logo

trugen jacn

دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك تىكى«تۈرك» ۋە «ئۇيغۇر» كەلىمىسى ھەققىدە

 

ئەخمەت مۆمىن تارىمى

 

(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
بىلگىنىمىزدەك، مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى دەۋرلىرىدىن 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شىمالى، ئىسسىق كۆل ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىدا ھۆكۈم سۈرگەن ﻗﺎراﺧﺎﻧﯩﻴلار خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە  ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﯘﻳﻐﯘرﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻛﺎﺷﻐﻪرى تەرىپىدىن يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ﺗﯜرك ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ(خاقانىيە تۈركچىسىنى) ﺋﻪرەب ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺋﯩﺰاﮬﻠﯩﻐﺎن ﻟﯘﻏﻪت. ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯩﺘﺎب ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺟﯩﻠﺪدﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺟﯩﻠﺪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪن. ﭘﯜﺗﯜن ﺋﻪﺳﻪرﮔﻪ7500دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘقﺳﯚزﻟﯜك ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘن داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ -ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت، ﺗﺎرﯨﺦ، دﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد، ئىلمىي نۇجۇم( ﺋﺎﺳﺘﺮوﻧﻮﻣﯩﻴﻪ )، تەقۋىمچىلىك (ﻛﺎﻟﯧﻨﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ) ، ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪ، ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ – ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد،ئۆرپ-ئادەت، بايلىق- ﻣﻪﮬﺴﯘلاﺗﻠﯩﺮى، ﺷﻪﮬﻪر – ﻛﻪﻧﺘﻠﯩﺮى، ﺗﺎغ – دەرﻳﺎﻟﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖﻛﯚپ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪۇ. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ﮔﻪرﭼﻪ    11 -ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﺋﯩﺴلام ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﺪا ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪﺳﻪر ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﻰ، ﺋﯘرۇق – ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى، ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺳﺘﺮوﻧﻮﻣﯩﻴﻪ – ﻛﺎﻟﯧﻨﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ، ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ داﺋﯩﺮﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلار ﻗﺎراﺧﺎﻧﯩﻴلار ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ دەۋرﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ دەۋرﻟﻪردﯨﻜﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﻰ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﻰ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﻪﺳﯩﺪۇر. ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩلار « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىكى ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلار ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯩلادﯨﻴﻪدﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ دەۋردﯨﻦ ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 11 – ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارنىڭ ﻛﻪڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪردى، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ رەﯕﮕﺎرەڭ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻛﺎرﺗﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯜرەﺗﻠﻪپ ﺑﻪردى» دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ئەسەردە «تۈرك» ۋە «ئۇيغۇر » كەلىمىسى ئىنتايىن كۆپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ كەلىمىلەرنى ئايرىپ ئىزاھلىشى ئۇزاقتىن بۇيان تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ھەم نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار مۇشۇنىڭغا ۋە «دىۋان» دىكى مۇناسىۋەتلىك باشقا بايانلارغا ئاساسلىنىپ، قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغۇچىلار،خانلىقنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى ، ئۇلارنىڭ تىلى توغرىسىدا پەرىقلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، بۇ خانلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپلۇقى ياكى ئەمەسلىكى شۈبھىلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. بولۇپمۇ مەزكۇر خانلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكى بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ، تاكى  1756 – يىلى فرانسىيلىك ئالىم  يوسىف دېگۇينىس «ھۇنلار، تۈركلەر، موڭغۇللار ۋە تاتارلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، تۇنجى بولۇپ قاراخانىيلار خانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ۋە مەزكۇر خانلىقنى ئۇيغۇرلار قۇرغان دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە چەتئەلدىكى ۋە جۇڭگودىكى تەتقىقاتچىلار بۇ توغرىدا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇ پىكىرلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىلەر بولۇپ چىقىدۇ: (1) ئۇيغۇرلار؛(2)  تۈركمەنلەر؛(3) ياغمىلار؛ (4) قارلۇقلار؛ (5) قارلۇقلار – ياغمىلار؛ (6) چىگىللار؛ (7) تۈركلەر؛(8) ئۇيغۇر ۋە قارلۇقلار؛ (9)  شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈرك قەبىلىلىرى؛ (10) 9 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋرلەردىكى  تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى ۋە پامىر رايۇنىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ؛(11) ئۇيغۇر، قارلۇق، ياغما،چىگىل، چومۇل، ئوغراق، چارۇق ۋە بىر قىسىم ئاسسىمىلاتسىيىلەشكەن سۇغدىلار؛  (12) ئوغۇزلارنىڭ قىنىق قەبىلىسى.
