logo

trugen jacn

پرېزىدېنت ترامپ، مىللەتچى ئاق تەنلىكلەر ۋە مۇسۇلمانلار

 

 

ئەلروھلان

 

پرېزىدېنت ترامپ، مىللەتچى ئاق تەنلىكلەر ۋە مۇسۇلمانلار

 

يىل.2017-22. سېنتەبىر

 

بۇ يىل 12-ئاۋغۇست (شەنبە) كۈنى ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتى چارلوتىسۋىل (Charlottesville) شەھىرىدە مىللەتچى ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئۇلارغا قارشى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىر قېتىملىق توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇش جەريانىدا بىر مىللەتچى ئاق تەنلىك ماشىنىسىنى قارشى تەرەپ كىشىلەر توپى ئىچىگە ھەيدەپ، بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە 19 كىشىنى ئېغىر يارىدار قىلدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوخشىمىغان كۈن ۋە ئوخشىمىغان جايلاردا ئاشۇ ۋەقە ھەققىدە 3 – 4 قېتىم سۆز قىلىپ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى دۇنيا ئالدىدا ئاشكارىلىدى. ئۇ ئاشكارىلىغان ئەھۋاللار ئىچىدە مۇنداقلىرى بار

 

ئامېرىكا ئادەتتە دۇنيادىكى كىشىلەر ئەڭ خاتىرجەم ياشىيالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى مىللىي بۆلۈنۈش زىددىيەتلىرى ئانچە يېنىك ئەمەس ئىكەن

دونالد ترامپ بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ پرېزىدېنتى بولماستىن، بەلكى پەقەت مىللەتچى ئاق تەنلىكلەرنىڭ پرېزىدېنتى ئىكەن

ئەگەر ئامېرىكىدىكى مىللىي بۆلۈنۈش يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ قالسا، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ھەممىدىن ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرايدىكەن

 

يۇقىرىدىكى 1- ۋە 2-نۇقتىلار ۋەتەنداشلارغا بىر ئاز ئايدىڭ بولسىمۇ، 3-نۇقتا ئۇنچىۋالا ئايدىڭ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدىكى ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېۋىزور ۋە باشقا ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىلەر بۇرۇن ئانچە كۆپ ئاڭلىمايدىغان بىر قىسىم سۆزلەر ناھايىتى كۆپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. مەسىلەن، «ئاق تەنلىكلەرنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قارىغۇچىلار» (white supremacists)، «ئاق تەنلىك مىللەتچىلەر» (white nationalists)، «ئاق تەنلىك كەمسىتكۈچىلەر» (white racists)، «ك ك ك» (Ku Klux Klan, KKK)، «ئىتتىپاقداشلار» (confederates)، ۋە نېئو-ناتسىستلار ياكى يېڭى-ناتسىستلار (neo-Nazis) قاتارلىقلار [1، 2]. مەن مەزكۇر يازمىدا يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ بەزىلىرى، ھەمدە ئىشلار داۋاملىق يامانلىشىپ ماڭسا ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىدىغان خىرىسلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. مېنىڭ بۇ قېتىم بايان قىلىدىغىنىم دوكتور ياسىر قازىنىڭ ئامېرىكا مېمفىس ئىسلام مەركىزىدە بۇ يىل 18-ئاۋغۇست (جۈمە) كۈنى سۆزلىگەن خۇتبە نۇتۇقىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلىرى. تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدىكى مەنبەگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۆزۈم سۆز قوشماقچى بولسام مەن سۆزۈمنى «ئىلاۋە» بىلەن باشلانغان بىر ئايرىم ئابزاس قىلىپ قىستۇرۇپ قويىمەن

 

تۆۋەندىكىسى دوكتور ياسىر قازىنىڭ دېگەنلىرى

 

بىر ھەدىستە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەپ بەرگەن مۇنداق بىر ئىش رىۋايەت قىلىنىدۇ: زامان ئاخىرى يېقىنلاشقاندا، مۇسۇلمانلار ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ھەر قېتىم بىر سىناق كەلگەندە، ئىمان ئېيتقۇچىلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ، «بىز بۇ سىناقتىن ئۆتەلمەيمىز»، دەپ قورقىدۇ. ئەمما ئاللاھ ئۇلارغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ، ۋە ئاللاھ ھېلىقىدەك ۋەھىمىنى يوق قىلىۋېتىدۇ

