logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان قول يازمىلىرى دىكى تەزكىرىلەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە

گۇستاف راكۇيت

ئېنگىلىسچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى

گۇستاف راكۇيت  (1871-1945) شىۋېتسىيىلىك تۇركولوگ، تىلشۇناس ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقتىدا تىل ۋە مېدىتسىنا ئىلمى ئۆگەنگەن. ئۇ داڭلىق تۈركولوگ گۇننار ياررىڭنىڭ Gunnar Jarring لۇند ئۇنېۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازى. ئۇ كېيىن مىسسىئونېر سۈپىتىدە 1993- 1895 يىلغىچىلىك باكۇ (ئەزەربەيجان) ۋە بۇخارالاردا مىسسىئونېر بولۇپ تۇرغان. كېيىن 1896- 1901 يىلغىچە قەشقەردە، 1904-1911 يىلغىچە يەركەندە مىسسىئونېر ۋە دوختۇر بولۇپ تۇرغان. ئىككىنچى قېتىم 1913-1921 يىلغىچە قەشقەردە قايتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، تىبەت رايونى ۋە ھىندىستان ئارقىلىق شىۋېتسىيىگە قايتىپ كەتكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-ئەدەبىياتى ۋە ئېتنولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشتا زور تۆھپىلەرنى قوشقان، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى شىۋىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ھەل قىلغۇچ يەكۈنلەرنى چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە «قەشقەر ۋە يەركەن رايونىدىكى ئۇيغۇر شىۋىلىرى ھەققىدە»، «ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار ھەققىدە»، «تاجى بىلەن زۆھرە» قاتارلىق كىتابلارنى ۋە «قاسىم ئاخۇننىڭ كامىل ئەفەندىگە يازغان 6 پارچە خېتى» قاتارلىق ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ماقالىلارنى يېزىپ قالدۇرغان.

– تەرجىماندىن
مەن 1906-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى بارون ماننېر خېيىمنىڭ Baron G. Mannerheim تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن يەركەنتتە ئۇچرىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەنىدىم. ئىككىمىز بىرلىكتە ئابداللىقلارنىڭ يەرلىك ئۆرپ ئادەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەسلىھەتلەشكەنىدۇق. ئابداللىقلار قەشقەر، يەركەنت، خوتەن تەرەپلەردىكى بەزى رايونلاردىن كېلىپ چىققان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 1873-يىلى D. Forsyth ئۆزىنىڭ «يەركەنتتىكى ۋەزىپە» ناملىق كىتابىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن 1890-95 F.Grenard Mission scientifique dans la haute Asie
ناملىق ئەسىرىدە ئابداللىقلار ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەنچە بەرگەن.
كېيىن ھەتتا لېكوكمۇ A. Von Le Coq بۇ خىل خەلقنىڭ پېرسىيەدىمۇ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە يەنە ئۇلارنىڭ تىلىدىكى بەزى سۆزلۈكلەرنىڭ چەت تىلىدىن كىرگەن تەركىبلىرى توغرىسىدا مەلۇم دەرىجىدە ئىزدەنگەن.
شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ ياشىغان بۇ بىر تۈركۈم خەلقنىڭ ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قەلەندەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە يەنى قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم چۈشۈرۈلگەن. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى بۇلار بىر زامانلاردا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ھۈسەيىنگە شىئەلەر ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر تارىخ بولغان كەربالا شېھىتلىرى ۋەقەسىدە كۇپۇرلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ھۈسەيىن جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغان ۋە ئۆمۈر بويى ئۇرۇق ئەۋلادى بويىچە سەرگەردانلىق سەرسانلىقتا ياشاشقا بۇيرۇلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىغىچە بۇلار شۇ تەرىقىدە قەلەندەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكەن كېيىن دېھقانچىلىق ۋە باشقا نورمال كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەرلىك ئۆرپ ئادەت، يوسۇنلارنى قوبۇل قىلىپ، ئەتراپتىكى يەرلىكلەر بىلەن نىكاھلىنىپ ئۆتكەن. ئۇلار كېيىنچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تەركىبىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان ۋە ئىنكار قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئۆزلىرىنى ئابداللار دەپ داۋاملاشتۇرىدىغانلار ئاز سانلىق بولۇپ قالغان. يېقىنقى يىللاردا بۇلارنىڭ دېھقانچىلىقتىن تاپاۋىتى يۇقىرى بولۇپ، تۇرمۇشى باياشات ئۆتسىمۇ لېكىن مول -ھوسۇل مەزگىللىرىدە ئۆشنىسىگە بىر تاغارنى ئارتىپ ناتونۇش، چەت ياقا جايلارغا كېتىپ يەنە تىلەمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بارىكەن.
بۇ قوليازمىلار خوتەندىكى ئابداللار كەنتى ئەتراپىدىكى ئەۋلىيا ھەزرەتلەرنىڭ مازار مەقبەرىلىرىدىن تېپىلغان مۇقەددەس خاتىرىلەر بولۇپ، تەزكىرە دەپ ئاتىلىدۇ ۋە بۇلارنى توپلاشتىكى مەقسەت ئابداللارنىڭ تارىخى ۋە ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بىر ئاساس يارىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئەمما ماتېرياللارنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بۇ خىل مەقسەتتىن باشقا بۇ قوليازمىلارنىڭ باشقا ساھەلەردىمۇ يەنە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئسپاتلاندى. تەزكىرىلەرنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ: گرېنارد ۋە م.خارتمان شەرقىي تۈركىستاندىن زور بىر تۈركۈم تەزكىرىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ بەزى كوپىيە نۇسخىلىرى ياۋروپادىكى كۈتۈپخانىلەردە ۋە شىۋېتسىيە لۇند، ئۇپسالا ئۇنىۋرسىتېتى كۈتۈپخانىلىرىدە ساقلانماقتا.
تەزكىرىلەرنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان تەتقىقاتچىلاردىن س. پ. سكرىن 1926-يىلى يازغان «جۇڭگو مەركىزىي ئاسىياسى» ناملىق كىتابىدا بۇ قوليازمىلارنىڭ 18-ئەسىرنىڭ بېشىغا تەۋە دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلايدۇ:
بۇ قوليازمىلار 11-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە بولغان شىئە ئەۋلىيالىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ سۇنىي ۋارىيانتى بولۇپ، ھەتتا شىئە ئەۋلىيالىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرمۇ ئەسلىسى ئەمەس. بۇلار ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى موللىلارنىڭ ئەجداتلىرىغا چوقۇنۇش ئەنئەنىسى بويىچە مۇقەددەس جايلاردا ئۆزلەشتۈرۈلگەن. قوليازمىلاردا بايان قىلىنغان 12 ئىمامنىڭ ھىچقايسىسى قەشقەرگە كېلىپ باقمىغان. باتۇر ئەۋلىيالار بولسا 8-9 ئەسىرلەردە سۇنىيلارنىڭ ھۇمەيياد خەلىپىلىكى قاتارلىق بەزى خەلىپىلىكلىرىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشىدىن قېچىپ كەتكەنلەرىدى.ئاز بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قالغان قوشۇننىڭ جۇڭگو زېمىنىغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى خۇددى 18-ئەسىردە غەرپتە ساراتسېنلارنىڭ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا قىلغان پوئېتىر جېڭىدەك خاتىمە بىلەن ئاياقلاشقىنىغا ئوخشاش تەقدىرگە ئىگە بولغانىدى. بۇ “ئىمام“ لارنىڭ ھىچقايسىسى ھاياتلىقىدا يەرلىك خەلق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ ياكى تۈرمىلەرگە قامالماي ھايات كەچۈرگەن. گرېناردنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھىچقايسىسى 10-ئەسىردە ئىبىن قۇتايباھنىڭ قەشقەرىيىگە ئسلامىيەتنى ئېلىپ كېلىشىگە ئوخشاش ئۇرۇنۇش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەرگە تەۋە ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئىبىن قۇتايباھ قەشقەرىيىگە ئىسلام دىنىنى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقىى كىشى بولسىمۇ، لېكىن تەزكىرىلەردە بۇ كىشىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان ۋە تۆھپىسى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن، سەۋەبى بۇ كىشىنىڭ سۇنىي مۇسۇلمان بولغانلىقىدا ئىدى.
قوليازمىلارنىڭ ئارىسىغا ۋاراقچە قىستۇرۇلۇپ قوليازمىلارنى يىققۇچى تەرىپىدىن چۈشەندۈرۈش بېرىلگەنىدى:
بۇ تەزكىرە قارىقاش دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان كوخمارىدىكى ئاۋامۇدىن، نەسرىدىن، كوۋامۇدىن ۋە نىزامۇدىنلارنىڭ مازارلىقىدىن تېپىلغان. 1906-يىلى دېكابىردا باھسۇدىن خان تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن.
چوڭلۇقى
150x 215 mm
قېلىنلىقى 12 cm
بولۇپ قاتتىق مۇقاۋىلىق. كىتاب قەغىزى يېرىم قاتتىق قولدا ياسالغان خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان بولۇپ، گۈللەر ۋە يوپۇرماقلارنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن پاختا رەخ بىلەن قاپلىنىپ مۇقاۋىلانغان. كىتابقا ھىچقانداق سەرمايە كەتمىگەنىدى. تۈپلەنگەن يەرلىرى يىرتىق ۋە داغ بوپ قالغانىدى. بەتلەر ناھايىتى قوپال ھالدا پاختا يىپ بىلەن بىر بىرىگە چېتىلىپ تىكىلگەنىدى. مۇقاۋىنىڭ ئىچ بېتىگە شەكىللەر ۋە چورنىۋاي خەتلەر سىزىلغانىدى.
قوللىنىلغان قەغەز ئادەتتىكى خوتەن قەغىزى بولۇپ،خەت كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن قەغەز بەتلىرى يېنىك ھالدا گۈرۈچ سۈيىگە چىلىنىپ ئارقىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ ئاندىن سىلىق تاش بىلەن باستۇرۇلۇپ مۇقىملاشتۇرىلىدۇ. بەتلەرنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىگە سىزغۇچ بىلەن سىزىق سىزىۋېلىىنغان بولماستىن بەلكى ھەربىر قۇرنىڭ باشلىنىدىغان ۋە ئاياقلىشىدىغان نۇقتىسىغا سىزىق تارتىلغانىدى. خۇشخەت نۇسخىسى نەسىخ ۋە نەستالىق نۇسخىلىرىنىڭ بىرىكمىسى ۋە بەزىدە دىۋان، رۇقىي خەت نۇسخىلىرى بولۇپ، قومۇش قەلەمنى قارا سىياھقا چىلاپ تۇرۇپ يېزىلغانىدى.
ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى جەھەتتە بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان بولۇپ، توققۇز بوغۇملۇق مىسرالاردىن تەركىپ تاپقانىدى. بەزىدە قائىدىسىز بولۇپ سەككىز ۋە ئون بوغۇملۇق مىسرالارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كىتاپنىڭ ئالدىنقى 11 بېتىدە ئالەمنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە ھەمدۇ-سانالار ئاخرىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ نەسەپ شەجەرە جەدۋىلى بىلەن ئاياقلاشقان. 12-بەتتە خۇلاسە قىسمى بولۇپ، نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان. قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:
ئەۋلىيا ئىماملارنىڭ ئۇلۇغلىرىدىن بىرى بولغان يۈسۈپ قادىرخان غازىنى ماۋرائۇننەھىردىن قەشقەرگە ئەلچىلىككە ئەۋەتكەنلىك جەريانى ۋە بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ “نامە“(خەت)نى قەشقەرىيە خەلقىگە قانداق يەتكۈزگەنلىكى ۋە قەشقەر خەلقىنىڭ ئۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن: “ئەگەر سىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋلادى بولسىڭىز بىز ئىسلامنى قوبۇل قىلىمىز“ دېگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. كېيىنكى بايانلارمۇ 2-نومۇرلۇق قوليازمىدا “پادىشاھ جاھان تەزكىرىسى“ نىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا ماس ھالدا تەسۋىرلەنگەن.
