logo

trugen jacn

سودا سۈيى جېڭى

 

ئابلەت ياسىن بابا

مىللىي كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، كۈنىمىزدىكى رىقابەت ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى كەسىپلەر دائىرىسىدە بىر – بىرىنى دوراش، تەقلىد قىلىش، ئوخشاش ئەندىزە ئارقىلىق بازار تالىشىش شەكىلدە بولۇپ، كۆپىنچە نەتىجىلىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ئەمەس بەلكى بازار ئىگىلەشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئەمما بازار ئىگىلەش بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىر گەپ ئەمەس ياكى تەڭداش ئۇقۇم ئەمەس. زامانىۋى ئىقتىساد نەزەرىيلىرىدىكى بازار رىقابىتى بازار ئىگىلەشنى نۇرغۇن قوللىنىشچان ۋاستىلەر ئىچىدىكى بىر ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئەڭ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش بىلەن ئۆلچىنىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇلاردىكى رىقابەت نوقۇل مەھسۇلات جەھەتتىكى رىقابەت بولۇپ قېلىپ، ئىستىراتېگىيە رىقابىتى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلۈپ بولالمىدى. مىللىي كارخانىلىرىمىز بارلىققا كېلىش، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدىن پىشىپ يېتىلىش، خەلىقئارالىق ئىقتىسادىي ئاڭ بىلەن ئىگىلىكىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىيتى بىلەن ماسلاشقان زامانىۋى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان باسقۇچقا قەدەم ئېلىش، ئۆز ئىچىمىزدىلا بىر – بىرىمىز بىلەن رىقابەت قىلىش ئەمەس، خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي مۇھىتتا رىقابەتلىشىشكە جىددىي تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە سىرتقا يۈزلىنىش ۋەزىيتىمۇ مۇشۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ بازار رىقابەت ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلاردىكى رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان ياكى بولۇۋاتقان، مەلۇم كۆلەم، تەسىر شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئۈچ خىل كەسىپ بار. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچلا كەسىپ ناھاىتى ئەنئەنىۋى كەسىپ بولۇپ، رىقابەت ئەھۋالىدىنلا ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە رىقابەتلىشىش دائىرىسىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈچ كەسىپ بولسا تالقانچىلىق، ئەرلەر كىيىم – كېچىكى ۋە ئىچىملىك ساھەسىدىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە ساغلاملىق بۇيۇملىرى، چاچ سوپۇنى، كىر سوپۇنى دېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئاياللارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى، بالىلار بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت تارقىتىش ساھەسىمۇ بىزگە نىسبەتەن رىقابەت خېلىلا كەسكىن ساھەلەردۇر. ئەمما بۇ ساھەلەر يۇقىرىقى ئۈچ ساھەگە سېلىشتۇرغاندا كۆلەم، رىقابەت دەرىجە كۆرسەتكۈچى ۋە بازاردىكى تەسىر كۈچى جەھەتتە بىر ئاز كەينىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىردىكى ئۈچ كەسىپ ئۇيغۇرلاردىكى باشلىنىشى ئەڭ بالدۇر بولغان كەسىپلەردىن بولغاچقا، مۇشۇ ساھەلەردە ئىش قىلدىغانلار كۆپرەك. ئۇلارنىڭ بازارغا كىرىشىمۇ نىسبەتەن بالدۇر بولغاچقا، بازاردىكى تەسىر كۈچىمۇ زورراق. تۆۋەندە مۇشۇ ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، باشقا ساھەلەرنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، بۈگۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ بازار رىقابەت ئەندىزىسى توغرىسىدا پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
ئۇيغۇر كارخانىچىلارىدىكى بازار رىقابىتىنى تالقانچىلىقتىن باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ. ئارمان شىركىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىستېمالىدىن بىرى بولغان تالقاننى بازارلاشتۇرىشى بىزدىكى رىقابەتلا ئەمەس، شىركەتلىشىش قەدىمىدىكى چوڭ بىر باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ. ئارماننىڭ تالقان ھەققىدىكى ئۈنۈملۈك، كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتى ۋە بازاردىكى ئېتراپقا ئېرىشىشتەك ئەمەلىيتى نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىدىكى كىشىلەرنى بۇ ساھەگە سۆرەپ كىردى. ھەتتا بىر مەزگىل تالقانچىلىق مىللىي كارخانچىلىقىنىڭ يەنە بىر ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغاندەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ھەممە ئادەم تالقان ساھەسىگە ئىنتىلدىغان ئەھۋال بارلىققا كەلگەن. تېخى بەزىلەر بۇنى يۇمۇرلاشتۇرۇپ: « ھاۋانى تۇمان باستى، چاينى كۆرگىلى بولماس» دەپ قوشاق توقۇپمۇ ئۈلگۈرگەندى. ئارمان، ئىخلاس دېگەندەك چوڭ كارخانىلار بىلەن بىللە يەنە قاناس، ئوغۇزخان