 

بىز ھازىر ھەر كۈنى، ھەر ھەپتىسى ۋە ھەر ئايدا قانچىلىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقىنىغا، بىز قانچىلىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقىنىمىزغا قاراپ باقايلى. ئارىمىزدىكى يېشى چوڭراق كىشىلەر 70-، 80- ۋە 90-يىللىرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ ھازىرقىغا نەقەدەر ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بۇرۇن كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. بىز ھازىر ئۆتكەن ھەپتە چارلوتىسۋىلدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تەسىرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتىمىز. ئۆتكەن ھەپتىدىكى ۋەقە ئامېرىكىنىڭ بىر قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۆزلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قارىغۇچىلار، ك ك ك ئەزالىرى ۋە يېڭى ناتسىستلار ئاپئاشكارا ھالدا، ۋە ھېچقانداق نومۇس ھېس قىلمىغان ھالدا دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارنى كەمسىتكۈچىلەردىن ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۆزلىرى بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىز ئاشۇ بىر جايدىكى بىر ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆردۇق، يەنى، ئۇ يەردە بىر گۇناھسىز كىشى ئۆلدى. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئىسپانىيەدىمۇ بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، ھازىر بىز ئۆزىمىزدىكى ئاشۇ ۋەقەدىن كېلىپ چىققان روھىي زەخىمىنى ساقايتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۈگۈنكى خۇتبىدە بىز ئاشۇ ۋەقەلەرنى ئىسلامىي ئۇقۇملار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا بىز مۇسۇلمانلار قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكى، ئاشۇنداق مىللىي ئۆچمەنلىك ھادىسىلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىمىز

 

قېرىنداشلار، مېنىڭ ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، بىز ئاشۇنداق قۇتراتقۇلۇق (rhetoric) ھەرىكەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. تارىختىن خەۋىرى بارلار تارىختىمۇ ھازىرقىغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ قايتا-قايتىلاپ يۈز بەرگەنلىكىنى، كەڭ-كۆلەملىك ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنداق ئىشلار 1940 – 1950-يىللاردىمۇ يۈز بەرگەن. مەسىلەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىدىكى 250 مىڭ ئەتراپىدىكى ياپونلۇقلار ئۆز ئۆيلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ قويۇلغان. ئۇلار خىزمەتلىرىدىن ھەيدەلگەن. بالىلىرى مەكتەپكە بارالمىغان. ئاشۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ھازىرمۇ ھايات

 

ئاشۇنداق ۋەقەلەر بىر كۈن ئىچىدىلا يۈز بەرگەن ئەمەس. ئۇلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە سۆز بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. 1930 – 1940-يىللىرى ناتسىست گېرمانىيە قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقى بىز ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بار. ئۇ چاغدىكى كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىمۇ ھازىرمۇ ھايات. ئاشۇ چاغدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق (Holocaust) تا جەمئىي 11 مىليون ئادەم ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6 مىليون كىشى يەھۇدىيلار بولۇپ، قالغان 5 مىليون ئادەم باشقا مىللەتلەرگە تەۋە كىشىلەر. گېرمانلار ئۆزلىرى ياقتۇرمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش نىشانى قىلدى. بۇ 11 مىليون ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن 3 يىل ۋاقىت كەتتى. ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بولسا ئاشۇ 3 يىلدىن بۇرۇنقى 10 يىل ۋاقىت كەتتى. ئاشۇنداق چوڭ ۋەقەلەرنى سادىر قىلىش ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن سۆز بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلمىسىڭىز، ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بارمىسىڭىز بولمايدۇ

 