كىتاپنىڭ ئەڭ كەينىدە ئاپتور ئۆزى ھەققىدە توختۇلۇپ، بۇ تۆت ئەۋلىيا ئىمام ھەققىدە يېزىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەپلەر، دادىسىنىڭ 40 ياشقىچە پەرزەت يۈزى كۆرمىگەنلىكى، ئۆزىنىڭ مەكتەپتە قانداق تىرىشىپ بىلىم ئالغانلىقى، بولۇپمۇ شېئىرىيەت جەھەتتىن قانداق ھاسىلات ياراتقانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەپلىك مەدرىستە “شائىرچاق“ دەپ ئاتالغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرنى بايان قىلغان. ئاپتورنىڭ ئىسمى موللا نىياز بولۇپ، ئۇ بۇ شېئىرىي ئەسەرنى ھىجرەت 390-يىلى، يەنى مىلادى 1000 -يىلى تاماملىغان دەپ قالدۇرغان. لېكىن ئۇ ئەسىرىدە 15-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياشاپ ئۆتكەن مىر ئەلىشىرنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۆرنەك ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىنكى بىر دەۋردە ياشىغانلىقىنى قىياسلىغىلى بولىدۇ. ئاپتور يىلنامىنىڭ يېنىغا تۆت خىل ئىزاھ بەرگەن بولۇپ، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10-كۈنى ، جۈمە، مايمۇن يىلى، ھىجىرىيەنىڭ ھامال ئېيى دەپ يازغان. بۇ تۆت خىل تولۇقلىمىغا ئاساسەن توغرا بولغان يىلنامىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا قوللىنىلىپ كەلگەن قۇياش سېستىمىسى كالېندارى يەنى ھىجىرىيە كالېندارىغا ئاساسەن كۈن تۈن تەڭلەشكەن چاغ مىلادى 1737-يىلى مايمۇن يىلى ئىدى. ھامال ئېيىنىڭ باشلىنىشى ھىجرەت 1149-يىلى زۇلھەججەنىڭ 10-كۈنى بولۇپ، مىلادىيە كالېندارى بويىچە دەل 1737-يىلى 10-ئاپرىل جۈمە كۈنىگە توغرا كېلەتتى. كىتاپنىڭ ئاخىرقى تۆت بېتىدە بۇ كىتاپنىڭ موللا ئاخۇن تەرىپىدىن ئىلچىدە (خوتەندە) 1255-يىلى، توشقان يىلى، ئارا ئېيىنىڭ 2-كۈنى كۆچۈرۈپ تاماملانغانلىقى يېزىلغان. بۇ ۋاقىت مىلادىيە كالېندارى بويىچە 1840-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. ئىچ مۇقاۋىنىڭ بىرىنچى بېتىدە ۋە كىتاپنىڭ ئارىسىدىكى بەزى بوش يەرلەرگە “بۇ يۈسۈپ ئاخۇننىڭ كىتابى“ دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى، بۇنىڭدىن بۇ كىتاپنىڭ يۈسۈپ ئاخۇن ئىسىملىك بىر كىشىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
II
تۆۋەندىكى كىتاپنىڭ ئىچىگە بىر پارچە قەغەز قىستۇرۇلغان بولۇپ، 1906-يىلى يېزىلغان دەپ خاتىرلەنگەنىدى. قەغەزدە مۇنۇلار يېزىلغانىدى: بۇ تەزكىرە قارىقاش دەرياسى بويىدىكى ئۇدجات يېزىسى بىلەن يورۇڭقاش دەرياسى بويىدىكى جامادا يېزىىسنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان جۇما بازىرى يېزىسىدىكى ئىمام مۇزاي كازىم مازىرى تەزكىرىسىدۇر.
كىتابنىڭ چوڭلۇقى:
120x165mm,
قېلىنلىقى mm12
كىتاپ مۇقاۋىسىز بولۇپ، ئەڭ بېشىدا ۋە ئەڭ ئاخرىدا بوش بەتلەر قالدۇرۇلغانىدى.
قەغەز:خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان بولۇپ، بەتنىڭ ئاق قالدۇرۇلغان يەرلىرى ئىگىز -پەس ئىدى. بەت يۈزىدە داغلار بولۇپ، بەزى بەتلەر يىرتىلغان.
كىتاپتا ئەڭ ئاز دېگەندە 3 خىل خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن. كىتاپ نەسرىي شەكىلدە بولۇپ، بىر قىسىم شېئىرىي قىسىملىرى بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان. كىتاپنىڭ قاچان قەيەردە كىم تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت مەلۇمات يوق . ئاۋۋال مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىغا ئائىت مەزمۇن بولۇپ، “تەزكىرەئىي پادىشاھ جاھان“ دەپ يېزىلغان، كەينىدە ھەزرىتى موللا ئىمام نەسرىددىندىن باشلاپ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئۇلۇغ ئەۋلىيا ،پەيغەمبەرلەرنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن.
