logo

trugen jacn

رۇقىيە تۇردۇش: قايتا شەكىللەندۇرۇلۇشتىن قايتا شەكىللەندۇرۇشكە

plain-blue-background-wallpaper-3

كىرىش سۆز
بۇ كىتابتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسى ھەققىدە ئىزدىنىشلىرىم، مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ مېڭە يۇيۇشقا كۆرسىتىدىغان ئىنكاسىنىڭ كىملىك، مىللەتچىلىك، ئەركىنلىك چۈشەنچىسىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىش بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن دۆلەتلەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەركىنلىك، مىللەتچىلىك ۋە تەۋھىد چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغاندا، ئوخشاشلا مېڭە يۇيۇشنىڭ كۆرۈنمەس قولىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇق. مانا مۇشۇ رېئاللىقلارغا ئاساسەن، گەرچە مەن بۇ كىتابتا مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قامال قىلىنغان جەمئىيەتتە ياشىشى بىلەن ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتتە ياشىشىنىڭ، مېڭە يۇيۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش – ئۇچرىماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، ئەمما ئاللىقاچان يۇيۇلغان مېڭىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇيۇلغان مېڭىنى قايتا تۈزەشتە بۇ خىل جۇغراپىيىلىك ئالمىشىشنىڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنى ئۆگىنىش ۋە تەھلىل قىلىشنى ئاساس قىلدىم
خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسىنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرغا، جۈملىدىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈم بېرىش – بەرمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنى، بىر قىسىم زىيارەت خاتىرىلىرى ئاساسىدا پىسخولوگىيەلىك ئامىللارغا باغلاپ تەھلىل قىلىشقا تىرىشتىم. شۇنداقلا يۇيۇلغان مېڭىمىزنى قانداق قىلىپ قايتا تۈزەش ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ باردىم
ئەگەر سىز « ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن كىمدىن ۋە قەيەردىن باشلىنىشى كېرەك؟ » دېگەن سوئالغا جاۋاپ ئىزدەۋاتقان بولسىڭىز، بۇ كىتاپنى ئوقۇش جەريانىدا يۇيۇلغان مېڭىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى مەلۇمات ۋە ئۇسۇللارنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق سوئالىڭىزغا مەلۇم دەرىجىدە جاۋاپ تاپىسىز. بۇ كىتاپ بىزنىڭ ئادەتتىكى «مىللەتچىلىك ئۆزىنىڭ مىللىتىنىلا سۆيۈش» دەپ قارىغان ئەنەنۋى چۈشەنچىمىزنى كېڭەيتىش ئارقىلىق مىللەتچىلىك ئۇقۇمىغا باشقا پەنجىرىدىن قاراشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئەركىنلىكنىڭ نىمە ئۇچۇن كىملىككە مۇراجەت قىلىدىغانلىغىنى ۋە كىملىكنىڭ مىللەتچىلىك بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى بىلمەكچى بلوسىڭىز، شۇنداقلا مىللەتچىلىك ۋە ئۇممەتچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايۋاتقان بولسىڭىز بۇ كىتاپ دەل سىز ئۇچۇندۇر
گەرچە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز مۇئەييەن ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى ئاساسىدا تار دائىرىدە بولسىمۇ ئۆملۈكنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پىكىر ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى بۆلۈنۈش ئىنتايىن ئېغىر. مانا بۇ سەۋەپتىن بىزگە كەلگۈسىمىز ئىنتايىن قاراڭغۇ تۇيۇلىۋاتىدۇ، ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەممەيلەننىڭ مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلغۇسى، بىرەر يول تاپقۇسى بار. لېكىن « نېمە ئىش قىلىش ۋە قەيەردىن باشلاش » مەسىلىسىدە چېچىلاڭغۇلۇق، يەككىلىك، ھېسسىياتقا تايىنىش ياكى بىر سەكرەپلا مۆجىزىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىش دېگەندەك قالايمىقانچىلىق مەۋجۇت.
ئەگەر سىز مىللىتىڭىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن چۈشكۈنلەشكەن بولسىڭىز، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى بۇ دۇنيادا، قەيەردە، كىملەر ئۇچۇن، نىمە مەقسەتتە جارى قىلدۇرۇشتا مۈجىمەللىك ئچىدە قالغان بولسىڭىز، بۇ كىتابنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا كىملىكىڭىزنى ئىزدەشكە، ئەركىنلىكىڭىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلايسىز. مېڭىڭىزنى قانداق قىلىپ قايتا پروگراممىلاشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئۈگىنىسىز. بۇ كىتاب سىزگە مىللەتچىلىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، سىزنى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى قانداق چۈشۈنۈش ھەققىدە ئويغا سالىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆرەش ئستراتېگىيىسى ئۈچۈن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى، دۇنيانىڭ كەلگۇسى ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئانالىزلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا « ئىشنى نەدىن؟ كىمدىن؟ كىم بىلەن؟ قايسى مەسىلىلەردىن باشلايمىز؟ » دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىزدىنىشىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە جاۋاب تېپىشى ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا قىلىدۇ
بۇ كىتاپنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يېزىپ چىققانلىقىم ئۈچۈن كەمچىللىكلەر كۆپ، جۈملىلەرنى ئىشلىتىشىم جايىدا بولماي قالغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئاساسىي مەقسەتنىڭ ۋە مەزمۇننىڭ ئېنىق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشتىم. دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ مېنى بۇ كىتاپنى رەسمىي يۇسۇندا ئېلان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىغا، شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تەھرىرى مەمەتجان جۇمە ۋە باشقا دوستلارنىڭ ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ بەرگەنلىكىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن

plain-blue-background-wallpaper-3

مۇندەرىجە
بىرىنچى باپ: مېڭە ۋە مەنبە
ئەركىنلىك ۋە كىملىك
مىللەتچىلىك بىلەن ئۈممەتچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلغاندا توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟
بىزدىكى گۈزەل غايىنىڭ دۈشمىنى – مەسئۇلىيەتسىزلىك
غايە ۋە ئىشەنچ
ئىككىنچى باپ: يۇيۇلغان مېڭە
يېتىم قالدۇرۇش
تېررور پەيدا قىلىش
تۇرمىدە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، قەسەم قىلدۇرۇش ۋە توۋا قىلدۇرۇش
سېتىۋېلىش
تەشۋىقات
دىننى بۇرمىلاش
كۆڭلىنى مايىل قىلىش
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىش
تارىخنى بۇرمىلاش
ئۈچىنچى باپ: قايتا شەكىللەندۈرۈلۈشتىن قايتا شەكىللەندۈرۈشكە
تازىلاش
ئەسلىگە قايتىش
ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئوقۇ ئوقۇتۇش
تۆتىنچى باپ: ئىستراتېگىيە تۈزەش

بىرىنچى باپ
مېڭە ۋە مەنبە

ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى كومپيۇتېرغا ئوخشايدۇ. بىزمۇ داۋاملىق كېرەكسىز مۇھىم بولمىغان نەرسىلەردىن مېڭىمىزدىن چىقىرىپ، ئۇنتۇپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاپ تۇرمىساق مېڭىمىز چارچاپ ئىشلىمەي قالىدۇ. يېڭى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا كونا نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن مېڭىمىزنىڭ ئاستىلاپ ئىشلىمەي قالماسلىقى ئۈچۈن، خۇددى كومپيۇتېرنى قايتىدىن ئۆچۈرۈپ ئاچقاندەك مېڭىمىزنىمۇ قايتىدىن پروگرامملاشقا توغرا كېلىدۇ. 1960 – يىللارغا كەلگۈچە كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى ئۆزگەرمەيدۇ، مەلۇم ياشتىن كېيىن مېڭە تەرەققىي قىلىشتىن توختايدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. بۇ سەۋەپتىن بەزىلەرنىڭ ھەرقانچە قىلسىمۇ مۇزىكا ئۆگىنەلمەسلىكى، يەنە بەزىلەرنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىقىغا قارىماي نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرالماسلىقىنى يۇقىرىدىكى سەۋەپكە باغلاپ تەھلىل قىلغان ئىدى. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە مېڭە ئىلىمشۇناسلىرى ۋە پسىخولوگلار مېڭىنىڭ ئەۋرىشىمچانلىقى نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسان مېڭىسىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ھايات تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا شەكلىنىڭمۇ چوڭىيىپ – كىچىكلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مېڭىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆگىنىش، تەجرىبە ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقى ياكى مېڭىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئاساسەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. كىشىلەر كۆپىنچە مېڭە تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش، ئۆگىنىش ۋە جاۋاب بېرىش فۇنكسىيىسىنى توختىتىپ قويىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما مېڭە زەخمىگە ئۇچراپ مېڭىنىڭ مەلۇم فۇنكسىيەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ، مېڭىنىڭ ساغلام تەرەپلىرى زەخمىگە ئۇچرىغان فۇنكسىيىلەرنىڭ يۈكىنى ئۆزىنىڭكىگە قېتىپ، ئىقتىدارىنى نۇرمال جارى قىلدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى مەزكۇر كۆز قارشنى رەت قىلىدۇ. بۇ جەريانغا مۇھىتنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېرسىيەتنىڭمۇ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، مېڭە قايسى شەكىلدە مەشق قىلدۇرۇلسا، شۇ تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.
مېڭە ئەۋرىشىمچانلىقى ( neuroplasiticity )، يەنى ئۆزگىرىشى داۋاملىق ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. مەسىلەن: زەھەرلىك چېكىملىك ۋە پاتالوگىكال ( روھى ۋە جىسمانىي سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەر ) كېسەللىكلەر كىشىنىڭ مېڭىسى ۋە ھەرىكىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مېڭە ئوخشىمىغان رايونلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇ رايۇنلار ئويلاش، تەھلىل قىلىش سۆزلەش، ھاياجانلىنىش، جىسمانىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا قوماندانلىق قىلىش دېگەندەك ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. بەزى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنىڭ بەزى قىسىملىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بەزى قىسىملىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا بەزىلەر مەشھۇر چېرتىيۇژچى بولالىسا، بەزىلەر ئسخېما سىزىشنى ئاسانلىقچە ئۆگىنەلمەيدۇ. بەزىلەر ئىنتايىن ئىجادچان كەلسە، بەزىلەر ناھايىتى قېلىپلىق ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مانا بۇ سەۋەپلەردىن بەلكىم سىزمۇ مېڭىڭىزنىڭ ئانچە ئاكتىپ بولمىغان بەزى قىسىملىرىنى ئىشلەتمىگەن بولىشىڭىز، پاسسىپ ھالەتتە تۇرغان بولىشى مۇمكىن.
تەراپىستلار PTSD ( ئېغىر چۈشكۈنلىشىش كېسىلى ) يالغۇزلۇق، قورقۇش، گۇمانخورلۇق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغان بەزى مېڭە فۇنكسىيەسىنىڭ ئورنىغا، مېڭىگە ساغلام شەكىلدە ئويلاش ۋە ھەرىكەت قىلىشنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەزكۇر فونكىسىيىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. دۆلەتلەر ياكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارمۇ خەلقنىڭ مېڭىسىنى ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىددىئولوگىيىلەر ئارقىلىق مەشىق قىلدۇرۇپ، ئەسلىدىكى ئىددىيەلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەت ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالماي كەلگەن بىر مىللەت بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مېڭىسى مۇستەملىكە قىلغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە پروگراممىلاشتۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدى. باشقىلار تەرىپىدىن پروگراممىلاشتۇرۇلغان مېڭە ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مېڭە ئەركىن تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسە مەلۇم چەكلىمە ئىچىدە قېتىپ قالىدۇ ۋە ئۇ دائىرىدىن ھالقىپ چىقالمايدۇ. كېلىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئەركىن مېڭىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلار تەرىپىدىن سىڭدۈرۈلگەن چۈشەنچىلەرنىڭ ھەممىسىنى مېڭىڭىزدىن تازىلاپ چىقىرىپ، ھېچكىمنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتمىگەن ئەركىن چۈشەنچە بەرپا قىلىشىڭىز ۋە بۇ ئارقىلىق مېڭىڭىزنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مېڭىنى قايتا تۈزەش ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن « مەن »نى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىش بولغانلىقتىن، ئۇ ئەركىنلىك، كىملىك، مىللەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دىن، مۇھىت ۋە سىياسىي تەقدىر دېگەندەك بىرمۇنچە ئۇقۇملارغا چېتىلىدۇ. ئۇقۇملار چۈشەنچىمىزنى، چۈشەنچىمىز ھەرىكىتىمىز شەكىللەندۈرىدۇ. چۈشەنچىدىكى مىللىمېتىرلىق ئېغىپ كېتىش، سۆز ۋە ھەرىكەتتە كلومېتىرلىق ئېغىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن ئۇقۇملارغا توغرا ئىزاھات بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ . مېڭە ئادەتتە ئىنساننىڭ سۆز – ھەرىكىتى، قورقۇنچىمىز، ئۈمىدىمىز، قارار بېرىش ئىقتىدارى، ئانالىز قىلىش، خاراكتېرى، كۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقتىن، توختىماي سىرتتىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىپ تۇرىدۇ ۋە بۇ ئۆگىنىشلەر شەخسنىڭ كىملىكىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر بىر ئۇيغۇر بوۋاق تۇغۇلغان ۋاقتىدىلا بىر خىتاي ئائىلىسىگە بېرىۋېتىلگەن ۋە خىتاي ئائىلىدە يېتىشتۈرۈلگەن بولسا، ئۇنىڭ كىملىكى خىتاي بولىدۇ. ئەگەر بىر يەھۇدىي بوۋاق بىر ھىندى ئائىلىدە تەربىيىلىنىپ چوڭ قىلىنسا، ئۇ ھىندى كىملىكى چوڭ بولىدۇ. شەخسنىڭ مېڭىسى ئۇ مەنسۇپ بولغان « ئۆز » ۋە « مۇھىت »تىن ئايرىلغان ھالدا خىزمەت قىلالمايدۇ. كىشى ھەرقانداق بىر قارارنى بەرگەندە مەنسۇپ بولغان كىملىك ۋە ئۇ كىملىك مەنسۇپ بولغان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن ئەڭ ئاددىيسى كەسىپ تاللىغاندا ئالدى بىلەن بۇ كەسىپنى ياقتۇرۇپ – ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزلا كۇپايە قىلمايدۇ. چوقۇم ئوقۇش پۇلى، مەكتەپنىڭ ئورنى، قايسى مەكتەپكە كىرەلىشىڭىز، ئائىلىڭىزنىڭ قوللاش – قوللىماسلىقى، بۇ كەسىپنى ئوقۇسىڭىز نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىز، ئۆز كەسپىڭىزنى قەيەردە، كىملەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىڭىز قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئويلىنىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. تېكساستىكى بايلور مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى ۋە نېرۋاشۇناس داۋىد ئەن’ گلەمان بۇ ھەقتە ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ مېڭىسىگە ئۆز ئىمزاسىنى ئاتىدىكەن. كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ئۆرپ – ئادەتلەرنى بىر – بىرىگە ئوخشىمىغان ھالدا يېتىلدۈرۈۋېلىشى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئورپ – ئادەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئوخشاش مەسىلىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، پەرقلىق كىملىك ۋە مەدەنىيەتكە مەنسۇپ كىشىلەر مېڭىسىنىڭ، ئوخشاش مەسىلىلەرگە قايتۇرىدىغان پسىخولوگىيىلىك جاۋابىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.
دېمەك، شەخسنىڭ مېڭىسى ۋە ئۇنىڭ كىملىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان مەدەنىيىتى بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، بىر – بىرىدىن ئايرىلمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن، باشقىلار تەرىپىدىن قايتا شەكىللەندۈرۈلگەن مېڭىمىزنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ھەققىدە توختالغان ۋاقتىمىزدا، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن شەخسنىڭ كىملىكى ۋە بۇ كىملىك تەقەززا قىلغان ئەركىنلىك، شۇنداقلا كىملىك ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ئومۇمغا باغلانغان مەنىسى بولغان مىللەتچىلىك ھەققىدە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ

 

