logo

trugen jacn

دۇنيادىكى ئىدىيە، پىكىرلەر ۋە ئىسلامنى ئۆگىنىش

image

دۇنيا تۆت – بەش ئەسىردىن بۇيان غەرب مەنبەلىك ئىدىيە، پىكىر ۋە تەلىماتلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرماقتا. جۇغراپىيە ۋە كۈلتۈرلەر ئوخشاشمىسىمۇ بۈگۈنكى ئۇقۇم ۋە سىستېمىلارنىڭ كۆپىنچىسى غەربچە پىكىرلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. دېموكراتىيە، خەلق دۆلەتچىلىكى، ئەركىنلىك، بازار ئىقتىسادى، مىللەت، مىللىيەتچىلىك… دېگەنگە ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان تېرمىن ۋە ئۇقۇملار ياۋروپا ياكى ئامېرىكىدىن دۇنياغا يېيىلماقتا. دۇنيانىڭ بۇ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئىدىيەۋىي ئويغىنىش، زاۋامانىۋىلىشىش، سانائەت ئىنقىلابى، دىنىي ئىسلاھاتلار ۋە سېكولارىزم قاتارلىقلار ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىغا ئۆزگىچە شەكىل بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ تەرەققىي تاپقان ئىلىم – پەن ۋە ئۇچۇر- ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق كېڭىيىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مەسىلەن؛ بۈگۈنكى كۈندە ھەممىگە مەشھۇر بولغان يەرشارىلىشىش، بىر پۈتۈنلىشىش، كېيىنكى مودېرنىزم…. قاتارلىق ئۇقۇملار ئەڭ دەسلەپ غەرب دۇنياسىدا ئاپىرىدە بولۈپ، ئاندىن پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ پىكىرلەر تەسىر كۆرسەتكەن خەلقلەرنىڭ ۋە رايونلارنىڭ مەدەنىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەتتا ئىنسانىي ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزگىرىشىكە باشلىدى. نەتىجىدە بەزىدە ئىجابىي، يەنە بەزىدە سەلىبىي ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كەلدى. دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، بازار ئىقتىسادى… قاتارلىق ئىجابىي نەتىجىلىرى بولغانغا ئوخشاش، جاھانگىرلىك، ئىشغالىيەتچىلىك، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە مانقۇرتلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنىمۇ مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ جەرياندا ھەممىدىن بەك ئالدىنقى پىلانغا چىققان ساھەلەرنىڭ بېشىدا باشقا مەدەنىيەتلەر ئىگە بولغان پەلسەپەۋى ۋە پىكرىي قۇرۇلمىلار بولدى. باشقىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ ئامىلمۇ دەل مۇشۇ ئىدى. شۇڭا غەرب سىرتىدىكى كۈلتۈرلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپەۋى پىكىرلىرىنىڭ يوقىلىشى تۈپەيلى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە رايوندىكى مەسىلىلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ جەھەتتە خېلى نۇرغۇن مىساللارنى كۆرسىتەلەيمىز،. «بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھەيران قالارلىق سەلىبىي تەسىرگە ئۇچرىغۇچىلار ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمان خەلقلەر ئىدى» دېيىشكە بولىدۇ.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ***** **** **** ***** **** ****
ئىسلامىيەت قۇرئان، سۈننەت ياكى ھەدىسكە ئوخشاش تۈپ مەنبەلەردىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە بۇ مەنبەلەرنى ئىزاھلايدىغان مەزھەپ، ئىدىيە ۋە پىكىرلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قۇرئان ۋە سۈننەت (ھەدىس)تىن سۆز ئېچىلغاندا، گەرچە ئاممىباپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئىسلامىي پىكىر، چۈشەنچىلەر ھەققىدە ئوخشاش نىسبەتتە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس. مۇسۇلمانلار ئۇمۇمەن ھەنىفىي، مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي قاتارلىق مەزھەپلەرگە مەنسۇپ تۇرۇقلۇق بۇ مەزھەبلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە پىكىرلىرىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بۇ مەزھەپ ۋە ئۇقۇملارنىڭ سىرتىدىكى پىكىر ۋە ئۇقۇملار بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك قەتئىي كارى يوق. بۇ خىل پەرۋاسىزلىق يالغۇز نورمال خەلق ئاممىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇقۇمۇشلۇق ۋە ئالىي مەلۇماتلىق زاتلىرىدىمۇ يەتكۈچە كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. شۇڭا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىكى مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ئىسلامىي ئاڭ ۋە پىكىر سىستېمىسى ھەققىدىكى دەرسلىكلىرى ئىنتايىن يېتەرسىز. بۇنىڭ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرىنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب غەرب ئىدىيەسى ۋە پىكىرلىرىنىڭ باشقا ئاڭ ۋە پىكىرلەر ئۈستىكى بېسىمىدىن ئىبارەتتۇر.
