logo

trugen jacn
23 دېكابىر 2014

ئىلھام توختى: ‘قوش تىل مائارىپى’ سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇرمىلىنىپ ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ

image

ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ

2010-11-04

u1104-pmmiﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار

ئىلھام توختى ئەپەندى خەلقئارادا تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان، قوش تىللىق مائارىپ ئۇقۇمى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي پرىنسىپلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش، ئانا تىلىنى ئۆز مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى مۇنداق دېدى: ”قوش تىل مائارىپى ئەسلى ياخشى مائارىپ. ھازىرقى دۇنيادا ھەم جۇڭگونىڭ شارائىتىدا قوش تىللىق مائارىپنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا قوش تىللىق ھەتتا كۆپ تىللىق بولۇش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە قوش تىللىق بولۇشى ھەتتا كۆپ تىللىق بولىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىپ قالماستىن، ئىنگلىز تىلىنى، فرانسۇز تىلىنى، ياپون تىلىنى، گېرمان تىلىنى، رۇس تىلىنى ھەتتا باشقا تىللارنى ئۆگەنسە بولىدۇ. بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى چىقمايدۇ. خەنزۇ تىلى – جۇڭگودا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان ئالاقە تىلى. ئەمما، ھېچقانداق قانۇندا ئۇيغۇرلار ياكى باشقا مىللەتلەر دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆگىنىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنمىگەن. بۇ مىللەتلەر خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلىشى، ئۆز ئانا تىلىنى چەتئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگىنىشى كېرەك، دېگەن قانۇن يوق. لېكىن شۇنداق قانۇن باركى – ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇ ھوقۇق ‘قوغدىلىدۇ’ دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلدىكى تەلىپى بۇ قانۇنلۇق تەلەپ، يولسىز تەلەپ ئەمەس!“

”ھازىر بۇ يەردىكى مەسىلە مەسىلە ‘قوش تىل مائارىپى’ ئۇقۇمىنى قانداق چۈشىنىش بولۇۋاتىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئەگەر بۇ سىياسەتنى توغرا ئىجرا قىلمىسا ھەقىقەتەن بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. شىنجاڭدا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار. جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئۆز تىلىمىزنى ئىشلىتىش، ئۆز تىلىمىزدا ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەر خىل نەشرىيات ماتېرىياللىرىنى چىقىرىش ھوقۇقىمىز بار. ھەم ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە شۇ شارائىتنى يارىتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار، مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى بۇ بۇ جۇڭگونىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن. ھازىرقى مەسىلە – شىنجاڭدا قوش تىللىق مائارىپنى ئىجرا قىلىش يولىدا قانداق مەسىلىلەر بار؟ قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭدىن ھازىرقى شىنجاڭنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ئەپەندىنىڭ قانچىلىك خەۋىرى بار؟ ئەگەر بۇ يەردىكى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى توغرا ئىجرا قىلىنمىسا، ياكى بۇرمىلىنىپ يولغا قويۇلسا، بۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتنى قانچىلىك قوبۇل قىلىش، بۇنىڭغا قانچىلىك سەۋرى – تاقىتى بار؟ بۇ مەسىلىنى شىنجاڭ ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ.“

”ئانا تىل مۇھىتى تارايسا مىللەتنىڭ ياشاش مۇھىتى تارىيىپ بۇ مىللەت يوقىلىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ“

