logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا: ۋالورى ئەپەندىنىڭ „ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر خۇسۇسلار“ ناملىق ماقالىسىغا جاۋاپ

 

hqdefault

 

دولقۇن ئەيسا

ۋالورى ئەپەندىنىڭ „ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر خۇسۇسلار“ ناملىق ماقالىسىغا جاۋاپ

مودەرن دىپلوماتىيە توربەتىدە، گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى ئەپەندىنىڭ كەينى-كەينىدىن بىر قانچە پارچە ماقالىسى ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان “تھە ستراتەگىك ئىسسۇئە ئوف تھە ئۇيغۇر پولىتىكال-مىلىتاري موۋەمەنت” سەرلەۋھىلىك ۋە 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلغان “ ئاددىتىئونال كونسىدەراتىئونس ئون تھە ئۇيغۇر ئىسسۇئە” ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى. چۈنكى بۇ ئىككى پارچە ماقالىدا خىتاي – ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقارادىكى ئورنى ھەقىدە ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلەر ئىنتايىن بىتەرەپلىمىلىك ۋە رىيانلىقتىن ئۇزاق بۇلۇپلا قالماستىن، ماقالىدا مەن ( دولقۇن ئىسا) باش كاتىپلىقىنى ئىشلەپ كېلىۋاتقان د.ۇ.ق. ۋە مېنىڭ شەخسىم ھەققىدە ئىنتايىن خاتا بولغان مەلۇماتلار بىلەن تولغان.

گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى ئەپەندىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ماقالىسىگە، مېنىڭ خىزمەتدىشىم پەتەر ئىرۋىن ئەپەندى، 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، “ۋورلد ئۇيغۇر كوڭرەسس: ئوئۇر پوسىتىئون” ناملىق ماقالىسى بىلەن جاۋاپ بەرىپ، خاتا مەلۇماتلار ھەقىدە چەشەنچە بەرگەن ئىدى.

ئاما گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى ئەپەندى، بىزنىڭ رەدىيەمىزنى ھىچ دىققەتكە ئالمىغان ئاساستا، يەنە جاھىللىق بىلەن بۇرۇنقى كۆزقاراشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا 12-ئاينىڭ 2-كۈندىكى ،ماقالىسىدا پاكىتسىز، ئويدۇرما پىكىرلەرنى بازارغا سالغان. ماقالىدا مېنىڭ شەخسىمگە قارىتىلغان نۇرغۇن، ساختا مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭا مەن جاۋاپ بېرىشنى زورۇر دەپ قارىدىم.

ئاپتورنىڭ ماقالىنىڭ بىرىنچى قۇرىدىلا ئىشلەتكەن سۆزىدىن (خىنجىئاڭ ئىس تھە لەۋەراگە فور چىنا’س فۇتۇرە ستراتەگىك دەستابىلىزاتىئون…) . ئۇنىڭ مەخسەتلىك ھالدا تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇرلارنى قارىلاش مەخسەت قىلغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. پاكىتلارغا تايىنىش، تەرەپسىزلىك بىلەن ئانالىز قىلىش، پىكىر يۇرگۇزۇش ئاندىن خۇلاسە چىقىرىش، ئىلىم ئەھلى ۋە مۇتىخەسىسلەردە بۇلۇشقا تىگىشلىك ئەقەللى تەتقىقات ئەخلاقى ئىدى، ئەپسۇسكى گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى ئەپەندى تەتقىقاتىدا تامامەن بۇ نوختىنى ۋاز كەچكەن.

مەن گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن، بۇ كىشىنىڭ كىملىكى ھەققىدە بىرئاز ئىزدەندىم ۋە بۇنداق پاكىتسىز ماقالىلەرنى يېزىشنىڭ سىرىنى تاپتىم.

گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەنىم، ئۆزى بېجىڭ ئۇنىۋەرسىتي، ھەبرەۋ ئۇنىۋەرسىتي ۋە يەشىۋا ئۇنىۋەرسىتي قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋەرسىتىلەردە پروفېسسورلۇق قىلغان بىر ئىلىمى ئۆتمۈشى بۇلۇش بىلەن بىرگە، ئامما ھازىر خىتاينىڭ خۇاۋېىي شىركىتىنىڭ ئىتالىيەدىكى شەرەپ رەئىسى ۋە چىنەسە گىئانت ھنا شىركىتىنىڭ مەسلەھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپى ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. بۇ ئىككى شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقارا ئىختىسادى ساھەسىدە تەمسىل قىلۋاتقان، ھۆكۈمەتنىڭ پروجەلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۋاتقان شىركەت بولغانلىقى ئۇچۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسى ئارقا كۆرۈنىشى بولغان شىركەتلەر. گىئانكارلو ئەپەندىنىڭ بۇ شىركەتلەردە يۇقۇرى مۇئاش بىلەن پەخرى رەسى ۋە مەسلىھەتچى پوزىسىيونۇدا تۇرۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىلىق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بۇلۇشتەك پۇنكىسىيەسىنى ئېلىپ بېرىشىمۇ ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەمەس، بەلكىم ئىككى شىركەتتىكى، ئېنىقراق ئېيتساق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن ماددى مەنپەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى ئېنىق. ئەگەر گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەندى ئوزنىڭ مۇتەخەسسىسلىك ئالاھىدىلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى مەيدانى بويۇنچە جارى قىلدۇرمىغان ئەھۋالدا، ئۇ ئىككى شىركەتتىكى ئورنى ۋە ماددى مەنپەئىتىدىن مەھرۇم قېلىشى ئىنىق.

بۇندىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى خىتايىنىڭ داڭلىق ئۇنىۋەرسىتىتلىردە دەرس بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزىز مېھمان قاتارىدا تەكلىپ قىلىشى بىلەن، خىتايدا تەتقىقاتلار ئەلىپ بارغان بىر قىسىم داڭلىق پروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار، كىيىنكى ۋاقىتلاردا خىتايغا كىرىشى چەكلەندى. مەسىلەن؛ ھاۋائى ئۇنىۋەرسىتىنىڭ پروف. در. درۇ گلاندەي، ۋاشىڭتون-گەئورگەتوۋن ئۇنىۋەرسىتىنىڭ پروف. در. سەئان روبەرت، ھائىفا ئۇنىۋەرسىتىنىڭ پروف.در يىتزھاك سچىچور، ئىندىئا ئۇنىۋەرسىتىنىڭ پروف.در. ئەللىئوت سپەرلىڭ، گەرمانىيەئىلىك در. تھوماس ۋەيرائۇچ، قاتارلىقلار ئۆز ۋاختىدا خىتايدا تەتقىقاتلار ئەلىپ بارغان بولسىمۇ، ئاما ئوز تەتقىقاتىدا ھەقىقەتنى، پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، تەرەپسىز تەتقىقات ئەلىپ بارغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشنى ئۆزنىڭ ئىلمى ئەخلاقىغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە مائاشلىق خىزمەتچى بولۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۇچۇن، خىتاي بۇگۇن قارا لىستىگە ئېلىپ، خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن.

شۇڭا گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەندىنىڭ يۇقارى ماقالىلىرىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس تاپشۇرۇقى بىلەن يېزىلغانلىقى، خىتاينى خوش قىلىش، ئوزنىڭ ماددى مەنپەتنى قوغداش مەخسەت قىلغانلىقى ئېنىق. ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم پاكىتلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ مەلۇماتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىگى چىقىپ تۇرىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئامما ھىچ بىر ئاساس، پاكىتى بولمىغان ئۇچۇرلارنى، گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەندى ماقالىسىدا پاكىت قىلىپ ئىشلەتكەن.

مەن ماقالىنىڭ پەقەت د.ۇ.ق ۋە ماڭا ئائىت قىسمىدىكى بەزى نوختىلارغا چەشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنى ئۇيغۇن كوردۇم. چۇنكى بۇلارنىڭ ئۆزىلا، گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەندىنىڭ يازغانلىرىنىڭ پاكىتسىز ۋە خاتا مەلۇماتلار بىلەن تولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە يېتىدۇ.
گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەندى ماقالىسىدا، “تھىس ئىس تھە كاسە ئوف تھە ۋورلد ئۇيغۇر كوڭرەسس (ۋۇك)، ۋھىچ ئىس باسەد ئىن مۇنىچ. ۋە كاننوت ئۇندەرستاند ۋھي تھە فەدەرال رەپۇبلىك ئوف گەرماني ھوستس تھىس ئورگانىزاتىئون.” دەپ يازىدۇ. بۇ جۇملىلەردىن ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىنى قانچىلىك بېسىم ئاستىدا يازغانلىقىنى كورۇش مۇمكىن. ھەتتا ئاپتور ئۆزى ئىتالىيىدە، دېموكراتىك بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئامما دېموكراتىك دۆلەتلەردە قانۇنلۇق تەشكىلاتنىڭ، قانۇن بويۇنچە قوغدىلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە مەۋجۇت قانۇنلار بويۇنچە بېرىلگەن ھەق-ھوقۇق ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان. خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەردە، يۈز بېرىدىغان، سىياسى قارار ۋە زورلۇق كۇچ بىلەن تەشكىلاتلارنى تاقىۋېتىش ئۇسۇلىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتكەن. بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئاشكارا ئىلتىماسى ئىدى.