   تەتقىقاتچى ئەلى غوپۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ «قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات »ناملىق ماقالىسىدە بۇ توغرىدىكى پىكىرلەرنى ناھايىتى ئەتراپلىق خۇلاسىلەپ، 2000- يىلدىن كېيىنكى تەتقىقات نەتىجىلىرنى چۆرىدىگەن ھەم بۇرۇنقىلارنىڭ ئەمگەكلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ئاساستا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ قايسى خەلققە مەنسۇپلىقى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا بۇ خانلىقنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ(1)، بۇ ماقالىنى  مۇشۇ خۇسۇستىكى يەكۈن خاراكتېرلىك نەتىجە دېيىشكە ھەقلىقمىز. مەن بۇ ماقالىدە ئەلى غۇپۇر ئەپەندىنىڭ يەكۈنىگە يانداشقان ھالدا «دىۋان» دىكى «تۈرك» ۋە «ئۇيغۇر» كەلىمىسىنىڭ ئاڭلاتقان مەنا دائىرىسى ھەم بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.  
1. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى «تۈرك» ۋە «ئۇيغۇر» ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسى
    نۆۋەتتەمەملىكەت ئىچىدىكى تارىخشۇناسلارنىڭ ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە خاتىرىلەنگەن دىلار،دﯨﯖﻠﯩڭلار، ﺗﯧﻠﯩلار ، ﻗﺎﻧﻘﯩللار (ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮬﺎرۋﯨﻠﯩﻘلار) ﺑﯩﻠﻪن ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰداﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰبار. خەنزۇچە تارىخنامىلەردە خاتىرىلىنىشىچە، دﯨلارﻧﯩﯔ بىرتارمىقى بولغان ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ دﯨلار مىلادﯨﻴﻪدﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 2000 – ﻳﯩﻠلاردا ﻏﻪرﺑﯩﻲﺷﯩﻤﺎﻟﺪا ﺋﻮردوس يايلىقىنى ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت قىلغان . مىلادىيەدىن بۇرۇنقى3-ئەسىردە  ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ دﯨلار ﺷﻪرﻗﯩﻲ دﯨﯖﻠﯩﯖلاردﯦﮕﻪن ﻧﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷلاپ، ﺑﺎﻳﻘﺎل ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﺪە دﯨﯖﻠﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 3 -ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ تېلېلار،  ﻗﺎﻧﻘﯩللار دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﻧﺎﻣلار ﮔﻪرﭼﻪ ﮬﻪرﺧﯩﻞ بولسىمۇ، ﺑﯩﺮاق ﺋﺎﮬﺎڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎﮬﺎڭ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ بولۇپ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ «ﺗﯜرك»دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﺎﮬﺎڭ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت(2). ئۇلار ﮬﯘن ئىمپېراتۇرلۇقى دەۋرىدە ھۇنلارنىڭ تەركىبىدە بولغان. 4 – ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار (ﻳﻪﻧﻰ تېلېلار) ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار ۋە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار دەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن، 4 ـــ 5 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪردە تېلېلار ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ۋە ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ، ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯧﻐﻰ، ﺟﯘﯕﻐﺎرﯨﻴﻪ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋادىسىغا ﻣﺎﻛﺎﻧلاشقان. بۇ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ۋە ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار بولغان.
