logo

trugen jacn

ئاسىيە ئۇيغۇر: قۇربانجان سەمەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ساختا ئۇيغۇرلارنى…


ساختا ئۇيغۇر قۇربانجان سەمەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خىتاينىڭ جىنايىتىگە چاپان يېپىۋاتقان ۋەتەن سىرتىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتچىلارنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى FBIغا شىكايەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟

ئاسىيە ئۇيغۇر

ئەگەر ئامېرىكىغا قارشى پىكىردىكى ياكى ئامېرىكىنى ئۆچ كۆرۈش تەشۋىقاتى قىلغان كىشىلەردىن، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ، ياشۋاتقان ياكى ئامېرىكىغا بېرىشقا تەمشىلىۋاتقانلار بولسا، بۇلارئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا نۆۋەتتە 1950-يىلى ماقۇللانغان <كوممۇنىستلارنى تېزگىنلەش قانۇنى>بويىچە بۇ قانۇننىڭ ھەرقانداق ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرگە ئونمىڭ ئامېرىكا دوللىرى جېرىمانە ۋە بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. غۇنداقتا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ياكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ <ئۇيغۇرنىڭ ئاغزى بىلەن ئۇيغۇرنى سېسىتىش>ھىيلىسىگە <زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش>ئىمكانىمىز بارمۇ؟ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان فېيسىبۇكتا تارقىلىۋاتقان قۇربانجان سەمەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئىزدېنىپ باقتىم. بەلكىم بۇ كىشىنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا <كوممۇنىستلارنىڭ تېزگىنلەش قانۇنى>بويىچە شىكايەت قىلىش ئىمكانى بولۇشى مۇمكىن. تەۋسىيە سۈپىتىدە تۆۋەندە بۇ كىشى ھەققىدە ئىزدەنگەنلىرىمنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن.
قۇربانجان سەمەت«مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق فوتو سۈرەتلەر ئاساسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى : «شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە شىنجاڭنىڭ كۆپ مەدەنىيەتلىك رايون ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇش» بولۇپ، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇرلارنىڭلا شىنجاڭى ئەمەس» دەيدىغان سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ھازىرلانغانلىقى ئىرېنىق. بۇ ھەقتە چەتئەل ئاخپارات ۋاستىلىرىدا ئەينى يىللاردا مۇنازىرىلەر بولغانكەن.
قۇربان سەمەتنىڭ بۇ يىل بىرىنجى ئايدا https://cn.nytimes.com/culture/20140326/tc26xinjiang/ نېۋيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خىتايچە بېتىدە بىر سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتتە قۇربانجان سەمەت ئۆزىنىڭ مىللەت تەركىبىنىڭ ئەسلىدە ساپ ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى تەن ئالغان. ئۇ مومىسىنىڭ 7ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستاندىن قەشقەرگە كەلگەنلىكىنى، بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ ئۆزبەك قېنى بارلىقىنى، ئانىسىنىڭ بولسا موڭغۇل قېنى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئاتىسىنىڭ كىملىكىدە ئۇيغۇر دەپ يېزىلغىنى سەۋەب، ئاتىسىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ نېۋيورك ۋاقىت گېزىتىگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىما قىلىپ، ھېچقانداق بىر مىللەت شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇ يەردە 13مىللەت بار، ئۇلار ئارىسىدا ھېچقانداق تام يوق. ھەتتا بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراق بولۇشى سەۋەب، بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. تاشقىي كۆرۈنۈشتە تۇرپان ئۇيغۇرلىرى خىتايلارنىڭ پەرقى بەك كىچىك، لوپنورلۇقلار بولسا موڭغۇللارغا ئوخشايدۇ، قەشقەر تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلىرى بولسا ياۋروپالىقلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، دېگەن. يەنى ئۇ نېۋيورك ۋاقىت گېزىتىدىكى بۇ سۆھبىتىدە مۇمكىنقەدەر ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا خەلقلەر بىلەن ئورتاق يوسۇندا خىتايلارغا تېخىمۇ يېقىن ياكى سىڭىشىپ كەتكەن مىللەت سۈپىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مىللىتى ياكى مەدەنىيىتىدىن يىراق بولغان، ئۆزگىچە تارىخ ۋە مەدەنىييەتكە ئىگە بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىدەك ھەقىققەتنى غۇۋالاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى>ئاتالغان بۇ زېمىننىڭ تارىخىي ۋە قانۇنلۇق ئىگىسى ئىكەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنى يوق قىلىشقا تىرىشقان.
قۇربانجان سەمەت <11-نۆۋەتلىك خىتاي خەلق سىياسى مەسلىھەت يىغىنى مەملىكەتلىك كومىتېتى >نىڭ تولۇقلانغان دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، بۇ كومىتېتنىڭ مىزانى بولسا، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رەھبەرلىكىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىدىغان، دۇنيانىڭ كۆزىنى بۇياش مەقسىتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئاتالمىش كۆپ پارتىيەلەر مەسلىھەت كېڭىش ھېسابلىنىدۇ.
قۇربانجان سەمەتنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ئېنىق بولمىغان ۋە ئۆزىمۇ بۇ مىللەت كىملىكىنى ئامالسىزلىقتىن قوبۇل قىلغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېتىراپ قىلغان بىر شەخس بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇملارغا كۆز يۇمۇپ، خىتاينىڭ ئاۋازى بولۇشنى تاللىشى ئەمەلىيەتتىمۇ دۇنيانىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قارشى يوسۇندا، خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتى ۋە كوممۇنىست قىممەت قاراشلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ، بۇنداق شەخسلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ دېمۇكراتىك قىممەت قاراشلىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بولغان سىياسىي سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە چاپان يېپىشى، ئامېرىكا جەمىىىتىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىز تەھدىت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتە قايمۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە شۇ سەۋەب خىتاي كوممۇنىست ئىدولوگىيىسىنىڭ قۇربانجان سەمەتكە ئوخشاش ساختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزى بىلەن ئەركىن دۇنيادا تەشۋىق قىلىنىشى، ئامېرىكىلىقلار ئارىسىدا خىتاي كوممۇنىست ئىدولوگىيىسىنىڭ ياكى خىتايچە كوممۇنىسزىمنىڭ يامرىشىغا يول ئېچىش ئارقىلىق ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

Share
980 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.