ئىلھام توختى ئەپەندى ئانا تىل مۇھىتى تارايسا، ئۇنىڭ شۇ مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئەمىلى زىيانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مىللەتنىڭ ياشاش مۇھىتى تارىيىپ بۇ مىللەتنىڭ يوقىلىشقا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى: ”بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى بىلەن ئوينىشىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئانا تىل ئۇ پەقەتلا بىر مىللەتنىڭ تىلىلا ئەمەس، ئۇ بىر مىللەتنىڭ تارىخى. ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ روھى. قاراپ باقايلى ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تىل مۇھىتى تارايسا، بىزنىڭ تۇرمۇش ئۆرۈپ -ئادىتىمىز، كىتاب كۆرۈش ئادىتىمىز، مۇزىكا ناخشىلاردىن ھۇزۇرلىنىش ئادىتىمىز ھەممىسى ئۆزگىرىدۇ. ئانا تىل مۇھىتىنىڭ تارىيىشىنىڭ نەتىجىسىنى بىز ئىچكى موڭغۇلدا كۆردۇققۇ؟ چۈنكى ئانا تىل تارايسا ئىقتىسادىي جەھەتتىن شۇ تىلدا نەشر قىلىنغان كىتابلارمۇ ئازلايدۇ، شۇ تىلدا كىتاب يازىدىغانلار ھەم نەشرىيات ئورۇنلىرىمۇ شەخسى ئىقتىسادى مەنپەئەت نۇقتىسىدىن، شۇ تىلدا كىتاب چىقىرىشنى ئازايتىدۇ، ياكى توختىتىدۇ. ئانا تىل تەرەققىياتى شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر قىلغاندىن باشقا، بۇ مىللەتنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى، پەن -تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتىغىمۇ بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا شۇ مىللەتنىڭ پسىخىكىسىغىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ئانا تىل مۇھىتىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ ئاتا -ئانىلار بىلەن پسىخىك جەھەتتە يىراقلىشىدۇ. بىر مىللەتتە مەدەنىيەت جەھەتتە بۆلىنىش پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئانا تىل مۇھىتى تارايسا بولمايدۇ. بۇ ئەھۋال مىللەتكە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مول ئەدەبىي مىراسلىرى بار، تارىخ مەدەنىيىتى بار. ئۆز ئەدەبىياتىنى، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇزاق مەزگىل ئۆگەنمەيدىغان شارائىتنى ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالمايدۇ. بەلكىم قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە ھەر خىل شارائىتتىن، ھەر خىل بېسىمدىن ئۇيغۇرلار ئۆز نارازىلىقىنى دېمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما مەن كۆزەتكەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇ خىل ئەھۋالغا نارازىلىق بار، بەلكى بۇ نارازىلىق بارغانچە يىغىلىپ توپلىنىۋاتىدۇ، تىلغا بولغان نارازىلىق باشقا نارازىلىقلار بىلەن توپلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ.“

ئىلھام ئەپەندى ئۆزى بىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىكى ئانا تىل مۇھىتىنىڭ تارىيىپ كېتىشىگە بولغان ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ”مەن بېيجىڭدا خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان جىق بالىلارنى تونۇيمەن، ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلەپ تۇرىمەن. ئۇ بالىلار ھازىرقى ئەھۋالدا بېيجىڭدا تۇرۇپ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇلار ئانا تىلنىڭ تارىيىش ۋەزىيىتىدىن نارازى بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا ئۆز ئانا تىلىدا ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان غەيرەت نىيازغا ئوخشاش زىيالىيلىرىمىز ئانا تىلنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازدى. بىر مىللەتنىڭ تىلى ھۆرمەت ساھىبى بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ كەمسىتىلسە، 2 – دەرىجىلىك تىل ئورنىغا چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە شۇ مىللەت خەلقىنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىدۇ. مەسىلەن جاڭ سېكرېتارنىڭ ئانا تىلى ئەلۋەتتە بىر خەنزۇ تىلى، ئۇنىڭ ئانىسى خەنزۇ مىللىتىدىن. ئەگەر ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان خەنزۇ تىلى ھۆرمەت قىلىنمىسا جاڭ چۈنشەن ئەپەندىمۇ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن“

”قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتى جايلاردا پەرقلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ“

ئىلھام توختى ئەپەندى ئاتالمىش “ قوش تىللىق مائارىپ“ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيىلەردە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن ئەمىلى مىساللارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

