logo

trugen jacn

خۇئەنگاڭ دوكلاتى: ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى

 

 

مەزكۈر ئەسەر خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ ئادەتتىكى يازمىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئۇلۇسى كىملىكىنى مەجبۇري قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاسمىلاتسىيە قىلىش تەس بولىۋاتقان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسمىلاتسىيە قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدېنىش ئارقىلىق روياپقا چىققان، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى خىتاي ھاكېمىيىتىگە سۇنۇلغان تەكلىپ بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي كىملىكىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە باشقا كىملىكلەردىن مىللەتلەرنى ۋاز كەچتۈرۈش ھادىسىسى ئۇيغۇرلاردا دەسلەپ يۈز بەردى. جازا كامپلىرىغا قاماپ، ئاتالمىش تېرورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كاللا يۇيۇش ۋە قايتا تەربىيىلەشنىڭ كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يۇيۇپ تازىلاش ۋە خىتاي ئۇلۇسى كىملىكىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشتەك رەزىل مەقسەتلەر يوشۇرۇنغانلىقى ئاشكارە بولىۋاتقان دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانماقتا ….مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ نەزىريېۋىي ئاساسى بولغان بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلاندى.

 

خۇئەنگاڭ دوكلاتى: ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى: مىللەتلەرنىڭ

قوشۇلۇپ (شالغۇتلىشىپ) بىر گەۋدە بولۇشى ۋە گۈللىنىپ

بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

 

خۇئەنگاڭ

 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن بىلمەسجان

 

مىللەتلەر مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا دۆلەتنىڭ بىرلىكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈپ مەسىلە. مانا بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش ۋە قوشۇلۇش تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، خەلقئارادىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردىن ئۈلگە ئېلىش ۋە مەغلۇبىيەتلەردىن يېتەرلىك ئىبرەت ئېلىشقا ماھىر بولۇش، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلاشقان ھالدا بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىنى  ئىككىنچى ئەۋلادقا ئۆزگەرتىش لازىم، يەنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەر تەرەپلەردىن دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇش، پۇقرالارنىڭ ئېتنىك ئېڭىنى ۋە 56 مىللەت ئۇقۇمىنى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىملىك ئېڭىنى ۋە كىملىك سالاھىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىنى ھەقىقىي تۈردە ئالغا سۈرۈش، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ گۈللىنىپ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا ئۇلۇسى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.

مىللەتلەر مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا دۆلەتنىڭ بىرلىكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈپ مەسىلە. ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ھوقۇق ئېڭىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم راۋاجلىنىشى، مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ بىر خىل ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە سەپەرۋەرلىككە كېلىشى ۋە تەرتىپكە سېلىش رولىنىڭ كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، مىللىي ئاڭ بەزىبىر گۇرۇپپىلاردا تېز تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، مىللىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كۈندىن-كۈنگە روشەنلىشىپ، بەزى رايونلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى يۈزلەنگەن كۈرەش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تىنچلىقىنى قوغداش مەسىلىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈش، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا توغرا ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز زۆرۈر بولغان پەۋقۇلئاددە تەخىرىسىز، پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىگە ئايلاندى.

2010- يىلى يانىۋار ۋە مايدا ئايرىم-ئايرىم ئېچىلغان مەركەزنىڭ بەشىنچى قېتىملىق شىزاڭ خىزمەت يىغىنى ۋە شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى، «مىلللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، پىكىرلىشىشى، قوشۇلۇشى» نى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى پرىنسىپى ۋە تەلەپلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، [③] بۇ دۆلىتىمىز مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ بىرىنچى ئەۋلادتىن ئىككىنچى ئەۋلادقا ئۆزگىرىشىنىڭ ئالامىتى (بەلگىسى) بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا ئۇلۇسى ئائىلىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك بولغان نەزەرىيىۋى يوليورۇق ۋە ئىدىيىۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى.

بىز قانداق قىلغاندا دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىش، تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىرلىشىش، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولغان جۇڭخۇا مىللىتى بولالايمىز؟

 

بىرىنچى، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئۇلۇسى سالاھىيىتىنى بەرپا قىلىش ۋە كۈچەيتىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش

سىياسەتشۇناسلىق پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى بىر تەرەپتىن سالاھىيەتكە، يەنە بىر تەرەپتىن مەجبۇرىلاشقا تايىنىدىغان بولۇپ، بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. مەجبۇرىلاش ئاساسلىقى ساقچى، سوت، تۈرمە، ئارمىيە قاتارلىق دۆلەتنىڭ مەجبۇرىلاش ئاپپاراتلىرىغا تايىنىدىغان بولۇپ، ھازىرقى جەمئىيەتتە قانۇن دۆلەتنىڭ مەجبۇرلۇق يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسلىق قورالىغا ئايلانماقتا. سالاھىيەت بولسا ئاڭلىق ھالدىكى كىملىك سالاھىيىتى ۋە پىسىخىكىلىق سالاھىيەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ۋە جەمئىيەت ئۆلچىمىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى قىلىپ ئۆزلەشتۈرىدىغان ئاڭلىق رەۋشتىكى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدۇر. سالاھىيەت مەجبۇرىلاشتىن تېخىمۇ مۇھىم، مەجبۇرىلاش ئاپپاراتلىرىنى قوللىنىشمۇ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى سالاھىيەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، گەرچە سالاھىيەت (ئەلۋەتتە مەجبۇرىلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بەلگىلىك ماددىي ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلۇشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما سالاھىيەت ماددىي ئاساستىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، سالاھىيەت مەسىلىسى ھەل قىلىنسا (بولۇپمۇ تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولسا)، ئاندىن دۆلەت ئۇزۇن مۇددەت تىنچلىققا ئىگە بولىدۇ. [④]

سالاھىيەتنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئۇلۇسى سالاھىيىتى (National Identity، «ئۇلۇس دۆلىتى سالاھىيىتى»، «دۆلەت سالاھىيىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.) ھازىرقى زامان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئاساسلىق سالاھىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، ۋەتەنپەرۋەرلىك بولسا دۆلەتكە بولغان ئەڭ تەبىئىي ئاددىي ھېسسىيات بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئۇلۇسى سالاھىيىتىنىڭ بەزىبىر دەسلەپكى تەركىبلىرىگە ئىگە. «ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بىز ئۆسۈپ يېتىلگەن، تەلىم-تەربىيە ئالغان، ھەمدە داۋاملىق قوغىدىشى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن ھۆكۈمەت ياكى دۆلەت بولسا بىزنىڭ ياخشى ھەرىكىتىمىز ياكى يامان ھەرىكىتىمىزنىڭ بەختلىك بولۇش ياكى بەختسىز بولۇشىغا زور تەسىرى بولغان ئەڭ چوڭ كوللىكتىپتۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بار بولغاندىن تارتىپلا بىزنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىمىزغا ئېرىشىدۇ. ئادەتتە بۇ كوللىكتىپنىڭ ئىچىدە ئۆزىمىزلا ئەمەس، بەلكى بىزگە ئەڭ ياخشى ھېس-تۇيغۇ بېرىدىغان بارلىق ئوبيېكتلار – بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز، ئاتا-ئانىمىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز، دوستلىرىمىز، شەپقەتچىلىرىمىز، بىز تەبىئىي ھالدا چوڭقۇر سۆيۈدىغان ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق ئادەملەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكى ئازدۇر-كۆپتۇر بۇ كوللىكتىپنىڭ گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە باغلىق بولىدۇ. شۇڭا بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپلا بۇ كوللىكتىپنى سۆيىمىز.» [⑤]. «دەل بىزنىڭ بۇ كوللىكتىپ بىلەن مۇشۇنداق مۇناسىۋىتىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ گۈللىنىشى ۋە شان-شەرىپى بىزگىمۇ شەرەپ كەلتۈرگەندەك تۇيۇلىدۇ. بىز ئۇنى باشقا ئوخشاش تۈردىكى كوللىكتىپ بىلەن سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا، بىز ئۇنىڭدا بار بولغان ئەۋزەللىكلىرى تۈپەيلىدىن پەخىرلىنىمىز، ئەكسىچە ئۇ بەزى جەھەتلەردىن ئوخشاش تۈردىكى باشقا كوللىكتىپلارغا يېتەلمىگەندە، ھاقارەت ھېس قىلىمىز.»[⑥]. ئەمما چوقۇم شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، بىر ئادەمنىڭ ئاددىي ھالدىكى ۋەتەنپەرۋەلىك ئىدىيىسىنىڭ بولۇشى ھەرگىزمۇ ئاللىقاچان دۆلەت (دۆلەت ئۇلۇسى) سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. قەتئىي قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنيا تارىخىدا، ئىنسانىيەت پەقەت يېقىنقى دەۋردە ئۇلۇس دۆلىتىنى قۇرغاندىن بۇيان ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى دۆلەت (دۆلەت ئۇلۇسى) سالاھىيىتى بار بولغان، مانا بۇ ئۇلۇس دۆلىتى سالاھىيىتىدۇر. ئۇلۇس دۆلىتى قۇرۇشتىن بۇرۇن، كىشىلەرنى دۆلەتكە سادىق بولدى دېگەندىن كۆرە، پادىشاھقا ياكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىغا سادىق بولدى، دېگەن ياخشىراق ئىدى. قۇللۇق جەمئىيەتتە ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتە، دۆلەتلەرنى ئۇلۇس دۆلىتى دېگىلى بولمايتتى، كىشىلەرنىڭ دۆلەتكە بولغان سالاھىيىتى پەقەت ئاددىي ھالدىكى ھېسسىياتى ئىدى. بولۇپمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن بېقىندى خەلق كۆپىنچە ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىگە، ئۇرۇقداشلىرىغا ۋە يەرلىك ھاكىمىيەتكە سادىق بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە كۆپىنچە ھالەتتە ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتىكى سادىقلىقنى كۆرسىتەتتى. يېقىنقى دەۋردىكى ئۇلۇس دۆلىتى پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەن جەرياندا، ئۇلۇس دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەمەلىيەتتە «مەدەنىيەتتىن سىياسەتكە ئۆتۈش» جەريانى ئەمەس، بەلكى «سىياسەتتىن مەدەنىيەتكە ئۆتۈش» جەريانىدۇر. يېقىنقى زامان ئۇلۇس دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «ئۇلۇس» كەڭ مەنىگە ئىگە بولدى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىشلەتكەندە، شەخسنىڭ تۇغۇلغان يېرى ياكى كېلىش مەنبەسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، دۆلەت پاسپورتى بولغان پۇقرالىق كىملىكى ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇمۇ بىر خىل يېڭى مەدەنىيەت سالاھىيىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، بىر ئادەمدە بار بولغان كونا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئورنىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇپ كېتىشى مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت، ئامېرىكىدا تېخىمۇ شۇنداق.» [⑦]. بىراق شەرقىي ياۋروپا ۋە باشقا رايونلاردا «›مىللەت‹ يەنىلا شۇ بۇرۇنقى ئۇقۇم بويىچە بولۇپ، مەلۇم بىر مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان مۇئەييەن ئېتىنىك گۇرۇپپىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما مىللەتنىڭ سىياسىي ئورنى يەنىلا ئۆزگەرمىگەن.»؛ «بۇ ئېتنىكلارنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەشتە جايى، تىلى ۋە دىنىنى ئاساس قىلىدۇ. پولشادا ھېچقانداق بىر يەھۇدى ›دۆلەت تەۋەلىكى‹ بولغانلىقى سەۋەبىدىن پولەك بولۇپ قالمايدۇ؛ رۇسىيەدە ھېچقانداق بىر ئۇكرائىن، گرۇزىن، تاتار ياكى گېرمان ›رۇس‹ بولالمايدۇ.» [⑧]؛ ئوسمان ئىمپېرىيىسىدە «ھەر قايسى ئېتنىكلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئىدارە قىلىش (地方分治)ھوقۇقى بولۇپ، نۇقۇل ھالدا ئىچكى مەسىلىگە تەۋە بولغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ئىنتايىن چوڭ بولغان ئەدىلىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلەيدۇ… بۇ خىل ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرىدىغان ›دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت‹ ئاخىرقى ھېسابتا ھەر قايسىسىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكىنى ھاسىلىلاپ چىقىپ، بىر قېرىپ كاردىن چىققان ئىمپېرىيەنى چاك-چېكىدىن بۆسۈلدۈرىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسىسى بۆلۈنۈپ چىقىپ يېڭىدىن دۆلەت بولۇپ شەكىللەندى.» [⑨]. شۇ سەۋەبتىن، شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، «ئۇلۇس دۆلىتى» نىڭ «دۆلەت ئۇلۇسى (ئۇلۇس)» بىلەن «دۆلەت» نى بىردەكلەشتۈرۈشتەك ئوبيېكتىپ تەرققىيات يۈزلىنىشىگە گە ماسلىشىش ياكى ماسلىشالماسلىق، خەلقنىڭ بۇرۇن قايسى مىللەتتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئايرىمايدىغان، ئورتاق دۆلەت ئۇلۇسى (ئۇلۇس، ئۇلۇس دۆلىتى) سالاھىيىتىنى قۇرۇپ چىقىش، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىدۇر. «ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇس سالاھىيىتىنى ياساپ چىقىشتا، ›دۆلەت‹ نىڭ سىياسىيلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە باشقىنى چەتكە قاقىدۇ.»؛ «ئەگەر ›ئۇلۇس تەۋەلىك تۇيغۇسى‹  كىشىلىك قەدىر-قىممەتنىڭ پاناھ جايى بولسا، ئۇنداقتا بىر ئېتىنىكنىڭ دۆلەت شەكلىگە ئىگە بولۇشى بۇ خىل تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋاقتىدۇر. بۇ دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملىشالايدىغان سىياسى تەشكىل دۆلەتتۇر.» [⑩]