تۆت ئەۋلىيانىڭ قەشقەر خەلقىنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تۆۋەندىكىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەۋلىيا ئىمامنىڭ بىرى ئەۋلىيا يۈسۈپ قادىرخان غازى پېرسىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھ ۋە شاھزادىلىرىگە قېلىپلاشقان جۈملىلەر بىلەن سۆزىنى باشلىغان: “ئى، پادىشاھلىرىم، قەشقەر زېمىنىدىكى كىشىلەر تامامەن بىدئەتلەر بولۇپ، رۇخسەت قىلساڭلار مەن جەڭچىلەر بىلەن ئۇ يەرگە بارغان بولسام “دەپتۇ. كىتاپتىكى كېيىنكى بايانلاردا يۈسۈپ قادىرخان غازىنىڭ 40000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە قولىدىكى مەكتۇپنى قەشقەر خەلقىگە ئوقۇپ ئۆزىنىڭ تۆت ئەۋلىيا ئىمامنىڭ بېشى بولغان ھەزرىتى ئىمام نەسرىددىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەشقەر خەلقىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
بىرقانچە قېتىملىق كېڭىشىشلەر ۋە مەجبۇرلاشلار ئارقىلىق قەشقەرىيە خەلقى يېڭى دىننى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولىدۇ لېكىن پەيغەمبەر ئەۋلادىدىن بىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئۇلارغا ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغىنى بويىچە يۈسۈپ قادىرخان غازى باش ئىمامغا مەكتۇپ سۇنۇپ ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇلارنى كۈتىدۇ. ئۇزۇن بىر مەزگىللىك كۈتۈشتىن كېيىن يۈسۈپ قادىرخان غازى 1000 كىشىلىك بىر قوشۇننىڭ ئەندىجانغا يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ ۋە ئاتلىق يولغا چىقىدۇ. ئۇ يولدا ھەزرىتى شاھ كازىمنى ئۇچرىتپ دەبدەبە ۋە تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئەۋلىيا ئىماملارنىڭ ئەندىجان تاغلىرىنىڭ ئارقىسىغا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ۋە بۇنى ئۆزىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىغانلىقىنى ئۇقىدۇ. بۇ جەڭ پىرلىرى ھەزرىتى خوجا مەنسۇر، ھەزرىتى خوجا سەييىد،ھەزرىتى خوجا ئەخمەد ۋە ھەزرىتى خوجا ئەزىزلەر ئىدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ تۆت ئەۋلىيا ئىمام قەشقەرىيەگە ئاخىر يېتىپ كېلىدۇ. ئەڭ بېشىدا ھەزرىتى خوجا مەنسۇر تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ قالغان ئۈچ جەڭ پىرى بىلەن بىرلىكتە يېتىپ كېلىدۇ، ئارقىدىنلا يەنە ئۈچ تۈركۈم قوشۇن ھەزرەت ،سۇلتانلار بىلەن يېتىپ كېلىپ قەشقەرنىڭ ئەپچۆرىسىدىكى بارلىق رايونلارنى قورشىۋالىدۇ. بۇ قوشۇنلار بىلەن بىرگە كەلگەن تۆت ئىمامنىڭ ئىسىملىرى ھەزرىتى ئىمام نەسرىدىن، ھەزرىتى ئىمام مايىنىدىن، ھەزرىتى ئىمام تاھىرىدىن ۋە ھەزرىتى ئىمام قۇۋامىدىن ئىدى.قەشقەر خەلقى زور تۈركۈمدىكى جەڭ قوشۇنىنىڭ قەشقەرنى ئىگىلەپ ئاياق باسقۇدەك يەر قالمىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كېيىن ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان قەشقەر شاھى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. كېيىن ئۇ يەركەنتكە يۈرۈش قىلىپ ،ئۇنىڭ تەلىپى بىلەن يەركەنتتىكى نەچچە يۈزلىگەن خەلق ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ. جەڭ قوشۇنى ئاخىردا جۇڭگو (ماچىن) غا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ.
كېيىنكى ئەپسانە ئىمام جافارى سادىقنىڭ ئوغلى مۇسا كازىمنىڭ چوڭلارنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي 6000 كىشىلىك قوشۇن باشلاپ جۇڭگوغا يۈرۈش قىلغانلىقى ھەققىدە بولۇپ ، بۇ قوشۇن جۇڭگوغا بارغاندا 20000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئۈچ كۈن جەڭ قىلىدۇ، نەتىجىدە قانلار سەل بولۇپ ئېقىپ، كۇپارلارنىڭ كېسىلگەن كاللىسى تاغ بولۇپ دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. بەختكە قارشى مۇسا كازىم جەڭدە بەدىنى ئەللىك يەردىن يارىلىنىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ،ئۇ غەزەپ بىلەن ئۆزىنى دۈشمەنگە ئاتىدۇ، ئەمما دۈشمەن كەينى تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ تاكى ئاخىرقى تىنىقى قالغىچە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىدۇ. مۇسا كازىم شېھىت بولغاندىن كېيىن ئاسماندىن بىر تاۋۇت چۈشىدۇ لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىدىنى ھىچيەردىن تاپالمايدۇ. ئۇنىڭ جەسىدى توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك قىياس مەۋجۈت:بىرى جەسەتنىڭ خوتەنگە يېقىن بىر جايدا تېپىلغانلىقى توغرىسىدىكى بايان يەنە بىرى پەرىشتىلەر ئىمامنىڭ جەسىدى قاچىلانغان تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ مەككىگە ئېلىپ كېلىپ شۇ يەردە ئۇلۇغ ئەجدادلىرىنىڭ ئايىقى ئاستىدا كۆيدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەت. لېكىن كىتابتا ئىمامنىڭ جۈمە بازىرى رايونىغا دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھىچبىر مەلۇمات يوق.
كىتابنىڭ 8-9 باپلىرىدا ھەزرىتى ئىمام ئالى مۇسا رىزانىڭ تەزكىرىسى ۋە ئەينى دەۋردىكى خاندانلىقنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان.ئاخىرقى تۆت بەتتە “بىسمىللاھىر رەھمانۇرەھىم“ دەپ باشلىنىپ ئەرەپچە ۋە ئۇيغۇرچە ئارىلاش ئىمام ئەزىم ئەبۇ-خەنىفەگە بولغان مەدھىيىلەر ۋە ئۇنىڭ شەرىئەتنى قانداق تونۇتقانلىقى ھەققىدە بايان قىلىنىپ، كەينىدىن ئىسلام دىنىدىكى 8 جەننەتنىڭ ئىسمى يېزىلغان، لېكىن بۇ مەزمۇننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بېتى يوقۇلۇپ كەتكەن.
