logo

trugen jacn
17 فېۋرال 2015

خىتاينىڭ تارىخ تور بېكەتلىرىنى تاقىشى دىققەت قوزغىدى

 

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

uyghurda-internet.jpg

تورخانىدىكى ۋېيبو (ۋەىبو) قاتارلىق بلوگلاردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر تارقاتقۇچىلار. 2011-يىلى 16-يانۋار، قۇمۇل.

AFP

ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا تارىخى تېمىدىكى ئاممىۋى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن 133 تور بېكىتى تاقالدى. خىتاي دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئالاقە ئىشخانىسى «تارىخىي تېمىنى نىقاب قىلىۋالغان بۇ ئۇچۇر مەنبەلىرى جۇڭگونىڭ پارتىيە تارىخى ۋە دۆلەت تارىخىغا ئائىت تارىخى ئاساسلارنى بۇرمىلاپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەنلىكى» نى ئىزاھلىدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئانالىزلىرىدا بولسا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب قىممەت قارىشى ۋە ئىدېئولوگىيىسىنىڭ خىتايغا تارقىلىشىنى كونترول قىلغاندىن باشقا، خىتاي تارىخىغا ئائىت ئۇچۇر، پىكىر-قاراشلارنىمۇ كونترول قىلىشى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇچرىغان پارچىلىنىش خەۋپىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2015-يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن خىتايدا ئىنتېرنېت كونتروللۇقى يەنە كۈچەيتىلدى. خىتاي دائىرىلىرى تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە كىملىك بويىچە تىزىملىتىپ كىرىشىنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش، رەتلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، بىر قىسىم تور بېكەتلىرىنى«ساختا-يالغان ئۇچۇر تارقاتتى» دېگەن باھانىدە تاقىدى.

خىتاي دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېلانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىخى تېمىدىكى ماقالە-ئەسەرلەر يوللىنىدىغان ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن 133 نىڭ ئاكونتى تاقىۋېتىلگەن. ئۇندىن باشقا تېڭشۈن، سىننا تور بېكەتلىرىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدە ماقالە-ئەسەرلەر ئېلان قىلىۋاتقان بىر قىسىم تور يازارلىرىنىڭ ئاكونتىمۇ تاقىۋېتىلىپ، ئۇلار خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «غەرب قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلدى» دەپ تەنقىدلەندى.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»دە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان «تارىخ بۇرمىلىنىپ، تاجاۋۇزچىلار مەدھىيىلەندى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، بىر قىسىم ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە تارقالغان تارىخى تېمىدىكى يازمىلار تەنقىدلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تارىخى تېمىدىكى يازمىلار نامىدا ساختا- يالغان تارىخنى تەشەببۇس قىلغان بىر قىسىم تور بېكەتلىرىنى تاقىشىنىڭ توغرا ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. ماقالىدە «بۇلاردا 1840-يىلدىن كېيىنكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان دەپ بۇرمىلانغان، ھەتتا بەزى يالغان ساختا تارىخى ئۇچۇرلار ئويدۇرۇلۇپ چىقىلدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىدە ساقلانغان خىتاي تارىخىغا ئائىت بىر قىسىم تارىخى كىتابلار ۋە رەسىملىك ھۆججەتلەر ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئاشكارا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بەزى خىتاي تارىخچىلىرىمۇ ماقالە-ئەسەرلىرىدە غەرب دۆلەتلىرىدە ساقلانغان خىتاي تارىخىغا ئائىت ھۆججەت، رەسىملەرنى نەقىل ئېلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان.

بېيجىڭ تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى خۇ دۇشىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ،«ھازىرقى جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى 10 يىل ئىلگىرىكى ھەتتا 5-6 يىل ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئىلگىرى ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئالاقىسى بۇ قەدەر ئومۇملاشمىغىنى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار پەقەت ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان كىتابلاردا يېزىلغان تارىخنىلا ئوقۇيتتى ۋە بۇ تارىخقا ئىشىنەتتى. لېكىن ھازىر ئوخشىمايدۇ. ئىنتېرنېت ئومۇملاشتى، بولۇپمۇ ئەقىللىق تېلېفونلاردا يوللانغان، ئۇچۇرلار، تارىخ ماتېرىياللار نۇرغۇن ياشلارنىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەپەككۇرىنى يېتىلدۈردى. بىلىمنىڭ چېگراسىز تارقىلىشى ياشلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتمەكتە. مەتبۇئات-ئۇچۇر ئالاقىلىرىنىڭ تەسىرى جۇڭگوغىمۇ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن» دېگەن.

خىتاينىڭ خەلق گېزىتى يېقىندىن بۇيانقى ماقالىلىرىدە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئالىي مەكتەپلەردە غەرب قىممەت قارىشى ئەكس ئەتكەن دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتمەسلىك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لېكسىيىلىرىنى تەكشۈرۈش، دەرس مۇنبىرىنى شەخسى نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرماسلىق» ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلق گېزىتىدە ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئاتالمىش تارىخىي تور بېكەتلىرىنىڭ زەربە بېرىش كۈچىگە سەل قارىماسلىق كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، كىشىلەرنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشتىن ساۋاق ئېلىشقا ئاگاھلاندۇرغان. ماقالىدە «80-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەۋج ئالغان ‹تارىخ ھەققىدە قايتا ئويلىنىش› تېمىسىدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە، سوۋېت كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىنى قارىلايدىغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ رۇسىيەنى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرغانلىقى تەرىپلەنگەن يازمىلارنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى، پۈتۈن مىللەتتە ئۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىدىيىنى كۈچەيتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» لىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى خەۋەر-ماقالىلىرىدە يەنە، خىتاي ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا تارىخى ۋە غەرب قىممەت قارىشى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئانالىز قىلغان ۋە ماقالە-ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىۋاتقان شەخسلەر تەنقىدلەندى.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ 16-فېۋرال دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «رېن جىچاڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى تارىخنى يەنە كۆتۈرۈپ چىقتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، خىتاي ئاممىۋى تورلىرىدا ئېلان قىلغان ماقالە-ئەسەرلىرى بىلەن خىتاي تور بېكەتلىرىدە داڭدار شەخس بولۇپ تونۇلغان، بېيجىڭ خۇا يۈەن ئۆي-مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باشلىقى رېن جىچاڭنىڭ غەربچە قىممەت قارىشى تەنقىدلەنگەن.

ماقالىدە رېن جىچاڭنىڭ 14- فېۋرال جۈمە كۈنى «جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتى يىغىنى»دا، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە «ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللاردا غەرب قىممەت قارىشىنى نەيزە-قوراللارنى بەتلەپ تۇرۇپ ھەددىدىن زىيادە چەكلىشى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى شاماللارنى قايتا قوزغاۋاتىدۇ» دېگەن سۆزى تەنقىدلەنگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/tarixiy-torbet-02162015144349.html

Share
1341 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.