قاتارلىق كارخانىلار تالقان رىقابىتىدە بىر مەھەل قاتتىق تىركەشتى. بۈگۈنكى نەتىجىدە قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزلىرى ئويلىغان نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. دېمەكچىمىزكى ئۇلارنىڭ رىقابىتى ئۈزۈپ چىقىدىغان يېڭىش تىپىدىكى رىقابەت بولالماي، بەلكى بىر – بىرى بىلەن چەكلىك ماكاندا مارافونچە كۈچ سىنىشىدىغان شەكىل بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا بۇ ساھەگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىقان بەزى كارخانىلار بۇ ساھەدىن چېكىنىپ، رىقابەتتىن ۋاز كەچتى. نۆۋەتتە پەقەت ئىككى – ئۈچ كارخانىلار تالقان ساھەسىدە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىۋاتقان بولۇپ، ئارمان شىركىتى بۇ ساھەدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا بۇ رىقابەتتە نىسبەتەن ئۇتقان بولدى. ئەمما نۆۋەتتىكى ئومۇمىي بازار ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئانالىز قىلىدىغان بولساق، تالقانچىلىقنىڭ بازار كۆلىمى، ئىستېمال دائىرسى ۋە ئىستېمال قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ھېچقايسى شىركەتنىڭ ئاساسىي كەسپى بولماي قالدى. ئاخىرقى ھېسابتا، بۇ ساھەدىكى رىقابەت مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بولدى. چۈنكى بۇ ساھەدىكى رىقابەت ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئەمەس بەلكى ھەر قايسى رىقابەت گەۋدىلىرى ئارىسىدا شۇ ساھەنى چېكىندۈرۈش، بازاردىن چىقىرۋېتىش بىلەن نەتىجىلەندى. بەلكىم بەزىلەر تالقان بىلەن نەچچە يىل بازار تاپتى، ئەمدى چېكىنىشى نورمال ئەھۋال دەيدىغاندۇ. ئەمما بۇ ساھە ئىستېمالنىڭ تويۇنغانلىقىدىن ياكى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى رىقابەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق بىر ساھەگە مەركەزلىشىۋالغانلىقىدەك بىر تەنتەك ئاڭنىڭ سەلبىي تەسىرىدىندۇر . بىزنىڭ ئۆكۈنىدىغىنىمىز- بىزنى كارخانىچىلىققا باشلاپ كىرگەن بۇ ساھەنىڭ رىقابەت جەريانىدا ئۇتۇپ تۇرۇپ بازاردىن شاللىنىپ كېتىشى، يەنە كېلىپ ناھايتى نورمالسىز بىر يوسۇندا شاللىنىپ كېتىشىدۇر.
كىيىم – كېچەك ساھەسى، بولۇپمۇ ئەرلەر كىيىم كېچەك ساھەسى نۆۋەتتە رىقابەت خېلىلا كەسكىن، قىزغىن بولۇۋاتقان ساھە. تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرىدىن ئانالىز قىلغاندا، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل (بىردىنبىر ئەمەس) تۈركىيە كىيىملىرىنىڭ دىيارىمىزغا كىرگەنلىكىدۇر. دەسلەپتە تۈركىيەلىك سودىگەرلەرنىڭ شامالباغ تەرەپلەردىكى مېھمانخانىلاردا ياتاق ئېلىپ شۇ يەردە كىيىملىرنى ئەۋرىشكە ھېسابىدا كىشلەرگە تۇنۇشتۇرۇشتىن باشلانغان تۈركىيە كىيىملىرى، خەلقىمىز ئىچىدە ناھايتى تېز ئومۇمىي ئىستېمالغا ئايلىنىپ كەتتى. سەۋەبى باھاسى يۇقىرى بولمىغىنىدا ئىدى، تۈرۈكچە پاسوندىكى كىيىملەر بەلكىم ئاللىقاچان جەمىيتىمىزدىكى ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلىنىپ كەتكەن بولار ئىدى. كىيىم – كېچەك بىلەن ھەپىلىشىدىغان كۆپىنچە كارخانىلار بەس – بەستە تۈركىيە ياكى تۈركىيە پاسونىدىكى كىيىم كېچەكلەرنى بازارغا سالماقتا. بۇ بىر نۇقتىدىن بازارنىڭ ئېھتىياجى، ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىدىن بولغان بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن كارخانچىلاردىكى ئېقىمغا ئەگىشىش، بىرسى يەنە بىرسىنى دوراشتەك رىقابەت ئىدىيىسىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋالدۇر. ئۇلاردىكى بۇ خىل رىقابەت ئېڭى ۋە ئەمەليىتنىڭ نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى، ئاخىردا مۇشۇ ساھەدە كىملەرنىڭ ئۇتۇپ چىقىپ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلدىغانلىقىنى ھازىرچە پەرەز قىلماقمۇ بەك تەس. چۈنكى بۇ ساھەدە رىقابەتلىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە بازار ئىگىلەش ئەھۋالى نىسپىي باراۋەر، مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە گەۋدىلەر يوق. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بازار تالىشىشى رىقابىتى بەلكىم يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئاخىردا ئۇلار ئىچىدە قايسسىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولسا شۇ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققان ھېسابلىنىدۇ. بازارنىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىگىلا مەنسۇپ بولۇشى ناتايىن، ئەمما مۇشۇ ساھەلەردە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بىر نەچچە كارخانىلارنىڭ رىقابەتتە ئۇتقۇچى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بىللە تەرەققىي قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئۈمىدىمىز، بۇ ساھەدىمۇ تالقان ساھەسىدىكىدەك، ئۇتقاندەك كۆرۈنىدىغان مەغلۇپ بولۇش يۈز بەرمىسىكەن دەيمەن.
