logo

trugen jacn

مۇراجەتنامىلەر نېمىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟

 

 

 

 

شۇڭقار تېكىن

مۇراجەتنامىلەر نېمىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە قاتمۇ قات قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى ۋە زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاغىرلىرىغا قامىلىشى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاڭلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىزدىنىشىگە ۋە قارشىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر ئۈلگىسى سۈپىتىدە مەشئەل گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان مۇراجەتنامىلەرنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. مۇراجەتنامىلەر گەرچە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئايدىنلىرىنىڭ سۈپەتلىك ئەمگىكى بولۇپ كۆرۈنۇۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىر قىسمى ئاۋاز قوشۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇراجەتنامىلەرگە بولغان قارىشى ۋە مەيدانى ھەرخىل بولماقتا. بۇ ھەقتە بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇراجەتنامىلەرنى چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە پايدىسى ھەققىدىكى بىر قىسىم يازمىلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇنداقتا، مۇراجەتنامىلەرنى چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇش بىر ئىشنى ھەل قىلالامدۇ؟ مۇراجەتنامىلەر زادى نېمىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟

 

مۇراجەتنامىلەر شەك-شۇبھىسىزكى ھازىر يۈز بەرىۋاتقان ئىشلانرىڭ پاكىتلىق ھۆججىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى سۈپىتىدە زور ئەھمىيەتكە ۋە تارىخى قىممەتكە ئىگە.

 

بىر يەردە بىر ناھەقچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىك بولىۋاتقان بولسا ئۇنى ئالدى بىلەن ئاشۇ ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان ئادەملەر باشقىلارغا بىلدۈرۈشى ۋە ئۇنى ئاشكارىلىشى كېرەك. بۇ ئاددى بىر ئۇقۇم. ئەگەر بىزگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى سۆزلىمىسەك ۋە قارشىلىق قىلمىساق خىتاينىڭ جىنايەتلىرى پاكىت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەشئەل ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىپ چىقىرىلغان تۇنجى مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويغان ئەنگىليەلىك بىر ياش دۇنيادا شۇنداقمۇ رەزىل ئىشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا تولىمۇ ھەيران قالغان ۋە قالدۇرغان ئىنكاسىدا ”بىزنىڭ دۆلىتىمىز( ئەنگىلىيە) مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىۋاتقان بىر دۆلەت( خىتاينى دەمەكچى) بىلەن يېقىن شېرىكلىك مۇناسىۋەتى ئورنىتىۋاتامدۇ؟ قېنى قىممەت قارىشىمىز، تېرېسا مەي بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشى كېرەك.” دېگەن. بۇ سۆز ئادەتتىكى بىر ئىنكاس ئەمەس. كىشىلەر بۇگۇنكى كۈندە تەسسەۋۇر قىلالمايدىغان رەزىل جىنايەتلەرنى شۇ جىنايەتلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارنىڭ پاش قىلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر ئىش. ھەر مىللەت ئۆز ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ ۋە سۆزلەشكە ئەڭ ھەقلىق.

 

 

جورج ۋاشىڭتون ئۇنىۋېرستېتى پروفېسسورى دېيۋ كارپفنىڭ قارىشىچە توردىكى مۇراجەتنامىلەر بىر خىل تاكتىكا. بۇ تاكتىكىنى سىياسى پائالىيەتچىلەردىن تارتىپ ھۆكۈمەتسىز، ئىنسانپەرۋەر تەشكىلاتلارغىچە ھەممىسى قوللىنىدۇ. گەرچە بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى قەغەز ئارقىلىق بولغان، ھازىر تور يۇزىدە بولىۋاتقان بولسىمۇ ھەممىسى بۇنى ئۈنۈملۈك بىر تاكتىكا ئورنىدا مەلۇم ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. شۇڭا مۇراجەتنامىلەر يالغۇز ئۆز ئالدىغا بىر ئىشنى ھەل قىلالمىسىمۇ شۇ ئىشنى ھەل قىلىشتىكى ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم ياكى تۇنجى قەدەم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر نۇرغۇن ئىجتىمائى تاراتقۇلار، فېيسبۇك، تۋىتتېر دېگەندەك، مۇراجەتنامىلەرنى تارقىتىشتا زور رول ئويناۋاتىدۇ.

 

تاكتىكا سۈپىتىدە مۇراجەتنامىلەر :

 

خەلق رايىنى ھۆكۈمەتكە سىگنال قىلىپ ئەۋەتەلەيدۇ، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئىش قىلغاندا ئۇنى نەزەرگە ئالىدۇ.

تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئارقىلىق قىلىۋاتقان ئىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كىشىلەرگە بىلدۈرەلەيدۇ.

مۇراجەتنامىلەرگە ئىمزا قويغانلار ئارقىلىق شۇ ئىشقا قانداق ئادەملەرنىڭ كۆڭۆل بۆلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەشئەل گۇرۇپپىسى چىقارغان دەسلەپكى مۇراجەتنامىلەرگە قول قويغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن چەتئەللىكلەر زور دەرىجىدە كۆپ.

مۇراجەتنامىلەر كىشىلەرنى قوزغاش ۋە ئىئانە يىغىش كۈچىگە ئىگە. ئىلگىرى ۋەتەندىكى بىر قىسىم پىدائىلار توردا مۇراجەتنامىلەر چىقىرىش يولى بىلەن ئىئانە توپلاپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا ياردەم بەرگەن، يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئىز دېرىكىنى تاپقان. گەرچە ئۇ ئىمزالىق مۇراجەتنامىلەر بولمىسىمۇ ياخشىلىق ئۈچۈن ئۇيۇيۇش ئۆز تەبىئىتىدە، مەدەنىيىتىدە بار بولغان بۇ مىللەتنى قوزغىتىشتا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان.

 

غەرپ جەمئىيىتىدە بولسا ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى سۈپىتدە مۇراجەتنامىلەر چوڭ رول ئويناۋاتىدۇ. ئامېرىكادا مۇراجەتنامىلەر ئارقىلىق سىياسەت بەلگىلىگۇچىلەرنىڭ قارار چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.

 

مۇراجەتنامىلەرنى چىقىرىپ قويغان بىلەنلا بولمايدۇ. مۇراجەتنامىلەر چوقۇم ئوبدان تەييارلانغان، پاكىتلىق، ئىلمى بولۇشى كېرەك، بولمىسا مىڭلىغان باشقا مۇراجەتنامىلەردەك كۆمۈلۈپ قالىدۇ. مەشئەل ئۇيۇشمىسى  جازا لاگىرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى مۇراجەتنامىدە بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن نۇرغۇن تاراتقۇلار، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى، ۋە ئامېرىكا قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلار بۇ ساننى رەسمى ئىشلەتكەن. ئەگەر مەشئەل ئۇيۇشمىسى مۇشۇنداق ماڭالىسا ئۇزاققا قالماي تاراتقۇلارغا رەسمى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش سالاھىيىتىگە يېتىپ قېلىشى ئېنىق.

 

ئۆزگەرتىش نەزىرىيىسى

 

ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان تەجرىبىلىك تەشكىلاتلار ئۆزگەرتىش نەزىرىيىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولىدۇ. مۇراجەتنامىلەرگە ئىمزا قويۇش بىلەن ئۇيغۇرلارغا بولىۋاتقان زۇلۇم دەرھال توختاپ قالمايدۇ، ياكى خىتاي ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ياخشى تەييارلانغان بىر مۇراجەتنامە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى توختىتىش ئۈچۈن بولىۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا ۋە ئىستراتېگىيە تۈزۈپ مەقسەتكە يېتىشكە بىر ئاساس بولىدۇ. بىر مۇراجەتنامە ۋە بىر مەزگىللىك قىزغىنلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، چۈنكى بۇ مەسىلە بەك چوڭ ۋە بەك مۇرەككەپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ياخشى تەييارلانغان ۋە نەق ۋاقتىدا چىقىرىلغان مۇراجەتنامە ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەر ۋە جىددى ئىشلارغا جەلپ قىلالايدۇ ۋە ئىكناس پەيدا قىلالايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ھازىر قىلالايدىغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشتۇر. مەشئەل گۇرۇپپىسى چىقارغان مۇراجەتنامىلەر نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، تاراتقۇلار ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغىچە يەتتى. بۇ گۇرۇپپا قوللانغان ناتسىستلار ئۇسلۇبىدىكى لاگىرلار دېگەن ئىبارە ھازىر پاكىتلار ئارقىلىق كۆپلىگەن دۇنياۋى مەتبۇئاتلار ئىشلىتىدىغان توغرا تەسۋىرلەشكە ئايلاندى.

