logo

trugen jacn

سەلبىي ئامىللار ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

 

 

ئابدۇرەھىمجان
ئىلاۋە : بۇ   ماقالىنى چەتئەلدىكى ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىم ۋە كۆرگەن، بىلگەن، ئاڭلىغانلىرىم، شۇنىڭدەك  ، يىراق يېقىندىكى ئەمەلىي ھادىسىلەر، شەخسلەر، كىشىلەر، تۈرلۈك ئېقىمغا مەنسۇپ كوللېكتىپلارنىڭ ئەمەلىيەتلىرى …قاتارلىق رېئال ۋەزىيەتلەردىن چىقارغان  بىر قاتار خۇلاسىگە، تەجرىبىگە ئاساسەن يازدىم . بۇ ماقالىدا بىرەر شەخس ۋە كىشىنىڭ خاس سۈپەت ۋە خاراكتېرىنى ئوبرازلىق بايان قىلمىدىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى يۈرىكىڭىزدىكى يوشۇرۇن بىر جايلارنى تىرمىلاپ ئۆتسە، دېمەك مەسىلە مەندە ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىڭىزدە ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلىپ، تۈزىتىشكە، ئاللاھ ئالدىدا تۆۋە قىلىشقا، مىللەتتىن ئۆزەر تىلەشكە تىرىشىڭ. مانا بۇ شۇملۇقتىن قۇتۇلۇش يولىدۇر

 

ئەمەلدار، مەنسەپدار بولۇش ئۈچۈن خىتايغا قۇل بولۇپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پۇلدار، مۈلۈكدار بولۇش ئۈچۈن خىتايغا مالاي بولۇپ، سېتىلىپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. كامىل مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئەرەبلەرگە چاكار بولىۋېلىشنىڭ، ئەرەب پەرەس بولۇپ كېتىشنىڭ ۋە ئەرەبلىشىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مۇجاھىت بولۇش ئۈچۈن ئەرەب زېمىنىگە بېرىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شەھىد بولۇپ كېتىش ئۈچۈن ئەرەبلەرنىڭ قولىدا ئۆلۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. غازى بولۇش ئۈچۈن ئەرەبلەرنى ئەمىر تۇتۇۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. جەسۇر،  شىجائەتلىك ئەركەك بولۇش ئۈچۈن تۈرك بولىۋېلىشنىڭ، تۈرك پەرەس بولىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق

 

پەقەت مۇكەممەل مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇكەممەل ئىنسان بولۇش كېرەك. مۇكەممەل ئىنسان بولۇش ئۈچۈن  ئالدى بىلەن ئەقىل – تەپەككۇرى ساغلام، مەيدانى مۇستەھكەم، مەۋقەسى ئېنىق، تىلى بىلەن قەلبى، ئېيتقىنى بىلەن قىلغىنى ۋە قىلىدىغىنى بىردەك بولىشى كېرەك. ئادىمىيلىكى تولۇقلانمىغان كىشىنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئۆز ئورنىنى تاپالىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەسلى مەقسەتكە كېلەيلى

 

 بىرىنجى;  ئەمەل – مەنسەپ ئۈچۈن « ئۆزلۈك» نى ئۇنتۇش

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ۋەتىنىمىزدە مەھەللە باشلىقىدىن تارتىپ ، ئاپتونوم رايوننىڭ نازىرىغىچە بارلىق ئۇيغۇر ئەمەلدارلار  ئۇيغۇرلارغا قارشى، خىتاي مەنپەئەتچىلىكى ئۈچۈن كەسكىن ئىجرائات ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇلار يۇقىرىدىن باشلاپ ئاساسى قاتلام كومىتېتلىرىغىچە خىتايلارغا قۇللۇق بىلدۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مەركىزى ھۆكۈمەتتىكى بىر ئۇيغۇر نازىر، بىرەر ناھىيىنىڭ خىتاي سېكرىتارى ئالدىدا قۇللۇق بىلدۈرۈشكە مەجبۇر. ئۇيغۇر – خىتاي مەنپەئەتى توقۇنۇشقاندا، قانۇندىن باشلاپ مەمۇرىي ئىجرائاتلارغىچە خىتايغا قۇللۇق بىلدۈرۈشتىن باشقا چىقىش يولى يوق.

 

گۇمانلىق يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئۇزۇن يىللىق  كۈزىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن، غەيرى رەسمى پاكىتقا كۆرە، ۋەتەن سىرتىدىكى ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ خېلە يۈزلۈك بەزىلىرىمۇ، خىتاي يېقىپ بەرگەن يېشىل چىراقلارغا قاراپ  يول يۈرىدىغانلىقى تەخمىنىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. خىتايدىن قىتئەلەرچە يىراقتا بولسىمۇ، روھىيىتى، مەنىۋىيىتى ۋە ئەقىل- تەپەككۇرلىرى خىتايغا قۇل بولۇپ كەتكەن ئەمەلدار، مەنسەپدارلارنىڭ  ئەھۋالى شۇنچىلىك. يەنى قوللىرىدا خىتايغا قارشى كۆك بايراق، لېكىن يوشۇرۇن ئەمەلىيىتى خىتايغا قۇللۇق بىلدۈرمەيتۇرۇپ بىرەر مەنسەپنى ساغلام تۇتۇپ ماڭالمايۋاتقانلىقى ئېچىنىشلىق. ئۇلار مەنسەپ، ئاتاق ۋە ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ، « ئۆزلۈك»لىرىنى بۇلغىماقتا. ئۇلار كۆرۈنۈشى باشقا، ئەمەلىيەتلىرى باشقا، ئىككى يۈزلىمە كىملىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلاردىن چىققان ئاخىرقى نەتىجە مىللەتكە زىيانلىق پارازىتتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.