ئۇيغۇرلاردىكى ئىچىملىك ساھەسىىكى رىقابەتنى بەلكىم مىللىي كارخانىچىلىقتىكى ئەڭ كەسكىن، شۇنداقلا ئۇزۇن داۋاملاشقان رىقابەت دېيىش مۇمكىن. ئىككىلەمچى ئىستېمال كاتېگورىيەسىدىكى بۇ ساھە مىللىي كارخانىلار ئەڭ دەسلەپ تۇتۇش قىلغان ساھەلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ساھە ئىستېمالغا يېقىنلىقى، ئوبوروت سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى شۇنداقلا شۇ ساھەدە ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ تىرىشچانلىقى، ئەمەلىي كۈچى قاتارلىق بىر قاتار ئوبىيكىتىپ ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ياراتقان ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ خېلى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتقان ساھەلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭلاشىمۇ مۇشۇ ساھەدە ئىش قىلىۋاتقان ياكى مۇشۇ ساھەگە كىرىشنى ئويلىشۋاتقانلار بىر قەدەر كۆپ. سىرتتىن كۆزەتكەندە، تىك سىزىقتا تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ ساھەنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق بېسىمى ۋە خەتىرى بولۇپ، مەغلۇپ بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بەلكىم بۇ ساھەدە مەغلۇپ بولغانلار مىللىي كارخانىلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ ساھەدىكى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق كۆپىنچە ھاللاردا سۈپەتتە ياكى مەبلەغدە ئەمەس بەلكى چەكلىك بازاردا رىقابەتچىلەرنىڭ ھەدىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى ھەمدە ھەممىسىنڭ بىر خىل مەھسۇلاتقا مەركەزلىشىۋالغانلىقىدەك بىنورمال ئەھۋالدۇر. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىسقا ۋاقىت پەيدا بولۇپلا چېكىنىدىغان ياكى رەسمىيەتسىز ماللارنى ئالدىراپ بازارغا سېلىپ، نورمال تەرتىپنى قالايىمقان قىلىپلا غىپپىدە تىكىۋېتىدىغان كارخانىلارمۇ خېلى بار. ئۇيغۇر كارخانىچىلاردىكى ئىچىملىك رىقابىتى ساھەسىدە بازاردا ئىزچىل پۇت دەسسەپ تۇرىۋاتقان كارخانىلار كۆپ ئەمەس. كۆپىنچە كارخانىلارنىڭ بازاردىكى رىقابەت كۈچى ئۇزۇن داۋاملىشالمايۋاتىدۇ. كۆپ ھاللاردا بازاردىن چىكىنىش ياكى مەھسۇلاتنى تاشلاپ قويۇش بىلەن نەتىجىلىنىۋاتىدۇ. دەسلەپتە ئەنبەھ (ئەنبەھ) ئىچىملىكىدىن باشلانغان بۇ رىقابەت مانا ھازىر سودا سۈيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. قارايدىغان بولساق، ئەنبەھ ئىچىملىكى، قۇۋۋەت ئىچىملىكى، قارىقات ئىچىملىكى، كوكۇس ئىچىملىكى، چەتنىڭ ئىچىملىكلىرى ۋە سودا سۈيى بۇ ساھەدىكى ئالتە ئاساسىي باسقۇچتۇر. بۇ جەريانىدا نۇرغۇن كارخانىلار شاللىنىپ كەتتى ياكى ئەمەلىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالدى. يېڭىدىن شىركەتلەر بۇ سەپكە قېتىلدى. ئەمما بۇ جەريانىدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر شىركەت بار: ئۇ بولسىمۇ ئابىدە شىركىتىدۇر. ئۆتكەننى ئەسلەيدىغان بولساق، ئۇلار ئىشلەپچىقىرپ بازارغا سالغان ئەنبەھ  شەربىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرئىچىملىك ساھەسىدىكى رىقابەتنىڭ باشلانمىسىدۇر. 2007 – يىللاردا بازارغا سېلىنىشقا باشلانغان ئەنبەھ ئىچىملىكى بىر مەھەل ھەممە ياقتۇرىدىغان ئىچىملىككە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا كارخانىلار ھازىرقىدەك جىق بولمىغاچقا داغدۇغا بىلەن بازارغا كىرگەن بۇ مەھسۇلات، ناھايتى تېزلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە ئابىدە ئەنبەھ شەربىتىنىڭ ئۇتۇقى نۇرغۇنلىغان كىشلەرنى بۇ ساھەگە سۆرەپ كىردى. ئابىدە ئەنبەھ ئىچىملىكىنىڭ بازارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا ئۇلار ئەنبەھ ئىچىملىكى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالساق پۇل تاپالايدىكەنمىز دەپ دەرھال ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاتلىنىشنى ۋە ئابىدە ئەنبەھ ئىچىملىكىگە تەم، ئورالما جەھەتتىن چەكسىز يېقىنلىشىشىنى تۇتقا قىلپ مال ئىشلەشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئىككى يىلغا قالمايلا پۈتۈن ئىچىملىك بازارىنى ئەنبەھ قاپلاپ كەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا بازار ئەھۋالىغا دىققەت قىلغانلار ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن: ئۇيغۇر ئىچىملىك بازىردا ئەنبەھ ئىچىملىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم – ئەنبەھ ئچىملىكىنىڭ تارتىش كۈچى نۇرغۇن كىشلەرنى كارخانىلىشىش يولىغا سۆرەپ كىرگەن. شۇ ۋاقىتلاردا بازاردا ئالاھەزەل ئون ئىككى، ئون ئۈچ خىل ماركىدىكى ئەنبەھ ئىچىملىكى بولۇپ، شۇ ۋاقتتىكى مىللىي كارخانچىلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا نىسبەتەن، ئون مىليۇنلۇق ئىستىېمال بازىرىدا بۇ ھەقىقەتەن ئارتۇقچە ئىدى. دېگىنىمىزدەك بازار بىر مەزگىل ئەنبەھ رىقابىتى قاينىمىغا چۆكۈپ قالدى. رىقابەت بارا – بارا بېرىپ پەقەت نوقۇل ھالدىكى تۆۋەن باھا رىقابىتىگىلا ئايلىنىپ قالدى. ئابىدەگە قاراپلا بازارغا تەرەپبال كىرگەن كارخانىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھە دېگەندە ئويلىغىنىدەك ماڭمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جىددىيلىشىشكە باشلىدى. بەلكىم ئۇلار شۇ چاغدا مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىپ قويسىلا ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى، ئىشنىڭ تېخى ئالدىدا ئىكەنلىكىنى، بازارنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مالنىڭ ئىسكىلاتتا بېسىلىپ مەبلەغنى تۇتۇپ تۇرغاندىن ياكى قولدا تۇرۇپ ۋاقتى توشۇپ بۇزۇلۇپ كەتكەندىن ئۇنى ئەرزان سېتۋېلىپ قۇتۇلۇش ئېڭى بىلەن بەزى كارخانىچىلار باھانى ھە دەپ چۈشۈرۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ساھەدىكى كىچىك كارخانىلار بەك زىيان تارتىپ كەتتى. ئەمما بۇ ساھەدە باشلامچى بولۇپ ئىش باشلىغان ئابىدە شىركىتى ئەنبەھ ئىچىملىكى بازىردىكى بىر نەچچە يىللىق قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن، يەنىلا پۇت دەسسەپ تۇرۇپ باشقا رىقابەتچىلەرنى شاللىۋەتتى. بۇ ساھەگە ئالدىراپ كىرىپ قالغان يېڭىياچىلارنىڭ بازارنى قالايىمقان قىلىش، مەھسۇلات سۈپىتى جەھەتتىن سەلبىي تەسىرلەرنى قالدۇرۇشى ۋە ئىستېمالچىلارنى ئالداش (چۈنكى شۇ چاغلاردا ئىشكىردىن ناھايتى ئاددىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن چىقىپ، قەشقەرنىڭ بىر نەچچە يېرىدە يەرلىكتە زاۋۇت قۇردۇق دەپ پەقەت رەڭنىلا تەڭشەپ ئەنبەھ ئىچىملىكى دەپ تۆۋەن قاتلامدىكى ئىستېمالچىلارنى قاقتى – سوقتى قىلغان ئەھۋاللار ناھايتى ئېغىر ئەۋىج ئالغان ئىدى.) قاتارلىق پاسسىپ ئامىللارنىڭ تەسىردە ئەنبەھ ئىچىملىكى بۇرۇنقىدەك بازارلىق مال بولماي قالدى، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا ئىچىملىكلەر ئالدى. بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن ئەنبەھ ئىچىملىكى بازاردىكى قالايىمقان رىقابەت ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ تەسىرلەر تۈپەيلىدىن، ئورنىدا تۆۋەنلەش بولدى. ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئىككى زاۋۇتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىرى ئابىدە شىركىتىنىڭ خوتەندىكى ئابىدە زاۋۇتى، يەنە بىرى كەۋسەر شىركىتىنىڭ زاۋۇتى. ئۇيغۇرلاردىكى ئىچىملىك ساھەسىنڭ زاۋۇتلىشىشىنى ئەمەلىيەتتە ئەنبەھ ئىچىملىكىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بولغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
قارقات ساھەسىنڭ رىقابىتىگە گەرچە ئەنبەھ ئىچىملىكى قاتناشقاندەك كۆپ كارخانا قاتناشمىغان، ۋاقتى بەك ئۇزۇنغا سۇزۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت خېلىلا كەسكىن بولدى. بۇ ساھەدە ئۈنۈم ياراتقانلارمۇ بولدى. ئامىنە شىركىتى بوتۇلكىلىق قارقاتنى بازارغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل بازاردا قارقات شەربىتى قايناپ كەتتى، بازارنىڭ نورمال رىقابەت تەرتىپى قالايىمقانلىشىپ، ساختا، دورامچى مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇردى. ئاقىۋەتتە قارقات شەربىتىمۇ بارا- بارا بىنورمال رىقابەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. ھازىر بازارلاردىن بەلكىم ئامىنەنىڭ بوتۇلكىلىق قارقاتلىرنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭمۇ بازار ئىگىلەش ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن كۆپ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئۆنۈمى جەھەتتىن تۆۋەنلىدى.
