logo

trugen jacn

ئۇيغۇر دېھقانلىرى سەپەر قىلىش ئۈچۈن «4 خىل ئىسپات» كۆرسىتىپ يول خېتى ئېلىشقا مەجبۇر بولماقتا

 قۇتلان

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى باشقا يۇرتقا سەپەر قىلىش ئۈچۈن «4 خىل ئىسپات» تەييارلىشى ۋە شۇ ئاساستا يول خېتى بېجىرىشى تەلەپ قىلىنماقتىكەن

yol xeti

يېقىندا شايار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن چىققان بىر دېھقان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە يول خېتى بېجىرگەن. ئۇنىڭدا سەپەر قىلغۇچىنىڭ ئىسمى، كىملىك نومۇرى، سەپەرگە چىقىش سەۋەبى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى، بارماقچى بولغان جايدىكى ئادرېسى، كىم بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، كۆرۈشمەكچى بولغان تۇغقىنى ياكى مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ ئىسمى ھەمدە تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار تولدۇرۇلغان. يول خېتىنىڭ ئاخىرىغا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تامغىسى، كەنت سېكرېتارىنىڭ ئىمزاسى ۋە تېلېفون نومۇرى يېزىلغان.

بىز بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۇر يول خېتىگە ئىمزا قويغان كەنت پارتىيە سېكرىتارىغا تېلېفون قىلدۇق.

ئۇ تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېلېفوننىڭ «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» نىڭ مۇخبىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇنداق ئىش يوق دەپ ئىنكار قىلدى.

بىز رادىئومىز تاپشۇرۇۋالغان يول خېتىدە ئۇنىڭ ئىمزاسى ۋە تېلېفون نومۇرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ كەنت سېكرېتارى بولۇش سۈپىتى بىلەن رېئاللىققا كۆز يۇمماسلىقىنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇ ئاخىرىدا بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەنتتىن سىرتقا چىقماقچى بولغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالدى بىلەن «4 خىل ئىسپات» تەييارلاپ يول خېتى بېجىرىشى كېرەككەن. ئۇ بۇنىڭ كەنت ياكى يېزىنىڭ قارارى ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ئورۇنلاردىن كەلگەن بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ بىزنىڭ كەنت ياكى يېزىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان قارارى ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇق. بىز پەقەت شۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ كەنت ياكى يېزا تەۋەسىدىن سىرتقا چىقماقچى بولغانلار ياكى باشقا يۇرتلاردىن بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تۇرماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ‹4 خىل ئىسپات› تەييارلىشى كېرەك. ئاندىن شۇ ئاساستا ئۇلارغا يول خېتى كېسىلىدۇ ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىلىدۇ.»

ئۇ بىزنىڭ يول خېتى كېسىشتىكى مەقسەت زادى نېمە دېگەن سوئالىمىزغا «قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالايدىغان بولۇش» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ بىزنىڭ «4 خىل ئىسپات» ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«4 خىل ئىسپات دېگەندە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلمىغان ياكى بەلگىلىمىلەرنى بۇزمىغان بولۇش (مەسىلەن، دىنىي تۈستىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمىگەن ياكى ساقال قويمىغان دېگەندەك)؛ جازاغا ئۇچرىمىغان، تۇتۇپ تۇرۇلمىغان ياكى تۈرمىگە كىرىپ قالمىغان بولۇش ھەمدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ئارتۇق بالىلىق بولمىغان بولۇش دېگەندەك شەرتلەر ئاساسىدا كەنتتىن، پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن، ساقچىخانىدىن ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئالغان ئىسپاتلارنى كۆرسىتىدۇ

ئۇ يەنە بىزنىڭ «ناۋادا ساقال قويغۇچىلار ياكى ئۇزۇن كىيىم كىيىپ يۈزىنى ئورىغۇچىلار بولۇپ قالسا، ئۇلارغا يول خېتى بېرىلەمدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ئۇلارغا ساقال قويما، چۈشۈرۈۋەت دەپ ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەيمىز. ئاياللارغىمۇ دىنىي تۈستىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمەسلىككە نەسىھەت قىلىمىز. ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ ئاندىن يول خېتى كېسىپ بېرىمىز

ئۇ زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
«ھازىر ۋەزىيەت جىددىي، بىز داۋاملىق چارلاپ تەكشۈرۈپ تۇرىمىز. ئەلۋەتتە، ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇقىملىقنى ساقلىمىساق ياكى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق بولمايدۇ-دە! ھازىر كېچە-كۈندۈز كەنتىمىزدە خەلق ساقچىلىرى بىلەن ياردەمچى ساقچىلار چارلاش ئېلىپ بارىدۇ، بەزىدە كەنت ئاممىسىنىمۇ سەپەرۋەر قىلىمىز. يېزا ۋە ناھىيەدىن كېلىپ چارلايدىغان ساقچىلارمۇ بار. ئەھۋالىمىز شۇ

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yol-xeti-

Share
2424 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.