تارىخقا قارىساقمۇ، ياكى ھازىرقى رېئاللىققا قارىساقمۇ، خەلقنىڭ ئۇلۇس دۆلەت سالاھىيىتىنى قۇرۇپ چىقىش بولسا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ۋە ئۇيۇشقاقلىقىنى كۈچەيتىش، ھازىرقى زامان دۆلەتلىرى جەمئىيەتنى باشقۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىچكى ماھىيەتلىك تەلىپىدۇر. «ئەگەر دۆلەت شەخس كىملىكىنىڭ داۋاملىشىشى ياكى كېلىش مەنبەسى بولالىسا، ئۇنداقتا دۆلەت ھاكىمىيىتى تەبىئىي ھالدا قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭا دۆلەت ئۇلۇسنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى خەلق (国民) دەپ قارايدىغان ئاشۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن دۆلەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى پەرقلەندۈرمەي قارايدۇ.» [11]. ھازىرقى زامان دۆلەتلىرى باشقۇرىشىدا بولىۋاتقان شەخسنىڭ ئۈستىدىكى ئالاھىدە ۋە زور ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەلەپ، مەسىلەن باج، شەخسىي ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە قارشى تۇرماسلىق تەلىپى قاتارلىق جەھەتلەردىن بېسىم چۈشۈرۈپلا قالماستىن (قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپلا قالماستىن)، «دۆلەت يەنە ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرى ئارقىلىق باشقا بارلىق كىشىلەر ئۈستىدىن كوللىكتىپلىق ئاڭنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنى مىللەت (民族) كىملىكىنى تەلەپ قىلىدۇ.» [12]. «بەلگە ۋە تۈزۈم ئارقىلىق دۆلەت ئاللىقاچان جەمئىيەتنىڭ قايتا قۇرۇپ چىقىش مەركىزى بولۇپ قالدى.» [13]. «ھازىرقى زامان ئۇلۇس دۆلەتلىرى تىل سىياسىتى، مۇنتىزىم مائارىپى، كوللىكتىپ مۇراسىم ۋە ئاممىۋىي مېدىيالار ئارقىلىق پۇقرالارنى تەرتىپكە سالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەتكە بولغان ساداقىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.» [14]. شۈبھىسىزكى، ھەر قانداق بىر زامانىۋىي دۆلەت خەلقنىڭ دۆلەتكە بولغان تونۇشى (认同) نى قۇرۇپ چىقىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، خەلقنىڭ دۆلەتكە بولغان تونۇشى بولمىسا، ئۇنداقتا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى سىرتقى جەھەتتىن  مۇقىم بولماستىن، دۆلەت خەلقىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، دۆلەت باشقۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى بىر بىرلىككە كەلگەن ئۇلۇس (دۆلەت ئۇلۇسى) بولۇش، دۆلەت ئۇلۇسى سالاھىيىتىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئېتنىك (مىللەت) سالاھىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، تۈزۈم ئارقىلىق ئېتنىك (مىللەت) مەسىلىسىنى سىياسىيسىزلاشتۇرۇش، ھەر قانداق بىر ئادەمگە مەلۇم بىر «يەرلىك مىللەت مەنپەئەتى» ۋەكىلى ياكى رەھبەر دەپ ئاتىلىدىغان پۇرسەتنى بەرمەسلىك، ئەڭ مۇھىم بولغىنى تۈزۈم ئارقىلىق ئەمەلدارلارنىڭ ھەر ۋاقىت دۆلەت ئامانلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغدايدىغان ئاكتىپ رەھبىرى كۈچ بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سىياسىي كىلىمات ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا دۆلەتنى پارچىلايدىغان رەھبىرى كۈچ بولۇپ قېلىشنى ئالدىنى ئېلىش. خەلقئارالىق تەجرىبە-ساۋاقلاردىن قارىغاندا، بىر دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولسا ئاددىي پۇقرالارنىڭ خەۋپلىك تېررورچىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھالبۇكى بىر دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولسا تۈزۈم ئارقىلىق ئاتالمىش «يەرلىك مىللەت قەھرىمانى» لىرىنىڭ ئۆزلىرىنى يەرلىك مىللەت مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە رەھبىلىرى دەپ ئاتىۋىلىشىغا يول قويماسلىق، سىياسىي كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر دۆلەتنى پارچىلاشنىڭ «سەركە» سىگە بولۇۋىلىشىغا، ئاددىي پۇقرالارنى بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «پىشكا» لىرى بولۇشقا قۇترىتىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

خىتاي خەلقى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسى بولسا بىر كەڭ قورساق ئۇلۇس. جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ ئىچىدە سانى ئەڭ كۆپ بولغان خىتاي مىللىتىمۇ كەڭ قورساق مىللەت، ئەسلىدە خىتايغا تەۋە بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى (شالغۇتلاشتۇردى)؛ جۇڭخۇا ئۇلۇسى ئىچىدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەركىبلىرىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قوبۇل قىلىپ شالغۇتلاشتى؛ جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەت ئادەملىرى، ماددىي ئەشيا، ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، بولۇپمۇ ئۆزئارا تويلىشىش جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بىر گەۋدە بولۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، دۆلەتنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك بولغان ئاساسىي رامكا بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بىراق، سەگەكلىك بىلەن شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىي ئۇلۇس دۆلەت قۇرۇش تارىخى نىسبەتەن قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ دۆلىتىمىزنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق فىئوداللىق تۈزۈم ھۆكۈمرانلىق تارىخى بولغانلىقى ھەم بىپايان زېمىنى بولغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولغانلىقى، فىئوداللىق تۈزۈم قالدۇقىنىڭ تەسىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ بېقىندى خەلق (臣民) ئېڭى تېخى تولۇق تازىلىنىپ بولمىغان، پۇقرا (گراژدانلىق) ئېڭى، دۆلەت ئېڭى يەنىلا نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ كەلمەكتە؛ ئالاھىدە ئېغىر مەسىلە بولسا بەزىبىر چىگرا مىللىي رايونلاردا، مۇرەككەپ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن، تار بولغان مىللەت (ئۇلۇس) ئېڭى كۈچلۈك، ئەكسىچە جۇڭخۇا ئۇلۇسى سالاھىيىتى ۋە دۆلەت سالاھىيىتى بىرقەدەر ئاجىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى يەنىلا يوشۇرۇن ھالدا يېتىلىۋاتقان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىۋاتقان جىددىي ۋە ئاساسلىق سەۋەب. بولۇپمۇ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) دا، «كۆپلىگەن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە ھەرىكەتلەر شىنجاڭ مۇقىملىقىغا تەسىر قىلىدىغان ئاساسىي سەۋەب، شىنجاڭ رايونىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش بولسا ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن، ھەتتا بەزىدە ئىنتايىن شىددەتلىك.» [15]. شۇڭا دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلاشقان ھالدا، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۆلەت ئۇلۇسى (دۆلەت) سالاھىيەت تۇيغۇسىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەت قىلىشنى جىددىي رەۋىشتە ھەل قىلىدىغان بىر پەۋقۇلئاددە مۇھىم ۋە تەخىرسىز ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋەزىپە بولۇپ قالدى. بىز چوقۇم دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى قوغداش ۋە جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىش ئىستىراتېگىيىسىنى يۈكسەك چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، دۆلەت ئۇلۇسى سالاھىيىتىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

 

ئىككىنچى، خەلقئارادىكى مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ غەلىبە تەجرىبىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا ۋە مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشقا ماھىر بولۇش

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللەت (ئىرق) مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىدا ھەم ئوخشاشلىقلار، ھەم پەرقلەر مەۋجۇت، بىراق چوڭ جەھەتتىن ئىككى خىل ئاساسلىق ئەندىزىگە بۆلۈشكە بولىدۇ: ئېرىتىش قازىنى  ئەندىزىسى ۋە سالات قاچىسى ئەندىزىسى (ياكى موزايكا (Mosaic) ئەندىزىسى). (بۇ يەردىكى ئېرىتىش قازىنى دېگىنىمىز كىشىلەرنىڭ شۇ يېڭى جەمئىيەتكە ئاسسىمىلياتسيە بولۇشى ۋە ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان يېڭى جەمئىيەت ئۆلچىمىنى قوللىنىشى ھەمدە شۇ جەمئىيەتتە ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. سالات قاچىسى دېگىنىمىز سىز يېڭى جەمئىيەتكە قېتىلغاندا ئۆز مەدەنىيىتىنىڭىزنى ساقلاپ، يېڭى جەمئىيەت ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلمايسىز، ھەر خىل شەيئىلەرنى ئارىلاش قوللانسىڭىزمۇ، پەرقلەندۈرەلەيسىز، خۇددى بىر قاچا سالاتتەك. تەرجىمە قىلغۇچىدىن.) نەچچە ئەۋلادنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئەمەلىيىتى ئىسپاتلىدىكى، ئېرىتىش قازىنى ئەندىزىسى مىللەت (ئىرق) مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىر قەدەر غەلىبىلىك ئۇسۇلدۇر. گەرچە مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالارنىڭ مىللەت (ئىرق) ئايرىماسلىق ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى باراۋەرلىكىنى تەكىتلەش سەۋەبىدىن بەزىبىر مىلللىي سۈركىلىش ۋە مىللىي توقۇنۇشلاردىن ساقلىنىش تەس بولسىمۇ، مىللىي زىدىيەت ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئۈلگىسى ئامېرىكا، برازىلىيە، ھېندىستان قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەردۇر. سالات قاچىسى ئەندىزىسى بولسا مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا نىسبەتەن مۇۋاپىقىيەتسىز ئۇسۇلدۇر، چۈنكى مىللەتلەر ئارىسىدا پاسىل – چىگرالارنىڭ بولۇشىنى، مىللىي كىملىكنى، مىللىي گۇرۇپپىنى ۋە يەرلىك كۆپ خىللىققا ئىگە تۈزۈملەرنى تەكىتلەش بولسا ئىجتىمائىي پەرقنى، تۈرلۈك سىياسىي كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئۇلۇسىنى قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ، مىللىي زىدىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ رايون زىدىيىتى ۋە توقۇنۇشلار بىلەن ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەتتا مىللىي ئۇرۇشلارغا تەرەققىي قىلىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئۈلگىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، سابىق يۇگوسلاۋىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردۇر.