 


ئىككىنجى;  پۇل- مۈلۈك ئۈچۈن
« ئۆزلۈك» نى سېتىش

 

تاپاۋەت  ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ساھەسىدە، ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە بىر نەرسە دېيىش ھەقلىق بولمىسا كېرەك. ۋەتەن سىرتىدىكى ئەركىن تاپاۋەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ قىلىدىغان مۇقىم ، ئېنىق ئىش – ئوقىتى يوق، بىراق چوڭ رەقەملىك پۇل مۇئامىلىنى، ئېغىر تىپتىكى مۈلۈكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ، كۆرۈنۈشى« تىجارەتچىلەر »، شۇنىڭدەك تۈنۈگۈن قارىسىڭىز مۇنداراق،  لېكىن تۇيۇقسىزلا « بىر سەكرەپ مىليونلۇق بايلاردىن » بولۇپ قېلىۋاتقانلار، كۈندىلىك قىلىۋاتقان ئەمەلىي ھەرىكىتى كۈندىلىك جان بېقىشقا چۇشلۇق بولسىمۇ، ئەقىل لال بولغىدەك شەكىلدە كۆچمەس مۈلۈك ئىگىسى بولۇپ شەكلى، يولى، باردى – كەلدىسى، گەپ- سۆزلىرى ئۆزگىرىۋاتقانلار، ئەلۋەتتە پۇل، مۈلۈك، سەرۋەت ئۈچۈن يىراقتا تۇرۇپ خىتايغا مالاي بولۇپ كېتىۋاتقانلار بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق تەرەپتە ئەدەپ كېتىۋاتقان پۇلدارلىق، مۈلۈكدارلىق ۋەزىيىتى بەك شۈبھىلىك .

 

پۇلدارلىق ئۈچۈن، -مۈلۈكدارلىق ئۈچۈن خىتايغا سېتىلىپ، خىتايغا مالاي بولۇپ كېتىۋاتقانلار، خوجايىنلىرىغا نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن نېمە كېلىدۇ؟ – ئۇلارنىڭ خوجايىنلىرىغا قىلىپ بېرىدىغان ئىشلىرى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىمۇ « بەش تەڭگىگە يارىمايدىغان ئىش » بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارغا پۇلنى تۆكمە، تۆكمە قىلىپ تاشلاپ بېرىۋاتقان خوجايىنلىرىنىڭ نەزىرىدە، ئۇلار كۆرسەتكەن خىزمەت تاغدەك قىممەت يارىتىدىغان بولسا كېرەك. پۇلغا، مۈلۈككە بېرىلىپ، خىتايغا مالاي بولۇپ كېتىدىغانلار، دەسلىۋىدە ساتىدىغان نەرسىنىڭ مىللەتكە بەكراق زىيان سالىدىغان ياكى « ئانچە زىيىنى يوق » تەرەپلىرىگە قاراپ سېتىشى مۇمكىن. كېيىنچە سېتىپ كۆنۈپ قېلىپ، ياكى خوجايىنلىرىنىڭ « ئەمدى چېكىنىش يولۇڭ يوق. ماۋۇنى قىلىپ بەرمىسەڭ، بۇرۇن قىلغانلىرىڭنى ئاشكارىلىۋېتىپ، رەسۋا قىلىمىز! »- دېگەندەك، تەھدىتلىرى ئاستىدا، خەتەرلىك، ھەم مىللەتكە چوڭ زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىشى مۇمكىن. خوجايىنلىرى زورلىغاندا، (  ئاللىبۇرۇن دەپسەندە بولۇپ كەتكەنلىكى ئۆزىگە مەلۇملۇق ، لېكىن جەمئىيەتتە تېخى ئاز – تولا ئەبجەش بولسىمۇ ئاشكارە تۆكۈلۈپ كەتمىگەن) ئابرويىنىمۇ ئۆز قولى بىلەن تۆكۈشكە مەجبۇرلانسا كېرەك.