III
بۇ پارچە قوليازمىلارنى توپلىغۇچى باغاقچىگە مۇنۇلارنى قالدۇرغان: بۇ تەزكىرە خوتەندىكى ھەزرەت سۇلتان مازىرىنىڭ تەزكىرىسى بولۇپ، يورۇڭقاش دەرياسى بويىدىكى جاما يېزىسىدا ياشايدىغان بىر موللا تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن. 1906-يىلى دېكابىر.
115X165mm
18mmقېلىنلىقى
كىتاپنىڭ بېشىدىكى ۋە ئاخىرقى ۋاراقلىرى يوقالغان بولۇپ ئانچە تولۇق ئەمەس. كىتاپنىڭ قەغىزى خوتەن قەغىزى بولۇپ، سىزغۇچتا سىزىلغان سىزىقلار يوق. خەت نۇسخىلىرى ئارىلاش بولۇپ، پۇچۇركىسىنى ئوقۇغىلى بولاتتى.
كىتاب مەزمۇنى: كىتاپ پىروزا يەنى نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ، قاچان يېزىلغانلىقى ۋە ئاپتورىنىڭ كىملىكى خاتىرىلەنمىگەن. كىتابتىكى بەزى شىۋىلەرگە قارىغاندا خوتەنگە يېقىن جايدا يېزىلغانلىقىنى قىياس قىلىش مۈمكىن.
كىتاپنىڭ ئالدىنقى 25 بېتىدە ناھايىتى رومانتىك بىر بايان بولۇپ، ئىمانلىق بىر قىزنىڭ كۇپارلارنىڭ قولىدا ۋەھشى ۋە ئىپلاسلارچە قىينالغانلىقى، ھەتتا بىر قول بارمىقىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى كېيىن مۆجىزە يۈز بېرىپ بۇ بارماقنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر بارماق ئۆسۈپ چىققانلىقى، بۇ قىزنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىگە قاراپ كۇپارلارنىڭ ئىسلامنى تونۇغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. 25-بەتتىن كېيىن سۇلتان ئەبۇ سەئىد كۇچكارنىڭ تەزكىرىسى سۆزلىنىدۇ. ئاۋۋال ئۇنىڭ نەسەبى ھەققىدە توختىلىدۇ. پۈتكۈل مال بىساتى ۋە ھەرىمى ئاپەتكە ئۇچراپ ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ شاراپ ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە ئوقىتى ناھايىتى روناق تېپىپ شاگىرتلىرى قىرىققا يېتىدۇ.بىر كۈنى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە بىر سادا كېلىپ، بۇ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ گۇناھ بولىدىغانلىقى ۋە ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ شەيىخ بولۇشىنى بۇيرۇيدۇ. كېيىن بۇ كىشى ئەتراپتىكى ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ ھەممىىسىگە ھاراق تاشلىتىپ، ئۆزى 41 نەپەر دەرۋىشكە شەيىخ بولىدۇ. قۇچقار كېيىن “بۇزرۇكۋار “ دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر قېتىم ۋەھىي كېلىپ ئۇنى دەرۋىشلەرنى باشلاپ ئەرەپ دۆلىتىدىن پېرسىيەگە بېرىشقا ،كېيىن يەنە يىراق جۇڭگوغا بېرىپ ئسلام دىنىنى تارىتىشقا بۇيرۇيدۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاۋۋال خوتەنگە ئاندىن جۇڭگوغا بارىدۇ. كېيىن بۇ ھەقتىقى تارىخىي بايانلارنىڭ ئارىسىغا باشقا مۆجىزىلەر قىستۇرۇلۇپ بايان قىلىنىدۇ. شەيىخ ھاياتى بويىچە ئۆمرىنى بۇ ئىشقا سەرپ قىلىپ 99 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بىر تىلەمچى ئارقىلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. رىۋايەتنىڭ كەينىدە بەلكى ئۇنىڭ جەسىدىنىڭ قەيەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بولۇشى مۈمكىنىدى ،ئەمما كىتاپنىڭ كەينىدىكى ۋاراقلىرى تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە مەلۇمات بولمىدى.
IV
بۇ كىتاپنى توپلىغۇچى كىتاپنىڭ تېشىغا “تەزكىرەئى خوجا ئابدۇل قاسىم، دۇئا مازار“ دەپ خاتىرە قالدۇرغان .
125x197mm
بۇ 24 بەتتىن تەركىپ تاپقان نېىپىز كىتاب ئىدى.ئەسلى كىتاپ 28 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، 10-11-24 ۋە 28-بەتلەر يوقالغانىدى، 9-ۋە 12-بەتلىرى بوشاپ قالغان .
كىتاب بىر بەتكە ئىككى كولۇن قىلىپ يېزىلغان،ئارىلاشما خەت شەكىللىرى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىشقىلىپ ئوقۇغىلى بولىدۇ.