   مىلادىيە6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، تېلېلار ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارغا مەنسۇپ بولغان ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ قەبىلىسى ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﭗ، جۇرجان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 552 – ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺗﯜﻛﻪن ﺗﯧﻐﯩﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﻛﯚﻛﺘﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ چىققان. «ﻛﯚﻛﺘﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮرﯨﺘﻮرﯨﻴﻪﺳﻰ ﺷﻪرﻗﺘﻪﻟﻴﺎۋﺧﻪي دﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪرﺑﺘﻪ ﺋﺎرال دﯦﯖﯩﺰﯨﻐﯩﭽﻪ، ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﭼﻮڭ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪا ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ دﯦﯖﯩﺰﻏﯩﭽﻪ(بايقال كۆلىگىچە) يەتكەن»(3). ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺑﺎرﻟﯩﻖ تېلېﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى، جۈملىدىن ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻣﯘ ﻛﯚﻛﺘﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮگەن. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﻛﯚﻛﺘﯜرك ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ دەۋرﯨﺪە ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ،ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ۋە ﻗﯘدرەت ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚز ﮬﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮشقان ھەم بارا-بارا ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎقىنى شەكىللەندۈرگەن.
   تەخمىنەن مىلادىيە   744  -يىلىئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى كۈچىيىپ، تۈرك خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ ، يەنىلا ئۆتۈكەن تېغى باغرىنى مەركەز قىلىپ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان.بۇ خانلىق  كۈچەيگەن مەزگىلدە زېمىنى شەرقتە ھىنگان تاغلىرىغا، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىياغا، شىمالدا بايقال كۆلىگە ، جەنۇبتا ھازىرقى گەنسۇغا يەتكەن.  ھازىرقى شىنجاڭ رايونى يەنىلا ئۇلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت رايونى بولغان (4).
     مىلادىيە 840 -يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىككى تارماققا بۈلىنىپ جەنۇبقا (ھازىرقى سەددىچىن بويلىرىغا) ۋە غەربكە (ھازىرقى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىغا ۋە يەتتىسۇ، ئىسسىقكۆل،  پامىر ئەتراپلىرىغا ) كۆچكەن،بىرقىسمى ئەسلى ماكانىدا قېلىپ كېيىنچە باشقا خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئورقۇن ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ، شىنجاڭ رايونى تەدرىجى ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ماكانىغا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ رايوندا ئۇيغۇرلىشىش ۋەزىيىتى كېلىپ چىققان.
ئۇيغۇرلار ئىككى تارماققا بۈلىنىپ كۆچكەندىن كېيىن غەرىبكە كۆچكەن تارامى دەسلەپتە ئالتاي تېغىدىن ئۈتۈپ ئۇيەردىكى قارلۇقلار بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن. بىرقىسمى  ئاۋال تۇرپان، بەشبالىققا(جىمىسار ئەتراپىغا)،ئاندىن كۈسەن(كۇچا)، قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن. يەنە بىر قىسمى داۋاملىق غەرىپكە مېڭىپ، يەتتىسۇ ، سوياپ دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپلىرىغا كەلگەن. كېيىنچە خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋەجەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 875-يىلى ئەتراپىدا گەنجۇنى ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې ئەتراپى ) مەركەز قىلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ، بۇخانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە ھازىرقى گەنسۇدىكى تيەنشۈيگە،غەربتە قۇمۇلنىڭ شەرقىگە، شىمالدا ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىگە، جەنۇبتا خېلەنشەن، چىلەنشەن تاغلىرىغىچە يەتكەن (5). تۇرپان،بەشبالىققا، ئاندىن كۈسەن، قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 866 – يىلى ئەتراپىدا تۇرپان ، بەشبالىقنى  مەركەز قىلغان قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان، بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە شاجۇ (ھازىرقى گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ ) غىچە، غەربتە كۇچانىڭ غەربىگىچە، شىمالدا جۇڭغارئويمانلىقىغىچە، جەنۇبتا خوتەننىڭ شىمالىغىچە يەتكەن (6). بۇ ئىككى خانلىقتا بارا-بارا بۇددا ۋە مانى دىنلىرى ھەم خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن.