چەت ئەلنىڭ ئىچىملىكى، بولۇپمۇ قۇۋۋەت ئىچىملىكى نامىدىكى مەھسۇلاتلار بەلكىم ئۇيغۇر ئىچىملىك ساھەسىدىكى ئەڭ قىزىغان، ئەمما ئەڭ تېز ۋەيران بولغان، ئەڭ كۆپ كارخانچىلار زىيان تارتقان، ناتوغرا رىقابەت ئەڭ ئەۋج ئالغان بىر تۈر بولۇشى مۇمكىن. مالايسىيانىڭ دەپ باشلانغان بۇ رىقابەت مۇسۇلمانچە ئىكەنلىكىنى دەستەك قىلىپ، بازارغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىگە كىرگەن بىر قاتار سەتچىلىك، ۋە ئالدامچىلىقلارنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشى، كىشلەرنىڭ چەتئەلنىڭ ماللىرىغا بولغان تونۇشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ساھەنىڭ تەقدىرمۇ پىچىلىپ ناھايتى تېزلا پەسكويغا چۈشتى. تايلاند، گىروزىيەنىڭ ماركىلىرىمۇ بازاردا پەيدا بولدى. بۇ تۈردىكى ئىچىملىكلەر باھاسىنىڭ قىممەتلىكى سەۋەبىدىنمۇ ياكى چەتنىڭ دەپ بىلىنگەنلىكى سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بىر مەزگىل بەكمۇ بازار تاپتى. بىر مەھەل دۇكان – دۇكانلارنى بېسىپ كەتكەن ئىچىملىكلىرى، ھالا بۈگۈنكى كۈندە تەلتۆكۈس چېكىنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى كۈنلىرى كەلمەسكە كەتتى. بۇ ساھەدىكى رىقابەتتىن بىز بەلكىم رىقابەتنىڭ، تاللاش، شاللاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئىستېمالچىلارنىڭ پىسخىكا ۋە يۈزلىنىش جەھەتتىكى ئەڭ ئەمەلىي ساۋاقلارغا ئېرىشتۇق. ئەڭ مۇھىمى ئىچىملىك ساھەسىدىكى كارخانچىلار ئۆزلىرى يۈزلىنىۋاتقان بازارنىڭ ناھايتى چەكلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا سىغدىلىپ كىرىۋەرسە ئۈنۈم ئېلىش ئەمەس، رىقابەتتە يېڭىلىپ قالدىغانلىقىنى، يېڭىلىشنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، مۇشۇ تۈردىكى باشقىلارغىمۇ ئەكىس تەسىر كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ بىزدە ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلىنىشىغا يەنە بىر مەزگىل كېتىدۇ.