كىتاب مەزمۇنى: كىتاب بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان بولۇپ، 10 بوغۇملۇق مىسرالاردىن تەركىپ تاپقان ، بەزىدە ھەتتا 9 ۋە 11 بوغۇملۇق مىسرالارمۇ ئۇچرايدۇ. سۆزلەر ۋە مىسرالار پارىسچە ئۇسلۇبتا بولۇپ، پارىس شائىرى فەرىد ئەددىن ئاتار (1119-1230) نىڭ شېئىر ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىنغانىدى.كىتاپنىڭ ئاپتورى رېھىم شاھ شەيىخ بولۇپ،مىلادى 1296-يىلى يېزىپ قالدۇرۇلغان. بۇنىڭدىن كىتاپنىڭ ئەسلىسى يېزىلغىنىغا 640 يىل بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ گەپچە قولىمىزدىكى كىتاپ قەغەز ۋە قول يازمىغا ئاساسەن بىر كوپىيە نۇسخىسى بولۇشى مۈمكىن. لېكىن بۇ كوپىيەگە قانچە يىل بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
كىتاپتىكى باش قەھرىمان خوجا ئەسسەر بۇزرۇكۋار بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ بىر موزدۇز ئىدى. كىتاپتا شەيىخ ۋە خوجا ئوتتۇرىدىكى دىيالوگ ئارقىلىق ھاياتلىق قانۇنىيىتى، دىنىي پەلسەپەۋىي مەسىىلىلەر ۋە سوپىزىملىق مىستىسىزىمدىن ئىبارەت مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. ئاپتور كىتاپنىڭ كەينىدىكى قىسمىدا قاسىم ھەققىدىكى تەزكىرىنى يېزىپ،بىرقانچە ئاجايىپ ۋەقەلەرنى بايان قىلىدۇ.
V
بۇ كىتاپنى يىغىپ ساقلىغۇچى مۇنداق خاتىرىلەرنى قالدۇرغانىدى: <<بۇ تەزكىرە قارىقاش دەرياسى بويىدىكى يېزا ئەسقارى يېزىسغا جايلاشقان ئىمام مۇھەممەت ئەسقارى مازىرىنىڭ تەزكىرىسىدۇر. كىتاپنى تەمىنلىگۈچى خوتەنلىك بەھرۇددىن خان،1906-يىلى.>>
128x187mm
كىتاب 32 بەت بولۇپ، مۇقاۋىسىز ،ئاددى خوتەن قەغىزى بىلەن تاشلانغان، ئەڭ ئاخىرقى بېتى يوقالغانىدى. خەت شەكلىدە نەسىخ ۋە نەستالىخ نۇسخىلىرى قوللىنىلغان.
كىتاب مەزمۇنى: كىتاب بايان شەكلىدىكى نەسرىي ئەسەر بولۇپ، بىرقانچە شېئىرىي مىسرالارمۇ بار. تېكىستلەر روشەنكى پۈتۈنلەي “تەزكىرەئى پادىشاھ جاھان“ دىكى مەنبەلەرنىڭ كوپىيەسى بولۇپ، ئوخشاش بىر بايان قىلغۇچى ئىدى. كىتابنىڭ ئاپتورى ۋە قاچان، قەيەردە يېزىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن.
VI
بۇ تەزكىرە كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئىمام جافارى سادىق مازىرى تەزكىرىسى بولۇپ، شەرىئەت نابوۋى دەپمۇ ئاتىلاتتى. كىتاپتا ئابداللارنىڭ ئەمرىمەرۇپ ۋە ھىكمەتلىك سۆزلىرى بايان قىلىنغان.
تاماغىل يېزىسىدىكى بىر موللىدىن سېتىۋېلىنغان. 1906-يىلى دېكابىر.
كىتابنىڭ چوڭلۇقى:
205x255mm
mm 25قېلىنلىقى
كىتاب خۇرۇم تاشلىق بولۇپ، پاختا يىپ بىلەن تىكىلىپ تۈپلەنگەن. بىرىنچى ۋە ئەڭ ئاخىرقى بەتلىرى يوقالغان. كىتاب يۇقىرى سۈپەتلىك خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان. كىتابتا سىزىلغان سىزىقلارنى ئۇچراتقىلى بولمىسىمۇ لېكىن كىتاپ قۇرلىرى خېلىلا تۈز ئىدى.
كىتاب مەزمۇنى: ئاساسەن نەسرىي شەكىلدە بولۇپ، ئاز بىر قىسىم شېئىرىي مىسرالار بار. ئاخىرقى 16 بەت كولۇنلارغا ئايرىلمىغان، بىر بىرىگە ئۇلاپ يازغان ئۇزۇن قۇرلار بولۇپ، تۆت چېكىت بىلەن بەلگە قويۇلغان ۋە بىرقانچە يانتۇ يېزىلغان قۇرلار بارىدى. قوليازمىدىن كىتابنىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە بىر ئادەمنىڭ قەلەم تەۋرەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. كۆچۈرگۈچى مىڭ تام ئايىل يېزىسىدىن بولۇپ، ئىسمى مەمەت نىياز موللا ئىدى يەنى رېھىم موللىنىڭ ۋارىسى ئىدى. كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلىكى 1297-يىلى كۆچۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان، باشقا مەلۇمات يوق. بىرىنچى بۆلەك 1-112 بەتكىچە بولۇپ،بۇ بۆلەكتە پارىس ئەدەبىياتىدىكى ئەسەر- “شەھرىي گۈلشەن“ ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر يېزىلغان. بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر قوليازما شىۋېتسىيە ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
No597,section7(Nov.340)
مۇندەرىجىدە 22 باب يېزىلغان. ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتىېتىدىكى مۇندەرىجىدە بولسا 21 باب دەپ خاتىرلەنگەن.
ئىككىنچى بۆلەكتە، يەنى بىرىنچى بۆلەكتىن كېيىنكى 10 بەتتە “ئىمام جافارى سادىقنىڭ تەزكىرىسى“ بايان قىلىنغان.
ئۈچىنچى بۆلەك “تەزكىرەئىي پادىشاھ جاھان“ بولۇپ، ئوخشىمىغان مەنبەلەرگە ۋە خوجىلار تەزكىرىسىگە ئاساسەن يېزىلغان .