مىللەتلەرنىڭ «ئېرىتىش قازىنى» ئەندىزىسىنىڭ تىپىك دۆلەتلىرىدىن قارىغاندا، مەسىلەن ئامېرىكىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چوڭ، كىچىك ئېتنىك گۇرۇپپىلار (ئىرقلار)  تەخمىنەن 1500 دىن ئاشىدۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئېتنىك گۇرۇپپا (ئىرق) ئەمەلىي گەۋدىلىرى (实体) گە قانۇن، سىياسەت قاتارلىق ئەمەلىي گەۋدە (实体) جەھەتتىن ئىتراپ قىلىش (认可) ۋە باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈش(标识) ئېلىپ بارمىدى، ئېتنىك گۇرۇپپا (ئىرق) گۇرۇھلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن ئېتراپ قىلمىدى، پەقەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن، ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان دىنىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈركۈملەرنى «ئېتنىك گۇرۇپپا (族群,ethnic groups) دەپ ئاتىدى، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر ئېتىنىك گۇرۇپپىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان تارىخىي تېررىتورىيەسى ئىچىدە ياشىشىغا رۇخسەت قىلمىدى، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ خەلقئارا قانۇن، كۆچمەنلەر قانۇنى، ئىنگلىز تىلى مائارىپى، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە، مەمۇرىي، مېدىيا قاتارلىق ئاممىۋىي سىياسەت ۋە قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ، بىر كېلىپ چىقىشىنى ئايرىمايدىغان، ئېتىنىك گۇرۇپپىغا ئايرىمايدىغان، دىن ئايرىمايدىغان بىرلىككە كەلگەن ئامېرىكان ئۇلۇسى (American nation) ۋە ئامېرىكىلىق (American) كىملىكىنى كۈچ چىقىرىپ قۇرۇپ چىقتى، ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى (ئىندىئانلار بۇنىڭ سىرتىدا) پەقەت بىر پۇقرا، ئېتىنىك گۇرۇپپا كىملىكىنى باھانە قىلىپ سىياسىي ۋەزىپە، سايلام، مائارىپ ۋە خىزمەت پۇرسىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئىمتىياز بېرىلىش ياكى كەمسىتىلىشكە رۇخسەت قىلمىدى، «ئېتىنىك (مىللىي) ئاپتونومىيە» گە رۇخسەت قىلمىدى؛ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كىملىك ئىسپاتلىرىدىمۇ «مىللەت (ئىرق، ئېتنىك)» ئۇچۇرلىرى يوق؛ كىشىلەرنىڭ ئەسلى قايسى دۆلەتكە، قايسى مىللەتكە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، پەقەت ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە قېتىلغان بولسىلا، پەقەت ۋە پەقەت ئامېرىكىلىق ۋە ئامېرىكان ئۇلۇسىنىڭ بىر ئەزاسى بولىدۇ. ئامېرىكا ئېتنىك سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىش تارىخىدىن قارىغاندا، دەسلەپكى «ئېرىتىش قازىنى» سىياسىتى (بىرىنچى ئەۋلاد «ئېرىتىش قازىنى» ئەندىزىسى) بىر خىل كۈچلۈك بولغان ئانگلو-ساكسون (Ango-Saxon) لاشتۇرۇش سىياسىتى بولۇپ، ئاساسلىقى باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ، ئانگلو پروتېستانت دىنى جامائىتىگە ئايلاندۇرۇش جەريانى ئىدى؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلاپ، گېرمانىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا، خىتاي، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن زور مىقداردىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېتىنىك سىياسەتلىرى تىپىك ھالدىكى «ئېرىتىش قازىنى» (ئىككىنچى ئەۋلاد «ئېرىتىش قازىنى») ئەندىزىسىگە ئۆزگەردى. يەنى ئوخشىمىغان دۆلەت ياكى رايونلاردىن كەلگەن، ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپا ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە كىشىلەرنى قوشۇپ، ئامېرىكا مەركەز قىلىنغا مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئامېرىكىلىقلارغا ئايلاندۇردى؛ 20- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرىدىن تارتىپ، مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېتىنىك سىياسەتلىرى ئۆزگىرىپ ئۈچىنچى ئەۋلاد «ئېرىتىش قازىنى» ئەندىزىسىگە ئۆتتى، يەنى ئامېرىكان ئۇلۇسى ۋە ئامېرىكىلىقنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ «مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى» نى ئېتراپ قىلدى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلدى، ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئېتنىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىشقا رۇخسەت قىلدى.

بىراق شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، «گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بېرى (مەدەنىيەت) كۆپ خىللىق پرىنسىپى كۈچىيىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئېتىنىك پەرقلەر يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغانكەن، گەرچە ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئېتنىك مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتتە بۇ مەدەنىيەت پەرقلىرى يوقىلىشىقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.» [16]. خۇلاسىلىساق، مەيلى قايسى دەۋرنىڭ «ئېرىتىش قازىنى» ئەندىزىسى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكا 200 نەچچە يىللدىن بېرى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغان «ئېرىتىش قازىنى» سىياسىتى ئارقىلىق، ئامېرىكان ئۇلۇسى ۋە ئامېرىكىلىق كىملىكىنى ۋە كىملىك سالاھىيىتىنى (身份认同) قايىل قىلارلىق (كۈچلۈك) ھالدا قۇرۇپ چىقتى. بۈگۈنكى ئامېرىكان ئۇلۇسىنىڭ «ئېرىتىش قازىنى» بولسا «بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشتى.» [17]. بۇ خىل دۆلەت ئۇلۇسى كىملىكىنى قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇنىڭ بىرلىكىنى تەكىتلەيدىغان، شەخسنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنىڭ باراۋەرلىكىنى تەكىتلەيدىغان (ئەمما ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ كوللىكتىپ ھوقۇق باراۋەرلىكى ئەمەس)، پۇقرانىڭ بايلىقى، ھوقۇقى، ئابرويى، كەسپى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مائارىپ قاتارلىق شەخسىي پەرقلەرنى ئېتنىك گۇرۇپپا كىملىكى، ئېتنىك كوللىكىتىپى بىلەن باغلىۋىلىش دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، پۇقرالارنىڭ شەخسي باراۋەر رېقابەتلىشىشىنى جانلاندۇرىشىغا پايدىلىق بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇقرالار ئارىسىدىكى زىدىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئېتنىك زىدىيەت ۋە ئېتنى توقۇنۇشلارغا تەرققىي قىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەمەلىي ئەھۋالدا خۇسۇسىي پەرق ۋە ئېتىنىك پەرقلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى سەۋەبىدىن، ئەمەلىي تۇرمۇشتا شەخسىي زىدىيەت ۋە توقۇنۇشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا ئېتىنىك زىدىيەت ۋە ئېتنىك توقۇنۇشلارغا تەرەققىي قىلىپ كېتىشى مۇمكىن، بىراق ئېتنىك كىملىك ۋە ئېتنىك كوللىكتىپنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇن-تۈزۈملەردىن ھالقىپ كېتىدىغان ئالاھىدە ھوقۇقىنىڭ بولۇشىغا قانۇنىي جەھەتتىن رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ھەر قانداق ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي رايون دائىرىسى ۋە ئالاھىدە ھوقۇقىنىڭ بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئېتنىك زىدىيەت ۋە ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەسىلىلىرىگە تەرەققىي قىلالمايدۇ. بىراق، شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتتىكى ئېتنىك سىياسەتلىرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ ئىندىئانلارنى قىرغىن قىلىش ۋە قارا تەنلىكلەرنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىش ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك چەتكە قېقىش مەۋجۇت ئىدى. بۈگۈنكى ئامېرىكا، گەرچە ئېتىنىك ئەمەلىي مەسىلىلەر ئاز – تولا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېتنىك سىياسىتى بىر قەدەر غەلىبىلىك بولدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىرلىكى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى كۈچلۈك ھالدا ساقلاپ قالالىدى. يەنە بىر مىسال كەلتۈرسەك، برازىلىيەدىن ئىبارەت بۇ ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ قوشۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان «جەننەت» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان لاتېن ئامېرىكا رايونى ھەم شۇنداقلا كۆپ نوپۇسلۇق چوڭ دۆلەتمۇ ئامېرىكىنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىغان «ئېرىتىش قازىنى» سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇرىۋاتىدۇ. برازىلىيەدە، گەرچە نوپۇسنىڭ دەسلەپكى قان سىستېمىسىدا ئىندىئانلارنىڭ، ياۋروپالىقلارنىڭ، ئافرىقىلىقلارنىڭ قېنى بولسىمۇ، «گەرچە ياۋروپالىق، ئافرىقىلىق ۋە ئىندىئانلارنىڭ ئېتنىك قان سىستېمىسى ئالاھىدىلىكى ئېنىق بولسىمۇ، بۈگۈنكى بىرازىيىلىكلەرنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكلىرى ئاللىقاچان  پۈتۈنلەي ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن زور كۆپچىلىك برازىيىلىكلەرنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قىيىن.» [18]. بۇنىڭ سەۋەبى گەرچە برازىلىيەدە ئېتىنىك گۇرۇپپىلار كۆپ ۋە پەرقى چوڭ رايونلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما برازىلىيە ھۆكۈمىتى «برازىلىيىلىك» ۋە «برازىلىيە ئۇلۇسى» دىن ئىبارەت ئورتاق كىملىكنى كۈچ سەرپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە شەخسىي تەرەققىياتنى تەكىتلەپ، ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، «ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى نۇقتىئىنەزىرىدىن ھازىرقى جەمئىيەتتە بۇنداق تىمسال ئاز ئۇچرايدۇ.»، «برازىلىيە بولسا ئاسسىمىلياتسىيەنى ئەڭ ئوچۇق تەشەببۇس قىلىدىغان جەمئىيەت.» [19]؛ برازىلىيەنىڭ ئېتنىك پەرقى بەك تۇراقلىقمۇ ئەمەس، پۇقرالارنىڭ ئېتنىك تۈرلىرى كۆپ ھاللاردا بەدەن ئالاھىدىلىكى (تېرىسىنىڭ رەڭگى، چاچ سۈپىتى، چىراي ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار) غا، ھەتتا ئىجتىمائىي ئامىللار (مەسىلەن، ئىقتىسادى ئەھۋالى) غا ئاساسەن بولۇپ، ئەكسىچە قانداشلىقنى ئاساس قىلغان ئەمەس (مەسىلەن، برازىلىيەدە «باي قارا تەنلىك ئاق تەنلىك بولالايدۇ، كەمبەغەل ئاق تەنلىك قارا تەنلىك بولالايدۇ.» دەيدىغان گەپ كەڭ تارقالغان، بۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى تەبىقىلەر ئارىسىدا يۆتكىلىش ئارقىلىق ئۆزىىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە رېغبەتلەندۈرۈلگەنلىكىدىندۇر.)، ھۆكۈمەت ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىنى، ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىنى كېتىشىنى ئەزەلدىنلا رېغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارا تويلىشىش بىر قەدەر ئومۇمىيلاشقان. «شۈبھىسىزكى، دۇنيادىكى ھەر قانداق باشقا بىر دۆلەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوخشىمىغان ئىرقلارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى – قوشۇلۇپ كېتىشى –برازىلىيەدە ئەڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.» «برازىلىيەدىكى بەدەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەلىشىش دەرىجىسى ئېنىقكى باشقا زور كۆپچىلىك مىللىي گۇرۇپپا جەمئىيەتلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن.» [20]. ئەلۋەتتە، شۇنى ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، برازىلىيەدىكى ئېتنىك قوشۇلۇپ كېتىش مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا برازىلىيەدىن ئىبارەت بۇ كۆپلىگەن ئېتنىك گۇرۇپپىلار قوشۇلۇپ كەتكەن «جەننەت» تە قارا تەنلىكلەرنىڭ ئورنى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش قاتارلىق بەزىبىر ئېتنىك كەمسىتىشلەرمۇ ئوبيېكتىپ مەۋجۇت. [21]. يەنە بىر مىسال كەلتۈرسەك، ھىندىستان 1947- يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، برازىلىيەگە ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ «ئېرىتىش قازىنى» سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرغان بولۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئاساسلىق ۋەزىپىسى نەچچە يۈزلىگەن ئەنئەنىۋى قەبىلىلەرنى ۋە يەرلىك بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلگەن «ھىندىستان ئۇلۇسى (Indian nation)» ۋە ھىدىستانلىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بولغان. «ھىندىستان ئۇلۇسى» ۋە «ھىندىستانلىق» نى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئېتنىك پەرق بىلەن ھەپىلەشمەستىن، پەقەت بىرلا «ئۇلۇس» (يەنى «ھىندىستان ئۇلۇسى») نى تەكىتلەپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، تىل سىياسىتى (ھىندى تىلى فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت تىلى ۋە دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن)، تارىخ دەرسلىكى، مۇزىكا، كىنو قاتارلىق قوراللار ۋە سىياسەتلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ «ھىندىستان ئۇلۇسى» بولغان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى قۇرۇپ چىققان ۋە كۈچەيتكەن. شۇ سەۋەبتىن، گەرچە بەزىبىر قەبىلە ۋە دىنىي زىدىيەتلەر ئوبيېكتىپ ھالدا يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ھىندىستان قىسقىغىنە نەچچە ئون يىلدا «ھىندىستان ئۇلۇسى» كىملىكىنى ۋە كىملىك سالاھىيىتى (身份认同) نى بىر قەدەر مۇستەھكەم ھالدا قۇرۇپ چىقىپ، ھىندىستان دۆلىتىنىڭ بىرلىكى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىيالىدى.