    يەتتىسۇ ، سوياپ دەرياسى ۋەپامىر ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاۋاتقان بىلەن قېرىنداش خەلقلەر بىلەن  قوشۇلۇپ، تەخمىنەن مىلادىيە 850 – يىلى ئەتراپىدا بالاساغۇن (ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى توقماق ئەتراپىدا) ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلغان قارا خانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ، بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە كۇچاغىچە، غەربتە ماۋەرائۈننەھىر(ئامۇ، سىر دەريالىرى ۋادىسى)گىچە، شىمالدا ئىلى ۋادىسىغىچە، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (7). 10-ئەسىردە قاراخانىيلارنىڭ ئىسلام دىنىنى رەسمىي قۇبۇل قىلىپ دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرۇشى بىلەن بۇ خانلىق دائىرىسىدە تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شەكىللىنىشكە باشلىغان.
2. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىكى «تۈرك» ۋە«ئۇيغۇر» ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسى
   ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى، «دىۋان» توغرىسىدا ، ئۇنىڭدىكى ھەرقانداق بىر مەسىلە توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزگەندە، نەزەرىمىزنى ئايرىم بىر مەزمۇنغا ئەمەس، بەلكى«دىۋان» نىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا قۇيۇپ مۇھاكىمە يۈرگۈزگىنىمىزدە مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. «دىۋان» نىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان«تۈرك» نامى ھەم پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنى ، ھەم ئايرىم بىر قەبىلىنى ، شۇنىڭدەك«ئۇيغۇر» نامىمۇ ھەم بىر تۈركىي قەبىلىنى، ھەم بىر ئەلنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن،مەھمۇد كاشىغەرى مۇنداق يازغان: «تۈركلەر ئەسلى يىگىرمە قەبىلىدۇر… ھەر بىرتۈرك قەبىلىسىنىڭ بىر مۇنچە ئۇرۇقلىرى بولۇپ… مەن بۇلاردىن ئاساسى ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم… مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە شەرقىتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتۈم. رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان قەبىلە پەچەنەك،ئاندىن قالسا قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقىرىت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز قەبىلىلىرىدۇر. قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان… ئاندىن چىگىل، توخىسى، ياغما،ئوغراق، چارۇق، چومۇل، ئۇيغۇر، تاڭغۇت، خىتاي قەبىلىلىرىدۇر… » (8)، «… مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قوياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇرغۇزغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى ‹تۈرك› دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئېگە قىلدى؛ دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى؛ ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى؛ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۆرەشكەنلەرنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەربىرئەقىل ئېگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلەشتىن ياخشىراق يول يوق. كىمكى ئۆز گوروھىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈركلەرگە سېغىنىپ كەلسە، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پاناھ تاپىدۇ»(9) ، «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم» (10)،«مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە كىتاپنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم. بۇ يازغان ئەسىرىم تەلەپكە ئۇيغۇن بولسۇن، پايدىلانغۇچىلارغا قوللانمابولغۇدەك بىر قىممەتكە ئىگە بولسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بىر مۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ، يېڭى- يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم… جۈملىدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شېئىر ۋە قوشاقلىرىدىن، قايغۇلۇق ۋە خۇشاللىق كۈنلىرىدە ئېيتقان چوڭقۇر مەنىلىك ماقال- تەمسىللىرىدىن مىساللار كەلتۈردۈم… شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر مۇنچە ئىبارىلەرنى كىرگۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاپ يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى…» (11) ، «ئۇيغۇر. بىر ئەلنىڭ ئىسمى.