logo

trugen jacn

تايلاندتىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىلىشى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا

feadff4d-eb2c-4f25-b441-4c356790472a

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تايلاندتىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىلىشى چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە تايلاندتىكى پارتلاشنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زەربە بېرىش سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ يادىغا سالدى، دەپ باھا بەرگەن.

تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدە 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان پارتلاش ئۈستىدە تەكشۈرۈش تېخى ئاياغلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ساقچى دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرى دەپ تۇتقۇن قىلىنغان مىرئەلى يۈسۈپ ۋە بۇ ۋەقەنىڭ پىلانلىغۇچىىسى دەپ قارىلىۋاتقان ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ تۇغۇلغان يېرى شىنجاڭ، دەپ يېزىلغان خىتاي پاسپورتلۇق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشى بىلەن خەلقئارانىڭ دىققىتى يەنە ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتى. بۈگۈن بۇ ھەقتە «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە، مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم يورۇققا چىقىرىپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇخبىر ناتان ۋەندېركىلىپپى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە، يېقىنقى يىللاردا تايلاندقا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىپ، بۇ يەردىن باشقا يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە قاچىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئېنىق سانىنى بىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما تايلاند ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭلا نەچچە يۈزدىن ئاشىدىغانلىقىغا قارىغاندا، قاچاق يوللار ئارقىلىق تايلاندقا كىرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى مىڭدىن ئاشىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئېلى تەتقىقاتچىسى مايكىل كىلاركنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىشى ئەمەسلىكىنى، گومىنداڭ مەزگىلىدە ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرى كەلگەندىن كېيىنمۇ بىر قانچە قېتىملىق زور كۆچ-كۆچلەرنىڭ بولغانلىقىنى مىساللىرى بىلەن بېرىپ ئۆتكەن. تەتقىقاتچى مايكىل كىلارك ئەپەندى مۇخبىرغا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى بۇ قېچىش دولقۇنى خۇددى ئەينى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىكتىكى سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىدىن بولماقتا» دېگەن. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ «بۇ ئەھۋال شۇنداقلا ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا يورۇتۇپ بېرىدۇ. چۈنكى خىتاي بىر ياقتىن ئۆز چېگراسى ئىچىدە تېررورلۇق تەھدىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، يەنە بىر ياقتىن بولسا خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ شىنجاڭغا پاراۋانلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن» دېگەن.

مۇخبىر ناتان ۋەندېر كىلىپپى ماقالىسى داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا يەرلىك مەدەنىيەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىنى ۋە قاتتىق تەقىب قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىغا دىن ئۆگىتىشىگە ئارىلىشىدۇ. مەكتەپلەردە نۇرغۇن دەرسلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا بېرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەتتا مۇسۇلمان ئاممىسىغا ھاراق-تاماكا سېتىشنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئۇرۇندى. ئادەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىدا ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ. رامزان مەزگىلىدە روزى تۇتۇشى چەكلىنىدۇ. مەسچىت ئەتراپلىرى ۋە پويىز ئىستانسىلىرىنى ھەربىيلەر خۇددى ئۇرۇش ۋاقتىغا ئوخشاش ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن قوراللىنىپ چارلايدۇ.»

مۇخبىر يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا قارىتا تەتقىقاتچى مايكىل كىلارك ئەپەندىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان. مايكىل ئەپەندى سۆزىدە «مەنچە بۇ يەردىكى مەسىلە، خىتاي ھازىر ئۆز قولى بىلەن ئۆزىگە بالا تېرىۋاتىدۇ. خىتاي تىنچ يوللار ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە ئۆكتىچىلىك قىلىدىغان يوللارنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەردە قالىدىغىنى پەقەت زوراۋانلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق بىر شارائىتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە ياكى ئىمپېرىئالىزمغا قارشى كۈرەش قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق» دېگەن.

مۇخبىر سۆزىدە، خىتايدىن قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە بۇنداق زوراۋانلىققا ئىشتىراك قىلىش نىيىتى بارلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، چۈنكى نۇرغۇنلىرىنىڭ پەقەتلا ئۆزلىرىگە ياخشىراق ھايات ئىزدەپلا چەتئەللەرگە چىقىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز يوللارنى تاللىشىدىكى سەۋەبنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشتىكى قىيىنچىلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىر يەنە جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىسنىمۇ زىيارەت قىلغان. شان روبېرتېس ئەپەندىمۇ سۆزىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسىتىنىڭ پەقەت خىتايدىن قېچىش ئىكەنلىكىنى، رادىكال گۇرۇپپىلارغا قاتنىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر قىسىملىرىنىڭ بۇ گۇرۇپپىلارغا تاسادىپىي قاتنىشىپ قالغانلىقىنى، يەنى بۇ كىشىلەر يات ئەلگە قېچىپ چىققاندا مۇشۇنداق تەشكىلاتلارغا ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلار بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقتىن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر ناتان ماقالىسى ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە ئادەتتە مەبلەغ سېلىش، تىجارەت قىلىش ۋەدىلىرى بىلەن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ھەتتا تېرروررلۇق جىنايىتى ئارتىدىغانلىقىنى ۋە ھازىرغىچە قايتۇرۇپ كېتىلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ بولمىغانلىقىنى بايان قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/taylandta-partlash-09162015153305.html

Share
1261 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.