د.ۇ.ق، 2004-يىلى گېرمانىيە قانۇنلىرى بىلەن قۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دەموكىراتىيەسى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھۇقۇقى ئۇچۇن، تىنچلىق يوللىرى بىلەن كۆرەش قىلىدىغان، ھەر تۇلرلۇك شىدەتەك قارشى بولغان بىر تەشكىلات. دۇق بارلىق پائالىيەتلىرى ئۇچۇق-ئاشكارا بۇلۇپ، گېرمانىيە دائىرلىرىنىڭ كۆزىتىشى دائىرىسدە. بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ گېرمانىيىدە مەۋجۇت بۇلىشىدىن ئىنتايىن تەبىئي بىر ھادىسە ئىكەن، ئامما گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەندى چۈشىنەلمەي قالغان.

گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەندى ماقلىسىدا “تھە ۋۇك ئىس نوۋ لەد بي ئا گەرمان كىتىزەن، دولقۇن ئىسا، ئان ئۇيغۇر رەسىدەنت ئىن ئاكەسۇ، ئىن تھە كەپىڭ دىسترىكت ئوف خىنجىئاڭ، ئەۋەن تھوئۇغ ۋە دو نوت كنوۋ ۋھەتھەر تھىس ئىس ستىلل تھە كاسە.” دەپ يازغان. ئامما بۇ جۇملە بىلەن نىمە دىمەكچى بولغىنى چۇشۇنۇش قىيىن. مېنىڭ ھەققىمدە ئۇ قەدەر “مەخپى” مەلۇماتقا ئىگە بولغان بىر كىشى، بۇگۇن نەدە ئىكەنلىگىمدەك ئېنىق ۋە ئاددى مەلۇماتلارنى بىلمەسلىكى كىشنى كۈلدۈرىدۇ. ئەگەر گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەندى بىرئاز ئىزدەنسە، ھىچ بولمىسا مېنىڭ فاسسبۇك ياكى تۋىتتەر ئادرەسىلىرىمگە 5 مىنۇت قاراپ چىقسا، بۇ خاتالىقنى سادىر قىلمىغان بۇلاتتى.
گىئانكارلو ئەلىئا ئەپەندى مېنىڭ ھەققىمدە يەنە “بەسىدەس بەئىڭ ۋۇك سەكرەتاري، ھە ئىس ئالسو ۋىكە-پرەسىدەنت ئاند كو-فوئۇندەر ئوف تھە ئەئاست تۇركەستان لىبەراتىئون ئورگانىزاتىئون (ئەتلو)، فوئۇندەد ئىن ئىستانبۇل ئىن 1996، ئالتھوئۇغ تھە ئورگانىزاتىئون ھاس ئالسو ئوففىكەس ئىن كيرگيزستان، كازاكھستان ئاند ئۇزبەكىستان، تھە ئارەئاس فروم ۋھىچ تھە ئانتى-چىنەسە گۇئەررىللا ۋارفارە ئىس سۇپپوسەد تو بە دەۋەلوپەد سو ئاس تو سلوۋ دوۋن ئاند تھەن ستوپ تھە ”سىلك روئاد“.” دەپ يازىدۇ.
بۇ پىكىرمۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرغا قويۇپ كەلگەن ئاما ھىچ پاكىت كورسىتپ باقمىغان بايانىنىڭ تەكرارلىنىشىدۇ.