بىزنىڭ بۈگۈن كۆرۈۋاتقىنىمىز ئەنە شۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنقى قەدەم-باسقۇچلىرىدۇر. ئاق تەنلىكلەرنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قارىغۇچىلار، ك ك ك، ۋە يېڭى-ناتسستلار ھەقىقەتەنمۇ ھېچ قانداق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما، شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىق بولسۇنكى، بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھەممىدىن بەك قارشى تۇرىدىغىنى، ئۇلارنىڭ يوقىتىش تىزىملىكىدە 1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى بىزلەر، يەنى مۇسۇلمانلار جامائەتلىرى. ئاللاھ بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. ئەگەر ئامېرىكىدا بۇرۇنقىدەك بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ قالىدىكەن، بىز ئۇلارنىڭ 1-نىشانىغا ئايلىنىمىز. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ھازىر شەكىللىنىۋاتقان ئىرقىي ئۆچمەنلىك خاھىشلىرىغا پەرۋا قىلماي قاراپ تۇرۇشقا ھېچ قانداق ۋاقتىمىز قالمىدى

 

ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىر خۇتبىنىڭ ۋاقتىدا بىز ھەممە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولالمايمىز. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە بىزگە پايدىلىق بولغان 4 – 5 ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن

 

 

  بىلىم كۈچ دېمەكتۇر

 

ھەر بىرىمىز ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە تولۇق بىلىمگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. بىز دۇنيادىن بىخەۋەر ھالدا بىر ۋاكۇئۇمنىڭ ئىچىدە ياشىساق بولمايدۇ. بىز خەۋەرلەرنى كۆرۈشىمىز، ھېلىقىدەك گۇرۇھلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز، ئۇلارنىڭ تارىخىنى، ئۇلارنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ لىدېرلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇلار بۇرۇن سادىر قىلغان ۋەقەلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك

 

بىز ئۆزىمىزنى ئۇلار بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا ۋە باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە تەييار قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز پەرۋا قىلمايدىكەنسىز، پەرۋا قىلمايدىغان باشقا بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتەلمەيسىز. ئەگەر سىز تارىخنى بىلمەيدىكەنسىز، باشقىلارغا تارىختا يۈز بەرگەن خەتەرلىك ئىشلار ھەققىدە تەلىم بېرەلمەيسىز. بىز ئاشۇ گۇرۇھلارنىڭ ئىدىيىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى زۆرۈر بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇشىمىز كېرەك

 

ك ك ك ئامېرىكىدا بىر يېرىم ئەسىردىن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ 1860-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ تېننېسسى (Tennessee) شتاتىدا بىر قانچە ئىتتىپاقداش (confederate) ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئامېرىكىدا ئىچكى ئۇرۇش بولغاندا، ئاشۇ ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان. ئۇلار ئاق تەنلىكلەرنى يۇقىرى ئورۇنغا، ۋە قارا تەنلىكلەرنى تۆۋەن ئورۇنغا قويىدىغان قۇللۇق تۈزۈمنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان. ئاخىرىدا ئۇلار ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، ئۇرۇشتا ئابراھام لىنكولىن (Abraham Lincoln) ئۇتۇپ چىقتى. ئاشۇ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغان كونفېدېرىت (ئىتتىپاقداش) ئارمىيىنىڭ باشلىقلىرى ك ك ك نى قۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ك ك ك ئاق تەنلىكلەر ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ

 

ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا ك ك ك ئۆچمەنلىك قىلىدىغانغا مۇسۇلمانلار يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيلارغا 1-ئورۇندا ئۆچمەنلىك قىلغان ئىدى. گەرچە تېرىلىرىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولسىمۇ، ك ك ك ئاشۇ دىنلارغا ئۆچمەنلىك قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن قالسا ئافرىقىلىق ئامېرىكىلىقلار، ئۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىستلار قاتارلىق ك ك ك بىلەن ئىدىيە بىرلىكى يوق بارلىق كىشىلەر تۇرغان ئىدى. شۇنداقلا ئۇلار زوراۋانلىق ئىش-ھەرىكەتلەرگە تايانغان ئىدى. سەۋەبى، ئوتتۇراھال كىشىلەر ئىرقىي كەمسىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ك ك ك ئۈچۈن باشقىلارنى باش ئەگدۈرۈشتە زوراۋانلىققا تايىنىشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. ئۇلار زوراۋانلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يۈزلىرىنى ھېلىقىدەك ئاق خالتىلار بىلەن يېپىۋالغان ئىدى

 

