logo

trugen jacn

روزى سايىت : ئاھ، مېنىڭ مىللىتىم

5793936107_5c8ac039da

روزى سايىت

(1)
نەسەبتە كۇللى ئالەم ئېتىراپلىق مىللىتىم باردۇر،
ئوغۇز پۇشتى- مۇقامى كاتتىلىقتا زىننىتىم باردۇر.
يۈسۈپ، مەخمۇت كىتابىغا يېزىلغان نىىي باھادىرلىق،
يەنە تاڭ قامۇسىدا قەيت ئەجىرلىك مېھنىتىم باردۇر .
يىپەك، قاشتاش، گىلەم، بۇغداي، بېدە، قەغەز…گە بىز ھەغدا،
(بۇنى جاڭ چيەنمۇ تەستىقلايدۇ تۆھپەم، قىممىتىم باردۇر .)
قەدىم تۆھپە- يىراق ئۆتمۈشكە تالىق، ماختىناي قانداق،
قۇياشلىق تاڭدا يۈكسەلمەككە تاغدەك ھىممىتىم باردۇر.
مېنىڭ بۇ مىللىتىم شۇنداق « قېرى »، ياق، نەۋجىۋان مىللەت،
بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈن، ياق، ئەتىسىدە تەم- تېتىم باردۇر.
مېنىڭ بۇ مىللىتىم « پەگا » غا چۈشكەن « تۆر » گىمۇ چىققان،
بۇ ھەقتە سۆزلىسەم شان- شەۋكىتىم گاھ ئىللىتىم باردۇر.
ئۆزىنىڭ مىللىتىنى يەرگە ئۇرماس ھېچ كىشى زىنھار،
مېنىڭ بۇ « تىللىشىم » دا تەكتى ھۆرمەت، خىزمىتىم باردۇر…

(2)
بۇ مىللەت شەنىنى يايغان جاھانغا ئۆم- ئۇيۇشقاقلىق،
ھالا ئەمدى چېچىلدى قۇم كەبى، تەستەك قۇيۇشماقلىق .①
ھەسەتلىك دىل، ھەسەتلىك گەپ، ھەسەتلىك كۆز… شۇڭا دائىم_
ئارام تاپمايدۇ « كولاش » تا، تېخى كولاپ تۇيۇشماقلىق.
خىيالىدا ئىلىم- ئىرپان ئەمەس جاڭجال، رىيا، پىتنە …
ئەدەپ- ئەخلاقنى يەم قىلدى قىزىلكۆزلۈك، ئۇرۇشقاقلىق.
كىچىكلەر چوڭغا بىھۈرمەت، ئەپۇنى خالىماس چوڭلار،
ئۇدۇم بوپقالدىغۇ چۈجە- خورازدەك تەڭ تۇرۇشماقلىق.
« مۇھەببەت- سۆيگۈدە گۈللەيدۇ ئالەم، زىتلىشىش نەسلىك،
بۇ نەسلىك يولىنى تار قىلغاي » نى ھېچ ئويلاپ قويۇشماغلىق.
كىشىنىڭ چىن ۋاپا، ئىخلاستىن ئارتۇق غەمخورى نەدە،
بۇ مىللەت ئۇشبۇغەمخورلۇق بىلەن سۆھبەت قۇرۇشماغلىق.
ئىلىم- پەن راك بىلەن ئەيدىزگە تاپتى- تاپقۇسى مەلھەم،
بۇ مىللەت خەۋپى راك يەڭلىغ مىجەزىنى تونۇشماغلىق.

