logo

trugen jacn

تۈركىيە تايلاند دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغان

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ چارشەنبە كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تايلاند دائىرىلىرىدىن بۇ ئەلدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈرك مۇساپىرلىرىنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ تۈركىيەدە ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ شانلىئۇرفا شەھىرىدە چاقىرىلغان پارتىيە يىغىنىدا سۆز قىلغاندا ئەينەن شۇنداق دېگەن، «بىز تايلاندقا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تۈركىيەگە ئېلىش ئىستىكىمىزنى يەتكۈزدۇق. ئۇلارنى ئۇلار خالىمايدىغان بىر دۆلەتكە قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى پىكىرلىرىمىزنى بىلدۈردۇق. تايلاند دائىرىلىرى ئوتتۇرىدا ئادەم بېدىچىلىك مەسىلىسى بولغاچقا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، دېدى.»

بۇ يىل 3‏- ئايدا ئاياللار ۋە ئۇششاق بالىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن 300 دەك مۇساپىر تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرىگە تۇتۇلۇپ قالغان. مۇساپىرلار ئۆزلىرىنى تۈرك، دەپ ئېلان قىلىپ، تۈركىيەگە كېتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلغان ئىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ۋىليام نېي، پەيشەنبە كۈنى چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش «ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋىلليام نېي مۇنداق دەيدۇ: بىز بۇ خەۋەرنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىمىز. بىراق مېنىڭچە ئەڭ ياخشى تاللاش يولى ۋە ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى شۇ. بىز ھەر قانداق بىر پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ تەن جازاسى ۋە باشقا جازالارغا ئۇچراش ئېھتىمالدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلدۇق. تايلاندتىكى بۇ مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بىرى، ئۇلارنى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى مەدھىيىلىدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فىل روبېرتسون تۈركىيە ئانادولۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە تەكىتلەپ، « پاكىتلار شۇكى، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە يۆتكەپ كېتەلمەسلىكىدىكى خاتالىق تۈركىيەنىڭ ئەمەس» دېگەن.

تايلاندتىكى مۇساپىرلار ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، د ئۇ ق ۋە باشقا ئالاقىدار تەشكىلاتلار ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا، خىتايغا قايتۇرۇلسا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

نۆۋەتتە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان يەنە بىر ئەھۋال، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمەيۋاتقانلىقىدۇر. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى فىل روبېرتسون، «بىز تايلاند دائىرىلىرىنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيۋاتىمىز» دېگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تايلاندتىكى مۇساپىرلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش ئارزۇسىنى ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرغان. بىراق خىتاينىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

لېكىن خىتاينىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ھەممىگە مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئادەم ئەۋەتىپ «تۈرك» مۇساپىرلار قامالغان لاگېرلاردا تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارغان ھەم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەگەر ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، «جۇڭگولۇق» ئىكەنلىكى رەسمىيلەشسە، خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ تايلاند ساڭلا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتى خىتاي ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان.

بىراق مۇساپىرلار ئۆزلىرىنىڭ «جۇڭگولۇق» ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، «تۈرك» دېگەن پىكىردە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى. مۇساپىرلار يېقىندا مەزكۇر لاگېرنى زىيارەت قىلغان بىر چەتئەل تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرىغا «بىزگە كىشىلىك ھوقۇق لازىم» دېگەن. ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇساپىر: بىزگە كىشىلىك ھوقۇق لازىم، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن شۇ يەرگە بارىمىز. بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز بار ئۇ يەردە. تۈركىيەدە تۇغقانلىرىمىز بار، شۇ يەردە ياشايمىز بىز، دەيدۇ.

لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىگە ئىجابىي-سەلبىي ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، شانلىئۇرفادىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە تەكىتلەپ، تايلاند «بىزگە ھېچقانداق ئىجابىي ياكى سەلبىي جاۋاب بەرمىدى. بىز تايلاندتىكى بۇ ئەھۋالنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتىمىز» دېگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، خىتاينىڭ ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئەندىشە قىلارلىق مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ، تايلاند ۋە باشقا ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت غا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ۋىليام نېي، چەتئەلدە پاناھلىق تىلىگەن ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرىپ، «ھازىر بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇلارنىڭ ئادىل مۇئامىلە ئۇچرايدىغانلىقىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىمىز. شۇ سەۋەبلىك بىز ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرى قايتۇرۇلۇشىنى خالىمايمىز» دېدى.

ۋىليام نېينىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى 2013‏-يىلى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغىغاندىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ، ئەندىشە قىلارلىق ئەھۋالغا بېرىپ قالغان. ئۇ، «مېنىڭچە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئەلۋەتتە، زوراۋانلىق ھۇجۇملىرى يۈز بەردى. لېكىن ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەندىشە قىلارلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۇ يەنە بىر جەھەتتە دېلولارنى تېز بىر تەرەپ قىلىپ، بەزى دېلولاردا سوت بىلەن تەپتىش ھەمكارلىشىشتەك ئەھۋال پەيدا بولدى» دەپ كۆرسەتتى.

تايلاندتىكى مۇساپىرلار بۇ يىل 3‏-ئايدا تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆزلىرىنى «تۈرك مۇساپىرلىرى» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىسى دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، مۇساپىرلار بىلەن ئالاقىلەشكەن. تۈرك ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتى ئەخمەت ئاكاي، ساڭلا شەھىرىگە بېرىپ، مۇساپىرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

تۈركىيە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، تۈركىيە زېمىنىدا بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك مۇساپىر ياشايدۇ. بىراق ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال تۈرك مىللەتچى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار «سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا كەڭ قۇچاق ئاچقان» ئەردوغان-داۋۇتئوغلۇ ھۆكۈمىتىنى ئوخشاشلا شەرقىي -جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا «قۇچاق ئېچىشقا» چاقىرىپ، كۈچلۈك جامائەت پىكرى پەيدا قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/tayland-musapir-11272014150931.html

Share
1677 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.