”ھازىر قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن ئاتۇشتا ئۇيغۇر تىلنىڭ ئورنى خېلى ياخشى. ئاتۇشتا ‘قوش تىل مائارىپى’ سىياسىتى ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. لېكىن باشقا جايلاردىن پەرقلىق دېيىشكە بولىدۇ. مەن يەنە خوتەندىن كەلگەن بالىلار بىلەن ھەتتا خوتەن مائارىپ ئىدارىسىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، خوتەندە بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ناچار ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ‘ئۇيغۇربىز’ تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالى بېرىلدى. ھازىر خوتەندە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى پەقەت خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش بىلەنلا بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلدىكىلا ئەمەس ھەتتا ئەڭ ئەقەللىي پەننى ساۋاتلاردىنمۇ خەۋىرى يوق ئىكەن. بۇ بىر مىللەتنىڭ مائارىپىنىڭ ۋەيران بولىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاقتۇدىن كەلگەن بىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەردىكى ئەھۋالمۇ خوتەندىكى ئەھۋال بىلەن ئوخشايدىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى ئىلگىرىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە يېتىپتۇدەك. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن ئېلىپبە ساۋاتىمۇ يوق ئىكەن، ماتېماتىكا قاتارلىق پەننى دەرسلەر ساۋاتىمۇ يوق ئىكەن. بۇ ئەھۋالغا نىسبەتەن ھەممە جايدا نارازىلىق بار.“

”خىتاي زىيالىيلىرىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.“

ئىلھام ئەپەندى يەنە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تىبەتلەرنى قوللاش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى، ھەم بۇ سىياسەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

”بېيجىڭدىكى خەنزۇ زىيالىيلىرى مەندىن تىبەتلەر قوش تىللىق مائارىپقا نارازى بولدى، سىلەر ئۇيغۇرلار بۇ خىل توغرا بولمىغان مائارىپ سىياسىتىنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدى. نۇرغۇن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ سىياسەتنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلىپ يېتىپتۇ. مەن 30 – 40 تەك خىتاي زىيالىيلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. شۇلارمۇ شىنجاڭدا تىل مەسىلىسى توغرۇلۇق نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇلار ئەگەر تىل مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىش چىقسا بۇ قېتىم چوڭ ئىش چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مائارىپى ھەققىدە پىكىر بېرىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئەلۋەتتە ئۇلار خىتاي دۆلىتى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ بۇ مەسىلىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلەر.“

”ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ‘قوش تىل مائارىپى’ سىياسىتىدىكى خاتالىقىنى تۈزىتىشى كېرەك“

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىدىن، ئۇلارنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ”ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ گەپ قىلمىغىنىنى بۇ خىل سىياسەتنى قوبۇل قىلغانلىق دەپ چۈشەنسە بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنى ياۋاش دەپ قارىسا بولمايدۇ، ياۋاش ئادەممۇ ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئانا تىلىنى قوغدايدۇ. ياۋاش ئادەمدىمۇ غۇرۇر بولىدۇ، ۋىجدان بولىدۇ. شۇڭا بۇ تىلنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى قانۇننى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۆزى تۈزگەن يەرلىك سىياسەتنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىك كېرەك. ئاۋۋال قانۇننى ئىجرا قىلىشى كېرەك. يەرلىك سىياسەت قانۇنغا بويسۇنۇشى كېرەك. مەن ‘قوش تىللىق مائارىپ’ قا قارشى چىقمايمەن. ئەمما، ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ھەقىقىي ‘ قوش تىللىق مائارىپ ‘ بولىشى كېرەك. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاۋۋال ‘ قوش تىللىق مائارىپ ‘ دېگەن ئۇقۇمغا ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن جاۋاب بېرىشى كېرەك. دۆلەت قانۇنى دېمەك مىللىي ھوقۇق. مىللىي تىلنى قوغداش قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق. بۇ سۆزلىرىمنى رادىئودا بەرسىڭىز بولىدۇ. رەھمەت!“

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ilham-tohti-we-qosh-til-11042010200410.html

Share
1748 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.