ئاق ئۇچلۇق خالتىدىن ياسالغان باش كىيىمى ئەسلىدە بۇنىڭدىن 500 يىللار بۇرۇن ئىسپانىيەدە ئىشلىتىلگەن. يەنى، ئەينى ۋاقىتتا ئىسپانىيەدە مۇسۇلمانلارنى تازىلاش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھېلىقىدەك ئاق ئۇچلۇق باش كىيىمىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئىسپانىيە ئەسكەرلىرى كىيگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باش كىيىمى باشقا ئىرقتىكىلەرنى تازىلىغۇچىلارنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. ئامېرىكىدىكى ك ك ك ئەزالىرى ئاق ئۇچلۇق باش كىيىمى ۋە ئاق كۆينىكىنىڭ قورسىقىدىكى قىزىل رەڭلىك قوشۇش بەلگىسى قاتارلىقلارنى ئاشۇ 500 يىلدىن بۇرۇنقى ئىسپانىيە تازىلىغۇچىلىرىنى دوراپ ياساپ چىققان.

 

 

ئەگەر تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق، 1500-يىللىرى ئىسپانىيە ئۆزىنى «پەقەت كاتولىكلارنىڭ دۆلىتى» دەپ جاكارلاپ، ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار ئۈستىدىن تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ك ك ك ئەزالىرى كىيىۋالغان كىيىم ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسپانىيە تازىلىغۇچىلىرىنىڭ كىيىمىدىن كەلگەن

 

نېئو-ناتسىستنىڭ مەنىسى «يېڭى ناتسىست» دىن ئىبارەت. ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ناتسىستلارنىڭ يادرولۇق ئىدىيىسى ئۆز مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. ئۇلار «خۇدا بىزگە باشقا بارلىق مىللەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن؛ خۇدا بىزنى تاللىغان؛ بىز خۇدا تاللىغان مىللەت؛ بىز خۇدا ياخشى كۆرىدىغان مىللەت»، دەپ قارىغان. ئۇنىڭدىن 80 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئاشۇ كىشىلەرنىڭ پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ «ئاق تەنلىكلەر ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»، دېگەن ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئىشلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇلار ھازىر «ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەدەنىيىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، بىز ئايغا چىقتۇق، بىزدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىنالار بار، بىزدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك قوراللار بار. بىزنىڭ ئاشۇنداق قىلالىشىمىزدىكى سەۋەب بىزنىڭ تېرىمىز ئاق-رەڭلىك بولغانلىقىدا»، دەۋاتىدۇ. يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى بىلەن باغلاۋاتىدۇ. ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلاردىن پەخىرلىنىۋاتىدۇ

 

بۇ ئەھۋاللارنى بىر قانچە نۇقتىغا پارچىلاپ چۈشەنگەندە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ

 

بىرىنچىدىن، ئاق تەنلىك مىللەت ۋە قارا تەنلىك مىللەت، دەيدىغان گەپ يوق. بىئولوگىيىلىك ۋە پەننىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەس. ئادەم تېرىسىنىڭ رەڭگى بىلەن ئۇنىڭ ئەجدادى ۋە يادىكارلىقى ئوتتۇرىسىدا ھېچ بىر مۇناسىۋەت يوق. ھەمدە ھەر بىر ئىنسان كۆپلىگەن مەدەنىيەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ئىچىدە ياشايدۇ. ھازىر يۇتيۇبنى تەكشۈرسىڭىز، بىر ئاق تەنلىك ئۆزىنىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەجدادى ئافرىقىلىق بولۇپ چىققانغا ئوخشاش ئەھۋاللارنى ناھايىتى كۆپ بايقايسىز. ئاق تەنلىك مىللەت، دەيدىغان بىر مىللەت مەۋجۇت ئەمەس. ھەممىمىزنىڭ مىللىتى ئارىلىشىپ كەتكەن. ھازىر «ساپ مىللەت»، دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەزالارمۇ بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئادەملەرنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئۇلار بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىئولوگىيىلىك ۋە باشقا پەننىي ئاساس مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭلاشقا سىز باشقىلارنى كەمسىتىدىغان بىرى بولۇش ئۈچۈن سىز چوقۇم ئوقۇمىغان بىر ئادەم بولۇشىڭىز كېرەك