سودا سۈيى رىقابىتى نۆۋەتتىكى ئىچىملىك ساھەسىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقان رىقابەت بولۇپ، قاتناشقۇچىلار كۆپ، بازار تالىشىش جىددىي، رىقابەت كۆلىمى چوڭ بولۇشتەك تەرەپلىرى بىلەن دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. سودا سۈيى ئەمەلىيەتتە يېڭى ئىچىملىك سۈيى ئەمەس. ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئىستېمالىمىزغا كىرگەن، ئىچكىرى كارخانىلارنىڭ بىر نەچچە ماركىسى، يۇرتۇم شىركىتىنىڭ سۇدا سۈيى بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىدە بازارلىشىشى، كۆپ كارخانىلارنىڭ سودا سۈيى چىقىرىپ بازارغا سېلىشى ئابىدە سودا سۈيى بازار تاپقاندىن كىيىن ئاندىن رەسمىي ھالدا رىقابەت ھالىتىگە كىرگەن. بۇنىڭدا ئابىدە شىركىتىنىڭ سودا سۈيى بازىرنى ئېچىش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقى بىلەن بىللە يەنە بۇ شىركەتنىڭ سودا سۈيىنىڭ تەمىگە دادىل تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، بىزنىڭ تەم سەزگۈمىزگە ماس كېلىدىغان، گازلىق قىلىپ ئاممىباپ ئىچىملىك تەمىدە بازارغا چىقارغانلىقى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋتلىكتۇر. ھازىر بازاردا ئېقىۋاتقان سودا سۈيىنىڭ تەمى ئابىدە سودا سۈيىنڭ تەمىنى چۆرىدەپ تەڭشەپ تەييار قىلىنىۋاتىدۇ. ئەسلىدىكى سودا سۈيىدە ئۇنىڭ قىرتاق تەمى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، تەم ياقمىغانلىقى ئۈچۈن دېگەندەك بازار تاپالمىغان ئىدى. ئابىدە سودا سۈيىنىڭ تەمى ھازىر شەكىلسىز ھالدا سودا سۇلىرىنڭ تەم ئۆلچىمىگە ئايلىنىپ قالدى. تولۇق بولمىغان ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئۇيغۇر بازارلىرىدىكى سودا سۈيىنىڭ تۈرى 22 خىلغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنتىزىم كۆلەم ئىگىلىگەن شىركەتلەردىن ئابىدە شىركىتى ئەڭ ئالدىدا تۇرغاندىن باشقا يەنە قۇتيار، ئەلرام دېگەندەك بىر نەچچە ماركا بار. ئەمما بۇ بازاردا ئابىدە شىركىتى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ بازارنى كونتىرول قىلىش ئقتىدارى كۈچلۈك. شۇ سەۋەپتىن ھازىرچە بازاردا رىقابەت قالايىمقانچىلىقى ئانچە كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. ئالدىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىللىي كارخانىلاردىكى رىقابەت كۆپىنچە ھاللاردا ئوخشاش كەسىپتىن بەكراق، ئوخشاش مەھسۇلاتتا رىقابەتلىشىشكە مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ، بازاردا نېمە ئېقىۋاتقان بولسا شۇنى ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلار بىلەن بازار تالىشىدىغان، ئاددىي رىقابەت شەكىلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كەلگۈسىنى، يىراقىنى كۆزلەپ تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت يوق دېيەرلىك، بۇنداق ئەھۋالدا ناۋادا رىقابەتتە ئالدىدا ماڭغۇچىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، داۋاملىق تۈردە يېڭى مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ئىستېمالنى شۇ يېڭى مەھسۇلاتقا بۇراپ تۇرالىسا، رىقابەتتە ئۇتۇپ ماڭىدۇ. خۇددى ئابىدە شىركىتى ئەنبەھ ئىچىملىكى رىقابىتىگە قاتناشقان كۆپىنچە كارخانىلار بەزىلىرى بازاردىن ئۈن- تىنسىز غايىپ بولدى، يەنە بەزىلىرى شۇ رىقابەتكە بەك كۈچەپ كېتىپ،  يېڭى مەھسۇلاتقا، يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچىمىگەنلىكتىن، تەرەققىياتى بىر ئىزدا توختاپ قالدى ياكى دېگەندەك ئۈنۈم بەرمىدى. ئەنبەھنىڭ بازىرى ئاخىرى بېرىپ يەنىلا ئابىدە باشلىق بىر- ئىككى شىركەتكە مەركەزلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىنى ھازىر سودا سۈيىدە رىقابەتلىشىۋاتقانلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرۈشى زۆرۈر.
سودا سۈيى رىقابىتىنى كۆزىتىدىغان بولساق، ھەر قايسى رىقابەت گەۋدىلىرى ئارا بازاردا مۇنداق ئۈچ خىل رىقابەت ئەندىزىسنى بايقىشىمىز مۇمكىن. يەنى بازار ئاۋانگارتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك رىقابىتى، ئەگىشىش تىپىدىكى رىقابەت ۋە نىشانسىز سوقۇنۇۋالغانلارنىڭ پاخال رىقابىتى.