مۇشۇ يەردە بىر مىسالنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆتەيلۇق: شۇ يېقىنقى يىللاردا، مەلۇم بىر دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىدىن بىر نەپەر خادىمنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ خادىمغا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر، تەشكىلات ئىچى،  سىرتىدىن پىكىر توپلاپتۇ. ۋەزىيەت پىشىپ يېتىلگەن كۈنى تەشكىلات زالىدا يىغىن ئېچىپ، ئېچىلىپ سايراش باشلىنىپتۇ. ئۇنى قوللايدىغانلارمۇ، قارشى تۇرىدىغانلارمۇ دەيدىغاننى دەپتۇ. ئارىدىن بىرسى قوپۇپ: بۇ ئاداشنى تەشكىلاتتىن چىقىرىش كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ ئىستىلى بۇزۇق- دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىستىلىنىڭ بۇزۇقلىقىغا ئىككى ئۇيغۇر « ئەر» گۇۋاھلىق بېرىپتۇ. بىرسى مۇنداق شىكايەت قىلىپتۇ: بۇ پالانچى پۇستان، سەككىز يىل بۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىمغا، ئالتە يىل بۇرۇن چاقچاق قىلغانلىقى ۋە بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئايالىم بويتاق يۈرۈشتىن نومۇس قىلىپ، مەن بىلەن قايتا يارىشىشنى ئېيتقان. بىز يارىشىپ قالغىلى بەش يىل بولدى. ئىشەنمىسەڭلا ئايالىمنى نەق مەيدانغا ئەكىلىمەن.

شىكايەتچىنىڭ يەنە بىرى مۇنداق قاقشاپتۇ: بۇ پالانچى پۇستان، ئالتە يىل ئاۋال قويۇپ بەرگەن ئايالىمنى ، يەتتە يىل ئىلگىرى ئۆيىگە باشلاپتىكەن. كېيىن بىلىپ قېلىپ قويۇپ بەردىم. ئۈچ بالامنىڭ يېتىم بولىشىغا مۇشۇ سەۋەبچى…
لېكىن ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، شىكايەت قىلغان ھەر ئىككىسىلا ھېلىقى ئادەم بىلەن (شىكايەت قىلىشتىن بىر قانچە  ھەپتە ئاۋالقى كۈنلەرگىچە)  پۈتۈنلەي نورمال مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ھەتتا بىر شىرەدە چاي ئىچىشىپ يۈرەلەيدىغانلاردىن ئىكەن.  بىراق مەزكۇر ئەيىبلەنگۈچىنى تەشكىلاتتىكى ۋەزىپىسىدىن ھەيدەش ۋە تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن توقۇلغان بۇ دېلونىڭ ئارقىسىدا كىملەر بولىشى مۇمكىن؟ ئەيىبلەنگۈچى كىملەر ئۈچۈن شۇ قەدەر خەتەرلىك ئادەم؟ ئىككى كىشى خوتۇنلىرىنىڭ ئىپپەت نومۇسىنى  بۇلغاپ تۇرۇپ  گۇۋاھلىق بەرگۈدەك، زادى نېمىلا كەتسە كەتسۇن، ئۇنى يوقىتىمىز! – دەپ ، جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرغىدەك شۇ قەدەر مۇھىم ئادەممىدى؟ – شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان سوئاللار جاۋابسىز قالىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئەيىبلەنگۈچى گەرچە تەشكىلاتتىن چىقىرىۋېتىلمىسىمۇ، ئەمما غەيرى رەسمى ھالدا ۋەزىپىسى توڭلىتىپ قويۇلغان گەپ. ھېلىقى ئىككى كىشىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بىرسى (يۇقىرىقى ماجىرا بولۇشتىن بەش يىل ئاۋال) سياسىي پاناھلىق ۋاقتى توشۇپ،  ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈپلا، خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ھەل قىلىپ ۋەتەنگە بارغىنىدا، ئەمەلدارلار مېھمان قىلىپ، ئوينىتىپ، بىر يىلىق ئىقامەت بىلەن يولغا سالغان ئىكەن.قايتا بارغىنىدا، يىل توشمايتۇرۇپ، سۈرەكسىز- دائىملىق ئىقامەتنى بېرىپ،  خالىغاندا ئۇچۇپ كىرىپ، خالىغاندا ئۇچۇپ كېتەلەيدىغان ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن. لېكىن بۇ قېتىم «خوتۇنىنىڭ ئىپپىتى »نى شىپە كەلتۈرۈپ  گۇۋاھلىقتىن ئۆتىشى، بەلكىم ئاۋالقى « تەمىنات» لارنىڭ كېچىككەن شۈكرانىسىمۇ؟ ياكى يېڭى بىر توختامنىڭ ئىجرائاتىمۇ؟ – جاۋابىنى ئۆزى ۋە خوجايىنلىرى بىلىدۇ.
گۇۋاھچىنىڭ يەنە بىرىمۇ، كېپىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان،  مېھنەت قىلىپ تاپقىنىنى« بىرنى ئون قىلىمەن» – دەپ، قىمارغا تىكىپ، ئۇ ئايدىن، بۇ ئايغىچە قاق ساپا يۈرۈيدىغانلاردىنكەن مىش. گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىككى يىلچە ئاۋال، « بىر سەكرەپ ئىلگىرىلەش»بويىچە، توساتتىن مۈلۈكدار بولۇپ، خېلە ئوبدانلا پىتلانغانلاردىن بولۇپ قالغان ئىكەن. بۇ قېتىم گۇۋاھچى بولىشىمۇ يامان سىرلىق ھادىسىلەرنىڭ قاتارىدىن مىش.
ئەمدى ھېلىقى « ئىككى كىشىنىڭ خوتۇنلىرىغا چېقىلغان، ئىستىلى بۇزۇق  » -دەپ، ئەيىبلەنگۈچىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئائىلىسى خانە- ۋەيرانچىلىق، بالىلىرى يېتىم بولغانمىش. چۈنكى شۇنچىۋالا كۆپچىلىك ئالدىدا، « ئىستىلى بۇزۇق »- دەپ، رەسۋا قىلىنغان ئەرنى يەنە ئېرىم دەپ، بىر ئۆيدە ئۆتۈۋېرىدىغان ئۇيغۇر ئايال تېخى تۆرەلمىگەن بولسا كېرەك. ئىتمۇ ئۆز يالىقىنى قىزغىنىدۇ- دە. ئېھتىمال شۇ تەشكىلاتتا ھېلىقى ئادەمنىڭ ۋەزىپە ئېلىپ قېلىشى، چوڭ- كىچىك خوجايىنلارنىڭ دىتىغا ياقمىغان بولىشى مۇمكىن. …

