logo

trugen jacn

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى

 

 

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى

2015– يىلنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى

2015 – يىلنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن، بولۇپمۇ ئافغانىستان تەرەپتىن كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەنىدۇق. يېقىندىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. ئالدى بىلەن يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ چىقايلى.
ئافغانىستان مارت ئېيىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ دۆلەتتىكى مەۋجۇدىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئېنىقلاپ چىقتى ھەمدە تەشكىلاتنىڭ رايون ھەم ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. دەرۋەقە ئى ش ئى د مۇ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئافغانىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. تەشكىلاتنىڭ 18 – ئافرېل كۈنى ئېلىپ بارغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، تالىبان ئى ش ئى د نىڭ بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئافغانىستاننىڭ ھېلماند شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نابى جان مۇلاخېل، ئى ش ئى د نىڭ شەھەرنىڭ بەزى رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالىبان بىلەن ئى ش ئى د نىڭ بىر – بىرىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىغا دائىر ھۆججەتلەرنىڭ بارلىقىنى جاكارلىدى. ئىلگىرى تالىباننىڭ سېپىدا ئۇرۇش قىلغان ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىكىگە مەنسۇپ بەزى غازاتچىلار ئافرېل ئېيىدا ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، 25 – مارت كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىنى توڭلىتىپ قويۇش ۋە 2016 – يىلغىچە ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى 9 مىڭ 800 ئەتراپىدا تۇتۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر بولسا ئافغانىستانغا بەرگەن ۋەدىلىرى بويىچە 2017 – يىلغىچە 352 مىڭ ئافغانىستان ئەسكىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بۇلتۇر نويابىردا ئافغانىستاندا ۋەزىيەت يامانلىشىپ كەتكەن تەقدىردە، ئافغانىستان خەلقىنىڭ رۇسىيە ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە ئىشەنسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، 2015 – يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا 655 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1155 كىشى يارىلانغان.
ئافغانىستان تالىبانلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، 24 – ئافرېلدىن باشلاپ چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى بىلەن ھەربىي نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. ئافغانىستاندا 24 – ئافرېلغىچە ئون قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم يۈز بەردى. ئافغانىستاندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىمۇ جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا تۈرتكە بولدى.
تۈركمەنىستان – ئافغانىستان چېگراسىغا ئۆزبېكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن رۇس ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى ھەمدە تۈركمەنىستاننىڭمۇ رايونغا قىسىم ئەۋەتكەنلىكى جاكارلاندى. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال لىيود ئاۋستىن، تۈركمەنىستاننىڭ ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان «يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستىراتېگىيەسى» نىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىكەنلىكى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
11 – 12 – مارت كۈنلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا 2 – نۆۋەتلىك بىخەتەرلىك ئالى ھەمكارلىق دىيالوگى يىغىنى دۈشەنبىدە چاقىرىلدى. يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەيدىغان بولۇشى ئىدى.
تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوۋ 23 – ئافرېل كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىردى. يىغىندىن كېيىن ئافغانىستان چېگراىسىدا تالىبان ھۇجۇملىرىغا قارشى بىخەتەرلىكنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن دۆلەتتە زاپاس ئەسكەرلەرنى قوراللاندۇرۇش قارارى ئېلىندى.
كوللېكتىپ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 2 – ئافرېل كۈنى دۈشەنبىدە يىغىن چاقىرىپ، رايونلۇق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. يىغىن چاقىرىلىپ ئەتىسىلا تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق 201 – نومۇرلۇق رۇسىيە ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلەر سانىنىڭ ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە 6 مىڭدىن 9 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى جاكارلاندى.
10 – ئافرېل كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزبېكىستاندا بىر يەرگە جەم بولدى. تاشكەن يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى ئى ش ئى د ۋە ھىزبۇت تەھرىر مەسىلىلىرى ئىدى.
ئۆزبېكىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئورگىنى نۆۋەتتە 5 مىڭ ئۆزبېكىستان پۇقراسىنىڭ ئى ش ئى د نىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۆزبېكىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ خادىمى بەختىيار شارافوۋ، ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئى ش ئى د مىلىتانلىرىنىڭ تۈركمەنىستان چېگرىسىدا يوشۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئۆزبېكىستان چېگرىسىدا تەسىر كۈچىنى زورايتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر بىزنى ناھايىتى چوڭ بىر خەۋپنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. ئافغانىستاندا ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق بولۇشى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرى ياشلارنىڭ ھەجكە بېرىشىنى چەكلەش، ئاياللارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە مۇداخىلە قىلىش، جۈمە نامىزىغا بېرىۋاتقانلارنى چەتكە قېقىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى تۈپەيلى ئى ش ئى د چىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى چەكلىمىلەر ۋە جازالار ئارقىلىق قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزمىگەن تەقدىردە شەخسلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى، رايون دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى لازىم. ئى ش ئى د نىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئورۇنلىشىشى رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
http://www.trt.net.tr/uyghur/%EF%AD%98%EF%AF%A9%EF%BA%AE%EF%BB%AD%EF%AE%94%EF%BA%AE%EF%BA%8D%EF%BB%A3%EF%BB%A4%EF%AF%A9%EF%BB%BC%EF%BA%AD/2015/05/08/%D8%A6%D9%88%D8%AA%D8%AA%DB%87%D8%B1%D8%A7-%D8%A6%D8%A7%D8%B3%D9%89%D9%8A%D8%A7%D9%86%D9%89%DA%AD-%D8%A8%D9%89%D8%AE%DB%95%D8%AA%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D9%83-%D9%85%DB%95%D8%B3%D9%89%D9%84%D9%89%D8%B3%D9%89-223072
Share
1994 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.