 

تارىخ ئاق تەنلىك مىللەتچىلەرنىڭ تەشەببۇسلىرىغا زىت كېلىدۇ. تارىختا ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ گۈللەنگەن ۋە خارابلاشقان دەۋرلىرى بار بولغان بولۇپ، بۇنى تارىختىن ئازراقلا خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. ھازىرقى زامان دەۋرىدە غەرب مەدەنىيەتلىرى تېخنولوگىيە ساھەسىدە باشقا مەدەنىيەتلەرنى ھەقىقەتەنمۇ بېسىپ چۈشتى. بۇنىڭدىن 500 يىللار بۇرۇن باشقا مەدەنىيەتلەر ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان. مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا بولسا يەنە باشقا مەدەنىيەتلەر ئەڭ گۈللەنگەن. مۇسۇلمانلارمۇ دۇنيانى 700 يىلدەك ۋاقىت سورىغان. مەلۇم بىر مىللەت پۈتۈن تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ھەممىسىدە دۇنيانى سورىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس. ھازىرقى دەۋردىكى غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىمۇ پەقەت تېخنولوگىيە ساھەسىدە نامايان بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار ھاياتنىڭ قىممىتى، ئەخلاق، مېھرىبانلىق، ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش، كەمبەغەللەرگە ساخاۋەتلىك قىلىش جەھەتلەردە ھازىرمۇ ئۈستۈن ئورۇندا ئەمەس. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىدىكى ساھەلەردە مۇسۇلمانلار باشقىلاردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا بىز تارىخنى ئۇنتۇلۇپ قالساقمۇ بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەنگلىيە دۇنيانىڭ يېرىمىنى بېسىۋېلىپ، باشقىلارنى تالان-تاراج قىلىش بەدىلىگە دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئامېرىكىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى قۇل قىلىش بەدىلىگە بىر ھۆكۈمران ئورۇنغا چىققان

 

مىللەت بىر خىل ئىجتىمائىي يارالغۇ (social construct) دىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭ مەنىسى ئاق تەنلىك، سېرىق تەنلىك ۋە قار تەنلىك ئۇقۇمى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئۇنى ھەر خىل جەمئىيەتلەر ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ياساپ چىققان. ئۇنداق قىلىشتىن مەقسەت ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. تېرىسىنىڭ رەڭگىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە ئادەملەرنىڭ قېنى ئوخشاش، DNA سى ئوخشاش، ۋە ئىچكى ئەزالىرىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ بىئولوگىيىلىك ۋە پەننىي ئاساسى يوق

 

پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ھازىر نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش

 

ھازىر يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشلىرى باش كۆتۈردى. ئەمەلىيەتتە ھازىر ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بىر قىسىم سىياسىي سانائەت ۋە ئىقتىسادىي سانائەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار قورقۇنچلۇق ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىش بەدىلىگە پايدا كۆرىدۇ. ئۇلار بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئارقىلىق يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى قورقۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق پايدا ئالىدۇ. ئۇلار ھازىر مۇسۇلمانلاردىن باشقىلارنى قورقۇتۇش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتىدۇ.

 

گىتلېرنىڭ ئاساسلىق مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرى مۇنداق دېگەن: «تېررورلۇق ئەڭ ئۈنۈملۈك سىياسىي قورالدۇر.» سىز ئۆز خەلقىڭىزنى قاتتىق ۋەھىمىگە سالسىڭىز، ئۇلار خۇددى قويلارغا ئوخشاش ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىشقا ئۇنايدۇ. گىتلېرنىڭ بىر مەسلىھەتچىسى مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆز خەلقىمىزنى قاتتىق ۋەھىمىگە سېلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنى يەھۇدىيلاردىن، سىگانلاردىن، كوممۇنىستلاردىن، سوتسىيالىستلاردىن ۋە باشقىلاردىن قاتتىق قورقىدىغان قىلىشىمىز كېرەك. ئاندىن بىز يەھۇدىيلارنى ئۆيلىرىدىن تۇتۇشقا باشلىساق، ئۇنىڭغا ھېچ كىم گەپ قىلمايدۇ.» دىكتاتور تۈزۈمىدىكى ئەڭ ياخشى قورال تېررورلۇقتىن ئىبارەت. بىز بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنىشىمىز كېرەك. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئۇقۇمنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.