كىملىك ۋە ئەركىنلىك

ئەركىنلىك يىلتىز تارتىۋالسىلا كۆكلەپ كېتىدىغان دەرەخكە ئوخشايدۇ
– جورج ۋاشىنگتون

ئەركىنلىك – باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىدىن، باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇش بولۇپ، بۇ قۇتۇلۇش جەريانى شەخسنىڭ ئۆزىگە، يەنى ئۆز ئىندىۋىدۇئاللىقىغا، باشقىلارغا ۋە بىر گۇرۇپپا ياكى بىر مىللىي توپلۇققا زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى شەخسنىڭ كونتروللۇقتىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە چىقىشى، ئۇنىڭ باشقىلار ياشىغان « مەن » بولماستىن، بەلكى ئۆزى خالىغان « مەن » بولالىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزى خالىغان « مەن »، مەلۇم گۇرۇپپا ياكى مىللىي توپقا باغلىنىش ئارقىلىق كىملىك شەكلىدە مەۋجۇت بولىدۇ ياكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. چۈنكى ئۆزىڭىز سىزىپ چىققان « مەن »نىڭ كىم بولىشى، ھېچنەرسىگە، ھېچكىمگە باغلانمىغان يوقلۇق ۋە بوشلۇقتىكى « مەن » بولىشى بولماستىن، بەلكى سىز تاللىغان مەۋجۇدلۇقتىكى « مەن »دۇر. سىز ياشىماقچى بولغان « مەن »، باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشقا، تونۇلۇشقا موھتاج. مەسىلەن: ئانا كىملىكى بالىغا، قېرىنداش كىملىكى تۇغقانلىرىغا، كەسىپ كىملىكى سىز شۇ كەسىپنى يەتكۈزۈۋاتقان ئىنسانلارغا، مىللىي كىملىك سىز مەنسۇپ بولغان مىللەتكە باغلانغان بولىدۇ. ئۇنداقتا بىزنى بىر – بىرىمىزگە باغلايدىغان بۇ كىملىك، دەل ئەركىنلىكنىڭ تېپىلىش مەنبەسى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بالىلىرىڭىز بولمىسا ئاتا-ئانا بولالمايسىز، قېرىنداشلىرىڭىز بولمىسا قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ قېرىندىشى بولالمايسىز، كەسپىڭىزگە ئېھتىياجلىق ئىنسانلار بولمىسا سىز ئۇ كەسىپنىڭ ئىگىسى بولالمايسىز، مىللىتىڭىز بولمىسا مىللىي كىملىكىڭىزمۇ بولمايدۇ. يەنى، ئۇيغۇر مىللىتىگە تەۋە بولماي تۇرۇپ « ئۇيغۇر » بولالمايسىز. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، ئەركىنلىك، مىللىي كىملىك مەنبەسىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ ۋە مىللىي كىملىك ئەركىنلىك ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. كىملىك ئۆز ئالدىغا ھېچكىمگە باغلانمىغان ھالدا مەۋجۇت بولالمىغانلىقتىن، شەخسنىڭ ئەركىنلىكىمۇ شەخس مەنسۇپ بولغان مىللەت ۋەياكى بىرەر توپلۇمنىڭ ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان ھالدا ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولالمايدۇ.
مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ھەممە كىشىدە ئېتىراپ قىلىنىش ئارزۇسى بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىپ كېتىش ئەندىشىسى ئۇلارنى باشقىلار تەرىپىدىن تونۇلۇش، ئېتىراپ قىلىنىش ئارزۇسىغا ئۈندەيدۇ. بۇ ئارزۇ شۇ كىشىنىڭ بالىلىق ھاياتىدا يېتىلدۈرگەن خاراكتېرىگە ئاساسەن سەلبىي ياكى ئىجابىي شەكىلدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. پسىخولوگلارنىڭ بىردەك قارىشىچە، بالىلىق ۋاقىتلىرىدا باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىش، چەتكە قېقىلىش مۇھىتىنى بېشىدىن كەچۈرگەنلەر ئېتىراپ قىلىنىش، تونۇلۇش ئارزۇسىغا باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش ئارقىلىق يېتىشكە ئۇرۇنسا، ساغلام بالىلىق ھاياتى بولغان كىشىلەر تونۇلۇشقا ئالدى بىلەن باشقىلارنى تونۇش ۋە ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىدىكەن. ئەگەر سىز كىملىكىڭىز ئېنىق ئەركىن ئىنسان بولىمەن، ھېچكىمنىڭ كونتروللۇقىنى قوبۇل قىلمايمەن دەيدىكەنسىز، سىزنىڭ بىر شەخس سۈپىتىدە يوقىلىپ كەتمەسلىك، يەنى باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىش ئارزۇيىڭىز بولىدىكەن، ئالدى بىلەن سىزنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېھتىياجىڭىز بولغان مىللىتىڭىزنى ئېتىراپ قىلىشىڭىزغا، ئۇنىڭ دەردىنى چۈشىنىشىڭىزگە، تونۇپ يېتىشىڭىزگە، ئۇنىڭ دۈشمىنىگە دۈشمەن، دوستىغا دوست بولىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، باشقىلارنى تونۇشقا ئالدىرايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنى تونۇتۇشقا ئالدىرايدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆپرەك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇستەملىكىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان ۋە مىللىي مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قېلىش كرىزىسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بىر مىللەتتۇر. بۇ سەۋەپتىن يەر يۈزىدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش قەدىر – قىممەتكە ئىگە بولۇش ئارزۇسى، يوقىلىش خەۋپىدىن ھېس قىلغان ئەندىشىسى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شەخسىي ھالدا كۆزگە كۆرۈنۈش، قەدىر – قىممەتكە ئېرىشىش ۋە تونۇلۇش ئارزۇسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر سىزدە بۇ سەۋەبتىن باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش خاراكتېرى يېتىلىپ قالغان بولسا، ئۆزىڭىزدىكى تونۇلۇش ئارزۇيىڭىزنى « مىللەتچىلىك »، يەنى سىز مەنسۇپ بولغان توپلۇمنىڭ ئەركىنلىكىگە باغلاش ئارقىلىق، بۇ سەلبىي خاراكتېردىن قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭىز مۇمكىن. مانا بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش ئارزۇيىڭىز، كۆپلۈكنى مەنبە قىلغان ئېتىراپ قىلىنىش بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقتىن، شەخسنىڭ يالغۇزلۇقى ۋە يېتىملىكى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. مانا بۇ ئۇسلۇپ مېڭىمىزدىكى يالغۇزلۇقنىڭ ئورنىنى ئالغاندا، تەپەككۇرىمىز، ھەرىكىتىمىز ۋە خاراكتېرىمىزمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ
گەرچە بالىلىقتا چەتكە قىقىلىش تۈپەيلى باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش ۋەياكى خوشامەت قىلىش تۈپەيلىدىن، « ھەق ۋە توغرىدا » تۇرالماسلىق پسىخىكىسىنى يۇقتۇرىۋېلىش ھەممە مىللەت كىشىلىرىدە تېپىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇستەملىكە ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى مىللەتتە خوشامەتچىلىك پىسخىكىسى، خۇددى ئۆرپ – ئادەتكە ئايلانغاندەك پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ خاراكتېرىگە سىڭىشقا باشلىشىدىن ئەنسىرەش ئورۇنسىز ئەمەس. مەسىلەن: بىر ئۇيغۇر بالا ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن قاتتىق قوللۇققا، ئارزۇلىرى داۋاملىق چەتكە قېقىلىپ رەت قىلىنىشقا ياكى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىلمىگەن، مەكتەپتىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشكە ئۇچرىمىغان تەغدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئائىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان ئىجتىمائي شەرت – شارائىت سەۋەبىدىن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرايدۇ. بۇ ئەھۋال بالىغا ۋاستىلىق ھەتتا بىۋاستە تەسىرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا – ئانىنىڭ مەزكۇر مۇھىتقا بولغان ئىنكاسى، بويسۇنۇشنى قوبۇل قىلىپ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىش ئۈچۈن خوشامەتچىلىك يوللىرىغا مېڭىش ياكى قارشى چىقىش شەكلىدە ئىپادىلىنىشىمۇ مۇمكىن. مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتا – ئانىنىڭ مەزكۇر مۇھىتقا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ بالىنىڭ زېھنىدە ئۈلگە سۈپىتىدە ئورۇن ئالىدىغانلىغى ھەممىمىزگە ئايان. ئەگەر بىر قىسىم ئاتا – ئانا ئالدىنقى يولنى تۇتتى ۋە بۇ يول ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى دەيلى، ئۇنداقتا بۇ بالىلارنىڭ ئوخشاش تەسىرنى قوبۇل قىلىشى ئورپ – ئادەت شەكلىدىكى بىر يولنى ئۇلارغا سىزىپ بەرگەنلىك بولماسمۇ؟ 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئاۋۇستىرىيىلىك مەشھۇر روھى كېسەللەر ئالىمى ئالفرېد ئادلېر، بالىلارنىڭ ھاياتنى ئاجىزلىق تۇيغۇسى بىلەن باشلايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھاياتتا پۈتۈنلەيلا چوڭلارغا تايىنىدىغانلىقىنى؛ ئاجىزلىق ۋە چارىسىزلىكتىن تۇغۇلغان غالىپ كېلىش تۇيغۇسىنىڭ، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇنى پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نەزەرىيەنى ئەمىلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئادلېر نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئىجتىمائي جەمئىيەت، ئورپ – ئادەت، قائىدە – يوسۇن ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ چەكلىمىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش – ئۇچرىماسلىقىغا ئاساسەن، بالىلارنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ياكى كۈچكە ئىگە بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئۇيغۇر بالىسى يەسلىدە خىتايچە ئۈگۈنۈش مەجبۇرىيىتى تېڭىلمىغان، ئۇيغۇرچە سوزلەش چەكلەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ باشقا بالىلاردىن ئالاھىدە بولىشىنى خىتاي تىلىنى چىرايلىق سۆزلەش ئارقىلىق پەخىرلىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىلىنى پەخىرلىنىپ سوزلەش ئارقىلىق ئىپادە قىلىشى مۇمكىن. ئادەتتە ئائىلىدە ئىقتىساد ھەققىدىكى قىيىنچىلىق ۋە غەم – قايغۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا كۆپ تىلغا ئېلىنغاندا، بالا چوڭ بولغاندىمۇ پۇلى بولسىمۇ داۋاملىق پۇل ھەققىدە غەم قىلىدىغان، ئىقتىسادى ھەرقانچە كۆپ بولغان تەغدىردىمۇ ئىقتىسادتىن زادىلا خاتىرجەم بولالمايدىغان خاراكتېرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرىۋېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بالا ئاساسەن ئاتا – ئانىسىنى ئۆرنەك قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كىرىزىسلارغا مۇۋاپىق جاۋاپ بېرىش ئىقتىدارى تېخى يېتىلمىگەنلىكتىن، مەزكۇر مەسىلە ئۇنىڭغا ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەيدىغان ئېغىر بېسىم بولۇپ شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىنچە، ئائىلىدە پەقەت ئىقتىساد ھەققىدە ھەرقانداق پاراڭغا شېرىك قىلىنمىغان، پۇلنى قانداق يىغىش، قانداق خەجلەش توغرىسىدا ھېچقانداق تەجرىبە ئىگە بولماي چوڭ بولغان بالىنىڭ، ئىقتىسادنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان بولۇپ يېتىلىدىغانلىغى ئېنىق. شۇڭا پىسخولوگىيە ئالىملىرى بالىلارغا ئىقتىساد باشقۇرۇش بىلىملىرىنى مۇۋاپىق شەكىلدە ئۈگىتىش ۋە پۇلنىڭ پەقەت غايىگە يېتىشتىكى كۆۋرۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ھەل قىلالمايدىغان مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ، ئۇلارغا يۈك قىلماسلىقنى تەرغىب قىلىدۇ
گۈزەللىكى ئارقىلىق باشقىلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياسانچۇق قىزلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ياسانچۇق بولىشى، ئاتا – ئانىسى ۋە جەمئىيەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار مەشھۇرلۇق ۋە ئۈستۈنلۈكنى كىنو چولپىنى بولۇش ئارزۇسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەلا ئوقۇش نەتىجىسى، پەن – مەدەنىيەت ساپاسى، دىن – دىيانىتى ياكى باشقا ئىلىم ئارقىلىق ئىزدىشى مۇمكىن. خاتانىڭ « كىم سادىر قىلىشىدىن ۋەياكى كىمنىڭ ئىنكار قىلىشىدىن قەتئىينەزەر بەرىبىر خاتا » ئىكەنلىكى ئۈگىتىلمەي، ئەكسىنچە « ئوقۇتقۇچىنى شەرتسىز ھۆرمەتلەش كېرەك، ئۇ ھەممىدىن بىلىملىك، ھەممىدىن ئەقىللىق، ئۇنىڭ ھامان توغرا » دەپ ئۈگىتىلگەن بىر ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۈگەنگىنى ئاتا – ئانىسى، ھەتتا دىنى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان تەغدىردىمۇ، مۇتلەق توغرا دەپ قوبۇل قىلىۋېلىشى مۇمكىن. بۇ ئارقىلىق ئەقىللىق ئوقۇغۇچى بولۇشتىن ئىبارەت ئۈستۈنلۈككە يېتىشنى ئارزۇ قىلىش بىلەن بىرلىكتە، خاتانى كۆرۇپ تۇرۇپمۇ دادىللىق بىلەن رەت قىلالماسلىق، « ياق » دىگەن سۆزنى كۆپ ھاللاردا ئشلىتىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماسلىقتەك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرىۋېلىشى مۇمكىن.
ئېسىمدە قېلىشىچە گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ، شەرقىي تۈركىستانغا مەخپىي ئەۋەتىلگەن بىر مۇخبىرى 2007 – يىلى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر قىزلارنى زىيارەت قىلغىنىدا، بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك: « ھۆكۈمەت ئائىلىمىزگە بېسىم قىلسىمۇ قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلگىلى ئۇنىمىغان ئىدۇق، ئەمما ئوقۇتقۇچىلىمىز ئارقىلىق بېسىم قىلغاندا ئامالسىز قالدۇق » دەپ جاۋاب بەرگەن. بالىلىق دەۋرىدىلا ئائىلىسىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا گۇۋاھ بولغان بالىلارغا، زۇلۇم ھەقىقەت بىلەن بويىلىپ، ئاتا – ئانىسى قارىلىنىپ گۇناھكار قىلىپ كۆرسىتىلگەندە، بەلكىم بالا ئاتا – ئانىسىدىن نەپرەتلىنىشى، ئۈستۈنلۈكنى ئاتا – ئانىسىغا بولغان قارشىلىق، ھەتتا ئاتا – ئانىسىنىڭ دۈشمەنلىرىگە يېقىنچىلىق قىلىش ۋە ياخشىچاق بولۇش بىلەن ئىزدىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغۇنۇم، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بالىنىڭ خاراكتېرىنىڭ قانداق تەسىرگە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر، مېڭىنىڭ ئىنكاسى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە قارىتا ئۆزگۈرۈپلا قالماي، مېڭىنىڭ ئىنكاسى خاراكتېرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن، خاراكتېرنىمۇ مېڭىمىزنى قايتا تۈزەش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرغىلى ۋە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتتۇر. ئالفرېد ئادلېرنىڭ بۇ ھەقتە مەشھۇر مۇنداق بىر سۆزى بار:
« مۇھىم پاكىتنى ئۇنتۇماڭ، ئۇ بولسىمۇ ۋارسلىق ياكى مۇھىتنىڭ ھېچقايسىسى بەلگۈلىگۈچى ئەمەس. ھەر ئىككىلىسى رامكا سىزىپ بەرگۈچى ۋە تەسىر قىلغۇچى بولۇپ، شەخىسنىڭ مېتودى ۋە ئىجادىي كۈچى تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلىدۇ
دېمەك، ئۆزى تاللىغان « مەن »نى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۆز مىللىتى تەرىپىدىن تونۇلۇش ۋە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئىنتىزار بىر ئۇيغۇر، ئالدى بىلەن ئۆزى مەنسۇپ بولغان « ئۇيغۇر »دىن ئىبارەت مىللەتنى تونۇشى كېرەك. ئۇنىڭ مىللىي كىملىكى ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە مىللىتىنىڭ ھالىغا بېرىلگەن جاۋابى بولۇپ شەكىللەنگەندە، ئۇ ئۆزىدە باشقىلار تەرىپىدىن تېڭىلغان ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نەتىجىسىدە شەكىللەندۈرگەن خاراكتېردىن قۇتۇلۇشقا قادىر بولىشى مۇمكىن
كىملىكنى ساقلاپ قېلىش، بىر گۇرۇپپا ياكى بىر مىللىي توپلامدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقتىن، مىللىي كىملىك مىللىي توپلامنىڭ كوللېكتىپ شەكىلدە مەۋجۇت بولىشىغا بېقىنىدۇ. كوللېكتىپ شەكىلدىكى مەۋجۇتلۇق ئەڭ ئاۋۋال سىياسىي ئەركىنلىككە موھتاجدۇر. يەنى، شەخسنىڭ ئۆزى خالىغان « مەن » بولۇپ ئەركىن ياشىشى، ئۇ مەنسۇپ بولغان مىللىي توپلامنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ مەۋجۇتلۇقنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان سىياسىي ئەركىنلىكتىن خالىي ھالدا مەۋجۇت بولالمايدۇ.
ئۇنداقتا شەخس مەنسۇپ بولغان توپلۇم ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولسىمۇ، جۇغراپىيىلىك ئالمىشىش ئارقىلىق شەخسنىڭ زۇلۇم ۋە كونتروللۇق ئاستىدىكى ھاياتى ئۆزگەرتىلگەندە، ئوزى خالىغان ھۆر « مەن »نى يارىتالامدۇ؟ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزى خالىغان « مەن »نى ۋۇجۇدقا چىقىرالىدىمۇ؟ ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇتلەق ئەركىنلىككە ئېرىشتىمۇ؟
ئەگەر ئۇ: « مەن ئۇيغۇر كىملىكىمنى ساقلاپ قېلىۋاتىمەن، خىتايغا قارشى مىللىتىمنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەركەت قىلمىساممۇ بولىدۇ » دەپ قارىسا؛ ئۇنداقتا ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە شەكىلدىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان، زۇلۇم ئاستىدا يوقىلىۋاتقان شارائىتتا، بۇ مىللىي گەۋدىنىڭ كىملىكىنى ھاسىل قىلىۋاتقان ئەركىنلىكىگە بولغان باغلىنىشنى يوقاتقانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ باغلىنىش يوقالغاندا، ئۇ شەخس ئۆزى ئىزدىگەن ياكى خاھىشىدىكى « مەن »نى يوقىتىدۇ. بىر ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ ياكى مەشھۇر سەنئەتكار بولۇپ ئۇتۇق قازىنالىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ قازانغان بۇ ئۇتۇقنىڭ مەنىسى ئۇ مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن باغلانمىغاندا، ئۇ پەقەت كىملىكسىز كەڭ بىر بوشلۇقتا چەكلىنىپ تۈگەيدۇ ياكى باشقا بىر ئومۇمىيلىققا خاس بولغان مەنبەدىن كىملىك ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ، بىر مىللەتنىڭ كۆرەش ئارقىلىق يېتىدىغان، كەڭ دائىرىدە سىزنى مۇتلەق قانائەتلەندۈرىدىغان، يەنى سىزگە مۇتلەق بىخەتەرلىك بەخش ئېتىدىغان مىللەتچىلىك كۈچىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى چەكلىك بولىدۇ. ئېرلاندىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى رىچارد ئېنگلىز، ئۆزىنىڭ « ئېرلاند ئەركىنلىكى » دېگەن كىتابىدا مىللەتچىلىكنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ رەت قىلغۇسىز دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « مىللەتچىلىك، ئىنساننىڭ باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر قاندۇرالمايدىغان ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالايدۇ. بولۇپمۇ تېررىتورىيە، جىنسىيەت ۋە دۇنيادىكى سىنىپ پەرقىدىن ئىبارەت دەرىجىسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. مىللەتچىلىك ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ماددىي – مەنىۋى روھى، سىياسى، مەدەنىيەت ۋە پسىخىكىدىن ئىبارەت نۇرغۇن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ » .[1]
ئۇنداقتا، مىللەتچىلىك دېگەن نېمە؟ ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ نىمە ئۈچۈن بىز كىملىكىمىزنى پۈتۈن ئنسانىيەتكە باغلانغان ئومۇمىيلقتىن ۋەياكى پەقەت تىل، ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت ۋە باشقا خاسلىقلار بىلەن شەرھىلىنىدىغان مىللەت ئۇقۇمى بىلەن ئەمەس، بەلكى تېرىتورىيە ۋە زېمىن ھوقوقى بىلەن شەرھىلىنىدىغان مىللەت ئۇقۇمىدىن ئىزدەشكە مۇھتاج؟

2

[1] « ئېرلاند ئەركىنلىكى » 5- بەت. رىچارد ئىنگلىز . 2008 – يىلى ئېلان قىلىنغان ئېلېكتېرونلۇق نۇسخا

 

مىللەتچىلىك بىلەن ئۈممەتچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلغاندا توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟

ئامانلىقى ئۈچۈن ھۆرلىكىنى قۇربان قىلىدىغانلار، مەڭگۈ ھۆر ۋە ئامان بولالمايدۇ ياكى ھەر ئىككىسىگە لايىق بولمايدۇ
– بېنيامىن فرانكلىن

