logo

trugen jacn

چەتئەل مۇخبىرىنىڭ قەشقەردىكى زىيارەت خاتىرىسى

7ea08417-7126-4686-b20d-0e31f70bb3ca

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئەنگلىيەنىڭ ساما خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى مارك ستون ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلۈك خەۋەرلەرنى ساما خەۋەرلىرى تېلىۋىزىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلدى

ئۇ زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرى ئاساسىدا ۋەزىيەتنى سۈرەتلەپ بېرىشكە تىرىشقان بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى، ھەممىلا يەردە تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ بارلىقىنى، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ قەشقەردىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ماۋ زىدۇڭ ھەيكىلى ۋە ئەتراپتىكى ھەربىيلەرنى كۆرسىتىپ «بۇلار سىزگە بۇ يەرنى كىمنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ» دېگەن. مارك ستون خەۋىرىدە ئالاھىدە توختالغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خىتايدىن ئىنتايىن پەرقلىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېيجىڭغا قارىغاندا باغداتقا يېقىنلىقى، بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ تەقى-تۇرقى، كۆرۈنۈشى، يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ كىشىگە خىتاي شەھىرى ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا شەرقنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ئادەم بۇ يەردە ئۆزىنىڭ جۇڭگودا ئىكەنلىكىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا قەشقەردىكى قەدىمىي ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىپ ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا ئېگىز-ئېگىز بىنالارنىڭ سېلىنغانلىقىنى، نۇرغۇن خىتايلار قەشقەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن پۈتۈنلەي ئايرىم ھالدا ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن

مۇخبىر مارك ستون چەتئەللىك بولغانلىقى، بولۇپمۇ بىر چەتئەللىك مۇخبىر بولغانلىقى ئۈچۈن قەشقەردە ئۆز خىزمىتىنى قىلىشى ئىنتايىن قېيىنغا توختىغان. نۇرغۇن مېھمانخانىلار چەتئەللىك ژۇرنالىست بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياتاق بەرمىگەن. مارك ستوننىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەرگە بارغان چەتئەللىك ژۇرنالىست ئەگەر بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشماقچى بولسا، مېھمانخانا خادىمى ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قاراشلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدىكەن ۋە ئۇلاردىن رۇخسەت سورايدىكەن. كۆپىنچە مېھمانخانىلار ژۇرنالىست بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا سېلىپ قويىدىكەن. قوبۇل قىلغانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ چەتئەللىك ژۇرنالىستلار چوقۇم ھەر كۈنى مېھمانخانىغا كەچ كىرىپ، قاق سەھەردە ياتاقنى قايتۇرۇۋېتىشى ۋە ھەر كۈنى ئوخشىمىغان مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىشى كېرەك ئىكەن. مارك ستون بارغان يېرىدە ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان خىتاي پۇقراچە ساقچىلار بار بولۇپ، ھەتتا ساقچى بىر قېتىم ئۇنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان يېرىدىن قوغلىۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ تېلېفونىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى يۇيۇۋەتكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە ھەممە كىشىنىڭ تېلېفونلىرىنى ئاشۇنداق تەكشۈرىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئىجتىمائىي تور بەتلەرنىڭ ئېچىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن

ساما خەۋەرلىرى تېلىۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى مارك ستون يەكەنگە بارغان ۋە ھەتتا تېخى يېقىندا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ بازىرىدىن ئۆتكەن. بىراق ئۇ تاكسى شوپۇرىنىڭ ئېلىشقۇدا توختاشنى خالىمىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخى يېقىندا 98 تېررورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى قىرغىنچىلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەتتا 2000 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ئەپسۇسكى، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى قامالى ئىنتايىن كۈچلۈك» دېگەن

مارك ستون سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى كامېراغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزلەشتىن قورقىدىغانلىقى، نۇرغۇنلىرىنىڭ ھەتتا سۆزلەشتىنمۇ قورقىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ئۆزى بىلەن سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆزىنى ئېيتىپ «ئۇ ئۇيغۇر ماڭا ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، دىنىنىڭ بولسا چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى» دەيدۇ ۋە سۆزىنى داۋام قىلىپ «بۇ ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ چىرايىنىڭ كامېرادا كۆرسىتىلىشىنى خالىمىدى. بىراق ئۇنىڭ مەيدانى ئېنىق ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن يېقىندا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى سورىدىم. ئۇ ماڭا ئېنىق قىلىپ ‹سەن باشقىلارغا بېسىم قىلساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار قارشى كۈرەش قىلىدۇ-دە› دەپ جاۋاب بەردى» دېگەن

مۇخبىر مارك ستون خەۋىرىدە قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ تېخى يېقىندىلا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۈمە تايىرنىڭ ئۆلۈمىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى، بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە دەپ بەرگەن گېپى ئارقىلىق ئىپادە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى گەپ قىلىشتىن قورقىدۇ. بىراق ئارىدىكى سۆزلەشنى خالىغان ئۇيغۇردىن بىرى ماڭا ‹ئۇ ئۆلۈمگە لايىق ئىدى. چۈنكى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇماشتىسى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان بارلىق چەكلىمىلىرىنى قوللايتتى› دېدى» دەپ بايان قىلغان

مۇخبىر كوچىلاردا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قويۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى ئورىشىنى، جىلباپ كىيىشىنى ۋە ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىنى چەكلەش ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىلىرىنى كۆرسەتكەن ۋە ئۇ يەردە بىر ئۇيغۇر ياش مۇخبىرغا بۇ تاختىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىنگلىزچە «سەن بۇ تاختىدا نېمە دېيىلگىنىنى چۈشەندىڭمۇ، بۇ يەردە بىزگە ئەركىنلىك يوق» دېگەن. مۇخبىر مارك ستوننىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن باشقا ئۇيغۇرلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان ۋە يەنە ھەممىسى ئوخشاش «ئەگەر سەن ئادەمگە بېسىم قىلساڭ، چەكلىمە قويساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار ساڭا قارشى كۈرەش قىلىدۇ» دېگەن جاۋابنى بەرگەن

مۇخبىر يەنە، ئۆزىنىڭ خەۋىرىنىڭ خۇلاسە قىسمىدىكى سۆزىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى «تېررورلۇققا قارشى» كۈرىشىنىڭ ئىنتايىن كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نارازىلىقمۇ ئوخشاشلا كۈچىيىپ بارىدۇ. بىز بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك، دىنىي رادىكاللارنى ئۇچراتمىدۇق، لېكىن شۇنداق دىنىي رادىكاللار بار دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئادەم توپلىشىنى ئاسانلاشتۇرماقتا خالاس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىسلامچە رادىكاللىق ئۆزى تىلەپ تاپقان مۇقەررەر ھۆكۈم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xelqara-uyghur-09022014155810.html

Share
1651 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.