 

ناتسىستلارنىڭ بىر ئاساسلىق تەشۋىقاتچىسى مۇنداق دېگەن: «خەلق ئۇرۇشقا بېرىشنى ئەلۋەتتە خالىمايدۇ. خەلق ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما ئۇلارنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئىنتايىن ئاسان. سىز پەقەت ئۇلارغا دەپ، سىز تۇتقان يولغا قارشى چىققانلارغا دېگەن قالپاقنى كىيدۈرسىڭىز، ھەمدە خەلققە ، دېسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ

 

ئەمدى بىز 80 يىل ئالدىمىزغا مېڭىپ، ھازىر ئامېرىكىدا تارقىتىلىۋاتقان فوكس خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرى بىلەن ناتسىستلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ھېچ قانداق پەرقى يوق. ئۇلار سولچىلارنى بۇزۇپ تەشۋىق قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپنى مەسخىرە قىلىدۇ. ۋەتەنپەرلەرنىڭ ۋەكىلى، دەپ خاتا ئادەملەرنى كۆككە كۆتۈرىدۇ.

 

تارىختا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن: ئامېرىكىلىقلار فىلىپپىننى بېسىۋېلىپ، ئۇنى بىر مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن فىلىپپىنلىقلار ئامېرىكىلىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا فىلىپپىن نوپۇسىنىڭ زور بىر قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇسۇلمانلارمۇ ئامېرىكىلىقلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. مۇشۇ ۋەقەلەر ھەققىدە توقۇلغان بىر ھېكايىمۇ بار بولۇپ، بۇ ھېكايىدە «گرېگورىئو دېل پىلار» (Gregorio del Pilar) ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق گېنېرال چوشقا قېنىغا چىلانغان ئوقلار بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەرگە كۆمۈلگەن مۇسۇلمانلار چوشقا قېنى بىلەن بىللە كۆمۈلىدۇ. بۇ بىر يالغان ھېكايە بولسىمۇ، يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئاشۇ گېنېرالنى تىلغا ئېلىپ ماختاپ، رادىكال ئىسلام تېررورىستلىرىغا ئاشۇ گېنېرالغا ئوخشاش زەربە بېرىش كېرەك، دېدى. بۇ كىشىلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۈندەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. فىلىپپىندا يۈز بەرگەن ئاشۇ تارىخىي ۋەقەلەردە ئامېرىكا تاجاۋۇزچى بولۇپ، فىلىپپىنلىقلار بولسا ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئىدى.

 

ئىلاۋە: فىلىپپىن – ئامېرىكا ئۇرۇشى 1899 – 1902-يىللىرى يۈز بەرگەن [4].

 

يۇقىرىقىغا ئوخشاش پىسخولوگىيە ئۇرۇشىغا چېتىشلىق كىشىلەرنى مۇنداق ئىككى خىل ئادەملەرگە ئايرىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرى مەقسەتلىك ھالدا يالغان سۆز تارقىتىدىغانلار. فوكس خەۋەرلىرى بۇنىڭ بىر مىسالى. ئۇلار «ھازىر ئىسلام تەھدىتى مەۋجۇت»، دېگەنگە ئوخشاش يالغان سۆزلەرنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىر توپ كىشىلەر بار يەرگە ماشىنىسىنى ھەيدەپ بېرىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشى بىلەن بىر دۆلەت گۇمران بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەمما پۈتۈن خەلق ئاممىسى ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلسىڭىز، ئۇلار ئۆز-ئارا سوقۇشۇشقا باشلاپ، كەڭ-كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇنداق يالغانچىلارنىڭ كۈچلۈك ھوقۇقلىرى بار، ھەمدە ناھايىتى كۆپ پۇلىمۇ بار. بىز بۇنداق كىشىلەرگە قارىتا ئاللاھغا دۇئا قىلىپ، ئاللاھتىن ياردەم تىلەشتىن باشقا ئىش قىلالمايمىز.