ئەگەر بىرى مەندىن « ئەركىنلىكنى تاللامسەن ياكى مىللەتچىلىكنىمۇ؟ » دەپ سورىسا، ئەلۋەتتە « ئەركىنلىك »نى دېگەن بولاتتىم. لېكىن بىزنىڭ ھازىرقى شاراىتىمىزدا بۇ ئككىسىنى قانداقمۇ ئايرىۋەتكىلى بولسۇن؟ ئىنساننىڭ ئىنسان سۈپىتىدە مۇتلەق ئەركىنلىككە يېتىشى پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا بولغان مۇتلەق ئېتىقادى ۋە ياراتقۇچىدىن باشقا بارلىق كونترول قىلغۇچى كۈچلەرنى ئىنكار قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. باشقا كونترول قىلغۇچى كۈچلەرنى ئىنكار قىلىش جەريانى بولسا ئەڭ ئالدى بىلەن سىزنى ۋە سىز مەنسۇپ بولغان توپلۇق ياكى مىللەتنى كونترول قىلغۇچى كۈچنى ئىنكار قىلىش ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش جەريانى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ جەريان دەل مەن ھىس قىلغان مىللەتچىلىكتۇر
ئەركىنلىك، ئەركىنلىكى باشقىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ، يەنى « مەن » مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ كىملىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ كىملىك پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە پەننىي تەرەققىياتىدىلا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىش بىلەن چەكلەنمەستىن، بەلكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، تېررىتورىيەلىك زېمىن ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان كۆرەش جەريانىدىن ئىبارەت مىللەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك
ئەركىنلىك يەنە، كائىناتنى ياراتقۇچى پەقەت بىر ئاللاھقىلا باغلىنىپ، ئىنساننىڭ ئۆز روھىنى مۇتلەق ئازاد قىلىش جەريانى بولغانلىقتىن، مەن ئەلۋەتتە « ئەركىنلىك »نى تاللايمەن ۋە بۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن مىللەتچىلىكنىمۇ تاللاشقا مەجبۇرمەن
« مىللەت » دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى « Nation » بولۇپ، لاتىنچىدىكى « Nationem » ياكى « Nasci » دېگەن سۆزدىن كىرگەن. مەنىسى « قانداشلىق » بولۇپ، « Nation » يەنى « مىللەت » دېگەن سۆزنىڭ ھازىرقى زامان لۇغەت مەنىسى « مەلۇم ئىرقتىكى، ئومۇمىي يىلتىز، تارىخ ۋە تىل بىلەن خاراكتېرلەنگەن ». ئادەتتە ئايرىم سىياسىي دۆلىتى ياكى تېررىتورىيىسى بولغان توپلامغا قارىتىلغان بولۇپ، مىللەتچىلىك مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مەنىنى بىلدۈرىدۇ:
بىرىنجى: ۋەتىنىگە، مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ ۋە ساداقەت، ئۆزىنىڭ مىللىتىنى باشقا ھەممە مىللەتتىن ئۈستۈن كۆرۈش. 2. مەلۇم ئىرقىغا ئوخشاش مەدەنىيەت، تارىخ ۋە تىلغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئايرىم دۆلەت قۇرۇش، تېرىتورىيە ۋە ۋەتەنگە ئىگە بولۇش ئارزۇسى.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى خىل لۇغەت مەنىسىنىڭ ئىچىدە مىللەتچىلىكنىڭ ئىككىنچى مەنىسىگە ئاساسەن، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى شەرھلەنگەن بولۇپ، ئېرلاند مىللەتچىلىكى تەتقىقاتچىسى رىچارد ئىنگلىز بۇ نوقتىنى تەستىقلاپ، مىللەتچىلىكنىڭ شەخسنىڭ ئۆزىگە قانائەت تېپىش جەريانى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر پۈتۈن توپلۇق سۈپىتىدە كۈچكە ئېرىشىش كۆرىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. [ 2] بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىش كۆرىشى، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. رىچارد ئىنگلىزنىڭ، ئېرلاندلارنىڭ مىللەتچىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتىدا، « مىللەتچىلەرنى كۆرەشكە بۇنچىۋالا ئۈندىگەن كۈچ نېمە؟ » دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابى، ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ ۋەياكى باشقا مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتچىلەرنىڭ كۆرىشى قاتارلىق بىر قاتار كۆرەش ۋە ئىستەكنىڭ بېرىدىغان جاۋابى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ « ھەق – ناھەق تۇيغۇسى »دۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مىللەتچىلەرنىڭ كۆرىشى بەختسىزلىكنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان بەخت ۋە نەتىجىنى دەسسىتىش ۋە بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئازادلىق نىشانىنى قوغلىشىش…»
ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا باراۋەر ئىكەنلىكىنى؛ مىللىتى، رەڭگى، سەت – چىرايلىق بولىشى، مېيىپ ياكى ساغلام بولىشىغا قاراپ كەمسىتىلمەيدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقتىن، بەزىلىرىمىز « مىللەتچىلىك دىنىمىزغا يات » دېگەن زىتلىق ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈۋالدۇق. بولۇپمۇ ئۇممەت بىلەن مىللەت ئۇقۇمىنى بىر – بىرىگە قارمۇ – قارشى قىلىپ كەلدۇق. ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى ئۇ ئۇنداق ياكى بۇ بۇنداق دەپ كەمسىتىشىمىز ئېغىر گۇناھ ئەمەسمۇ؟ [3] كىبىرلىك ئەمەسمۇ؟ كىبىرلىك قىلىش ئەڭ باشتا شەيتان تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان بىرىنچى گۇناھ ئەمەسمۇ؟ دېيەلىگەن بولساقمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ خاتاسىغا قارشى تۇرۇشنى ئۇنىڭ يارىتىلىشىغا قارشى تۇرۇش بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالدۇق. بىزنىڭ مىللەتچىلىكىمىز خىتايدىن ئىبارەت مەخلۇققا، مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي ئۆزىنى سۈپەتلىگەن بارلىق كىملىكلىرى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتىكى پەقەت « ئىنسان »لىقىغا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا، ئۇنىڭ ئىددىئولوگىيەسىگە، دۇنيادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە زىيانلىق ھەرىكىتىگە ۋە ئادەتلىرىگە، تېرورلۇق زۇلۇمىغا، ئادالەتسىزلىكىگە ۋە ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت غايەت زور يولسىزلىقىغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي مىللىتىنى ئاللاھ ياراتتى، ئەمما ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ئەمەس. دەل شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىكى مىللەتچىلىكنىڭ بىرىنچى خىل لۇغەت مەنىسىگە چۈشمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا زىت. مانا سەۋەپتىن ئسلامدىكى مىللەت ئايرىپ كەسىتمەسلىك بىلەن توقۇنۇشمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر مىللەتچىلكى، گىرمان ناستىستلىرىنىڭ مىللەتچىلىكىدەك ياكى خىتاي چوڭ مىللەتچىلىگىدەك ئۆز مىللىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت مىللەتچىلىكنىڭ بىرىنچى لۇغەت مەنىسى بولماستىن، بەلكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائي ئەركىنلىك ۋە زېمىن ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش نوقتىسىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ.
ئۈممەت ۋە مىللەت چۈشەنچىسىدە، « ئۈممەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەكمۇ ياكى مىللەتنىمۇ؟ » مەسىلىسى، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىدۇر. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلاردا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسلامدىكى سىياسىيۋىيلىك، پۈتۈن ئۈممەتنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن مىللەت ئۇقۇمىنى يوققا چىقىرىش شەكلىدە ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. مىللەتچىلىك ئۇقۇمى بولسا ئۈممەتنى ئەمەس، مىللەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش بولۇپ كەلمەكتە
ئەلۋەتتە، ئۈممەتنىڭ بىرلىشىشى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىشىشى، كۈچلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى ھازىرغا قەدەر مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۆز مەسىلىسىنى ئۈممەتكە تايىنىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئېتنىك ( مىللىي ) مەسىلە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ھەمكارلىشىشتىن ئۇزاقلىشىپ كەتتى، ھەتتا بىر – بىرىنى سېتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. مەسىلەن: ئىراق تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا مالايسىيا ياكى پاكىستان ۋەياكى باشقا بىر مۇسۇلمان دۆلەت بۇ مەسىلىگە ئارلاشمىدى. ئۇيغۇرلار مۇستەملىكىدە قالغاندا ئەرەب مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ قويمىدى. ھەتتا پاكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتايلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇردى ۋە ساتتى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دىننى سىياسەتتىن ئايرىغان شەكىلدە بولسىمۇ « NATO » ( شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى )غا ئوخشاش بىر ھەربىي بىرلىكى بولغىنى يوق. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان ۋە پۈتۈن مۇسۇلمان مەملىكەتلەرنىڭ مەسىللىرى، ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەت ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولۇپ، تېخى كۈچلۈك ھەربىي بىرلىكسەپ قۇرۇپ چىقالمىدى. بۇنداق بىر باسقۇچقا تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبمۇ، دەل ھەر بىر مۇسۇلمان ئەلنىڭ كۈچلۈك بولمىغانلىقى ۋە شەرت – شارائىتلارنى ھازىرلاپ بولمىغانلىقىدا. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نوقۇل ھالدا ئۈممەتچىلىك قىلىپ مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋەياكى نوقۇل ھالدا مىللەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىپ ئۈممەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەل قاراپ، ئىككىسىنى بىر – بىرىدىن رادىكاللارچە ئايرىۋېتىش ھەم مىللەتكە ھەم ئۈممەتكە زىيان يەتكۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بولۇپمۇ ئۇيغۇردىن ئىبارەت مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر مىللەت، مىللەتچىلىكتىن ئىبارەت دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئارزۇسىنى يوقاتقاندا قانداقمۇ ئۈممەت ئۈچۈن خىزمەت قىلالىسۇن؟ ئۈممەتنىڭ بىرلىشىشى زامان، ماكان ۋە كۈچتىن ئىبارەت شەرت – شارائىتلارنى ھازىرلاشنى تەقەززا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا ئۈممەت دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىققۇدەك ھېچقانداق كۈچ ۋە شارائىت ھازىرلانماي تۇرۇپ، ھەتتا ئۆزىمىزنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزمۇ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا قايسى كۈچىڭىز بىلەن ئۈممەت ئۈچۈن توۋلايسىز؟ ئەگەر بىزدىكى مىللەتچىلىك يوقالسا، ئۇ ھالدا بىزدىكى دۆلەت قۇرۇش ۋە تېرىتورىيەگە ئىگە بولۇپ بىخەتەرلىككە ئېرىشىش يوقالغان بولىدۇ. تېررىتورىيە ۋە بىخەتەرلىككە ئېرىشەلمىگەندە كۈچلىنىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ مىللەتچىلىك ئۈممەتكە قارشى قويۇلغان ئايرىمچىلىق بولماستىن، بەلكى تېرىتورىيەگە ئىگە بولۇپ ۋەتەن قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئۈممەتنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. مانا بۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر دەۋاسىدا مىللەتچىلىكنى تۇرغۇزۇش، ئۈممەتنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ بىر – بىرىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى تەستىقلاش مېنىڭچە بەكمۇ زۆرۈر.
مىللەتچىلىكنىڭ پەيدا بولىشىغا قارىتا تارىخچىلار، جەمئىيەتشۇناسلار ۋە مىللەت تەتقىقاتچىلىرى ئوخشىمىغان كۆزقاراشتا بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە مودېرنىزمنى تەرغىب قىلىدىغان مودېرنىست، شۇنداقلا پېرپېتۇئالىسىت، ۋە ئېتنو – سىمۋولسىتتىن ئىبارەت ئۈچكە بۆلىنىدۇ.
مودېرنىستلار مىللەتچىلىكنى رومانتىزمغا باغلاپ تەھلىل قىلىدۇ. چۈنكى ياۋروپادا 18 – ئەسىردە رومانتىزمنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى بىلەن رومانتىك مىللەتچىلىك مەيدانغا كەلگەن. رومانتىك مىللەتچىلىك، رومانتىزمنى يەنى خەلق تىلى، مەدەنىيەت – سەنئىتى، خەلق ئەدەبىياتى، خەلق مۇزىكىسى، پەلسەپىۋى چۈشەنچىلىرى قاتارلىق خەلق سەنئىتىنى مەنبە قىلغان.
« رومانتىزم » دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيەلىك شائىر فرېدرىخ شلېگېل ( Karl Wilhelm Friedrich Schlegel ) ئەدەبىياتنى سۈپەتلەشتە ئىشلەتكەن بولۇپ ،[4] 1784 – يىللاردا ياشىغان فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ، يازغۇچى روسسو ( Jean-Jacques Rousseau ) قاتارلىقلار ياۋروپادا رومانتىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. رومانتىزم ئەدەبىياتتا تەسەۋۋۇر، ھېس تۇيغۇ ۋە ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى تۇيغۇنى كونترول قىلىش، لوگىكا، تەڭپۇڭلۇق قائىدە – تۈزۈم ۋە نازاكەتنى تەرغىب قىلغان يېڭى كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ بىر ئىسلاھات ئىدى. مەسىلەن: ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيەلىك ئاكادېمىك گرىم ئاكا – ئۇكىلار (Jacob Ludwig Carl Grimm 1785–1863، Wilhelm Grimm 1786- 1859 ) تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئەسەرلىرىنى توپلىغان ۋە « قار مەلىكە »، « پاقا شاھزادە »، « كۈلقىز (سىندېرېللا) »، « ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال » قاتارلىق نۇرغۇن مەشھۇر چۆچەكلەر توپلاملىرىنى يىغىپ، رەتلەپ يېزىپ چىققان. رومانتىك مىللەتچىلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى مانا مۇشۇنداق خەلقنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت – سەنئەت بايلىقىدىن ئىلھام ئالغانلىقتىن ،[5] ياۋروپادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئىتىنى بايقاش ۋە گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئەركىنلىكى، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتكەن. پولشانىڭمۇ رۇسسىيەگە قارشى مىللەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ئاخىرى مۇستەقىل بولىشىدا رومانتىزم ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
بۇ سەۋەبتىن، ئېرنىست گېللنېرغا ئوخشاش مودېرنىستلار، مىللەتچىلىك – دۆلەت قۇرۇش ئېڭى شەكىللەنگەندىن كېيىن، فىرانسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن. چۈنكى پەن تېخنىكا ئىنقىلابى، مەتبەئەچلىك مىللەتنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ ئۇيۇشۇشىنى، پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى، بۇ ئارقىلىق بىرلىشىشىنى تېزلەتكەن، دەپ قارايدۇ. مودېرنىستلارنىڭ قارىشىچە، مىللەتچىلىك تاللاشقا بولىدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇ، ئېتنو – مىللەرچىلەر (Ethno-Nationalists) ئېيتقاندەك، مەيلى چوقۇم بىر ئىنسان ئۆزى خالىسۇن – خالىمىسۇن كىملىككە ۋە تارىخى يىلتىزغا ئوخشاش ئۆزلىكىدىن مەنسۇپ بولىدىغان نەرسە بولماستىن، بەلكى شەخس ۋە مىللەت ئۇنى ئەركىنلىك ئۈچۈن بىر يەرگە كېلىش مەقسىتىدە تاللىيالايدۇ، دەپ قارايدۇ. كوننور قاتارلىق ئېتنو – مىللەرچىلەر بولسا مىللەتچىلىك قەدىمدىن تارتىپ، يەنى مىللەت شەكىللەنگەندىن تارتىپ مەۋجۇت ئىدى، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دىنلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، مىللەتلەرنىڭ قەبىلە ئايرىش كۆرەشلىرى، كۈچ تالىشىش، تېررىتورىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىشىش، ئۇيۇشۇش ۋە بىر – بىرىگە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت شەكىللەندۈرۈپ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى، شۇ چاغدىمۇ مىللەتچىلىكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مىللەتچىلىك قانداقتۇ سانائەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىنكى دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن پەيدا بولغان ئەمەس، دەپ قارايدۇ ۋە مىللەتچىلىككە تەبىر بەرگەندە كىملىك ۋە ئۆز مىللىتىگە بولغان ساداقەتنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ . [6]
ئېتنو سىمۋولىزم بولسا مىللەتچىلىكنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە شەھەرلىشىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ مودېرنىستلارنى تەستىقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىللەتچىلىكنى چۈشىنىش ئۈچۈن مىللەتتە مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ پەيدا بولىشىدا رول ئوينايدىغان دۆلەت ئېڭى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرىكى تارىخى يىلتىز ۋە سموۋوللۇق خاراكتېرىغا سەل قارىمايدۇ. ئۇلار مىللەتچىلىكنىڭ پەيدا بولىشىدا قەدىمىي ئەجدادلار روھى، قەھرىمانلار ۋە قەبىلىلەر رەئىسلىرى، جەمئىيەت بولۇپ شەكىللىنىش، تەبىئىي ۋە ئورگانىك شەكىللىنىش، سۈپەت ۋە مەشھۇرلۇق مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، ئېتنىك سىمۋولىزم – بىر مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق ئېلېمېنتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، مودېرنىستلارنىڭ مىللەتچىلىك سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، يەنى 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بارلىققا كەلدى دېگەن كۆز قارىشىنى « ئۇنداقتا مىللەتمۇ شۇ چاغلاردا مەيدانغا كەلگەنمۇ؟ » دەپ رەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار مىللەت مىللەتچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسى كۈچ تۇرسا، دەپ قارايدۇ [7]. مودېرنىستلار بۇنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، مىللەتچىلىك مىللەتنى پەيدا قىلىدۇ دەيدۇ. ئەمما ئېتنو – مىللەرچىلەر، مودېرنىستلارنىڭ بۇ كۆز قارىشىغا قېتىلمايدىغان بولۇپ، مىللەتچىلىك باشتا پەيدا بولىدىغان بولسا، ئۆزلىكىدىن بىر توپلۇق سىياسىي كۈچنى نىشان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ توپلۇق مىللەت بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟ مىللەتچىلىك پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى مىللەت ئۇقۇمىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ دەپ مودېرنىستلارنىڭ قارىشىنى رەت قىلىدۇ.
مودېرنىستلار، مىللەتچىلىك ئەزەلدىن تەبىئىي شەكىللەنگەن ۋە تارىخى يىلتىزى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كۈچ ئەمەس. ئۇ شەھەرلىشىشتىن كېيىن، يېقىنقى زامان پەن – مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ھازىرلىغان شەرت – شارائىت ئاستىدا، ئەقىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پىلانلىق ھەرىكەتتىن پەيدا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ فېئودالىزمغا، ئىمپېرىئالىزمغا قارشى پەيدا بولغان، ئۇيۇشقان بىر مىللەتنىڭ ھەرىكىتىنى ئاساس قىلىدۇ ۋە بۇ ھەرىكەت مىللەتنى شەكىللەندۈرىدۇ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىللەتچىلىكنى شۇ مىللەت دۆلىتىنىڭ پسىخولوگىيىلىك كۈچىدىن ۋە جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىر ماشىنىنى ياساشنى خەرىتە، سخېمىلاردىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغاندەك، مىللەتچىلىكنىمۇ ئالاقە ۋاسىتىلىرى، شەھەرلىشىش، كەڭ ئېچىۋېتىلگەن مائارىپ ۋە سىياسەتكە قاتنىشىشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ .[8]
ئۇنداقتا ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىچۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئېڭى، مودېرنىستلارنىڭ مىللەتچىلىككە بىر مىللەتنىڭ ياكى مەلۇم تېررىتورىيەگە مەنسۇپ مىللەتلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش، يەنى ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆرىشى ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن دەپ ئىزاھلىغىنىدەك، ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەنمۇ؟ ياكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى، ئۇيغۇرلار « ئۇيغۇر مىللىتى » دېگەن بۇ ئىسىم ۋە كىملىككە ئېرىشكەندىن بېرى مەۋجۇتمۇ؟ ئەگەر شۇ چاغلاردىلا مەۋجۇت بولسا ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى بولغانمۇ؟