مەن ئەئاست تۇركەستان لىبەراتىئون ئورگانىزاتىئون (ئەتلو) ناملىق بىر تەشكىلاتنىڭ ئىسىمنى تۇنجى قېتىم 2003-يىلى 12-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باياناتتىن، مەتبۇئاتىتن بىلگەن، ئۇنداق بىر تەشكىلاتنى بۇرۇن ئاڭلاپمۇ باقمىغان. ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان، بار-يولغانلىقىمۇ ئېنىق بولمىغان بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى بۇلۇپ قالغىنىم تولىمۇ كۈلكىلىك ۋە ھەيران قالارلىق ئىش. ئۇنىڭ ئۇسىتىگە ئاپتور بۇ تەشكىلاتنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۇزبەكىستانلاردا ئىشخانا ئاچقانلىقىنى بايان قىلىغان. 1995-يىلى شائىنھا 5 دەپ باشلانغان، 1996-يىلى شائىن ھائى ھەمكارلىق (سكو) تەشكىلاتى ئىسمى بىلەن رەسىمى قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ئاسيا دولەتلىرىدە نورمال سىياسى ۋە مەدىنيىئەت پائاليىئەتلىرى ئەلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ تاقالغان، ھىچ قانداق سىياسى پائاليىئەتلەرگە رۇخسەت قىلماي كەلگەن بىر شارايىتا، ئەتلو نىڭ ئىشخانا ئېچىپ، قۇراللىق ھەركەت قىلىشقا يول قويۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئاپتور بۇ ھەقتە قىلچىمۇ ئىزدەنمىگەن.

ئاپتور مېنىڭ، 1996-يىلى 11-ئايدا گېرمانىيىنىڭ مۇيىنخەن شەھىرىدە قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى بولغىنىمنى، خاتا ھالدا 1996-يىلى ئىستانبىئۇلدا قۇرۇلغان ئەتلو نىڭ قۇرغىچىسى ۋە مۇئاۋىن رەسى دەپ ئارلاشتۇرۇپ قويغان.

ئاپتور يەنە مېنى “ نېپالغا ئىككى نەپەر مىللىتانى ئەۋەتىپ، مەشق كامپى قۇرۇشقا ھەركەت قىلغانلىقىم، نۇرغۇن پۇل بىلەن ئۇئالرنى تەمىنلىگەنلىگىم..” نى يازغان. ئەپسۇسكى ئاپتور پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ھېچقانداق ئاساسىز، پاكىتسىز ئۇچۇرلىرىنى قىلچىمۇ ئانالىز قىلماي، ئازراقمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارماستىن ئۆز پېتىچە ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر مەنبە ياكى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ نېپالدا ياكى جەنۇبى ئاسيادا بازا قۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلىنغىنى يوق، ئۇنداق بىر ئەھۋالمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۇستىگە نېپالدا؛ ئوتتۇرا ئاسيادىكىدەك يەرلىك ئۇيغۇرلار ياكى مۇلتىجى بۇلۇپ چىققان ئۇيغۇر جامائەتىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى كىشى بىلەن كامپ قۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ قۇرغان تەقدىردىمۇ بۇ كامدا كىمنى تەربىلەش مۇمكىن؟

مېنىڭ ناھايىتى زور مىقداردا ماددى ياردەم ئەۋەتكەنلىگىمى يازىدۇ، ئەپسۇسكى مەن 2000-يىللاردا گېرمانىيىدە بىر تەرەپتىن ئۇقۇپ، يەن ئەبىر تەرەپتىن كۇندىلىك ھاياتىمنى، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۇچۇن ئىشتىن سىرتىق ۋاقىتا تاماق تۇشۇپ ھاياتىمنى قامداۋاتقان بىرسى ئىدىم. ئەگەر مەندە ئۇقەدەر ماددى ئىمكان بولغان بولسا، ئەلۋەتە مەكتەپتىن كىيىن، يېرىم كېچىگىچە، ھەپتە ئاخىرلىرى پىززا تۇشۇپ يۇرمىگەن بۇلاتىم. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كەرەكى، پىززا توشۇپ تاپقان پۇل بىلەن مەشق كامپى ئەچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئاپتور يەنە ماقالىسىدا، “ دولقۇن ئىسا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە، گېرمانىيىگە بېسىم قىلىپ ئۇيغۇر مىللىتانلىرىنى، گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنى مۇھاجىر قىلىپ ئەلسىھقا مەجبۇرلىغان…” دەپ يازىدۇ. ئاپتور مېنىڭ تەسى كۈچۈمنى ھەدىدىن زىيادە مۆلچەرلەپ، ھەتتا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلالايدىغان بىر كىشى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان. ئەپسۇسكى ئاپتور ئۇزى بىر ياشاۋاتقان ياۋرۇپادا ئىشلارنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغانلىقى، شەخسى نۇفۇس ياكى بېسىمنىڭ كار كەلمەيدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش بىلەن بىرگە، مېنىڭ ئاددى بىر پائالىيەتچى ئىكەنلىگىم، تەسىر دائىرەم ۋە ئالاقە تورۇمنىڭمۇ ئىنتايىن چەلكىك بىرسى ئىكەنلىگىنى مۆلچەرلىيەلمەي قالغان. بەلكىم ئاپتور بۇلارنى بۇلىدۇ، ئاما خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە شۇنداق بولغانلىقتىن، ئامالسىز ئۇزى بېسىم ئاستىدا قالغان بولسا كېرەك.