(3)
بۇ مىللەتتە « ساقاللىقلار » ناماز خانلىققا يۈزلەندى،
« ساقالسىزلار » لاغايلاشقا، مەمەدانلىققا يۇزلەندى.
ئويۇنپەزلەر سوقۇپ تاش بىرلە تاشنى كۆڭلىنى ئاچسا،
« كارا ok »، « تانسىكەش » نىڭ ۋاقتى بىزمانلىققا② يۈزلەندى.
جاھان نەدە، ئۆزى نەدە؟ بۇنى ئويلايدىغانلار ئاز،
ھەجەپ ئىش، پەيلى- خۇيدا بەخىرامانلىققا يۈزلەندى.
پاسۇن- مودا كىيىم، چاچ نۇسخىسى سۆھبەتتىكى ماۋزۇ،
ياسانماقنىڭ غېمى ھالى پەرىشانلىققا يۈزلەندى.
« يېرى كەڭ، بايلىقى مول، خەلقى ئەمگەكچان » ئاتالغان يۇرت،
ھورۇنلۇقتا كۈنى، ئېسىت، خەيرى- ئېھسانلىققا يۈزلەندى.
بۇ مىللەت ئىلمۇ- ئىرپان، كەشىپ- ئىجادتا تۆھپىكار مىللەت،
نېمىشقا ئەمدى « ئەقلى كالتەك ئىنسان » لىققا يۈزلەندى؟
بۇ مىللەتنىڭ غېمىدە تۇرسا دەۋران، يۆلىسە ھەدەپ،
نېمىشقا يۆلىگەنچە سالپۇ- سەرسانلىققا يۈزلەندى؟…

(4)
بۇ مىللەتنىڭ قېنىنى بۇزدى يۇرتۋازلىق، خوتۇنبازلىق،
ئاڭا يانداشتى مەيخورلۇق بۇ « بازلىق » لار قىلىپ ئازلىق.
« قايەرلىككەن؟ » بىلەن ئۆلچەپ « يامان » نى، « ياخشى » نى، توۋا،
ئىمانى، جاننى بەردى جانانلار ئاتسا قاش نازلىق.
ئىچىپ مەي زورلىنىپ- زورلاپ، ئەقلىنى مەي بىلەن خورلاپ،
كۆزىنى مەستلىكى تورلاپ، قېلىشتى غەمزە- غەممازلىق.
بۇلارمۇ يەتمىگەندەك، كۆر، چىقاردى باشقىچە ئادەت،
گۇرۇھ ئايرىپ، جېدەل ئىستەپ، گۇماندا يۈتتى ھەمرازلىق.
ئۇ چىشلەپ، بۇ تېپىپ، ئۇ كوچىلاپ، بۇ چۇخچىلاپ… ھەيھات،
ئاداۋەت، غوم- مۇرامدا دىل يېرىنى ئەيلىدى سازلىق.
ئۆگەنمەك يوق، تىرىشماق يوق، ئىلىم تەھسىلگە قىلماق زوق،
يەنە قېپقالدى بىر مۇنچە ئېسىل خۇي، خۇيدا رەڭۋازلىق.
ئارام تاپسا سوقۇشتۇردى، تالاشتۇردى خوراز، ئىتنى،
جاھاندا بارمۇ بىر مىللەت سۈپەتتە ئۇشبۇ ئەندازلىق؟

(5)
مېنى بۇ مىللىتىمنىڭ غەپلىتى ئۈندەيدۇ چوقانغا:
– ئەجەپ مىللەت ئىدىڭ بوش كەلمىگەن كۆپ نوھى توپانغا.
جاھالەت دەۋرى پۈتكەندە، زاماننىڭ زورى يۈتكەندە،
سېنىڭ روھىي راۋانىڭ دەسسىدى ئىللەتتە قاپقانغا.
« ئېتىز، بۇغداي، قوناق… » تىن ئۆزگىسى يادىڭغا كەچمەيدۇ،
ئەقىل، كۈچنى خوراتتىڭ ئەسكى كەتمەن- « گۇپپۇ- گۇپپاڭ » غا.
« ئوقۇيمەن! » دەپ تىرەجەپ يىغلىسا سەن زورلىغاچ تويغا،
يېشى ئون ئۈچ شۇ دىلپارەڭ- قىزىڭ ئايلاندى چوكانغا.
ئوماق ئوغلۇڭ زامانى پەن كۆكىگە ئۆرلىمەكچىدى،
چىقاردىڭ مەكتىپىدىن، باقتى قوي- ئايلاندى چوپانغا.
ئايال- مەزلۇملىرىڭدىن قىزغىنىپ نۇر، ئاسقۇزۇپ چۈمبەل،
« بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا… » دەپ پۈچەك دان توشتى دوپپاڭغا.
قېنى، ئېيت مىللىتىم، دائىم ئۆتەمدۇ كۈنلۈرۈڭ شۇنداق،
ھەۋەس ئەيلەشتە كۆز چىمچىقلىتىپ ياتقانغا، قوپقانغا؟…