ئەگەر ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى مودېرنىستلارنىڭ مىللەتچىلىككە بەرگەن ئىزاھاتىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مىللەتچىلىك ئورتاق تېررىتورىيەگە ئىگە خەلقنىڭ سىياسىي كۈچكە ئېرىشىپ، مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئىدىيىسى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىكىنى ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىلگىرىمۇ، ھەر بىر تارىخىي دەۋرىدە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزىگە خاس قوزغاتقۇچى كۈچى بولغان. يۇقىرىدىكى نەزىرىيىگە ئاساسلانغاندا بىز بۇ كۈچنى، يەنى ئۇيغۇرلاردا تەبىئىي پارتلىغان غەزەپ – نەپرەت، قارشىلىق، ئادالەتنى ياقلاش ئىستىكى، ئېتىقادى چۈشەنچىسى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى رەت قىلىشىمىزغا، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئىنكار قىلىشىمىزغا، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى تۇيۇقسىز ھېچنەرسىدىن ئوزۇقلانمىغان ھالدا پارتلاپ چىققان بىر نەرسىدەك چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن مىللەتچىلىك مەلۇم تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدىغان ۋە مەنبەگە تايىنىدىغانلىقتىن، بۇنداق قاراشنىڭ ئاساس يوق، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا مىللەتچىلىكنىڭ بىر مىللەتنىڭ تارىخىي جەريانىدىكى كۆرەش ئارقىلىق مىللەت سۈپىتىدە سىياسىي كۈچكە، ئۆز دۆلىتىگە ئېرىشىشى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولامدۇق؟ ( ياق. ) چۈنكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا پەيدا بولۇپ قالغان بىر مىللەت ئەمەس، ئۇ بىر قەدىمىي مىللەت. ھەرقانداق مىللەتچىلىكتە بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مەدەنىيىتى ئۆز ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ياشىغان مۇھىتىدا ئۇچرىغان تاجاۋۇزغا قارشى ئۇيۇشۇش ۋە ساقلىنىش، قۇتۇلۇش ۋە كۈچىيىش، غەلىبە قىلىشلارغا بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ؛ ياكى گۈللەنگەن دەۋرىدىكى مىللەت ۋە ئىمپېرىيە سۈپىتىدە پەخىرلىنىش؛ قۇدرەت تېپىش سۈپىتىنى ئالغان ئۇيۇشۇش ۋە گۈللىنىشكە بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى روھ، ھەممىسىلا ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللەتتە ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، مىللەتچىلىك روھىمىزنى تارىخىي يىلتىزىمىزدىن، پەخىرلىنىش تۇيغۇمىزدىن ئايرىپ قاراشقىمۇ، ھازىرقى زامان رېئاللىقىدىن، شەرت – شارائىتلىرىمىزدىن، دۆلەت قۇرۇش ئارزۇيىمىزدىن ئايرىپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلاردا دۆلەت قۇرۇش ئېڭى ۋە ئارزۇسى بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىللەتچىلىكى ھەرىكەت شەكلىگە ئۆتمەي، پەقەت پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەۋجۇتلۇق ۋە كىملىك باسقۇچىدىلا ساقلىنىپ قالغان بولاتتى.
ۋەتىنىمىزدە 1933 – يىلى ۋە 1944 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، ئۇيغۇرلارنىڭ « ئۇيغۇر »دىن ئىبارەت ئېتنىك مىللەتچىلىككە ئەمەس، بەلكى ۋەتەن قۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاقلىقنى غايە قىلغان سىۋىك مىللەتچىلىك ( ئوخشاش تېررىتورىيەدە ياشايدىغان بىردىن كۆپ مىللەتنىڭ بىرلىكتە دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى ) ۋە دىننى ئاساس قىلغان دىني مىللەتچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىلا ئاساس قىلغان كۆرەش بولماستىن، بەلكى قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. 1990 – يىللىرى قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش غايىسى سۇسلاشتى. ھەتتا بۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ « شاڭخەي شەرتنامىسى »گە قول قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا رول ئويناشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتچىلىك ئەسلىدىكى ئۇزۇن تارىخلاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان دىنىي مىللەتچىلىكنى داۋام قىلىش بىلەن بىرگە، ئېتنىك مىللەتچىلىك ( كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىك ۋە دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى ) تۈسىنى ئالغان مىللەتچىلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدى. بارىن ئىنقىلابى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى. گەرچە بارىن ئىنقىلابى ياۋروپادا سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىدەك شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش، ئۇچۇر – ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى دېگەندەك تەسىرلەرگە ئۇچرىمىغان، دەل ئەكسىچە بىر يېزىدا پەيدا بولغان ئىنقىلاب بولسىمۇ، كۈچلۈك دىنىي تۈس ئالغان. شۇنداقلا ئېنىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، شۇ چاغدىكى خىتاي تارقاتقان بەزى ئىچكى ماتېرىياللارنى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرغاندا، بارىن قەھرىمانلىرىنىڭ يېنىدىن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گېربى، دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت خەرىتىسى دېگەندەك نەرسىلەر چىققان. بارىن ئىنقىلابىنىڭ يول باشچىسى زەينىدىن يۈسۈپ شۇ قېتىمقى ئىنقىلابتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە شەرت قويۇپ مۇنداق خەت يازىدۇ:
« بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدا جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇناھسىز بوۋاقلارنى ئانا قارنىدا تۇرغۇزۇپلا ئۆلتۈرۈۋېتىشى، نېمە ئۈچۈن جىنايەت ھېسابلىنىپ جازاغا تارتىلماسلىقى كېرەككەن؟ شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ زېمىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت بىر بېسىپ كىرىۋالغان ھۆكۈمەتكە باج ئۆتەيدىكەن؟ بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە باج ئۆتەشنى رەت قىلىمىز! خىتاي ھۆكۈمىتى باج سېلىقنى، ئالۋان – ياساقنى، ھاشارنى توختاتسۇن! نوپۇسنى تىزگىنلەش باھانىسىدە ساناقسىز بوۋاقلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئۆلتۈرۈلمەكتە. ئەگەر نوپۇسنى تىزگىنلەش توغرا كەلسە، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ھەر يىلى مىليونلاپ توشۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى توشۇشنى توختاتسۇن! بىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز! خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ زېمىنىمىزدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز! خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە، بىزنى قۇل قىلىش سىياسىتىگە جەڭ ئېلان قىلىمىز! » .[9]
ئۇنىڭ بۇ خېتى تېررىتورىيىسى، مۇستەملىكىگە بولغان قارشىلىقى، مۇستەقىللىق ئارزۇسى، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش، توغرىنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى ئېنىق بولغان خەت بولۇپ، كۈچلۈك دىنىي ۋە ئېتنىك مىللەتچىلىك روھىنى نامايەندە قىلىدۇ. بارىن ئىنقىلابى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ۋە دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى ھەرىكەت شەكلىگە ئۆتمىدى. بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن، غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى قاتارلىق چوڭ قوزغۇلۇشلار ۋە نۇرغۇن يەككە ھالدىكى كىچىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بارىن ئىنقىلابىدەك مۇستەقىللىق ۋە دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويالمىدى. ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى سۈپىتىدىكى باراۋەرلىك تەلەپ قىلىدىغان قارشىلىق شەكلىنى ئالغانلىقتىن، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى، يەنى دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار خاراكتېرى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھېس – تۇيغۇغا باي، ئىپادىلەشكە ماھىر سەنئەتكار خەلق بولغان بولسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەملىكە كىشەنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىنى؛ ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئارقىلىق مىللەتنىڭ روھى ھالىتىنى تەھلىل قىلىپ، مىللەتنى يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى چۈشەپ قويدى. بىرىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كەڭ كۆلەملىك مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش، شەھەرلىشىشنىڭ ئومۇملىشىشى، نەشرىياتچىلىق، ئۇچۇر – ئالاقە ۋە قاتناشنىڭ تەرەققىي قىلىشى دېگەندەك ئامىللارنىڭ، ياۋروپادا سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى باش كۆتۈرگەن رومانتىزمنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى ۋە رومانتىزمدىن ئىلھاملانغان مىللەتچىلىك ئۇيغۇرلارغا يېتىپ كېلەلمىدى. ئۇيغۇرلار ياۋروپادىكى رومانتىزمدىن ئىلھام ئالغان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت رومانتىك مىللەتچىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. ھەتتا بەزى ئەدىبلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ تا ھازىرغىچە ئەركىنلىك تەرغىب قىلىدىغان بۇ ئېقىملاردىن مۇستەسنا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا گەرچە لۇتپۇللا مۇتەللىپتەك ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلغۇچى شائىرلار، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە زوردۇن سابىردەك يازغۇچىلار چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى تارىخى تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن ۋە رېئالىزمنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەركىنلىك ئىزدەش بولۇپ، رومانتىزىم ئېقىمىدىن مەيدانغا كەلگەن ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلمىغان.
تارىخىمىزغا دىققەت بىلەن نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىملىق دۆلەت قۇرۇش جەريانىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلام دىنىنى ئۇيۇشۇش ۋە قوزغىلىش ئوبيېكتى قىلغانلىقى كۆرۈپ يېتىمىز.
ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن كۆرەشلىرىنىڭ ھەممىسى نوقۇل ھالدىكى دىنىي مىللەتچىلىك دەپ كېسىپ ئېيتالامدۇق؟ رومانتىك مىللەتچىلىك ئامىللىرى ئۇيغۇرلاردا زادىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپمىغانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلاردا ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش، ھېس – تۇيغۇ ۋە غەزەپ – نەپرەت تولۇپ تاشقان بولۇپ، رامكىلارنى، مۇستەملىكە قانۇن – تۈزۈملىرىنى پاچاقلاپ، مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى دېموكراتىك ھالدا ئىدارە قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك رومانتىك مىللەتچىلىكى، تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ دىنىي مىللەتچىلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل رومانتىك مىللەتچىلىك ئامىللىرىنىڭ تېپىلىشى گەرچە، ياۋروپادىكى گۈللەنگەن رومانتىزم ۋە سانائەت ئىنقىلابى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئەمما بىرىنچىدىن ئىنتايىن تۇغما شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىدىن ئوزۇقلاندۇرۇلغان؛ ئىككىنچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدىكى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىككە تەرەققىي قىلىشىدىن ئوزۇقلاندۇرۇلغان ( ئەلۋەتتە، دىنىي مەجبۇرىيەت ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، بىز بۇ يەردە پەقەت رومانتىك مىللەتچىلىك ئامىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا تېپىلىشى ھەققىدىلا توختىلىمىز
مەسىلەن: ئۇيغۇر سەنئەتلىرىدىن دارۋاز ئويۇنىغا ئوخشاش ئۆلۈمگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان، باتۇرلۇقنى تەلەپ قىلىدىغان، ئات بەيگىسىگە ئوخشاش جەسۇرلۇق، ئەركەكلىك ۋە غۇرۇر تەلەپ قىلىدىغان ئويۇنلار، ساما ئۇسۇلىغا ئوخشاش ئەركىنلىك، بۆسۈپ چىقىش، كۈچ ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان ئۇسۇللىرىمىز، تاشۋاي مۇزىكىسىغا ئوخشاش ھەسرەت، مۇڭ ۋە قارشىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان مۇزىكىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى، ئۇيغۇرنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە يوشۇرۇنغان ئەركىنلىك ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىستەكلىرىنى نامايەندە قىلىدىغان بولۇپ، نەتىجىدە بۇ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، كىشىنىڭ تارىخىدىن، ئېتىقادىدىن، مەدەنىيىتىدىن، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىدىن، تىل ۋە ئۆزىگىلا تەۋە بولغان زېمىنى بولغانلىقىدىن، شۇنداقلا ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرالىشتىن ئىبارەت بۈيۈك قەھرىمانلىق روھىدىن پەخىرلىنىش بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت تارىخىغا « ئون ئىككى مۇقام »، تۈركى تىللار دىۋانىدەك قىممەتلىك قامۇس، « قۇتادغۇبىلىك»كە ئوخشاش دۆلەت باشقۇرۇش قانۇنلىرىنى ۋە يەنە بىز بۇ يەردە تىلغا ئالالمىغان نۇرغۇن ئۆلمەس ئەسەرلەر بىلەن ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۆز تارىخىدا ئىمپېرىيە ۋە جۇمھۇرىيەتلەر قۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى كۆرسىتىدىغان، پەخىرلەندۈرىدىغان، ئۇنى ئۆز كىملىكىگە ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىگە مەھكەم باغلايدىغان ئامىللار بولۇپ، مىللەتچىلىكنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىزدىكى مىللەتچىلىك تۈسىنى ئالغان ياكى ئالمىغان قوزغۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورىزمغا باغلاشقا تىرىشتى. مەيلى غۇلجا ۋەقەسى، ياكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدەك تىنچلىق بىلەن باراۋەرلىك تەلەپ قىلغان كوللىكتىپ ھەرىكەتلەر بولسۇن ياكى بارىن ئىنقىلابىدەك مىللەتچىلىك تۈسىگە ئىگە، خىتايغا شەرت قويغان قوراللىق قوزغىلاڭلار بولسۇن، ھەممىسىنى زوراۋانلىق تۈسىدىكى مىللەتچىلىك ياكى تېرورىزم دەپ تەرىپلەپ كەلدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنى مىللەتچىلىككە ئۇل سالىدىغان مىللىي كىملىكىدىنمۇ ئەندىشە قىلىدىغان قىلىۋەتتى. مەسىلەن: خىتاي مىللەتلەر گېزىتىنىڭ 2015 – يىلى 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىكى سانىدا، « كىملىكتىكى مىللىتى دېگەن تۈرنى بىكار قىلىش كېرەكمۇ؟ » دېگەن تېمىدا بىر ماقالە بېسىلغان بولۇپ، ماقالىدە 2012 – يىلى بەزىلەر كىملىكتىكى مىللىتى دېگەن سۆزنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، رەت قىلىنغانلىقتىن بۇ تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر ماقالىدە، بۇ ئۇقۇمنىڭ مىللىي ئايرىمىچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كىملىكتىكى مىللىتى دېگەن يەرگە يېزىلغان ئۇيغۇر سۆزىنىڭ تېررورىزمنى سۈيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ماشىنىغا ئالماسلىق، ئۇلارغا ياتاق بەرمەسلىك، ئۇلارنى نۇرغۇن جەھەتلەردە يەكلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ھەتتا ئۇگاندادىكى خۇتۇ ۋە تۇتسىدىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ ئەسلى بىر مىللەت بولۇپ، ئىككىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە قىرغىنچىلىق پەيدا بولغانلىقىنى مىسال قىلىپ ئۆتكەن.
يىغىنچاقلىغاندا، ئېغىر دەرىجىدىكى كەمسىتىش، كىملىكتىكى « ئۇيغۇر » ئىبارىسى تۈپەيلىدىن قاتتىق تەكشۈرلۈش، چەتكە قېقىلىش، ھەتتا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىش، ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلاردا، ئۇيغۇر كىملىكىدىن ۋاز كېچىش پىكىرلىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىدىمۇ قانداق؟
ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ بىر مىللەتنىڭ يوقلىشىنى كۆرسەتمەمدۇ؟ كىملىكتىكى « ئۇيغۇر » ئىبارىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئومۇمىي مىللىي كەمسىتىشنى ئازلىتىپ، ئۇلارنى خىتايدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشتۈرگىلى بولامدۇ؟ كىشىنى ئەندىشىلەندۈرىدىغان مۇمكىنچىلىك شۇكى، « ئۇيغۇر » دېگەن بۇ ئىسىمنى ئەڭ باشتا كىملىكتىن يوقىتىش، بارا – بارا جەمئىيەتتىن يوقىتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. كىملىكسىز بۇ مىللەتتە پەخىرلىنىش، ئۆزىگە ئىشىنىش، كىملىكنى مەنبە قىلغان ئەركىنلىككە ئىنتىلىشنىڭ ھەممىسى سۇسلىشىدۇ. ئۇ ئەنئەنىسىنى كىمگە ۋاكالىتەن ساقلايدۇ؟ مانا بۇنىڭدىن ئەگەر مىللەتچىلىك يوقالسا شەرقى تۇركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىم بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىغى ياكى كىمگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. كىملىكى يوقالغان بىر مىللەت گەرچە ئېتىقادىنى ساقلاپ قالسىمۇ، ئەمما تىلىنى قوغداپ قېلىشقا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشى ۋە تىلىنىمۇ يوقىتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ھېسابلىمىسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. تىلنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللەتچىلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشتىكى رولى، خۇددى باشقا تارىخى مىراسلىرىغا ئوخشاشلا مۇھىم. دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىشتە ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى، 1920 – يىللاردا ئۆتكەن ئىراقلىق گېنېرال ئەل- ھۇسرى، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى ئويغانغان ئەرەب مىللەتچىلىكىنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئەڭ چوڭ رول ئوينىغان بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ ئانا تىلى تۈركچىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەرەب تىلى بىلمىگەنلەرنى ئەرەب دەپ ئېتىراپ قىلماسلىقنى يولغا قويغان [10]. ئەرەب مىللەتچىلىكى ئەنە شۇ ئەرەب تىلىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا كۈچىيىش بىلەن بىرگە، كىملىكىنى ئىنتايىن گەۋدىلىك ھالدا ساقلاپ قالىدۇ.
مىللەتچىلىك چۈشەنچىمىزنىڭ يۈزەكى بولىشى تۈپەيلىدىن، مىللەتچىلىك دېيىلگەندە بەزىلىرىمىز ئۆز مىللىتىنى باشقا ھەممە مىللەتتىن ئۈستۈن كۆرۈش، باشقا مىللەتنى كەمسىتىش دېگەن خاتا چۈشەنچىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىۋالىمىز. بۇ ھەقتە يۇقىرىدا تەپسىلى توختۇلۇپ ئۆتكەنىدىم. بۇ يەردە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن، ئۆز مىللىتىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ ئۈستۈن كۆرۈش ئارقىلىق، باشقىلارنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن
پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، يەنى بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن تارىخى، ئېسىل خاراكتېرى، ئېسىل ئۆرپ – ئادىتى، تىلى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى قاتارلىق قەدىرلەشكە تېگىشلىك بولغان، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس سۈپەتلىرى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىدىن پەخىرلىنىپ ئۇنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈش؛ بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىلھام ئېلىپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كەمسىتىش تۇيغۇسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بۇ، بىر ئنساننىڭ ئۆزىگە ئشىنىش تۇيغۇسى بىلەن ھاكاۋۇرلۇق تۇيغۇسىنىڭ پەرقىگە يەتمىگىنىگە ۋە ئارىلاشتۇرىۋەتكىنىگە ئوخشايدۇ. كونىلار ئېيتقاندەك، باشقىلارغا غادىيىپ ئۆزىنى ھەممىدىن ئېسىل ۋە ئۈستۈن كۆرۈش پەقەت بىر ئەھمەقنىڭ ھاكاۋۇرلىقى بولۇپ، بۇ ئۆزىگە ئشەنگەنلىك ئەمەس. ئۆزىگە ئشىنىش، ئەمىلىيەتتە ئۆزىنى ھېچكىمگە سېلىشتۇرماسلىق، يەنى باشقىلارنى ئۆزىدىن تۆۋەنمۇ كۆرمەسلىك، ئۈستۈنمۇ كۆرمەسلىكتۇر. خۇددى ئاجىز كىشىلەر باشقىلارنى كەمسىتىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى قۇسۇرلارنى ياپماقچى بولىغىنىغا ئوخشاش، روھى ۋە ئەخلاقى نوقتىدىن ئاجىز مىللەتلەرلا باشقا مىللەتنى كەمسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتمەكچى ياكى پۇت تىرەپ تۇرماقچى بولىدۇ. تارىخىي ئۇلى چىڭ، مەدەنىيىتى كۈچلۈك، پسىخولوگىيىسى ساغلام مىللەت ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى بۇ شەكىلدە ئىپادە قىلىشىنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك
ئىسلامدىكى ئۈممەتنىڭ بىرلىشىشىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىللەتچىلىك قىلىپ باشقا مىللەتنى كەمسىتمەسلىككە، بولۇپمۇ ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى، باشقىلار ئۈستىدىن كىبىرلىك قىلىش بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن خاتا چۈشەنچىلەرگە قارىتىلغان رەددىيەدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغان مۇستەملىكىچى ياۋۇز مىللەتكە باش ئەگمەسلىك، ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇپ ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش روھىدىن ئىبارەت مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇشنى كۆزدە تۇتمايدۇ. مۇبارەك ھايات كىتابىمىز « قۇرئان »نىڭ باشتىن – ئاخىر ھەق – ئادالەتنى تەرغىب قىلغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. مىللەتچى بولۇش ۋە مىللەتچىلەرنىڭ ھەق -ناھەق تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن، ھەق – ئادالەت ۋە توغرا ئۈچۈن كۆرەش قىلىش نىشانى « قۇرئان »دىكى ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسمۇ؟
ئالدىنقى قىسىمدا نېرۋاشۇناس داۋىد ئەنگلەمەننىڭ كۆز قاراشلىرىنى مىسال قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، پىسخولوگىيە ئالىملىرى ھەر بىر مىللەتنىڭ مېڭىسىدىكى ئاڭ ۋە ئېقىمىنىڭ يېتىلىشىنىڭ، مىللەتنىڭ ياشىغان مۇھىتى، تارىخى، تېررىتورىيىسى، دىنىي ئەقىدىسى ۋە مىللىي خاراكتېرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ يېتىلىشىمۇ ئۇنىڭ دىنىي ئەقىدىسى، ياشىغان مۇھىتى ۋە مىللىي خاراكتېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قايسى خىل مىللەتچىلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلانغان ۋاقتىمىزدا، بۇ ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك
[2].« ئېرېاند ئەركىنلىكى »، رىچارد ئىنگلىز، 2008 – يىلى ئېلان قىلىنغان ئېلېكتېرونلۇق نۇسخا،
www.panmacmillan.com