 

  ئۈچۈنجى;  ئەرەبلىشىۋېلىش يولىدا « ئۆزلۈك  » تىن ۋاز كېچىش

 

ۋەتەن ئىچى- سىرتىدا پاراللېل كېتىۋاتقان ئەرەبلىشىش قىزغىنلىقىنىڭ سىرىنى يېشىش ئانچە بەك قىيىن ئىش ئەمەس. ۋەتەندىكى كلاسسىك مەدرىس ئۇسۇلى بويىچە دىنى ئىلىم تەھسىل قىلغانلار،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خاس ۋە ئىسلامى ئىش- پائالىيەت، سۈننەتلىرىدىن باشقىنى ئاساسەن بىلىپ كەتمەيدۇ. ھەم بىلىشنىڭمۇ (دىنى جەھەتتىن)  زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ھەرىكەتلەر گەرچە ئىسلامنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى- بولغان بولسىمۇ، ئېنىق مەنىسىدىن ئالغاندا ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى، خىلاپەت نامىدىكى ئىمپېرىيە تىكلەش جەريانى بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى تارىخى بايانلار، مۇسۇلمان ئەرەبلەرنىڭ مىللى ۋە سىياسى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بايانلار بولۇپ، ئۇنى  ئۆگىنىش، بىلىش  دىن بىلەن، دىنى جەھەتتىن باغلىنىشى يوق بولغاچقا، مەيلى ۋەتىنىمىزدىكى ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە بولسۇن، ياكى گۈللەنگەن ۋە تەخرىبات قىلىنغان زامانلاردا بولسۇن، شۇنىڭدەك، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىسلامى مائارىپ ئويغىنىشى ۋە (30 يىللىق پۈتۈن تەخرىباتتىن كېيىنكى)   80- يىلىدىن باشلانغان يېڭىدىن ئىسلامغا قايتىش دەۋرىدە بولسۇن، ئەرەب تارىخىغا قىزىقىش بولمىغان ئىدى. 1995- يىللىرىغىچە شۇنداق داۋاملاشتى. كلاسسىك ئۇيغۇرچە مەدرىس ئۇسۇلىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان ياش دىنى زاتلار ئىچىدىن، « يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى» بىر تۈركۈم كىشىلەر، شۇنىڭدەك، ئويغىنىش روھىغا ئىگە بىر تۈركۈم ياشلار،  ئىسلام دىنى پەقەت ئىبادەت قىلىدىغانلام دىن ئەمەس، بەلكى سىياسەتمۇ قىلىدىغان، دۆلەتمۇ قۇرىدىغان، ئىنسانىيەتكە ئاممىباپ دىن ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ئەرەبلەرنىڭ  تارىخىنى، دۆلەت قۇرۇش، ئۇرۇش قىلىش ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، پەن-تېخنىك، تەجرىبە، پەلسەپە، نەزەرىيە….. ۋاھا- كازا ھەممە تەرەپلىرىدىن ئەرەبلەرنىڭ ئىجادىيەت، غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرىگىچە ھەممە نەرسىلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرغىچە ئوقۇپ، باشقىلارغا يەتكۈزۈپ، يېڭىچە بىر ئەرەبكە قىزىقىش ھاۋاسى پەيدا قىلىشتى.  بۇ خىل ۋەزىيەت  دىنى ئەقىدىسى ياخشى لېكىن ئەرەبچىدىن مەلۇماتى يوق ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا، ئۆز مىللى كىملىكىدىن ئۆكۈنۈپ، ئەرەبلەردىن، ئەرەب قەھرىمانلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان،  ئەرەب قىزغىنلىقى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭدەك ئەرەب ئەللىرىدە دىنى ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئەمما ئۇيغۇر تارىخى بىلىملىرىدىن ساۋادى بولمىغان، ناھايىتى كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان دىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ۋە  ھەتتا يۇقىرى بىلىم تەھسىل قىلغان غوللۇق بىر تۈركۈم ياش دىنى ئۆلىمالارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىلىرىدىمۇ، مەخسۇس ئۆگىتىلگەن ئەرەب تارىخلىرى، ئەرەبكە قىزىقىش ھادىسىسى خۇددى تەۋھىدى بىلىملەرنىڭ بىر قىسمى ھالىغا كېلىپ قالدى .

