logo

trugen jacn

ئوندېرىي كلىمېس: ياۋا كەپتەر-چېخ خەلقىگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى

5b5be6d4-8655-46c0-8e00-0e4b64d36f75

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆزىنىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىسى ئۈچۈن 2005-يىلى ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ نامى يېقىندا ياۋروپادا يەنە بىر قېتىم ئەسلەنگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئەسەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان چېخ جۇمھۇرىيىتىدە چېخ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەمدە چېخ زىيالىيلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىر قوزغىغان.

يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىنغا بېرىلگەن ئون يىللىق قاماق جازاسىنىڭ ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، يازغۇچىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە بىرەر ئېنىق مەلۇمات بولمايۋاتقان ئەھۋالدا «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى رەسمىي تىللاردىن بىرى بولغان چېخ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى ئاپتورنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە قىزىققۇچىلارغا خۇشاللىق تۇيغۇسى بەخش ئەتتى. خەۋەر تېپىشىمىزچە، مەزكۇر تەرجىمە نۇسخا پراگادىكى «ئالاقىدار ۋەقەلەر» ناملىق مەجمۇئەدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ژۇرنالنىڭ ئاساسلىق ئوقۇرمەنلىرى چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيالىيلار ئىكەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ياۋا كەپتەر» ھېكايىسىنى چېخ تىلىغا تەرجىمە قىلغان، شۇنداقلا ئۆزىگە «ئۆتكۈر» دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇۋالغان ئوندرېي كلىمېس بىلەن ئالاقىلەشتۇق. سۆھبەت جەريانىدا ئۇ راۋان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىدى ھەمدە سورالغان سوئاللارغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بەردى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ئەسەرنى چېخ تىلىغا تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «ياۋا كەپتەر»نىڭ بەدىئىي گۈزەللىكى بۇنىڭغا سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ھېكايىنى چېخ تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئوندرېي يولۇققان ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇرچە ئەسلى ھېكايىنىڭ ئەدەبىي سەۋىيىسىنى ئىمكان قەدەر چېخ تىلىدا ئەينەن ئىپادىلەپ بېرىش بولغان. يەنە كېلىپ ھېچقانداق ئۇيغۇرنى تاپقىلى بولمايدىغان چېخ جۇمھۇرىيىتىدە ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە ياردەم بېرەلىگۈدەك بىرەر ئادەمنى تاپماق تولىمۇ قىيىنغا چۈشكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۈشكۈلاتلارنى خېلى قىيىندا ھەل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭدىن ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان بايانلار بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى رىشتە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىيغا باغلاپ قويۇلغانلىقىنى بۇنىڭغا مىسال كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ نۇقتىدىن بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمى كارتىنىسى سۈپىتىدە چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي تەۋەسىدە ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ھادىسىسىنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

«ياۋا كەپتەر» چېخ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قانداق ئىنكاس قوزغىغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئوندرېي كلېمىس بۇنىڭ چېخ زىيالىيلىرى ئارىسىدا ناھايىتى ياخشى تەسىرات پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن چېخ خەلقى تولىمۇ ئەدەبىياتخۇمار بىر خەلق بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە چېخ خەلقىگە تولىمۇ جانلىق بىر دەرس بەرگەنلىكى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىنى 2005-يىلى دولقۇن قەمبىرى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئوندرېي كلىمېس ئىشلىگەن مەزكۇر چېخ تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخا ئۇنىڭ چەتئەل تىلىدىكى يەنە بىر نۇسخىسى ھېسابلىنىدىكەن. ئوندرېي ھازىر چېخ جۇمھۇرىيەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ 2012-يىلى «20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىتى» ناملىق دىسىرتاتسىيەسى ياقلاپ چارلېس ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى ياۋروپادىكى ئەڭ داڭلىق نەشرىياتلاردىن بولغان برىل نەشرىياتى 2015-يىلى «قەلەم كۈرىشى: 1900-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ۋە مىللىي مەنپەئەت بايانلىرى» دېگەن نامدا ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخى، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر نەچچە ئونلىغان ماقالىلىرى بىلەن ياۋروپا ئىلىم ساھەسىدە يېتىلىۋاتقان ياش ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلماقتا

http://www.uyghurnet.org/ug/wp-admin/post-new.php

Share
1652 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.