[3] قۇرئان، 2 – سۇرە، بەقەرە، 34- ئايەت.
ئادەمگە روھ پۈۋلەنگەندىن كېيىن، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. ئىبلىس بۇنى رەت قىلىپ كىبىرلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن شەيتان بولۇپ كەتتى.
[4] پەنگۇئىن لۇغىتى، 3-نۇسخا. لوندون: پەنگۇئىن كىتاپلىرى، The Penguin Dictionary of Literary Terms and Literary Theory. Third Ed. London: Penguin Books
(1991)
[5] ئاكا – ئۇكا گرىملارنىڭ بىئوگرافىيەسى
http://www.germanpulse.com/…/the-history-of-the-brothers-g…/

[6] كوننور ۋالكەر، « ئېتنىك مىللەتچىلىكنى چۈشىنىش ھەققىدە ئىزدىنىش »، 6 – بەت. پرەستىتون ئۇنىۋېرسىتى نەشرى، 1994.
Connor, Walker (1994), Ethnonationalism The Quest for Understanding (Princeton: Princeton University Press) page 6

[7] ئانتونى در. سمىت، « ئېتنىك سىمىۋوللۇق ۋە مىللەتچىلىك: مەدەنىيەت نوقتىسىدىن تەھلىل »، بىرىنچى نۇسخا، (43 – بەت)
Anthony D.Smith, Ethno- Symbolism and Nationalism: A cultural approach. First edition, page 43

[8] ئانتونى در. سمىت، « مىللەتچىلىك ۋە مودېرنىزىم »، 23 – بەت، بىرىنچى نۇسخا ( 1998 ).

Nationalism and Modernism, page 23

[9]« زەينىدىن يۈسۈپنىڭ خېتى »، شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىدىن ئېلىندى.
[10] « مىللەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى: ئەرەپ دۇنياسى، تۈركىيە ۋە ئىران »، كىندلە نۇسخىسى ( 173 ).
The Rise of Nationalisim: The Arab World, Turkey, Iran kindle edition. Location 173

 

1_باپ 4_بۆلۇم

بىزدىكى گۈزەل غايىنىڭ دۈشمىنى – مەسئۇلىيەتسىزلىك

ئۆزىڭىزگە مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ. سىز بەلكىم پەسىللەرنى، شاماللارنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز
– جىم روخن
ھەر بىر ئۇيغۇر، ھەتتا ئەڭ ئۈمىدسىز بىر ئۇيغۇرنىڭمۇ يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرىدە، « مۇستەقىل بىر ۋەتىنىم بولغان بولسىچۇ! » دېگەننى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. خىتاينىڭ قىزىل پاسپورتىنى ئەمەس، كۆك رەڭلىك شەرقىي تۈركىستان پاسپورتىنى شەرەپ بىلەن كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى كىممۇ خالىمىسۇن؟ ۋەتەن ئىچىدە ئۆزىمىزنىڭ پارلامېنت بىنالىرىدا يۈرۈشنى، ۋەتىنىمىزنى قوغدىيالايدىغان باتۇر، كۈچلۈك ئارمىيمىز، ئادىل دېموكراتىك سوت، تەرەققىي قىلغان ھەقسىز مائارىپىمىز ۋە سەھىيە، پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن ئەركىن بازا تۈزۈمى، ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ئەزان ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان كۈچلۈك مۇسۇلمان دۆلىتىمىز بولىشىنى كىممۇ ئارزۇ قىلمىسۇن؟
« مەن شەرقىي تۈركىستانلىق، ئۆز تۇپرىقىمدا، تۇغۇلغان يېرىمدە ياشىيالايمەن، قورقماي ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقۇم بار، ئۆزۈم توغرا دەپ تاللىغان يولدا مېڭىش ۋە خاتا دەپ قارىغان ئىشلارغا، ھەقسىزلىققە قارشى تۇرۇش ئەركىنلىكىم بار. ھەمدە دۆلەتنى باشقۇرغۇچىلارنى تاللاپ سايلاش ۋە ئۇلارغا بىلەت تاشلاش ھوقۇقۇم بار » دېيىشنى كىممۇ خالىمىسۇن؟ مانا بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولۇپ، بۇنداق ئارزۇنىڭ مىللەتنىڭ ھەر بىر پۇشتىدا بولىشى ناتايىن. ئەمما سىز ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان، بويۇنتۇرۇقلاردىن قۇتۇلۇشنى خالايدىغان، ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل بىرى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيدىغان بىرى بولماقچى بولسىڭىز بۇ ئارزۇ چوقۇم سىزدە بار. گەرچە ئۇ ھەرىكەت باسقۇچىنى ئالالمىغان، مىللەتچىلىككە قاراپ تەرەققىي قىلالمىغان تەقدىردىمۇ بۇ ئارزۇ سىزدە بار. ئەمما سىز ئۈمىدسىز، چۈشكۈن، بېقىنما ۋە قۇللۇقىڭىزنى ئازاب بىلەن ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇر بولسىڭىز ياكى مېڭىڭىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يۇيۇلغان بولسا ئۇ ھالدا بۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇ سىزدە يوق.
دۇنيادىكى قۇللۇق تۈزۈمدىن قۇتۇلغانلار، مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى، قانداقتۇر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدەك تاشقى ئامىل ۋە دۇنيا سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن ياكى بىر كېچىدە ئۇخلاپ قوپسا تەقدىرى ئۆزگىرىپ قالغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئەڭ دەسلەپتە يۈرىكىگە ئەركىنلىككە ئېرىشىشتىن ئىبارەت بىر ئارزۇنى تىكلىگەنلىكى، ئىشق ئوتىنى ياققانلىقى ئۈچۈن ئېرىشكەن.
« قۇرئان »دا ئالەمنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە توختالغان بەقەرە سۈرىسىنىڭ 3 – ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:
« تەقۋادارلار غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغانلىرىمىزنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ ».
بىز ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنالىدۇقمۇ؟ ئاللاھنىڭ رىزاسى يولىدا ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئادالەت ئۈچۈن ئىشلىتەلىدۇقمۇ؟ قىسقىسى ھەر بىر شەخس ئۆزىمىزدىكى ئەۋزەللىك ۋە بايلىقنى بايقىيالىدۇقمۇ؟ تېپىپ چىقالىدۇقمۇ؟ ( بۇ نوقتىدىكى بايلىق پەقەت پۇل، مال – دۇنيالا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن بارلىق بايلىقلىرىنى كوزدە تۇتقانلىغى ئۇچۇن،پەقەت پۇل ماللىرىمىزدىن ئاللاغا شۇكۇر ئېتىدىغانلىغىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۇن زاكات بېرىشنىلا ئەمەس، بەلكى بىز ئىگە بولغان ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتى تېگىدىغان ھەممە نەرسىدىن زاكات بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بەدىنىمىزدىكى ھەر بىر ئەزامۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نېمىتى بولۇپ، ئۇنى توغرا يولدا ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىكنىڭ ئىسراپچىلىق، يامان ئىشلارغا ئىشلىتىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەسمۇ؟ ).
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ چوقۇم باشقىلاردەك ياكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان كىچىككىنە بىر ئىشنى قىلالىشىڭىزغا ئىشەنسىڭىز ۋە بۇ ئىشەنچنى بىز يۇقىرىدا تەكىتلىگەن ئۇلۇغۋار ئارزۇغا باغلىيالىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەدەم باسالايسىز . بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىلەردىن قۇتۇلۇش كېرەك؟