ئىسلامىيەت تەخمىنەن 1500 يىللىق پىكىرىي تەجرىبىسىگە ئىگە شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە 1 مىليارد 500 مليوندىن كۆپرەك مەنسۇپى بولغان كاتتا دىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ دىننىڭ مەنسۇپلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئىسلامىي پىكىرلەردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئىنتايىن تەس. ۋەھالەنكى دىنىي ئىلىم مۇتەخەسسىسلىرىدىن باشقا نورمال مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئىسلام ئېڭى ۋە چۈشەنچىسى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت. چۈنكى ئۆز ئېتىقادىنىڭ پىكرىي سىستېمىسى ھەققىدە ھېچ بولمىغاندا باشلانغۇچ سەۋىيەدە بولسىمۇ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىدىكى ھادىسىلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يېتەلىشىگە ياردەمچى بولىدۇ. ئىتېقادىي پىكىر تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش، كىشىنى قايسى دۆلەتتە ۋە قايسى خەلقلەر ئارىسىدا قانداق ئېتىقاد ياكى ئىدىيىۋى پىكىرنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەلۇماتلىق قىلىدۇ. ئىنسانلار ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق بىر مەسىلە ياكى ھادىسىگە نىسبەتەن توغرا ۋە مۇستەھكەم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى كۈندە ئەڭ كۆپ تارقالغان سۇنئىي ۋە شىئە مەزھىپى ھەققىدە توغرا، ساغلام مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ھەممىگە ئايان. مانا بۇ مەلۇمات ياكى ئوقۇملار ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىدىكى ھادىىسلەرگە ۋە دۇنياغا بولغان كۆز قارىشىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرىشىغا ھەسسە قوشىدۇ. ئەڭ مۇھىم تەرىپى، ئىسلامىي ئاڭ، مۇسۇلمان كىشى ياكى جەمئىيەتلەرنىڭ تۈرمۈش سەۋىيەسىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.
ئىسلام ئېڭىنىڭ تۈپ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن چوڭ مەزھەپلەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىش، پەقەتلا دىنىي ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىجتىمائىي، سىياسىي، ۋە دۇنيا تەرەققىياتى جەھەتتىكى ئورنىنىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىشلىتىلىۋاتقان خاۋارىچلىق، سەلىفىلىك، ئەلىۋىلىك ۋە سۈننىلىك دېگەنگە ئوخشاش ئۇقۇملار بىلەن ئېقىملارغا تەۋە كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ساغلام مەلۇماتلارغا ئىگە بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
تېخىمۇ ئاساسلىق نۇقتا شۈكى، ھەر قايسى دىنلارنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئۆز مەنسۇپلىرىدىن تەلەپ قىلدىغانلىرىنى ياكى تەلەپ قىلمايدىغانلىرىنى ياخشى بىلىش ئۈچۈنمۇ بۇ قاراشلار نۇقتىلىق رول ئوينايدۇ.
مەسىلەن؛ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ توغرا چۈشىنىلىشى ۋە ئىجرا قىلنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل نېمە؟ ئەنئەنىلەر ۋە تەجرىبىلەر قانداق شەكىللەنگەن؟ ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىشىنىڭ دىندىكى ئورنى زادى نېمە؟ ئەقلى بولمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلىقى بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى، قوشنىسى، جەمئىيىتى ۋە باشقىلاردىن تەركىپ تاپقان دۇنيا بىلەن زادى قانداق مۇناسسۋىتى بولۇشى لازىم؟ قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆگىنىشتە مۇتەخەسىس ئۆلىمالارنىڭ رولى ۋە ئورنى نېمە؟ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە تۈرمۈش شارائىتلىرىغا نىسبەتەن قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ چۈشىنىلىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىدا ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ نۇرغۇنلىغان ئۆلىمالار مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان ”تەجەددۇد“ يەنى يېڭىلىنىش مۇمكىنمۇ ۋە مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇنىڭ يولى ۋە چەك – چېگرىسى قەيەرگىچە؟…. قاتارلىق بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسى دىنىي مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئاسانلا جاۋابقا ئېرىشىشى ۋە ئىراھلىنىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ھەرگىز يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر شۇنداق چېگىش ھالغا كېلىپ قالدىكى، نورمال ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭمۇ بۇ سوئاللارنىڭ بەزىلىرىگە مەلۇم سەۋىيەدە جاۋاب بېرەلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەر جىددىي ئىشلىنىشى لازىم.
يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق

 

http://www.trt.net.tr/uyghur/%EF%AD%98%EF%AF%A9%EF%BA%AE%EF%BB%AD%EF%AE%94%EF%BA%AE%EF%BA%8D%EF%BB%A3%EF%BB%A4%EF%AF%A9%EF%BB%BC%EF%BA%AD/2014/11/09/%D8%AF%DB%87%D9%86%D9%8A%D8%A7%D8%AF%D9%89%D9%83%D9%89-%D8%A6%D9%89%D8%AF%D9%89%D9%8A%DB%95%D8%8C-%D9%BE%D9%89%D9%83%D9%89%D8%B1%D9%84%DB%95%D8%B1-%DB%8B%DB%95-%D8%A6%D9%89%D8%B3%D9%84%D8%A7%D9%85%D9%86%D9%89-%D8%A6%DB%86%DA%AF%D9%89%D9%86%D9%89%D8%B4-108726

Share
2001 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.