مىللەتلەرنىڭ «سالات قاچىسى» ئەندىزىسىنىڭ ئۈلگىلىك دۆلەتلىرىگە قارىغاندا، مەسىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا، دۆلەت مىللەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن رايونلارغا بۆلۈنگەن، چىگرالارغا بۆلۈپ باشقۇرۇلغان، مىللەتلەرگە ئاساسەن چىگرالارغا بۆلۈنۈپ فېدېراتسىيە سۇبيېكتى ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئاپتونومىيە ئەمەلىي گەۋدىسى قۇرۇلغان، مىللىي خۇسۇسىيەت گەۋدىلەندۈرۈلگەن ۋە كۈچەيتىلگەن، بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىتالىن قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مەركىزىي رەھبەر يولداشلار يولداش لېنىننىڭ ئىتتىپاق (联盟) نىڭ پەقەت بىر ئالاھىدە تارىخىي دەۋردىكى بىر خىل ئۆتكۈنچى شەكىل ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىدىيىسى (思想) نى چۈشىنىپ يېتەلمىگەن، ھوقۇقنى تارتىۋالغان ئىنقىلابى پارتىيىدىن ھوقۇقنى مۇستەھكەملىگەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئۆتۈدىغان يېتەكچى ئىدىيە ۋە دەۋرگە ماس ھالدىكى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، مىللەتنى بىرلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت، ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت، ئاپتونوم ئوبلاست (رايون) ۋە چىگراۋى ئوبلاست (رايون) دىن قۇرۇلغان ئىتتىپاقداش شەكىلنى مۇستەھكەملەپ، مىللىي بەلگە (标识) لەرنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۈچەيتىپ، مىللەتنىڭ «ئورتاق يېرى، ئورتاق تىلى، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان پسىخىكىلىق ساپانىڭ ئورتاق گەۋدىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەر بىر پۇقراغا دۆلەت ئۇلۇسىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان «مىللەت» بەلگىسىنى چاپلاپ، مىللىي مەسىلىلەرنى يۇقىرى دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنى ۋە ئاپتونومىيەلىك جايلارنى «شۇ مىللەتنىڭ تېررىتورىيىسى» دەپ قارىشىنى، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنى ۋە ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى «شۇ مىللەتنىڭ بايلىق مەنبەسى» دەپ قارىشىنى،  كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونومىيەلىك جايلار «شۇ مىللەت» نىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ، «شۇ مىللەت» نىڭ كادىرلىرى رەھبەرلىك قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك دەپ ھېسابلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەمدە ئاساسىي قانۇندا ھەر قايسى ئىتتىپاقداشلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن خالىغانچە چېكىنىپ چىقىش ھوقۇقىنى بار، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن مىللىي ئاڭ ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ( ياكى مىللەتچىلىك.ت.) نى كۈچەيتىدىغان تۈزۈملەر بەلگىلىنىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى مىللىي رەھبەرلەر مۇشۇ مىللەت مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىپ، ئىتتىپاقلىق رامكىسى ئىچىدە ئۆز مىللىتى مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى ۋە شۇ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان ۋەكالەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، گورباچېف (Gorbachev، Горбачёв) ھاكېمىيەت بېشىغا چىققىچە بولغان ۋاقىتقىچە پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، رۇس تېلىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، «سوۋېتلىك» تىن ئىبارەت دۆلەت ئۇلۇسى سالاھىيىتىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىققان، خەلقئارالىق كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى كۈچلەندۈرۈپ،  ھەربىي قىسىمنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغانلىق سەۋەبىدىن، «مىللىي قەھرىمان» لارنىڭ مىللىي ئېڭى ۋە مىللەتپەرۋەرلىك (ياكى مىللەتچىلىك.ت.) ئىدىيىسى تىزگىنلەندى، بېسىلىدى ۋە يېپىلدى، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت يۈزەكى جەھەتتىن تىنچ، خاتىرجەم ۋە بىرلىككە كەلگەندەك كۆرۈنەتتى. گورباچېف ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، «دېموكراتىك، ئىنسانىي سوتسىيالىزم» ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى، بولۇپمۇ 1990- يىلى ئاساسىي سوۋېت كومپارتىيىسىگە بەرگەر رەھبەرلىك ئورنىنى ئەمەلدىن قېلىپ، كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈمىنى تۈپتىن ئۆزگىرىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى مىللىي ئەڭ ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرى كۈنسىرى ئۇلغايدى. بولۇپمۇ ئۇزۇندىن بېرى تۈزۈم جەھەتتىن مىللىي (ئېتنىك) ئاڭ ۋە يەرلىك ئاڭ ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ ۋە كۈچىيىپ، ھەر قايسى جايلار (مەسىلەن، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر، ئاپتونوم ئوبلاستلار) دا كۈچلۈك بولغان ئۆزلۈك مىللەت (ئېتنىك) ئاڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ، ئۆزلۈك مىللەت (ئېتنىك) ئېڭىنى دۆلەت ئۇلۇسى ئېڭىدىن ئۈستۈن قويۇپ كەلدى. شۇ سەۋەبدىن، كېلىمات ئۆزگىرىپ، پۇرسەت كەلگەن ھامان ھەر قايسى جايلاردىكى «مىللىي قەھرىمان» لار (بەزىبىر مىللىي كادىرلار ۋە زىيالىيلار) بىر ئۆزگىرىپلا مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى. يەنە شۇنداقلا تۈزۈم جەھەتتىن دۆلەت سالاھىيىتى مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلار دۆلەتنى پارچىلاشنىڭ ئاۋانگارت قىسمىغا ئايلىنىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ باي بولغان ئۈچ بالتىق دېڭىزى دۆلىتى (لىتۋا (Lithuania)، لاتۋىيە (Latvia)، ئېستونىيە (Estonia)) 1989- يىلى باشلامچىلىق بىلەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى؛ 1991- يىل ئاخىرىغا كەلگەندە،  سوۋېت ئىتتىپاقى تەلتۆكۈس يىمىرىلىپ، 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتتىن قۇرۇلغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 15 دۆلەتكە پارچىلىنىپ كەتتى. يەن بىر مىسال كەلتۈرسەك، سابىق يۇگوسلاۋىيە (Yugoslavia) گەرچە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر قەدەر چوڭ پەرقى بولسىمۇ، بىراق مىللىي سىياسەت جەھەتتىن يەنىلا مىللەتلەرنىڭ «سالات تەخسىسى» ئەندىزىسىگە تەۋە، بىر خىل كوللېكتىپ كۆپ مەنبەلىك مەسلەك تۈزۈمى (پولىفىلېتىزم) بولۇپ، تۈزۈم لايىھىلەسى ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەر بىر بىرلەشمە تۈزۈلمە ئىچىدە ئورتاق مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك رايونلىرى بار. مانا بۇ مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي زىدىيەتنى كۈچەيتىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى (制度安排) نى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، سىياسەت، مەدەنىيەت مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مىللىي سالاھىيەت، مىللىي چەك-چىگرا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىشىپ كەتكەن، مىللىي زىدىيەت بىلەن رايونلۇق زىدىيەتلەر بىر گەۋدىلىشپ كەتكەن، شۇنىڭ نەتىجىسىدە مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت مىللەتنى ئايرىش سىزىقى، توسالغۇ قىلىۋالغان؛ مەركىزىي ھۆكۈمەت (فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى) نىڭ نوپۇزى يوقالغاندا، «بۇ خىل بىرلەشمە چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ، ھەر بىر ئېتنىك گۇرۇپپىلار (مىللەتلەر) سىياسى مۇستەقىللىقنى كۆزلەيدۇ. [22]. كونكرېت قىلىپ ئىقتىسادىي مەنبەدىن قارىساق، سابىق يۇگوسلاۋىيە 1991- يىلى پارچىلىنىشىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن بولۇپ، رايونلۇق زىدىيەت ۋە مىللىي زىدىيەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەڭ باي بولغان سلوۋېنىيە (Slovenia) جۇمھۇرىيىتى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن GDP سى پۈتۈن مەملىكەت ئوتتۇرا سەۋىيەسىنىڭ %201.8، ئەڭ نامرات بولغان كوسوۋ ئاپتونوم ئۆلكىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن GDP سى پۈتۈن مەملىكەت ئوتتۇرا سەۋىيىسىنىڭ پەقەت %27 بولغان؛ ئىككىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن GDP نىسبىي پەرقى 1965- يىلىدىكى بەش ھەسسىدىن 1988- يىلىدىكى 7.5 ھەسسىگە زورايغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركەزنىڭ مەبلەغ جەلب قىلىش قابىلىيىتى بارا-بارا تۆۋەنلەپ، مالىيە كۈچى زىيادە تۆۋەن بولغان بولۇپ، مەركەز مالىيە كىرىمىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن بولغان نىسبىتى 1972- يىلىدىكى %20.7 تىن 1989- يىلىدىكى %5.6 كە چۈشۈپ قالغان، ھالبۇكى يەرلىكنىڭ مالىيە كۈچى زىيادە چوڭ ھەمدە ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشى تەكشى بولمىغان. مانا بۇ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەركەز مالىيە كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن، مالىيەنى چىقىمغا ئايلاندۇرۇشقا، رايون ۋە مىللەتلەرنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، رايونلار ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ رايونلار ۋە مىلەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنىڭ كېڭىيىشى يەنە مەركەز مالىيە كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، باي رايونلار كۆپرەك باج تاپشۇرۇشنى، ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان رايونلارغا ياردەم قىلىشنى، «ئىقتىسادىي يۈك» نى كۆتۈرۈشنى خالىمىغان بولۇپ، نامرات رايونلار بولسا مەركەز ئادىل بولمىدى، ئۆزىنى بولسا تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ ئەرزان ئېنىرگىيە ۋە ئەرزان خام ئەشيا مەنبەسى بولۇشتەك ئېكسپىلاتاتسىيەسىگە ئۇچرىدى دەپ قاراپ، رايون ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى، مەركەز بىلەن يەرلىكلەر ئارىسىدىكى زىدىيەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا دۆلەت پارچىلانغان. [23]. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ سىياسى تۈزۈم ئامىللىرىدىن قارىغاندا، يۇگوسلاۋىيەنىڭ رايونلارنى مىللەتكە ئاساسەن بۆلۈپ باشقۇرۇشى، بىر تەرەپلىمە ھالدا مىللەتلەرنىڭ تەشكىلىي جەھەتتىن، شەكلىي جەھەتتىن باراۋەرلىكىنى تەكىتلەپ، «نۆۋەتلىشىپ باش بولماق» تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ھەر قايسى «جۇمھۇرىيەتلەر بولسا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت»، ئاپتونوم ئۆلكىلەرنى بولسا «ئىگىلىك ھوقۇقى بار بولغان فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇن ئوبېيكتى (实体)»، دەپ بەلگىلىگەن. فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ھەر قايسى مىللەتلەرنى سىياسىي، سودا ۋە مەكتەپ مائارىپىدا ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، شۇنداقلا ئۈچ خىل ھۆكۈمەت تىلىنى بەلگىلەپ، پۈتكۈل فېدېراتسىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن دۆلەت سالاھىيىتىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىنى، ھوقۇقنىڭ زىيادە تارقاقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۆرۈر بولغان مەركەزلىشىشى ۋە نوپۇزى يېتەرسىز بولغان، دۆلەتنىڭ ئامانلىقى تىتو (Tito) بىر ئادەمنىڭ شەخسىي ئابرويىغا باغلىق بولۇپ قالغان. تىتو ئۆلگەندىن كېيىن، مىللىي زىدىيەتلەر بارا-بارا سۇ يۈزىگە چىقىشقا باشلاپ، 1989- يىلىغا بارغاندا يۇگوسلاۋىيەدە تۇيۇقسىز سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ، كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم قوللىنىش قارار قىلىنغان. مىللىي بۆلگۈنچى سىياسىي كۈچلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئەۋج ئېلىپ، نەتىجىدە 1991- يىلى سلوۋېنىيە (Slovenia) ۋە كرودىيە (Croatia) ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۆكتىچى پارتىيە تەختكە چىقىپ، سوتسىيالىزمغا ئاشكارا قارشى چىققان. 1991- يىلى 25- ئىيۇندا بۇ ئىككى دۆلەت فېدېراتسىيەدىن چېكىنىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، 20- نويابىر ماكېدونىيە (Macedonia) مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان؛ 1991- يىلى 3- مارتتا بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا (Bosnia Herzegovina) مۇ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىغان، سېربلار (Serbs)، مۇ (Mu) ۋە كروئات (Croat) لارنىڭ زىدىيىتى كۈچىيىپ، كۆپ يىللىق ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغان. 2003- يىلى يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى «سېربىيە ۋە قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن؛ 2006- يىلى قار تاغ جۇمھۇرىيىتى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق مۇستەقىل بولۇپ، سېربىيە ۋە قارا تاغدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقلىق دۆلەتكە پارچىلانغان بولسا، 2008- يىلى كوسوۋ ئاساسەن مۇستەقىل بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ دەسلەپكى سابىق يۇگوسلاۋىيە بىر دۆلەتتىن يەتتە دۆلەتكە پارچىلانغان. [24]. يەنە مىسال ئالساق، (سابىق) چېخوسلوۋاكىيە (Czechoslovakia) مۇ مىللەتلەرنىڭ «سالات قاچىسى» سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مىللىي رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلۇس دۆلىتى (民族国家) بىرلىكى مەسىلىسىنى سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتىن ھەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى يەنىلا توسۇپ قالالمىدى. 1969- يىلى چېخوسلوۋاكىيەدىكى سلوۋاك (Slovak) مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى چېخ (Czech) مىللىتىدىن 50 يىلغا يېقىن ئارقىدا قالغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ سلوۋاكىيە رايونىغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى بىلەن، 1990- يىللىرىدا ئىككى مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن باراۋەر دەرىجىگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق 1993- يىلىغا كەلگەندە دۆلەت يەنىلا پارچىلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دۆلەت ئۇلۇسى سالاھىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغانلىقتىن، بولۇپمۇ دۆلەت ئۇلۇسى سالاھىيىتىنىڭ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلىشى كەمچىل بولغانلىقىدىن بولۇپ، مىللىي ئارازلىق ئاساسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان: چېخلار سلوۋاكلارنى كۆزگە ئىلماي، فېدېراتسىيە دۆلەت خەزىنىسىدىكى پۇلنى سلوۋاكلار خەجلەپ كېتىپ، چېخلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزدى، دەپ قارىغان؛ سلوۋاكلار گەرچە دۆلەتنىڭ ئىككى رايوننىڭ ئىقتىسادى سەۋىيەسىنى تەڭلەشتۈرۈش سىياسىتىدىن مەمنۇن بولسىمۇ، چېخلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغاندەك، مىللىي ھېسىياتى ھۆرمەت قىلىنمىغاندەك تۇيغۇغا كەلگەن. بۇ خىل شارائىت ئاستىدا، مىللىي مەسىلىلەرنىڭ سىياسىيلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلانغان، بولۇپمۇ ئىككى مىللەتنىڭ سىياسىي قەھرىمانلىرىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئىككى مىللەتنىڭ سىياسىي قەھرىمانلىرىدا بۆلۈنۈش كۆرۈلگەن، ئەسلىدە بار بولغان دۆلەت سىياسىي رامكىسىدىكى مىللىي ھوقۇق تۈزۈملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا نارازى بولۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتى يېتەرلىك ھۆرمەتكە ۋە جاۋابقا ئېرىشەلمىدى دەپ قارىغان. ھەممىسى ئۆز مىللىتىنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىنى ۋە دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى قوغلىشىپ، 1993- يىلى 1- يانىۋاردا فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارچىلانغانلىقىنى تىنچلىق بىلەن ئېلان قىلىپ، چېخ ۋە سلوۋاكىيە ئايرىم-ئايرىم مۇستەقىل بولغان.

