logo

trugen jacn

تۇڭگان دىنىي ئۆلىماسى يۈننەنگە دىنىي تەلىم ئېلىشقا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى

362af950-e19a-4d51-9211-feb038aed301

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن تۇڭگان دىنىي ئۆلىماسى ما شىڭباۋ يەنى يۇنۇس ئەپەندى خىتايدىكى مەزگىلىدە دىنىي پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك دائىرىلەرنىڭ سوراق قىلىش، تەقىب قىلىش ھەتتا تۇتقۇن قىلىش قىسمەتلىرىگە يولۇققان. ما شېڭباۋ ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ئىسلام دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلدە، يۈننەندىكى ساقچى دائىرىلىرى چىقارغان ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى ۋە ئەينى چاغدا ئۆزى قاتارلىق تۇڭگان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە، مەكتەپتە يوشۇرۇنچە دىنىي تەلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى شىدا ئىسلام مائارىپى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۇنۇس ئەپەندىنىڭ ئېتىشىچە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە مىللىي سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغىنى ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ كۆپ قېتىم سوراق قىلىشى ھەتتا تۇتقۇن قىلىشلىرىغا ئۇچرىغان دىنىي ئۆلىما.

1979-يىلى چىڭخەيدىكى تەقۋادار تۇڭگان مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، كىچىكىدىنلا دىنىي تەربىيە ئالغان يۇنۇس ئەپەندى، دەسلەپ چىڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. ئەمما دىنىي تەلىم ئېلىش ئارزۇسى سەۋەبلىك 2005-يىلدىن 2009-يىلغىچە پاكىستاندىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا 4 يىل دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، 2010-يىلدىن 2013-يىل 9-ئايغا قەدەر يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گېجيۇ ۋىلايىتىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىئانە توپلىشى بىلەن ئېچىلغان 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار شىدا ئىسلام دىنىي مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ مەكتەپتە يەنە نۇقتىلىق ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنىمۇ قىلغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يۇنۇس ئەپەندى، ئۆزىنىڭ يۈننەندە ئىسلام دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى مەزكۇر مەكتەپكە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكىنى يوشۇرغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى: «يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەكتەپكە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى بار ئىدى. ئەمما مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشىغا مەسئۇل بولغىنىم ئۈچۈن، مەن مەزكۇر مەكتەپكە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان 7-8 نەپەر نەپەر ئوقۇغۇچىنى يوشۇرۇن قوبۇل قىلدىم. بۇ سەۋەبلىك دەسلەپكى مەزگىللەردە دائىرىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارەت ۋە تەقىب قىلىشى ئوبيېكتىغا ئايلاندىم.»

يۇنۇس ئەپەندى مەزكۇر ئىسلام دىنىي مەكتىپىدە ئىشلىگەن مەزگىلىدىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرى ۋە سىياسەتلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ۋاقىت 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇڭا يۈننەنگە دىنىي تەلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئاچقان دىنىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كەلگىنىدە، مەكتەپ تەرەپ ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوشۇرۇپ، ئۇلارغا خىتايچە ئىسىم قويۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «2010-يىلدىن 2013-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردە يۈننەندە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئاچقان شەخسى دىنىي مەكتەپلەردىن مەن بىلىدىغىنىمدىنلا 13 مەكتەپ بار ئىدى. گەرچە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان مەكتەپلەر تاقىلىدۇ، دېگەن ئۇقتۇرۇشى بولسىمۇ، ئەمما تۇڭگانلار ئاچقان دىنىي مەكتەپلەردە دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن بىز قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇڭگانچە لېچەك كىيىشىنى، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامال بار مەكتەپ سىرتىغا چىقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلاتتۇق، مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تىزىمغا ئالغاندا كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارغا تۇڭگانلار ئىشلىتىدىغان خىتايچە ما فامىلىلىك يالغان ئىسىملارنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولاتتۇق. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا بىز ما جۈن دېگەن ئىسىمنى قويغان ئىدۇق، ئابدۇللا قارىم ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ما شىئەن دېگەن ئىسىمنى قويغان ئىدۇق. ئىبراھىمغا مەن ئۆزۈم ئىككى يىل دەرس ئۆتكەن ئىدىم. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ چىرايى تىپىك ئۇيغۇر چىرايى بولۇپ، مەكتەپتىكى تۇڭگان ئوقۇغۇچىلاردىن بەكلا پەرقلەنگىنى ئۈچۈن، مەن بۇ ئوقۇغۇچىمنى مەكتەپ سىرتىدا ساقچىلارنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ مەكتەپتىن سىرتقا چىقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدىم. بىلىشىمچە، ئۇ 4 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئاساسەن مەكتەپ ئىچىدىن ئايرىلمىغان ئىدى» دېدى.

يۇنۇس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈننەندىكى ئىسلام دىنىي مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئوقۇشى 2014-يىلى يۈننەننىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن 1-مارت يۈننەن كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ تەسلەشكەن ھەتتا ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرىي ھالدا مەكتەپتىن ئايرىلغان.

يۇنۇس ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يۈننەندە تۇڭگانلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادىغا قارىتىلغان سىياسەت بىر قەدەر كەڭ بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ ئۆلكىگە تىرىكچىلىك غېمىدە ۋە دىنىي ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاشكارا كەمسىتىش سىياسىتى ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، مەكتەپتىكى تۇڭگان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھېسداشلىقى كۈچلۈك ئىدى. بۇ سەۋەبتىن يۈننەندىكى ئىسلام دىنىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەينى چاغدا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋېتىلىشتىن ساقلىنىپ، ساق-سالامەت ھالدا ئۆزلىرىنىڭ بىرنەچچە يىللىق دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارزۇسىنى داۋاملاشتۇرالىغان ئىدى. ئەمما 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يۈننەندە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئەمەس، ھەتتا يۈننەندە تىرىكچىلىك قىلىشىمۇ چەكلىنىپ تۈركۈم-تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋە ئايرودروملاردا يۈننەنگە كىرگۈزۈلمەيلا يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋېتىلدى. بىلىشىمچە، مەكتىپىمىزنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئابدۇللا قارىم يەنى ما جىئەن ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن سېزىپ قېلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىن ئاڭلىسام، ئۇ شىنجاڭلىق دېگەن كىملىكى سەۋەبلىك پويىز ئىستانسىسى ۋە ئايرودروملاردا قاتتىق تەكشۈرۈشكە ئۇچراپتۇ، باشقا ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنماي مەجبۇرىي ھالدا شىنجاڭغا قايتۇرۇلۇپتۇ.»

دىنىي ئۆلىما يۇنۇس ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان سىياسىتىدىكى پەرقلەرنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن دىنىي ئېتىقاد ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئەڭ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان مىللەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇنۇس ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا، مەكتەپكە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەسلەپ ھەيران قالغان بولسا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئەھۋالىنى بارغانچە چوڭقۇرلاپ بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنى سوراق قىلغان ساقچىلارغا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىش ھەققى بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارىتا تەنقىدىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئاشكارا ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن، 2013-يىل 9-ئايدا مەكتەپتىكى خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەتتا يۈننەندىنمۇ قوغلىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/xitayda-din-05122016131024.html

Share
1512 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.