تۆتىنچى بۆلەك 13 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان خاتىرىلەر ئىدى. بۇلارنىڭ مەزمۇنى بەزى بىشارەتلەرنى كۈندۈلۈك دىني يوسۇنلار ۋە پالىيەتلەرگە ۋە ئۆلۈمگە باغلاپ تەپەككۈر قىلغانىدى. تېكىستلەردىكى كۈچلۈك پارىس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدىن ، پارىسچە مەنبەلەردىن پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
VII
كىتابنى سېتىۋالغۇچىنىڭ بايانىغا ئاساسەن بۇ كىتاب ئابداللارنىڭ تارىخىغا ئائىت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ كىتاب ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داڭلىق بولغان ئەۋلىيالار تەزكىرىسى “قىسسەسۇل ئەنبىيا“ نىڭ كۇپىيەسى ئىدى.
كىتابنىڭ چوڭلۇقى:
370x225mm
قېلىنلىقى:75
كىتاب نېپىز تېرىدە تاشلانغان بولۇپ، ئۆچكە تېرىسى بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىنىدى.كىتابنىڭ كەينىدە مىڭ ئۈچ يۈز ئىككى يۈز يىل…دېگەن يىلنامە بارىدى. يىلنامىنىڭ كەينى چىقمىغاچقا تولۇق خەۋەردار بولغىلى بولمايتتى.
كىتابنىڭ قەغىزى خوتەن قەغىزى بولۇپ، كەسپىي خۇشخەت ئۇستىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، بەت بوشلۇقىنىڭ كەڭلىكى 50
ئىدى. mm
كىتابنىڭ مەزمۇنى: كىتاب ئاساسىي جەھەتتىن نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدا تارقالغان پەمغەمبەرلەر ھەققىدىكى قىسسەنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى ئىدى. باشقا نۇسخىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كىتابتا بەزى ئوخشىمايدىغان نۇقتىلار ئۇچرايدۇ:
1) مۇندەرىجە باشقا كىتابلاردىن پەرقلىق بولغان.
2) “قەسسەسۇل ئەنبىيا“ مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ تەزكىرىسى بىلەن ئاخىرلاشقان، بۇ بەلكى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەمغەمبەر بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان “قىسسەسۇل ئەنبىيا“ پارىس تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا شىئەلەرنىڭ تەسىرىمۇ كىتابتا خېلى چوڭ بولۇپ، خەلىفە، ھەسەن ۋە ھۈسەنلەرگە ئائىت خېلى بىر تۈركۈم ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. كىتابتا ئەسلى دېمەكچى بولغان مەزمۇن ھۈسەيىننىڭ ئېفرات دەرياسى بويىدىكى كېلىشمەسلىكلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئابداللارنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرۇش ئىدى. كىتاپنى كۆچۈرگۈچى كىتابنىڭ كەينىدە باشقا مەنبەلەردىن ئېلىنغان بىر ھەدىسنى قىستۇرۇپ يازىدۇ. ھەدىستە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنەدە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بارلىق رەزىللىكلەرگە قارشى ياردەمدە بولىدىغان ۋە كېسەللەرنى شىپا تاپقۇزغۇچى بىر سۈرە چۈشۈرىدۇ. كىتاپنىڭ ئاخىرىغا بۇ سۈرە ئەرەپچە يېزىلغان ئىدى.
كىتاپ ئاۋۋال ئەرەپچىدىن پارىسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئاندىن پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. كىتابنى تەرجىمە قىلغۇچى قازى رابات ئايۇزى نەسرىددىن، بۇرھانىدىن ئوغلى.
مېنىڭچە ئايۇزى دېگەن ئىسىم بەزى يېزىق جەريانىدىكى ئىملا خاتالىقى سەۋەبىدىن شۇنداق يېزىلىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى باشقا جايلاردا بۇنداق ئىسىمنى ئۇچراتمىدىم. ئەكسىچە رابات يۈزى دېگەن كەلىمە كۆپ ئۇچرايدۇ. يەنى كۆچۈرگۈچى كۆچۈرۈش جەريانىدا “غ“ ھەرپىنىڭ زەۋىرىنى چۈشۈرۈپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن ئايۇزى بولۇپ قالغان. باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغاندىمۇ تەرجىمانلار كىتابنىڭ ماۋزۇسىنى ئوخشىمىغان ئىسىملاردا ئالغان.مەسىلەن،“قەسسەس راپيۇزى“(تاشكەنت، مىق مەتبە باسمىسى ھىجىرىيە 1335-يىل) ۋە “قەسسەس ئار رابيۇزى“ (ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسى Nos.638, 639. Nov.580)
بۇ خىل تەرجىمە شەكىللىرىدە رابات يۇزى خىلمۇ خىل ئېلىنغان. كىتابنىڭ بۇ كۆچۈرمە نۇسخىسىدا تەرجىمان كەمتەرلىك قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازمىغان، پېقىر شىكەستە دەپلا ئالغان. لېكىن پايدىلانغان مەنبەلەردىن ئۇنىڭ رابات يۇزىلىك بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا رابات يۇزى دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى قانداق؟ ھەممىمىزگە مەلۇم تۈركلەرنىڭ ئويۇز قەبىلىسى يۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماس ھالدا “رابات“ دېگەن سۆزنىڭ ئېتمولوگىيىسىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، ئويۇزلارنىڭ ئولتۇراق ماكانى دېگەندىن كېلىپ چىققان، يەنى ئويۇزلارنىڭ يۇرتى دېگەنلىك بولىدۇ.
كىتابنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى كىتابنىڭ 8-بېتىدە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ھىجرەتتىن كېيىنكى 1318-يىلى ، مىلادى 1899-1900 دەپ يېزىلغان. كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىدە، <<1322-يىلى ،مۇھەررەمنىڭ 13-كۈنى، پەيشەنبە (30-مارت، 1905-يىلى) خوجا ئەخمەد ئاخۇن قوزى موللا ئوغلى ئۆز قولى بىلەن بۇ “قەسسەسۇل ئەنبىيا“ نى يېزىپ چىقتى ۋە شەرەپ بىلەن ۋەھپىگە تەقدىم ئېتىدۇ >> دېگەن خاتىرىلەر يېزىلغانىدى. ئارىدىن بىر يىل ئون ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، 1906-يىلى دېكابىردا “ۋەھپىگە تەقدىم ئېتىش“ بىكار قىلىنىپ، بۇ قوليازما خوجا ئەخمەد نامى بىلەن بارون ماننېرخېيىم ئەپەندىگە سېتىپ بېرىلىدۇ.