بازار ئاۋانگارتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت ئەندىزىسى: بۇ ئادەتتە ئوخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كارخانىلارغا قارىتىپ ئېيتىلغان بولۇپ، كۆلەم، مىقدار، سومما جەھەتتىكى ئومۇمىي قوشۇلمىنى ئاساس قىلىپ بېكىتىلىدۇ. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارايدىغان بولساق، مىللي كارخانىلاردىكى بۇ خىل رىقابەت، ئەندىزسىگە ئابىدە شىركىتىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. سودا سۈيىنىڭ بۈگۈنكىدەك بازارلىق بولۇشى، ئەڭ ئاۋال مۇشۇ شىركەتكە ،ئۇلارنىڭ بازار ئېچىش ۋە ئىستېراتېگىيەسىگە تەۋە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ سودا سۈيىنى بازارغا سالغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىش، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىنى كۆپەيتىش، تاكتىكىسى، ۋە بازار ئەمەلىيتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىستېمالچى تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم ئامىللىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىستېمالچى تېپىش ئىدىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بۇ مەھسۇلاتنىڭ خەنزۇلارنىڭ چوڭ – چوڭ تاللا بازارلىرى ۋە خەنزۇ ئىستېمالچىلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىۋاتقانلقى ھەم ئۇلار ئارىسىدىمۇ ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشىپ كېلىشىدۇر. خەنزۇ ئىستېمالچىلىرى ئارىسىدا سودا سۈيىنى بازارلاشتۇرۇشنى دەسلەپتە بىر قانچە مىللي كارخانىلار قىلىپ ئاخىر بولالماي چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما بۇ قېتىم ئابىدە شىركىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا بۇ بازارغا كىرەلىشى بۇلاردىكى ئىلغار رىقابەت ئىستىراتېگىيەسى ۋە ئۇنى توغرا ئىجرا قىىلىشتىن بولۇۋاتقان نەتىجىدۇر. ئۇلارنىڭ سودا سۈيىدىكى باھا بەلگىلەش جەھەتتىكى يېتەكچىلىك ئورنىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئادەتتە بوتۇلكىلىق ئىچىملىكلەر ئۈچ يۈئەندىن سېتىلىدۇ. ئەمما ئابىدە شىركىتى سودا سۈيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنى تۆت يۈەن قىلىپ بېىتكەن، بۇ شىركەتكە ئەگىشىپ كىيىن چىققان سودا سۇلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ باھاسى تۆت يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەتنىڭ مۇشۇ ساھەدە بازار باھاسىنى كونتىرول قىلىشتەك ئەمەلىي يېتەكچىلىك ئىقتىدارنى كۆرسىتدۇ. بۇ ئورۇنلاردىكى كارخانىلار ئاللىقاچان يەككە ھالەتتىكى باھا رىقابىتىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش قەدىمىنى تاماملاپ بولغان، ئەمدىكى قەدەمدە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتلارىنىڭ بازارنى قاپلاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق پايدىسىنى كۆپەيتىپ، شۇ ئارقىلىق بازاردىكى، يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاپ ماڭىدى. ئۇيغۇرلاردىكى سودا سۈيى رىقابىتىنىڭ قانداق نەتجىلىنىشى مۇشۇ ئاۋانگارتنىڭ كېيىنكى قەدىمى ۋە يۆنىلىشى بىلەن بەكراق باغلىنىشلىق بولىدۇ.
ئەگىشىش تىپىدىكى رىقابەت ئەندىزىسى: بۇ خىلدىكى رىقابەت گەۋدىلىرى ئادەتتە بازارغا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنى ئاۋالقى نىشان قىلىپ تۇرۇپ ئامال بار كۆپرەك مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغان، ئىستىراتېگىيە جەھەتتىن ئاۋانگارتلىققا ئىنتىلىۋاتقان كارخانىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ياندىشىش تىپىدىكى رىقابەت ئارقىلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلار بازاردا باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان  ئاساستا رىقابەتلىشىدۇ. نۆۋەتتە سودا سۈيى رىقابىتىدە بۇ خىل رىقابەت ئەندىزسىگە تەۋە كارخانىلاردىن ئىككى – ئۈچىلا بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا بازاردىكى سودا سۈيى رىقابىتى قىلغۇچى باشقا گەۋدىلەرنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىنى تولۇقلىغان ئاساستا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر كارخانچىلاردىكى سودا سۈيى رىقابىتىنى تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، ئۇلارنى تېخىمۇ سەرخىل رىقابەت تاكتىكىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىپ، رىقابەتتە تېخىمۇ پائالىيەتچان، جانلىق بولۇشقا تۈرتكەبولىدۇ.