 

ئۇ كىشىلەرنىڭ يەنە بىر خىلى ئەتراپىمىزدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئادەتتىكى ئامېرىكىلىقلار تېخىچە بىرەر مۇسۇلماننى كۆرۈپ باققان ئەمەس. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئىشلار گىتلېرنىڭ ۋاقتىدىمۇ يۈز بەرگەن. گېرمانىيە خەلقى يالغان تەشۋىقاتلارغا ئىشىنىپ، گېرمان ساقچىلىرى ئۆيمۇ-ئۆي ئىزدەپ يەھۇدىيلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندا، گېرمان خەلقى بىر تەرەپتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان. شۇڭلاشقا بىز ئامېرىكا خەلقىگە مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇلارغا مۇسۇلمانلار ھەققىدە توغرا چۈشەنچە بېرىشىمىز كېرەك. بۇ ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا خەلقى گۇناھكار ئەمەس، ئەمما گۆدەك. ئۇلار سەمىمىي، ئەمما خاتا يېتەكلەنگەن. بىز ئاشۇ كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىمىز. ئۇلار «بىز تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتىمىز»، دېگەنگە راستلا ئىشىنىدۇ. ئۇلار «بىزنى مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرۈپ، ئامېرىكىنى تارتىۋالىدۇ»، دېگەنگە راستلا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنى ئاشۇنداق خاتا چۈشەنچىلەردىن قۇتۇلدۇرۇش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى. بۇ ئىشتا ھەر بىر مۇسۇلمان ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.

 

ئىلاۋە: دوكتور ياسىر قازى بىر ئىسلام ئۆلىماسى ياكى ئىسلام دىنى ئالىمى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ كەڭ بىلىمگە ئىگە. شۇنداقلا مۇشۇنداق بىر خۇتبە نۇتقى سۆزلەشتىن بۇرۇن، ئۇ سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا ئائىت باشقا پەننىي بىلىملەرنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، ۋە ئۆگىنىپ، ياخشى تەييارلىق قىلىدۇ. ئۇ مەزكۇر خۇتبىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن خېلى كۆپ تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىپتۇ. يەنە بىر نۇقتا، مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن ئەھۋال، ۋە ھازىر ئامېرىكىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال بىلەن 2009-يىلىدىن باشلاپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى باغلاپ تەھلىل قىلىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

ئىسلام ئىرقىي كەمسىتىشكە قانداق قارايدۇ؟

 

ئىسلامنىڭ قارىشىچە، تارىختىكى تۇنجى ئىرقىي كەمسىتكۈچى بولسا ئىبلىستۇر. شۇڭلاشقا ئىرقىي كەمسىتىش بىلەن شۇغۇللانغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شەيتانلىق خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئىرقىي كەمسىتكۈچى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئورنى شەيتاننىڭ ئورنى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئىبلىس «مېنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىم مېنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ»، دەپ قارىغان. بىز كىشىلەرگە بۇنداق باھا بەرسەك بولمايدۇ.

 

ئىرقىي كەمسىتىش ئىنسانىيەت تارىخى باشلانغاندىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئىسلام ئىرقىي كەمسىتىشنى قۇرۇتۇپ تاشلىدى. تارىختىكى ھېچ قانداق بىر جەمئىيەت ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكى ھەققىدە تەلىم بېرىپ باقمىغان بىر ۋاقىتتا، ئىسلام ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەچچە يۈز مىڭ ئادەم ھەج ئۈچۈن يىغىلغان بىر سورۇندا سۆز قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىكار قىلدى. ئۇ، ئىنسانلارنى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە تەبىقىلەر ئارا بىر-بىرىنى كەمسىتىش ياكى چەتكە قېقىشنى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىشكە چاقىردى.

 

بىز ھازىر باشقىلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىۋاتىمىز. ئەمما ئۇنداق قىلمىش ھازىر ئۆزىمىزدىمۇ مەۋجۇت. شۇڭلاشقا بىز باشقىلارنى تەنقىد قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشىمىز كېرەك.

