logo

trugen jacn

ئىلھام توختى سوتتا خىتاي تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بارلىق ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

1735482962hinainoritycholar0c373

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختىنىڭ چارشەنبە كۈنى باشلانغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىكى سوتىنىڭ تۇنجى كۈنى، تەپتىش ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ ئەيىبنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتۈپ، ئىلھامنى «دۆلەتنى پارچىلاشقا»، «شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشقا» ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇ قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «پاكىتلار» نى ئوتتۇرىغا قويغان. تەپتىش ئەمەلدارى ئەيىبنامىسىدە، ئىلھام توختىنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «گۇۋاھلىق» سۆزلىرىنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇنى ئىلھامنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ ئىسپاتى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر دوتسېنتى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ياكى چەتئەلدىكى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەقەت قەغەز ۋە قەلەم بىلەن ئۇيغۇرلارغا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ چارشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ «پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك مەقسىتى ياكى نىيىتى بار.» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: بىراق بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئىشەنچلىك، دەپ قارىمايمىز، ئۇلار بېسىم ئاستىدا گۇۋاھلىق بەرگەن، دېدى.

ئىلھام توختى بۇ يىل 15‏-يانۋار قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن يەتتەيلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ بېرىلغان

ئىلھام توختىنىڭ سوتى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خەلقئارا ئاخبارات، ئەدلىيە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەم پىكىر ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ، زور خەلقئارا سىياسىي دېلو بولۇپ قالدى. مەزكۇر دېلونى ھەق-ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق، دەپ قاراۋاتقان بۇ ئورگانلار سوتنىڭ ئادىللىقى ۋە مەھبۇسنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ يىل 5‏-ئايدا ئىلھام توختىغا باربابار گولدىسىمىس نامىدىكى «ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى» بەرگەن ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى بايان ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ سوتىنى «ئىنتايىن كۈلكىلىك» دەپ تەنقىد قىلدى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى پروگراممىسىغا مەسئۇل خادىمى دومىنىك موراننىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختىنى« بۆلگۈنچى» دەپ ئەيىبلەش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

ئۇ مۇنداق دېدى: ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك، ئايرىمىچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىشى توغرا ئەمەس. ئۇ يېزىقچىلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ۋە كۆپ ھاللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ كەلگەن شەخس. شۇنداقلا ئۇ يەنە، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشقان. ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى مۆتىدىل بىر شەخس. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۆتىدىل كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىشىنى توختاتماقچى بولغان بۇ ۋاقىت، ئۇيغۇر جەمئىيىتى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى تېررورلۇق گۇرۇھلار ۋە چەتئەلدىكى د ئۇ ق قاتارلىق بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن. د ئۇ ق ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىتاي تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبنامىدە ئىلھام توختىغا ئارتقان جىنايەتلەرنىڭ بىرى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن، ئىلھام توختىنىڭ د ئۇ ق بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى سوتلاپ زور خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلھام توختى ھېچقاچان بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغىنى يوق. ئۇ خىتاينىڭ قانۇنىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بەرگەن قانۇنلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقنى مەنپەئەتىنى قوغداشنى، دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويدى ھەم داۋاملىق تەلەپ قىلدى. ھەم خىتاينىڭ دۆلەت تىنچلىقىنى ھەم شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىنچ ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ھېچقاچان بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، بىز بىلەن ئالاقە قىلغىنى يوق، يەنە بىرى بىلەن ئالاقە قىلغىنى يوق. «چەتئەلدىكى بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بار.» دەپتۇ، بىراق ئۇ ھېچقايسىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن چوڭ بىر خاتالىققا قەدەم قويدى. ئەگەر ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىنچلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆزىنىڭ قانۇنى بىلەن ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى راست بولغان بولسا، ئىلھام توختىغا بۇنداق تۆھمەت چاپلىماي، دەرھال ئىلھام توختىغا بۇنداق خاتا ۋە يالغان ئەيىبلەرنى چاپلىماي قويۇپ بەرسە بولىدۇ

رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئىلھام توختىنىڭ سوتىنىڭ ئادىل ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ سوتىنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ گۇناھسىز، دەپ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئېچىلىدىغان سوتىنىڭ ئادىل بولمايدىغانلىقىغا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى مەجبۇرلايدىغانلىقىغا، ئىلھام توختىغا ھەتتا يالغان گۇۋاھچىلارنى ئەگىشىدىغانلىقىغا ۋە سىياسىي سوت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، مەنمۇ ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمەي 8 يىل كېسىلدىم. ئابلىكىم بالام 9 يىل كېسىلدى، بۇ يىل 12 يىل ياتىدۇ. ئالىم بالام 7 يىل كېسىلدى. ھېچ قايسىمىز ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزگىنىمىز يوق. ئۆز ۋاتىدا مەنمۇ ئاشۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنى ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق ھوقۇقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى قولغا ئېلىپ، ئۆزى خالىغان جىنايەتنى بوينۇمغا ئارتتى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن توغرا سوت قىلىمەن، دېسە، ئىلھام توختىنى 24 سائەت ئىچىدە شەك-شۈبھىسىز قويۇۋېتىشى كېرەك

