logo

trugen jacn

خىتاي: ئاياللار ئارىسىدىكى «دىنى ئەسەبىيلىك»كە قارشى ھەرىكەت باشلىدى

cf6ef17d-f966-4dc2-bf41-d533068b415b

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 7-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، «ئاياللارغا بولغان تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى» ناملىق تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا «ئاياللارغا بولغان تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى» تېمىلىق مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنى نىشان قىلغان بۇ ھەرىكەت بۇ يىل 8-ئايدىن 2015-يىلى 8-ئايغىچە بىر يىل داۋام قىلىدىكەن.

شىنجاڭ گېزىتى 13-ئاۋغۇست سانى باش بەت خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدە ئېچىلغان، «ئاياللارغا بولغان تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى» تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ تارماق يىغىن مەيدانلىرى قاتناشقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈلەش ئابدۇللا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئاياللارغا بولغان تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى» تېمىلىق مەخسۇس ھەرىكەت ئاپتونوم رايونىمىزدا رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئېلى بۇ ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئاساسلىقى ئاياللارنىڭ دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ يېتەكچى ۋە تەشەببۇسكار باشلامچىلاردىن بولۇپ، ئەتراپىدىكىلەرگە پائال تەسىر كۆرسىتىشكە يېتەكلەش، بىر قىسىم ئالاھىدە توپتىكى ئاياللارغا تەربىيە بېرىش، تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرگە ئېكسكۇرسىيىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلاردا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش، «پەزىلەتلىك ئائىلە»، «پەزىلەتلىك ئانا» تاللاش قاتارلىق پائالىيەتلەر، «ئائىلە» نىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان «تۇنجى دەرسخانا» لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇ يىغىندا يەنە مەخسۇس ئاياللارنى نىشان قىلغان بۇ ھەرىكەتنى باشلاش مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ «بىر مەزگىلدىن بۇيان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال خەۋپكە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى قەبىھ ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ: ‹زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيىۋى ئاساسى دىن ئەسەبىيلىكى› دەپ كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم ھۆكۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، دىن ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرغاندا، «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خىزمەتنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قارىتىشىمىز كېرەك»دەپ يول يورۇق بېرىلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، «ئاياللارغا بولغان تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى» تېمىلىق مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ دەل خىتاينىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىستراتېگىيەسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان مەخسۇس ھەرىكەت ئىكەن.

رادىئومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلار ۋە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرىدا، ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاساسلىق نىشان ۋە زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، يېقىندا قارىماي دائىرىلىرى دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن، ھىجابلانغان ئاياللارنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇشىنى رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ چەكلىگەندەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ -ئادىتىگە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئىنسان ھەقلىرىگە قىلىنغان دەپسەندىچىلىك ھەرىكەتلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ھەر خىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشى، مەكتەپ، خىزمەت ئورۇنلىرى باشقا نورمال ئىجتىمائىي ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرى، ھەتتا كۇتۇپخانا، دوختۇرخانىلاردىمۇ چەكلەندى.

ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەمئىيەتتە نورمال ئىجتىمائىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن، ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىشتىن ھەتتا نورمال ياشاشتىن چەكلەنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەتتا ئۆز ئۆيىدىمۇ، ئائىلىلەرگىچە كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان كەنت كادىرلىرى، ئامانلىق خادىملىرىنىڭ زورلۇق ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ رومالىنى مەجبۇرى ئېلىۋېتىشتەك خورلۇقلىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەددىدىن ئاشقان زوراۋانلىقىغا قارشى نۇرغۇن نارازىلىق ھەمدە قان تۆكۈلۈش ۋەقەلىرى مەيدانغا كەلدى. ئەمما دائىرىلەرنىڭ ۋەزىيەت جىددىي بىر مەزگىلدە،يەنىلا ئاياللارنى نىشان قىلىپ بىر يىلغا سوزۇلغان مەخسۇس «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى» باشلىغانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۈبەيرە خانىم، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ ناچار بىر پەيتتە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئاياللارنى نىشان قىلىپ باشلىغان بۇ خىل بىر يىلغا سوزۇلغان دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇن مەزگىلگە قەدەر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يەنىمۇ زور بېسىم ھەم خورلۇققا دۇچار بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر ھەدە سىڭىللارنىڭ خورلىنىشى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ خورلىنىشى، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ھاقارەت، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئەركەكلىرى چىداپ تۇرمايدۇ، ئۇلار ئۆز ئانىلىرى، قىز ئاياللىرى، ھەدە سىڭىللىرىنىڭ نومۇسى، ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ يولدا داۋاملىق تىركىشىدۇ، دېمەك يەنىمۇ زور قارشىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، بۇنى خىتاي بىلمەمدۇ؟ دېگەندە بىلىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، نومۇس -ھۆرمىتى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. دېمەك دائىرىلەر تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشنى خالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ خىل قارشىلىققا كۈشكۈرتۈش، ئارقىدىن باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ ئوخشاشلا تىنچلىق بولمايدۇ» دەپ بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/diniy-esebilik-08132014155606.html

Share
2041 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.