گۇئانتانوموگاھ سولانغان 22 ئۇيغۇر، 2001-يىلى ئامەرىكا ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا، پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، پاكىستانلىقلار تەرىپىدىن ھەر بىرى 5000$ غا ئامېرىكىغا سېتىپ بېرىلگەن، بىگۇناھ كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ تەررورىسىم بىلەن ئالاقىسى يوق، گۇناھسىز ئىنسانلار ئىكەنلىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈشلەردىن كىيىن، ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن گۇناھسىز دەپ قارار چىقىرىلدى. ئۇلارنى 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئامەرىكادەك كۈچلۈك بىر دۆلەت كوپ دۆلەتلەر بىلەن سۆزلەشتى، ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇن ئىلگىرى –كېيىن بۇلۇپ 4-5 يىل ۋاقىت كەتى. كوپ قىيىنچىلقىلارگاھ دۇچ كەلدى. ئامەرىكىدەك بىر كۈچلۈك دۆلەت شۇنچە قىلالىغان، دۆلەتلەرگە بېسىم قىلالمىغان ئەھۋالدا، مېنىڭ دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىشىم، تولىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا، مېنىڭ ھەقىمدە يەنە بىر يالغاننى زورلاپ قىستۇرۇپ قويغان. مەنى يېقىندا يەنى 11-ئاينىڭ بەشىدا فرانسىيە- پارىژغا، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىتالىيە- مىلانغا زىيارەت قىلىپ، پائالىيەت ئەلىپ بارغانلىقىمنى يازغان. مېنىڭ ساياھەت ئەركىنلىگىم ۋە پائالىيەت دائىرەم ياۋرۇپادا بىر چەكلىمىگە ئۇچرىغىنى يوق. ئاما مەن 11-ئايدا فرانسىيە-پارىسقا، ياكى ئىلالىيە-مىلانغا سەپەر قىلغان ئەمەس. مەن 11-ئايدا جەنۋەدە بدت نىڭ يىغىنىغا قاتناشتىم. مەن دۇنيانىڭ كوپ جايلىرىغا باردىم، ئاما تېخى مىلانغا بېرىشقا پۇرسىتى بوپ باقمىدى. مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى فرانسىيە سەپىرىم 7-ئايدىكى دۇق نىڭ ئۇمۇمىي قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ئىدى. دېمەك ئاپتور، مۇشۇنچىلىك ئاددى ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلمىغان، ئەگەر مېنىڭ فاسبۇك بەتىمنى زىيارەت قىلغان بولسىلا مېنىڭ 11-ئايدا قەيەردە بولغانلىقىمنى ئۇچۇق كۆرەلىگەن بۇلاتتى، بۇنداق يالغان سۆزلەپ، كۈلكىلىك ۋەزىيەتكە چوشۇپ قالمىغان بۇلاتتى. ئاپتورنىڭ نىمسىقھا بۇنداق يانغانلارنى كورۇتۇپ چىقىشقا مەجبۇر بوپ قالغانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن.

ئاپتور ماقالىسىدا يەنە، يالغۇز دۇق ۋە مېنىڭ ھەققىدە يالغان، ئىشەنچىسىز مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا ۋە تۈركىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەر ھەقىدىمۇ پاكىتسىز ۋە ئادالەتسىز قارلاشلاردا بولغان. بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى. غەرب دەموكىراتسىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممەت قارىشى، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتۇر. شۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ھەق-ھوقۇقى بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، خىتايدەك دىكتاتور دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، خەلقارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشقا بېسىم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

