logo

trugen jacn

ئاقسۇ ۋىلايىتى 2021‏-يىلىغا قەدەر ھەر بىر كەنتكە بىر «قوش تىللىق» يەسلى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ata-bala-echinishliq-resim

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاقسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 12‏-ئايدا ئېلان قىلغان پىلانىدا مەزكۇر ۋىلايەتتىكى ھەر بىر كەنتكە بىر «قوش تىللىق» يەسلى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر پىلاننى بەزى يەرلىك دېھقان ئاھالىلەر قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلار ئاتالمىش «قوش تىل سىياسىتى» نىڭ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا «قوش تىللىق مائارىپ» نى تاللاشتىن باشقا يول قويمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، مائارىپ، تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە ساھەسىدىكى كەسپىي خادىملارنى نامرات يېزىلارغا بېرىپ، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قانچە «قوش تىللىق» يەسلى بارلىقى ياكى «قوش تىللىق» يەسلىلەرنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات يوق.

ئاقسۇ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ «قوش تىللىق» مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ليۇ گاڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە بەرگەن مەلۇماتىدا، ھازىر ئاۋات ناھىيەدە «قوش تىللىق» مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى 50% گە يەتكەنلىكىنى، 2021-يىلغا قەدەر 66 يېڭى يەسلى قۇرۇلۇپ، «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي ئومۇملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ليۇ گاڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، «يەرلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا قىزىقىشى ناھايىتى زور» دېگەن.

ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال، ناھىيەدىكى يەسلىلەرنىڭ ئاساسەن خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئايال: «بالام بار، قوش تىللىق يەسلىنى پۈتتۈرۈپ، ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئەمدى 2 ياشلىق بىر نەۋرەم قالدى، ئۇ 4 ياشقا كىرگەندە يەسلىگە بېرىمىز. بالامنىڭ سۆزلەش نېمىسى بەك ياخشى. باشلانغۇچتىكى سىنىپىدا بىر ئەدەبىيات ئۇيغۇرچە، باشقا دەرسلەر ساپ خەنزۇچە. يەسلىدە خەنزۇ تىلىنى بەكرەك قوللىنىدۇ. ساپ خەنزۇچە سۆزلەيدۇ. 32 ھەرپنىڭ خەنزۇچە پىنيىنىنى A B C، دەپ ئۆگىتىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندا 32 ھەرپنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۆگىتىدۇ. يەسلىدە ئۇيغۇرچىنى ئاز-تولا ئۆگىتىدۇ. ئەمما باشلانغۇچتىكىدەك ئۇنداق 32 ھەرپنى يەسلىدە ئۆگەتمەيدۇ.»

يۇقىرىقى خانىم يەنە، «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «قوش تىللىق» نى يولغا قويغىنى ياخشى، ئۇ، بالىلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشكە پايدىلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئايال: «ياخشى، ئۇ، بالىنىڭ قوش تىللىق سەۋىيىسىنى چىقارغىنى ياخشى. بىر يەرگە بارسىمۇ، ھازىر مانا تېلېۋىزوردا خەت چىقسا ئۆزى ئوقۇيالايدۇ بالىلار. بىز چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىشقىلىپ قوش تىللىقنى يولغا قويغىنى ياخشى، بالىنىڭ سەۋىيەسى ئۆسۈشكىمۇ پايدىلىق. مانا ھازىر چوڭ ئوغلۇم 14 ياشقا كىردى، ئاۋۇ بالامنىڭ ئىككىنچىسى. ئامۇ قوش تىللىق مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى، قوش تىللىق سىنىپىدا. قوش تىللىق سىنىپىدا ئوقۇتۇش ياخشى بولىدىكەن.»

ئەمما خىتاينىڭ «قوش تىللىق» مائارىپى ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ كېلەچىكىگە ئەندىشە بىلەن قاراۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەشۋىشكە سېلىپ كەلدى. كانادالىق مۇستەقىل ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ «قوش تىل» نى تاللاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلىپ، ئاتا-ئانىلار قوش تىلنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاندى» دېدى.