 

ئۈچىنچى، دەۋرگە ماسلىشىپ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشى ۋە گۈللىنىپ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

ھازىر دۇنيادا، يەر شارىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، بازارلىشىشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئېقىمى، ئەشيا ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى مىسلىسىز كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق بىلەن تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇلۇس دۆلەتلىرى ئىچكى جەھەتتىن مىسلىسىز دەرىجىدىكى بېرىش-كېلىش (交往)، پىكىرلىشىش (交流)، قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇش (交融一体化) جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان بولسا، خەلقئارادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا دۇنياۋى مۇناسىۋەتلىشىشتەك بىر گەۋدە بولغان «يەر شارى كەنتى» گە ئايلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاللىقاچان 27 ئەزا دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي گەۋدە (实体) گە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ بېرىش-كېلىش، پىكىرلىشىش، قوشۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ۋە تېزلەشتۈرىدىغان ئويېكتىپ ئېقىمغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، كوممۇنىستىك جەمئىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ناھايىتى ئۇزۇن تارىخىي دەۋر ئىچىدە، ئۇلۇس دۆلىتى ئۇزۇن مەزگىلگىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائالىيەت سۇبيېكتى ۋە بىرلىك ئېلېمېنتى بولىدۇ، ئۇلۇس دۆلەتلىرى مەۋجۇت بولغان خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئۇلۇس دۆلىتى مەنپەئەتىنىڭ كويىدا بولۇش ئۇزۇن مەزگىللىك بىردىنبىر پرىنسىپ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. شۇڭا ئۇلۇس دۆلىتى ئىچكى قىسىمدىكى بېرىش-كېلىش، پىكىرلىشىش، قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىلىشىش جەريانىدا ئۇلۇس دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇلۇس دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۈزلىنىۋاتقان ئىنتايىن تەخىرسىز بولغا ئەمەلىي ۋەزىپىسىدۇر. دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىي ئۇلۇس دۆلىتى قۇرۇش تارىخى بىر قەدەر قىسقا، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇشكۇل، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدە دۇچ كېلىدىغان خەلقئارالىق رىقابەت بېسىمى خېلى چوڭ بولغاچقا، دۆلەت ئىچىدە مىللەتلەرنىڭ بېرىش-كېلىش، پىكىرلىشىش، قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇشكۇلدۇر. بولۇپمۇ، شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، غەرب ئەللىرى مىللەتلەر سىياسىتىدە قوش ئۆلچە قوللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار بىر تەرەپتىن، باشتىن-ئاخىرى ئۆزگەرمەستىن كۈچلۈك ھالدا، ھەتتا مەجبۇرىي يوسۇندا ئ‍ۆز دۆلىتىنىڭ مىللەتلەر قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «غەرب ئەللىرى بۇرۇن ھەر خىل ھەر ياڭزا سىياسەتلەرنى قوللىنىپ تىل ۋە تۈزۈلمە جەھەتتىكى قوشۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ سىياسەتلەر: خەلقئارا قانۇن ۋە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈش قانۇنى (归化法، Naturalization)، مائارىپ قانۇنى، تىل قانۇنى، مەمۇرىي خادىملارنى ئىشلىتىش، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى ۋە دۆلەتلىك تارقىتىش مېدىيالىرى سىياسەتلىرى قاتارلىقلاردۇر.» [25]، بەزىلەر تېخى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەسلى-ۋەسلىنى قويماي يوقاتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مىللىي مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنى پارچىلاۋاتىدۇ.

سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ (شالغۇتلىشىپ) كېتىشىگە قارشى ھالدا، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»، «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ قول تىقىپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىكى مىللىي مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارا-يوشۇرۇن ھالدا قوللاش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىكى مىللىي مەسىلىلەر پايدىسىز بولغان خەلقئارالىق مۇھىتنىڭ بېسىملىرىغا دۇچ كەلمەكتە. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارالىق دۈشمەن كۈچلەر دۆلىتىمىزگە غەربلەشتۈرۈش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش ئىستراتېگىيىلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەردىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، دۆلىتىمىزنىڭ چىگرالىرىدىكى مىللىي رايونلاردا يوچۇق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.» بىز چوقۇم دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئامانلىقىنى قوغدىشىمىز، سوتسىيالىسىتىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىش ئىستراتېگىيىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ۋەھىمە تۇيغۇسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى كۈچەيتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىنى بىرىنچى ئەۋلادتىن ئىككىنچى ئەۋلادقا ئۆزگەرتىش، يەنى دۆلەت ئىچىدىكى 56 مىللەتنى ئېنىق تونۇپ، 56 مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىشتەك بىرىنچى ئەۋلاد مىللىي سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ مىللىي سىياسەتنى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ (شالغۇتلىشىپ) بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىپ بىر گەۋدە بولۇشى ۋە بۈيۈك گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى ئەۋلاد مىللىي سىياسەتكە ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئۇيۇشقاقلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ گۈللەنگە ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىش لازىم.

بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتىن مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، قوشۇلۇپ (شالغۇتلىشىپ) بىر گەۋدە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللىي مەسىلىلەرنىڭ سىياسىيلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى شەكسىز بولۇپ، بەزى دۆلەتلەردە تۈزۈمنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن مىللىي مەسىلە مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. بىراق، شۇنى روشەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا چوقۇم ئەقىللىق ۋە تاكتىكىلىق بولۇشىمىز، «سىياسىيسىزلاشتۇرۇش» ئۇسۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز، شەخىسنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنىڭ باراۋەرلىكىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ (ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ئېتنىك، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كوللىكتىپ كىملىكى ۋە كوللىكتىپ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ئەمەس)، قانۇننىڭ ئالدىدا ھەممە باپ-باراۋەر دېگەن قانۇنىي پىرىنسىپ بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇنداق مەسىلە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. ئوخشىمىغان ئېتنىك (مىللەتلەرگە) ئالاقىدار شەخسىي مەسىلىلەر، زىدىيەتلەر ۋە توقۇنۇشلارنى شۇ ئېتنىكنىڭ (مىللەتنىڭ) مەسىلىسى قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ئېتنىك (مىللەتلەر) مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي مەسىلە سۈپىتىدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر قايسى ئېتنىك (مىللەتلەر) مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشتىن ساقلىنىش، ھەر بىر پۇقرا جۇڭخۇا ئۇلۇسى ئېڭى ۋە قانۇنىي ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن، يەرلىك مىللەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ھېچقانداق يوچۇق قويماسلىق، جۇڭخۇا ئۇلۇسى ئېڭىنى كۈچەيتىش، خىتايلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت (ئېتنىك) كىملىكىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئېتنىك (مىللىي) ئېڭىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇرۇش، ھەر قانداق بىر ئېتنىك (مىللەت) نى مەلۇم بىر ئالاھىدە رايوندىكى ئېتنىك (مىللەت) نىڭ مەنپەئەتى، بايلىق مەنبە ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ۋەكىلى بولۇشقا رۇخسەت قىلماسلىق، مەلۇم بىر ئېتنىك (مىللەت) تەركىبى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئالاھىدە رايونلاردا بەھىرلىنىدىغان ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردىن بەھىرلىنىشنى تەلەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلار، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلار، ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇش، ئېتنىك (مىللەت) ئامىلى ئارقىلىق ئالاھىدە ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردىن بەھىرلىنىشكە رۇخسەت قىلماسلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادىي جەمئىيىتى ئارقىدا قالغان بارلىق رايون ۋە پۇقرالارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش» نىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھىرلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىشتەك ئوبيېكتىپ ۋەزىيەتنىڭ تەلىپى بويىچە، مەمۇرىي رايونلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىسلاھات تەتقىقاتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي رايونلارنى بۆلۈپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ناھىيە دەرىجىلىك رايونلار (بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رايونلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە نوپۇسىنى ئىلمىي ھالدا ئېنىق بۆلۈپ، ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك رايونلارنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تەۋەلىك كۆلىمىنى نىسبەتەن مۇۋاپىق بولغان مۇۋازىنەتكە يەتكۈزۈش، قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمىنى، نوپۇسىنى، ئېتنىك (مىللەتلەر) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى  تېخىمۇ ياخشى پىلانلاش، مەمۇرىي باشقۇرۇش دەرىجىسىنى كېمەيتىش، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنىشنى بارا-بارا كېمەيتىپ، يوق قىلىش ئارقىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرىلىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالەقە، پىكىر ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇش ۋە ئورتاق گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىش لازىم. كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۆلەتنىڭ تۈزۈلمە ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىملىك ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئېتنىك (مىللەت) تەركىبىنى ئېتىبار بېرىش، ياردەم قىلىش ئوبيېكتى قىلغان سىياسەتلەرنى كەمبەغەل، ئاجىز قالغان پۇقرالارغا ئېتىبار بېرىش، ياردەم قىلىش ئوبيېكتى قىلغان سىياسەتلەرگە ئۆزگەرتىپ تەڭشەش، ھەر قايسى ئېتنىك (مىللەت) ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق پۇقرالىق ئېڭى ۋە جۇڭخۇا ئۇلۇسى ئېڭىنى كۈچەيتىش. خەلقئارالىقلىق دائىمىي ئىشلىتىشلەردە «مىللەت» (nation، nationality) سۆزىنى قوللىنىشتا ئېھتىياتچان بولۇش، پەقەت جۇڭخۇا ئۇلۇسى قاتارلىق دۆلەت ئۇلۇسى (مىللىتى) توغرىسىدا سۆزلىگەندىلا «مىللەت» ئۇقۇمىنى ئىشلىتىش، خىتاي ۋە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاتىغاندا ئەسلى ئاتالغۇنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قېلىش، «پالان مىللىتى (族)» ياكى «پالانى ئېتنىك (ئېتنىك، ethnic، 群组)» دەپ ئاتاش، ھەرگىزمۇ «پالانى مىللەت (民族)» دەپ ئاتىماسلىق (دۆلىتىمىزدىكى «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى» دىكى «مىللەت (民族)» نىڭ ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىلا ئەسلىدىكى nationality سۆزىنىڭ جىمجىت ھالدا ethnic سۆزىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن يولداشلار بىلمەيدۇ)، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ئېتنىك (مىللەت) لەرنىڭ ئاتالمىش «مىللىي ئېڭى»، بولۇپمۇ «مىللەتپەرۋەرلىك (ياكى مىللەتچىلىك) كەيپىياتى» نى ئاجىزلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ «ماركىلاشتۇرۇش (سىمۋوللاشتۇرۇش)» نى ئېتنىك (مىللەت) مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيىسى قىلىش، كىملىك گۇۋاھنامىسى، ئۆرلەپ ئوقۇش، خىزمەت قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئاممىۋىي تۇرمۇشلاردا پۇقرالارنىڭ ئېتنىك (مىللەت) تەۋەلىكىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۈچەيتمەسلىك، پەقەت پۇقرالارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ياكى جۇڭخۇا ئۇلۇسى خاسلىقىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەلىپى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» نى تېخىمۇ ياخشى ھالدا «ئۈچنى ئايرىماسلىق» قا يۈكسەلدۈرۈش، پۇقرالارغا كىملىك ۋە پىسىخىكىلىق چېگرا سىزىقىنى ئۆزلىكىدىن يوقاتقۇزۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىنى تونۇش، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش ۋە بىردەكلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئاجىز ئورۇندا تۇرىۋاتقان شەخسلەرنى «پۇقراغا ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش» شەكلىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، تۈزۈلمە قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈلمە ئىجادىيىتى (قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن-تۈزۈم ئىجادىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى پۇقرالارنىڭ ھوقۇق باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھېچقانداق پۇقرانىڭ ئېتنىك (مىللەت) خاسلىقى سەۋەبىدىن ئالاھىدە ھوقۇقتىن بەھىرلىنىشىگە ياكى كەمسىتىلىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئەركىن ۋە ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىغا سىياسىي جەھەتتىن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش، شەخسنىڭ پۇقرالىق كىملىكى ۋە جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىملىك تەۋەلىكىنى كۈچەيتىش.

ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي ئامىل مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئۇل خاراكتېرلىك رول ئويناپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر (ئېتنىك) نىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسى، ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش، ئىقتىسادىي قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خاتىرجەملىكىنى قوغداشتا ناھايىتى مۇھىم بولغان ئۇل رولىنى ئوينايدۇ.

تەتقىقاتلىرىمىزدىن شۇنى بايقىدۇقكى، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى بولسا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ (شالغۇتلىشىپ) كېتىشى، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدارلىرى. ئاۋال، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى خىتاينىڭ سىرتىدا ئىقتىسادى يۇقۇرى دەرىجىدە ئېشىۋاتقان دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەردىنمۇ يۇقۇرى. بۇ يەردە بىز مەملىكەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئاساسەن، 8 ئاز سانلىق مىللەت رايونى ۋە دۇنيادىكى ستاتىستىكىلاشقا بولىدىغان 168 دۆلەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى. 1978- يىلىدى 2008- يىلىغىچە بولغان 30 يىل ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ GDP سىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %11.69، شىنجاڭنىڭ %10.35، گۇاڭشىنىڭ %9.86، شىزاڭنىڭ %9.79، يۈننەنىڭ %9.72، نىڭشىيانىڭ %9.61، گۈيجۇنىڭ %9.36، چىڭخەينىڭ %8.44. بۇ سەككىز ئاز سانلىق مىللەت رايونىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئۆسۈش نىسبىتىمۇ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتى تېخىمۇ ئەۋزەل، رايون ئورنى تېخىمۇ پايدىلىق، ئىقتىسادىي ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان دۆلەتلەردىن يۇقۇرى بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن، ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىلگەن بوتسۋانا (Botswana) دىن (ئېشىش نىسبىتى %7.59)، ئۈچىنچى ئورۇندىكى سىنگاپوردىن (ئېشىش نىسبىتى %6.92)، تۆتىنچى ئورۇندىكى مالايىسىيادىن (ئېشىش نىسبىتى %6.26)، بەشىنچى ئورۇندىكى كورىيەدىن (ئېشىش نىسبىتى %6.25)، ئالتىنچى ئورۇندىكى تايلاندتىن (ئېشىش نىسبىتى %5.71)، يەتتىنچى ئورۇندىكى ھېندىستاندىن (ئېشىش نىسبىتى %5.65) ۋە سەككىزىنچى ئورۇندىكى بېلىز (Belize) دىن (ئېشىش نىسبىتى %5.57) يۇقۇرى. (جەدۋەل 1 گە قارالسۇن.) بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى» دىن بىۋاستە بەھىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىدۈرىدۇ. بۇ ئەۋزەللىكلەر دۆلەت ئىچىدىكى بىرلىككە كەلگەن بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، غايەت زور ئىقتىسادىي كۆلەم ۋە بازار كۆلىمى، روشەن ھالدىكى ئىقتىسادىي ئېشىندىلىق (外溢性) ۋە تاشقى تەننەرخ (外部性 ياكى 外部成本) نىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە تورلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ھالقىش شەكلىدە ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئۇندىن قالسا، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئىنسانىيەت تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى خىتاي بويىچە ئەڭ تېز بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ تېز. (Human Develompment Index، تۆۋەندە قىسقارتىلىپ HDI دەپ ئېلىنىدۇ. تەرجىمە قىلغۇچىدىن.) بىز بۇ يەردە مەملىكەتلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسى ۋە ب. د. ت. تەرەققىيات پىلانلاش مەھكىمىسى (The United Nations Development programme) سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئاساسەن، 8 ئاز سانلىق مىللەت رايونى بىلەن سىتاتىستىكىلاشقا بولىدىغان 157 دۆلەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى. 1982- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى HDI كۆرسەتكۈچى 0.558 دىن 0.793 كە ئۆسۈپ، 0.235 نۇقتا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكى دۇنيا HDI كۆرسەتكۈچ دەرىجىسى بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت بولغان؛ ئوخشاش ۋاقىتتىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ HDI كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرىچە ئېشىش سىنبىتىدىن يۇقىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت ياكى رايونلار بويىچە ئېشىش دەرىجىسى ئەڭ چوڭ رايونلاردۇر؛ 1982- يىلىدا يۈننەن، گۇيجۇ ۋە شىزاڭنىڭ HDI كۆرسەتكۈچى ھىندىستاندىن تۆۋەن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ موڭغۇلىيەدىن تۆۋەن بولغان، بىراق 2008- يىلىغا بارغاندا بولسا ئىچكى موڭغۇل يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىنسانىيەت تەرەققىيات سەۋىيىسىگە كەلدى، ھەمدە خوشنا دۆلەت موڭغۇلىيەدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ 2008- يىلى شىزاڭنىڭ HDI كۆرسەتكۈچى ۋە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى تەبىئىي شارائىتى تېخىمۇ ياخشى بولغان ھىدىستان ۋە پاكىستاندىن ئېشىپ كەتتى. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى» دىن بىۋاستە بەھىرلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەۋزەللىكلەر سوتسىيالىزىمنىڭ كۈچنى توپلاپ چوڭ ئىش قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى بىلەن، بولۇپمۇ دۆلەت مالىيەسى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئادەم كۈچى كاپىتالىغا مەبلەغ سېلىش، ئىجتىمائىي باراۋەرلىككە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

يەنە كېلىپ، 21- ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن شەرقىي قىسىم دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ نىسبىي پەرقى كىچىكلەش باسقۇچىغا كىردى. ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئۆزگەرمەس باھا ئۆلچىمى بويىچە ھىسابلىغىنىمىزدا، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن GDP، 1987- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر قايسى رايونلاردىكى پەرق كوئېففىتسىنتى تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 0.59 غا يېتىپ بارغان؛ 1991- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، بۇ پەرق كوئېففىتسىنتى ئۆرلەشكە يۈزلىنىپ، 0.70 كە يېتىپ بارغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئارىسىدىكى نىسبىي پەرقنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چوڭايغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن؛ 2004- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقىدا بۇ كوئېففىتسىنت ئەكسىگە قايتىپ داۋاملىق تۆۋەنلەپ، 0.58 گە يېتىپ بارغان بولۇپ، پەرقنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كىچىكلەشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى چوڭ ئائىلىسىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن «سوتسىيالىزىمنىڭ ئورتاق بېيىش ئەۋزەللىكلىرى» دىن بىۋاستە بەھىرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەۋزەللىكلەر پارتىيە مەركىزى ئوتتۇرىغا قويغان ئادەمنى ئاساس قىلغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ياردەم قىلىشىنى يېتەرلىك رېغبەتلەندۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ۋە ئۆزگىچە ئىگىلىكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېتەرلىك قوللاش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئىلغار مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىز چوقۇم ئىقتىسادىي ئالاقە، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە قوشۇلۇپ (شالغۇتلىشىپ) بىر گەۋدە بولۇش تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، سوتسىيالىزىمنىڭ تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈش، بولۇپمۇ مىللىي رايونلاردا سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەل قۇرۇپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازار ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ۋە مېخانىزم خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى زور كۈچ چىقىرىپ يوق قىلىش، مىللىي رايونلار بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، رىقابەتلەشكەن، تەرتىپلىك، ئېچىۋىتىلگەن زامانىۋىي بازار سىستېمىسىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ۋە كاپىتال، ئەمگەك كۈچى، تېخنىكا، ئۇچۇر قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەركىن ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تاۋار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە سەرخىللاشتۇرۇلۇپ سەپلىنىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش؛ ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ تەمىنلەش ۋە تەلەپ مۇناسىۋىتىنى، بايلىق مەنبەسىنىڭ كەملىك دەرىجىسىنى، مۇھىتنى بۇلغاش تەننەرقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى ۋە بايلىق مەنبە باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەلىك مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىش مەسىلىسىنى بارا-بارا ئۆزگەرتىپ، مەنبەلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ۋە سەپلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، مىللىي رايونلارنىڭ بايلىق مەنبە ئەۋزەللىكلىرىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش، شەرقىي رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالدىن بېيىغانلار باشقىلارنى بېيىشقا يېتەكلەش ۋە باشقىلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇش؛ ھەر تۈردىكى بازار سۇبيېكتىنىڭ باراۋەر ھالدا ئىجازەتكە ئېرىشىشى، باراۋەر ھالدا تىجارەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بازار مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ، چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ، دۆلەت ئىچى كارخانىلىرى بىلەن چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ياخشى بولغان باراۋەر ھالدىكى رىقابەت مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر خىل كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، بارلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت بايلىقى يارىتىش ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادىيلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوزغىتىش؛ تەرتىپلىك قائىدىسى بولغان بازار تەرتىپىنى مۇكەممەل قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بازارنىڭ تەبىئىي شاللايدىغان رىقابەتلىك تاللاش رولىنىڭ جارى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، «ناچارلىرىنىڭ ياخشىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشى» دەك تەتۈر شاللاش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كارخانىلار ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېچىۋىتىلگەن ئىقتىسادىي سەۋىيەنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، چەتئەل مەنبەلىرى ۋە بازارلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي رايونلارنىڭ ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى باشقا رايونلارنىڭ بىر بىرىگە ئېچىۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت، بازار ۋە غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلارتلىرىنىڭ كۈچىنى تەرققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي رايونلارنىڭ مىللىي رايونلارغا بېرىپ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، مىللىي رايونلارنىڭ شەرقىي رايونلارغا بېرىپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، مىللىي رايونلارنىڭ مەملىكەت ئىچى بازىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىش، شەرقىي رايونلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرى، ئىختىساسلىق خادىملىرى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنپ مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە زور مىقتاردىكى كارخانىلارچىلار گۇرۇپپىسىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش، يەنى مىللىي رايونلاردىكى يەرلىك كارخانىلار ۋە كارخانىچىلارنى تەربىيىلەشكىمۇ، باشقا يەرلەرنىڭ كارخانا ۋە كارخانىچىلىرىنى كىرگۈزۈشكىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، مىللىي رايونلارنىڭ يەرلىك كارخانا، كارخانىچىلار ۋە باشقا يەرلەرنىڭ كارخانىلىرى ۋە كارخانىچىلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، ھەر يەرلەردىكى كارخانىچىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تېخنىكىلارنى ئىشلىتىش، يېڭى بازارلارنى ئېچىش، خام ئەشيالارنىڭ يېڭى كېلىش مەنبەلىرىنى بايقاش، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ يېڭىچە تەشكىللىنىش شەكلىنى يارىتىش، كارخانىچىلارنىڭ تېخنىكا يېڭىلىقى، بازار يېڭىلىقى، باشقۇرۇش يېڭىلىقى قاتارلىق ھەر خىل يېڭىلىقلارنى يارىتىشىغا پايدىلىق بولغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان، ئوبدان جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆزلىكىدىن تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئىچكىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە چىدامچانلىق كۈچىنى ئۆستۈرۈش؛ پەن-تېخنىكا ئىجادىيىتى ۋە ئىلىمنىڭ قوللىنىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىلىم ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ھالقىسى قىلىش، پەن-تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە شەرقىي رايونلارنىڭ مىللىي رايونلارغا بولغان تېخنىكا ياردەملىرىنى زور كۈچ بىلەن قوزغىتىش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، مىللىي رايونلار بىلەن شەرقىي رايونلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى جەريانىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنىڭ دېنوتاتسىيە (سىرتقا كېڭىيىش) شەكلىدىكى سانلىق كېڭىيىشتىن كوننوتاتسىيە (ئىچكى سىغدۇرۇش) شەكلىدىكى سۈپەت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، زۆرۈر ئامىللارنى توپلاشتىن تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشقا، ئۇنىڭدىن بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۆزگەرتىش لازىم. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىشى ۋە شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ مىللىي رايونلارغا يۆتكىلىپ چىقىم قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭايتىپ، شەرقىي رايونلارنىڭ مىللىي رايونلارغا بولغان ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە ھەمكارلىق كۈچىنى چوڭايتىش، مىللىي رايونلارنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي رايونلار بىلەن مەملىكەت ئىچىدىكى باشقا رايونلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش.

