logo

trugen jacn

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

rusya-mus-bir

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىگە مەركەزلەشكەن بولسا، ھازىر رۇسىيەنىڭ شەرقىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە جۈملىدىن سىبىرىيە شەھەرلىرىگىمۇ تارقالماقتا ئىكەن.

مەركىزى موسكۋا شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت بىرلەشمىسى» نىڭ مەسئۇلى رەفقەت سادىقوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر تەشكىلاتقا موسكۋا شەھىرى، موسكۋا ئوبلاستى ۋە سانكتپېتىربۇرگ شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەۋە بولۇپ، ھازىرچە رۇسىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنمۇ زىچ ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىلماقتا.

رەفقەت سادىقوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەدىكى، جۈملىدىن موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى يىللاردا، بولۇپمۇ يېقىنقى ئون يىللار ئىچىدە تېز سۈرەتتە كۆپىيىشكە باشلىغان. ھازىر موسكۋا شەھىرى ۋە موسكۋا ئوبلاستىدا ھەممىسى بولۇپ تەخمىنەن 700 ئۇيغۇر بار.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ 2002-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئۈچ مىڭ، 2010-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە تۆت مىڭ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى. رەفقەت ئەپەندى بۇ سانلارنىڭ ھازىر تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ھازىر بەش يېرىم مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر-توداي» سەھىپىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا رۇسىيەنىڭ يېكاتېرىنابۇرگ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى جەمئىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ شەھەردە 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقى قەيت قىلىندى. يەنە بىر خەۋەردە سىبىرىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ «ۋەتەن» جەمئىيىتى قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 2014-يىلى 200-250 ئەتراپىدا بولغان بولسا ھازىر بۇ سان تېخىمۇ ئاشقان. سىبىرىيىدىكى يەنە بىر شەھەر بارنائۇلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئەلۋەتتە، رۇسىيەدىكى بۇ ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەنلەر ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/rusiye-uyghur-08102016170402.html

Share
1371 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.