يەنە بىر تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا، كىتابنىڭ بېشىدىكى ئىككى بېتىدە ۋە ئاخىرقى بېتىدە نۇرغۇن خەتتاتلىق مەشق شەكىللىرى سىزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل سىياھتا بىر بىرىگە مىنگەشتۈرۈلۈپ سىزىلغان تۆت بۇرجەك شەكىللەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ شەكىللەردىن خەرىتىگە پىششىق بولمىغان بىرىنىڭ بىرەر جاينىڭ شەكلىنى سىزىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ شەكىللەر بىزنى مەككىدىكى ئۇلۇغ كەبىگە باشلاپ بارىدۇ، ئەقىللىق بىر كۈزەتكۈچى بۇ شەكىللەرنى كۆرگەن ھامان كەبىگە باغلىيالايدۇ.شەكىللەر ھەققىدە يەنە بىر خىل قىياسمۇ مەۋجۇت. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ شامان دىنىنىڭ بۇرۇنقى كۈچلۈك تەسىرلىرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ شەكىللەرنىڭ بەزىلىرى شامانىزىمدا قوللىنىلىدىغان روھلارنى سولاش ئۈچۈن سىزىلىدىغان ئىشىكلەرگە ئوخشايتتى. ئىچىدە يەنە قانات شەكىللىك كۆرسەتكۈچ بەلگىلەر بولۇپ، بۇلار كىشىگە كومپاسنىڭ يۆنۈلۈش بەلگىسىنى ئەسلىتەتتى. بۇ ئىشىكلەر ھەققىدە
Magnus Olsen,1916 نىڭ “Maal og minde“ ناملىق كىتابىدا بىرقەدەر چوڭقۇر تەتقىقاتلىرى بار. بۇ شەكىللەرگە ئائىت سۇئاللار كېيىنكى ئېتنوگرافىيەشۇناسلارغا قالدۇرۇلۇپ كېتىلدى.
VIII
بۇ تەزكىرە خوتەننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خانگۇي يېزىسىغا جايلاشقان دىۋانە خان غوجام مازىرىنىڭ تەزكىرىسىدۇر.
كىتابنىڭ چوڭلۇقى:
370x295mm
mm 27 قېلىنلىقى
كىتاب قوڭۇر رەڭلىك خۇرۇمدا مۇقاۋىلانغان بولۇپ، ھازىر مۇقاۋىسى ئاجراپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى. كىتاب نەمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۈستى تەرىىپىدىكى بەزى خەتلەر ئۆچۈپ كەتكەنىدى. خەت شەكلىمۇ ئارىلاش بولۇپ، بىرقانچە كىشىنىڭ كۆچۈرگەنلىكى مەلۇم.
كىتاب نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، پارىسچە ۋە ئەرەپچىدىن ئىبارەت ئەبجەش كەلىمىلەر قوللىنىلغان. كىتاب ئاۋۋال ئەرەپچىدىن پارىسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، ئاندىن پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان. ئاساسلىق ۋەقە ئەلى ۋە فاتىمەنىڭ ئوغلى ھەسەن ۋە ھۈسەيىننىڭ ھېكايىسى بولۇپ، ھۈسەيىننىڭ ئېچىنىشلىق ئازاپ ئوقۇبەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىتابنىڭ ماۋزۇسى بەزى مەنبەلەردە“ئېمىر مۇسېيجاب غازى“ دەپ ئېلىنغان. قوليازما ۋە مىخ مەتبەدە بېسىلغان “مۇسېيجەبنامە“ مۇ بار.
(M.Hartmann(Mittelungen Sem.Orient Sprachen VII,1904,Part II, p.80)
بۇ كىتابتىكى باياندا يۇقىرىدىكى خارتماننىڭ بايانىنى ئېلىپ تاشلاپ، ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت مەزمۇن كۆپرەك تەكىتلەنگەن. بۇ كىتابتا ئۇلۇغ زاتنىڭ ئۆلۈمىدىن 846 يىل كېيىن يېىزىلغانلىقىدىن ئىبارەت مەلۇماتقا ئېرىشەلەيمىز. ھۈسەيىننىڭ كەربالادىكى ۋاپاتى 680-يىلى يۈز بەرگەن بولسا، كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ھىجرەتتىن كېيىنكى 909-يىلى، يەنى مىلادىيە 1503 -يىلى يېزىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. كىتابنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى بېتىدە ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ 131-يىلى تاماملانغانلىقى خاتىرىلەنگەن، بۇ 1131-يىلى بولۇشى ، يەنى مىلادىيە 1718-19 يىللىرى بولۇشى مۈمكىن. بۇ كۆز قاراشنىڭ توغرىلىقىنى ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولغان شىئەلەرنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى جايلاردا ياشىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاش مۈمكىن. كىتابنىڭ ئاخىرىدا كۆچۈرگۈچىنىڭ ئىسمىنىڭ توختى خەلپەم ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن. كىتابتا ئابداللارنىڭ تارىخىنىڭ 680-يىلى كەربالادا يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن بولغان چېتىشلىقىغا ئائت بىر پاكىت كۆرسىتىلمىگەن. باشقا مەنبەلەردىمۇ بۇ ھەقتە بىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىر يوق.
(Raquette G, Stockholm, 1935)
“ئىسلام دىنى“ ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

http://www.akademiye.org/ug/

Share
1824 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.