ئاغرىنىش كېسىلى

فىرانسىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ روسسو (Jean-Jacques Rousseau) : « ياخشى ئادەم تېگىدىنلا تەبىئىي بولىدۇ، جەمئىيەتتە ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، باراۋەرلىك، كۆيۈنۈش، مېھرى – شەپقەت ۋە سۆيگۈ – مۇھەببەت ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ » دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بىر كىشىنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكىگە ۋەياكى ئەخلاقىغا باھا بېرىشتىكى پرىنسىپى بولغان.
ئۇيغۇرلاردىمۇ كىشىلەرگە تەبىئىتىگە قاراپ باھا بېرىدىغان ئادەت بار. مەسىلەن: بىزدە ناچار ئادەملەرگە « قېنى بۇزۇق »، « تۇخۇمى ياخشى ئەمەس »؛ ئېسىل ئادەملەرگە « خېمىتۇرىچى ياخشى »، « تېگى ياخشى كىشىلەر » دەپ باھا بېرىمىز.
ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە، ھەقىقەتنى ياقلايدىغان، باشقىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، مېھرى – شەپقەت تۇيغۇسى كۈچلۈك مىللەت بولۇپ، ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە مىللىتىنى قەدىرلەيدىغان، تەبىئەت ۋە جانلىقلارنى ئاسرايدىغان، قەلبى دەريادەك كەڭ، ئېسىل ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنى ساقلاشقا تىرىشىپ كەلدى. ئۇنداقتا ياخشى ئىنسان بولۇپ ياشاش ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش قانداق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ؟ بۇ بىر تەرەپتىن ياراتقۇچىغا قىلىدىغان ئىبادىتىمىزنىڭ تەقەززاسىدىن بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆز خەلقىگە، تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن ۋە شۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتىن تۇغۇلىدۇ. ئۇنداقتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى قانداق يېتىلدۈرلىدۇ؟
ئۆز ئىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئۈستىگە ئالالايدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشىلەر كۆپىنچە مۇنداق ئىككى خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان كىشىلەردىن بولىدۇ:
بىرىنچىسى، ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا مەغلۇپ بولغاندا، مەسئۇلىيەتنى باشقىلاردىن ئەمەس ئۆزىدىن ئىزدەشكە تىرىشىدۇ. باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان مىجەز ئۇلاردا ئەسلا بولمايدۇ، ئاغرىنىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ۋە ئىنېرگىيەنى ئۇسۇل چارە ئىزدەشكە ئىشلىتىدۇ. ئىككىنچىسى ئۇلاردا پەرۋاسىزلىق يوق.
مەن يېقىندا، ياۋروپادا بىر ئۆمۈر شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ۋەتەنپەرۋەر بىر ئۇيغۇر زاتنىڭ جىنازا نامىزىغا، « خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقىمىز » دېگەن باھانە بىلەن ئاران ئون نەچچە ئادەم قاتناشقانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا ئىنتايىن ئازابلاندىم. كىشىلەرنىڭ: « رەھمەتلىك ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر ئىدى، لېكىن بۇنداقلارنىڭ قەدرى بولمايدۇ. بىر ئۆمۈر مۇساپىرلىقتا ئۆتكىنىنىڭ ئۈستىگە جىنازا نامىزىغىمۇ تۈزۈك ئادەم كەلمىدى. ئۇيغۇر زادى پىداكارلارنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلمەيدۇ » دېگەن چۈشكۈن ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىدىم. ئەگەر بۇ ۋەتەنپەرۋەر زاتنىڭ روھى بىز ئاڭلىغان ئىنكاسلاردەك ئويلىمىغان بولسىچۇ؟ بەلكىم ئۇ « مەن ئاللاھنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئالدىدا قولۇمدىن كېلىدىغان مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلدىم. ۋەتەننى سۆيۈش روھىدىن ئىبارەت گۈزەل ئەنئەنىنى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتتىم، بۇ بەلكىم مېنى جەننەتكە ئېلىپ ماڭىدىغان ساۋابلارنىڭ بىرى. مەن بەرىبىر يالغۇز كېتىمەن. جىنازا نامىزىمغا ئادەم كېلىش كەلمەسلىكى مۇھىم ئەمەس، ئۇلار مەن بىلەن بەرىبىر ئۇ دۇنياغا بىللە كېتەلمەيدۇ » دەپ ئويلاۋاتقان؛ جىنازا نامىزىغا كىشىلەرنىڭ كەلمىگىنى ئۈچۈن ھېچ ئازابلانمىغان، باشقىلاردىن ھەرگىزمۇ ئاغرىنمىغان، روھى ئىنتايىن خاتىرجەم ياتقاندۇ، بەلكىم.
يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ مىللىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن تۆھپە كۆرسەتكەندىن كېيىن، مىللەت مېنى كۆتۈرۈپ ئەزىزلىشى، مەشھۇر قىلىشى كېرەك ئىدى، بۇ مىللەت ئەجرىمنى كۆرمىدى، دەپ ۋايسىغانلىقىنىمۇ كۆردۈم، گەرچە بۇلار ئىنتايىن ئاز سانلىق بولسىمۇ.
بىز نېمىشقا خەلق بىزنى سۆيۈپ كۆككە كۆتۈرگەندە نەتىجىلىرىمىزنىڭ ھەممىنى ئۆزىمىزدىن كۆرىمىز ۋە ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىمىز؟ بىز شۇنچە بەدەل تۆلىسەكمۇ خەلق قەدرىمىزنى قىلمىغاندا، نېمە ئۈچۈن پۈتۈنلەي باشقىلاردىن ئاغرىنىمىز؟ باشقىلار ماڭا رەھمەت ئېيتمىدى، قىلغان ئىشىمنىڭ قەدرىنى بىلمىدى دەپ، ھەتتا قىلىۋاتقان ئىشىمىزدىن ۋاز كېچىمىز؟ نەتىجىدە قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە، ۋەتەن ئالدىدىكى ۋىجدانىڭىزغا مەسئۇل بولۇش ئۈچۈنغۇ؟ نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز شېھىت بولغان، ھەتتا بىز ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان مۇجاھىدلىرىمىزدىكى روھ بىزدە يوق؟
يەنە، ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن ئاغرىنىپ « ئۆتمۈشتىكى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىۋەتتى »، « خائىنلىق قىلدى »، « ھوقۇق تالاشتى »، « ئاخىرىدا ۋەتەننى قولدىن بېرىۋەتتى » دېگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم. ئۆتمۈش پەقەت ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن كېرەك، ئەمما ئۇنىڭ ۋەتەنگە بولغان شەخسىي مەسئۇلىيىتىڭىزنىڭ يېرىمىنى كۆتۈرۈپ بېرىدىغان مەجبۇرىيىتى يوق.
يەنە، ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن نۇمۇس قىلىپ ئۇيغۇر دېيىشنى خالىمايدىغان، زارلىنىپ: « ئەجەبمۇ بىچارە، ۋەتەنسىز كىچىك مىللەتتىن تۇغۇلۇپ قاپتىمەن » دەيدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم. سىز ۋەتەنسىزمۇ؟ ياق! ۋەتىنىڭىز بار ئىدى ۋە بولغان ئىدى، ئۇنى باشقىلار تارتىۋالدى. ئۇنى « ۋەتىنىم بار ئىدى، ئىسمى شەرقىي تۈركىستان ئىدى، خىتاي بېسىۋالغان! » دېيىشنىمۇ خالىمىسىڭىز، ۋەتىنىڭىزنى ھېچكىم بىلمەيدىغان، ھېچكىمنىڭ ئاغزىدا تەلەپپۇز قىلىنمايدىغان قىلىۋېتىپ بارغان دەل ئۆزىڭىز ئەمەسمۇ؟ سىز ئالدى بىلەن ۋەتىنىڭىزنى، ۋەتىنىڭىزنىڭ ئىسمىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاندىن باشقىلار قوبۇل قىلىدۇ. ۋەتىنىمىز بېسىۋېلىنغان دەپ نۇمۇس قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر بىز ئەمەس، بەلكى ئۇنى بېسىۋالغۇچى تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق بىر جىنايەت! ئۇنداقتا بىز ئەمەس، ئەكسىچە جىنايەتچى نۇمۇس قىلىشى كېرەك. چۈنكى بىز گۇناھكار ئەمەس، جىنايەتچى گۇناھكار. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئاجىزلىقى ياكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىمىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى نوقتىسىدىكى تەلەيسىزلىكلەر بىزنىڭ خاتالىقىمىز ئەمەس، بىزنىڭ گۇناھىمىز ئەمەس. مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئانا ۋەتەننى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كەلگەنچە تىرىشالىسىڭىز؛ ئۆزىڭىزنىڭ خىتايدىكى بىر قۇل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي: « ياق، مەن خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، مەن ئۇلارنىڭ قۇلى ئەمەس، مەن مۇستەقىل بولۇشۇم كېرەك! ئەركىن ياشىشىم كېرەك! » دېيەلىسىڭىز؛ روھىڭىز ۋە زېھنىيىتىڭىزنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز؛ « زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللىتىم ئۈچۈن خىتايغا قارىشى قايسى يول، قايسى تاكتىكا قولۇمدىن كەلسە شۇ يول بىلەن قارشى تۇرالايمەن، ۋىجدانىمنى ساتمايمەن » دېيەلىسىڭىز، نېمە ئۈچۈن نۇمۇس قىلىپ ئۆز كىملىكىڭىزنى يوشۇرغۇدەكسىز؟
يەنە نۇرغۇنلىرىمىز ئۈمىدسىز ھالغا چۈشتۇق، خىتايغا قارشى تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك ئايىغى چىقمايدىغان بىر يولمۇ؟ بىز خاتا قىلىۋاتامدۇق؟ دەپ ئويلىساق؛ يەنە نۇرغۇنلىرىمىز بىز خىتايغا قارشى چىققانلىقىمىز ئۈچۈن خىتاي بىزنى باستۇرۇۋاتىدۇ، قارشى چىقمىغان بولساق، خىتاي بىزنى بۇ قەدەر ئېغىر باستۇرمىغان، ئۇلار بىلەن كېلىشىپ ياخشى ئۆتكەن، كۆپ قان تۆكۈلمىگەن بولاتتى دەپ ئويلىدۇق. بىزنىڭ مېڭىمىز پۈتۈن ياكى يېرىم ھالدا يۇيۇلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ مېڭىسىنى مەلۇم دەرىجىدە قايتا پروگراممىلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى. بۇ ھەقتە كېيىنكى باپتا تەپسىلىي توختىلىمىز.
يىغىنچاقلىغاندا، ئەگەر سىز ۋەتەنگە يېتىشتىن ئىبارەت بىر نىشان ۋە ئارزۇنى تۇرغۇزسىڭىز، بۇ ئارزۇغا يېتىشتىكى بىرىنچى ئامىل ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى 100% تونۇش! بۇ، خۇددى شەخسنىڭ ئىسسىق ئۆي، خاتىرجەم ئائىلە، باياشات تۇرمۇش ياكى ھاياتتا ئۇنى قانائەتلەندۈرىدىغان ھەرقانداق ماددىي نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغىنىدەك ئىنتايىن ئەقەللىي ۋە ئاددىي بىر ئۇقۇم. ئاشۇ گۈزەل غايە ئۈچۈن، بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىقى ئۇنىڭ ئۆز ئۆزىگە سەمىمىي بولمىغانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ خۇددى « چوقۇم ئورۇقلىشىم كېرەك » دەپ ئارزۇ قىلغان كىشىنىڭ، يەنىلا ئۆزىگە سەمىمىي بولالماي ئوغرىلىقچە كۆپ تاماق يەۋالغىندەك؛ ئۇنىۋېرسىتېتنى ئوقۇۋېتىپ كۆڭۈل ئېچىش كۈنلىرىدىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن دەرسلەرگە چىقماي، مەكتەپتىن ھەيدەلگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە سەمىمىي بولالمىغىنىدەك بىر ئىش. ئەگەر سىز مەسئۇلىيەتچان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا ئىگە چىقالايسىز، ياردەم قىلالايسىز، ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشالايسىز، مەغلۇبىيەتتە باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى باھانە قىلىۋالمايسىز. ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدا 100 پىرسەنت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالالىغاندا، ئۆزىڭىزنى سوراققا تارتالىغاندا كېلەچىكىڭىزنىڭ ئاللاھتىن قالسا پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئاغرىنىش ئىللىتىدىن قۇتۇلۇڭ!
– بىز ئۇيغۇرلار داۋاملىق تەلەيسىز. يېتىمنىڭ ئېغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ.
– بىزدەك ئاجىز مىللەت مۇشۇنداق كەچكىچە ئويۇنچۇق بولىمىزكەن.
– خىتاي مۇنداق قىلمىغان بولسا، بىز مۇنداق بولاتتۇق ئۇنداق بولاتتۇق.
– خىتاي ھازىر ھەممە ئۇيغۇرنى سېتىۋالالايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقايسىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
– بىز بىكار ئاۋارە بولۇۋاتىمىز، ئۇيغۇر دېگەن بىر – بىرىنىڭ پۇتىدىن تارتىپ ئىلگىرىلەتمەيدىغان مىللەت.
– ئۇيغۇر دېگەن ئېزىلىپ كەتكەن خەق، قانچە كۈچىسەكمۇ بىكار… …
دېگەندەك جۈملىلەرنى كاللىڭىزدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزگە مۇنداق سوئاللارنى قويۇپ بېقىڭ:
مەن نېمە ئىشلارنى قىلغان ئىدىم؟ قىلغان ئىشلىرىم قايسى قايسىلار؟
بۇ ئىشلارنى قىلىشنى قارار بەرگىنىمدە نېمىلەرنى ئويلىغان ئىدىم؟
بۇ ئىشلارنى قىلىشنى باشلىغىنىمدا نېمىلەرگە ئىشەنگەن ئىدىم؟
مەقسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن قانداق ئوخشىمىغان يولنى تۇتۇش مۇمكىنچىلىكىم بار ئىدى؟
مەن نېمە ئۈچۈن ۋاز كەچتىم؟
ۋاز كېچىشىمگە سەۋەب بولغان ئىشلار قايسىلار؟
ۋاز كېچىش جەريانىدا نېمىلەرنىڭ، كىمنىڭ قايسى ئورۇننىڭ قانداق شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىم؟
ئەگەر مەن بۇ تەسىرلەرگە ئۇچرىمىغان بولسام ۋاز كېچەتتىممۇ؟
ۋاز كېچىش جەريانىدا ماڭغان يولۇمنى خاتا دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ۋاز كەچتىممۇ؟ ياكى باشقىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ ياكى ياردەمچىسىز قالغىنىم ئۈچۈنمۇ؟
ماڭغان يولۇمنى خاتا دەپ قاراشقا نېمىلەر ئىسپات ياكى سەۋەب بولدى؟ مېنى پۇشايمان قىلىشقا مەجبۇر قىلغان پاكىت ۋە سەۋەبلەرنىڭ قايىل قىلارلىق تەرىپىنى ئۆزۈمدىن باشقا قايسى مەنبەلەر ئىسپاتلايدۇ؟
بۇ سەۋەبلەرنىڭ كۈچسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا مەنبە، ئورۇن، كۈچ ياكى سەۋەب بارمۇ؟ ئۇلار قايسىلار؟
نېمىلەرنى تۈزىتىشىم كېرەك؟
ئەگەر مەن ھېچنېمە قىلمىغان بولسام، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشتىن باشلىشىم كېرەك؟
ئەلۋەتتە سىز چوقۇم ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرىشنى پىلانلىغاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ئالدى – ئارقىسىنى، نېمىلەرگە ئېرىشىدىغان، نېمىلەرنى يوقۇتىدىغانلىقىڭىزنى چوقۇم ئويلايسىز. سىز بەلكىم ئامېرىكىنىڭ « تۈرمىدىن قېچىش » ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆردىڭىز. كۆرمىگەن بولسىڭىز بىر كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. فىلىمدىكى باش قەھرىمان مايكېلنىڭ قۇش ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان ئامېرىكا تۈرمىسىدىن قېچىشتا غەلىبە قىلىشىغا نېمىلەر سەۋەب بولدى؟ فىلىمنىڭ باشلىنىشىدا، ئاكىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈرمىگە كىرگەن مايكېل ئاكىسىنىڭ ئۈمىدسىز چىرايىغا قاراپ: « ئازراق ئەقىدەڭ، يەنى ئىشەنچ ۋە ئېتىقادىڭ بولسۇن » دەيدۇ. ئۇنىڭ قېچىپ كېتەلىشىگە بولغان تەۋرەنمەس ئىشەنچىنىڭ ئاكىسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى، ئاكىسىغا بولغان چەكسىز سۆيگۈسىدىن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. فىلىمدا مايكېلنىڭ ئاكىسىنى تۈرمىدىن ئېلىپ قېچىشىدا، ئۇنىڭ ئالاھىدە تالانتلىق بولىشىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شەخسىي خاراكتېرىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئۇ ھېچقاچان ئۆزىگە توسالغۇ پەيدا قىلغان، ئىشلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، ئىنتايىن ئېغىر دۈشمەنلىك قىلغان ئىنسانلاردىن ئاغرىنىپ، ئۇلار بىلەن ھەپىلىشىپ ئۇششاق ھېساپلار ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلمايدۇ. ئۇ چوڭ مەقسىتىگە يەتكەنگە قەدەر، ھېساۋات دەپتىرىنى بىر چەتكە تاشلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن سەمىمىيلىك بىلەن پايدىلىنىدۇ. چۈنكى قېچىشتىن ئىبارەت ئوخشاش نىشان ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدۇ. گەرچە بۇ بىر فىلىم بولسىمۇ، ئەمما فىلىم دىرېكتورى رېئاللىقتىكى ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا كۈچلىنىشنى ئىنتايىن جانلىق ئىپادىلىگەن.
ئەگەر سىز بىر ئىشنى قىلىشنى نىشان قىلغان ۋە باشلاشتىن بۇرۇن « بۇ ئىشلارنى باشقىلارنىڭ مېنى كۆككە كۆتۈرۈشى ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن » دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئىشىڭىزدا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالالماي ۋە ئاغرىنىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

پەرۋاسىزلىق
كۆپىنچىلىرىمىزدە، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزدا ھازىر بىر خىل پەرۋاسىزلىق يامرىماقتا. مەنچە بۇ بىزدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئولتۇرىدىغان بىر روھى كېسەل. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن پەرۋاسىزلىق ئىللىتىدىن قۇتۇلۇش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
ئەگەر سىز داۋاملىق:
– ۋاي، مەن بىر ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى؟
– ئەڭ ياخشىسى سىڭگەن نېنىمنى يەي!
– ۋەتەننىڭ سىياسىي دەۋا ئىشلىرى چوڭ ئىشلار، ئېغىر ۋە مۇرەككەپ، بولۇپمۇ بىز ئۈچۈن بەك تەس، ئەڭ ياخشىسى بېشىمنى ئاغرىتماي.
– نېمە كارىم.
– ھەر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋاتقان خەۋەرلىرىدىن جاق تويدۇم. بىرمۇ خۇشاللىق يوق، يۈرەك ئاغرىقى بولۇپ كەتمەي، ئەڭ ياخشىسى ئاڭلىمايلا، كۆمەيلا، بىلمەيلا قۇتۇلاي.
– مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟
– بىلمىدىم، بىلەلمىدىم، بىلمەيمەن.
– نەگىلا باسا سىياسىي گەپمۇ؟…
دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسىڭىز ياكى شۇنداق ئويلىسىڭىز، دېمەك بۇ كېسەل سىزدىمۇ بار. بۇنداق بولغاندا، تۆكۈلۈۋاتقان قانلارغا، ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىگە، كەلگۈسىڭىزگە، باللىرىڭىزنىڭ شەرىپىگە بىپەرۋالىق بىلەن قارىغان بولىسىز. بۇنداق ئەھۋالدا، سىز تاللاشلارغا دۇچ كەلگەندە مۈرىڭىزنى قىسىپ نېمە بولسا بولمامدۇ، دەپلا قارار بېرىش ھوقۇقىڭىزنى باشقىلارغا بېرىۋېتىدىغان بىرى. ئەمما بۇ ۋەتەن سىزنىڭ، بۇ مىللەت سىزنىڭ، باشقىلارنىڭ ئەمەس. قان تۆكۈپ جان بېرىۋاتقانلار، يەنجىلىۋاتقانلار سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىز، ئاكا – ئىنى، ئاچا –سىڭىللىرىڭىز، دىنداشلىرىڭىز. قىسقىسى، ۋاز كېچىپمۇ كېچەلمەيدىغان بۇ قان ۋە تۇپراققا باغلىق قىسمەت سىزنىڭ! ھاياتىڭىز ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەر بىر تاللاش ۋە قارارنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى بار. سىز بىر كىشى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتەلەيسىز. سىز بىر كىشى دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما شۇ دۇنياغا تەۋە بىر تال چېكىتنى ئۆزگەرتەلەيسىز ۋە بۇ بىر تال چېكىت بەلكىم نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھەممىمىزدە ھېچ بولمىغاندا، دېڭىز يۇلتۇزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان كىچىك بالىنىڭ روھى بولغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى!
بىر كۈنى بىر بوۋاي دېڭىز ساھىلىدا كېتىۋېتىپ، دېڭىز دولقۇنىنىڭ سان – ساناقسىز دېڭىز يۇلتۇزنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى، بىر كىچىك بالىنىڭ دېڭىز يۇلتۇزلىرىنى بىر تال – بىر تالدىن تېرىپ دېڭىزغا تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە بالىنىڭ يېڭىغا كېلىپ: « ئاۋارە بولما قوزام، سان – ساناقسىز دېڭىز يۇلتۇزلىرىنى سەن بەرىبىر بىر تال – بىر تالدىن قۇتقۇزۇپ بولالمايسەن، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلمەيسەن » دەپتۇ. بالا بىر تال دېڭىز يۇلتۇزىنى قولىغا ئېلىپ دېڭىزغا قارىتىپ ئېتىپتۇ ۋە بوۋايغا: « بىراق، مەن ماۋۇ بىر تال دېڭىز يۇلتۇزىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيمەن » دەپتۇ.
تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، سىز بىر كىشى قانداق بىر نەرسىنى ئۆزگەرتەلىشىڭىز؛ ۋەتىنىڭىزنىڭ، مىللىتىڭىزنىڭ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىزنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن قانداق كىچىك ياكى چوڭ بىر ئىشنى قىلالىشىڭىز مۇمكىن؟
ئەگەر دۇنيا ۋەزىيىتى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، ئەتىلا خىتاي ئاجىزلىشىپ ۋەيران بولۇش گىردابىغا قاراپ ماڭسا، سىز نېمىلەرنى قىلغان بولاتتىڭىز؟ ئەگەر سىزنىڭ قولىڭىزدا مىليارد دوللار پۇل پەيدا بولۇپ قالغان بولسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ نېمىلەرگە سەرپ قىلاتتىڭىز؟ ئەگەر شەرقىي تۈركىستان 10 يىل ئىچىدە ئەركىنلىككە ئېرىشىپ قالسىچۇ؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، سىز بۇ 10 يىل ئىچىدە ئۆزىڭىزنى قايسى شەكىلدە ۋەتىنىڭىز ئۈچۈن ھازىرلىغان بولىشىڭىز كېرەك ئىدى؟
تەسەۋۋۇرىڭىزدا ئۆزىڭىزنى ھەي!!! پۇلۇم بولغان ياكى بىلىمىم، ئىقتىدارىم بولغان بولسا ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن مۇنداق بىر ئىش قىلاتتىم دېگەننى خىيالىڭىزدا ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ. سىز شۇ ئىشنى قىلىۋاتقاندا ئۆزىڭىزنى قەيەردە كىملەر بىلەن بىللە قانداق بىر گۈزەل تۇيغۇدا كۆردىڭىز؟ ئۆزىڭىزنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ داغدۇغا ئىچىدە ئازاد بولغان كۈنىدە دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئۇ كۈن سىز ئۆزىڭىزنى كىم بولغان ۋە نېمە ئىشلارنى قىلغان ھالەتتە كۆرۈشنى خالايسىز؟

بىۋاستە باغلىنىش ھېس قىلالماسلىق

ئادەتتە ئىنسانلار ئۆزى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولغان زۇلۇمغا، كۆزى بىلەن كۆرگەن، يەنى كۆز ئالدىدا يۈزبەرگەن تىراگىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇشتا، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ۋە ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىنى ناھايىتى ئاسانلا ھېس قىلىدۇ. شۇنداقلا، بۇ مەجبۇرىيەتنى سىياسىي مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ۋە ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ. سۈرىيەدىكى ئۇرۇش نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن، ئۇلارنى بومبا ئاستىدىن قېچىشقا مەجبۇرلىغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەدىن باشقا ھېچبىر دېموكراتىك دۆلەت، تاكى ئۈچ ياشلىق سۈرىيەلىك ئوغۇل بالا ئائىلىسى بىلەن قېچىش جەريانىدا سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ، جەسىتى دېڭىز ساھىلىدا قالغان ۋە ئۇ بالىنىڭ جەسىتىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا ياتقان رەسىمى دۇنياغا يېيىلغانغا قەدەر سۈرىيەدىكى پانالىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىدى. ھەتتا كانادانىڭ سابىق باش مىنىستېرى ستېۋەن خارپېر ئىنسانلىق مەسۇلىيىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا: « بىز كاناداغا سۈننى مۇسۇلمانلارنى ئالمايمىز » دەپ جاكالىغان ئىدى. 2015 – يىلى 9 – ئايدا، ئۈچ ياشلىق سۈرىيەلىك ئوغۇل بالىنىڭ دېڭىز ساھىلىدىكى جەسىدى پۈتۈن دۇنيانى تەۋرىتىۋەتتى. ستېۋەن خارپېر خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى ۋە سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بىر قانچە ئاي ئۆتمەيلا، كانادانىڭ يېڭى باش مىنىستېرى جۇستىن ترودو دەرھال قارار چىقىرىپ، بىر قېتىمدىلا 25 مىڭ سۈرىيەلىك پانالىق تىلىگۈچىنى كاناداغا يۆتكەپ كەلدى ۋە داۋاملىق سۈرىيەلىك پانالىق تىلىگۈچىلەرنى تېزلىكتە قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.
ئۇيغۇرلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆزى بىۋاستە مەنسۇپ بولغان، ھەتتا ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتتىكى مىللەتنىڭ ھالىنى، دەردىنى بىۋاستە ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ بىز تېخى ئۈرۈمچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خوتەندە قانلىق باستۇرۇش بولغاندا، ئۈرۈمچىدىكى قانلىق باستۇرۇشتا ئازاپ ۋە غەزەپتىن تىترىگەندەك تىترىگىنىنى، ھەتتا غەزەپتىن پارتلاپ كوچىلارغا چىققىنىنى كۆرەلمىدۇق. غۇلجىدا قانلىق باستۇرۇش بولغاندا قەشەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، قەشقەر خەلقى باستۇرۇلغاندا دات – پەرياد توككەندەك نالە قىلغىنىنى كۆرەلمىدۇق. نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى تەسىر بىۋاستە ئەمەس. چۇنكى بىز ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن بىۋاستە كۆرەلمىدۇق. قەلبىمىزنى لەختە قىلىدىغان تىراگىدىيەلەرنى كۆز ئالدىمىزدا كۆرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا، بۇ ۋەقەلەر بەزىلەرگە ھېكايىدەك تۇيۇلدى. خىتاي ھۆكىمىتىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلىشىغا دائىر ئۈن – سن كۆرۈنۈشلىرىنى قاتتىق چەكلىدى، گۇۋاھچىلارنىمۇ ئۈنىنى چىقارماس قىلىۋەتتى. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلانى باستۇرغاندا، ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە ھېسداشلىغىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن غۇلجىغا قەشقەردىن ئىشپىيون ۋە ساقچىلارنى مەخسۇس يۆتكەپ كېلىپ ئىشلەتسە، خوتەنگە ئۈرۈمچى ياكى قارامايدىن ساقچىلارنى يۆتكەپ ئىشقا سالماقتا.
ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىگىگە بولغان سىياسىي مەسئۇلىيەتتىن قېچىشى، پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي، ۋىجدانىي ۋە سىياسىي مەجبۇرىيىتىنى يوققا چىقىرىشقا سەۋەب ئىزدەش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى ئاشۇ سەۋەبكە ئىشەندۈرۈپ كۆڭلى ۋە ۋىجدانىغا تەسەللى تېپىشىدىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك. مەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ، ھەتتا ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدىكى ئۈن – سىن ھۆججەتلىرىنى كۆرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ « كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرمەي »، « مەن ئۇنداق نەرسىلەرگە پەقەتلا قارىمايمەن » دېگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم. كۆرمەسكە سېلىش سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئەمىن تاپقۇزغان بىلەن، باستۇرۇلغان ۋە قىرغىن قىلىنغان ھالى خاراپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالمايدىغانلىقى ئېنىق. ھەرقانچە كۆرمەسكە سالساقمۇ ئاچچىق رىئاللىق بۇ دۇنيادىن سۈپۈرلۈپ ئۆچۈپ كەتكىنى يوق. ئەمما كۆرمەسكە سېلىش، بىزنى ئۇلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە بىز مەجبۇرىيتىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز ۋەياكى ھېچقانداق مەجبۇرىيەت ھېس قىلالمايمىز. ئەگەر شۇ ۋەقەنى بىۋاستە ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن بولساق ئىدۇق، بىزگە بىۋاستە تەسىر قىلغان، يۈرىكىمىز ئېچىشقان ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلار ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت ۋىجدانىي ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىمىزنى، شۇنداقلا سىياسىي مەجبۇرىيتىمىزنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولاتتۇق. دېمەك، « يۈرىكىمنى ئاغرىتىدىغان نەرسىلەرنى كۆرمەي » دېيىش ئارقىلىق مەجبۇرىيەتتىن قاچتۇق ۋە ئۆزىمىزنى ئالدىدۇق.

