logo

trugen jacn

مەھبۇس ئانىسى: ئوغلۇمنىڭ ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇشى «تېررورلۇق»، تېلېفون تېپىۋېلىشى «بۇلاڭچىلىق» بولدى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئايكۆل پەيشەنبەبازارلىق سىياسىي تۇتقۇنلار (2)

2013-يىلى روزا ھېيت ھارپىسىدا ئاقسۇنىڭ ئايكۆل بازىرىدا قارا-قويۇق ئادەم تۇتقان ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ئون نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 50 نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان بۇ قانلىق توقۇنۇش ئاخباراتتىن سىر تۇتۇلۇپلا قالماستىن، ۋەقەگە قېتىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ سىر بولۇپ كەلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئايكۆلگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا مەزكۇر سىرلاردىن بەزى دېتاللار ئاشكارىلاندى. ئاھالىلەرنىڭ پاش قىلىشىچە، ۋەقەگە ئالاقىدار ئېچىلغان بىر سوتتا، پەيشەنبەبازارلىق ياش تۇرسۇنشەيىخ توختىنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىنى توسۇشى «تېررورلۇق»، ئىككى قول تېلېفونىنى تېپىۋېلىشى «بۇلاڭچىلىق» دەپ قارالغان. سوتتا ئۇنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 5 يىللىق، «بۇلىغان» ئىككى تېلېفونىغا 4 يىلدىن 8 يىللىق بولۇپ، جەمئىي 13 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ياشانغان ئانىسى، ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بۇ تۇيۇقسىز ۋە ئاچچىق قىسمەت ئالدىدا لەۋ چىشلەپ كۈن ئۆتكۈزمەكتە.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئايكۆل 14 ‏-كەنت ئاياللار مۇدىرى شەرۋانخان، پەيشەنبازازدا سىياسىي تۇتقۇنلار سانىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز پەيشەنبەبازاردىكى بىر ئۆيگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۆي ئىگىسى ئايال بۇ ئائىلىدە ئەر كىشى يوقلۇقىنى، ئائىلىدىكى بىردىن-بىر ئەر، يولدىشى تۇرسۇنشەيىخ توختىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئائىلە ئەزالىرىدىن تۇرسۇنشەيىخنىڭ ئانىسىمۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تۇرسۇنشەيىخ توختىنىڭ سوتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوغلى شۇ كۈنى سەتىراشخانىغا چاچ ياساتقىلى كېتىپ مەزكۇر ۋەقەگە چېتىلىپ قالغان. سوتتا ئۇ ئۆزىنىڭ تېلېفوننى بۇلىۋالمىغان بەلكى تېپىۋالغانلىقىنى تەكرار-تەكرار ئىزاھلىغان بولسىمۇ، پەرۋا قىلىنمىغان. سوتتىن بۇرۇن دائىرىلەر تۇرسۇنشەيىخ ئائىلىسىگە ئادۋوكات تۇتۇشنى ئۇقتۇرغان، ئەمما مەزكۇر ئائىلە سوتتا ئادۋوكاتنىڭ رولىغا ئىشەنچ قىلالماي ئىككىلەنگەنلىكى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك ئادۋوكات تېپىشقا ئۈلگۈرمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەھبۇس تۇرسۇنشەيىخ توختى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى سانجى تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-qarshiliq-11052015151208.html

Share
1245 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.