ئاپتور، ماقالىسىدا بىر-قاتار توغرا ئۇچۇرلارنىمۇ بەرگەن، مەسىلەن؛ “خىنجىئاڭ ئاككوئۇنتس فور 40% ئوف چىنا’س كوئال، 22% ئوف ئوئىل ئاند 20% ئوف ناتۇرال گاس رەسەرۋەس.تھەرە ئارە 17 ئارەئاس ئوف ئوئىل ئاند ناتۇرال گاس ئەختراكتىئون ئىن خىنجىئاڭ. ئاند ئىن كارامائى، بەسىدەس ئوئىل، تھەرە ئىس ئا لارگە ئاموئۇنت ئوف كوئال، سىلۋەر، كوپپەر، نىتراتەس، گولد ئاند زىنك…” بۇلار ھەقىقەت. ئاما ئاپتور بۇ ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بۇ بايلىقلارنىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىختىسادى جەھەتىن قانداق ئايرىمچىلقىلارغا دۇچ كېلىۋاتقىنىنى، بۇنچە مول بايلىققا ئىگە بولغان رايوننىڭ يەرلىك خەلقنىڭ دۇنيادا ئەڭ نامرات ھالدا، كەمبەغەلىك سىنىپنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئېغىزغىمۇ ئەلىپ قويمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەل بۇ خىل ئايرىمچلىقى، ئىختىسادى جەھەتتىكى ئەكەسپولاتسىيە، سۈمۈرگىچىلىگى، سىياسى ۋە دىنىي جەھەتتىكى بېسىم، تىل-مەدىنيىئەت جەھەتە چەتكە قەقىشى شەرقىي تۇركسىتان يۈز بەرۋاتقان نارازلىق ھەركەتلىرىنىڭ، ۋە پات-پات ئوتۇرغا چىقان شىددەت ۋەقەلىرىنىڭ تۈم نېگىزى ئىدى. ئاما ئاپتور بۇ ھەقتە، ئىككى ئېغىزمۇ ئادىل پىكىر بايان قىلمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ئەلىپ بېرىۋاتقان ئايرىمچىلىق سىياسىتى، كىشىلىك ھوقۇق بەسىملىرى ھەققىدە خەلقارا مەتبۇئاتلاردا يۈزلىگەن ماقالە، ئىلمى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. خەلقارا كەچرۇم تەشكىلاتى، كىھسلىك ھوقۇقنى كۇزىتىش تەشكىلاتىغا ئوخساش ئونلىغان كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەخسۇس دوكلاتلىرى بار. ئەپسۇسكى گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى ئەپەندىڭ بۇلاردىن قىلچىمۇ سوز قىلمىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئاپتورنىڭ بۇلاردىن خەۋەرسىز بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس.

خۇلاسە قىلغاندا، گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى ئەپەندىنىڭ نىيىتىنى سەمىمى دىيىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ماقالىسى رىيانلىقتىن تامامەن چەنلىگەن بۇلۇپ، پەقەت ئوزىنىڭ خىتاي شىركىتىدىكى ئورنى ساقلاپ قەلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدىيەسىگە ئەرىشىش، ماددى مەنپەئىتى ئۇچۇن، ئۇزىنىڭ بىر ئىلىم ئەھلى بولغانلىقىنى تامامەن ئۇنتۇپ، ۋىجدانىنى، ھەقىقەتنى قۇربان قىلىشتىن چەكىنمىگەن.

شىجىڭپىڭ ھوقۇقنى قولىغا ئالغان 3 يىلدىن بۇيان، يالغۇز ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق قوقۇقى جەھەتتە ئىنتايىن ناچارلىشىش بولۇپلا قالماستىن، خىتاي خەلقىنىڭ ئۈستىدىكى بېسىم ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتى. خىتاي خەلقى ھازىر شجىڭپىنىڭ 2-قېتىملىق مەدەنىيەت ئىنقىلابى قوزغاۋاتقالىقىنى ئېيتىپ، شىكايەت قىلىشماقتا. ئەتكەن ئىككى يىل ئىچىدە بىر قانچە يۇز كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، مۇخبىرلار، تور باشقۇرغۇچىلار تۇتقۇن قىلىندى.

گىئانكارلو ئەلىئا ۋالورى ئەپەندى، قەلەم تەۋرەتكەندە، ھىچ بولىمىسا خىتايدا مەۋجۇت بۇلۇۋاتقان ۋە دۇنياغا ئاشكارا بولۇنۇپ بولغان رىيانلىقلارغا قىسمەن بولسىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا يالغان پاكىتلار نىلەن تېخىمۇ كۈلكىلىك بىر ئەھۋالغا چوشۇپ قېلىشتىن قۇتۇلالماي قالىدۇ.

مەن ئاخىردا، خەلقارا جەمئىيەتنى ۋە ۋالورى ئەپەندى، ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئايرىمچىلىق سىياسىتىگە قارىتا ئادىل مۇلاھىزە يۇرگۇزۇشكە چاقىرىمەن.

يىل-2016- 12-ئاينىڭ 9-كۈنى

Share
1676 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.