 

ھەمكارلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش

 

بىز ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئاندىن باشقا گۇرۇپپىلار بولغان ھەمكارلىقنى ياخشىلىشىمىز كېرەك. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ھەممىدىن مۇھىم. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا تىرىشىشىمىز كېرەك.

 

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئاران بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ سان ھەرگىزمۇ بىر چوڭ سان ئەمەس. بىز قۇرۇلتاي ئاچقاندا ناھايىتى كۆپ مۇسۇلمانلارنى كۆرىمىز. شۇنچە چوڭ زالنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسچىتلەردىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما بىزنىڭ نوپۇسىمىز ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ بىر خەتەرلىك ئەھۋال. ئەگەر قالغان 99 پىرسەنت ئادەم خاتا چۈشەنچىگە كېلىپ قالىدىكەن، بىزنى پەقەت ئاللاھلا قوغداپ قالالايدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئۆز-ئارا زىددىيەتلىشىشنى توختىتىپ، چوقۇم ھەممىمىز قاتتىق ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھالقىلىق پەيتلەردە قۇرەيشلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىق تۈزگەن. بىزمۇ شۇنىڭدەك قىلىشىمىز كېرەك.

 

تارىخنى ئۆگىنىپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن بىر ئاز چۆچۈيدۇ. شۇڭلاشقا بىز پاسسىپ ھالدا ياخشى كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرماي، يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان جەھەتلەردە ئۆزىمىز ئاكتىپلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

 

 

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

 

[1] Charlottesville White Nationalist Rally Violence Prompts State of Emergency

https://www.nbcnews.com/news/us-news/torch-wielding-white-supremacists-march-university-virginia-n792021

 

[2] Mike Muse Discusses President Trump’s Comments Against the Media and His Failure to Fully Condemn KKK Riots

http://swaysuniverse.com/mike-muse-discusses-president-trumps-comments-against-the-media-and-his-failure-to-fully-condemn-kkk-riots/

 

[3] The Rise of the Far Right – Shaykh Dr Yasir Qadhi

https://www.youtube.com/watch?v=jli8FulUjA8

 

[4] Philippine–American War

https://en.wikipedia.org/wiki/Philippine%E2%80%93American_War

 

 

 

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:

 

[1] جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu

 

[2] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik

 

[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu

 

[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye

 

[5] شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47402-Shi-Jinping-Junggoni-Buningdin-K%E9yin-Qaysi-Terepke-Y%E9tekleydu

 

[6] جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47450-Elrohlan-Junggo-Dunyadiki-1-Orun%92gha-Chiqqanda

 

[7] تارىخ بىلەن سۆھبەت: ئامېرىكا، غەرب، ئاسىيا، ۋە جۇڭگو

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47530-Tarix-Bilen-S%F6hbet-Am%E9rika-Gherb-Asiya-we-Junggo

 

[8] جۇڭگو نېمىشقا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47665-Elrohlan-Junggo-N%E9mishqa-Tinch-Yol-Bilen-Tereqqiy-Qilalmaydu

 

[9] نېمىشقا لىدېرلار يالغانچىلىق قىلىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47870-Elrohlan-N%E9mishqa-Lid%E9rlar-Yalghanchiliq-Qilidu

 

[10] جۇڭگونىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48459-Elrohlan-Junggoning-Bir-Belwagh-Bir-Yol-Pilani-Heqqide-Qisqiche-Ch%FCshenche

 

[11] جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە پاكىستاندىن ئۆتۈدىغان يېڭى يىپەك يولى

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48510-Elrohlan-Junggoning-Uyghur-Diyari-we-Pakistandin-%D6t%FCdighan-Y%E9ngi-Yipek-Yoli

 

[12] پاكىستان پارچىلىنىپ كېتەمدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48630-Elrohlan-Pakistan-Parchilinip-K%E9temdu

 

[13] جۇڭگو «يۇمشاق كۈچ» تە دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىقالامدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48818-Elrohlan-Junggo-%ABYumshaq-K%FCch%BB-te-Dunyadiki-1-Orun%92gha-Chiqalamdu

 

[14] جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە زېرەك كۈچ (Smart Power)

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48843-Elrohlan-Junggo-Am%E9rika-we-Z%E9rek-K%FCch-(Smart-Power)

 

Share
1595 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.