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئۆلىمالارغا بولغان ھۆرمىتى، دىنى ئۆلىمالارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئادەتتىكى ھېكايەتلىرنىمۇ دىنى ۋە تەۋھىدى مەسىلە – دەپ، قوبۇل قىلىۋالىدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى « ئۇيغۇرلاردىكى كاۋاك » -دەپ، پۇرسەت بىلگەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىر تەرەپتىن خىتايلارغا زىيىنى يوق، ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز بولغان ئەرەب تارىخى ھادىسىلىرىنى كۆپلەپ خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ،تارقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى چەكلەش ئارقىلىق، ئەكسى يول بىلەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرەبلىشىشكە تېخىمۇ قاتتىق قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنىمۇ ئۈنۈملۈك قوللاندى.

مۇشۇ كېيىنكى 20 يىلدىن بېرى، ياش ئۇيغۇر دىنى ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن (مەقسەتسىز، ياكى ساددا مەقسەت بىلەن ) تەشۋىق قىلىنغان ئەرەبكە قىزىقىش بىلەن  خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن مەقسەتلىك، قەستەن، شۇم غەرەز بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇش نەتىجىسىدە، بىر قاتار پايدىسىز ھەم زىيانلىق ئامىللار  كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەرەبلىشىش ھاۋاسى ئاستىدا، ئۆزلىكىنى يوقىتىش، ئۆزلىكىدىن يىرگىنىش، ئەرەبلەرگە مايىل بولۇش، ئەرەبلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، ئەرەبلەر ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ، ئەرەبلەر ئۈچۈن ئۆلۈشكە قەدەر پاجىئەلىك كەيپىياتلار باش كۆتەردى. ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇ بىلەن تەسەۋۋۇر قىلغان كىشىنى ئاچچىق ئۆكۈندۈرىدىغان نەرسە شۇكى، ئەرەبلىشىش ۋە ئۆزلىكىدىن چېنىش شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئىدىيىسى، تەپەككۇرى، روھى ئەرەبلىشىپ كەتكەنلەر، ئاتا، ئانىسى ئارزۇلاپ قويغان مۇسۇلمانچە ئىسىملىرىنىمۇ چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن ئاۋالقى ۋە كېيىنكى مىللى ئىسىملىرىنى شەرەپ بىلىپ ئۆزلىرىگە قويۇۋېلىشى ۋە پەخىرلىنىشى، ئۇلارنىڭ  « ئۆزلۈك »تىن تەل تۆكۈس تانغانلىقىنى، تۈگەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ .

  تۆتىنجى;  تۈركلىشىۋېلىش ئۈچۈن « ئۆزلۈك » تىن تېنىش

 

شەرق مىللەتلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ھەم جاسارەتتە، ھەم پاراسەتتە، ھەم ئىجادىيەتتە، ھەم  كەشپىياتتا تەڭدىشى يوق تونۇلغان، ئېتىراپ قىلىنغان مىللەت ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى تارىخى كىملىك ۋە ئۆزلۈكلىرىگە ھېچ كىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلەشكۈچى مىللەت ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلەشتۈرگۈچى مىللەت ئىكەنلىكىمۇ كۆز يۇمغۇسىز بىر ھەقىقەت ئىدى. لېكىن كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ چېكىنىشى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، پەقەت ئۇيغۇرلۇقتىن يىراقلىشىش، چېنىش، يىرگىنىش ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدۇ .

ئۆزلىرىنى : بىز تۈركۈز- دەپ، ئۇيغۇرلارنى دوغۇتۈركىستان تۈركلىرى – دەپ، تۈرك قېرىنداشلارغا « ۋەتەن دەۋاسىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز»-دەپ، يۈرىدىغان  ئەربابلارنىڭ بىرى، يېڭى ياچە تېنەپ، تەمتىرەپ كېلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا، ئۆزلىرىنىڭ مىللەت قارىشىنى  مۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىدى: « بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېگۈمىز بار. بىراق مانا ماۋۇ ئۇيغۇرلارنىڭ- دەپ كۆرسەتكۈدەك ھېچ نېمىمىز يوقكەن ئەمەسما. تۈرك دەۋالساق، ھېچ بولمىغاندا ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ يېدى يۇقۇندىسى ، چاڭ- توزاڭلىرى ئۈستىمىزگە قونىدىكەن. يېتىم بالىدەك يالغۇزسىراپ، بىز ئۇيغۇر دەپ يۈرگىچە، تۈركلۈك بىلەن پەخىرلىنىپ، بېشىمىز تىك يۈرگەن ياخشى ئەمەسمۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇش، بىلمىگەنلەرگە  چۈشەندۈرۈشمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. يا ئەجنەبىيلەرنىڭ ئاغزى كەلمىگەن. ئۇيغۇر- دېسىڭىز، ئۇگۇر، يوگۇرت، ئۇرگۋاي- دېگەندەك بىر نېمىلەرنى دەپ، ئاۋارىچىلىق. ھەتتا تۈركلەرمۇ توغرا ئاتىيالمايدۇ تېخى. شۇڭا بىز تۈرك، شەرقى تۈركىستان تۈركلىرى- دەپلا گەپنى قىسقا، چۈشىنىشلىك قىلساق بولدىغۇ.  مەقسىتىمىز ۋەتەن دەۋاسى، ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزنىڭ دەرد- ئەلەم، ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى دۇنيا ئەھلىگە ئاڭلىتىش بولغانكىن، شۇ مەقسەتنى ئىپادىلەيدىغان قانداقلا ئۇسۇلنى قوللانساق نېمىسى ئەيىبلىك؟»