جاۋاپكارلىق بىلەن مەجبۇرىيەتنى ئارىلاشتۇرىۋېتىش
« نېمە ئۈچۈن مەن مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ھېس قىلغۇدەكمەن؟ ئۇيغۇر بولغۇنۇم ئۈچۈنلىمۇ؟ پۈتۈن بۇلارغا مەن سەۋەپ بولمىسام يا؟ ئۇيغۇرنىڭ مۇستەملىكە بولۇپ قېلىشىنى مەن كەلتۈرۈپ چىقارغانمىدىم؟ بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئەمەس. بىز يېڭى بىر ئەۋلاتنىڭ بۇنىڭدا سىياسىي مەسئۇلىيىتى يوق ». بەزىلىرىمىز ئەنە شۇنداق سوئاللارنى قويۇش ئارقىلىق جاۋاپكارلىق بىلەن مەجبۇرىيەتنى ئارىلشتۇرىۋېتىپ، مەجبۇرىيەتتىن قۇتۇلۇشقا باھانە ئىزدەيمىز. توغرا ئۇيغۇرنىڭ مۇستەملىكىدە قېلىشىغا سىز ۋە مەن جاۋاپكار ئەمەس. بۇنى بىز كەلتۈرۈپ چىقارمىدۇق. بۇ جاۋاپكارلىقنى بىز ئەمەس، خىتاي دۆلىتى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە بۇ جىنايىتى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشى، جاۋاپكار بولىشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭ جاۋاپكارلىق مەسئۇلىيىتى بولۇپ، جاۋاپكالارلىق ئاللىقاچان بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن، قىلىنغان، يۈزبەرگەن ئىشلارغا قارىتىلىدۇ. ئەمما دەۋرىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز مىللىتى ۋە دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق بىر ئېزىلگۈچىگە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى بۈگۈن ۋە كەلگۇسى ئۈچۈن سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ياكى باشقا ئېزىلگۈچىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش، ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىنىڭ داۋاملاشماسلىغى ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ھەر ئىنساننىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىدۇر.
سىياسىي مەسئۇلىيەت دېگىنىمىزدە، بۇ بىر شەخسنىڭ يالغۇز ئېلىپ بارىدىغان مەسئۇلىيىتى بولماستىن، بەلكى ئادالەتسىزلىك، ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش، ئۇلارغا يۈرگۈزلىۋاتقان زۇلۇمنى توسۇش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ئۇيۇشۇپ بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكىتىدۇر. ئەگەر ھەر بىر شەخس، شەخسىي ھالدا بۇ ئۇيۇشۇشتىن ۋە ھەرىكەتتىن ئۆزىنى قاچۇرسا، تەشكىللىك شەكىلدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ – دە، نەتىجىدە ناھەقچلىككە سۈكۈت قىلىپ يول قويغان؛ سۈكۈت قىلماسلىغىمىز بىلەن ئۆزگۈرىشى مۇمكىن بولغان شارائىت ئۆزگەرمىگەن ۋە بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئۆزگەرمەسلىككە ھەسسە قوشقان بولىمىز. ئۇ چاغدا بىز كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار سېپىدىن چۈشۈپ قېلىپ، جاۋاپكارلار سېپىگە قېتىلىپ قالغان بولىمىز.

 تەقدىرگە تەن بېرىش

« پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ، ھەرقانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ پايدىسى يوق. ئاللاھ ئۆزى بىر كۈنى ئاسان قىلىپ قالار ».
ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ پىشانىسىگە يامان كۈن كۆرۈشنى، باشقىلارنىڭ پىشانىسىگە ياخشى كۈن كۆرۈشنى پۈتىۋەتكەنمۇ؟ ئاللاھ چەكسىز مېھرىباندۇركى، ھېچكىمنىڭ پىشانىسىگە يامان كۈن كۆرۈشنى ئۆزگەرمەس قىلىپ پۈتىۋەتكەن ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى، ئاللاھ بەندىلىرىگە ئەركىن تاللاش، ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىنى ۋە ئەقىلنى بەرمىگەن بولاتتى. « ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تەقدىر بەلگىلەمدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشىمۇ؟ » دېگەن بۇ مەسىلىدە ئەسىرلەردىن بېرى تالاش – تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە ھەر ئىككىسىدىن بىرى ئىنكار قىلىۋېتىلگەن ئەمەس. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش قابىلىيىتى ۋە ئۈمىدى يوق قىلىۋېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئەركىن تاللاش ھوقۇقىدىن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا ئىكەنلىگىدىن ۋازكېچىپ چارىسىز ھالغا چۈشىدىكەن ۋە تەقدىرگە تەن بېرىدىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ خورلۇققا ئۇچرىشىنى پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن دەپ قاراش، ئەمەلىيەتە ئاللاغا تۆھمەت قىلغانلىق ۋە ئاللاھنڭ ئلكىدىكى پۇتۇلگەن ئشلارنى ئاللاھ ئۆزى خالىسا ئنساننىڭ ئەمىلىگە كۆرە ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئشەنمىگەنلىك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئاللا بەزى ئنسانلارنىڭ تەغدىرىدە زۇلۇم قىلىشنى بەزىللىرىگە بولسا زۇلۇمغا ئۇچراشنى پۇتىۋەتكەن بولسا، ئاللاھنىڭ سوال سوراق كۇنىدە ئنسانلارنى ئۇلارنڭ توغرا ۋە خاتا ئشلىرى ئۇچۇن جازا ۋە مۇكافاتقا تارتىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولاتتى .كىشىلەرنىڭ ئاللا بەرگەن ئەركىن ياشاش مەسۇلىيتى ۋە ھوقۇقىنى تەغىرگە ئاتىپ قويۇش خۇددى ئېغىر كېسەل بولغان ئادەمنىڭ، بۇ مېنىڭ تەقدىرىم دەپ تەن بېرىپ، داۋالاشنى رەت قىلغىنى ۋە ئۆلۈمىنى تېزلەتكىنىگە ئوخشايدۇ. ئۈمىتسىزلىكنى تەقدىرگە تەن بېرىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋېلىش، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى چۈشەپ قويىدىغان يەنە بىر خەتەرلىك توسالغۇدۇر

1-باپ 5- بۆلۇم

غايە ۋە ئىشەنچ

كىچىك ئىشلارغا ئشەنچ قىلىڭ. چۇنكى سىىزنىڭ كۈچىڭىز ئاشۇنداق يەرلەردىن تېپىلىدۇ.
– مادېر تېرېسسا
ھەر بىر مۇسۇلمان « مېنىڭ ھاياتتىكى نىشانىم نېمە؟ ئۇ نىشانغا يېتىشتىكى مەقسىتىم نېمە؟ » دېگەن سوئالغا، گەرچە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ « جەننەت مېنىڭ نىشانىم، ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇش مېنىڭ نىشانىم، بۇ دۇنيادا گۈزەل ئىشلارنى قىلىش، توغرا يولدا تۇرۇش ئارقىلىق جەننەتكە يېتىش مېنىڭ نىشانىم » دەپ جاۋاب بېرەلەيدۇ. ھەر بىر ئۇيغۇرچۇ؟ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ جاۋابى يۇقىرىدىكى جاۋاپ بىلەن ئوخشاش بولىشى كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارمۇ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق جاۋاپ بېرەلەيدۇ. ئەمما سىز جەننەتكە بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق يېتىسىز؟ بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن مۇسۇلمان بولىشى، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى قىلالىشى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىز ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن مۇسۇلمان بولسىڭىز، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن تەۋھىدتە ئېيتىلغاندەك، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە بوي سۇنماسلىقىڭىز كېرەكقۇ؟ بىر ئۇيغۇر ئەگەر ئۆز رازىلىقى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن خىتاينىڭ ئۇلارنى دەپسەندە قىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋازكېچىپ ياشىسا ( بۇ يەردە، ھېچقانداق ئىستراتېگىيە، زامان، ماكان، ئىچكى – تاشقى شارائىت بىلەن ئويلىشىپ ئولتۇرماي، جېنىمىزنى سېلىپ بېرىش ئارقىلىق بويسۇنۇشنى رەت قىلىش كۆزدە تۇتۇلمايدۇ، ئەلۋەتتە )، ئۇ ھالدا ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولمامدۇ ۋە ئۇنىڭ ئالاھقا ئىمان كەلتۈرۈشى ئورۇنلانمىغان بولمامدۇ؟ روھىڭىزنىڭ باشقىلارغا بوي سۇنماسلىقى ئۈچۈن، ئاغزىڭىزدا بوي سۇنمايمەن ياكى دىلىڭىزدا بوي سۇنمايمەن دېگەنلىك بىلەنلا ئەركىنلىككە قاراپ يولغا چىققان بولمايمىز، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىنلىكتىن ئىبارەت بىر غايە تىكلىنىشى كېرەك. بۇ غايە قانداق تىكلىنىدۇ؟ غايە تىكلەش ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇ غايىگە ئىشىنىش كېرەك. ئۇنداقتا بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بۇ غايىگە ئىشىنىش نەدىن باشلىنىشى كېرەك؟ بۇ ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئايان بولغىنىدەك ئەڭ ئالدى بىلەن تەۋھىددىن، شۇنداقلا خاتا بىلەن توغرىنى، ھەق – ئادالەت بىلەن ھەقسىزلىقنى ئايرىشتىن، ھەقىقەتكە قىممەت بېرىشتىن باشلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، تەۋھىد دېگەن نېمە؟ « قۇرئان »دىكى تەۋھىد ئۇقۇمى قانداق ئۇقۇم؟
قۇرئان كەرىمىگە ئەگەشكىنىمىزدە جەننەتتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش كېرەك. ئۇنداقتا ئىبادەت قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
ئىبادەت ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئاللاھتىن باشقا ھىچقانداق ياراتقۇچى يوقلىغىنى، ئۇنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىر ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىش، ئاللاھقا ئۈزۈل – كېسىل ئېتىقاد قىلىش، بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى، يەنى دىننىڭ ئاساسىي بولغان ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىقنى ئادا قىلىش. يەنە بىرى، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىدا كۆرسىتىلگەن تەلىماتقا ئاساسەن ھەق – ئادالەت ئۈچۈن گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىش.
تەۋھىد – ئاللانىڭ پەقەت بىر ۋە بىر ئىكەنلىكىنى، تەڭداشسىز ۋە كەمچىللىكسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قۇرئاندا سۈرە ئىخلاس بۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى.
ئىسلام ئالىملىرى تەۋھىد ئۇقۇمىنى مۇنداق ئۈچكە ئايرىپ شەرھىلەيدۇ: تەۋھىد ئەل – رۇبۇبىييە، تەۋھىد ئەل – ئۇلۇھىييە ۋە تەۋھىد ئەل – ئەسما ۋەلسىفەت .[11]
تەۋھىد ئەل – رۇبۇبىييەنىڭ مەنىسى – ئاللاھ پەقەت بىردۇر، ئۇنىڭ ئوخشىشى يوقتۇر، ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ئۇ پۈتۈن كائىناتلارنى ۋە پۈتۈن مەۋجۇداتنى ياراتقۇچىدۇر، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنى ياراتقۇچىدۇر.
تەۋھىد ئەل – ئۇلۇھىييەنىڭ مەنىسى – پۈتۈن ئىش – ھەرىكىتىمىز، ئىچىمىز ۋە سىرتىمىز، سۆزىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىش، پەقەت ئاللاھتىنلا قورقۇش، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە، مەيلى ئۇ كىم بولىشىدىن قەتىئينەزەر ئۇنىڭغا چوقۇنماسلىق ۋە باش ئەگمەسلىك.
تەۋھىد ئەل – ئەسما ۋەلسىفەتنىڭ مەنىسى – ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىگە ۋە ئالىيلىقىغا، ئۇنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلىماسلىق، ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك، بۇ ئىسىم سۈپەتلەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلماسلىق، مۇزاكىرە قىلماسلىق.
دېمەك، تەۋھىد ئىنساننى يۈكسەك ئەركىنلىككە يېتەكلەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىنى، تەڭداشسىز رەببىمىزدىن باشقا ھېچكىمدىن قورقماسلىق ۋە ھېچكىمگە بويسۇنماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى دەل ئەنە شۇ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆرەش بولغانلىقتىن، ئېتىقادىمىزدىكى تەۋھىد ئۇقۇمى مىللەتچىلىكنى چەتكە قاقمايدۇ.
ئىبادەتنىڭ ئىككىنچىسى، قۇرئانغا ئەگىشىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ۋە يەر شارىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش. ھەق – ئادالەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىش. بىر مۇسۇلماننىڭ ئىككىنچى تۈردىكى بۇ ئىبادىتى، باشقا بىر دىنسىزنىڭ ياكى غەيرىي دىندىكى ئىنساننىڭ دۇنيانى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىش غايىسى بىلەن ئوخشاش بولىشى مۇمكىن. بەلكىم بىر دىنسىز ياكى غەيرىي دىندىكى شەخستە گەرچە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ۋە جەننەتتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنيانى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىش نىيىتى، ئاللاھ ياقتۇرغان ۋە ھاياتىمىزنىڭ گۈزەللىشىشى ئۈچۈن ئنسانلارغا بۇيرىغان يولى بولۇپ، ئۇ بۇنى بىلمەيدۇ ۋەياكى كىبىرى سەۋەپلىك ئېتىراپ قىلمايدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، ئىنسانىيەتنى گۈللەندۈرۈش، پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، ھەق – ئادالەتتە تۇرۇش دېگىنىمىزدە نېمىلەرنى كۆزدە تۇتىمىز ياكى قانداق بىر ئارزۇنى تىكلەيمىز؟ بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇ ياقلايدىغان ھەق ئەڭ ئالدى بىلەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى نەدىن، كىمدىن باشلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىدىن، ئۆزىنى باشقىللارنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئبارەت مىللى كىملىكنى مەنبە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن بولغان ئۇنى قورشاپ تۇرغان چەمبەردىن باشلىنىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، ھەر ئىككى ئىبادەتنى تەھلىل قىلغاندىمۇ، بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ مىللىتىگە، ۋەتىنىگە قىلىنىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى تىكلەش ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئارزۇسىنى تۇرغۇزۇشى، ئۇنىڭ ئاللاھقا قىلىدىغان ئىبادىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر.
مەيلى سىز ئىمانلىق بىرى بولۇڭ ياكى ئىمانىڭىز يوق بىرى بولۇڭ، ئادالەتسىز دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە تۆھپە قوشۇش غايىسى بولىدىكەن، بۇ ئارزۇ ئۈچۈن « مەن نېمە قىلالايتتىم؟ بىر ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى؟ » دېيىشنىڭ ئورنىغا، مەن بىر تال دېڭىز يۇلتۇزىنى قۇتقۇزغان كىچىك بالىدەك بولسىڭىز ياكى نۇرغۇن قارا چېكىتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادالەتسىزلىك ئىچىدىكى بىر تال چېكىتنى ئۇچۇرۇۋېتەلەيمەن دېيەلىسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزدىن مەن قانداق كىچىك ئىشلارنى قىلالايمەن؟ قىلىۋاتىمەن ياكى قىلماقچى؟ دەپ سورىيالىسڭىز، بىز بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقان غايىنى دەسلەپكى قەدەمدە تىكلىگەن بولىسىز. ئەگەر سىز كۈندىلىك ھاياتىڭىزدا قىلىۋاتقان ھەر بىر كىچىك ئىشىنى، مەن ئاشۇ ئۇلۇغۋار غايە ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن دېيەلمىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەشىقنى ئىشلەپ كۆرۈڭ:
1. ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئەڭ مۇھىم قابىلىيەت ياكى سۈپەتتىن ئىككىنى يېزىپ چىقىڭ. بەلكىم بۇ سۈپەتلەر باشقىلار سىزدە دەرھال كۆرەلەيدىغان سۈپەتلەر بولىشىمۇ ياكى ھەممە ئادەم ھېس قىلالىغان قابىلىيەت بولىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن: باشقىلارنى چۈشىنىش قابىلىيىتىم ئۈستۈن، سۆزلەش ئىقتىدارىم يۇقىرى، تىرىشچان خاراكتېرىم بار، ئىجادچانلىقىم يۇقىرى، تېببىي ساھەدە نەتىجە ياراتتىم، بالا تەربىيىلەش ماھارىتىم بار، ئاق كۆڭۈل بېرىمەن، ئادۋوكاتلىق قىلالايمەن، مەن تامچى يەر مۈلۈك تىجارىتى قىلالايمەن، مەن رەسسام گۈزەل سەنئەتنى سۆيىمەن ياكى مەن تىجارەتچى، پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلىمەن… دېگەندەك.
2. ئۆزىڭىزدە بار بولغان بۇ ئىككى سۈپەتنى قانداق ئىپادىلەۋاتقانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ. مەسىلەن: سىز ئاق كۆڭۈل بىرى بولسىڭىز، بۇنىڭ باشقىلارغا قانداق پايدىسى بولدى؟ مىللىتىڭىزگە قانداق پايدىسى بولدى؟ ئەگەر ئاق كۆڭۈللىكىڭىز ھەممىلا ئادەمنى سىزگە ئىشەندۈرەلىسە، ئۇ ھالدا مەن ئاق كۆڭۈل دېگەن سۈپەتنىڭ ئاستىغا « باشقىلار ماڭا ئىشىنىدۇ » دەپ يېزىڭ. ئەگەر سىز تېببىي ساھەدە نەتىجە ياراتقان بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇ نەتىجىڭىز ئۆز مىللىتىڭىزگە قانچىلىك مەنپەئەت يەتكۈزدى؟ ئاستىغا « نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدۇم »، « ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز داۋالىدىم » ياكى « ئۇلارغا دوختۇرخانا ئېچىپ بەردىم » دەپ يېزىڭ.
3. ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىڭ ۋە پۈتۈن غەم – ئەندىشەم توسالغۇلار تۈگىدى، خالىغىنىمنى قىلالايمەن. ئۆز ۋەتىنىمدە ئۆز خەلقىمنىڭ ئىچىدە مۇستەقىل ۋە ئەركىن ياشاۋاتىمەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
4. قەلەمنى قولىڭىزغا ئېلىپ، يۇقىرىقى ئۈچ تېمىنى بىرلەشتۈرۈپ ھاياتتىكى مەقسىتىڭىزنى يېزىپ بېقىڭ. مەسىلەن: « مېنىڭ مەقسىتىم – ئاق كۆڭۈل خاراكتېرىمدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش ۋە كەلگۈسىدىكى خاتىرجەم گۈزەل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كىشىلەردىن ئىئانە توپلاش فوندى قۇرۇپ چىقىش ».
5. مېنىڭ مەقسىتىم: « ئادۋوكاتلىق خىزمىتىمدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ۋە كۆچمەنلىك مەسىللىرىگە ياردەم قىلىش، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى گۈزەل شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئەركىن دۆلەتلەردە ئۆزىنى كۈچلەندۈرەلەيدىغان ئۇيغۇر توپلىمىنىڭ ئولتۇراقلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ».
6. « مەن ئىنتايىن ساغلام ۋە كۈچلۈك بەدەن قۇۋۋىتىمدىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىقىمدىن پايدىلىنىپ، ھەربىي ئىستراتېگىيە مەكتىپىگە كىرىشكە تىرىشىمەن ۋە بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇل سالىمەن ».
ئۆزىڭىز ئۈچۈن يېزىپ چىقىلغان بۇ مەقسەتنى، ھەر دائىم كۆزىڭىزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر يەرگە يوغان قىلىپ يېزىپ، ئېسىپ قويۇڭ ۋە ھەر كۈنى ياد ئېتىپ تۇرۇڭ. بۇ مەشىقنى ئىشلەش ھەرگىزمۇ قانداقتۇر بىر ئۇلۇغ پىلانلارنى، ئۇلۇغ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇش ۋە ئىشىڭىزغا ئوتتەك قىزغىنلىق يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئوتتەك قىزغىنلىقى بار كىشىلەردۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھېكايىنى دىققىتىڭىزگە سۇنىمەن:
بىر كۈنى بىر ياش يىگىت گىرېتسىيەلىك مەشھۇر سىياسىيون ۋە پەيلاسوپ سوقراتتىن: « غەلىبىگە قانداق يېتىش كېرەك؟ » دەپ سوراپتۇ. سوقرات ئۇنىڭغا: « مەن بىلەن ماڭ، ساڭا غەلىبىگە قانداق يېتىشنى كۆرسىتىپ قوياي؟ » دەپ بىر دەريانىڭ بويىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئاندىن يىگىتكە ئۆزى بىلەن بىرگە دەرياغا كىرىشنى بۇيرۇپتۇ. دەريانىڭ يېرىمىغا كېلىپ سۇ ھەر ئىككىسىنىڭ بوينىغا كەلگەندە، سوقرات تۇيۇقسىز ھېلىقى يىگىتنىڭ بوينىدىن تۇتۇپ بەشىنى سۇغا باستۇرۇپ مىدىرلىغىنى قويماپتۇ. ھېلىقى يىگىتنىڭ يۈزى كۆپ – كۆك كۆكىرىپ، ئۆلگىلى تاس قالغاندا سۇدىن چىقىرىپتۇ. ئۇ يىگىت ئاچچىقلاپ: « نېمە قىلغىنىڭىز بۇ ئەپەندىم؟ » دەپ سورىغان ئىكەن، سوقرات: « سەن بايا سۇنىڭ ئىچىدە تىنالمايۋاتقىنىڭدا، دۇنيادا ھەممىدىن بەك نېمىنى ئارزۇ قىلغانىدىڭ؟ » دەپ سوراپتۇ. يىگىت دەرھال: « ئەلۋەتتە، ھاۋا » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. سوقرات: « سەن غەلىبىنى، بايا تىنالمىغاندا ھاۋانى ئارزۇ قىلغىنىڭدەك ئەنە شۇنداق ئارزۇ قىلغىنىڭدا ئاندىن ئۇنىڭغا يېتىسەن » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئەگەر ھەممە ئۇيغۇر، ھەتتا ئۆزىنىڭ شەخسىي ھاياتىدا غەلىبە قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ مۇستەقىل ۋەتىنىنى، ئۇنىڭغا يېتىشنى، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولىشىنى ۋە شۇ دۆلەتكە ئوتتەك ئاشىق بولۇشنى، خۇددى سۇنىڭ ئىچىدە تىنالمايۋاتقىنىدا ھاۋاغا تەشنا بولغاندەك كۈچلۈك شەكلىدە ئارزۇ قىلغان ۋە پۈتۈن ئىشلىرىنى ئاشۇ ئارزۇ ئۈچۈن باشلىغان بولسا ئىدى، نەتىجە قانداق بولاتتى؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى…

