logo

trugen jacn
21 فېۋرال 2014

ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ بۇگۇنى ۋە كەلگۈسى

دۇنيا ئانا تىل كۈنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. تىل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يەكۈنى شۇكى، «مەلۇم بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ئىچىدە، ئەگەر ئۈچتە بىر بالا ئۆز ئانا تىلىدا ئەمەس، باشقا بىر تىلدا سۆزلەشنى بەكرەك خالىغان چاغدا، شۇ بالا سۆزلەشنى خالىمىغان ئاشۇ تىل يوقىلىش خەۋپى يوشۇرۇن تىل دەپ قارىلىدۇ.»

يەكۈننىڭ داۋامى «ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قوشنا مىللىي تىل ئورتاق گەۋدىسى يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەشكە باشلىغاندا نىسبەتەن كىچىكرەك بولغان مىللىي تىل ئورتاق گەۋدىسى خەتەر ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن. مەلۇم بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ يېشى 20 ياش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولسا، ئۇنداقتا ئاشۇ تىل خەتەر ئىچىدە قالغان تىل دەپ قارىلىدۇ. ئىشلەتكۈچىسى بولمىغان تىل ئەلۋەتتە يوقالغان تىلدۇر.» بۇنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا تەدبىقلىغاندا شۇنىسى تولىمۇ روشەنكى، ئۇيغۇر تىلى تەھدىت ئاستىدا. دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە بۇ مەسىلە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەڭ قىززىق مۇلاھىزە تېمىسى ئەلۋەتتە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزدىمۇ بۈگۈن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ بۇگۇنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى، دىققىتىڭىز، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۈركىيىدىن قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىن مەمەت توختى ئەپەندىلەرنىڭ مۇلاھىزىلىرىدە بولسۇن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ana-til-kuni-02202014210908.html

Share
2247 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.