شۇنىڭدەك تۈرك ئەرلىرىنىڭ جەسۇرلۇقى، ياردەمچى، كېسەر پىچاق، كەسكىن مۇئامىلىلىك، تۈرگۈن خاراكتېرىمۇ ئۇيغۇرلارنى جەلىپ قىلىۋالىدۇ. ئۇلاردىكى مىللەت سۆيەرلىك، ۋەتەن ۋە دىن سۆيەرلىك، پىداكارلىق خىسلەتلەر كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئۆرنەكلىنىش ئەيىب ئىش ئەمەس، ئەكسىچە شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىك، ئىجابىي ئەھۋال. بىراق يۈزىنى بوياپلا، ياكى نىقابلىنىپ، تۈرك سىياقىغا كىرىۋېلىش، تۈركلەرنىڭ تارىخى سەلتەنىتىگە ساختىپەزلىك بىلەن ۋارىسخورلۇق قىلىۋېلىش، ئاخىرىدا ھەتتا ۋەتەن، مىللەت، دىن دەۋاگەرلىرى قىياپىتىدە قېرىنداشلىققا خىيانەت قىلىش ۋە شۇ ۋەجىدىن  « ئۆزلۈك » لىرىدىن تېنىش بولسا، ئۆز قولى بىلەن ئۆز نومۇسىنى، ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس .

بۈگۈنكى يېڭى زامان مىللەت قارىشى پرىنسىپى بويىچە «تۈرك» دېگەن نام، پەقەت تۈركىيەلىك- دېمەكتۇر. ئاندىن ئېتنىك بۆلۈنمە بويىچە تۈرك، كۈرت-  دەپ ئىككى چوڭ شاخقا ئايرىلىدۇ. تۈركىيىنىڭ سىرتىدا : بىز تۈرك- دېمەك- تۈركىيەدىن كۆچۈپ كەتكەن كۆچمەنلەر، ئاققۇنلار- دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، قوي كۆزلۈك، يەنى قىيسىق كۆزلۈك بۇ ئىنسانلارنىڭ تۈركىيەلىك بولىشىنىڭ مەسخىرىلىك ۋە تۈركىيە گراژدانلىقىغا قىلىنىۋاتقان  ساختىپەزلىك، خىيانەت تۈسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە، تۈركىيەلىك بولۇۋېلىش، تۈرك بولۇۋېلىش، پەخىرلەنگۈدەك ئالاھىدە نەرسە ئەمەس. چۈنكى،ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقاندىقىدا  بىرىنچى سىنىپ ئىنسانلار يەرلىك مىللەت، ئىككىنچى سىنىپ ئىنسانلار ياۋرۇپالىق كۆچمەن، كېلىپ كېتىدىغان كىشىلەر، ئاخىرىدا ئۈچىنچى سىنىپ مىللەت تۈركىيەلىك تۈرك- دەپ قارىلىدۇ. بىز تۈرك-دەپ، ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىتقۇدەك ئىش يوق ئەسلىدە.

ياۋروپادا  تۈركىيەلىك بولىۋېلىش بىلەن ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرق شۇكى، ئۇيغۇر بولسىڭىز، چوڭ بىر ئاپەتكە قارشى، مەردانىلارچە، ھەقىقى ئىنسانچە، ئەركەكلەرچە كۆكرەك كېرىپ ئۇرۇش قىلالىغان باتۇر مىللەت بولۇپ، يۈزىڭىز نۇرلىنىدۇ. تۈركىيەلىك، تۈرك بولۇۋالسىڭىز، كۆچمەن ئىشچى، قانۇنسىز ئاققۇن بولۇپ، خۇددى بىز خىتاينى سەت كۆرگەندەك، كىشىلەرگە سەت كۆرۈنىسىز. بولۇپمۇ ۋەتىنىنى، مىللىتىنى سۆيۈپ، دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىدىن قايغۇرىدىغان مىللەتچى ئىنسانلارنىڭ نەپرىتىدىكى كىشىلەر بولۇپ قالىسىز. تۈركىيە ئىچىدە – بىز تۈرك دەۋالسىڭىز، ئىنكاس قىلىشنى خالىغان ھەرقانداق بىر تۈرك- ھايىر، سېن تۈرك دېگىل، بەلكىدە ئۇيغۇر تۈركۈ-دەپ، سىزنى ئىككىنچى سىنىپقا چۈشۈرۈپ قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خۇددى چىڭگەنى، گۈرجى، چەركەز… دېگەندەك بىر تۆۋەن كۆرۈش ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان رەددىيەلىك ئىنكاستۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە تېخىچە گۈللىنەلمىدى. ئۇلار تۈركىيەدە ياشايدىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئاخىرقى سىنىپ ئىنسانلارغا مەنسۇپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىۋاستە تۈرك دەۋېلىشىنى تۈركلەر ھەزىم قىلالمايدۇ.