(6)
خىيالىم شۇ: مېنىڭ بۇ مىللىتىممۇ نۇر قۇچاقلارمۇ؟
نادانلىق ئىللىتىنى ئىلمۇ- ئىرپاندا پىچاقلارمۇ؟
جاھان نۇر تېزلىكىدە، بەلكى نۇردىن تېز سەپەر ئەتمىش،
« قورساق » تىن نېرىغا ئۆتمەس نىچۈن گەپ- «ۋاچ- چاپاقلار» مۇ؟
رىقابەت، مەرىپەتنىڭ ئالىمى بۇ- باشقىچە ئالەم،
ئېلېكتىرلەشتى بۇ كەمدە قازان ھەتتا ئوچاقلارمۇ.
پەقەت بىزلا تېرىپ تەمەچ، پاسار ياقساق تۇنۇر ، مەشكە،
پېتىدىن چۈشىمىسە، توۋا، قەدىم تاش يارغۇچاقلارمۇ:④
ھاراقتىن بىر تۇرۇشتا قانچىلىك ئىچمەكتە بەسلەشسەك،
دەرىخا! ئەقلۇ- ئىدراكنىى بۇ قاششاقلىق پاچاقلارمۇ؟
جاھان مىللەتلىرىنىڭ سەپ- قاتارى بىزگىمۇ مەنسۇپ،
بۇ مەنسۇپلۇق « بىلىش » تە! بىز بىلەلمەس دۆت- قاپاقلارمۇ؟
ئۇنتۇما مىللىتىم، ئاۋۋالقىسى پۇشتۇڭغا تەۋە شان،
سېنىڭ شانىڭ نېمە، سىنغان ساپال، دات تىغ، رۇچاقلارمۇ؟!

(7)
مۇسەننىپ، بول ئۈمىدۋار، مىللىتىڭ ئىقبالدا ياشنايدۇ،
تېپىپ بىرلىك كۈچىدىن كۈچ قەدەمنى پۇختا تاشلايدۇ.
ئۇنى ئويغاتتى ئىسلاھات تېڭى، غاپىللىقى يۈتكەي،
ئەمەس ئانچە ئۇزاى توي مەزگىلى، مەشرەپمۇ باشلايدۇ.
ئۈمىدلەن مىللىتىڭنىڭ ئەتىسىدىن، سۆيگۈسىدىن ھەم،
شىرىن پەرھادىنى، لەيلاسى مەجنۇننى باغلاشلايدۇ.
ئەمەس ھېچقانچە ئىللەتنىڭ كۈچى ئۆزىنى بىلگەنگە،
نى ئىللەت تاغىنى ئۆزىنى بىلگەنلەر پاچاقلايدۇ.
ئەقىل- ئىدراكىنى قاششاقلىق تۇتالماس ئىلكىدە ئەمدى،
دەۋر تۇرغاچقا پاكلاپ روھىنى، غاپىللىق ياۋاشلايدۇ .
كېرەم، دىلبەر⑥ گە باق، مىللەتنى كۆر، روھلان، خۇيۇڭنى تۈز ،
ئىشەنمەسلەر ئۆزىگە « قىل » نى « پىل » دەپ، غەم ھاپاشلايدۇ .
جامائەتكە ئەجەپ جىق سۆزلىدىڭ روزى، يەنە سۆزلە،
دېگىن: ئۆزىنى بىلىشتە مىللىتىم گۈللەيدۇ، ياشنايدۇ!
1993- يىل ئۆكتەبىر، خوتەن
ــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار:  قۇيۇشماق- ئۆم بولماق، بىرىكمەك مەنىسىدىكى شىۋە.
بىزمانلىق- كەچقۇرۇنلۇق، كەچلىك.
رىۋايەتتە ئېيتىلغان نوھ پەيغەمبەر زامانىسىدىكى توپان (سۇ) بالاسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
يارغۇچاق- قول بىلەن چۆرۈپ ئۇن تارتىدىغان ئىپتىدائىي تۈگمەن.
رۇچاق- قەدىمكى ئوقياغا تەقلىدىي ياسىلىدىغان بالىلار ئوقياسى.

http://www.akademiye.org/

Share
2358 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.