ئىلھام توختىنىڭ سوتى ئېچىلغان چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكس باكۇس ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئاھالىلەر بىلەن ئۇچراشقان. يەرلىك ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە پايدىلىق يەرلەرنى زىيارەت قىلغان. ئەلچىخانا باياناتچىسى باكۇسنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ دەل ئىلھام توختى سوتلانغان كۈنگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى

شۇ كۈنى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا: ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن، خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىناقلىق ۋە چۈشىنىشنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئاۋازى جىمىقتۇرۇلدى، دېگەن ئىدى. شۇ كۈنى يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئەمەلدارى رافائېل دروزېۋېسكىي ئوخشاشلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان

باكۇس شۇ كۈنى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك چەتئەل ئەمەلدارى بولسىمۇ، بىراق ئۇ شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىردىن بىر چەتئەل دىپلوماتى ئەمەس. ئامېرىكا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئاز دېگەندە 8 دۆلەت ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى ئەۋەتكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل دىپلوماتلىرىنى ۋە مۇخبىرلىرىنى ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.

ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى يېتەرلىك ئەمەس. ئۇ ئىلھام توختى مەسىلىسىدە ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنى ھەمكارلىشىشقا ۋە خىتايغا تەڭ بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا خەلقئارا جەمئىيەت قايتۇرۇپ، بېسىم ئىشلەتسە، ئۇلار بىز ئېرىشەلمەيدىغان نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. شۇڭا، بىز ئۇلارى ئىلھامنىڭ دېلوسىغا دىققەت قىلىشقا داۋاملىق چاقىرىپ كەلدۇق. بىز ئىلھام 2009‏- يىلى پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشقا باشلىغاندىن تارتىپ، بولۇپمۇ بۇ يىل 15‏-يانۋار ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، ئىزچىل خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىنكاس بىلدۈرۈشكە چاقىرىپ كەلدۇق. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى بېسىمى يېتەرلىك بولمىدى. چۈنكى، ئۇلار ھازىر نۇرغۇن جەھەتلەردە جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىغا موھتاج. شۇنداقلا يەنە، ئۇلاردا جۇڭگونىڭ كۈچىگە نىسبەتەن خاتا بىر تونۇش بار. ئوبامانىڭ سىياسىتى خاتا. شۇنداق بولسىمۇ، بىز يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەت ئىنكاس قايتۇرۇشى، ئەڭ مۇھىمى خەلقئارا جەمئىيەت تەڭ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز

ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىپ رەسمىي ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇنىڭ دېلوسىنى بېيجىڭغا يۆتكەپ، ئۇنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئورنى-بېيجىڭدا سوتلاشنى تەلەپ قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئادۋوكاتلارنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى ئۈرۈمچىدە سوتلاشتىكى مەقسىتى باشقا ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيلىرىغا ھەق-ھوقۇق داۋاسى قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتۇر

ياڭ جيەنلى: ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىلىپ سوتلىنىشىدىكى مەقسەت باشقىلارغا ھەيۋە قىلىش. بۇ بىر خىل ھەيۋە. يەنى باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ھەيۋە قىلىش. كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغان، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان ۋە قانۇنلۇق مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا قارىتا تەھدىت ۋە قورقۇش پەيدا قىلىش. شۇڭا، بۇنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، دەپ كۆرسەتتى

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىدىكى دومىنىك موران، ئىلھام توختىغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ئۇ ھازىر 10 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىشقا دۇچ كەلدى. بىراق بىز ئۇنىڭغا قارىتىلغان ئەيىبلەشنى رەت قىلىمىز. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ خىزمىتى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان رادىكاللىققا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا قارشى تۇردى. بۆلگۈنچىلىك ئۇنىڭ پىكىر ئەمەسلىكى ئېنىق. ئۇ ھېچقاچان بۆلگۈنچىلىكنى ئالغا سۈرگەن ئەمەس. ئەكسىچە ئۇ ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئۆزلەشتۈرگەن. بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز ئۇنىۋېرسال ۋە چېگرا ھالقىغان ھەق ھوقۇق ئۆلچىمىنى قوللاپ، خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرىدۇ. ئىلھام توختى نەق بۇنى تەشەببۇس قىلغان، دېدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىن ئايالى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ 4 كىشىنىڭ چارشەنبە كۈنكى سوتقا قاتنىشىشىغا يول قويغان. ئۇنىڭ ئايالى شۇ كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ئىلھام توختىنىڭ «قانۇنغا خىلاپلىق» قىلغانلىقىنى رەت قىلدى. ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ بولسا، تەپتىش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئەيىبنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېچقانداق پاكىت، ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلغانلىقىغا ئىسپات بولالمايدۇ، دېگەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/ilham-toxti-09172014141056.html

Share
1791 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.