« ئۆزلۈك» تىن تېنىشنىڭ، ياكى « ئۆزلۈك »نى يوشۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى – ئۆزلىرىنى خورلاشتىن ۋە ئۆز- ئۆزىنى كەمسىتىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ ئورنىدا « شەرقى تۈركىستانلىقلار، شەرقى تۈركىستان خەلقى»ۋە  ياكى « تۈركىستانلىقلار» دېگەندەك، ئېتنىك كىملىكىنى بىلدۈرمەيدىغان،  مۇجمەل نامنى قوللىنىش بولسا «ئۆزلۈك» ىنى تولۇقى بىلەن يوشۇرغانلىق، ۋە «ئۆزلۈك»ىدىن چانغانلىق بولىدۇ. ۋەتىنىمىزدە ھېچقاچان تۈركىستانلىقلار، ياكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقى زۇلۇم تارتىۋاتقىنى يوق. بەلكى ئۇيغۇرلار زۇلۇم تارتىۋاتىدۇ. زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلارمۇ، شەھىد بولۇۋاتقانلارمۇ، تۈرمىلەرگە مىليونلاپ قامىلىپ، ئازاب تارتىۋاتقانلارمۇ  تۈركىستانلىقلار، ياكى شەرقى تۈركىستانلىقلار، شەرقى تۈركىستان خەلقى ئەمەس، بەلكى يەنە شۇ ئۇيغۇرلاردۇر. بۇنى يوشۇرۇپ، تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاجىزلاشتۇرۇپ ئىپادىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى نېمە؟ -بۇنىڭ پەقەت «ئۆزلۈك»لىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، « ئۆزلۈك » لىرىدىن تېنىش، «ئۆزلۈك»لىرىنى يوشۇرۇشتىن باشقا بىر مەناسى يوقتۇر.

ئەرەبلەر ئۇيغۇرنى ھاياتىدا ئېتىراپ قىلىشنى، تونۇشنى خالىمىسا كېرەك. مۇقەددەس شەھەر مەككىدە بەش ئەۋلاد ياشىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئېتىراپ قىلغىلى، تونۇغىلى ئۇنىمايدىكەن. ياكى بۇخارى، ياكى تۈركىستانى- دەپلا، تۈگىتىدىكەن. ھېچ بولمىسا بۇخارى دېيىشنى بىلگەن خەق، قەشقەرى – دەپ، بولسىمۇ جۇغراپىيىلىك نامىمىزنىڭ بىر پارچىسىنى تىلغا ئېلىپ قويماي، باشقا بىر جۇغراپىيىلىك نام بىلەن ئاتايدىكەن.( خۇددى بىز خەنسولارنى – خەنسو دېمەي، خىتتاي- دەپ تۇرۇۋالغاندەك) ئەرەب ئەللىرىدىكى بىزنىڭ ئۆلىما ،ئەكابىر، ئەشرەپلىرىمىز، سودىگەر، ئاشپەز، ناۋايلىرىمىزدىن تارتىپ ھەممىسى ئەرەبلەرگە ماسلىشىپ، تۈركىستانى- دەپ قۇتۇلۇپ كېتىدىكەن. ئەرەبلەرنىڭ نەزىرىدىكى تۈركىستان – ئاساسەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىدۇر. ئۇ يەرنىڭ بۈگۈن ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن چېتىشلىقى يوق .

خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە ئېيتقاندىمۇ مەسىلەن: كۈنىمىزدە ئىراقتا زۇلۇم تارتىۋاتقانلار ئىراقلىق ياكى ئىراق خەلقى ئەمەس. ھەم ئوتتۇرا شەرقلىق ئەمەس. بەلكى دەل ئىراقتىكى سۈنئى مەزھىپىدىكىلەر، تۈركمەنلەر، قورالسىز كۈرتلەر ….قاتارلىق ئېتنىك مىللەت ۋە قەبىلىلەردۇر.  شىئە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارمۇ شۇلار. سۈرىيەدە زۇلۇم تارتىۋاتقانلارمۇ، سۈرىيەلىكلەر ئەمەس، ياكى ئوتتۇرا شەرقلىقلەر ئەمەس. بەلكى ئەسەدنىڭ شىئىي دىكتاتورلۇق ھۆكۈمرانلىقىغا باش ئەگمىگەن ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى خالىمىغان سۈنئى مەزھىپىدىكىلەر، قورالسىز كۈرتلەر، تۈركمەنلەردۇر. شۇنىڭدەك «ئىسلام دۆلىتى»-دەپ، ئاتىۋالغان، سابىق بائاز پارتىيىسىنىڭ سۈرىيە سۈنئى مىلىتارىست ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان، باشقا مەزھەپتىكى خەلق ۋە ئوخشاشلا ئەرەب بولمىغان يات (تۈركمەن، ئاشۇرى، يەزىدى، كۈرت قاتارلىق) مىللەت ۋە مەزھەپ مەنسۇپلىرىدۇر.