مەمەت توختى: «بۇ كىشىلەر ئېھتىياجدىن ئەمەس، مەجبۇرىيەتتىن كەلگەن بىر نۇقتا. بۇ ئىنسانلىرىمىز تەبىئىي تاللاش ئارقىلىق بولۇۋاتقان ئىش ئەمەس. چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا بىر مەجبۇرىيەت يارىتىش. شۇڭلاشقا ھۆكۈمەت بۇنى ئۆزىنىڭ 5 يىللىق خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈۋاتىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ئېھتىياج ياكى ئۆزلۈكىدىن توختاپتۇر، بالام تېخىمۇ ياخشى ئىش ئىمكانىغا ئېرىشسۇن دەپ شۇ يولنى تاللىغان بولسا، دۆلەت ئۇنى پىلانغا كىرگۈزۈپ نېمە قىلىدۇ؟ دۆلەت ئۇنى يەرلىكلەرگە سىياسىي مەجبۇرىيەت قىلىپ تېڭىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئەسلى شەخسىيلەردىن بۇ تەلەپ كېلىشى لازىم. يەنە بىرى، بۇ ئۇيغۇرچە يەسلى ئاچقانلارنى تۈرمىگە سېلىش ئارقىلىق سىياسىي مەجبۇرىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تېڭىلدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇيغۇرلاردا شۇنداق بىر ئىدىيە ۋە چۈشەنچە شەكىللەندى ياكى ھۆكۈمەت شەكىللەندۈردى، خىتايچە بىلمىسەڭ، بالىلىرىڭنى خىتايچە يەسلىگە بەرمىسەڭ، كەلگۈسىڭ يوق، ئىستىقبالىڭ يوق، ئىشمۇ يوق، ئاشمۇ يوق، دېگەن. شۇڭا، بۇنىڭ تېگىدە قانداقتۇر تىل ئەمەس، سىياسەت ياتىدۇ.» دېدى.

«قوش تىللىق» مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش بولۇپمۇ «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «13-5 يىللىق پىلانى» دىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ نىشانى بۇ مەزگىلدە يەسلى مائارىپىنى 85%, 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى 95%, تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى 90% گە يەتكۈزۈشكەن.

ئەمما مەمەت توختى ئەپەندى «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلسا، بۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئىستېمال كۈچىگە زور خىرىس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «قوش تىل مائارىپنى تېڭىشتىكى غەرەز ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش» دېدى.

مەمەت توختى مۇنداق دېدى: «تەپەككۇر دېگەن بىر مەسىلە بار، ھەرقانداق مىللەت ئانا تىلى قايسى تىلدا چىقسا، تەپەككۇرنى شۇ تىلدا قىلىدۇ. چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرلار نۇرغۇنلىرى ئېغىزاكى ئانا تىلنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئۇلار چوڭ بولغان شۇ يەسلى ۋە مەكتەپكە بارغان شۇ دۆلەتنىڭ تىلى بىلەن بولىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە يەسلى مائارىپىنى يېزىلارغا قەدەر ئومۇملاشتۇرۇش دېگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئۇيغۇرچىدىن خىتايچىغا ئالماشتۇرۇش، دېگەن گەپ.

تىل، قانداقتۇر ئېغىزاكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئەمەس، ئۇ بىر خىل تەپەككۇر. يەنى جەمئىيەت، دۆلەت ۋە خەلقئارا خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مەلۇم بىر پەنجىرىدىن قاراش ئۇسۇلى. بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تەلىم-تەربىيەسىنى قايسى تىلدىن ئالغان بولسا، شۇ تىلدىن كۆرگەن ماتېرىياللىرى ئارقىلىق دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يەردە خالىسۇن، خالىمىسۇن بىر ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى يۈز بېرىدۇ.

ئەگەر بىر ئۇيغۇر بالىسى ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغان بولسا، تەپەككۇرى ئۇيغۇرچە شەكىللىنىدۇ، خىتايچە ئوقۇغان بولسا خىتايچە شەكىللىنىدۇ. خىتاينىڭ بۇنىڭغا مەبلەغ ئاجرىتىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى زورلىشىدىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر تىلىنى خىتايچىلاشتۇرۇش.»

خىتاي ھۆكۈمىتى «قوش تىللىق» مائارىپنى ئۇيغۇر رايوندا مەڭگۈلۈك مۇقىملىق بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى، دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، 2015-يىلى نويابىر قەشقەردە چاقىرغان خىزمەت يىغىنىدا، «قوش تىللىق مائارىپ ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىكى 5 نى ئېتىراپ قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە خىزمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2010-يىلى رايوندا «قوش تىللىق» باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلار 34% تەشكىل قىلغان بولسا، 2014-يىلى بۇ 69% گە چىققان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/qosh-til-yesli-01212016160016.html

Share
1349 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.