ئۈچىنچىدىن، مەدەنىيەت جەھەتتىن مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، قوشۇلۇپ (شالغۇتلىشىپ) بىر گەۋدە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا ئۇلۇسى مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەر قايسى رايون، ھەر قايسى ئېتنىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش (ھەممىگە تەڭ قاراش) جەريانىدۇر. بۇ خىل ئېچىۋىتىلگەن كەڭ قورساقلىق جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ يوقىلىپ كەتمەي، گۈللەپ ياشنىشىنىڭ كۈچ مەنبەسى ۋە مۇھىم سەۋەبى. يەر شارىلىشىش، رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى، ئۇچۇرلىشىش، زامانىۋىلىشىش تېز سۈرئەتتە تەرققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنىڭ رولى تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، ئۆزئارا سىڭىشىش، ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش، قوشۇلۇپ كېتىش مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مىللىي گۈللىنىشى ئۈچۈن بارا-بارا مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيىلىك رولىنى ئوينىماقتا.

بىز چوقۇم مەدەنىيەت بېرىش-كېلىشى، ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ھەم مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەم پۇقرالار مەدەنىيەت پەرق خاسلىقىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۈچەيتمەسلىك ۋە قاتتىقلاشتۇرماسلىق (固化)، مىللىي مەدەنىيەت بېرىش-كېلىشى، ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، بارلىق ئېتىنىك مەدەنىيەتلەرنى جۇڭخۇا ئۇلۇسى مەدەنىيىتى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، ھەر قانداق شەكىلدىكى يەرلىك ئېتىنىكىزىم (مىللەتچىلىك) ۋە چوڭ ئېتنىكىزىم (مىللەتچىلىك) كە قارشى تۇرۇش، ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى، دۆلەت ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىم سالاھىيىتى (身份认同) نى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. زامانىۋىلىشىش جەريانىدىكى مىللىي ئاڭنىڭ قايتا گۈللىنىش مەسىلىسىنى توغرا تونۇش ۋە تېگىشلىك رەۋشتە مۇئامىلە قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئىلمىي پوزىتسىيەنى قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن، ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولغان ئېتنىك (مىللىي) ئاڭنى ئېتراپ قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن، سوتسىيالىستىك ئىدىيە بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەر قانداق شەكىلدىكى مىللەتپەرۋەرلىك (مىللەتچىلىك) كە قەتئى قارشى تۇرۇشىمىز (گەرچە بۇ خىل مىللەتپەرۋەرلىك ياكى مىللەتچىلىك ئەڭ «ئادىل»، «پاك» بولىسمۇ)، «پرولېتارىيات مىللەتپەرۋەرلىك (ياكى مىللەتچىلىك) نى مۇستەھكەملەيدىغان ھەر قانداق ئۇسۇلنى قوللىمايدۇ.»، «ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا كۈنسىرى قويۇقلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مىللەتلەرنىڭ بىر جان-بىر تەن بولۇش تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش» [27] تە تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ باشتىن-ئاخىرى چوڭ مىللەتچىلىككە ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تىلنىڭ مىللەتلەرنىڭ بېرىش-كېلىش، ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بولغان ئاساسىي رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئورتاق تىل بولمىغاندا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭمۇ ئىنتايىن قىيىن بولىدىغانلىقىنى، ئورتاق بولغان دۆلەت كىملىكى سالاھىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ تېخىمۇ قىيىن بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇش، شۇ ئارقىلىق «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنى» نى تېخىمۇ ئاڭلىق ئالغا سۈرۈش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق (خىتاي تىلى ۋە ئورتاق تىل (普通话)) نى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بېرىش-كېلىش، ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ۋە ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش. دىننىڭ سەلبىي ۋە ئىجابىي رولىنى دىئالېكتىك، ئوبيېكتىپ ۋە ئىلمىي ھالدا تونۇش، «ئاساسىي قانۇن» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش، دىننىڭ «ئىجابىي رولى» [28] نى جارىي قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇش، سەلبى رولىنى چەكلەش، كىشىلەرنىڭ دىنىي سالاھىيىتىنى دۆلەت سالاھىيىتىنىڭ ئاستىغا چۈشۈرۈش، باشتىن-ئاخىر دۆلەت سالاھىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئاستىدا تۇرىشىغا ھەمدە دۆلەت سالاھىيەت تۇيغۇسىنى ھىمايە قىلىشىغا تۈركە بولۇش، ھەر قايسى دىنلار ئارىسىدا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئەخلاق ئۆلچىمى رولىنى ئۈنۈملۈك تەرتىپكە سېلىش، دىندىكى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيىسى بىلەن دىنىي ئاممىنى يېتەكلەپ، دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئاممىنى ئەسىرگە ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۈچ چىقىرىپ دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تېررورىزىم، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك تىپىدىكى تېررورىزىمنىڭ ئىدىيىۋى قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىننىڭ سەلبىي ئامىللىق رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تىزگىنلەش، ئىجابىي ئامىللىق رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارىي قىلدۇرۇش، ھەر قايسى مىللەت، ھەر قايسى دىنلاردىكى خەلق ئاممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىجابىيلىقى ۋە ئىجادىيلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھازىرقى دۇنيادىكى گۈزەل تۇرمۇشنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك. رەسىم-قائىدىلەرگە، بولۇپمۇ كوللىكتىپ رەسىم-قائىدىلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى سالاھىيەت تۇيغۇسى (认同感) نى شەكىللەندۈرۈشتىكى رولىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك بولۇپ، بۇ ئىلغار ئەنئەنىۋى رەسىم-قائىدىلەرنى قايتىدىن قۇرۇش، دۆلەت بايرىمى، چاغان قاتارلىق ھەر خىل ئەھمىيەتلىك بايرام ۋە ئۇلارنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى سالاھىيىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامما ياقتۇرىدىغان ھەر خىل رەسمىيەت (形式) لەر ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزلىكىدىن قانۇن-ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ياخشى پۇقرا، ياخشى خەلق بولۇشقا يېتەكلەپ، خىزمىتىنى بۇرچ دەپ بىلىدىغان، خىزمىتىگە سادىق، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، پۈتۈن مەملىكەن خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىشى (伟大复兴) ئۈچۈن ھەر قايسى مىللەت پۇقرالىرىنىڭ كۈچىنى بېغىشلاشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەۋەر مېدىيالارنىڭ پۇقرالارنى جۇڭخۇا ئۇلۇسى سالاھىيىتى (中华民族认同) يېتىلدۈرۈشتىكى رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، سۆزلەش ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، پۇقرالارنىڭ ئۇلۇستىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى (民族自豪感)، ئىشەنچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسى سالاھىيەت تۇيغۇسىنى، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم سالاھىيەت تۇيغۇسى ۋە جۇڭگوچە سالاھىيەت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى ئاز سانلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار (مىللەتلەر) نىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرى (ئېلېمېنتلىرى) نى قوغداش، قېزىش، رەتلەش ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى ئاز سانلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار (مىللەتلەر) مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرققىي قىلىشىغا ئالاھىدە زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇش، شۇ ئارقىلىق ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ۋە ئاكتىپلىپ بىلەن ھەر قايسى ئاز سانلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار (مىللەتلەر) نىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرى (ئېلېمېنتلىرى) نى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىچىگە رەتلەپ كىرگۈزۈش، جۇڭخۇا ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن، جۇڭخۇا ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى خىتاي (中国) سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرى ۋە جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىشىدەك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئىجتىمائىي جەھەتتىن مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «جەمئىيەت – شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر – نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پائالىيىتىنىڭ مەھسۇلى.» [29]. كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، جەمئىيەت دېگىلى بولمايدۇ. بىز چوقۇم يەرشالىشىش، ئۇچۇرلىشىش، زامانىۋىلىشىشنىڭ ئوبيېىكتىپ ئەمەلىيىتىگە ماسلىشىشىمىز، بەزىبىر چەتئەللىك ئىختىساسلىقلار (مەسىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئېتىنىك گۇرۇپپىسىدىكى ئادەملەر،  كانادانىڭ ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپپىسىدىكى ئادەملەر) نىڭ ئۆزى خالاپ خىتاي پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشتەك ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىش-كېلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇشىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىگە ماسلىشىشىمىز، خىتاينىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ يۈكسەكلىكى نۇقتىسىدىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر خادىملىرىنىڭ ئۆزئارا بېرىش-كېلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ  تارىخى چوڭ يۈزلىنىشى چوڭقۇر تونۇپ، خىتاي 56 مىللەت (ئېتنىك گۇرۇپپا) دىن تەشكىللەنگەن دېگەندەك ئۇقۇم ۋە مېتودلارنى كۈچەيتمەسلىك كېرەك (مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى مېكسىكىلىقنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان بىر ئادەم بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىسپانىيىلىكنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان بىر ئادەم خىتايدا خىزمەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي پۇقرالىقىغا ئۆتۈشنى خالىغان بولسا، ئەسلىدىكى پۇقرالارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى بىلەن ئايرىيدىغان بولساق، بۇ چاغدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مىللەت ئايرىمىسى 58 مىللەت بولۇپ قالىدۇ؛ ئەگەر خىتاينىڭ يېقىنقى تەرەققىيات كۈچلىنىشىنى ئويلاشتۇرساق، خىتاينى تەرەققىي قىلدۇرغان ئاز بولمىغان چەتئەللىكلەر ئۆزلىرى خالاپ خىتاي پۇقرالىقىغا ئۆتۈشنى خالىدى، ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقرالىقىغا ئۆتۈشى تەستىقلەنسە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مىللەت ئايرىمىسى كۆپەيمەيدۇ. بۇ مۇشۇنداق مۇقىملاشتۇرۇلغان ھالدا قانچىلىك مىللەتنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسىنى تەشكىل تاپقانلىقىدەك ئۆلۈك ھالدا ئاتىۋىلىش ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ)، ئەكسىچە جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق مىللەت خادىملىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان ئېچىۋىتىلگەن ۋە ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان ئوچۇق ئىدىيىسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك (مەسىلەن خىتاي مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاددىي ھالدا جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن باراۋەر قىلىۋالماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش سەۋەبىدىن، خىتاي مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى يەكلىمەسلىكىمىز، ئاددىي ھالدا چەتئەل مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە يەكلەپ، رەت قىلىدىغان پوزىتسىيەدە بولماسلىقىمىز كېرەك)، ھەممىگە تەڭ قارايدىغان، كەڭ قورساق بولىدىغان، ياخشى-ياماننىڭ ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان ئېچىۋىتىلگەن مۇئامىلە بىلەن، خىتاينىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇش نۇقتىسىدىن جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ چوڭ تەرەققىياتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بىر خىل ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇق، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل خاسلىقى بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىگە ماسلىشىپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزئارا بېرىش-كېلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ئەكسىچە بۇ خىل پەرق ۋە خاسلىقلار سۈنئىي ھالدا قاتتىقلاشتۇرىۋەتمەسلىكىمىز ۋە كۈچەيتىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى ھەر مىللەت نوپۇسىنىڭ زور دەرىجىدە كۆچۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭخۇا ئۇلۇسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇمھۇرىيىتى، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەممىسى بارلىق پۇقرالارنىڭ زېمىنى، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن ئېقىپ يۈرسە (يۆتكەلسە)، خالىغان بىر يەردە ئۈگىنىش قىلىش، ياشاش ۋە خىزمەت قىلىشنى ئەركىن قارار قىلسا بولىدۇ، بولۇپمۇ يەر شارىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، بازارلىشىش، زامانىۋىلىشىش ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئەركىن ھالدا سەرخىللاشتۇرۇپ سەپلەۋاتقان دەۋردە، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەركىن، باراۋەر ھالدا ئېقىپ يۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە قوشۇلۇشىنىڭ بىر خىل تەبىئىي ۋە قانۇنىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، شۇنداقلا ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن ۋە ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز چوقۇم بۇ خىل ئوبيېكتىپ ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشىمىز، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئىسلاھات قىلىشىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز ۋە يېڭىلىق يارىتىشىمىز، نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىشىمىز، پۇقرالارنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇشىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى باراۋەر بولغان ئاممىۋىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىمىز، شەھەر-يېزا ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئادەملەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش ھوقۇقىغا تېخىمۇ ياخشى باراۋەر ھالدا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ھەر مىللەت نوپۇسلىرىنىڭ ئەركىن، تەرتىپلىك يۆتكىلىشى (ئېقىشى) نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز، ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلدىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئالغا سۈرۈشكە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەر پىلانلىرى ۋە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سېتىلىشىدا، ماس ھالدىكى ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىپ، ئامالنىڭ بارىچە ئوخشىمىغان مىللەت (不同族) (ئېتنىك گۇرۇپپا، مىللەت (民族)) لەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، بىللە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ رايونلارنىڭ چەك-چىگراسى ئېنىق كىچىك رايونلارغا بۆلۈنۈپ كېتىشىنى توسۇش كېرەك. مىللەتلەر ئارا ئەركىن تويلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپا (مىللەت) ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزئارا تويلىشىشى ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭخۇا ئۇلۇسى تەرەققىياتىنىڭمۇ ئوبيېكتىپ تەلىپى، بولۇپمۇ ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئائىلىلەر قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولسا، ئادەملەر ھەممىسى تۇغقان بولسا، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشىنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى سېلىنغان بولىدۇ. شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ بەزىبىر مىللىي رايونلىرىدا مىللەتلەر ئارا تويلىشىشقا پايدىسىز بولغان بىر خىل ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە سىياسىي تەدبىرلەر مەۋجۇت بولۇپ، بەزىبىر مىللەت (族) (ئېتنىك گۇرۇپپا، مىللەت (民族)) لەرنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن، بەزىبىر مىللەتلەر ئارا تويلىشىش نىسبەتلىرى نۆلدە نەچچە پىرسەنتلا بولۇپ، خەلقئارادىكى مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىقىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆلچەش تەلىپى بولغان ئىككى مىللەت ئارا تويلىشىش نىسبىتى يېتىپ بارغان %10 لىك سەۋىيەسى بىلەن ناھايىتى چوڭ پەرق مەۋجۇت. مانا بۇ مىللەتلەر ئارا تويلىشىشنى تۈزۈم جەھەتتىن يېتەكلەشنى، پۇقرالارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىك قانۇنىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش (ئالي مەكتەپ) ئىمتىھانىدا نومۇر قېتىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، مەمۇرلارنى ئىمتىھان ئارقىلىق قۇبۇل قىلىشنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆسۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەردە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى، ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىكى تويلاشقۇچىلارنى كەمسىتمەسلىك ۋە ئېتىبار بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. (مەسىلەن، بەزى جايلاردا ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلىسى ئاز سانلىق مىللەت بولغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئالىي مەكتەپ ئىمىتىھانىدا نومۇر قوشۇش ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر تەرەپ ئاز سانلىق مىللەت بولغانلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، بۇ مىللەتلەر ئارا تويلىشىشقا ئېنىقلا پايدىسىز بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر تەرەپ ئاز سانلىق مىللەت بولغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ باراۋەر تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا نىسبەتەن بىر خىل ئادىل بولمىغان كەمسىتىشتۇر؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى جايلاردا، ئاللىقاچان شەھەرلىشىپ بولغان ھەمدە خىتاي ئائىلىلەر بىلەن ھېچقانداق تەربىيىلىنىش پەرقى بولمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلەرنىڭ (مەسىلەن، ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلا تەرەپ دۇڭزۇ مىللىتى، مانجۇ مىللىتى بولغانلارنىڭ) پەرزەنتلىرىگىمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى بار بولۇپ، بۇ ئېنىقلا ئوخشاش شەھەردىكى ئاتا-ئانىسى خىتاي بولغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن بىر خىل ئادىل بولمىغان كەمسىتىشتۇر.) پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ھەر قايسى  مىللەت (族) (ئېتنىك گۇرۇپپا، مىللەت) لەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قىيىنچىلىقتا تۇرىۋاتقان بارلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھەقىقىي ياردەم قىلىش، ئاھالىلەرنى بايلىق مەنبەسى، مۇھىت، ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سۈرۈش، دۆلەت قانۇن تۇرغۇزۇش، مەمۇرىي، ئەدلىيە قاتارلىق ئاممىۋىي ئىش بىجىرىش پائالىيەتلىرىدە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى قەدەممۇ-قەدەم كېڭەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقنى بىلمەيدىغان پۇقرالارغا تىل ياردىمى ۋە تەربىيىلەش بىلەن تەمىنلەش، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئاممىۋىي ئىش بىجىرىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قابىلىيىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. مائارىپنىڭ مىللەتلەر ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇپ كېتىشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە مەبلەغ سېلىشنى زور كۈچ بىلەن كۆپەيتىپ، يەسلىدىن تارتىپ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىردەك قوش تىللىق مائارىپ، مىللىيلار بىلەن خىتايلار ئارىلاشقان مەكتەپ، ئارىلاشقان سىنىپ ئوقۇتۇشلىرىنى يولغا قويۇش، كەسپىي تەربىيە ۋە ئۈزلۈكسىز تەربىيەنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سۈرۈپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئادەم كۈچى كاپىتالىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانىدىكى ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇپ كېتىش پۇرسەتلىرىنى كۆپەيتىش، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇپ كېتىش قابىلىيەتلىرىنى ئاشۇرۇش، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنى ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قاتناشتۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەم ئەركىن تەرەققىي قىلىش قابىلىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسى بۈيۈك قايتا گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق ئەقىل ۋە كۈچىنى بېغىشلاش كېرەك.