[11] تەۋھىدنىڭ مەنىسى ۋە كاتېگورىيەسى، شەيخ مۇھەممەد سائالىھ ئەل- مۇناججىد.
https://islamqa.info/en/10262

 

ئىككىنچى باپ
1-بۆلۇم: يۇيۇلغان مېڭە

بىز يۇقىرىدا ئەركىنلىك ۋە مىللەتچىلىك ھەققىدە توختالدۇق ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىپ غايە تىكلەش ھەققىدە ئىزدىنىپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار بىر مىللەت سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقانلىقتىن، ئەركىنلىك ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئاۋۋال خىتايلار يۇيۇۋەتكەن مېڭىمىزنى قانداق قىلىپ قايتا تۈزەش مەسىلىسى تولىمۇ مۇھىم.
خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇشى روسلاردىمۇ بۇرۇن باشلانغان. ئامېرىكالىق بىر ژۇرنالىست بىرىنچى بولۇپ خىتايچىدىكى « 洗脑 » دېگەن بۇ سۆزنى « Brainwashing »، يەنى « مېڭە يۇيۇش » دەپ ئىشلەتكەن. خىتايدىكى مېڭە يۇيۇش باشقا دۆلەتلەردىكىدەك، مەسىلەن: ئامېرىكا كورېيە ئۇرۇشىدا ئىشلەتكەن مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىدەك، مەلۇم مەزگىلدىكى مۇئەييەن مەسىلىگە قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلقنى كونترول قىلىشى ئۈچۈن ھەربىي ئەمەلدارلار، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئورگانلىرى، ئىشچى – دېھقانلار، تېببىي ساھە ۋە باشقا ساھەلەرگە ناھايىتى سىستېمىلىق ھالدا تەشكىللىك كىرگۈزۈلگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى ئېتىقادىنى يېڭىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ناھايىتى قىيىن بولغانلىقتىن، ۋەھشىي ھالدا ئۈزلۈكسىز غالجىرلىق بىلەن دىننى پۈتۈنلەي يوق قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىش بىلەن باشلىغان. خىتاي ھاكىمىيىتى دىنىي چەكلەش بىلەن بىرگە، مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ باردى ۋە ئېلىپ بارماقتا.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مېڭە يۇيۇش تاكتىكىلىرى

ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خىتاي خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسىدىن تۈر جەھەتتە تېخىمۇ كوپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى يېقىندا جاڭ چۈنشيەن تەرىپىدىن مەخسۇس « بەش ئالتۇن ئاچقۇچ تۈزۈمى » سۈپىتىدە يولغا قويۇلدى. ۋەھشىيلىكى، ئۈزلۈكسىزلىكى ۋە غالجىرلىقى جەھەتتە خىتايلارغا قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولماقتا. مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئىككى چوڭ جەھەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان:
1. زومىگەر رەھبەرلىك ( dictatorial leadership )
ھەرقانداق مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى، بويسۇندۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەن زومىگەر رەھبەرلىك ئۇسۇلى (Dictarorial Leadership) بىلەن يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى بۇ خىل رەھبەرلىك خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ناھىيە – يېزا بازارلىرىغىچە، مەكتەپ، ئىدارە ئورگانلارغىچە تەشكىللىك قوندۇرۇلغان كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. بۇرمىلاش
مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى، مېڭىدىكى ئەسلى بار بولغان ئۇچۇر – چۈشەنچە، ئىددىيە ۋە ئاڭنى يۇيۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرمىلانغان يېڭى ئۇچۇر – چۈشەنچە، ئاڭ ۋە ئىددىيىلەرنى دەسسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇرمىلاش – ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش، ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاش… قاتارلىقلاردا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغان. مەسىلەن: جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاتالمىش « بەش ئالتۇن ئاچقۇچ سىياسىتى » ئىچىدىكى دىنغا دىن بىلەن قارشى تۇرۇش، مەدەنىيەتكە مەدەنىيەت بىلەن قارشى تۇرۇش، تېررورغا تېررور بىلەن قارشى تۇرۇش، ئۆرپ – ئادەتكە ئۆرپ – ئادەت بىلەن قارشى تۇرۇشنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك بۇرمىلاش شەكلىنى ئالغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مېڭە يۇيۇش تاكتىكىلىرى، ئۆز خەلقى بولغان خىتايلارغا قاراتقان مېڭە يۇيۇش تاكتىكىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتى ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتى، مىللىي خاراكتېرىگە ئاساسەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقتىن، خىتايلارغا قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسى ھەققىدە ئايرىم توختالمايمىز.
زومىگەرلىك بىلەن بويسۇندۇش ۋە بۇرمىلاشنى بىرلەشتۇرۇش ئارقىلىق مېڭە يۇيۇش تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا:
1. يېتىم قالدۇرۇش
ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىپ، مۇجاھىدلارنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنى ھەتتا ئۆز خەلقىمۇ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ باستۇرىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىش.
تېخى يېقىندىلا خوتەندىن كاناداغا كەلگەن بىر ئاكىمىز يېزىدىكى يېقىن تۇغقانلىرى گۇۋاھ بولغان مۇنداق بىر ۋەقەنى ئېيتىپ بەردى:
(ۋەقە خوتەندىن كاناداغا زىيارەتكە كەلگەن XXX نىڭ ئاغزى ئارقىلىق 2016 – يىلى 3 – ئايدا تورونتو شەھىرىدە قەلەمگە ئېلىندى ).
ئەركىنجان ئىسىملىك بىر بالا بار بولۇپ، خوتەن كېرىيەلىك ئىدى. بىزنىڭ تۇغقانلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرىدىغان بولغاچقا كىچىكىدىن تونۇيتتىم، قاملاشقان چىرايلىق بالا ئىدى. 20 ياشلاردا بولسا كېرەك، دەپ سۆزىنى باشلىدى ئۇ ئاكىمىز:
2015 – يىلى 7 – ئايدا تىرىكچىلىك ئۈچۈن كوچىدا ئەسكى تېلېفونلارنى يىغىپ ساتقانلىقى سەۋەبىدىن ساقچىلار قاتتىق ئۇرۇپ، بىر يىل سولاپ ئېغىر ئەمگەككە سېلىپ قىيناپتۇ. تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن بولماي، يەنە يىغىۋېلىش ھەرىكىتىدە بۇرۇن تۈرمىگە كىرگەنلەرنى يىغىۋالىمىز دەپ بىكاردىن – بىكار قايتا تۇتۇپ كېتىپ، 5 – 6 ساقچى ئىشخانىسىغا باغلىۋېلىپ قىيناپ ئويناپتۇ. ئۇ بالا باغلاقتىن بوشىنىۋېلىپ ئىشخانىدىكى بەش ساقچىنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋېتىپ قېچىپ كېتىپتۇ. ھۆكۈمەت پۈتۈن يېزىنىڭ ئاھالىسىنى مەجبۇرى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قولىغا چىراغ كۆزەتكۈزۈپ، بەش كېچە – كۈندۈز ئويمۇ ئوي، چۆلمۇ چۆل ئىزدەتكۈزۈپتۇ، ئاخىرى يېزىلىق دېھقانلار ھېلىقى بالىنى بىر گەمىدىن تېپىۋېلىپ: « سېنىڭ دەستىڭدىن بەش كېچە – كۈندۈز بولدى تېرىقچىلىقىمىزنى قىلالماي ئۇيقۇسىز، ئاچ – توق كۆرمىگەننى كۆردۇق سېنى ئىزدەيمىز دەپ » دەپ تىللاپ، ھەممىسى بىرلىشىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ بەش مايمۇننىڭ ھېكايىسى كۆز ئالدىمغا كەلدى:
ئالىملار بەش مايمۇننى تەجرىبە قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆيگە سولاپ، ئۆيدىكى تۈۋرۈكنىڭ ئۇچىغا بىر باغلام باناننى ئېسىپ قويۇپتۇ. باناننى ئېلىش ئۈچۈن بىر مايمۇن تۈۋرۈككە ياماشقاندا، تەجرىبە قىلغۇچىلار دەرھال ھەممە مايمۇننىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ تۆكۈپ، مايمۇننى تۈۋرۈكتىن چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. كېيىن باشقا بىر مايمۇن ياماشقاندا يەنە شۇنداق قىلىپتۇ. 3 -، 4 -، 5 – مايمۇنلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ سۇ تۆكۈپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا مايمۇنلارنىڭ ھەممىسى يامىشىشتىن قورقۇپ جىم تۇرۇپتۇ. تەجرىبە قىلغۇچىلار تۈۋرۈككە ياماشقان بىرىنچى مايمۇننىڭ ئورنىغا باشقا بىر مايمۇننى ئالماشتۇرۇپ قويغان ئىكەن، ئۇ يېڭى مايمۇن سۇ تۆكۈلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە دەرھال دەرەخكە يامىشىپتۇ. لېكىن كونا تۆت مايمۇن ئۇنى ئۇرۇپ ياماشقۇزماپتۇ. تەجرىبە قىلغۇچىلار، ئۇنى ئۇرغان تۆت مايمۇننىڭ ئىچىدىكى بىر مايمۇننى ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا يېڭىدىن يەنە بىر مايمۇن ئېلىپ كىرىپتۇ. ئۇمۇ تۈۋرۈككە ياماشماقچى بولغان ئىكەن، كونا ئۇچ مايمۇن ۋە باشتا تاياق يېگەن مايمۇن بىرلىشىپ ئۇنى ئۇرۇپ كېتىپتۇ. قىزىقارلىق يېرى سۇ تۆكۈلگەننى كۆرمىگەن، ئەمما بىرىنچى قېتىم تاياق يېگەن مايمۇنمۇ، ئىككىنچى مايمۇننى باشقىلار بىلەن بىللە ئۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، سۇ تۆكۈلگەندىن قورقۇپ كەتكەن مايمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئالماشتۇرۇلۇپ بولغاندىمۇ، مايمۇنلار ئاخىرقى ئالماشقان مايمۇنغىچە تۈۋرۈككە ياماشقان مايمۇننى ئۇرۇپتۇ. نەتىجىدە ھېچقايسىسى مايمۇن تۈۋرۈككە ياماشماس بوپتۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ھالغا ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بىزنى ئەڭ چۆچۈتىۋاتقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ئارقىلىق ئولتۇرۇپ تۈگىتىش مەقسىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېتىم قالدۇرۇپ يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدۇر. خۇددى ئالدىنقى بەش مايمۇن سوغۇق سۇ تۆكۈپ قورقىتىۋېتىلگەچكە، كېيىنكى بەش مايمۇن سوغۇق سۇنى كۆرۈپ باقماي تۇرۇپمۇ بانان ئېلىش ئۈچۈن دەرەخكە ياماشمىغاندەك ۋە ياماشقان مايمۇنلارنى ئۇرغاندەك، خوتەندىكى ئاشۇ ۋەقەدە مېڭىسىگە سۇ تۆكۈلمىگەن، خىتاي بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇشنىڭ ئىچىدە بولمىغان ئۇيغۇرلارمۇ خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قارشىلىق كۆرسەتكەن باشقا ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.

2. تېررور پەيدا قىلىش
زۇلۇم قىلىش ۋە باستۇرۇش، ئۆزلىرىگە قارشى بولغان ھەرقانداق ئىدىيە، سۆز ۋە ھەرىكەتنى قاتتىق باستۇرۇش، قارشىلىق قىلغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە تۈرمىگە تاشلاش، بۇ ئارقىلىق باستۇرۇلغۇچىنىڭ زېھنىيىتىدە ئۇنتۇلماس قورقۇنچ (trauma) پەيدا قىلىش؛ سۆز ئەركىنلىكى، تاشقى دۇنياغا باغلىنىش ئەركىنلىكى ۋە تور ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۆزلىرى ياراتقان تاشقى مۇھىت ۋە ئىددىئولوگىيىسىدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئىددىيە ياكى سىستېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش، خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋە ئوچۇق – ئاشكارا قوللىنىدىغان ۋاسىتىلىرىدىن بىرسىدۇر. بۇ مېتودلار ئارقىلىق كونترول قىلىنغۇچىلارنىڭ مېڭىسىگە سىڭدۈرۈلگەن ئىددىيەنىڭ يېڭى ئىددىيە تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ تازىلىنىشىغا يول قويماسلىق، سىرتتىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسى، ئادەتتە تۈرمە ئىچىدىكى مەھبۇسلارغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چارىلەرنى ئىشلەتمەكتە. Google، YouTube، FaceBook لارنىڭ چەكلىنىشى، ھېچقانداق بىر پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇلماسلىقى بۇنىڭ بىر مىسالى. ئۇيغۇر خەلقى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇرمىلانغان خەۋەرلەرنىلا كۆرەلەيدىغان بولۇپ، باشقا بىر دۇنيانىڭ كۆزى بىلەن دۇنيانى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەس

داۋامى ببار

 

Share
3314 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.