دۇنيا مىقياسىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئىنسانلار ئاساسەن مىللەت تۈرى، قەبىلە، جامائە تۈرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرماقتا. ۋەتىنىمىزدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭمۇ مىللى كىملىكى، ئېتنىك تەركىۋى ئېنىق. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەممە مىللەتلەر، ياكى بارلىق تۈركى خەلقلەر زۇلۇم تارتىۋاتقىنى يوق. پەقەت ئۇيغۇرلار ۋە بىزگە ئىچ قويۇن، تاش قويۇن ئارىلىشىپ، بىر تەن، بىر دىل بولۇپ، تەقدىرىمىزگە تولۇق چېتىلىپ كەتكەن ئۆزبەكلىرىمىزدۇر. تەقى تۇرقى، كۆرۈنۈشى، مەدەنىيىتى، تىلى، دىلى، پۈتۈن بارلىقى ئۇيغۇردىن پەرقلەنمىگەچكە، ئۆزبەكلىرىمىزمۇ بىز بىلەن تەڭ ئازابقا دۇچاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا  ماھىيەتلىك پەرىققە  ئىگە قېرىنداشلىرىمىز خۇددى خىتاي، تۇڭگان قاتارلىق باشقا يات مىللەت خەلقىدەكلا نورمال ياشامدا ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان، ئاشكارە رېئاللىقتۇر.

خۇلاسە

مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلار، «ئۆزلۈك»ىدىن تېنىپ، چېنىپ، ئۇيغۇرلۇقتىن يىراقلىشىۋاتقانلار يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ كېيىنكى 20 يىلدىن بېرى ۋەتەن سىرتىغا ئېقىۋاتقانلار ئىچىدە، «ئۆزلۈك»ىنى يوقىتىشقا يۈزلىنىش بەكلا ئەۋجىگە چىقتى. بولۇپمۇ، ئوتتۇرا شەرق- ئەرەب ئەللىرى ۋە تۈركىيەدە بەك يامراپ كەتتى. ئەسلىدە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز ۋەتەن سىرتىدىكى، ئەركىن پائالىيەت قىلالايدىغان، ئەركىن پىكىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ھەربىر قېرىنداشلاردىن بەك زور ئۈمىت كۈتىدۇ. بىراق ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا  ماددى ۋە مەنسەپ مەنپەئەتىگە سېتىلىپ، « ئۆزلۈك »ىدىن ۋاز كېچىپ، خىتايغا مالاي بولۇۋاتقانلىرى، ئاڭسىز ھالدا خاتا، ساختا كىملىكلەرنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، « ئۆزلۈك »ىدىن تېنىۋاتقانلىرى ۋەتەندىكى قېرىنداشلارغا قىلچىلىك مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ. بەلكى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال، كۈتۈلمىگەن ۋەزىيەت ئاستىدا ۋەتەن مىللەتكە ئېغىر دەرىجىدە زىيان كەلتۈرۈشلىرى مۇمكىن.
ئۆزلىرىگە بەكمۇ يېقىملىق، چىرايلىق تۇيۇلۇپ كېتىپ قوبۇل قىلىۋالغان ساختا ۋە خاتا مىللى كىملىكلىرى تۈپەيلى، ئۇلاردىن ئەگىشىپ يېتىشىۋاتقان ئەۋلادلىرى، نەسىللىرى ھازىردىن باشلاپلا « غەيرى ئۆزلۈك» بىلەن سەرەمجانلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ. يەنى مىللەت تەۋەلىكى يوقالغان، ئورتاق ئىنسان، ئورتاق مۇسۇلمان شەكلىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ئەگەر « ئۆزلۈك » لىرىدىن تېنىۋاتقان بۈگۈنكى ئاكتىپلىرىمىزنىڭ ھايات ۋاقتىدا ۋەتەن ئازات بولالماي، يەنە مەلۇم ۋاقىت كېيىنگە سۈرۈلۈپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان نەسىللەرنىڭ يولى باشقا، دەۋاسى باشقا بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: 1930- يىللىرى سەئۇدىغا يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش. ئۇلار ئەۋلادلىرىغا توغرا « ئۆزلۈك » مىراس قالدۇرماي، ساناقسىز مال- مۈلۈك، مۇسۇلمانلىق ۋە  ئېنىقسىز، مۇجمەل كىملىك مىراس قالدۇرغان بولغاچقا، تەۋەلىكسىز ئەۋلادلار ئورتاق ئىنسان ۋە ئورتاق مۇسۇلمان بولۇپ چوڭ بولدى. شۇنداق ياشىدى ھەم شۇنداق نەسىل داۋاملاشتۇرماقتا.
خاس « ئۆزلۈك »، مىللى تەۋەلىكى ئېنىق كىملىك بىلەن ياشاپ، ھەرىكەت قىلىپ ھەم شۇنداق ساغلام ئەۋلاد يېتىشتۈرمىگىچە، باسقان مۇجمەل قەدەملىرىنى قۇم باسىدۇ. كۆزلىرى يۇمۇلغىچە، ئىزلىرى ئۆچۈپ بولىدۇ.  مانا بۇ چەتئەللەردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىۋاتقان « ئۆزلۈك » لىرىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە خۇلاسىسى

Share
1747 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.