 

ئۆزگەرتىش نەزىرىيىسى ئىستىراتېگىيىلىك پىلانلاش، قاتنىشىش، ۋە مۆلچەرلەش ھەققىدىكى مەخسۇسلاشقان مېتود بولۇپ، بۇ مېتودنى ئىنسانپەرۋەر ئورگانلار، خالىس تەشكىلاتلار، ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىجتىمائى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆزگەرتىش نەزىرىيىسى ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئالدىنقى شەرتلەرنى ئاساس قىلىپ يول خەرىتىسى سىزىشنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن ئىبارەتتۇر.

 

ئامەرىكادەك دۆلەتلەردە مۇراجەتنامىلەر ۋە ئۇنىڭغا يانداش ئۈزلۈكسىز نامايىشلار ئارقىلىق پارلامېنتنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار چىقىپ قانۇن ماقۇللاشقا ئېلىپ كەلگىلى ۋە شۇ ئارقىلىق خىتاينى جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر قىلغىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى مۇراجەتنامىلەرگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈشىگە باغلىق.

 

مۇراجەتنامىلەر بەلكىم ھازىر ھەممە ئۇيغۇرلار چۈشىنىدىغان ۋە قوللايدىغان بىر قارشىلى شەكلى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما غەربكە نىسبەتەن مۇراجەتنامىلەرنى يوللاش كىشىلەر بىردەك قوبۇل قىلغان بىر قانۇنى ھوقۇق ۋە ئۈنۈملۇك ئۇسۇل. مۇراجەتنامە ئارقىلىق ھەق -ھوقۇق، ئادالەت تەلەپ قىلىش ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىنىڭ بىرىنچى قوشۇمچىسىدا كۆرسىتىلگەن پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن ئوخشاش ئورۇندىكى ھوقۇق بولغاچقا كىشىلەر بۇنىڭ كۈچىگە ۋە بۇ ئارقىلىق قوزغىلىدىغان ئىجتىمائى ھەرىكەتنىڭ كۈچىگە ئىشىنىدۇ.ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ جىددى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇراجەتنامىلەرگە ئىمزا قويغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار يەنىلا ئاساسى ئورۇندا ئەمەس. مۇراجەتنامىلەر كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائى ھەرىكەتلەرلەرنى مەيدانغا كەلتۇرەلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق چوڭ ئىجتىمائى ئۆزگۈرۈشلەرگە سەۋەپ بولىدۇ.

 

 

ئىمزاچىلارنىڭ ساپاسى

 

دۇنيادا ھەر كۇنى تارقىلىۋاتقان ۋە ئىمزا قويۇلىۋاتقان يۈزلەرچە مۇراجەتنامىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇيغۇرلار چىقىرىۋاتقان مۇراجەتنامىلەر ئالاھىدە سەزگۈرلۈككە ئىگە. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا بىرەيلەن بىر مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويۇشتىن ھېچقاچان ئەنسىرىمەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراجەتنامىلىرى بىۋاستە خىتاينى نىشان قىلغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇراجەتنامىلەرگە ئىمزا قويۇشتىن ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئۇيغۇرلارنىگ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بولىدۇ. خىتايدىن قورقۇش، گەرچە مۇراجەتنامىگە قول قويغانلارنىڭ ئۇچۇرى خىتايغا ئاشكارىلانمايدىغان ھەتتا باشقا ئىسىم بىلەن ئىمزا قويۇشقا بولىدىغان بولسىمۇ، مۇراجەتنامىلەرگە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز قول قويىدىغانلىقىنىڭ ئاساسى سەۋەبى. ئەگەر بىر ئۇيغۇر يوشۇرۇن ھالدا مۇشۇنچىلىك مۇراجەتنامىلەرگە ئىمزا قويۇشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرسا مىللەت ئۈچۈن ھېچنېمە قىلمىغان بولىدۇ. چۈنكى مۇراجەتنامىلەرگە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارا قىلمىغان ھالدا تامامەن ئىمزا قويۇش مۇمكىن.

 

مۇراجەتنامىلەر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەيدۇ، ھەتتا ئىمزا قويغان ھەر بىر ئادەمدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ

 

ئەگەر سىز مۇراجەتنامىلەرگە ئىمزا قويغان بولسىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغۋار كۈرىشىگە قاتناشقان بولىسىز. بۇ ھاياتىڭىزغا قىممەت ۋە شان-شەرەپ قوشىدىغان بىر قەدەم بولىدۇ. بۇ مۇراجەتنامىلەر پەقەت بىر باشلىنىش بولۇپ بۈيۈك ھەرىكەتلەر ئەنە شۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

 

Share
1343 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.