نىشانسىز سوقۇنۇۋالغانلارنىڭ پاخال رىقابىتى: سودا سۈيىنىڭ قالتىس بازار تېپىپ كەتكەنلىكىدەك ئەھۋالغا قاراپلا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە كونكرېت نىشانى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي بۇ رىقابەت قاينىمىغا قېتىلغانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى مالنىڭ سۈپىتى بىلەن كارى بولماي تەننەرخنى چۈشۈرۈش، بەزىلىرى قەستەن مەسىلە تۇغدۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئورالمىسىنى ئوخشىتىپ بازارلارنى قالايىمقان قىلىش، باشقا كارخانىلار ھەققىدە بولمىغۇر گەپلەرنى تارقىتىپ شۇنىڭدىن پەيدا بولغان پاسسىپ تەسىرلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلەشكە ئورۇنۇش ئارقىلىق ناتوغرا ۋاستىلەر بىلەن رىقابەتلىشىش يولىنى تاللىۋالغانلار بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا بىر نەچچە ئاي، بىر نەچچە پەسىلدىن كېيىن، بازاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان كارخانىلاردۇر. بازاردا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان«بەھىرمەن» ماركىسىدىكى سودا سۈيى ئابىدە شىركىتىنىڭ ئورالمىسىنى دورىغان بولۇپ، تەمى بەك بەتتام، مەھسۇلات سۈپىتىدىن قەتئىي ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان ناچار مەھسۇلات ئىدى. ئىشلەپچىقىرىش ئادىرېسىغا كورلا شەھىردىكى مەلۇم بىر زاۋۇتنىڭ ئادرېسى يېزىپ قۇيۇلغان ئىكەن. سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ زاۋۇت تېخى ھېچقانداق رەسمىيەت بىجرمىگەن، سودا –سانائەت تارماقلىرىدا ئەنگە ئېلىنمىغان قانۇنسىز زاۋۇت ئىكەن. «ئاۋلىما» ماركىسىدىكى سودا سۈيىمۇ ئابىدە ماركىسىدىكى سودا سۈيىنىڭ ئورالمىسىنى دورىغان بولۇپ، پەقەت خېتىدىن باشقا جايلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئابىدە ماركىسىدىكى سودا سۈيىنىڭ ئورالمىسىنى كۆچۈرۈپلا ئەكەلگەن. يەنە بەزىلىرى سودا سۈيى رىقابىتىدە ئالدىدا مېڭىۋاتقان كارخانىلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان گەپ تارقىتىش، قارشى تەرەپنى ئاساسسىز چۈشۈرۈش، تاتلىق گەپلەر، يۇقىرى تەمىناتلار بىلەن قىزىقتۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ خادىملىرىنى يېنىغا تارتىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش دېگەندەك سودا ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، پىرىنسىپتىن چەتنىگەن يوللار ئارقىلىق رىقابەتلىشىش يولىنى تاللىۋالغانلارمۇ بار. ئەمەلىيەتتە بازاردا بۇ خىل ناتوغرا رىقابەتتىكى گەۋدىلەر بازارنى قالايمىقان قىلىش، ئىستېمالچىلارغا خاتا ئۇچۇر بېرىپ، ئۇلارنى خاتا يېتەكلەيدىغان پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، باشقا ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەركەت ئۇسۇل قوللىنىپ ئۇلارغا مەۋجۇتلۇق بوشلۇقى بەرمەسلىكى، ئۇلارنى بازاردىن سىقىپ چىقىرۋېتىشى ناھايتى مۇھىم. بۇ بازارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا، رىقابەتنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلپ، ھەر قايسى گەۋدىلەر ئوتتۇرىسىدا ئاكىتىپ رول ئوينىشىغا ناھايتى پايدىلىق.
يۇقىرىقى ئۈچ خىل رىقابەت ئەندىزسىدىكى كارخانىلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئىچىملىك ساھەسىدىكى تاللىشىنىڭ ھەقىقەتەن كەسكىن ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر ئاز تەرتىپسىز، ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ ساھەدە ئىستىراتېگىيەلىك نىشانى بېكىتىلگەن كارخانا بەك ئاز. بازار ئەمەلىيتىدىن قارايدىغان بولساق، ئاۋانگارتلىق ئورنىدىكى كارخانىلار بۇ سالاھىيەتنى ھازىرلىغان، كۆپچىلىكى پەقەت بازارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپلا، رىقابەتكە چۈشكەن بولۇپ، بۇ رىقابەتتىن نېمىگە ئېرىشىشنى ئويلاشقا ئاجىز. كۆپىنچە ئەھۋالدا سودا ئەھۋالىغا قاراپ سودا سۈيى بازار تاپسا رىقابەتنى داۋاملاشتۇردىغان، ناۋادا ئاقماي قالسا دەرھال بۇ ساھەنى تاشلىۋېتىدىغان پارتىزانچە ئەندىزە بويىچە ھەرىكەت قىلۋاتماقتا. ئەلۋەتتە بىر ساھەدە سەرخىل رىقابەتچىنىڭ بولۇشى قارىشى تەرەپكە نىسبەتەن تۈرتكىلىك رولغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلانسا، ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى بولىدۇ. بىز كارخانىلاردىن پەقەت تار دائىردىكى مەھسۇلات رىقابىتى، باھا رىقابىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ساھەنى ساپ رىقابىتى، ئۇچۇر رىقابىتى، مۇلازىمەت رىقابىتى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتىپ، كارخانىنىڭ ئونۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى، بۇ ئارقىلىق دىيارىمىزدا، ئۆز ئىچىمىزدىلا رىقابەتلىشىشتىن ھالقىپ، ئىچكىرگە، دۇنياغا يۈزلەنگەن، شۇ بازارلاردا پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان ئەمەلىي ئىقتىدارنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ نۆۋىتىدە يەنە مىللي ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋملاشتۇرۇشتىكى ئاقىلانە تاللىشى ۋە يۈزلىنىشىدۇر.

ئاپتورى: مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرستېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستۇتى مىللەتشۇناسلىىق كەسپىنىڭ دوكتورى

http://bbs.bagdax.cn/thread-41044-1-1.html

Share
1396 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.