logo

trugen jacn

قوش تىل يەسلىلىرى, بالىلارنىڭ ئانا تىلى بىلەن تەڭ بالىلىقىنىمۇ تارتىۋالماقتا

7196c2d7-2f8b-491a-8c54-54f54b4ddf1d

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

دۇنيادىكى تىل تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى يەكۈنلىدىكى، «ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ تەپەككۇر خاتىرىسى ۋە مەدەنىيەت ئىزناسى، مىللەت روھىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل. تىل پىكىر قىلىش قورالى بولغانلىقتىن، ئانا تىل ئاساسى پۇختا بولغاندىلا ئېنىق ۋە كۈچلۈك پىكىر قىلغىلى، ئىككىنچى تىلنى ئاسانراق ئۆگەنگىلى بولىدۇ. بالىلىق مەزگىل بولسا تىل ئۆگىنىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ، بۇ چاغدا بالىلار ئانا تىلنى تېز ئۆگىنىدۇ.» ئەمما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا باغچە مائارىپىدىن باشلاپ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى سىياسىتىدە دەل ئەكسىچە شەكىل قوللىنىلماقتا، يەنى ئاتالمىش قوش تىل مائارىپ سىياسىتىدىكى ئانا تىل بىلەن خىتاي تىلىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى مەسىلىسىدە خىتاي تىلىنىڭ مائارىپتىكى قوللىنىش دائىرىسى مەيلى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا بولسۇن، دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋە ئويۇن ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە بولسۇن، ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر تىلى قوشۇمچە ئورۇنغا چۈشۈپ قالماقتا ياكى بىكار قىلىنماقتا. بۇنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ تىل ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئۈسۈپ يېتىلىشىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان يامان تەسىرلىرى ۋە يەنە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان جىددىي مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇددىتى 3 يىللىق يەسلى قوش تىل ئالاھىدە شتاتلىق ئوقۇتقۇچى پىلانىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پىلان بويىچە ئاساسىي قاتلام يەسلىلىرىگە بۇ يىل يەنە 3500 نەپەر يەسلى قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى قوش تىل يەسلىسى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان 2011-يىلدىن بۇيان، 450 مىڭدىن كۆپرەك ھەر مىللەت بالىلىرىنى قوش تىل يەسلىلىرىدە تەربىيىلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويىدىغان «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنىڭ تەلىپى بويىچە يەسلى مائارىپىدا تۆت ياشتىكى بالىلارغا خىلمۇ-خىل رەسىملەر ئارقىلىق خەت تونۇتۇشتا ئانا تىل بىلەن خىتاي تىلىنى تەڭ ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلىش، بەش ياشتا ھەرپلەر بىلەن تونۇشۇپ يازالايدىغان، ئالتە ياشتا ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەر بىلەن تونۇشۇپ بولغان بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن.

قوش تىل مائارىپى مۇنبىرىدە بۇ ھەقتىكى تور ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا «قوش تىل» مائارىپىنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلدا تولۇق ساۋاتىنى چىقىرىپ بولۇشى كېرەك، بىراق ھازىر يەسلى سىنىپلىرىدا ئانا تىل دەرسى بىر سائەت (30 مىنۇت) ئۆتۈلگەچكە، بالىلاردا ئانا تىلغا تىلى كەلمەسلىك، تىلى كەمتۈكلۈك ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە.

ئاقسۇدا قۇرۇلغان مەلۇم قوش تىل يەسلىسىنىڭ بىر باشقۇرغۇچىسى سوئاللىرىمىزغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، بۇ قوش تىل يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي تىلى دەرس ۋاقتىدىن باشقا ئادەتتىكى پائالىيەت ۋاقىتلىرىدىمۇ خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پىچان ناھىيىسى بۇ يىل «قوش تىل» يەسلى مائارىپىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، 12 مىليون سوم مەبلەغ سېلىپ، 14 ئورۇندا «قوش تىل» يەسلى قۇرۇشنى پىلانلىغان.

بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ قانچە تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل قوش تىل يەسلىلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلار راستىنىلا تەشۋىقاتلاردىكىدەك ئۆز ئانا تىلىغا ۋە خىتاي تىلىغىمۇ پىششىق، قوش تىللىق، ئەقىللىق بالىلاردىن بولۇپ يېتىلىۋاتامدۇ؟ بۇنىڭغا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قايسى بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ قوش تىل يەسلىسىدىكى 3 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشىنى مەسخىرە قىلىپ تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشىدىن جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.

شۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاتالمىش قوش تىل يەسلىلىرىگە قوبۇل قىلىنىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوش تىل بىلمىگەندىن سىرت، «ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇش، مېھرىبان، سەۋرچان بولۇش، قايتا-قايتا تەكرار قىلىشقا جاسارەت بولۇش، ئوقۇغۇچىلاردا تىلغا بولغان قىزىقىشنى، ئاكتىپچانلىقنى، تەشەببۇسكارلىقنى ئۇرغۇتالىشى كېرەك» دېگەندەك قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسلىق تەلەپلەرگە لايىق كېلىش-كەلمەسلىكى ئۇيغۇرلاردا شۈبھە قوزغىشى تەبىئىي.

ئىلگىرى ئۈرۈمچى 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇزۇن يىل تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپى سىياسىتى قەدەم باسقۇچلۇق كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلماقتا، نۆۋەتتە بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال قوش تىل يەسلىسىدە كەم دېگەندە ئىككى يىل ئوقۇغانلىق ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. قوش تىل يەسلىلىرىدە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش-بالىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، نورمال ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، ئالاقىلىشىشىدە ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتتى. ئەمدى پەرزەنت تەربىيىسىدىمۇ ئانا تىلنىڭ ئورنىنى خىتاي تىلىنىڭ ئىگىلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى.

بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئابدۇۋەلى ئەپەندى : «ئانا تىل ئارقىلىقلا ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئانا تىل ئارقىلىق ئەۋلادلارغا يېڭى يول ئاچالايدۇ. ئەمما ئاتالمىش قوش تىل يەسلى مائارىپى تېخى ئانا تىلى تولۇق چىقمىغان ئەۋلادلىرىمىزغا خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاپ تېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى، روھىنى، بالىلىقىنى، كەلگۈسىنى، بارلىقىنى تارتىۋالماقتا، ئاتالمىش يەسلى مائارىپى ئەمەلىيەتتە مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈسىنى ئالدى» دېدى.

ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت بالىلىرىغا ئەڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنىڭ قوش تىل يەسلى مائارىپى نامىدا، ئەمەلىيەتتە خىتايچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى ئۇيغۇرلاردا بىر مەھەل «ئانا تىل يەسلىسى» ۋە «ئانا تىل مەكتەپ» لىرىنى ئېچىش چوقانلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن بېسىقتۇرۇلدى، خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان بۇ خىل شەكلى ئۆزگەرگەن قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇر ئېلىدا دۆلەت سىياسىتى بويىچە كۈچەيتىپ داۋاملاشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/qosh-til-04202015152105.html

Share
1736 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.