logo

trugen jacn

قىزىلسۇ يېزىسىدا «مۇقىملىق بويىچە چاتما جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنامىسى» يولغا قويۇلغان

5e18e4d0-347e-4c47-b424-4e00440c8f4e

 قۇتلان

2014-u0827-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا قىزىلسۇ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت نامىدا «مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسى» دېگەن بەلگىلىمە تارقالغان.

30 ماددىلىق بۇ مەسئۇلىيەتنامىدە يېزا تەۋەسىدىكى دېھقانلارنىڭ قولۇم – قوشنىلار ئارا بىر – بىرىنى نازارەت قىلىشى شۇنىڭدەك تۇيۇقسىز ۋەقەلەر يۈز بەرسە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كوللېكتىپ بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى بەلگىلەنگەن.

مەزكۇر مەسئۇلىيەتنامە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

رادىئومىز پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا يېزىلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن تېلېفون لىنىيىسى ئۈزۈۋېتىلگەچكە بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ ئۇچۇر ئېلىشقا ئىمكان بولمىدى.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئاشكارا بولغان مەزكۇر 30 ماددىلىق مەسئۇلىيەتنامە قىزىلسۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت نامىدىن 18 – ئاۋغۇست كۈنى چىقىرىلغان. مەسئۇلىيەتنامىدە كەنت مەسئۇلى، گۇرۇپپا مەسئۇلى ھەمدە ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىمزا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور جۈرئەت ئوبۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى.

«مەن ئالدىنقى كۈنى فېيسبۇك ئارقىلىق تارقالغان بۇ 30 ماددىلىق مەسئۇلىيەتنامىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. راستنى دېسەم، بۇ مەسئۇلىيەتنامىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھېچبىرى ئەقلىمگە سىغمىدى. بۇنداق چېكىدىن ئاشقان بىمەنىلىكنى دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق يېرىدىن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش مۇقىملىق سىياسىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنى كوللېكتىپ بەدەل تۆلەشكە، يۈز بەرگەن جىددىي ۋەقەلەرگە كوللېكتىپ مەسئۇل بولۇشقا شۇنداقلا ئاخىرىدا كوللېكتىپ جازالىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. تارىختا مۇستەملىكىچى مىللەتلەر ئۆزىگە قارام قىلىنغان مىللەتلەرنى كوللېكتىپ جاۋابكار بولۇشقا ۋە ئۇلارنى كوللېكتىپ جازانى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان ئەھۋاللار بولغان. بۇنداق ئەھۋاللار خىتاي تارىخىدىمۇ شۇنداقلا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىلار ئۈچۈن قۇرغان جازا لاگېرلىرىدىمۇ بولغان. ۋاھالەنكى، دۇنيا 21 – ئەسىرنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ قىسمەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. ئەركىن، دېموكراتىك ئەللەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلىسا ئىشىنەلمەي قالىدۇ. بۇ ئادەمنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ. راستنى ئېيتقاندا، بۇ 30 ماددىلىق چاتما جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەتنامىسىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇمنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر پاكىت، خالاس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/chatma-mesuliyet-08272014211904.html

Share
1801 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.