logo

trugen jacn

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا شىددەت بىلەن يامرىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئىچ يۈزى

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

نۆۋەتتە ئاشكارا بولۇۋاتقان مەنبەلەر ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئىجتىمائىي تەسىرى ئەڭ زور، خەتىرى ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر كېسەللىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى بىلەن پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 43555 كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 8398 بىمار ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھازىرچە ھايات تۇرۇۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرى 35157 كىشى ئىكەن.

يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان سەھىيە ساھەسىدىكى بىر ئۇيغۇر كەسپىي خادىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ياكى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان كەسپىي خادىم ئىكەنلىكىنى، ئەيدىز كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا باشقا ھەرقانداق مەنبەگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە سۆز قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز كېسەللىكى 1995-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا بايقالغاندىن بۇيان تاكى 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاساسەن دېگۈدەك غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمالدىكى شەھەرلەردە تېز سۈرئەتتە يامرىغان. بۇ جايدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى زەھەر چېكىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار خېروئېن قاتارلىق زەھەر سۇيۇقلۇقىنى تومۇرىغا ئۇرۇشتا باشقىلار بىلەن ئورتاق شپىرىس (ئوكۇل يىڭنىسى) ئىشلىتىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغان.

ئۇ ئىلى ئوبلاستىدا، بولۇپمۇ سابىق ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى غۇلجا شەھىرى بىلەن ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم ناھىيەلەردە ئەيدىز بىمارلىرى ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 13 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر كەسپىي خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش رايونى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا يۆتكەلگەن. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش يولى ئىلگىرى زەھەر سۇيۇقلۇقىنى ئورتاق شپىرىس بىلەن تومۇرغا ئۇرۇشتىن يامرىغان بولسا، نۆۋەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇشقا يۈزلەنگەن.

ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن شەھەرلىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن پاھىشە ئاياللارنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەخسۇس كوچىلاردا «ھۆسن تۈزەش ئورنى»، «ساتىراشخانا»، «ھورداقخانا»، «پۇت يۇيۇش ۋە ئۇۋىلاش ئورنى» دېگەن ناملاردا جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇ خىلدىكى «پاھىشىخانا» تىجارىتىگە «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەرگەن بولۇپ، ھەتتا قوراللىق ساقچى ۋە بىرونىۋىك ماشىنىلار بىلەن ئۇلارنىڭ دۇكانلىرىنى قوغدايدىكەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بۇ پاھىشە ئاياللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت نىشانى ئۇيغۇرلار ئىكەن. ھەتتا بەزى خىتاي خوجايىنلار قارا ئەينەكلىك بولكىۋاي ماشىنىلارغا خىتاي پاھىشەلىرىنى قاچىلاپ، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئېتىز-ئېرىقلارغىچە بېرىپ ئەرزان باھادا «جىنسىي مۇلازىمەت» بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

مەزكۇر كەسپىي خادىم، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ جەنۇبقا يامرىشىدا دائىرىلەرنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى باھانە قىلىپ، «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىشكە ۋاسىتە تاللىماي ھەرىكەت قوللىنىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، ئەڭ خەتەرلىك كېسەللىك ۋە ئىجتىمائىي كرىزىس ھېسابلانغان ئەيدىز كېسەللىكىگە قەستەن كۆز يۇمۇۋاتىدۇ، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى

 

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان كەسپىي خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە تەخمىنەن 100 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى پەرەز قىلىنماقتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 43555 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ 80% نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىكەن.

مۇشۇ ستاتىستىكا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلار 30 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، خەلقئارادا ئادەتتە ھەر بىر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى تاكى كېسىلى ئېنىقلانغۇچە تەخمىنەن 10 ئەتراپىدىكى كىشىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن جىنسىي كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، يېقىندا غەربتىكى مەلۇم دۆلەتكە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر كەسپىي خادىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىنى خەلقئارا ئۆلچەمدىن بەكمۇ تۆۋەن بولغان 3 ھەسسە يۇقۇملاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بىلەن ھېسابلىغاندىمۇ، نۆۋەتتە 100 مىڭدەك ئۇيغۇرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى پەرەز قىلىش تامامەن مۇمكىنكەن.

ئۇ، يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا شۇ قەدەر تېز يامرىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا تۈركۈملەپ كۆچمەن خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاقسۇ، كۇچا، قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەنلەرگە كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈلۈۋاتقان خىتايلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان خېلى كۆپ ساندىكى خىتايلار بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈلگەن كۆچمەن خىتايلارنىڭ جەنۇبتىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە «ھۆسن تۈزەش ئورنى»، «ھورداقخانا»، «ئۇۋىلاش مەركىزى»، «كېچىلىك بەزمىخانا» دېگەندەك ناملار بىلەن پاھىشىخانا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەرگەن.

ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە سەھىيە ساھەسىدىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 2014-يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدىن باشلانغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى داۋامىدا دائىرىلەر ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى باھانە قىلىپ ئەيدىزگە قارشى ئاممىۋى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى توسۇپ قويغان.

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا شۇنچە تېز يامرىشىدىكى بەزى سەۋەبلەر ھەققىدە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىي رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە جەمئىيەتشۇناسلىق بويىچە تەتقىقاتچى خادىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىدىكى سىرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەپ بەردى.

ئۇ 2014-يىلىنىڭ ئىيۇل ئايلىرىدا، يەنى رامزان داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئۆزىنىڭ خوتەندە خىزمەتتە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر يەرلىك دوستى بىلەن بىللە شۇ كۈنلەردە خوتەن شەھىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى مەركەزلەشكەن بىر كوچىنى كۆزەتكەنلىكىنى، ئۇ يەردە ھەر خىل ۋىۋىسكىلارنى ئاسقان دۇكانلارنىڭ ئالدىدا خىتاي پاھىشىلەرنىڭ ئەركىن-ئازادە يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى تانكا-برونېۋىك ماشىنىلارنىڭ ھىمايىسىدە خوتەن شەھىرىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن «قىزىل چىراغ» رايونىنى 24 سائەت قوغدايدىكەن.

ئۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ناماز ئوقۇغان، روزا تۇتقان ياكى ياغلىق-پەرەنجە ئارتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت قىلغىنى بىلەن، قېنىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگەن خىتاي پاھىشەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghurda-eydiz-08112015154844.html

Share
1646 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.