logo

trugen jacn

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مەخسۇس تىلغا ئالدى

 

ئىرادە

2015-u0225-pma.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتنىڭ خىتايغا ئايرىلغان قىسمىدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى باشچىلىقىدىكى خىتاينىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە يەنە چېكىنىش بولغانلىقى قەيت قىلىندى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ ئايرىم سەھىپىدە ئورۇن ئالغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يىللىق دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىـت قسىمىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىلدىمۇ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ قامال قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، زورلۇق – زومبۇلۇققا ئۇچرىغان. قېيىن – قىستاق ۋە باشقا خىل جازالاش ۋاستىلىرى ئوخشاشلا داۋام قىلغان. خىتايدا ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر داۋاملىق ھالدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغاننىڭ سىرتىدا، ئۇلارغا قارىتىلغان بىخەتەرلىك نامى ئاستىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيتىلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، خىتايدىكى ۋەزىيەتنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى، قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋاستىلىرىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى، ئۆلۈم جازاسى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئايرىم – ئايرىم چۈشەندۈرگەن. ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ئايرىم بىر تېما ئاستىدا يەر ئالغاندىن سىرت، يۇقىرىدىكى تۈرلەردىمۇ تىلغا ئېلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنى چەكلەش ئۈچۈن سېستىمىلىق ھالدا تەدبىر ئالغان. ئالدى بىلەن ئۇ «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش مەركىزى» نى قۇرۇپ چىققان. كېيىن، دۆلەت ئاخبارات – مەتبۇئات ئورگانلىرى، رادىئو – تېلىۋىزىيە ئىدارىلىرى مۇخبىرلارنىڭ ئۆزىگە بېكىتىپ بېرىلگەن دائىرە سىرتىدا ئۇچۇر ئىگىلىشىنى، خەۋەر تارقىتىشىنى چەكلەيدىغان ۋە ھەرقانداق تەنقىدىي تېمىدىكى ماقالىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئېلان قىلىدىغان تۈزۈمنى يولغا قويغان. قانۇن ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىنى پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان ۋاستىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۆزى ياقتۇرمايدىغان مەزمۇنلار ئىنتېرنېتتە 5000 قېتىم كۆرۈلگەن، 500 قېتىم قايتا چاپلانغان بولسا ئۇ ھالدا شۇ مەزمۇننى تارقاتقۇچىنى قولغا ئېلىش ھەققىدە تۈزۈم چىقارغان. ژۇرنالىستلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇنىڭغا ئۇيغۇر بىز تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 2014 – يىلى تور بەتتە ئېلان قىلغان پىكىرلىرى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

دوكلاتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قىسمىدا «پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى خىتايدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ۋە كونترول قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى» دېيىلگەن. بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە قويۇۋاتقان چەكلىمىسى مىسال قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «دىنىي رادىكاللىق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىسلام دىنىنى يەنىمۇ قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئالغان. دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنى، خىزمەتچىلەرنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەيدىغان ئۇقتۇرۇشلارنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئېلان قىلغان. ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپلەردە بالىلارغا رامىزان مەزگىلىدە يېمەكلىك تارقىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. بەزى ئۇيغۇر كادىرلار توردا دىنىي مەزمۇنلارنى كۆرگەنلىكى ۋە نامازغا بارغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن ھەيدەلگەن. جېجياڭ ئۆلكىسىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى خرىستىئان چېركاۋىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۆرۈۋېتىشكە ئۇرۇنىدىغان، خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىغا زەربە بېرىدىغان ئەھۋاللار داۋاملىق يۈز بەرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئايرىم ئورۇن بەرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن : خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە باشقا ئۆلكىلەردە يۈز بەرگەن بىر قانچە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە ئارتتى ۋە ئۇنى رايوندىكى قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن قوللاندى. ھۆكۈمەت 2014 – يىلى 5 – ئايدا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغىدى. بىراق، ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلەر ۋە زوراۋان» لار نىشان قىلىنغان بۇ ھەرىكەتلەردە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى دىققەت قوزغايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇنىڭدا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتقۇن قىلىش – سوتلاپ، ھۆكۈم چىقىرىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، بىر ئاي ئىچىدە 200 دىن ئوشۇق كىشىنى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا چېتىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقى، يەنە 55 كىشىگە ئوچۇق مەيداندا 7000 كىشى ئالدىدا سازايى قىلىنىپ تۇرۇپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا يەر ئالغان مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى، ئۆتكەن يىل يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە 59 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رەقەمنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت، ئوقۇش، ئۆي ئېلىش ۋە ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، سىياسىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قېيناق ئەسۋابلىرى ياسايدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىغىلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈپلا قالماي، باشقا ئەللەرگە تەن جازاسى ئۈسكۈنىلىرىنى ساتىدىغان ئەڭ چوڭ ئېكىسپورتچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگىمۇ ۋاستىلىك ھالدا سەۋەبچى بولماقتا. مەزكۇر تەشكىلات بۇ جەھەتتە تەن جازاسى ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش ۋە ئېكىسپورت قىلىشقا قارىتىلغان باشقۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xelqara-kechurum-uyghur-02252015213644.html

Share
1628 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.