ رادىئومىزغا نارازىلىق ئىنكاسنى يەتكۈزگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى مۇقىملىق كادىرلىرىنىڭ ئاساسەن مەدەنىي ۋە ئەخلاقى ساپاسىمۇ تۆۋەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆي ئاختۇرۇش، تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ دېھقانلارنى پاراكەندە قىلىش، بوزەك قىلىش ئەھۋاللىرى ئېغىر بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسى مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان بۈگۈنمۇ يوقلىمىغا قاتنىشىپ كەلگەنلىكى، يوقلىمىغا كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن مۇقىملىق ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق ھاقارەتلەشلىرىگە، تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇنىڭغا كۆڭلىدەنارازى بولسىمۇ، ئىنكاس قايتۇرۇش ياكى باشقا يۇقىرى ئورۇنلارغا ئەرز قىلىشقا ئامالى يوقلۇقىنى بىلدۈردى: «بۈگۈن ئۈچ قېتىم يوقلىما قىلدۇق. ئەتىگەن يەنە بارغانتۇق، شۇ شاۋدۇيدىكى ساقچىلارنى بىر تىللاپ، ھەيۋە قىلىپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋالسۇن دەپچۇ‏-شۇ…. يەنە شۇلارنىڭ ئالدىغا بارمىساق بولمايدىغان ئىش…

سوتقا بارساقمۇ بۇلارنى سورايدىغان ئادەم يوق، بەرىبىر مۇشۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىمىز ئەمدى…. باشقىچە گەپ قىلسام بولمايدۇ….»

بىز ئاقسۇ تەۋەسىدىكى يېزا كەنتلەردە داۋام قىلىۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ قايسى ئورۇن تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفوننى ئالغان ساقچى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىزنىڭ يۇقىرى ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بىز ئاقسۇ ئايكۆل يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تارمىقىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلەرنى چاغان مەزگىلىدە يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن خادىم، بۇ ئىشلارنى مەزكۇر سىرتقا ئەۋەتىلگەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئالاقە ئىشخانىسى بېرىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنى ۋاقىتلىق قايتۇرۇپ كېلىشتىكى سەۋەبنى «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ خىتاي تىلى ۋە ھەر خىل كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىتلىق تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش» دەپ بىلدۈردى. ئەمما نېمە ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان ياشلارنىڭ كۈندە 3 ۋاخ يوقلىما قىلىپ نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ خىل سوئاللارغا ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويدى:
-چاغاندىن باشلاپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى قايتۇرۇپ كەلدىڭلارمۇ؟
‏-يېقىندىن بۇيان ئىچكىرىدىن ۋە ناھىيىدىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممە يەرلىرىدىنمۇ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ.
-ئىچكىرى ئۆلكىلەرىدىكى زاۋۇتلاردىكى خادىملارنىمۇ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ قايتۇرۇپ كېلەمسىلەر؟
-ھەممە ئىشقا بىز ئارىلىشىپ بولالمايمىز. بۇ ئىشلارغا شۇ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئالاقە ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ.
-بۇ چاغانلىق تەدبىرما؟
-ھە، شۇنداق.
-ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشتىكى مەقسەت نېمە؟
-ئەمدى بۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ تىل جەھەتتىن ۋە باشقا كەسپىي جەھەتلەردىن تەربىيىلەپ ئاندىن ھەقسىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمىز.
-ئاڭلىشىمچە، قايتۇرۇپ كەلگەن ئىشلەمچىلەر قاتتىق نازارەت قىلىنىۋېتىپتۇ، يۇرتىدىن باشقا جايلارغا رۇخسەتسىز بارالمايدىكەنغۇ؟
-ھازىر بۇ ئىشلاردىمۇ ھەقىقەتەن قالايمىقانچىلىقلار بار، ئەسلى ئۇلار قانۇن جەھەتتىن قوغدالسا بولاتتى…بۇ گەپنى بەك ئىشكىرىلەپ دەپ كەتسەم بولمايدۇ….

خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىسىدىكى ئىشلەۋاتقان مەلۇم زاۋۇتتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ياشنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن قويغان بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ياكى قىزىل ناخشا، ئۇسۇل نومۇرلىرىنى تەييارلاشقا ئوخشاش بىھۇدە ئىشلارغا مەجبۇرلىشى، يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتى بولغان قىش ۋە ھازىرقىدەك چاغان مەزگىللىرىدە تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ كەلمەكتە ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-yoqlima-02102016142644.html

Share
1573 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.