قىسقىسى، بىز مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇپ كېتىش تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، خەلقئارادىكى غەلىبىلىك تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىش، شۇنداقلا مەغلۇبىيەتلەردىن ساۋاق ئېلىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىگە ئالمىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەر ساھەلەردىن دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئېتنىك گۇرۇپپا ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتۇرۇش(سۇسلاشتۇرۇش)، 56 مىللەت ئۇقۇمىنى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىملىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ جۇڭخۇا ئۇلۇسى سالاھىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىنى ھەقىقىي ئالغا سۈرۈپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىپ، بىر گەۋە بولۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنىڭ بۈيۈك قايتا گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

(ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى (پەلەسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر نەشىرى) 2011- يىلى 5- سان)

تور بەت مەنبەسى:

http://www.aisixiang.com/data/51769.html

——————

پايدىلانغا ماتېرىياللار:

[ ① ]谨对清华大学——中国科学院国情研究中心魏星博士在有关统计资料方面提供的协助表示谢忱。

[② ]胡鞍钢,清华大学——中国科学院国情研究中心主任、清华大学公共管理学院教授、国家规划专家委员会委员 ;

胡联合,清华大学——中国科学院国情研究中心、清华大学公共管理学院法学博士、特约研究员。

[③ ]胡锦涛:《深入贯彻落实科学发展观,努力推进新疆跨越式发展和长治久安》,《新疆工作文献选编 (1949— 2010年 )》,北京:中央文献出版社, 2010年,第 717页 ;《中共中央国务院召开第五次西藏工作座谈会》,《人民日报》 2010年 1月 23日。

[④ ]胡联合、胡鞍钢:《繁荣稳定论:国家何以富强和谐》,第 257— 345页,北京 ,中国大百科全书出版社, 2009年。

[⑤ ]亚当·斯密:《道德情操论》,余涌等译,第 257页,北京,中国社会科学出版社, 2003年。

[⑥ ]亚当·斯密:《道德情操论》,余涌等译,第 257页,北京,中国社会科学出版社, 2003年。

[⑦ ]哈罗德·伊罗生:《群氓之族:群体认同与政治变迁》,邓伯宸译,第 227页,桂林,广西师范大学出版社,2008年。

[⑧ ]哈罗德·伊罗生:《群氓之族:群体认同与政治变迁》,邓伯宸译,第 227页,桂林,广西师范大学出版社,2008年。

[⑨ ]哈罗德·伊罗生:《群氓之族:群体认同与政治变迁》,邓伯宸译,第 228页,桂林,广西师范大学出版社, 2008年。

[⑩ ]哈罗德·伊罗生:《群氓之族:群体认同与政治变迁》,邓伯宸译,第 228页,桂林,广西师范大学出版社, 2008年。

[11]马克· I·利希巴赫、阿兰· S·朱克曼编:《比较政治:理性、文化和结构》,储建国等译,第 299— 300页,北京,中国人民大学出版社, 2008年。

[12]马克· I·利希巴赫、阿兰· S·朱克曼编:《比较政治:理性、文化和结构》,储建国等译,第 302页,北京,中国人民大学出版社, 2008年。

[13]马克· I·利希巴赫、阿兰· S·朱克曼编:《比较政治:理性、文化和结构》,储建国等译,第 303页,第 302页,北京,中国人民大学出版社, 2008年。

[14]马克· I·利希巴赫、阿兰· S·朱克曼编:《比较政治:理性、文化和结构》,储建国等译,第 301页,北京,中国人民大学出版社, 2008年。

[15]胡锦涛:《深入贯彻落实科学发展观,努力推进新疆跨越式发展和长治久安》,《新疆工作文献选编 (1949— 2010年 )》,第 707页,北京,中央文献出版社, 2010年。

[16]马丁· N·麦格:《族群社会学》,祖力亚提·司马义译,第 362页,北京,华夏出版社, 2007年。

[17]参见马丁· N·麦格:《族群社会学》,祖力亚提·司马义译,第 122— 366页,北京,华夏出版社, 2007年。

[18]马丁· N·麦格:《族群社会学》,祖力亚提·司马义译,第 401— 402页,北京,华夏出版社, 2007年。

[19]马丁· N·麦格:《族群社会学》,祖力亚提·司马义译,第 430、 431页,北京,华夏出版社, 2007年。

[20]马丁· N·麦格:《族群社会学》,祖力亚提·司马义译,第 423、 424页,北京,华夏出版社, 2007年。

[21]参见马丁· N·麦格:《族群社会学》,祖力亚提·司马义译,第 400— 431页,北京,华夏出版社, 2007年。

[22]参见马丁· N·麦格:《族群社会学》,祖力亚提·司马义译,第 510页,北京,华夏出版社, 2007年。

[23]胡鞍钢、王绍光、康晓光:《中国地区差距报告》,第 270-278页,沈阳,辽宁人民出版社, 1995年。

[24]参见马丁· N·麦格:《族群社会学》,祖力亚提·司马义译,第 509-520页,北京,华夏出版社, 2007年 ;余建华:《民族主义:历史遗产与时代风云的交汇》,第 365-374页,上海,学林出版社, 1999年。

[25]威尔·金里卡:《少数的权利:民族主义、多元文化主义和公民》,第 1页,上海,上海人民出版社, 2005年。

[26]胡锦涛:《深入贯彻落实科学发展观,努力推进新疆跨越式发展和长治久安》,《新疆工作文献选编 (1949— 2010年 )》,第 706页,北京:中央文献出版社, 2010年。

[27]参见《列宁全集》 24卷,第 130、 136— 138页,北京,人民出版社, 1990年。

[28]《中共中央关于构建社会主义和谐社会若干重大问题的决定》,《人民日报》, 2006年 10月 19日。

[29]《马克思恩格斯选集》第 4卷,第 532页,北京:人民出版社, 1995年。

(原载:新疆师范大学学报(哲学社会科学版)2011年第5期)

Share
7853 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.