ئۇنىڭ بەش شەھرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن. ماڭا مۇھەممەد چاقىر تونقا خان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹اينان خد خرند   inan hużhuränd ــ بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ›دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل ‹خدخر  hużhur› دەپ ئاتىلىپتۇ.… ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە، لېكىن ئۆزئارا سۆزلىشىدىغان يەنە بىر خىل شىۋىسىمۇ بار. ئۇيغۇرلاركىتابنىڭ باش قىسمىدا كۆرسىتىلگەن 24 ھەرپتىن ئىبارەت تۈركى يېزىقنى قوللىنىدۇ.كىتاب ۋە خەت-چەكلىرىنى شۇ يېزىق بىلەن يازىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقىمۇ بار. رەسمىي خەت – چەك ۋە ھۆججەتلىرىنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ. بۇ يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئوقۇيالمايدۇ»(12). بۇلاردىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى، ئەينى زاماندا  «ئۇيغۇر» ئاتالغانلار پەقەت تۈركلەرنىڭ بىرقەبىلىسى، بىر قوۋمى  بولغان، يەنى «تۈرك» كەڭ مەنىدە  بىر ئومۇمىي نام،« ئۇيغۇر» بولسا شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خاس نام بولغان. ئەمما، بۇيەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى، بەزىدە  « تۈرك» دېگەن ئۇقۇم بىلەن «ئۇيغۇر» دېگەن ئۇقۇم تەڭداشراق مەنىدىمۇ كەلگەن. مەسىلەن، يۇقىرىدىكى«….زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇرئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن…»دېگەن باياندىن بۇنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئومۇمەن يۇقىرىقى بايانلار بىزگە مىلادىيە 6 ـــ9-ئەسىرلەردە دەسلەپتە تۈركلەرنىڭ (جۈملىدىن ئاشىنا قەبىلىسىنىڭ ) كۈچىيىپ  تۈرك خانلىقىنى قۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بۇ خانلىقنىڭ تەركىبىگە كىرىپ «تۈرك خەلقى» دەپ ئاتالغانلىقىنى،  كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىيىپ تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندا ، باشقا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئوخشاشلا بۇخانلىقنىڭ تەركىبىگە كىرىپ «ئۇيغۇر ئېلى» دەپ ئاتالغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتنى مەلۇم دەرىجىدە يۇرۇتۇپ بېرىدۇ.
3. مەھمۇدكاشىغەرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ، ئۆزئېلىنى تىلغا ئالغاندا«تۈرك» دەپلا يازىدۇ؟
    بۇ يەردە «دىۋان» دىكى «تۈرك» ۋە «ئۇيغۇر»ناملىرىنىڭ  ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن شۇنى نەزەرگە ئېلىش كېرەككى ،مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۆزىنى «تۈرك» دەپ ئاتىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ، ئۆز قۇۋمىنى«ئۇيغۇر » دەپ قارىمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئاۋال ئۇنىڭ «دىۋان» دىكى مۇنۇ بايانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل،ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋەقاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تىلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ،ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم». بۇ يەردىكى مەھمۇد كاشىغەرى ئېيتىۋاتقان، ئۆزى مەنسۇپ بولغان« شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەن، ئەڭ زېرەك، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسى» قايسى قەبىلە بولۇشى مۇمكىن؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ جۈملىنىڭ كەينىدىنلا كەلگەن «تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل،ياغما، قىرغىزلار»قاتارىدابۇ قەبىلىنىڭ نامى سانالمايدۇ؟ يەنە مۇنۇ بايانلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى:« … ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە، لېكىن ئۆزئارا سۆزلىشىدىغان يەنە بىر خىل شىۋىسىمۇ بار.ئۇيغۇرلار كىتابنىڭ باش قىسمىدا كۆرسىتىلگەن 24 ھەرپتىن ئىبارەت تۈركى يېزىقنى قوللىنىدۇ. كىتاب ۋە خەت-چەكلىرىنى شۇ يېزىق بىلەن يازىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقىمۇ بار. رەسمىي خەت – چەك ۋەھۆججەتلىرىنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ. بۇ يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئوقۇيالمايدۇ». بۇ يەردە مەھمۇد كاشىغەرى نېمە ئۈچۈن ئالاھىتەن «مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار»دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ؟ ئۇنداقتا،مۇشۇنىڭ قارشىسىدىكى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلار كىملەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ يەنە تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى:«سەھرا – قىر خەلقلىرىدىن بولغان چومۇللارنىڭ تىلى ئالاھىدە بىر تىل بولۇپ، ئۇلار تۈركچىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. قاي، ياباقۇ، تاتار، باسمىل قەبىلىلىرىمۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭمۇ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس تىلى بار، جۈملىدىن تۈركچىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. قىرغىز، قىپچاق، ئوغۇز، توخسى، ياغما، چىگىل، ئوغراق، چارۇق قەبىلىلىرى بىرلا خىل ساپ تۈركچە تىلدا سۆزلىشىدۇ. يەمەك ۋە باشقىرت تىللىرى ئۇلارغا يېقىن. رۇم ئۆلكىسى يېنىدىكى بۇلغار، سۇۋار، پەچەنەكلەرنىڭ تىللىرى سۆزلەرنىڭ ئاخىرى ئىخچاملاشتۇرۇلغان ئايرىم بىر خىل تۈركچىدۇر. تىللارنىڭ يېنىكى ئوغۇز تىلى، توغرىسى توخسى ۋە ياغما تىللىرى، شۇنىڭدەك ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئېدىل ۋادىلىرىدىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى خەلقنىڭ تىللىرىدۇر.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ پاساھەتلىك تىل خاقانىيەنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ تىلى ھېسابلىنىدۇ. بالاساغۇنلۇقلار سوغدىچە ۋە تۈركچە سۆزلىشىدۇ. تىراز، بەيزا شەھەرلىرىنىڭ خەلقلىرىمۇ شۇنداق. ئىسپىجاپ شەھرىدىن تاكى بالاساغۇنغىچە بولغان پۈتۈن ئارغۇ شەھەرلىرى خەلقلىرىنىڭ تىللىرىدا بۇزۇقلۇق بار، قەشقەردە كەنچەكچە سۆزلىشىدىغان يېزىلار بار. شەھەر ئىچى خەلقى خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ…»(13). بۇ يەردە مەھمۇد كاشىغەرى تىلغا ئالغان «ئەڭ پاساھەتلىك تىل»دا سۆزلىشىدىغان«خاقانىيەنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى خەلق» قايسى خەلق؟   يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلمەك تەس ئەمەسكى،  مۇئەللىپ «دىۋان»دا گەرچە ئۆزىنى ، ئۆزئېلىنى تىلغا ئالغاندا «تۈرك» دەپلا يېزىپ، ئۆز قەبىلىسىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قەبىلىنىڭ  تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەن، ئەڭ زېرەك، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلسى ئىكەنلىكىدىن، ئۇلارنىڭ خاقانىيەنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى خەلق ئىكەنلىكىدىن ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىدىن يۇشۇرۇن بېشارەت بەرگەن. شۇنداقلا ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاردا خاقانىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خەلق ئىكەنلىكىدىن ئېنىق بىشارەت بەرگەن.
   يەنە كېلىپ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى يېزىش مەقسىتى،  تاماملىغان دەۋرى ، شۇنداقلا ئۇنى ئابباسىيلار خەلىپىسىگە تەقدىم قىلىشتىكى ئويىدىن  قارىغاندا، مۇئەللىپ بۇ ئەسىرىنى «تۈرك تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن خۇددى بەيگىگە چۈشكەن ئاتتەك چېپىپ كېتىۋاتقانلىقى» نى نامايان قىلىش، ئابباسىيلارخەلىپىلىكىدە تۈركلەرنىڭ ئورنى ۋە رولىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئەرەبلەرنىڭ تۈرك تىلىنى ئۈگىنىشكە جىددى ئېھتىياجى چۈشۈۋاتقانلىقىنى نەزەرگەئېلىش يۈزىسىدىن يازغان بولۇپ، ئۇ ئەسىرىدە بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ(ئۇيغۇرلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تىللىرىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇھىمى شۇزاماندا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ تۈرك خانلىقلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان خانلىق بولۇش سۈپىتىدە ئىنتايىن كۈچىيىپ بارچە تۈركلەرگە ۋەكىل  بولغۇدەك دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ دەل مۇشۇنداق بىر ۋەكىللىك تۈرك خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى  ئويلىشىپ ، ئەسەر نامىنى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»دەپ قويۇش بىلەن بىللە ئۆز مەنسۇپلىقىنىمۇ  «تۈرك» دېگەن ئومۇمىي نام بىلەن ئىپادىلىگەن .
4. مەھمۇدكاشغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە ئۆزىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىماسلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
    مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋان» دا ئۆزىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن ئويلاشقا بولىدۇ: بىرىنچىدىن ، شۇ زاماندىن ئىلگىرى گەرچە ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى پارچىلىنىپ،  غەربكە ۋە جەنۇپقا كۆچكەن ئورقۇن ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرى كۆچۈپ بارغان يەرلەردىكى قېرىنداش خەلقلەر بىلەن قۇشۇلۇپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى،  قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلارخانلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يىلتىزىنىڭ بىر بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئۈچ خانلىق مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەر سۈپىتىدە ئۆزئارا تىركەشكەن ھەم گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى  بىلەن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىلا «ئۇيغۇر ئېلى» نامى بىلەن ئاتىلىپ باشقا ئەللەرگىمۇ شۇ تەرزدە تۇنۇلغان. شۇڭا مەھمۇد كاشىغەرىمۇ«ئۇيغۇر» نى ئايرىم بىر ئەل سۈپىتىدە تونۇغانلىقتىن ، ئۆزىنى ھەم ئۆز ئېلىنى «ئۇيغۇر»دەپ ئاتىماي، «تۈرك» دەپلا ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن ، شۇ زاماندا ئىسلامغا كىرگەن قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن بۇددا ئېتىقادىدا تۇرۇۋاتقان قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قاتتىق تىركىشىۋاتقانلىقتىن ، جۈملىدىن  قاراخانىيلار خانلىقى ئۆز تەۋەسىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش، بۇددىسىت ئۇدۇن(خوتەن) خانلىقى بىلەن 40 يىلچە ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنىمۇ ئاخىرى ئىسلامغا كىرگۈزۈش جەريانىدا قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقتىن (ھەتتا قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئۇدۇن خانلىقىغا ياردەم بەرگەن) ، شۇنداقلا ئۇلارغا قارشى بىرقانچە نۆۋەت يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنى يېڭەلمىگەنلىكتىن،  ئۆزى بىلەن ئەسلى بىر يىلتىزدىن بولسىمۇ ئۆزىگە خوشنا بۇ كۈچلۈك ئەلنى دىنىي دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن( مەسىلەن، مەھمۇد كاشغەرى «دىۋان» دا مۇنداق يازغان: «ئۇيغۇر ـــ بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار، ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر»، «ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ) ئۈستىگەكەلكۈندەك باردۇق.شەھەرلەرگە باستۇرۇپ كىردۇق. بۇتخانلىرىنى بۇزدۇق. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە چىچتۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى شۇنداق، كاپىرلارنىڭ يۇرتىغا بېسىپ كىرگەندە، ھاقارەتلەش ئۈچۈن بۇتلىرى بېشىغا تەرەت قىلىدۇ» )(14). شۇڭا، مەھمۇد كاشغەرىمۇ ئۆزىنى«ئۇيغۇر » دەپ ئاتىماستىن  «تۈرك» دەپ يازغان بولسا كېرەك.
      ئومۇمەن «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ ئۇمۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، شۇنىڭدىن شۈبھىلىنىشكە بولمايدۇكى، مەھمۇد كاشغەرى ___ ئۇيغۇردۇر،قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغۇچىلار ، قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتى، قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى ئاساسىي خەلقمۇ ئۇيغۇردۇر.


ئىزاھات:
(1) ئەلى غۇپۇر:«قاراخانىيلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات »، ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2007 – يىللىق 1 – سانى.
(2) ياڭ شېڭمىن: « قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998 – يىل 8 – ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(3)فەن ۋېنلەن : «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» 4-قىسىم، خەلق نەشرىياتى 2009 – يىلى 10 -ئاي  ئۇيغۇرچە 1 – نەشرى.
(4) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:«ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 5-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(5)ليۇ زىشياۋ: «ئۇيغۇر تارىخى»، بىرىنچى قىسىم 2 -كىتاب، مىللەتلەر نەشرىياتى 1987-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
(6)(7) ھاجى نۇرھاجى :«قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001 – يىلى 8– ئاي  ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
(8) (9) (10) (11) (12) (13) (14) مەھمۇد كاشىغەرى:«د
http://bbs.bagdax.cn/thread-35560-1-1.html
Share
1726 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.